نەبىجان تۇرسۇن
بىر ئوغۇل ئالدى بىلەن ئۆز دادىسىنىڭ ۋە ئانىسىنىڭ ۋەسىيىتىنى ئاقلىشى كېرەك! دادىلار ۋە ئانىلار سىزگە ھېچقاچان سەلبىي ياكى ناچار ۋەسىيەت قىلمايدۇ! مېنىڭ دادامنىڭ ۋەسىيىتى 12 توملۇق ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخىنى يېزىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇقەددەس تارىخىنى تىكلەش ئىدى.
دادام رەھمەتلىك بىلەن ئەڭ ئاخىرقى سۆھبەت 2016-يىلى 11-ئاننىڭ 12-كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خاتىرە كۈنى فەيىرفاكىستىكى ئۆيۈم ئالدىدىكى «پېتنىڭ قەھۋە-ساماۋارخانىسى» ( Peet’s Coffe and Tea) دا بولدى. بۇ ساماۋارخان مېنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىمدا ھەر كۈنى دېگۈدەك قەھۋە ئىچكەچ « ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نى يازىدىغان « ئىشخانام»ئىدى. دادام رەھمەتلىكنى مەن شۇ ئورۇنغا باشلاپ كىرىپ قەھۋە ئىچۈرگەچ مۇڭداشتىم. دادام شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خاتىرە كۈنىنى قولىدىكى قەھۋە بىلەن تەبرىكلىدى.دادام شۇنداق دېدى:« ئەسلى بىز ئەشۇ دۆلىتىمىزنى قوغداپ قالالىغان بولساق، ئەشۇ دۆلىتىمىز مەۋجۇت بولغىنىغا 72 يىل بولار ئىدى، داھىيمىز ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىمۇ بەلكى بىز بىلەن تېخى يېقىنغىچە بىرگە ياشىغان بولار ئىدى. سەن بىلەن بىزمۇ بۇ بايرامنى ئۆز ئۆيىمىزدە، ئۆز ۋەتىنىمىزدە ئۆز بايرىقىمىز ئاستىدا ئەڭ ياخشى كىيىملىرىمىزنى كىيىپ چىرايىمىزدىن گۈل ياغقان ھالدا تەبرىكلىگەن بولار ئىدۇق، دېمەك قاچانكى بىز ئۆز دۆلىتىمىزنى يوقاتتۇق، شۇ كۈنىدىن باشلاپ بىز مۇساپىر بولدۇق، دۆلىتى يوق، ئۆز بايرىقىنى ئۆز ۋەتىنىدىكى ئۆز ئۆيى ئالدىغا ئاسالمىغان ئۇيغۇر چەتئەللەردە ئەڭ ئېسىل قەسىرلەردە ياشىسىمۇ ئۇنىڭ چىرايىدىن يەنىلا يىغا ئارىلاش بىچارىلىق چىقىپ تۇرىدىكەن».
دادام يەنە شۇنداق دېدى: « 12 توملۇق ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخىنى ئېلان قىل، بۇ بىر ئابىدە بولىدۇ. مانا بۇ ئەشۇ جۇمھۇرىيەتنى قايتا قۇرغاننىڭ يەنە بىر خىل مەنىۋى شەكلى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خىتايلار ۋەيران قىلغان ، ئاياق ئاستى قىلغان تارىخىنى تىكلەش سېنىڭ مەجبۇرىيىتىڭ ، مېنىڭ سېنىڭدىن باشقا ھېچقانداق تەلىپىم ۋە ئاخىرقى سۆزۈم يوق، مانا شۇ مېنىڭ ئاخىرقى تەلىپىم، بەلكى بۇ پۈتۈن مىللەتنىڭ تەلىپى. رەھمەتلىك ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر مەن بىلەن كۆرۈشكەنلەردە، نۇرغۇن پېشقەدەم زاتلار،تۇرغۇن ئالماس، ئىمىن تۇرسۇن، ئىبراھىم مۇتىئىيلار بىلەن سۆزلەشكىنىمدە ئۇلار سېنى ئۇيغۇر تارىخىنى قايتا تىكلەيدۇ دەپ ئۈمىد قىلاتتى. سوپاخۇنىكام بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىمدە نەبىجان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇكەممەل تارىخىنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا توغرا بىلدۈرۈپ، بۇ شانلىق ۋە پاجىئەلىك تارىخنى مۇپەسسەل تىكلەيدۇ. داھىمىز ئەخمەتجا قاسىمى، ئەلىخان تۆرەم قىسمەتلىرىنى ئەڭ توغرا يورىتىدۇ،كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتايلار، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى، ئەخمەتجان ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىغان، يېڭى جۇڭگو قۇرۇشقا ھەسسە قوشۇش يولىدا قازا قىلغان، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ بىرقىسمى دېگەندەك بىز ئۇخلاپ خىيالىمىزغا كىرمىگەن،بىزگە كىيدۇرۇپ قويۇلغان ئەسكە چاپانلارنى يىرتىپ تاشلايدۇ، دېگەنىدى، دېمەك ئەشۇ چوڭلارنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى ساڭا يۈكلەنگەن. بۇنى ئۇنۇتما !»
دادام شۇ ۋاقىتتا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار ئىدى. رەھمەتلىك ئىنىم ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ سىرلىق ۋە پاجىئەلىك ئۆلۈمى ئۇنى ئەزگەنىدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇنجى ئۇيغۇر پەلسەپە دوكتورىنىڭ خىتايلارنى ماختاپ، خىتايلار سىزىپ بەرگەن رامكا ئىچىدە ئۈرۈمچىدە كىتاپ نەشىر قىلىپ، ياكى ئۇلارنىڭ قاش-قاپىغىغا قاراپ ئىشلىگەننىڭ ئورنىغا دېھقانچىلىق ۋە ئۇششاق تىجارەتچىلىك، يەنى « مۇستەقىللىق» يولىنى تاللاپ ئاخىرى پاجىئەلىك ھاياتتىن خوشلىشىشى بەرىبىر76 ياش بولسىمۇ، تىك تۇرغان دادامنىڭ بېلىنى سۇندۇرغان ، ئەمما روھىنى سۇندۇرالمىغانىدى.
ھەربىر مىنۇتلۇرۇم، سائەتلىرىم، كۈنلىرىم بىلەن دادام ۋەسىيىتىنى ئاقلاش يولىدا يۈرۈپتىمەن. دادام مېنىڭ بۇ ئەسەرلىرىمنىڭ پۈتۈن مەنبەسى ۋە شاھىتى بولغانلىقى ئۈچۈن « ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ئەسىرىمنىڭ باش تەھرىرلىكىگە دادامنىڭ ئىسمى ، يەنى مەن ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ۋە ئۇلۇغ ئىنسان دادامنىڭ مۇبارەك ئىسمى- تۇرسۇن باراتنى يازدىم.