
ـــــ غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد ئىزىدىن
نۇرئېلى ئابابەكرى
ئىشىكىدىن كىرىپ كەلدىم غۇربەتلىكنىڭ،
بۇ يۈرەك تېپىرلايدۇ بىر نان ئۈچۈن.
كىملەر ئاچ قالىدۇ تىرىك يۈرۈپ؟
كىملەر ئۆلۈم كەتتى ئارمان ئۈچۈن.
قانلىرىم تارام-تارام تۆكۈلگەندە،
جان تالاشتىم پىچاق بىلەن بىر جان ئۈچۈن…
دوختۇرخانا كېسەللەرگە تولار شۇدەم،
سېستىرالار كۆنۈپ كەتكەن سۇلغۇنلۇققا.
بىر قىزنى چاقىرسام ھېچ خالىمايدۇ،
قەلبىمدىكى توزان باسقان يۇلغۇنلۇققا.
كۆزلىرىم ئاسماندىكى غېرىب ئايدەك،
تەلمۈرىدۇ يۇلتۇزلارغا ھەم قانمايدۇ.
بولمىسا يۈرەكتە بىر مىسكىن ئازاب،
ناخشىلار ھېچ سەۋەبسىز يېزىلمايدۇ.
تۇرمۇش ئۇ شاۋقۇنلايدۇ دەريا كەبى،
قۇياشمۇ شەرقتىنلا چىقار ھامان.
ئاچ قېلىش گۇناھ ئەمەس نومۇس لېكىن،
ئاچ قالغان ئادەملەرنى تاۋلايدۇ نان.
مۇھەببەت بىر نان بىلە ئۆرە بولۇپ،
ھەم يەنە بىر نان ئۈچۈن ۋەيران بولار.
ئار نېمە؟ سۆيگۈ نېمە؟ ۋىجدان نېمە؟
نان ئۈچۈن قىلىچتىن قان چاچراپ چىقار.
قىپقىزىل پۇللار بىلەن چۈمكىلىپ ئاھ،
ماشىنا، بىنا ئۆي… گە تولدى ھايات.
ئىشىكىدىن كىرىپ كەلدىم غۇربەتلىكنىڭ،
يىگىرمە ئىككى ياشقا بولۇپ رابات.
باشقىلار ياش تۆككەندە جانان ئۈچۈن،
مەن پەقەت ياش تۆكەرمەن بىر نان ئۈچۈن…
2020-يىل17-ئاۋغۇست، ئىۋىرغول