ھاياتىم ھەققىدە
ئورخان پامۇك
تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت(ئايپالتا) تەرجىمىسى
«ئىستانبۇل» دېگەن كىتابىمنىڭ يېرىمى شەھەر ھەققىدە، قالغان يېرىمى بولسا يىگىرمە ئىككى يېشىمغىچە بولغان ھاياتىمنىڭ ھېكايىسىدۇر. كىتابنى يېزىپ پۈتتۈرگەن چېغىمدا ئاجايىپ ئۈمىتسىزلىنىپ كەتكىنىم ئېسىمدە. ئۆز ھاياتىمدىكى مەن يېزىشنى ئارزۇ قىلغان، مۇھىم بىر خاتىرە، دەپ قارىغان نەرسىلەرنىڭ بىرىنى بولسىمۇ «ئىستانبۇل» غا كىرگۈزەلمىگەنىدىم. يىگىرمە ئىككى يېشىمغىچە بولغان ھاياتىمنى ۋە باشقا ئەسلىمىلىرىمنى يازسام يىگىرمە قىسىملىق كىتابتىن يەنە بىرسى پۈتەتتى. ئوتوبىئوگرافىيە يېزىشنىڭ بىر ئەسلەش يولى ئەمەس، بەلكى بىر ئۇنتۇش شەكلى ئىكەنلىكىنى شۇ چاغدا تونۇپ يەتتىم.
1952- يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلدۇم. بوۋام تۆمۈر يولى ئىنشائاتلىرىدىن جىق پۇل تاپقان، فابرىكىلار قۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىنژىنىر ۋە سودىگەر ئىدى. داداممۇ ھاياتىدا ئوخشاشلا شۇ ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندى، لېكىن پۇل تېپىشنىڭ ئورنىغا ھەمىشە زىيان تارتتى. تولۇق ئوتتۇرىنى ئىستانبۇلدا ئاقسۆڭەكلەر مەكتىۋىدە پۈتتۈردۈم، ئۈچ يىل مىمارلىقتا ئوقۇغاندىن كېيىن، يازغۇچى بولۇشنى قارار قىلىپ ئوقۇشنى تاشلىدىم. يەتتە يېشىمدىن يىگىرمە ئىككى يېشىمغىچە رەسسام بولۇشنى ئارزۇ قىلغانىدىم. بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك مەزگىللىرىمدە ئەستايىدىللىق، قىزغىنلىق ۋە خۇشاللىق ئىچىدە رەسىم سىزىپ چىقتىم. رەسىمنى داۋاملاشتۇرمىدىم، لېكىن سەنئەتكارلارچە ھاياتتىن باشقا بىر ھاياتنى ياشىيالمايدىغانلىقىمنى يىگىرمە ئىككى يېشىمدا تونۇپ يەتكەن ئىدىم. ئۆزۈممۇ چۈشىنەلمىگەن بىر سەۋەپ بىلەن، يىگىرمە ئىككى يېشىمدا رەسىم سېزىشنى تاشلاپ، تۇنجى رومانىم « جەۋدەت بەگ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى» نى يېزىشقا باشلىدىم. چۈشىنەلمىگەن شۇ سەۋەبنى خېلى يىللار ئۆتكەندىن كېيىن چۈشىنىپ باقاي دەپ، «ئىستانبۇل» دېگەن كىتابنى يازدىم.
54 يېشىمغىچە بولغان ھاياتىمنى ئەسلىگىنىمدە، بىر ئۈستەلنىڭ ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ، خۇشاللىق ۋە خاپىلىقلار ئىچىدە تىنىم تاپماي ئىشلىگەن بىرى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. كىتابلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ، سەۋر ۋە ياخشى نىيەت شۇنداقلا ئۇلارغا ئىشىنىپ تۇرۇپ يازدىم. مۇۋەپپەقىيەت، نام-ئاتاق، كەسپنىڭ خۇشاللىقى… بۇلار ئاسانغا توختىمىدى، كىتابلىرىم ھازىر 55 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىندى، لېكىن تۇنجى كىتابىمنى تۈركىيىدە نەشىر قىلدۇرۇش بەك تەسكە توختىغان ئىدى. تۇنجى كىتابىم « جەۋدەت بەگ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى» نى تۈركىيىدە نەشىر قىلدۇرۇش ئۈچۈن، تۆت يىل نەشىرىيات ئىزدەپ چاپقان ئىدىم. نەشىر قىلىنمىغان رومانلارغا بېرىلىدىغان بىر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇرۇغلۇقمۇ…
1982- يىلى، يەنى تۇنجى كىتابىم نەشىر قىلىنغان كۈنلەردە ئايلىن تۈرەگۈنگە ئۆيلەندىم. ئىستانبۇلنىڭ غەربلەشكەن، باي مەھەللىسىدە، مەن بىلەن ئوخشاش كوچىلاردا چوڭ بولۇپ، ئوخشاش مەكتەپلەردە ـــ بىز تېخى ئۇ چاغلاردا تونۇشمايتتۇق ـــ ئوقۇغان بىرسى بىلەن توي قىلغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن، باشقا تۈركلەرگە ئوخشاش « بىزنىڭ يېزىدىن بىر قىزغا ئۆيلەندىم» دەپ چېقىشاتتىم. 1991 – يىلى بىر قىز پەرزەنتلىك بولدۇم، ئۇنىڭغا «قارا كىتاپ» تىكى پىرسۇناژ رۈيانىڭ ئىسمىنى قويدۇق.
ھاياتىمدا يېزىقچىلىقتىن باشقا بىر ئىش قىلمىدىم. 1985- يىلى ئايالىم دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىغان بولغاچقا، مەنمۇ نيۇيوركتا، كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتېتىدا زىيارەتتىكى تەتقىقاتچى سالاھىيىتى بىلەن تۇردۇم. ئامېرىكا كۈتۈبخانىلىرى، كىتابخانىلىرى ۋە مۇزىيلىرىنىڭ تۈرگە مول، مەزمۇنغا بايلىقىدىن ئاغزىمنى ئېچىپلا قالغان ئىدىم. ئايالىمدىن 2002- يىلى ئايرىلدىم. ئۇ ۋە قىزىم ھېلىھەم مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىمدۇر. 2006- يىلى، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشتىن بىر ئاي بۇرۇن، كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتېتىدا يىلدا بىر قارار دەرس بېرىشكە باشلىغان ئىدىم.
بىر بەت ياخشى بىر نەرسە يازغان ئادەتتىكى بىر كۈن، مەن ئۈچۈن كۆڭۈللۈك بىر كۈن ھېسابلىنىدۇ. يېزىقچىلىقنىڭ تېشىدىكى ھايات ماڭا بىر يېرى كەمدەك، ئەيىپ – نوقسانلارغا تولغاندەك ۋە مەنىسىزدەك بىلىنىدۇ. مېنى تونۇيدىغانلار مېنىڭ يېزىقچىلىققا، ئۈستەلگە، قەغەز ۋە قەلەمگە خۇمارلىقىمنى بىلىدۇ، ئەمما يەنىلا :« بىر ئاز دەم ئال، سىرتلارنى ئايلان، كۆڭۈل ئاچ، ياشا!» دەپ نەسىھەت قىلىشىدۇ. مېنى تېخىمۇ يېقىندىن تونۇيدىغانلار بولسا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىمنىڭ يېزىقچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، مېنى يېزىقچىلىقتىن، قەغەزدىن، سىياھ قەلىمىمدىن ئۇزاقلاشتۇرىدىغان ئىشلارنىڭ ئاخىرىدا ماڭا يارىمايدىغانلىقىنى سۆزلىشىدۇ. ھاياتىدا ھەمىشە ۋە پەقەت كۆڭلى خالىغان ئىشنىلا قىلغان، كۆڭلى خالىغان ئىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن ھەپىلەشمىگەن ئاز ئۇچرايدىغان ۋە بەختلىك ئىنسانلارنىڭ بىرى مەن.
بالىلىقىم چوڭ بىر ئائىلىدە تاغىلار، يەڭگىلەر ۋە ھاممىلارنىڭ ئارىسىدا ئۆتتى. دەسلەپكى ئىككى رومانىم « جەۋدەت بەگ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى» ۋە « جىمجىت ئۆي» ئائىلە رومانلىرىدۇر. جان سانى جىق ئائىلىلەرنى، جەم بولۇپ يېيىلگەن تاماقلارنى، ئائىلە ئىچىدىكى تالاش-تارتىشلارنى ۋە بىر-بىرىنىڭ يېغىرىنى تاتىلاشلارنى يېزىشنى ياخشى كۆرىمەن. لېكىن يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى كەمبەغەللىشىپ كەتكەن چوڭ ئائىلىمىز ئاستا-ئاستا چېچىلىپ، يۆلەنسەم تاغ، ياتسام باغ بولۇش رولىدىن مەھرۇم قالغان ئىدى. قېرىغانچە يالغۇز قېلىشىم، يالغۇز قالغانچە غەلىتە بىر شەكىلدە نام چىقىرىپ كېتىشىم تېنىمنى شۈركۈندۈرەتتى. ھەر ئاخشام ئۇخلاشتىن بۇرۇن كارىۋاتتا پۇتلىرىمنى تۈگۈپ، يوتقاننى ئۈستۈمگە ئارتىشىمغا، يالغۇزلۇق بىلەن چۈشلەر، ھاياتنىڭ گۈزەللىكى بىلەن رەھىمسىزلىكى ئارىسىدا كېزىپ يۈرگەن تاتلىق ۋە قورقۇنچلۇق بىر خىل تۇيغۇ مېنى چىرمىۋالاتتى ۋە بالىلىقىمدا ئاڭلىغان، ئوقۇغان چۆچەكلەرنىڭ قورقۇنچلۇق يەرلىرىنىڭ تېنىمنى شۈركۈندۈرۈشلىرىنى ھېس قىلاتتىم.
« جىمجىت ئۆي» دېگەن رومانىمدا ئۇيقۇ بىلەن ئويغاقلىق ئارىسىدىكى بۇ بۆلەككە مومامنىڭ مونولوگلىرى بىلەن كىرىشكە ئۇرۇندۇم. «ئاق قەلئە» دىمۇ بۇ خىل تۇيغۇ، چۈشلەر بىلەن رېئاللىق، ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن تارىخ ئارىسىدىكى بىر-بىرىگە ئۆتۈشۈپ كېتىش يەنە بار ئىدى. لېكىن ئۆز ئاۋازىمنى تاپالىغان رومان، 1985- يىلى يېزىشقا باشلىغان « قارا كىتاب» بولدى. ئوتتۇز ئۈچ يېشىمدا، نيۇيوركتا تۇرغان چاغلىرىمدا كىم ئىكەنلىكىم، كەچمىشىم ۋە ئۆز كىملىكىم ھەققىدە ئۆز-ئۆزۈمگە كۈچلۈك سۇئاللارنى قويدۇم. كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتېتى كۈتۈبخانىسىدىكى ئىشخانامدا توختىماستىن ئوقۇيتتۇم، يازاتتىم. نيۇيوركتا ئىستانبۇلغا بولغان سېغىنىشىم بىلەن، ئۆتمۈشتىكى ئوسمانلى-ئىران-ئەرەب مۇسۇلمان كۈلتۈرىنىڭ ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە بولغان قىزىقىشىم كاللامدا بىر-بىرىگە ئارلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇزۇندىن ئۇزۇن پىلان تۈزۈپ، ھەم زادى نىمە قىلىۋاتقانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەستىن، قولچىلاپ، كورغا ئوخشاش ئاستا-ئاستا ئىلگىرىلەپ يازدىم بۇ كىتابنى. قانداق يېزىپ چىققانلىقىمغا ھېلىغىچە ھەيرانمەن.
«يېڭى ھايات»، مەن «قارا كىتاب» تا بايقىغان نەرسىنىڭ يېڭىباشتىن، ئىستانبۇلدا ئەمەس بەلكى باشقا جايلاردا شېئىرىي شەكىلدە ئىزدىنىلىشىدۇر. ئانام ماڭا ھەمىشە «مېنىڭ ئىسىمىم قىزىل» نى قانداق يېزىپ چىققانلىقىمغا ھەيران قالغانلىقىنى سۆزلەپ بېرەتتى… ئانامغا نىسبەتەن، باشقا رومانلىرىمدا ھەيران قالغۇدەك بىر نەرسە يوق ئىدى، ئۇلارنى مېنىڭ قايسى ھايات ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ يازغانلىقىمنى چۈشىنەتتى، بىلەتتى. لېكىن، «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» دا ئۆزى ئوبدان تونۇيدىغان، ھەممە ئىشىدىن خەۋىرى بار ئوغلىنىڭ قانداق يېزىپ چىققانلىقىنى چۈشىنەلمەيدىغان بىر تەرەپ بار ئىدى… مېنىڭچە، بىر يازغۇچىنىڭ ھاياتىدا نېسىپ بولىشى مۈمكىن بولغان ئەڭ چوڭ ئىلتىپات دەل مۇشۇ بولسا كېرەك: يەنى، ئانىسىنىڭ ئاغزىدىن كىتابلىرىنىڭ ئۆزىگە قارىغاندا بەكرەك ئاقىلانە ۋە قالتىس چىققانلىقىنى ئاڭلاش…
مېنىڭ ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى، « قار» ناملىق رومانىم قوزغىغان بەس-مۇنازىرىلەر بولدى. ئەڭ دەسلەپتە بۇنى شەرق-غەرب توقۇنۇشى دېگەندەك قېلىپلىشىپ قالغان ئۇقۇملار بىلەن ياكى بولمىسا ئىراق ئۇرۇشى، سىياسىي ئىسلام …ۋاھاكازا دېگەندەك قىزىق نوقتىلار بىلەن ئالاقىدار بولغانلىقى ئۈچۈن دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمدى بولسا ئەسلى ئىشنىڭ ماھىيىتىنى روماندىكى «ئاسىيا مېھمانخانىسى» دىكى بايانات يېزىش سەھنىسىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئېھتىمال بۇ مېنىڭ خاتا پەرىزىمدۇر. 1990- يىللارنىڭ باشلىرىدا، تېخى ئەمدىلەتىن تۈركىيىدە تونۇلۇشقا باشلىغان چېغىمدا، تۈرك مۇخبىرلار كىتابلىرىمنىڭ نېمىشقا ياخشى كۆرۈلگەنلىكىنى، نېمىشقا بۇنچىلىك كۆپ ئوقۇلغانلىقىنى سوراشتىن دۈشمەنلەرچە خۇشال بولۇشاتتى، مەنمۇ ھازىر ئويلىسام ھېچبىرىگە ئىشەنگۈم كەلمەيدىغان نۇرغۇن سەۋەبلەرنى تېپىپ چىقاتتىم. كېيىنچە، كىتابلىرىم ئاستا-ئاستا پۈتۈن دۇنيادا ئوقۇلۇشقا باشلىغاندا يەنە شۇ ئوخشاش سۇئاللارنى چەتئەللىك مۇخبىرلار ۋە كۈلتۈر يازغۇچىلىرى سوراشقا باشلىدى. مەن كىتابلىرىمنى مۇشۇنداق بىر كىتاب يېزىلسا، بىر ئوقۇسام، دېگەن تۇيغۇدا يازىمەن. بەزىدە دېمەك ھەممە ئادەم مەن بىلەن ئوخشاش تۇيغۇدىكەن، دەپ ئويلاپ قالىمەن. كىتابلىرىمنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك ياقتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىم بەلكىم باشقا قاراشلىرىمغا ئوخشاش خاتا بولۇشى مۇمكىن. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئادەم خۇددى ئۆز ھاياتىغا ئوخشاش، يازغان كىتابلىرى ھەققىدىمۇ قۇرۇق گەپ سېتىپ قالىدىغان گەپكەن. ئەڭ ئاخىرىغا كىلىپ ئادەمنىڭ ھاياتى كىتابلىرىدىن قىممەتلىك بولىدۇ. لېكىن ھاياتنى مەنىلىك ۋە قىممەتلىك قىلغان نەرسە يەنە شۇ كىتابلاردۇر. يىگىرمە ئىككى يېشىمدا رومانچىلىققا باشلىغاندىن بۇيان ھاياتىم بىلەن كىتابلىرىمنى بىر-بىرىدىن ئايرىيالمىدىم. كەلگۈسىدە كىتابلىرىم ھاياتىمدىن بەكرەك مۇھىم بولىدىغاندەك ۋە كىشىلەرنى خۇشال قىلىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. ئىنساننىڭ ئەجەل ۋاقتىنىڭ يېتىپ كېلىشى، ئۆزىنىڭمۇ بۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىپ ئىشىنىشى دېمەكتۇر. ماڭا بۇنىڭغا خېلى جىق ھايىلىم باردەك بىلىنىدۇ. چۈنكى مەن بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقان 2007-يىلى 4-ئايدا، مەن ئەللىك تۆت ياشتىمەن، ھاياتىمنىڭ يېرىمىدىن جىقراقىنى ياشاپ بولغانلىقىمنى بىلىمەن، لېكىن ئوتتۇز ئىككى يىللىق يازغۇچىلىق ھاياتىمنىڭ نەق ئوتتۇرىسىدا ئىكەنلىكىمگىمۇ ئىشىنىمەن. ئانامنى ۋە باشقا ئوقۇرمەنلەرنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇرغۇدەك ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن ئالدىمدا يەنە بىر ئوتتۇز ئىككى يىل بولۇشى كېرەك.
مەنبەسى: