نويابىر 22, 2024
مەن پەلەستىن

ئاچقۇچ
(ھىكايە)
ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ
-ئابلەق  جۈرىن ئىشخانىنىڭ سۈپۈرگىسى قالمىدى،سۈپۈرگە ئېلىپ بەرسىلە.
-ئابلەق جۈرىن ئىسكىلاتتىن ياغاچ ئېلىپ بەرسىلە،ئۆي رېمۇنىت قىلىمىز.
-ئابلەق جۈرۈن قول ھارۋىنى ئېلىپ بەرسىلە ،ئەخلەت تۇشىماقچى ئىدۇق …
يۇقۇرىقىدەك سۆزلەر ،ئىدارىمىزنىڭ ئىسكىلاتچىسى ئابلەق ئۈچۈن ئاجايىپ ياخشى ئاڭلىندىغان سۆزلەر ئىدى.يۇقۇرىقىدەك سۆزلەرگە ئابلەق ،ئىدارىنىڭ مۇدىرى ساتتاردەكلەرگە، «مانا ھازىر !»دەپ پايپىتەك بولغان ھالدا جاۋاپ بەرسە ،ئەمما ،ئىدارىنىڭ يالغۇزجان قاراۋۇلى  ئاۋۇتكامدەكلەرگە قۇلىنى ئارقىسىغا تۇتقان، قورسىغىنى تېخىمۇ تومپايتقىنىچە پىسەنىتمۇ قىلمىغان ھالدا جاۋاپمۇ بەرمەستىن ئۆزيۇلىغا راۋان بۇلاتتى .ئەمدى ئابلەقنىڭ «جۈرىن «دىگەن  ئۆنىۋانىغا كەلسەك ئۇ بىر چاغلاردا ئۆزىنىڭ ئاۋانگارت يىتەكچىلىكى بىلەن قايسى بىر ئىدارىغا بىر يىلچە جۈرۈنمۇ بولغان.شۇڭا خۇددى باشتا  بىر قېتىم ياغ ئالغان قاپاقتىن ئەبەدىل ئەبەت ياغلارنىڭ كىر-قاسماقلىرى كەتمىگىنىگە ئوخشاش ،ئابلەقنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىدىنمۇ تا ھازىرغىچە جۇرۇنلۈك ئۇنۋانى ئىرىمەي كەلگەن ئىدى . قىزىقارلىق يېرى شۇكى ئابلەق بۇ ئۆنىۋانىنى بەكمۇ ياخشى كۆرسە كېرەك ، ئۇنى  ئۆز نەزىرىدىكى ئادەتتىكى كىشىلەر مۇبارەك  «ئۆنۋانى»  بىلەن چاقىرمىسا  قەستەن ئاڭلىماسقا سالاتتى
كۆپىنچە ھاللاردا بېشىنى  تۈۋەن ساڭگىلىتىپ،قاپىقىنى تۇرۇپ،داۋاملىق ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ،كىشىلەر بىلەن ئانچە ئارلاشماي يالغۇز يۇرۇيدىغان بۇ ئادەم ئادەتتىكى چاغلاردا كۆپ سۆزلىمەيتتى.لېكىن ئۆزئۈلپەتلىرى،ھەمتاۋاقلىرى ئارىسىدا ئازراق كەيىپ بولدىمۇ بولدى بەس!ئاۋال ئىپتىخار بىلەن،ئاخىرىدا ئېچىنىش،بىچارىلىق ئارلاش ئەينى ۋاقىتتىكى جۈرىنلىك ھاياتىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان غېرىبانە ھايات كەچۇرمىشلىرىنى…ئېغىزى بېسىقماي سۆزلەپ كېتەتتى.
-ھەي،جۈرىن بولغان مەزگىلىمىز!ئالتۈن دەۋىرئىدى!ھۇقۇقتىن ئىبارەت شۇ لاتا قۇزۇقنى ھەرقانداق يەرگە بىرلا ئۇردۇقمۇ دەل مۇرادىغا يەتكۇزۇپ كىرگۈزەتتۇق!!.ھوقوقىمنىڭ ئاشۇنداق كۇچى بار ئىدى،-دەيتتى ئۇ قول ھەركىتى بىلەن،-ئۇچاغلاردا ھەممە ئادەم ماڭا «خوش!»دەيتتى،زامان مېنىڭ ئىدى،قۇلۇم ئاسماندىكى ئايغىمۇ يىتەتتى.ئەمدىچۇ؟بۈگۈنكى كۈندە پاخاللىشىپ قالدۇق.ئۇ چاغدىكى ئالدىمىزدا دۇگدىيىپ ماڭىدىغانلار ھازىر ئالچاڭلىشىپ تىرىسىگە پاتماي قېلىشتى، ھېلىمۇ كۇرىدىغان كۈنىمىز تۇگەپ كەتمىگەن ئىكەن،قۇلىمىزغا بىر توپ ئاچقۇچمۇ بولسا تەگدىمۇ،دېمەك ئىدارىنىڭ ھەرقانداق بىر ئىشىك-دەرۋازىسى مەنسىز ئېچىلمايدۇ. خوش دىگۈزىدىغاننى ھېلىمۇ «خوش»دىگۈزۋاتىمىز،-ئۇ بۇنداق چاغلاردا ئۈلپەتلىرىنى قۇلى بىلەن نۇقۇپ تۇرۇپ تېخىمۇ قىززىشقان ھالدا سۆزلەيتتى.
-ماڭا قارا ،ئادەم بۇلىمەن دېسەڭ،بۇلۇپمۇ سەل قەدىر-قىممىتىم بىلەن ياشايمەن دېسەڭ،قۇلۇڭدا تامغىمۇ،رولمۇ ياكى ئاچقۇچىمۇ ئىشقىلىپ شۇنداق بىر نەرسىنىڭ بولغىنى ئىنتايىن مۇھىم.چۈنكى جاننى ئەڭ ياخشى بېقىشنىڭ يولى ئەنە شۇنىڭدا.شۇنداق بولغاندا مەيلى ئەۋلىيا ياكى پېقىر،مەيلى چوڭ ياكى كىچىك  بولسۇن ھەممە ئادەم ساڭا ھاجەتمەن بۇلىدۇ-دە،خوش دەپ ئالدىڭغا قول قۇيۇپ كېلىدۇ.شۇ چاغدا ساڭا كېلىدىغان پۇل-بايلىق ،پايدا مەنپەئەتنى دېمەيلا قوي،ئەڭ ئەھمىيەتلىكى شۇكى،شۇ چاغدا سەن ئۆزەڭنى پادىشاھ،خاندىنمۇ بەكرەك ئەتىۋارلىق ئىكەنلىكىڭنى ھېس قىلىسەن.بۇ نېمە دېگەن لەززەتلىك،تاتلىق تۇرمۇش ھە؟ئەكسىنچە بولغاندىچۇ؟!ئەكسىنچە بولغان ھاياتنى ھايات دىمەيلا قوي،تېخى بەزىلەر مېنى:«ئەتىۋارلىق كەسىپ مۇئەللىم بول»دەيدۇ.شۇمۇ ئادەم قىلىدىغان كەسىپمۇ؟بىر قىللىق پايدىسى يوق قۇرۇق كاپىلداش،قىلنى قىرىق يەردىن يېرىش.
ئۇ شۇنى دەيتتى-دە،ئاتمىش-يەتمىش تالچە كېلىدىغان بىر چاڭگال ئاچقۇچنى يانچۇقىدىن چىقىرىپ شاراقلاتقان ھالدا بىر قۇلىدىن يەنە بىر قۇلىغا ئېلىپ زوقمەنلىك بىلەن ئويناشقا باشلايتتى.
ئۇيېنىدىكى شۇ ئاچقۇچلارنى ھېچكىمگە تۇتقۇزمايتتى،ھەتتا ئىدارىنىڭ تەرەتخانىسىدىن باشقا ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاچقۇچى ئۆزىدە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلاتتى.بىر قېتىم ئىدارىنىڭ سۇخانىسنىڭ ئاچقۇچى ئاشپەز ئۇستامدا  بىر كۈن ساقلىنىپ قالغانغا ئاشپەز ئۇستامنى«بۇ ئۆينىڭ ئاچقۇچىغا چاڭ سېلىشقا ھەققىڭ يوق!سەن ئۆز قازان بېشىڭىنى بىل!»دېگەنگە ئوخشاش سېسىق گەپلەر بىلەن تويغازغان ئىدى.دېمەك يېنىدا بىر چاڭگال ئاچقۇچ ساقلاپ يۇرۇش ئابلەق ئۈچۈن چەكسىز ئىپتىخارلىنارلىق ۋە ھۇزۇرلۇق بىر ئىش ئىدى.ئەپسۇسكى كۇندۇزنىڭ كېچىسى،كېچىنىڭ كۇندىزى بولغىنىغا ئوخشاش بۇ بىر چاڭگال ئاچقۇچلار ئابلەق ئۈچۈن يېقىندا ئاشكارە قىلىشقا بولمايدىغان بىر سەتچىلىكنى تېپىپ بەردى.
ئۈرۈكلەر مەي بۇلۇپ پىشقان ئىيۇن ئايلىرىنىڭ ئاخىردىكى تۇخۇلار ئەمدىلا چىللاشقا باشلىغان،بۇلۇتلۇق تۈن كېچىلەردىن بىرى.ئابلەق قۇرسىقىنىڭ قاتتىق تولغاپ ئاغرىشى بىلەن چۆچۆپ ئويغاندى-دە تەرىتى قىستاۋاتقانلىقىنى بىلدى.ئۇچاچىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئاچقۇچ ۋە قول چىراقلىرىنى ئېلىپ سىرتقا ماڭدى.ئۇ ھويلىغا چىقىپ ئىچىدىن تاقالغان ھويلا دەرۋازىسىنىڭ قۇلۇپىنى ئېچىش ئۈچۈن چالا ئۇيقۇلۇقتا ھېلىقى نۇرغۇن ئاچقۇچلار ئىچىدىن دەرۋازا قۇلۇپىنىڭ ئاچقۇچىنى ئىزدەشكە كىرىشتى.ئەمما«ئالدىرغاندا ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپتۇ»دېگەندەك ئىزلىگەن قۇلپىنىڭ ئاچقۇچىنى زادى تاپالمايتتى.بىرسىنى سېلىپ ئېچىلمىغاندا يەنە بىرىگە ئالماشتۇرۇپ سالاتتى.شۇ تەرىقىدە خېلى جىدەللەشكەن بولسىمۇ قۇلۇپ ھىچ ئېچىلمايتتى.«قارىغۇنى تار يەردە قىستىغاندەك»ئۇنىڭ تەرىتى بارغانچە قىستاپ كەلمەكتە ئىدى.ئۇنىڭ ئۈچىيىدىكى ئالامەتلەر  خۇددى دەھشەتلىك بىر كەلكۇندەك كۆپسەپ تۇلىمۇ بىئارام قىلماقتا ئىدى.ئۇنىڭ قۇرسىقى چىڭقىلاتتى،تولغاپ ئاغرىيتتى…
ئۇ كاسىسىنى ئەڭ ئاخىرقى چىكىگىچە قىسىپ باققان بولسىمۇ،ئاخىرى بولالمىدى.ئۇ كاسىسىنى قىسقان ھالدا زوڭ ئولتۇرۇپ قالدى.شۇ چاغدا ئۇ ئۆز تېقىمىدا يۇقۇردىن تۆۋەنگە قاراپ يېپىشقان ئىسسىق بىر سۇيۇقلۇقنىڭ ئېقىۋاتقانلىقىنى سەزدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قۇلىدىكى قۇلۇپنى ئېچىشقا ھەركەتلىنىۋاتقان ئاچقۇچلارمۇ «شاراققىدە»قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا يەرگە چۇشۇپ كەتتى.
(ئاپتۇر ئاقسۇ شەھەر 5.ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى )

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ