ئادەم ئايىقى يەتمىگەن چۆل دېسە مۇشۇنى دېسە بولىدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ شوپۇرغا كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا نەپرەتلىك نەزەردە قاراپ قويۇپ، يەنە كۆزىنى يۇمدى.جانغا قورقۇنچ سالىدىغان شىددەتلىك سۈرئەت يۈرىكىگە مۇزدەك سېزىم بېرەتتى. كۈتمىگەن ئىشلار يۈز بېرىپ قالىدىغاندەك، مۇشۇ يولدىن چىقىپ كەتكۈچە، مۇشۇ سەپەر ئاخىرلاشقۇچە جانغا قورقاق سالىدىغان خەتەر يۈز بېرىپ قالىدىغاندەك سوغۇق بىر كۆلەڭگە كۆڭلىدە ئەگىپ يۈرگەندەك ئىدى. -رەھمەتلىك ياخشى ئادەم ئىدى. نېمە بولۇپ تۈگەپ كېتىپتۇ؟ -ماشىنا يولدىن چىقىپ كېتىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ. -بىچارە، تېخى ياش ئىدى. نەدە بوپتۇ بۇ ۋەقە؟
-ئالا بوياننىڭ سېيىدا. ئۇ بىر نەچچە يىل بۇرۇن خۇددى مۇشۇنداق بىر گەپلەرنى ئاڭلىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدى. مۇشۇ ساينى، مۇشۇ چۆلنى، مۇشۇ دالانى ئالابويان ساي دېيىشىدۇ. ئۇ تەھلىكىلىك تۇيغۇلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قايسى بىر زاماندا ئۆزىگە ئاجايىپ لەزىز ھېسلارنى ئاتا قىلغان كۈلگۈنچەك چوكاننى، ئاددىي ئىشلارنىمۇ قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەپ، ھەممە ئادەمنى كۈلدۈرۈپ يۈرىدىغان قوشنىسىنىڭ پاراڭلىرىنى، بىر بىرى بىلەن شۇنداق قىزغىن سۆيۈشۈپ، كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان كەپتەرلىرىنى، قاراڭغۇ چۈشكەندە بارارغا يەر تاپالمىغان ئاشىقلار قاراڭغۇ بۇلۇڭلارغا كىرىۋېلىشىغان كونا كوچىنى، ئايالى ئوخشىتىپ ئەتكەن لەغمەننى، يەنە ئوغلىنىڭ سۆيۈملۈك كەپسىزلىكلىرىنى بىرمۇ بىر يادىغا ئالدى.
«ئەمما ماشىنا مۇشۇنداق تەلۋىلەرچە ماڭسا قانداق بولۇپ كېتەر؟ بىرەر ئىش چىقىپ قالمىسا بولاتتى» دېگەن تەشۋىشلىك خىياللىرىنى كاللىسىدىن چىقىرىۋېتەلمىدى. ئۇنىڭچە جاھاندا كىشىنى مەڭگۈ پۇشايمانغا قالدۇرىدىغان قاباھەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر نەچچە دەقىقە ئەقىلدىن ئاجراپ كېتىش، ئاددىي ئىشلارنى مەيلىگە قويۇپ بېرىش ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ئازراقلا بىپەرۋالىقتىن كېلىپ چىقاتتى. يەنە بىر ئويلىغاندا، ھەر بىر قەدەمنى ئېھتىيات بىلەن بېسىش، ھەر بىر تىنىققا دىققەت قىلىش ئاقىل ئادەمنىڭ ئىشى دېيىلسىمۇ، بۇنداق دىققەتچىلىك ئادەمنى چارچىتىپ، ھالىنى قويمايتتى. قارامشۇل ئەينەكنىڭ سىرتىدىكى دۇنيا ئۇنىڭغا يات ھەم سوغۇق كۆرۈندى. چۆل بەك ئۇزاق ئىدى.
چۆل بەك جىمجىت ئىدى. چۆلنىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. باش-ئايىغى يوق دالا كىشىگە ئادەم ئايىغى يەتمىگەن چۆلدەك تەسر بېرەتتى. يەنە ئۇنداق دېگىلى بولمايدىغاندەكمۇ قىلاتتى. جاھاننىڭ خېلى-خېلى ئىشلىرىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىچە، يەر يۈزىدە ئادەم ئايىغى يەتمىگەن يەر قالمىغان ئىدى. نۇرغۇن چۆلگە ئوخشايدىغان يۈرەكلەر بار. مېنىڭ يۈرىكىم شۇنداق يۈرەكلەردىن نېرى تۇرسا بەلەن بولاتتى. چۆلدە يېشىللىق بولمايدۇ. يېشىللىق ئۈمىدكە ئەڭ يېقىن. ئەڭ قورقىدىغىنىم يۈرىكىمنىڭ مۇشۇ چۆلدەك بولۇپ قېلىشى. جىق بىر ئىشلارنى بىلىدىغانلارنىڭ گېپىچە ئادەملەر ئۆزلىرى دەسسەپ چوڭ بولغان، ئۆزلىرىنى باققان، ئۆزلىرىگە جان، قان بەرگەن زېمىننىڭ ئىچى-تېشىنى مالتىلاپ، ماناپ بىر يەرگە باردى. ئىنسانلار ئاسماننىڭ قەرىنى، يەرنىڭ نەچچە قات تېگىنى بىلپ بولغان بۇ زاماندا، ئادەم ئايىغى يەتمىگەن يەر بار، دېسە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. ئەمما مېنىڭ يۈرىكىمنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇ كىچىكىدە مۇئەللىمىنىڭ يەتتە سەييارە ھەققىدىكى سۆزلىگەنلىرىدىن ھەيران قالغان، بەزىدە يەتتە سەييارە دېگىنى مومام بىلەن بوۋام دەپ يۈرىدىغان يەتتە قات ئاسمان دېگەن شۇمۇ نېمە دېگەنلەرنى ئويلاپ قالىدىغان، ئەمما بۇ خىياللىرىنى ھېچكىمگە دەپ باقمىغان ئىدى.
مەن كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەندە «يەتتە قات ئاسماننى بىلىش ئاسان، ئەمما قول يېتىدىغان يەردىكى يۈرەكنى بىلمەك تەس» دېگەننى ئويلىيالىدىم. ئۇ باش-ئۇچى يوق ئويغا پاتقىنىچە قورسىقى بەكمۇ يوغان شوپۇرغا ئايانچلىق قاراپ قوياتتى. ئۇ ماشىنىنىڭ بەك تېز مېڭىۋاتقانلىقىدىن خاتىرجەم بولالمايۋاتقاندەك قىلاتتى. ماشىنا ئەينىكىدىن قارىغاندا، تېز-تېز ئايلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنىدىغان بۇ چۆلدىكى ئېغىر غېرىبلىق كۆڭۈلگە توپا ياغدۇرىدىغان قارا رەڭلىك قورقۇنچ تارىتاتتى. -مۇشۇنداق تېز مېڭىۋاتقان ماشىنا يولدىن چىقىپ كەتسە نېمە ئىش بولار؟ -باشقا ئىش يوق، ئۆلۈپلا تۈگىشىمىز.
-ئەمىسە ئاستىراق ماڭايلى. -ئۆلۈمدىن قورققان ئادەم ئېشەك مىنسە بولىدۇ، شۇ بىخەتەر. -نېمانداق سېسىق گەپ قىلىدىغان نېمە بۇ؟ ئۇ كەكرى چاينىغاندەك بىئارام بولۇپ تەتۈر قارىۋالدى. ئادەمنىڭ ھاياتى تۇرۇپلا مۇشۇ چۆلگە ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇ ئەتىگەندىن بېرى نەچچە قېتىم مۇشۇنداق ئويلاپ قالدى. مۇنۇ شوپۇر بالىلىرى ھەققىدە ئويلاپ باقمىغان ئادەمدەك قىلاتتى. بالىلارنىڭ ئەقلىنىڭ جاندىنمۇ مۇھىملىقىنى بۇنىڭغا ھېچكىم چۈشەندۈرۈپ بولالمايدىغاندەك قىلاتتى. ئەقىلدىن يىراقلاشسا ئادەم چۆلگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئۇ نۇرغۇن قېتىم باشقىچىرەك ئادەم بولۇشنى خىيال قىلغان ئىدى، تىرناقلىرى ئۆسۈك، چاچلىرى پاخپايغان، كۆڭلىكىنىڭ ياقىسى كىر يۈرىدىغان، ۋاقچە ئۇخلايدىغان، پايپىقىنى تەتۈر كىيىدىغان، قىزلارنى قوغلىشىشتا يۈرەكسىزلىك قىلىدىغان، ئەل-ئاغىنىلىرى بىلەن ئولتۇرغاندا بالدۇر مەست بولۇپ قالىدىغان خۇيلىرىنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈك ئادەم بولۇشقا بەل باغلىغان ئىدى. ئەمما ھېچ باشلاپ بولالمىدى. -سىز بىلەن كۆرۈشكۈم بار ئىدى. -نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟
يالتىراق خالتىدا لىققىدە شوخلا كۆتۈرۈۋالغان قىزنىڭ سوغۇق ئاۋازى ئۇنىڭغا تاياق يىگەندىنمۇ بەتتەر تەسىر قىلدى. -باشقا ئىشقۇ يوق، كۆرۈشەيلى دېگەن. -ئىش بولمىسا بىكاردىن بىكار كۆرۈشمەيلى. يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان تىراكتۇرنىڭ سەت ئاۋازى ئادەمنى بەكلا بىئارام قىلاتتى. ئۇ قىزنىڭ چىرايىدىكى بىزارلىق ئالامەتلىرىنىڭ شۇ ھالدىكى سەۋەبىنى بىلەلمەي كۆڭلى بەكلا يېرىم بولدى. نەچچە ۋاقىتتىن ئەركىلەپ نايناقلاپ يۈرىشىنىڭ سەۋەبى نېمىدىكىن؟ -مەيلى ئەمىسە. يالتىراقتىكى يۈرەككە ئوخشايدىغان شوخلىلارنڭ ھەممىسى قارىداپ كەتكەندەك قىلاتتى. قىزنىڭ نېپىز ئەترەڭ پەلتوسى ئادەملەر ئارىسىدا غايىب بولدى. نېمە ئۈچۈندۇر شۇ ھالدا قىز ئۇنىڭ كۆزىگە قىز ئەمەس، پەلتۇ بولۇپ كۆرۈندى. ئۇنىڭغا ئېرىشمىسەم بولمايتتى. كۆڭلىگە يۈرەككە قورقۇنچ سالىدىغان خىيال كىرىۋالغاندا ئۇ تار ئۆيىدە ئوڭدىسىغا ياتقان ئىدى.
مەن ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى باغلاپ، پىچاق تەڭلەپ بولسىمۇ قىلىدىغاننى قىلمىسام بولمايدۇ. ئۇنىڭ يۈرىكىدە قان تېمىپ تۇرىدىغان دەھشەتلىك سۆيگۈ ئوت بولۇپ كۆيۈشكە باشلىدى. تاڭ چېغىنىڭ يورۇقى دېرىزىدىن كىرىۋاتقان دەمدە، ئۆينىڭ كەينىدىكى چېكەتكىلەر جاننى سىقىپ چىرىلداشقا باشلىغاندا، يوقىلاڭ ئىشلار سەۋەبىدىن بىر بىرى بىلەن مۇشتلىشىپ، پىچاق كۆتۈرۈپ قان بولۇشقان ئادەملەرنى كۆرۈپ جاھاننىڭ ۋەھىمىسىنى ھەۋەس قىلىپ مۇڭغا پاتقان چاغلاردا ئۇ شوخلا كۆتۈرۈپ تۇرغان ئاشۇ قىزنى بەك ئۇزاق ساقلىغانلىقىنى، ئەمما ئاقىۋەت ئۇنىڭغا مەڭگۈ يېقىنلىشالمايدىغانلىقىنى بىلىپ كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتكەندە يۈرىكىدىكى قان تېمىپ تۇرغان سۆيگۈسى مىجىلىپ، ئېزىلىپ تۇمانغا ئايلىنىپ كېتەتتى… -سېنى ئىككىنچى كۆزۈم كۆرمىسۇن. ئۇ قىزنىڭ پەرۋاسىز تۇرقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ خۇددى بىر كىم ئاڭلاپ قالسا بولمايدىغاندەك ئاستا شىۋىرلىدى. شۇ ئىشلارغا ھازىر ئون يىلدىن ئېشىپ قاپتۇ، بەكلا ئاسان ۋاز كەچكىنىدىن ھەسرەت چەككەن چاغلىرى بار. ئاسانلا بەل قويۇۋېتىپ ھاياتىدىكى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىشنى روياپقا چىقارمىغانكەن. شۇ چاغدا تىرىشقان بولسا بۈگۈنگىچە سۆرۈشۈپ يۈرەر بولغىيمىدىكىن تېخى؟ ماشىنا چۆلگە قورقۇنچ تارىتىپ شىددەت بىلەن كېتىۋاتاتتى. بۇرۇنلاردا پىيادە، ئاتلىق ماڭسىمۇ ھەممە نېمىسىگە ئۈلگۈرگىلى بولىدىغان دۇنيا ھازىر مۇشۇنداق دەھشەتلىك سۈرئەت بىلەن ماڭمىسا بولمايدىغان ھالغا يەتتى. تېزلىكنىڭ يەنە قايسى دەرىجىگە بارىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ماشىنا ماڭا خۇددى ئەجەلنى چاقىرىپ كېلىشكە ماڭغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. جاھان ئۆزگەردى. ھايات ئۆزگەردى. ئادەملەرنىڭ جىسمى، روھى ئۆزگەردى. كىلىمات ئۆزگەردى، سۇ-تۇپراق ئۆزگەردى. دۇنيا پەيدا بولغاندىن باشلاپ ئۆزگىرىپ كەلدى، ئۆزگىرىش ئىچىدە داۋام قىلىپ كەلدى.
ئادەم ئاپىرىدە بولغاندىن تا ئۆلگىچە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئۆزگىرىش بىزنى چارچىتىدۇ، ئۆزگىرىش بىزگە ئۈمىد بېرىدۇ. ئۆزگىرىش بىزنى دۇنيانىڭ ئەس–خىيالىدىن كۆتۈرىۋېتىدۇ. بىز دۇنيا بىلەن تەڭ ئۆزگىرىپ بولالماي گاڭگىراپ، مۈدۈرۈپ، سوقۇلۇپ ھالىمىزدىن كېتىمىز. جىق ئىشلارنى ئويلىيالىسام كېرەك، ئەمما تېگىگە يېتەلمەيدىغاندەك قىلىمەن. ساھىبخان بىلەن مۇنۇ شوپۇر ئەزەلدىن كۆرۈشۈپ باقمىغان بولسا كېرەك، ئەمما ھەر ئىككىلىسى بىر بىرىنى تونۇيدىغاندەك، بىر بىرى بىلەن ئاغىنە بولۇپ ئۆتكەندەك قىياپەتكە كىرىۋالدى. -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئوبدان تۇردۇڭمۇ. بالا ۋاقىلار تېچلىقتۇ، يەنە بۇرۇنقىدەكلا تۇرۇپتۇ ما ئادەم. پەقەت قېرىمايسىلە جۇمۇ، بۇ يەرلەرنىڭ ھاۋاسى ئوبدان دە. كۆزلىرىدىن يۇۋاشلىقى ئەمما يەنە بىر يەرلىرىدىن قۇۋلىقى چىقىپ تۇرىدىغان ساھىبخان تولىمۇ قىزغىن ئىدى. -ئەھۋال ياخشى، ئۆزۈڭمۇ ياخشى تۇردۇڭمۇ؟ ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى، يەنە بۇرۇنقى ئىش بىلەن تۇرىۋاتامسەن؟ -شۇ، خۇدا رىزقىمىزنى مۇشۇ ئىشقا چېچىپتىكەن. ئۇلار خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭلىشىپ كەتتى، ساھىبخاننىڭ نەچچە مېلى بارلىقى، نەچچىسنىڭ ئۆچكە، نەچچىسىنىڭ قوي ئىكەنلىكى، يامغۇر-يېشىننىڭ قانداقلىقى، كەلكۈن كەلگەن-كەلمىگەنلىكى، بۇ يىل قانچە تۆل ئالغانلىقى، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا ئاز يا كۆپلىكى ھەققىدە، يەنە بالىلارنڭ نەچچە بولغانلىقى، نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا سوئال، جاۋابلار بولدى. ساھىبخاننىڭ ئاپتاپتا كۆيۈپ چۆل رەڭگىگە كىرگەن چىرايىدا بىر خۇشاللىق، يەنە بىر تاما باردەك قىلاتتى. بۇ ئادەم بۇ يەردە قانداق كۈن ئالىدىغاندۇ؟ بۇ چۆل بۇنىڭدەك يالغۇز ئادەمنى ئەمەس، جىمى جانلىقنى يۇتۇپ كېتىدىغاندەك ۋەھىمىلىك سوزۇلۇپ ياتاتتى. بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل بۇرۇن مۇشۇ چۆلدىن تۆگە يېتىلەپ ئۆتكەن پاكار بويلۇق بىر كىشى بۇرۇنقىلاردىن ئۆگىنىۋالغان، ئۆزى توقۇۋالغان ناخشىلىرىنى ئېيتىپ ئېيتىپ تۈگىتەلمەي ھېرىپ قالغانلىرىدا، جىمجىت كېتىۋېتىپ خۇدادىن ئۆلۈكىنىڭ مۇشۇ چۆلدە قېلىشىدىن ساقلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلغان ئىدى. شۇ چاغدا چۆل ئۇنىڭغا سىرلىق ھەم قورقۇنچلۇق بىلىنگەن بولسا كېرەك. -چۆلدە ئېزىپ قالغان چاغلىرىڭىزمۇ بولغانمۇ؟ -تۆگىلەر يولنى بىلىدۇ، ئۇلار ئەڭ ئىشەنچلىك ھەمراھ، يەنە بىرى ناخشا، ناخشا باشلىۋالسام ئۆزۈمنى قايناق بازاردا كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، ھېچنېمىدىن قورقمايمەن. كىچىك بالىدەك مەسۈم كۆرۈنىدىغان بوۋاينى كۆرگەن بىر ئادەم ئۇنى ئۇزۇنغىچە ئۇنتۇيالمىدى. بوۋاينىڭ مۇشۇنداق گېپىنى بۇرۇندىن ئاڭلاپ كەلگەندەك، بوۋاينىڭ ئاۋازى ئۆزىگە تونۇشتەك بىلىنگەن ئىدى. ئۇ ئۆيىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى يارنىڭ ئىچىدىكى بۇلاق بويىدا ئولتۇرۇپ بۇرۇنقى ئىشلارنى ياد ئەتكەن چاغلىرىدا، بوۋاينى ئەسلەپ قالاتتى. بۇلاق سۈيىنىڭ يەرنىڭ تېگىدىن بۇژۇلداپ ئۆرلەپ كىچك قاينام پەيدا قىلغانلىرىنى، سۈپسۈزۈك بۇلاق سۈيىنىڭ كىچىك ئېرىقچە ياساپ ئېقىپ خەقلەر كىر سۈيىنى تۆكۈدىغان، ماللارنىڭ قېرىنلىرىنى يۇيىدىغان پاسكىنا سۇلارغا قوشۇلۇپ كەتكىنىنى كۆرگەنلىرىدە بوۋايني ئېسىگە ئالاتتى.
-يۇرتنى سېغىنمامسىز؟ -سېغىنىمەن، ئەممازە جېنىم سىقلىدىكەن، چۆلدىكىدەك ئىختىيارىي بولغىلى بولمايدىكەن. چۆلدە دېگەن گەپلەرنى يۇرتتا دېگىلى بولمايدۇ، چۆلدە ئېيتقان ناخشىنى يۇرتتا ئېيتقىلى بولمايدۇ. ئادەمنىڭ ئاۋازىمۇ چۆلدىكىدەك مۇڭلۇق، ياڭراق چىقمايدىكەن. بوۋاينىڭ مۇشۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغان بەزى ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ بوۋايدەك ياشاپ قالمىغىنىغا پۇشايمان قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. -قېرىپ قالدىڭىز، ئەمدى قايتىپ كېلىڭ، جامائەت بىلەن ئۆتسىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ. -مېنى زورلىماڭ، قورقىدىكەنمەن. بوۋاينىڭ چىرايىدىكى مەسۈملۈك ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان خىيالچان بىر ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىۋەتتى. -بالىلىرىڭىز باردۇ؟ -بالام.. بار… ئىدى… بوۋاينىڭ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلدى.
بۇ خۇددى قۇيۇلالماي، چىڭقىلىپ، تاشالماي قالغان ياشتەك قىلاتتى. خىيالچان ئادەم مۇڭلۇق بىر تەرزدە «بوۋاينىڭ بالىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى، قېچىپ كەتكەن بولۇشى ياكى تۈرمىگە كىرىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى ئويلاپ كەتتى. -ئۆزىڭىزگە تەسەللى بېرىڭ، ھەر بالا بولسا ئۆتۈپ كېتىدۇ. -ئامال يوق، ئۇ دۆت چىقىپ قالدى. مەن بوۋاينىڭ ھەسرىتىنى بەك ئېغىركەن دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم. بەزى ئادەملەرنىڭ ئاجىز يۈرىكىنى سوغۇق ھەم قاتتىق، ئېغىر تاشلار بېسىۋالىدۇ.
ئون يىل بۇرۇنقى قاتتق قار ياغقان بىر كۈنى مۇشۇ چۆلدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ئادەم كۈننىڭ ئىسسىقىدا ئېرىگەن قارلار ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئات، قېچىرلارنىڭ سارغۇچ سۆڭەكلىرىنى كۆرگەندە، ئىككىنچىلەپ بۇ يولدا ماڭماسلىققا ئەھدە قىلغان ئىدى. ئۇ ئوغلىنىڭ دۆت چىقىپ قالغىنىدىن ئۇھ تارتىپ، مۇڭلۇق ناخشىسىنىڭ تېكىستلرىنى تەكرارلاپ، قاراڭغۇ چۈشكىچە ئېيتقان ئىدى. ئۇ شۇ چاغدا ئۆزىگە ئوخشايدىغان ناھايىتى نۇرغۇن ئادەملەرگە ئوخشاشلا بالىسىنىڭ دۆت چىقىپ قالغىنىدىن پۇشۇقۇنۇپ نادامەت قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ نەۋرىسىدىن، ئەۋرىسىدىن، ئۇنىڭدىنمۇ كېيىنكى پۇشتى نەسەبلىرىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى مەن ئاڭلىمىغان ھەم ئاڭلىغانلارنىمۇ ئۇچراتمىغان ئىدىم. گاڭگىراپ قالغان ئادەمنىڭ خىياللىرىدەك بىر بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن چىغىر يوللار ئادەمنى ۋەسۋەسىگە سالاتتى. قارامشۇل كۆرىنىدىغان ساي ئاسماننىڭ يىراق گىرۋەكلىرى بىلەن تۇتۇشۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ نەچچە قېتىم قورسىقى ماشىنىنىڭ رولىغا تېگىپ تۇرغان شوپۇرغا قاراپ قويدى. ماشىنىنى ئاستىراق ھەيدىشى كېرەكلىكىنى دېمەكچى بولۇپ توختاپ قالدى. شوپۇرنىڭ تەكەببۇرلۇق ھەم دېۋەڭلىك چىقىپ تۇرغان چىرايى ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاياشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويغاندەك قىلاتتى. -بىردەم توختىساق بوپتىكەن. -ھازىر توختىغىلى بولمايدۇ. -نېمىشقا؟ -بۇ نېمىشقا دەپ سورايدىغان گەپ ئەمەس، بۇ چۆلدىن تېز چىقىپ كەتمىسەك بولمايدۇ. چۆلنى قاپ بەلدىن ئىككىگە ئايرىغان قاپقارا يول ئۇلارنىڭ ئايىغى ئاستىدىن شىددەت بىلەن كەينىگە سېيرىلىپ ئۆتەتتى. ياشاشنىڭ ھايجانلىق، شېرىن ھەم مەڭگۈ قانمايدىغان ئوتتەك قىزىق ئارمانلىرى ئادەملەرنى مانا مۇشۇنداق قورقۇنچلۇق چۆللەردە يول ياساشقا، شۇ يوللاردا مېڭىشقا، شۇ يوللاردىن ئۆتۈپ ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى چۈمۈلىدەك توشۇپ، ئۆز ئۇۋىسىغا دۆۋىلەشكە مەجبۇر قىلىدۇ. باھارنىڭ باھاردەك يۇمران تاللىرى خىيالغا پاتقان بىر كۈنى شەھەرنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان ئۆستەڭ بويىدىكى سېمونت كۆۋرۈكنىڭ رىشاتكىسىغا يۆلىنىپ ئولتۇرغان ئىككىيلەن سوغۇقلىشىپ قالدى.
-بالىلىرىم دۆت چىقىپ قالدى، قانداق قىلىشىمنى ھېچ بىلمىدىم. -ئۆزۈڭ دۆت، شۇڭا بالىلىرىڭ دۆت چىقىدۇ. -تۈزۈك گەپ قىل، مېنى دۆت دېسەڭ كىم ئىشىنىدۇ؟ -نېمىشقا ئىشەنمەيدۇ؟ -دەپ قوياي، مەن ئالىي ئىنژېنىر، مۇشۇ شەھەرنىڭ پۈتۈن قۇرۇلۇشىنى مەن لايىھەلىگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ شەھەرنى مەن قۇرۇپ چىققان دېسەممۇ بولىدۇ. -مۇشۇنداق شەھەردىن بىرنى ئەمەس، ئوننى قۇرغۇچە بىر بالاڭنى ئادەمدەك ئادەم قىلالىغان بولساڭ، ساڭا قايىل بولغان بولاتتىم. موخۇركا چېكىشنى پاپىرۇس چېكىشكە ئۆزگەرتىپ كۆڭلى ئېچىلالماي يۈرگەن بىر ئادەم كارنىيىنى بىئارام قىلغان خەپرۈكلىرىنى يۇتۇپ بولالماي قىينىلىپ ناھايىتى زەئىپ بىر ئاۋازدا: -بالىلار قېنى؟–دېگەن ئىدى. ساددا بىر ئادەم قېقىلىپ يۆتىلىنى ياندۇرالمىغان ئادەمنىڭ دۈمبىسىگە مېھرىبالىق بىلەن ئۇرۇپ قويۇپ: -ھەممە ئادەمنىڭ بالىلىرى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە،–دەپ ھېلىقى كىشىگە تەسەللى بەرگەن ئىدى. قاتتىق يۆتىلىپ بەك قىينىلىپ كەتكەن ئادەم بىر نېمە دېمەكچى بولغاندا يەنە يۆتىلى قىستاپ گەپ قىلالمىغان ئىدى. ئاندا-ساندا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان چاكاندا بىلەن ئېشەك قومىچى ئۆسۈپ قالغان پايانى يوق چۆلدە شىددەت بىلەن كېتىۋاتقان ماشىنا كۆزنى ئالاچەكمەن قىلاتتى. ماشىنا ئىچىدىكى ئادەم غەمكىن ئولتۇراتتى. بۇ ئادەمنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ نېمىدەپ پەرىشان بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. بۇ يوللاردىن تۆگىلەرنىڭ يۇمشاق، ئىسسىق تاپانلىرىنىڭ ئىزىدىن قالغان يوللار يوقاپ كەتكەندەك قىلاتتى. قاتار ماڭغان تۆگىلەرنىڭ كەڭ تاپانلىرىنىڭ يۇمشاق، رايىشلىق بىلەن ئۇششاق تاشلارغا، ئاپتاپتا قىزىغان ئۇششاق چىغىرلارغا تېگىشلىرى ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەك قىلاتتى. ئۇ تاماكا چەكمەكچى بولۇپ چاقمىقىنى تاپالماي يەنە جىم بولۇپ قالدى. بايا توختىغان يەردە قالغان بولۇشى مۇمكىن. ماشىنىنىڭ ھاۋانى يېرىپ ۋىشىلدىغان ئاۋازى كۆڭلىنى غەش قىلاتتى. سەل كىچىك كېلىپ قالغان چىمەن دوپپىسىنىڭ دۇخاۋا جىيەكلىرى كىرلىشىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ كەتتى. ماشىنا دېگەننىڭ بۇنداق تېز ھەم قورقۇنچلۇق ماڭغىنىنى كۆرمىگەن ئىدى. ئەگەر شۇ ھالدا ماشىنىنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشىنى، چاقنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنى، تورمۇزنىڭ ئۇشتۇمتۇت كاردىن چىقىشىنى خىيال قىلغان ئادەمنىڭ كۆزىگە ئۆلۈم كۆرۈنۈپ كېتەتتى. بۇ خۇددى ئۆلۈۋېلىشنى مەقسەت قىلغاندەك ماشىنا ھەيدەش بولدى. سۈرئەت بۇنداق تېز بولۇپ كەتسە، ماشىنا ھەر قاچان كونتروللۇقىنى يوقىتىشى مۇمكىن. مۇشۇ شوپۇرنىڭ نېرۋىسى قالايمىقانلىشىپ كەتكەندەك قىلىدۇ. ئۇ ئويلىغانلىرىنى دېيىشكە پېتىنالماي، ئەلەم بىلەن خۇرسىنىپ قويدى. -بۇرۇنقىلار بۇ يولنى تۆگە بىلەن ماڭاتتى، بەك جاپالىق ئىدى، ھازىر ماشىنا بىلەن راھەتتە ماڭىمىز، ئەمما تۆگىدە ماڭغان شۇ ئادەملەردەك ناخشا ئېيتىپ خۇشال ماڭالمايمىز، پەقەت خۇشال بولالمايمىز، نېمە دەردىمىز باركىن… -توغرا ئېيتتىڭ، دەپ باقە، بىزنڭ نېمە دەردىمىز بار؟ نېمىشقا خۇشال بولالمايمىز؟ ئۇ شوپۇرنىڭ زۇۋانىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن خۇش بولۇپ قالدى. -مەنمۇ شۇنىڭغا ھەيران، توققۇزىمىز تەل ئادەملەرمىز بولمسا، يەنە نېمە غەمكىن بۇ؟ -سەۋەبىنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ -ياق، سەۋەبىنى بىلەلمىدىم، ئەمما بەزىدە مۇنۇ گەپلەر يادىمغا يېتىپ قالىدۇ. ئىككى ئادەم ئارىسىدا شۇنداق گەپلەر بولغانكەن:«جىمى جاھان مېنىڭ تۇرسا، غېمىم پۈتمەس نەدىندۇر بۇ. ئەزەلدىن غەم تۇرابىدىن بىنا بولغان بەدەندۇر بۇ.» قالتىسمىكەن؟ بۇرۇنقى ئادەملەر ئاجايىپ بىر نەرسىلەرنى ئويلاپ تاپقان-دە. ئۇ گەپنى دەپ بولۇپ كۈلۈپ كەتتى. كۈلكىسى قۇرغاق، تايىنسىز ئىدى. كۈلەلمىگەندىكىن كۈلمەيلا قويساڭ بولاتتى. ئۇ شۇنداق ئويلىدى. ئۆزىنىڭمۇ كۈلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلپ، بوينى قىسىلىپ قالدى. -بۇ كىمنىڭ گېپىكەن؟ -بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ بىر كىتابتىن ئوقۇغان، پات-پات مۇشۇ گەپلەر يادىمغا يېتىپ قالىدۇ. بۇنى كىتاب ئوقۇيدۇ، يەنە ھېلىقىدەك گەپلەرنى قىلىدۇ، دېسە كىم ئىشىنىدۇ؟ ئۇ بەدبەخت چوقۇم ساھىبخاننى تونۇيدىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى. ئىشقىلىپ بۇ تەكشى نەرسە ئەمەسكەن. ئېشەكلەر ئەتىر چېچىپ يۈرەر ھەريان، گۈللەردىن كېلىدۇ تېزەك پۇرىقى. شوپۇر مەست بولۇپ كەتكەندە مۇشۇنداق بىر نېمىلەرنى دېدى. -بۇ گەپنى نەدىن تاپتىڭ؟ قاقاھلاپ كۈلۈۋاتقان شوپۇر چىپپىدە توختاپ ساھىبخانغا قاراپ قويدى. -بىر ساراڭ ئاغىنەم بار، ئۇ دائىم مۇشۇ گەپنى قىلىدۇ، مۇشۇنداق پەيزى قىلغان چاغلىرىمدا ئۇنىڭ گېپى يادىمغا يېتىپ قالىدۇ. -سەن چوشقىلار گۈل يەيدىغان بولۇپ كەتتى، دەپ چاقچاق قىلدىڭ، بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ -ۋاي-ۋۇي، بۇ نەدىكى گەپلەر؟ مەن خوتۇنۇمنى گۈلگە ئوخشايسەن، دەيتتىم. ئۇ كاساپەت بۇنىڭدەك ساختا گەپنى قىلىپ كۆڭلۈمنى ئېلىشتۇرما، دەپ تۇرۇۋالاتتى.
كېيىنكى كۈنلەردە خوتۇن بىر چوشقا بىلەن يوقالدى، شۇنىڭغا دەيمىزدە بۇ گەپلەرنى. ماڭا قارا، گەپ دېگەننى ئاڭلاپلا قويسا بولدى، مەنىسىنى تولا سۈرۈشتۈرگۈلۈك ئەمەس.
چۆل قۇرغاق ھەم ئىسسىق ئىدى. ئوڭ تەرەپمۇ چۆل، سول تەرەپمۇ چۆل ئىدى. ئالدى تەرەپمۇ، كەينى تەرەپمۇ چۆل ئىدى. بۇنداق پايانى يوق چۆلنى، بۇنداق ئۇزۇن يولنى، بۇنداق جىملىقنى، بۇنداق تېز ماڭغان ماشىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ئادەم غەم-غۇسسىگە پېتىپ قالاتتى. ئۇ ماشىنىدىن سىرتقا قاراپ زېرىكىپ كۆزىنى يۇمۇۋالدى. كېتىۋېتىپ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى، كەچمىشلىرىنى مۇشۇ چۆلگە ئوخشىتىپ قالدى. ئاندىن ئۆزىنى ھەممە ئىشنى ئۆزىنىڭ رايى بويىچە ھەيدەيدىغان شوپۇرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ماشىنىغا ئوخشىتىپ قالدى. شوپۇر گەپ قىلمايدىغان، گەپ قىلسا گېپى تۈگىمەيدىغان ئادەمدەك قىلاتتى. ئۇ ئۈچ كۈن ھاراق ئىچتى. ئۇنىڭ تۈرۈلگەن قاپاقلىرىغا قارىغان ئادەم ئۇنى بىرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قاپتۇ يا بولمىسا بىرسى بىلەن ئۇرۇشماقچىكەن، دەپ ئويلاپ قالاتتى. ئۇنىڭ شوپۇرغا ئىچى ئاغرىپ قالدى.
ئاخشام شوپۇر ھاراقنى بولدى دېگۈچە ئىچتى، ئۆي ئىگىسىگە غەلۋە قىلىپ تاپتۇرۇپ كېلىپ دۇتار چالدى، دۇتارنى ياخشى چالالمىسىمۇ، بىراق بېرىلىپ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا چالدى. ئارقىدىن يىغلىدى. سورۇندا ئۈچلا ئادەم بار ئىدى. شوپۇر خوتۇنىنىڭ گېپىنى قىلىپ بايىقىدىنمۇ بەكرەك تۆكۈلۈپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ بۇرۇندىنلا خوتۇنىنىڭ گېپىنى قىلغان ئەر كىشىنى ياراتمايتتى. ئۆزىمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا:«خوتۇنۇم ئۇنداق، مۇنداق» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ يۈرمەيتتى. تاملىرى قوي مايىقىنىڭ ئىسىدىن قارايغان ئۆي شام نۇرىدا غۇۋا يورۇپ تۇراتتى.
-چالە، يۈرەكلەر ئېزىلىپ كەتتى، ئۇزۇن بوپتىكەن ناخشا ئاڭلىمىغىلى. -قايسى پەدىگە چېلىپ بېرەي؟ -نېمە بولسىمۇ ئوخشاش، ئىشقىلىپ چالساڭلا بولدى. -ئۆزۈڭ ئامراق ناخشىنى دە، شۇنىڭغا چالاي. -مەن نېمىگە ئامراقلىقىمنى بىلمەيمەن. نېمىگە ئۆچلىكىمنىمۇ بىلمەيمەن. سەن ئۆزۈڭ ئامراق ناخشاڭنى چېلىۋەر. -مەن ناخشا دېگەننىڭ ھەممىسىگە ئامراق. ئىككى ئادەمنىڭ قوپال سايىسى قارايغان تامدا ئەلەڭشىيتتى. ئۇنىڭ كۆڭلى پاراكەندە بولۇپ، يۈرىكى ئاسىقىپ كەتتى. نېمىگە ئامراق، نېمىگە ئۆچلىكىنى بىلمەسلىكمۇ يەر يۈزىدىكى يەنە بىر قورقۇنچلۇق ئىش بولۇشى مۇمكىن. بىر مۇنچە بالىلار تەمتىرەپ يۈرگەن چىرايلىق گۈللۈكتە يەنە نۇرغۇن بوۋايلار مۈگدەپ ئولتۇرىشاتتى. بوۋايلار ئۆزلىرى تىككەن كۆچەتلەرنى مۇشۇ بالىلارنىڭ سۇغۇرىشى كېرەكلىكىنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلاتتى. بالىلار بوۋايلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئاجايىپ ھېكمەتلەرنى ئاڭلىشى كېرەكلىكىنى مۇھىم بىلىدىغان بىر ئادەم خۇددى شۇنداق بىر پارچە رەسىم سىزماقچى بولغانلىقىنى يادىدىن چىقىرىپ قويدى. ماشىنا شىددەت بىلەن ئالغا چاپاتتى، شوپۇر قاپىقىنى سېلىپ، قورقۇنچلۇق ئەلپازدا ئولتۇراتتى. رولنى مەھكەم سىقىمداپ تۇرغان قوللىرىنىڭ تومۇرلىرى كۆبجۈپ چىققان ئىدى. ئەگەر ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالماقچى بولسا، مەنمۇ كاساپىتىگە كېتىمەن. جاھان دېگەندە ھەر قىسما ئىشلارنى ئويلايدىغان ئادەملەر بار. قۇياشنىڭ نۇرى ئوخشاش بولغان بىلەن، يېگەن-ئىچكىنى، كىيگىنى، ئولتۇرۇش-قوپۇشى ئوخشاش بولغان بىلەن خىيالى، قىلماقچى بولغانلىرى ھەم قىلىدىغانلىرى ئوخشىمايدىغان جاھان بۇ. -خوتۇنۇم يوقاپ كەتتى،–شوپۇر دادىسى دېمەتلىك ساھىبخاننىڭ بوينىدىن قۇچاقلاپ يىغلىدى،–يوقاپ كەتكۈچە ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ياخشى بولاتتى. -بۇنداق گەپنى قىلما، يامان بولىدۇ. قېرىغانلىقى كۆزىدىن بىلىنىپ قالغان ساھىبخان تىترەپ تۇرغان قولى بىلەن شوپۇرنىڭ بوينىغا مەھكەم گىرە سالغان قوللىرىنى بوشىتىپ بولالماي قىينىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.
-خوتۇن دېگەن جىق،-دېدى شوپۇر ئۇزاقتىن كېيىن قولىنى سىلكىپ،–چېكىپ تۇرۇپ ئالىمەن، خوتۇنۇمنىڭ ئىسمىنىڭ نېمىلىكلىنى بىلەمسەن؟ -ياق. -ھېچكىمگە دەپ بەرمەيمەن. شوپۇر تاماكىنى تولا چېكىدىغان خۇيلۇق ئادەم بولۇپ چىقتى. ئۇنىڭ دۇتارنى مۈرىسىگە يۆلەپ بىر قولىدا ھاراق، بىر قولىدا تاماكا تۇتۇپ مېھىرلىك قوشاقلارنى ئېيتىشى ئادەمنى بىر قىسما قىلىپ قوياتتى: مېنى سەن بىۋاپا دەيسەن، ئۆزۈڭ قانچە ۋاپا قىلدىڭ؟ ئەقىدەمنى قىلىپ ۋەيران، ماڭا شۇنچە جاپا قىلدىڭ….. ئېسىت بىچارە. ئۇ شوپۇرنىڭ ھاراق تۇتۇپ تۇرۇپ ئېيتقان قوشىقىنى ئاڭلاپ ئۇھ تارتىپ قويدى. بەزى ئادەملەر جاھاندىن مۇشۇنداقلا كېتىپ قالىدۇ. قۇياش بىلەن يۇلتۇزلارنڭ سىر-ئەسرارلىرى، تۇغۇم بىلەن ئۆلۈمنىڭ سەۋەبى، ئادەمنىڭ ئەر-ئايال بولۇپ يارىلىشىنىڭ ھاياتلىقتىكى ھېكمىتى، تۇخۇم بلەن توخۇنڭ مۇناسىۋىتى دېگەندەك بىلمەك تەس، ئەمما چوقۇم بىلىش كېرەك بولغان نەرسىلەر ئۇلارنى قىينىمايدۇ. ئۇ مۇشۇنداقراق ياشىغاننىڭمۇ زەرەرى يوقتەك قىلىدۇ، دەپ ئويلاپ قالدى ھەم ئۆزىچە مۇلاھىزە قىلىپ كەتتى. مەسىلەن، مۇنۇ شوپۇرنىڭ جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن غېمى يوق، ماشىنسى بۇزۇلمىسا، خوتۇنى ئۆيدىن چىقىپ كەتمىسە، يەنە تاماكىسى بىلەن ھارىقى كەم بولمىسا… راھەت دېگەن شۇ، بۇنىڭدا كۈلەلمەيدىغان، خۇش بولالمايدىغان كېسەللىك يوق، شوپۇر شۇنچە يىغلاپ ھەسرەتلىرىنى يامغۇردەك تۆكۈپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق دەردى يوق سەبىي بالىدەك كۆرۈنۈپ كېتىۋاتاتتى. دەردىنىڭ تايىنى يوق بىر نېمىكەن بۇ. ئۇ شۇنداق ئويلاپ قالدى. دەرت-ھەسرەت دېگەننىڭمۇ ۋەزنى بولۇشى كېرەك، ھەسرىتىنىڭ تايىنى يوق ئادەملەرمۇ بۇ جاھانغا يۈك.
مەن بۇنداق گەپلەرنى ئويلاپ يۈرمىسەم بولاتتى. بىر كىمنى ياراتمىغۇدەك مەن كىم ئىدىم؟ مېنىڭ تىلغا ئالغۇدەك، بىر كىمنىڭ ئالدىدا يۈرەكلىك دېيەلىگۈدەك نېمە دەردىم بار؟ مېنى مەن قىلىپ تۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەر ئىچىدە نېمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھازىرغىچە بىلمەيمەن. ئانچە ئېگىز بولمىسىمۇ، پاكار دېگىلى بولمايدىغان بوي-بەستىم، راۋان سۆزلىيەلەيدىغان تىلىم، ئادەتتىكى پايدا-زىياننى پەرق قىلالايدىغان ئەقلىم، كىشىلەر بىلەن نورمال سالام-سەھەتتە بولۇشنى يامان دەپ كەتمەيدىغان خۇي-پەيلىم، ساقىلىمنى ۋاقتىدا ئالىدىغان ئادىتىم، تاماقنى شالاپلىتىپ يېيىشتىن ساقلىنىپ كەلگەنلىكىم، باشقىلارغا گۇمان ئىچىدە ياردەم قىلغانلىرىم… مۇشۇلارنى يىغقاندا مەن بولۇشۇم مۇمكىن ياكى مېنىڭ يېرىمىم پۈتۈشى مۇمكىن. كونا ھويلىدا ۋۇكۇلداپ سايراۋاتقان دەمدەرلەرنىڭ بەكمۇ چىرايلىق، بەكمۇ بىچارە تۇرقى يۈرىكىمنى ئەزگەندە، مەن مۇشۇلارنى ئويلىغان ئىدىم. بۇ بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇن، ئون يىل بۇرۇن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى ئويلىغانلىرىم بولۇشى مۇمكىن. -سەنمۇ ماڭا قوشاق بىلەن جاۋاب بەر. شوپۇر ساھىبخانغا قادىلىپ تۇرۇۋالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىغان ئادەم خوتۇنىنى پەقەت ئۇنتۇيالمىغانلىقىنى بىلىۋالاتتى. بىر دەرد بىلەن يەنە بىر دەردنى باسماقچى بولۇش پەقەت ئادەملەرگىلا خاس ئادەت بولۇشى مۇمكىن. يولۋاس، بۆرە ياكى ئېيىقلارنىڭ بىر پۇتى يارىلانسا، يەنە بىر پۇتىنى چىشلەپ يارا قىلىشى ناتايىن. -مەن قوشاق، يەنە بىر نېمە دېگەننى بىلمەيمەن، ھاراق ئىچىشنىمۇ بىلمەيتتىم، بىكاردىن بىكار ئىچتىم، نېمانداق سېسىق نېمە بۇ؟ ئىچىۋاتقىلى ئوتتۇز يىل بولدى دەيسەن. ئوتتۇز يىل مۇشۇ نەرسىنى ئىچىپ يەنە ئۆرە يۈرگىنىڭگە ھەيران قالدىم… – بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ -بەك سېسىق نەرسىكەن بۇ… ماڭا مەينەت نەرسىدەك بىلىندى. -ئاغزىڭنى يۇم، گەپنى نەلەرگە ئاپىرىۋەتتىڭ؟ مەينەت ئەمەس، ئەڭ پاكىز نەرسە بۇ، شۇڭا كۆڭۈلدىكى كىرنى ئالىدۇ، خۇددى سوپۇندەك، ھە راست، ھېلى ئىچىپ باقمىغان دەيسەن، ئەمىسە نېمىشقا ئىچتىڭ؟ -سەن مېھمان، مېھماننىڭ يۈزىنى قىلدىم-دە. مەن شۇ چاغدا بۇ ئىككىيلەن ئىلگىرى كۆرۈشۈپ باقمىغان بولسا كېرەك، دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم. بەزىدە ھايات بىزنى قىستاپ تونۇغاننى تونۇمىغاندەك، تونۇمايدىغاننى تونۇغاندەك بولۇۋېلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دۇنيا يۈزىنى داپتەك قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى تونۇمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئەڭ قورقۇنچلۇقى مانا مۇشۇ. قاچانلاردا سۇ ئاققانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان كونا ئېقىننىڭ بويىدىكى يۇمشاق قۇمنى، قۇم ئۈستىدىكى تۈلكىلەرنىڭ ئىزلىرىنى، چوقچىيىپ تۇرغان توپا دۆڭلەرنىڭ باغرىدىكى كامارلارغا ئۇۋا سالغان غېرىبانە قۇشقاچلارنىڭ پۇرۇلداپ ئۇچۇشلىرىنى، ئادەمگە خۇددى يىلان باردەك قورقۇنچلۇق تەسىر بېرىدىغان تارچۇقلارنى يادىغا ئالغان بىر كىشى بۇلۇتلۇق ئاسماندىكى ئاينىڭ شولىسىدا غۇۋا يورۇغان يولدا ئاستا كېتىۋېتىپ، ھاراق ئىچسە ناخشا ئېيتىدىغان، قوشاق ئېيتىدىغان، خوتۇنىنىڭ ئىسمىنى بىر كىمگە ئېيتىپ بەرمەيدىغان شوپۇرنىڭ ئۆتمۈشىنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. -يەنە نەچچە كۈن تۇرساڭلار بولمامدۇ؟-ساھىبخان مۇڭلۇق كۆزلىرىنى ئىككىيلەنگە ئاغدۇردى. بىر قوزىلىق قوي نېرىقى دۆڭدىكى غولى قاتقان شىۋاقلارنى ئېرىنچەكلىك بىلەن يەپ يۈرەتتى. مۇنۇ قوينى، ئۇنىڭ قوزىسىنى ھامان بىر كۈنى ئادەملەر بوغۇزلاپ سويۇپ يەۋېتەتتى. ئەمما بۇ بىچارىنىڭ كۆڭلىدە، يۈرىكىدە، روھىدا بۇنداق تەشۋىشلەردىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىگە:«بەزى ئادەملەر خۇددى مۇشۇ قويدەك بىغەم ياشايدۇ» دېگەن خىياللار كىرىۋالدى. بۇ خىيالىنى ئۇزۇنغىچە كاللىسىدىن چىقىرىۋېتەلمىدى. – بۇ يەردىن كەتسەڭ بولمامدۇ؟ -نېمىشقا كېتىمەن؟ -جىندەك يالغۇز يۈرسەڭ زېرىكمەمسەن؟ يەنە كېلىپ يا سۇ يوق يا توك يوق، قانداق يەر بۇ؟ -يۇرتقا كۆنەلمەيدىكەنمەن، ئۇزاقى يىلى بىر بارغان، غەلۋىنڭ تولىلىقىدىن ساراڭ بولۇپ قالغىلى تاس قالدىم، يەنە بىر-ئىككى كۈن تۇرغان بولساڭلارمۇ ئىگەكىم، پاقلاندىن يەنە بىرنى سوياتتىم. -قوي بۇ يەرنى، بەك زېرىكىپ كەتتىم. خوش، بىز يانايلى، يۇرتقا بېرىپ قالساڭ مېنى ئىزدە. كۆكتە ئەگىپ يۈرگەن سارنىڭ كەڭ قاناتلىرىنى يېيىپ ئۇچۇشلىرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىۋەتتى. تاقىر تاغلار، بۇلۇتسىز ئاسمان، چالا كۆيگەن قوي مايىقىنىڭ ئىسلىرى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان گەمە ئۆي بۇ يەردىكى ھەممە نەرسىدەك تەسىر بېرەتتى. -ئاۋۇ تاغنى نېمە دەيدۇ؟ -ئالابۇيان دەيدۇ. -بۇ نېمە دېگەن گەپ؟ -بىلمەيمەن، مەن ئەقلىمگە كەلسەم مۇشۇنداق دەيدىكەن. ئۇ شوپۇرنىڭ بەكلا يوغان قورىسىقىغا قارىدى. ئېغىر ئاياق ئايالنىڭ قورسىقىغا ئوخشاپ قاپتۇ، بۇ بىچارە كەم دېگەندە تازا سەمرىگەن بىر ئېرىكنىڭ گۆشىنى يۈدۈپ يۈرىدىكەن. ئورۇق ئادەملەر، سېمىز ئادەملەر ، پاكار ئادملەر، ئېگىز ئادەملەر، ئەتىۋار ئادەملەر، خار، تاشلاندۇق ئادەملەر بىر كۈندە بىر قۇياشنىڭ ئاستىدا بىللە ياشايدۇ. بۇ دۇنيا يارىلىشىدىن مۇشۇنداق ئېگىز-پەس، بىرسى بىرسىدىن قورقىدۇ، بىرسى بىرسىنى قورقىتىدۇ. مەن كۆرمىگەن، مەن بىلمىگەن، مەن ئاڭلىمىغان يەنە قانداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. مېنىڭ بىلىدىغانلىرىم بەك ئاز، كۆزۈمنىڭ كۆرەلەيدىغانلىرى، ئەقلىم يېتىدىغانلىرى، قولۇم بىلەن تۇتالايدىغان، قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىيالايدىغانلىرىم دۇنيانىڭ ناھايىتى، ناھايىتى ئاز بىر قىسمى. شۇ ئاز بىر قىسمىنىمۇ بىلىشكە توغرا كەلسە، مەن ھەم ماڭا ئوخشىغان ئادەملەرنىڭ ئۆمرى يار بەرمەيدۇ. مۇشۇ گەپلەرنى بىر كىمگە دەپ بەرگۈم كەلگەن ئىدى. ئەمما يەنە رايىم يېنىپ قالدى. ھازىر كىمنىڭ گېپى كىمگە تېتىيدۇ؟ ھازىر دېگەن ئۈژمە سايىسىدا ئولتۇرۇپ، كۈنلەپ-كۈنلەپ گەپ قىلىشىپ، پاراڭ سوقۇشۇپ، كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرىدىغان زامان ئەمەس.
خەق گەپتىن قېچىپ قالدى، ھەممەيلەن جىملىقنى، خاتىرجەملىكنى، يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. مۇشۇنداق ئويلايدىغان ئادەم يالغۇز مەن ئەمەس، خەق مۇشۇنداق ئويلىسىمۇ، ئەمما تېشىغا چىقارمايدۇ. -كۆزۈڭ نېمە بولغان سېنىڭ؟ـ شوپۇر ھاكاۋۇرلۇق بىلەن شۇنداق سورىدى. -بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ ياشاڭغۇرايدىغان بولۇپ قالدىغۇ، بالىنىڭ دەردىدىن بولسا كېرەك. -بالاڭ نېمە بولدى؟ -بالام دۆت چىقىپ قالدى. -تېگىدىن ئۆزۈڭ دۆت، مۈشۈك جېنىدا بالىلىرىغا چاشقان تۇتۇشنى ئۆگىتىدۇ. قارا ما تۇرقۇڭنى، خۇددى ھېچ ئىشى يوق ئادەمدەك لالىيىپ تۇرىسەن. قارىسام تاماق يېگەندە قولۇڭنى يۇيمايدىكەنسەن، خالا جايىڭنىڭ مەينەتلىكىگە قارا، ئېشىكىڭنى باغلايدىغان ئارغامچاڭمۇ يەتمىش يەردىن ئۇلاق… مۇشۇنداق تۇرساڭ، بالاڭ دۆت چىقماي قالامدۇ سېنىڭ؟… ئۇ شوپۇرنىڭ مەستلىكى يانماپتۇ دەپ ئويلدى.
ساھىبخانغا ئىچى ئاغرىپ قالدى. -بالامنىڭ دۆتلىكىنى مەندىن كۆرسەڭ بولمايدۇ. -ئەمىسە كىمدىن كۆرىمەن؟ تاغ-تاشلاردىن، سۇ، ئوت-چۆپلەردىن ياكى ئاۋۇ ئۆلەمىجان ئېشىكىڭدىن كۆرەمدىمەن؟ -مەنمۇ ئەسلى ئۇنى ئەقىللىق بولسا، دەپ ئويلايتتىم. -ئويلاپلا يۈرگەننىڭ پوققا پايدىسى يوق، ئويلىغاننى قىلساڭ ھېساب. ماشىنا چۆلدە شىددەت بىلەن كېتىۋاتاتتى. سۈرئەت كىشىنى قورقۇنچقا سالاتتى. بەزى ئادەملەر دۇنيانىڭ قايسى بىز بۇلۇڭلىرىدا ماشىنا ياكى مۇشۇنىڭدەك نېمىلەرنىڭ سۈرئىتىنى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق چەككە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىپىرلاۋاتسا كېرەك. تېز ماڭغاننىڭ زىيىنى يوق دېگەندىمۇ، مۇشۇنداق مېڭىپ نەگە بېرىشنى بىلگىلى بولمىسا قاملاشمايدۇ-دە. شوپۇردىن خوتۇنىنىڭ نېمە سەۋەبتىن يوقاپ كەتكەنلىكىنى سوراشقا تېگىشلىكتەك ئىدى. شوپۇرمۇ بىرەرسىنىڭ شۇنداقراق بىرەر سوئال سورىشىنى ئارمان قىلىۋاتقاندەك، بىرسىگە دەرىدىنى بىر-بىرلەپ تولۇق سۆزلەپ يېنىكلەپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقاندەك ئىدى. بىراق ساھىبخان مېھمان كۈتۈشنىڭ خاپىلىقىدا قېلىپ، بۇنداق سوئالنى سورىمىدى. ئۇ ئىككى ئېشەككە ئىككىدىن تۆمۈر باكنى غانجۇغىلاپ ئارتىپ ئاقساي دېگەن يەردىن سۇ ئەكىلىدىكەن، يىراقتىن سۇ ئەكىلىدىغانلىقىدىن، تۇرمۇشىنىڭ باياشات ئەمەسلىكىدىن، ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىكىدىن بەكلا خىجىلچىلىق تارتىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ سۇغا مېڭىش ئالدىدا، سۇدىن كەلگەندە مېھمانلارنى ساقلىتىپ قويغانلىقىدىن، ۋاقتىدا كېلەلمىگەنلىكىدىن ئەپۇ سوراپ ئۆزرە قويدى. ئاندىن قېرىپ كەتكەچكە تېز ماڭمايدىغان بولۇپ قالغان ئېشەكنى بىر مۇنچە تىللىدى. ئۇ ئېشەكنى تىللاپ كۆڭلىگە تەسكىن تاپقان بولسا كېرەك. ئاخىرىدا: -بۇ قېرى تاپ تېز ماڭغان بولسا ۋاق قالمايتتىم،-دېگەن گەپنى قىستۇرۇپ قويدى. گۇناھكار ئېشەك ھېلىلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك ھاسىراپ، ئېغىر بېشىنى پەسكە ساڭگىلىتىپ، يىرگىنىشىلىك بىر ھالدا تۇراتتى. -بۇ ئېشەك پات ئارىدا ئۆلىدۇ،-دېدى ساھىبخان،–بۇ يىل يىگىرمە ئىككى ياشقا كىردى. -ئېشەك دېگەننى بىر يىلدا ئىككى ياشقا كىرىدۇ، دەپ ئاڭلايمەنغۇ؟-دېدى شوپۇر يوغان قورساقلىرىنى سىلاپ. -ياق، ئېشەكمۇ بىر يىلدا بىر ياشقا كىرىدۇ. شوپۇرنىڭ خوتۇنىنىڭ نېمىشقا يوقاپ كەتكەنلىكىنى سوراپ قويۇش كېرەك ئىدى. بىراق ئۇنىڭ كۆرەڭ ھالىغا قاراپ سوراشقا رايى بارمىدى. بىچارە شوپۇرنىڭ دەردى ئىچىدە قېلىۋېرىدىغاندەك قىلاتتى. خوتۇن يوقاپ كەتتى، دېگەن ئاجايىپ بىر گەپ بولۇشى كېرەك. ئەمما ئەقىل يوقاپ كېتىۋاتقان، يۈرەك يوقاپ كېتىۋاتقان، كۆڭۈل يوقاپ كېتىۋاتقان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندا، بەزى ئىشلاردىن ھەيران قالمىسمۇ بولىدۇ. ماشىنا شىددەت بىلەن ئالغا مېڭىۋاتقاندا ئۇ كۆڭلى ئېلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىنىچە شۇلارنى ئويلىدى. چاشقانلار ئۇۋىسىغا بۇغداي-قوناقلارنى توشۇپ ھارمايدۇ، ئادەملەرنىڭ كۆڭلى-كۆكسى ئاجايىپ تامالار بىلەن تولۇپ كەتتى. ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا ياخشى نەرسىلەر تۇرىدىغانغا جاي بولسا ئوبدان. پۇل يوقاپ كېتىدۇ، قەلەم ياكى يانچۇقتىكى سۇ، تازىلىق پۇلى تۆلىگەن تالۇن دېگەندەك نېمىلەر يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. ئادەمنىڭ ئويلىغانلىرى، خىيال قىلغانلىرى يەنە ئارزۇ-ئارمانلىرى يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. خوتۇنمۇ يوقاپ كېتىشى مۇمكىن، ئەمما ئاڭلىماققا، بىلمەككە خوتۇن يوقاپ كەتتى دېگەننىڭ بىر يەرلىرى بىر قانداقتەك ئىدى. بۇ گەپلەرمۇ تولا ئاڭلانسا، تولا دېيىلسە قۇلاقمۇ پىشىپ قالىدۇ. -مەن كۆپ ئوقۇمىغان ئادەم، ئەمما بىلىدىغانلىرىم ئاز ئەمەس، مانا مەن دېگەن نوچىدىن بىرنى ئەكەل، دېيىشىپ باقىمىز، قېنى قايسىمىز يامانكەنمىز، شۇ چاغدا كۆرىسەن… تېخى مېنى ياراتمايدۇ… ئۇنىڭ ساھىبخانغا يەنە ئىچى ئاغرىپ قالدى. بىكاردىن بىكار بۇلارنى مېھمان قىلىمەن، دەپ قوي سويدى. چۆلنىڭ بەك يىراق بىر چېتىدىكى دۆڭ باغرىدا ياشايدىغان بۇ ئادەم بىلەن شوپۇرنىڭ تونۇش ئىكەنلىكى گۇمانلىق. بىر بىرىنى تونۇمايمەن، دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىسا كېرەك. ماشىنىنىڭ ھاۋانى يېرىپ ماڭغاندىكى گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئۇنىڭ قۇلاقلىرىنى ئاغرىتىۋەتتى، ساينىڭ ھەممە يېرى ئوخشاش، كۆزگە چېلىقىپ قالىدىغان چاكاندا، ئېشەك قومىچى دېگەنلەرمۇ ئوپئوخشاش. ساينىڭ تاشلىرى، پىرقىراپ كۆرۈنىدىغان ھالىمۇ ئوخشاش، ئۆزگىچىرەك ھېچنېمە يوقتەك قىلاتتى.
بەزى ئادەملەرنڭ ھاياتى خۇددى مۇشۇ سايغا، مۇشۇ سايدىكى يولغا، مۇشۇ سايدىكى سەپەرگە ئوخشاپ قالسا كېرەك. – ئاۋۇ يەردە بىر ئېغىل باركەن، بېرىپ باقايلى. بۇ گەپ ئۇنىڭغىمۇ خۇش ياقتى، نېمانداق تۈگىمەيدىغان ئۇزاق يولدۇ بۇ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ شوپۇر بولۇپ قالمىغىنىغا شۈكرى قىلىپ قالدى. ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا ئېھتىياجى چۈشمەيدىغان ھېچ نەرسە يوقكەن. نەچچە يۈز مېتىر چوڭقۇر يەرنىڭ تېگىدىكى نەرسىلەرمۇ ئادەملەرگە كېرەك بولۇپ قالغان، شۇ سەۋەبتن كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىن چەتتە قالمىغان ئىدى. ئاشۇ نەرسىنڭ كېرەكلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغىچە، شۇنىڭغا مۇشتاق بولغانلارنىڭ تارتقان جاپالىرى، كاللىسىنىڭ قېتىقى چىقىپ كەتكۈچە باش قاتۇرغانلىرىنى ئويلاپ ئۇنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ كەتتى. تامغا يۆلىنىپ ئاپتاپ سىنىپ ئولتۇرغان ئادەم ئۇلارنى كۆرۈپ قىزىقىش بىلەن لىككىدە ئورنىدىن تۇردى. كۆتمەك ساقاللىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى ئاقىرىپ كەتكەن ئىدى. چاپىنىنىڭ دۈمبىسىدىن بىر نەچچە يەر يىرتىلىپ، پاختىلىرى چىقىپ قالغان ئىدى. -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. تام تۈۋىدىكى ئادەم بىلەن شوپۇر قىزغىن كۆرۈشتى. شوپۇرنىڭ يوغان قورساقلىرىنىڭ ھېلىقى ئادەمنىڭ چاپىنىغا تېگىپ تۇرغانلىقىغا دىققەت قىلدى. ئۇمۇ ساھىبخان بىلەن كۆرۈشتى. ساھىبخاننىڭ قىزىرىپ تۇرغان مۇلايىم كۆزلىرىدە كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. ئۇنىڭ تېنى زىركىرەپ كەتتى. بۇ ئادەمنىڭ بىر يەرلىرى ئۇنىڭغا ياقمايدىغاندەك بىلىنىپ قالدى. بۇ ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان بۇ ئادەمنىڭ كۆزىگە سىغمىغانلىقى ئۇنى ھەيران قالدۇرۇۋەتتى.
-سەن ئۇ ئادەمنى ئىلگىرى تونۇمتىڭ؟ شوپۇر گەپ قىلماي ئۇنىڭغا شۇنداقلا قاراپ قويدى. شوپۇرنىڭ زىيادە يوغان قورسىقى رولنىڭ گىرۋەكلىرىگە تېگىپ تۇراتتى. شىددەت بىلەن پىرقىراۋاتقان چۆلدە ئۇزۇن مويلىرى چۇۋۇلۇپ، شامالدا يەلپۈللىنىپ تۇرغان تۆگە ھەم ئوتلاپ يۈرگەن بىر نەچچە ئېشەك كۆزگە چېلىقاتتى. مەن مەست بولۇپ كەتكەن شوپۇرنىڭ ساراڭ ئاغىنىسىدىن ئۆگىنىۋېلىپ يادلاپ بەرگەن قوشىقىنى ئەسلەپ قالدىم. تۇرۇپلا يەنە ساھىبخاننىڭ بالىسىنى كۆرگۈم كەلدى. «كروران»ژۇرنىلى 2011- يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى