نويابىر 22, 2024
مەن پەلەستىن

چۈشنىڭ كاساپىتى
ھېكايە
ئابابەكرى ئابدۇقادىر

كۈزلۈك يىغىم – تېرىمنىڭ تازا ئالدىراش ۋاقتى ئىدى. مېھرىگۈل ئەتتىگەندىن بېرى ئېتىزلىققا قىغ توشۇپ ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ بالىلىرىنىڭ كەچلىك تاماقلىرىنى بېرىپ، ئۇلارنى ئۇخلىتىۋېتىپ ئېرىنى ساقلاپ ئولتۇردى.
ئېرى ئەتتىگەن قوشنا كەنىتتىكى تاغىسىنىڭ بۇغداي تېرىشىغا ياردەملەشكىلى كەتكەنىدى. ئۇ خېلى ئۇزاق ساقلاپ بېقىپ ئاخىرى يېتىپ ئۇخلاپ قالدى.
ئۇ بىر چاغدا بىرسىنىڭ تۈرتىشىدىن ئويغىنىپ كەتتى. كۆزىنى ئېچىپ بېشىدا ئۆزىگە ھومىيىپ قاراپ تۇرغان ئېرىنى كۆرۈپ، گەپ قىلاي دەپ ئاغزىنى ئۆمەللىشىگە ئېرى ئۇنىڭدىن:
– ئېيتە، ھازىر سەن چاقىرغان ئابلىز دېگەن كىم؟ ئۇنىڭ بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭ بار؟ – دەپ سورىدى.
مېھرىگۈل ئېرىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەي ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن باياتىن ئۆزىنىڭ چۈش كۆرگەنلىكىنى، چۈشىدە بۇغداي تېرىماقچى بولغان يېرىگە قىغ توشۇغانلىقىنى، بىر ھارۋا قىغنى ئېتىزغا ئەكىلىپ، ئېشەكنى ئېتىز ئوتتۇرىسىدىكى چىغىر يولدا توختىتىپ قويۇپ، بىر خالتا قىغنى يۈدۈپ مېڭىشىغا ئېشەكنىڭ بىر نەرسىدىن ئۈركۈپ، ھارۋىدىكى قىغنى ئۆرۈپ قېچىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆشنىسىدىكى قىغنى تاشلاپ قويۇپ ئېشەكنى قوغلىغان بولسىمۇ كەينىدىن يېتىشەلمەي ئۆزىدىن يۈز مېتىرچە نېرىدا ئېتىزلىققا قىغ چېچىۋاتقان ئېرى بىر بىلەن بىر مەھەللىلىك ئابلىزنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئېشەكنى تۇتۇۋېلىڭ دېمەكچى بولۇپ ئۇنى چاقىرغانلىقىنى، ئەمما ئۇ ئابلىزنى يەتتە – سەككىز قېتىم چاقىرسىمۇ ئۇنىڭ قاراپمۇ قويماي ئىشىنى قىلىۋەرگەنلىكىنى، دەل شۇ چاغدا ئېرىنىڭ ئويغىتىۋەتكەنلىكىنى ئەسلەپ، كۆرگەن چۈشىنى ئېرىگە دەپ بەردى. لېكىن ئېرى ئۇنىڭغا:
– سەن مۇشۇنداق دېسەم مېنى ئىشىنىدۇ دەپ ئويلاپ قاپسەندە. مەن ئۇنداق ئايالى نېمە دېسە سېنىڭ راست دەپ ئىشىنىپ ئولتۇرىدىغان يۇمشاقباشلاردىن ئەمەس، تېز راستىڭنى ئېيتە؟ ئابلىز دېگەن كىم؟ ھېلى بىكار كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىمەن! – دەپ ۋارقىرىدى.
– جېنىم ئابدۇللا، ئالتا يىللىق ھالال جۈپتىڭىزگىمۇ ئىشەنمەمسىز؟ بايىقى راستىنلا چۈشۈمدە بولغان ئىشلار. ئىككى بالىمىز بولۇپ قالغاندا مەن سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرەرمەنمۇ – ھە؟
– ئابلىز دېگەن بىرسى بىلەن مۇناسىۋىتىڭ بولمىسا ئۇ بىكاردىن – بىكار چۈشۈڭگە كىرەمتى؟ راستىڭنى ئېيتمىساڭ مانا ئەمىسە! – ئابدۇللا شۇنداق دەپلا مېھرىگۈلنى ئۇرۇشقا باشلىدى. مېھرىگۈل ئېرىدىن ئۆزىگە ئىشىنىشنى تىلەپ، يىغلاپ يالۋۇراتتى. ئابدۇللا بولسا ئۇنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلماي ئۇنى دەسسەيتتى، تېپەتتى، بازغاندەك مۇشتۇمى بىلەن ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە ئۇراتتى. ئۆيدىكى قىيا – چىيا ئاۋازدىن ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى ئويغىنىپ كېتىپ، چىرقىراپ يىغلاشقا باشلىدى. ئەمما بالىلىرىنىڭ يىغىسى ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتتى. بىچارە مېھرىگۈل بىر چۈشنىڭ كاساپىتىدىن ئېرىنىڭ ئايىغى ئاستىدا تاياق ئازابىدىن يۇمىلىنىپ يىغلايتتى. نادان ئەر بولسا شۇ تاپتا ھەممىنى ئۇنتۇغان بولۇپ، ئالتە يىلدىن بۇيان ئاش – تامىقىنى ئېتىپ، كىر – قاتلىرىنى يۇيۇپ، بالىلىرىنى بېقىپ، قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولغان مېھرىبان ئايالىنى رەھىمسىزلەرچە ئۇراتتى. مېھرىگۈلنىڭ ئېچىنىشلىق يىغا ئاۋازى كېچە جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ، يىراق – يىراقلارغا كەتتى. بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭ ئاۋازى ئاستا – ئاستا ئۆچۈشكە باشلىدى.
بۇ ھېكايە « شىنجاڭ ئاياللىرى » ژۇرنىلىنىڭ 2005 – يىللىق 8 – سانىدا ئېلان قىلىنغان.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ