تۇرسۇن كېرىم
(ھېكايە)
كونىلار ‹‹زۇكام ھەممە كېسەلنىڭ ئانىسى›› دەپتىكەن. ئېغىر زۇكامداپ قالغاچقا، جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە ئاسما ئۇكۇل سالدۇرۇۋاتاتتىم. بىركەمدە ئېگىز بوي، ياداڭغۇ، كىيىنىشىدىن ئوڭلۇقلۇقى چىقىپ تۇرغان 60 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال قەدەملىرىنى ئېغىر يۆتكىگىنىچە كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ ياغلىقىنى پېشانىسىدىن چىڭ چىگىۋېلىشى، مىشىلداپ تۇرغان بۇرنىنى قولياغلىقىدا پات-پات سۈرتۈشىدىن مەندىنمۇ بەكراق زۇكام ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.
مەن ئىشىككە ئۇدۇل ئولتۇرغاچقا، ئايال ئىشىكتىن كىرىپلا ماڭا بىر قارىۋېتىپ، نەزىرىنى يېنىمدىكى بوش ئورۇنغا ئاغدۇردى. مەن ئەدەپ يۈزىسىدىن ئورنۇمدىن قوزغىلىپ ‹‹كەلسىلە، بۇ جايدا ئولتۇرسىلا›› دېگەچ ئورۇندۇققا سېلىنغان ئەدىيالنى تۈزەشتۈرۈپ قويدۇم. ئۇ ئايالمۇ ئارتۇقچە تۈزۈت قىلماي،‹‹رەھمەت، بالام!›› دېگىنىچە ئوبدانغىنا جايلىشىۋالدى.
-ئېغىر زۇكامداپ قاپتىلىدە؟
-شۇنى دېمەمسىز بالام، نەچچە كۈن بولدى. بىر-ئىككى كۈندە ئوڭشىلىپ قالارمەن دېسەم، بارغانسېرى ئېغىرلاپ كەتتى، يا تۈزۈكرەك ئۇخلىغىلى بولمىغان، ئاخشامدىن بېرى پۈتۈن بەدىنىم قىزىپ، ھېچ ھالىم قالمىدى. پۇت-قولۇمدا جان يوق، ھازىرلا يېقىلىپ چۈشىدىغاندەك، بۇ يەرگىمۇ ئارانلا كەلدىم.
-بالىلىلىرىدىن بىرەرىنى چاقىرىۋالغان بولسىلا بوپتىكەن.
-ئەتىگەن ئوغلۇمغا دېسەم، مەن بەك ئالدىراش، دېدى. ئۆزۈملا كېلىۋەردىم.
شۇ چاغدا سىستېرا كىرىپ ئۇ ئايالغا ئوكۇل ئېسىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتكەندە، ئايال بىر قولىدا ئاسما ئوكۇل شىشىسىنى كۆتۈرگىنىچە ئورنىدىن تۇردى. مەن ئۇنىڭ ھاجەتكە بارىدىغانلىقىنى پەملىدىم.
-سىستېرانى چاقىرىپ بېرەي، ياردەملەشسۇن.
-بولدى بالام، ئاۋارە بولماڭ، ئۆزۈم چىقاي…
ئايال ئاستا ماڭغىنىچە چىقىپ كەتتى. بىرئازدىن كېيىن ئوكۇل سېلىش بۆلۈمىگە 25 ياشلار چامىسىدىكى دوغلاققىنا بىر يىگىت بىلەن مودا كىيىنىۋالغان بىر قىز كىرىپ كەلدى، ئۇلار خۇددى ئەتراپىدا ھېچكىم يوقتەك بىر-بىرىگە چاقچاق قىلىشاتتى.
-قۇۋۋەت، ئوكۇلىنى تولا ئۇرغۇزۇپ چامباشچى بولۇپ كەتمە يەنە،-دېدى يىگىت خىرىلداپ كۈلگىنىچە.
– شۇنداق بولسىغۇ ياخشى بولاتتى،-دېدى قىز ئەركىلىگەن تەلەپپۇزدا، –پات-پات ئەدىپىڭىزنى بېرىپ تۇراتتىم.
قىز گەپ قىلغاچ ئۇدۇل يېنىمغا كېلىپ، ھېلىقى ئايال ئولتۇرغان ئورۇنغا ئولتۇرۇشقا تەمشەلدى.
– بۇ ئورۇندا ياشانغان بىر ئايال بار، خاپا بولماي ئاۋۇ تەرەپتىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرساڭلار بوپتىكەن،-دېدىم ئۇلارغا نېرىدىكى بوش ئورۇنلارنى ئىما قىلىپ.
-بۇ ئورۇندۇقلارنى ئىسىملىك بويىچە بېكىتىۋەتمىگەندۇ؟-دېدى يىگىت كىنايە ئارىلاش. ئارقىدىن قىزمۇ چىرايىغا ماسلاشمىغان ھالدا قاشلىرىنى سوزۈپ تۇرۇپ
-ۋىيەي، ئۇ ئايال بۇ ئورۇنغا رەنە پۇلى قويمىغاندۇ؟-دېدى-دە، ھېلىقى ئورۇنغا ئۆزىنى ‹‹گۈپپىدە›› تاشلىدى. ئۇلارنىڭ بۇ سۆز-ھەرىكىتىگە غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى.!
-ئەدەپ-قائىدىنى بىلمەمسىلەر؟ ئۇياقتا بىكار ئورۇن تۇرمامدۇ؟ بۇ ئورۇندا ئولتۇرغان ئايال ئانىمىز دېمەتلىك ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىجەزى بەكلا بوش، دوختۇرخانىغىمۇ ئاران كەپتۇ. ھېلىراقتا ھاجەتكە چىقىپ كەتكەن، ئىشىككە يېقىنراق دەپ مۇشۇ ئورۇندا ئولتۇرغان، ھېلى قايتىپ كىرسە سەت ئەمەسمۇ؟-تەنبىھىم يىگىتكە ياقمىدى ياكى قىزچىقىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسەتكۈسى كەلدى بولغاي، چالۋاقىدى
-بۇ ئورۇندۇقلارنى ئۆيۈڭلاردىن ئەكەلگەن بولغاندىكىن، ئىسمىڭلارنى يېزىپ چاپلاپ قويۇڭلار، بىر قېرى ئۈچۈن ئالىيجاناب بوپ كەتكىنىنى بۇنىڭ.
دەل شۇ چاغدا ھېلىقى ئايال ئوكۇل شىشىسىنى كۆتۈرگىنىچە ئىشىك تۈۋىدە پەيدا بولدى-دە، ھاسىراپ تۇرۇپ سۆزلەپ كەتتى
-كەپسەنغۇ بالام، ئەتىگەن مېنى دوختۇرغا ئېلىپ بارغىن دېسەم مۇھىم ئىشىم بار دېگەنتىڭ. بۇ… سەنمۇ بۆلەكچە ‹‹زۇكام›› بوپسەنمۇ نېمە؟… – ئايال يىگىتنىڭ يېنىدىكى قىزغا قاراپ قويۇپ، – سىلەر… – دېگىنىچە تۇرۇپلا قالدى. ئەتراپنى ھەيرانلىق قاپلىدى. مەن يىگىت بىلەن قىزغا قارىدىم. شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ چىرايىدا ئادەمنىڭ ئىچىنى سىيرىلدۈرگۈدەك بىر خىل بىچارىلىك قېتىپ قالغانىدى.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى