قاغىلىقتا توپا يېغىپتۇ
بەلكىم نۇرغۇن قاغىلار باردۇر
كۆرمىگىنىم بولالماس گۇۋاھ.
قاغىلىقتا توپا يېغىپتۇ
بۇ كۆڭۈلنىڭ غەشلىكىنى ۋاھ!
قاغىلىقتا مەن توپا يۇتتۇم
سېغىنىشنىڭ تەمىدىن قېنىق.
بۇ كۆيۈكتە ئۆلۈپ كەتمىدىم
بۇ كۆيۈكتە ئۆلۈمىم ئېنىق.
شىپىلدايدۇ ماشىنا چاقى،
يۆتىلىمەن بەزىدە قاتتىق.
سېغىنىشىم مەن بىلەن ماڭدى
توپا يېغىپ قالدى قاغىلىق .
2014-يىل 9-ئاينىڭ 4 – كۈنى تاماملاندى