نويابىر 21, 2024
مەن پەلەستىن

ئۈچ قەدەھ
نەسر
ئابابەكرى ئابدۇقادىر
1
ئىككىمىز ئېتىشىپ ئوينىغان ئاپئاق قارنىڭ تارتىملىق لېرىكىلىرىنى مەجبۇرىي ئېرىتتىم. ئۈمىدىمىزگە تىمسال بولمىش يۇمران باھارنىڭ تاتلىق جىلۋىسىگە ھومايدىم. ئارمانغا يېتەكلىگەن سېخىي يازنىڭ يېشىل گۈزەللىكىگە تەتۈر يۈز تۇتتۇم. كەلگۈسىمىزگە بىمالال ياندىشىۋاتقان كۈزنىڭ سارغايغان چېھرىدىن پۈتكەن تارتىملىق كۈيلىرىگە قۇلاق يۇپۇردۇم. ئىلكىمدىكى خاتىرىلەرنى سەن چىقارغان مۇزدەك شامالنىڭ ئىختىيارىغا قايتۇردۇم. ئىككىمىزگە تالىق تامامىي ئەستىلىكلەر يىرتىلىپ يوقلۇققا قاراپ توزۇپ كەتتى.
ساڭا ئايان ئالاقىلەرنى ئۈزۈۋەتتىم. تۇمان باسقان كۈل رەڭ رېئاللىقىڭدىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن رەڭدار خاتىرىلىرىمنى كەلمەسكە ئۇزىتىپ قويدۇم. ئۇنىڭ قالدۇق باغرىدىن ئاستا سۇغۇرۇلدۇم. مەۋجۇدلۇقۇڭغا كىرىشىمنى ھېچكىم سەزمىگەندەك چىقىپ كېتىشىمنىمۇ ھېچكىم تۇيمايلا قالدى. قىرتاق تۇيغۇلىرىم بىلەن يېتىلىشىپ ئۆزۈمنىڭ زامانىغا قايتتىم. شۇندىلا ھاياتىم ماڭا ئاپئاق رەڭ بىلەن قۇچاق ئاچتى. مەن ئۇنىڭ باغرىغا مۇھەببەت بىلەن سىڭىپ كەتتىم.
خۇسۇسىي ماكانىمنىڭ پىنھان باغرىدا تىكەن بىلەن بەس تالىشىپ ئولتۇردۇم. ساڭا يېزىلغان يۈرىكىمنى ئازاب بىلەن يۇيۇپ پاكلىدىم. ئۇ يېزىلمىشلىرىدىن تولۇق ۋاز كەچتى. كۈل رەڭلىك ئۇھسىنىشلار بىلەن ئورالغان ھازىدار رېئاللىقىمنى مېھرىم بىلەن ئەللەيلەپ ئۇخلاتتىم. ئاپئاق يوقلۇق بىلەن قاپقارا بارلىق رېئاللىقىمغا سۇس ئۈمىد بېرىشكە باشلىدى. نۇر تالاسىنىڭ ئارىلاشمىلىرىغا ئىختىيارىمنى بەردىم. سەندىن ئازار يېگەن ئارمانلىرىمنى رېئاللىققا سەنسىز يۈز ئاچقۇزۇش ئۈچۈن كەلگۈسىگە تاشلاندىم.

2
ئىشتىياق يىپىدا توقۇلغان گۈلدار قەپەسنى ئاستا ئاچتىم. دان كۈتۈۋاتقان قۇشلىرىمنى مېھرىم بىلەن يۈرىكىمگە قوندۇردۇم. بىتىنىم كۈي تۆكۈۋاتقان قۇشلىرىمنىڭ مېھرىگە قىيالماسلىق بىلەن ساپ ھاۋا بىلەن ئورالغان يېشىل بوشلۇققا قويۇۋەتتىم، ئۇلار مەندىن رىشتە يىپىنى مىڭ تەستە ئۈزدى. ئۇلار باش ئۈستۈمدە چۇرۇقلىشىپ تۇرۇپ ئاخىرقى ناخشىلىرىنى ئوقۇپ بەرگەندىن كېيىن ئاسمىنىمدىن چىقىپ كەتتى. مەن قىيالماسلىق قالدۇرغان ئازابلىرىمغا پېرسۇناژلىرى مۇڭغا پاتقان چۆچەكلىرىم بىلەن تەسەللى بېرىپ، يۈرىكىمنى ئەللەيلىدىم. سۇس تىترەۋاتقان قەدەملىرىمنى مەجبۇرلاپ يوقلۇق قوينىغا ئاستا قەدەم باستىم.
قىرتاق تۇيغۇلىرىمنى يېقىلغۇ قىلىپ روھىيەت بوشلۇقۇمدا ئاپىرىدە قىلغان سۆيۈملۈك ماكانىمغا چىداپ تۇرۇپ ئوت قويدۇم. ئىرالىق ماكانىم يالقۇنلىرىمدا ئاستا-ئاستا كۆيۈشكە باشلىدى. ئوتنىڭ قەدەملىرى شامالنىڭ قەدەملىرىدىن تېزلىك تالىشىپ كۈچلۈك گۈلخانغا ئايلاندى، يۈرىكىم ئاشۇ گۈلخاندا كۆيۈشكە باشلىدى. يۈرىكىمدىكى ئازابلىق ئەسلىمىلەرنىڭ نالە-پەريادى ماڭا تۇتاشتى. شۇ دەمدە مەنمۇ ھەم كۆيۈشكە باشلىدىم. يېنىمدا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي تۇرغان ئازابلىق ئەسلىمىلىرىمنى ئاشۇ ئۇلۇغ دېڭىزغا چېچىۋەتتىم.
رېئاللىقىم قاپقارا كۈلگە پۇچۇلىنىپ كەتتى. ئويغاق ھېس-تۇيغۇلارنى مۇزلىتىپ ئۆلتۈرگۈچى ئېچىنىشلىق بىر ئاۋاز روھىيىتىمگە تارالدى. ئۇنىڭ مېنى يېمەكچى بولۇپ يۇلقۇنۇۋاتقان سۈكۈتلۈك ھالىتىدىن چىقىپ كەتتىم. رېئاللىقىمدىن مەڭگۈلۈك چىقىپ كېتىش مېنىڭ ئاخىرقى تاللىشىم ئىدى. ئۇنىڭغا باغلانغان كەچمىشىمنى مەجبۇرى كەلمىشكە يۈزلەندۈردۈم. كۆز ئالدىمدا ياپيېشىل بىر زامان ماڭا قاراپ تەبەسسۇم بىلەن كەلدى. ئۇنىڭ ئالدىغا مەردانە قەدەملەر بىلەن باردىم. ئۇ ماڭا تالاي ھېكمەت ۋە قىممەتلەرنى سوۋغا قىلدى. ئۇنىڭ ئىسسىق قوللىرىدىن تارىغان ھارارەت ۋۇجۇدۇمنى ئىللىتقىنىدا رېئاللىقىمنىڭ بۈگۈنىگە تەسلىم بولدۇم.

3
يېڭى بىر كۈنۈمنىڭ تۆكۈلۈۋاتقان كۈلكىسى جاھاندىكى ھەممە بارلىقتىن يېڭى ئىدى. ئۇنى كۈتۈۋاتقان بىتاقەتلىك تۇيغۇلىرىم قەلب قاقاسلىقىمدىكى ئاخىرقى ھاياتنى كۆرگەن يېڭى بىر سەيياھ ئىدى. ئۇنىڭ يېڭى كۈنۈمنىڭ كەلمىشىگە ئۇلانغان ئۈمىدى يېپيېڭى ئىدى. ئۇنىڭ يېڭى كۈنۈمگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن باغلانغان ئارزۇلىرىمۇ يېڭى ئىدى. ئۇنىڭ يىڭى كۈنۈمگە ئۇلانغان ئارمانلىرى ھەر قېتىم يېڭىلانغاندا پورەكلەپ ئېچىلاتتى. تۇيغۇلىرىم يېڭىلىنىپ بارغانچە رېئاللىقمۇ ماڭا كۈلۈمسىرەپ قارىدى.
يېڭى كۈنۈمنىڭ پاكىز باغرىغا سىڭىشكە باشلىغان قىممەتلىك دەقىقىلىرىم ھاياتىمغا يېڭى ئىستەكلەرنى ھەدىيە قىلدى. ئىستەكلىرىمگە ئاستا-ئاستا سىڭىۋاتقان كۈيلەرنىڭ ئاۋازىمۇ يېڭى ئىدى. ئەجدادلىرىمىزنىڭ مەنىۋىيەت ئۈگۈتلىرى روھىيەت بوشلۇقۇمدا تىنىپ كەتكىنىچە ھاياتلىق كەچمىشلىرىمدە قايتىدىن نۇرلىنىپ، بۈگۈنۈمگە يېڭىدىن-يېڭى كۈيلەرنى ھەدىيە قىلماقتا. تۇيغۇلىرىمنىڭ سۈزۈك چەشمىلىرى قەلب بېتىمدە ئاساۋ ئاتتەك چاپچىماقتا. ھەر كۈنى سەھەردىكى يېڭى بىر روھ بىلەن تۇغۇلۇشۇم تەسۋىرسىز شادلىق بىلەن كۈنلىرىمنى يېڭى بىر ئەتىلەرگە باشلايتتى. يېڭى كۈنۈمنىڭ پايانى سەھەر قۇياشىنىڭ كەڭرى باغرىدەك يېڭى ئىدى.
ئىلكىمدىكى تامامىي بارلىقىمنى ئىشتىياق بىلەن قۇرۇقدىدىم. روھىي ئالىمىم ئۇزاق يىل ئاپتاپقا قاقلانغان پاختىدەك يېنىكلىدى. ئۆزۈمنى يېڭى كۈنۈمدە ئىنتايىن يېنىك ھېس قىلدىم. ئۆزۈمگە قايتا نەزەر سالدىم. كەلمىشىم پۈتكۈل ھاياتىمغا گۈپۈلدەپ پۇراق چېچىپ تۇرغان يېڭى بىر باھار بولۇپ تۆكۈلەتتى.

بۇ نەسر «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 2-سانىدا ﺋﯧﻼﻥ قىلىنغان.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ