نويابىر 21, 2024
مەن پەلەستىن

توزۇغان چۈش
نەسر
ئابابەكرى ئابدۇقادىر
1
كۈنلەردە ھېچبىر يېڭىلىق يوق ئىدى. ئۈلۈشكۈن تۈنۈگۈنگە، تۈنۈگۈن بۈگۈنگە توختاۋسىز ئالمىشىپ تۇراتتى. تەبىئەت ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە بىر كۈندىن كېيىن يەنە بىر كۈننى كۈتۈۋالاتتى. قۇياش ئۆز مەرھەمىتىنى ھەممىگە مېھرىبانلىق بىلەن تەكشى ھەدىيە قىلاتتى. يوللار ھەر تەرەپكە سوزۇلغان پېتى ھىجراندەك سارغىيىپ ياتاتتى. تەقدىرنىڭ ئەڭ كاتتا يازمىشلىرى رېئاللىقنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن قىسمەتلىرى ئارا تىنىم تاپماي ھەريان يۈگۈرەيتتى. بار بىلەن يوقلۇق ئارىسىدا قىستالغان مەۋجۇداتلار ئۆزى ئۈچۈن زامان-ماكان ئارىسىدا ئاۋارە ئىدى.
مەي بولۇپ پىشقان يالغۇز دەقىقىلەرنىڭ ھۇزۇرى قوينىدا ئەتراپىمدىكى ھەرخىل گۈزەللىكتىن ئۆزۈمگە تېگىشلىك نېسىۋەمنى ئالاتتىم. تەبىئەتنىڭ نامرات ئادەمنىڭكىدەك كۈنسېرى سارغىيىۋاتقان چىرايىغا ھەرخىل تۇيغۇلاردا نەزەر سالاتتىم. باياۋانىمدا ياڭراپ تۇرغان مۇزىكىلار بەھرىدە لەرزان ئەللەيلىنەتتىم.
قەلب خانەمدىكى كىچىككىنە ئۈمىد تال-تال نۇرىنى ئايىماي تۆكەتتى. ئۇنىڭ ئىنايىتى بىلەن يورۇقلۇققا ئورۇلۇپ تۇرغان پىنھان خانەمدە تەنھا ئولتۇرۇپ، يىتىمسىراپ كەتكەن يۈرىكىمنى قوش قوللاپ ئاشۇ يورۇقلۇققا قاقلايتتىم. ئاشۇ يورۇقلۇقنىڭ روھىيىتىمنى سەھەردەك سۈزۈك يورۇتۇشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. بولمىش سول قوۋۇرغامدىن مەزگىلسىز ئايرىلىپ قالغان ئارزۇلىرىمنىڭ چېچەك ئاچماسلىقى مېنى غېرىبلىق قوينىغا ئەسىر قىلىشقا تىرىشاتتى.

2
ئۆز دۇنيارىمدا سەيلىدە ئىدىم. خىيال قۇشۇم قەلب خانەمگە پۈتۈلگەن ئەستىلىكلەرنى ۋاراقلايتتى. يۈرىكىم كەچمىشلەردىن تۆكۈلۈۋاتقان مۇزىكىلارغا ياندىشاتتى.
تۇيۇقسىز يانفونۇم يېنىك سايرىدى. خىياللىرىم تېرىقتەك چېچىلىپ كەتتى. يانفوندىن ئاستا لەيلەپ چىقىۋاتقان مۇزىكا قۇلاقلىرىم ئارقىلىق يۈرىكىمگە ئېقىپ كىرىشكە باشلىدى. يۈرىكىم مۇزىكا سېھرىدىن پەيدا بولغان تاتلىق ھېسلار ئىلكىدە تېلېفوننى قۇلىقىمغا تۇتقۇزدى. تېلېفون ئېكرانىدا ماڭا ياق، يۈرىكىمگە تونۇش نومۇر ماڭا كۆز قىسقاچ، شوخلۇق بىلەن ئۇسسۇل ئوينىماقتا ئىدى. ۋۇجۇدۇمغا يامرىغان تاتلىق جۇغۇلداشتىن يۈرىكىم يېنىك تىترەپ كەتتى ۋە تېلېفوننىڭ ئۇلىنىش كونۇپكىسىنى بېسىپ قۇلىقىمغا تۇتقۇزدى. قۇلاق تۈۋىمدە يۈرىكىمنىڭ ئەڭ ئەزىز مېھمىنى بولمىش سول قوۋۇرغام ماڭىلا ئاتاپ ئورۇندىغان بۈيۈك بىر مېلودىيە ياڭرىماقتا ئىدى. تېلېفوندىن بۇلاق سۈيىدەك شىرىلداپ ئېقىپ كىرىۋاتقان مۇزىكا ئېقىمى ھىجران چۆلىدە قاغجىراپ، زاغرا ناندەك چاك كەتكەن يۈرىكىمگە شىپالىق يامغۇر بولۇپ قۇيۇلدى. تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز بىر ھاياجان تومۇر-ھۈجەيرىلىرىمنى زەرەتلىۋەتتى.
بىر پەستىن كېيىن ئۇ ماڭا مۇلاقات ئىشىكىنى ئېچىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. يۈرىكىم يېرىلىپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ، ئۆزىنى مىڭ تەستە تۇتۇۋالدى ۋە شۇ ھامان شادلىق سەيناسىغا كىرىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساماغا چۈشتى.

3
روھلۇق، جۇشقۇن ۋە ئۈمىدۋار قەدەملەر بىلەن ئۇچقىنىمچە خەلق مەيدانىغا كەلدىم. ۋىسال كۈيلەنگەن قايسىدۇر بىر ناخشىغا غىڭشىغاچ بولمىش سول قوۋۇرغام بىلەن تالاي رەت ئولتۇرۇپ دىل بايان قىلىشقان تونۇش ئورۇندۇق يېنىغا كەلدىم. ئورۇندۇقنىڭ ماڭا تالىق تەرىپىدە تىكەندەك يالغۇز ئولتۇرۇپ، ئۇنى كۈتۈشكە باشلىدىم.
كۆز نۇرۇم بازارغا كەتكەن دادىسىنىڭ يولىغا تەلمۈرگەن كىچىك بالىدەك ئۇزاق يوللاردىن كەلمىش بىر سېيماغا زارىقاتتى. ۋاقىت سىقىلىشقا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆزىنى ئۆزى پارە قىلاتتى. يۈرىكىم ئۆزىنى سائەتنىڭ چىكىلدىغان ئاۋازىغا زەرب بىلەن ئۇراتتى. كۆزلىرىم تىنىق ئارام ئالماستىن مىڭ ئادەم ئىچىدىن ئۆزىگە تونۇش بىرىنى ئىستەيتتى. لېكىن يوللار ئوغرى كىرگەن ئۆيدەك قۇپقورۇق ئىدى. كۆز نۇرۇم لىققىدە كۈتۈش ئىچىدە ئاستا-ئاستا خىرەلەشمەكتە ئىدى.
قەلب ئۆيۈمنىڭ ئەڭ پىنھان تەكتىدىكى خىرۇستالدەك چاقناپ تۇرغان كىچىككىنە ئۈمىد ئۆز نۇرى بىلەن قاراڭغۇلىشىشقا باشلىغان دەقىقىلىرىمنى يورۇتۇشقا تىرىشاتتى. لېكىن رېئاللىق بىلەن كۈچ ئېلىشالمايتتى. بارماقلىرىم تېلېفون كونۇپكىسىنى تالقان قىلىۋەتمەكچىدەك ئەلەم بىلەن قاقشىتاتتى. قارشى تەرەپتىن ناھايىتى مۇڭ بىر مۇزىكا ياڭراپ، جاۋابسىز توختايتتى. مۇزىكا يەنە باشلىناتتى، يەنە ئاخىرلىشاتتى. يەنە باشلىنىپ، يەنە ئاخىرلىشاتتى. چەكسىز ئىنتىزارلىققا تولغان كۈتۈش ئالماشمايدىغان مۇزىكىغا ئەگىشىپ ۋاقىتنى غاجىلاپ ئاۋارە ئىدى.

4
پايانى يوق ئۇپۇققا تۇتاشقان يوللاردا كېتىۋاتقان سانسىز مەۋجۇدلۇق ئۆز ماكانىغا ئالدىرايتتى. قۇياش مېنى مەسخىرە قىلغاندەك سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ ئۆيىگە كەتتى. گۇگۇم ھىجراندەك قاپقارا چاڭگىلىنى ئەتراپقا يايدى. چالا ئۈنگەن مايسىلاردەك شالاڭ دەرەخلەر ئارىسىدىن سۇس نۇر تۆكۈپ تۇرغان ئېلېكتىر چىراقلىرى مەيۈس كۈلۈمسىرەيتتى. سائەت ھارماي چىكىلدايتتى. كېچە ئۆز مۇساپىسىنى يېرىم قىلىپ ئۆتتى. تەبىئەت ئۆز ناخشىسى ئىچىدە ئەللەيلىنىپ ئۇيقۇغا كەتتى.
بارماقلىرىم ئاخىرقى رەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى. مۇزىكا ياڭراپ يەنە جاۋابسىز توختىدى. ئىستەكلىرىم چېقىلىپ پارە-پارە بولۇپ كەتتى. چىدىغۇسىز بىر ئازاب يۈرەك-باغرىمنى ئېچىرقاپ كەتكەن ۋەھشىي بۆرىگە ئوخشاش تىتما-تالاڭ قىلىشقا باشلىدى.
ئورۇندۇققا چاپلىشىپ كەتكەن جىسمىمنى مىڭ تەستە كۆتۈرۈپ، ھارغىن قەدەملەر بىلەن ئۆي تامان يول ئالدىم. قاياقتىندۇر بىر مۇزىكا ھازىدار ئادەمدەك تۆكۈلگىنىچە يۈگۈرۈپ كېلىپ، يۈرىكىمنىڭ قان ئېقىپ تۇرغان يەرلىرىگە پاسىلدىتىپ تىغ ئۇراتتى. روھىي دۇنيايىمدىكى بارا-بارا كېڭىيىشكە باشلىغان قاپقارا بوشلۇق ۋەھىمىلىك ھۇۋلاپ، بارلىقىمنى دەم تارتاتتى. ۋىسالغا زارىققان يۈرىكىم زۇلمەت پۇراپ تۇرغان ئاشۇ بوشلۇقتا قان ئىچەر جاللاتلاردەك ئۆزىنى ئۆزى بوغۇزلايتتى. ئۇنىڭدىن ئاققان قان دەرياسى سول قوۋۇرغىسىز قالغان جىسمىمنى يۇتۇۋېتىش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن تولغىنىپ، ئاچچىق سۈرەن سالاتتى.

بۇ نەسر «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 2-سانىدا ﺋﯧﻼﻥ قىلىنغان.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ