(پوۋېست)
ماخمۇت يولۋاس
1
−قاچ! سەمەتباي.
−نېمە بولدى؟
−دەرۋازا تاراقلاۋاتىدۇ.
−ئوھۇ… قەرز ئىگىلىرى كەلدى دېگىنە.
−مۇشۇ كۈنلەردە سېنى باشقا كىم ئىزدەيتتى.
−نەگە قاچىمەن؟
−ھاجەتخانىغا.
−ھاجەتخانا؟!… ئۇ يەرمۇ بىخەتەر بولماسمىكىن.
−ھەرقانچە بولسىمۇ بىرسىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپلا ھاجەتخانىسىغا بارماس ئەمدى.
−ئەخمەق خوتۇن! سەن بىلمەيسەن-دە. باشقىلارنىڭ ھاجەتخانىسىغا كىرىشكە ئامراق ئادەملەر نۇرغۇن دەيمەن.
−سوۋۇتۇپ قويۇپتىمۇ!؟
−ئاستا گەپ قىل. دەرۋازىغا قۇلاق يېقىپ تۇرغاندۇ ئاۋۇ خەق.
−ئۇنداق بولسا ئارقا تامدىن ئارتىلىپ باغ بىلەن سازلىققا قاچمامسەن.
−سازغا؟… بۇ بولىدىكەن. مەن كەتتىم. قالغان گەپنى ئۆزۈڭ بىل. قەرزنى قايتۇرىمىز. ئەمما، ئازراق ۋاقىت بەرسۇن.
−ئوھۇش!… بۇ گەپنى تولا قىلىپ كەتتىمغۇ.
−ئەمىسە، يېڭى بىر گەپ تاپمامسەن.
−تاپاي غوجام.
−تاماكامنى ئالدىم-ھە؟
−ئالدىڭ، ئالدىڭ. يەيدىغان نەرسەڭ تۇرسا ئۇ. ھە… بول… دىپەيدەك تۇرماي. دەرۋازا سۇنۇپ كېتەي دېدى. ئوھۇش… تازىمۇ بىر…
ئايالىم دەرۋازا تەرەپكە، مەن ئارقا تامغا قاراپ يۈگۈردۈم. ئېگىز تامدىن ئۇچۇپ ئۆتتۈممۇ بىلمەيلا قالدىم. پاھ! پۇل تېپىشتا مۇشۇنداق ئۇچىدىغان بولسام-ھە… ئۆيىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى كەنتنىڭ بېغىغا چۈشۈپ، دەرەخلىك ئارىسىدىكى يول بىلەن تۆۋەنگە − سازلىققا قاراپ يول ئالدىم. ئەتراپى كېلول، قارىياغاچ، كۆك تېرەكلەر بىلەن بۈككىدە چۈمكەلگەن مېۋىلىك باغدا قۇشلار بەس-بەستە سايرىشىپ كېتىپتۇ. سايرايدۇ-دە! جانىۋارلار بىر بىرىگە قەرزدار بولۇپ قالمىغاندىن كېيىن… كۆڭلۈم تازا جايىدا بولمىسىمۇ باغنىڭ پەيزى مېنى يەنىلا ئۆزىگە تارتىپ تۇراتتى. ياپيېشىل چىملىق ئېرىقلاردا شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان سۈپسۈزۈك سۇلار، رەڭگارەڭ ئېچىلىپ كەتكەن ياۋا گۈللەر، بىر-بىرىنى قوغلىشىپ كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىۋاتقان كېپىنەكلەر… سېنىڭدە ھاياتنى سۆيىدىغان يۈرەك بولسا روھىڭنى ئۇرغۇتۇپ، ۋۇجۇدۇڭنى مېھرى-مۇھەببەتكە لىق تولدۇراتتى. توساتتىن كېلول دەرەخلىرىنىڭ قاراڭغۇ دالدىلىرىنىڭ بىر يەرلىرىدىن نازۇك قىزنىڭ تاتلىق پىچىرلاشلىرى ئاڭلاندى. ھەي، بۇ باغدا مەھەللىدىكى يىگىتلەرنىڭ قايسى بىرى بۇنداق پىچىرلاشلاردىن ھۇزۇر ئالمىغان دەيسىز؟ مانا!… باغنىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىدىن كۈلكە-چاقچاقلار كۆتۈرۈلدى. ھايال ئۆتمەي دۇتار، تەمبۇرنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى باغنى سېھىرلەشكە باشلىدى. ئاشۇ سېھىر ئىچىدە بۇلبۇللار خۇدىنى يوقىتىپ سايرىشاتتى. «ھەي، ئازاتكاملار پەيزى قىلىۋېتىپتۇ-دە!» دەپ تامىقىمنى چېكىپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتىم. مانا، بۇ ھايات! كۈنلەر مۇشۇنداق ئۆتىدۇ.
بۈگۈن ھېلىمۇ قەرز ئىگىسىنىڭ چىرايىنى كۆرۈشتىن خۇدايىم ساقلىدى. بولمىسا، نېمە دەپ بېزىرىپ تۇرار بولغىيتتىم. كەلگىنى قايسىكىنا؟ مەن، دەپ ئاۋازىنىمۇ چىقارماس بولىۋالدى. كېلىپلا دەرۋازىنى ئۈن-تىنسىز قاققىلى تۇرغان. بۈگۈنكى چوقۇم ھەمرا…
سىزىق! كاساپەت… سىزىپ قويغان سىزىقىدىن ئۆتكۈزمەيدۇ-دە! چارت بولۇپ قالارمۇ دېمىگەن ئادەمنى. تۇرسۇن بېلىققۇ ئۈرۈمچىگە كەتكەن. بىر نەچچە ۋاق قۇلاق تىنچ. بەكرىمۇ تېخى تۈنۈگۈنلا قاققان. بۈگۈن يەنە قېقىپ يۈرمىگەندۇ-ھە؟… ھەي، ھېكايە ئاڭلاشقا ئامراق قېرىنداشلىرىم. يەنە ماۋۇ سەمەتباي دېگەن نېمە تازا كاززاپ ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلار-ھە؟ بىر نەچچە يېقىن ئاغىنىلەر كەينىمدىن ئادەم قورقىدىغان گەپ تېپىپ، مېنى سېسىتىپ، كۆڭلىنى خۇش قىلىپ يۈرىدۇ. توۋا! قىزىقكەن بۇ خەق. تۇرمۇشتا بىرەرسىگە قەرز بولۇپ قالماي ياشىغىلى بولامدىكىنا؟ ئەڭ بولمىغاندا ياراتقان ئىگىسىگە قەرز بولۇپ قالىمىزغۇ. قەرز بولۇپ باقمىغانلار بۇنى ھەرگىز چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ناھايىتى كاتتا ئادەم ھېسابلايدۇ. زادى ئادەم دېگەن نېمە؟!… مەنچە بۇ دۇنيادا ياشاپ «ئون تىيىن قەرزىم يوق» دېگۈچىلەرنى تازا نورمال ئادەم دېگىلى بولمايدۇ جۇمۇ. بىلگەن ئادەمگە ھاياتلىقتا ئانچە-مۇنچە قەرز بولۇپ بېقىشمۇ ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ھۇزۇرى بار دەڭلار.
ئۆزۈمگە كەلسەم، مانا، مەن نەق ئۈچ ئادەمگە قەرز. قان قەرز ئەمەس، پۇل قەرز. ئالسا پۇل ئالىدۇ. جان ئالامتى… ھەي، ئامال قانچە؟ ئوقەتتىن زىيان تارتىپ قەرزگە بوغۇلۇپ قالدىم شۇ. يا ئالدامچىلىق قىلىپ پۇلنى خەجلىۋالغان يېرىم يوق. ئۇلارمۇ يامان ۋاقتىدا قەرزنى سۈيلىگىلى تۇردى. بۇ ھەق. بىراق، شۇ تاپتا قولۇمنى كەسسەممۇ قان چىقمىسا… قىلىدىغان ياخشى گەپلەر تۈگىدى. بېزىرىپ تۇرۇشقا يۈزۈم چىدىمىدى. قاچماي قانداق قىلىمەن؟ پۇل تاپقۇچە قېچىپ تۇراي… بۇنداق دەرد ئېيتىۋەرسەم، سەمەتباي تازا بىر كۆك نامرات ئوخشايدۇ دەپ ئىچىڭلار ئاچچىق بولمىسۇن. بارلىقىغۇ بار. ئەمما، ئېغىلدىكى ئۈچ باش ئالا ئىنەكنى ساتالمايمەن. ئايالىم شۇ ئىنەكلەرنىڭ سۈت-قايماقلىرى بىلەن ئۆينى گۈلدەك بېقىۋاتسا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئىنەكلەرنىڭ تېگى ئايالىم زەيتۇنەمنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭكى! ئالا كۆڭۈللۈك قىلالمايمەن. «تىل قىلدا باغلاقلىق، موزاي قوزۇقتا.» پوق يەپ قالدىممۇ بولدى پېشانەمدىن بىر ئۆمۈر كەتمەيدۇ دېگەن گەپ. پاھ!… ۋاھ!… ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارسام ئاستىمغا كۆرپە تاشلاپ «كېلىڭ بالام» دەپ تۇرغىنى بىلەن جاڭگالنىڭ شورى دەڭلا. شور بولا-ھە؟!… بۇرنۇڭنىڭ تۆشۈكىدىن ئاستا-ئاستا ئېقىپ كىرىپ ئىچ-باغرىڭنى قۇرۇتۇۋېتىدىغان شور. پولاتنىمۇ چىرىتىۋېتىدىغان شور. بۇ شورغا جاڭگالدىكى يۇلغۇن بىلەن چاتقال قومۇش چىدىمىسا، ئادەم بالىسى چىدىمايدۇ. شۇڭا ئىنەكلەرنى سېتىش خىيالىنى قىلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن. ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈم ئامال قىلاي…
شۇ خىياللار بىلەن باغدىن چىقىپ، مەھەللىنىڭ ئايىغىدىكى ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان دۆڭلەردە ئېگىز-پەس دەسسەپ پىرقىراپ يۈرۈپتىمەن. دۆڭدە قوي بېقىۋاتقان بىر بوۋاي پادا كالتىكىگە تايانغىنىچە كۆزىنى مەندىن ئۈزمەي قاراپلا قاپتۇ. ھەي، بوۋاي سېنى نېمە ئويلارغا سېلىپ قويغاندىمەن-ھە؟
ئالدىمدىن يېنىك يورغىلاپ ئۆتۈپ كەتكەن بوز تورغاي، شىۋاق ئارىسىدىن بىلەي تاشتەك پارقىراپ ئالدىراش چىقىپ كەلگەن كەسلەنچۈكتىن چۆچۈپ ھاۋاغا پۇررىدە كۆتۈرۈلدى. كۆكتە چىرايلىق سەپ تۈزگەن تۇرنىلار سازلىقتىن، بىنەملىككە قاراپ «قاق، قاق» قىلىپ ئۇچۇپ كېتىپ باراتتى. سەپتىن چۈشۈپ قالغان بىر تۇرنا ھەرقانچە ئۇچۇپمۇ قاتارغا قېتىلالماي ئاۋارە ئىدى. تۆۋەندىكى يىكەنلىك ھازىر ئېتىزلىققا ئايلىنىپ كەتكەن بولغاچقا بىر توپ بېلىق ئالغۇچلار قارا سۇلۇق يىكەنزارلىقنى ئىزدەۋاتقاندەك تىنىمسىز ئايلىنىپ ئۇچۇپ يۈرۈشەتتى. قويچى بوۋاينىڭ قارا ئىتى ئېگىز دۆڭدە تۇرۇۋېلىپ، ئاشۇ بېلىق ئالغۇچلارغا ھەيۋە قىلىپ بار ئاۋازى بىلەن قاۋايتتى. يەر بېغىرلاپ چاڭگىلىشىپ كەتكەن ئاق تىكەنلىك ئارىسىدا چاشقانلار قۇترايتتى…
2
دۆڭ. دۆڭلەر… شىۋاق ھىدى قاپلىغان دۆڭلەر. سېرىق چېچەك ئېچىلغان دۆڭلەر. قويلارنىڭ ماياقلىرى تىللادەك كۆرۈنىدىغان دۆڭلەر. ئەڭ ئېگىز يېرىگە چىقىپ، يىراقلارغا قارىساڭ ئۆزۈڭنى راھەت سېزىدىغان دۆڭلەر. بۇ تۇپراقتا ياشىغان كىملا بولسۇن، دۇنيانىڭ ئەڭ چەت يەرلىرىگە كېتىپ قالسىمۇ بۇ دۆڭلەرنى ھەرگىز ئۇنتالمايدۇ. ئاشۇ دۆڭلەردىكى سان-ساناقسىز قەبرىلەر، تىرىكچىلىك ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپكە تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن ئادەملەرنى يەنىلا ئۆزىگە باغلاپ تۇرىدۇ. قارىماققا ئۆلۈكلەر بىلەن تىرىكلەر ئايرىلىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما، تىنچ تۇرۇپ يۈرىكىڭنى، ۋۇجۇدۇڭنى تىڭشىساڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىسەن. روھلارنىڭ ئەتراپىڭنى چۆرگىلەپ يۈرگەنلىكىنى، سەن بىلەن ھەر ۋاقىت بىللە ئىكەنلىكىنى سېزىسەن. خۇددى قۇش ئۇۋىسىنى ئەگىگەندەك، سۇ ئۆز ئېقىنىغا يۈگۈرگەندەك…
شۇ تاپتا دادام-ئاپام يادىمغا يەتتى. تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە رەھمەتلىكلەرنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلىمىغىنىمغا ئۇزۇن بولۇپ كېتىپتۇ. بىر غېرىچ يەردە تۇرۇپ-ھە؟!… قەبرىلەرنى ئارىلاپ قەبرە بېشىغا كەلدىم. ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقاپ كەتكەن بىر تۈپ جىگدە قاياقتىندۇر ئۇرغان شامالدىن تۇيۇقسىز ئىرغاڭلاپ كەتتى (بۇ بىر تۈپ جىگدىنى دادام رەھمەتلىك يەرلىكىدە ياتقاندا قويغان ئىدىم). يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ قىرائەت قىلدىم. كۆزلىرىم ئېچىشىپ، بوغۇزۇم ئاچچىق بولدى. ئېھ! قەدىردانلىرىم بىز بالىلارنى بېقىپ قاتارغا قاتقۇچە كىملەرگە قەرز بولۇپ، ساماندەك سارغايغان بولغۇيتتۇڭلار-ھە؟ ھايات ۋاقتىڭلاردا تىندۇرما بولۇپ كەتكەن ئىچىڭلارنى بىر قېتىممۇ كوچىلاپ باقماپتىمەن دېسە…
دۆڭلەردىكى باشلىرىنى كۆتۈرەلمەي يەرگە چاپلىشىپ يېتىپ كەتكەن شور قورايلارنىڭ تۇزلۇق ھىدى دېمىقىمنى ئىللىق غىدىقلايتتى. بۇ پۇراق شۇ قەدەر ئۆز ئىدى. بۇ قوراينىڭ پۇرىقىنى ھەر يەردە، ھەر قاچان ئۇنىتالمايمەن. بۇ پۇراق ماڭا مەھەللەمنى، ئاتا-ئانامنى، قېرىنداشلىرىمنى، ئايالىمنى، بالىلىرىمنى، مەڭگۈ قايتۇرغىلى بولمايدىغان بالىلىقىمنى، ئاداشلىرىمنى ئەسلىتىدۇ، سۆيدۈرىدۇ. قەلبىم ئازابقا تولغاندا يىغلىتىپ تۇرۇپ كۈلدۈرىدۇ. بۇ پۇراق بىلەن ئۆزۈمنىڭ كىملىكىمنى تونۇيمەن. بۇ مېنىڭ بايلىقىم…
بۇ يەردە ياتقانلار مەھەللىمىزدە ياشاپ ئۆتكەن ئادەملەر. بالا چاغلىرىمىزدا مۇنۇ كۆرۈنگەن دۆڭدىلا گۈمبەزلەر بار ئىدى. ھازىر دۆڭلەرمۇ قالمىغىلى تۇرۇپتۇ. بىزدىن كېيىنكىلەرنى كونا گۆرلەرنى ئېچىپ، ئاتا-بوۋىسىنىڭ سۆڭىكىنى بىر تەرەپكە يىغىپ قويۇپ قويىدىغان گەپمۇ-قانداق؟ يائاللا!… جىق ئادەملەر ئۆلۈپ كېتىپتۇ جۇمۇ. ئادەم قەبرىستانلىققا كەلسىلا ئۆلۈمنى ئويلاپ قالىدۇ. بولمىسا، مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك قىلىق چىقىرىپ كېتىمىز. ئەمەلىيەتتە ھەر قانچە چاپراقلىساقمۇ ئاخىرى مۇشۇ يەرگە كېلىمىز-ھە؟!…
توختا ئاغىنىلەر. كۈننى قەدىرلىمىسەك، ھاياتلىقنى ئاسرىمىساق بولمىغۇدەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەرز بىلەن كېتىپ، گۆردىمۇ خاتىرجەم ياتقىلى بولمايدۇ ھەقىچان؟…
بۇلتۇر يەرلىكىدە ياتقان ئارۇپكاممۇ ياش ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ خەقلەرنىڭ كېسىكىنى تۆكۈپ، تېمىنى سوقۇپ ئۆمرى ئۆتۈپ كېتىپتىكەن. شۇنچە جان تىكىپ ئىشلەپمۇ قەرزدىن قۇتۇلالماي ئۆلۈپ كەتتى دېسە. ھايات ۋاقتىدا ھالىڭ نېچۈك دېمىگەن ئوغلى رەھمەتلىكنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشنىڭ ئالدىدا جامائەتنىڭ ئالدىغا چىقىپ «دادامدا قەرزى بارلار مېنى ئىزدىسە بولىدۇ، قەرزلەرنى مەن قايتۇرىمەن!» دېۋىدى. ئەل-يۇرت بىردەك «بىز رازى!» دېيىشتى-يۇ. ئەمما جىق گەپ بولدى. تۇپراق بېشىدا مېيىتنى يەرلەپ بولغۇچە قوشنىلىرىدىن بىر نەچچىسى ئارۇپكامنىڭ قاپاقلىرىنى تۈرۈپ تۇرغان بىر تال ئوغلىنى يىراقتىن شەرەتلىشىپ، «ماۋۇ گۇينىڭ دادىسىنىڭ مەھەللىدە كىملەرگە قەرز ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغاندەك…» دەپ قۇلاق يېقىشتى. ئەڭ ياخشىسى قەرز بىلەن كېتىپ قالماي جۇمۇ. قەرز ئىگىلىرى ھەر بىر تۇپراق بېشىغا چىققاندا قەبرەڭگە قاراپ ئالىيىپ قويىدۇ-دە. ئەڭ بولمىغاندا ياتقان يەرلىكىڭنىڭ بېشىغا كەلگەندە پۇتىنى قاتتىقراق بىر نەچچە قېتىم تاپاندىۋېتىپ ئۆتۈپ كېتە…
شۇ كۈنى بىر كۈن ئاچ قورساق دۆڭمۇ-ساي، كۆلمۇ-ساز پىرقىراپ يۈرۈپ، كەچكە يېقىن يەنە شۇ باغدىكى يول بىلەن ئۆيگە قايتتىم. ئايالىم بەلگە ئۈچۈن بىر جۈپ كىيىندۈرۈپ قويىدىغان قوشكېزەك قىزلىرىمنى ئۆگزىگە چىقىرىپ قويغان ئىكەن. ھەي، ئەقىللىق خوتۇن… قىزلىرىممۇ ئارقا تامغا قاراپلا تۇرغان چېغى مېنى يىراقتىنلا كۆرۈپ خۇشاللىقىدا قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ، خاتىرجەم كېلىۋېرىشكە شەرەت قىلدى. قاچاردا ئۇچۇپ ئۆتكەن تامدىن ئىنجىقلاپ تەستە چىقتىم. كىيىم-كېچەكلىرىم ئاپئاق توپىغا مىلىنىپ كەتتى. تامدىن قورۇغا سەكرەپ چۈشتۈم-دە، ئۆزۈمنى دەڭسىيەلمەي يىقىلدىم. بىر كۈن ئاچ قالساڭ پۇت-قولۇڭدا ماغدۇر قالمايدىكىنا؟… ئوڭدا يېتىپ ئۆگزىگە قارىسام قوشكېزەكلىرىم ئېغىزىنى ئالىقىنى بىلەن ئېتىۋېلىپ پىخىلداپ كۈلگىلى تۇرۇپتۇ. شۇ ئارىدا ئالدىغا تارتقان پەرتۇقى بىر تەرەپكە قىيسىيىپ كەتكەن ئايالىم يۇندا چېلىكىنى كۆتۈرۈپ ئارقا تام تەرەپكە چىقىپ قالدى. مېنى كۆرۈپ «ۋاي، ئانىمەي!» دەپ قولىدىكى چېلەكنى تاشلاپلا يېنىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى.
−بايقىساڭ بولمامدۇ.
−بۇرۇنلا مۇشۇ باغ تەرەپكە بىر كىچىك ئىشىك ئېچىپ قويايلى دېسەم ئۇنىماي كەتتىڭ زادى.
−ئوھۇش!… بىر دەرۋازىنىڭ دەردىنى تارتالمايۋاتسا نېمە دەيدۇ ئەمدى… قىزلارغا شوتا قويغۇزماي.
−شوتا قويىدىغان قىزلىرىڭ ئەنە ئۆگزىدە تاماشا كۆرۈۋاتىدۇ.
−شۇ بالىلارنىڭ ئالدىدىمۇ سەتقۇ.
−تولا جېنىمغا تەگمەي تۇر-ھە.
−راستقۇ.
−خوتۇن دېگەن خەقنى…
−ھە، نېمە بوپتۇق؟ تولا چەكچەيمىگىنە، بالىلار كەلدى.
ئايالىم بىلەن قىزلىرىم مېنى يۆلەشتۈرۈپ چايخانا سۇپىسىغا ئېلىپ چىقتى. سۇپىدا يانپاشلاپ يېتىپ بىرىنچى بولۇپ قارىغىنىم قازان بولدى. قورسىقىغا ئامراق ئايالىم تۈگمىدەك تۈگۈپ چۆچۈرە قىپتۇ. دىمىغىمغا رەيھان كۆكىنىڭ پۇرىقى گۈپپىدە ئۇرۇلۇشى بىلەن پۈتۈن بەدىنىم لاسسىدە بوشاپ كەتتى. بىر قىزىم ئۇيەر بۇيەرلىرىمنى تۇتسا، يەنە بىر قىزىم ئارقامغا ياستۇق يۆلىدى. ھەي، مېنىڭ ئامراق پاتەم-زۆھرەلىرىم…
قىزلىرىمنىڭ ئانىسىنىڭكىدەك چىرايلىق كۆزلىرىگە تويماي قارايمەن. قارىغانسېرى ئاشۇ مەسۇم كۆزلەردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلىمەن. نەچچە يىلدىن بېرى ئاشۇ كۆزلەرنىڭ كۈلۈپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئوتقىمۇ، سۇغىمۇ كىرىپ باقتىم… يىقىلدىم. يەنە تۇرۇشۇم كېرەك دەپ ئويلايمەن. ئەمما، يوللىرىمدا قەدەمدە بىر توساقلار… بەزىدە قەدەمنى قاياققا يۆتكىشىمنى بىلمەي قالىمەن. بەلكىم ھاياتلىقنىڭ يولى شۇنداقتۇ!… قورساقتىن ئېشىنمايدىغان ئالتە مو يەر… بىر پاتمان قەرز… تاراقلاۋاتقان دەرۋازا… قاچىدىغان ئارقا تام… كۈندىن-كۈنگە قولدىن چىقىپ كېتىۋاتقان ساڭا تەئەللۇق نەرسىلەر…شاكىلى قېلىپ، مېغىزى خەقنىڭ بوغۇزىغا تاقاشمايلا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆزلىرىڭنى پارقىرىتىپ قاراپ قېلىشلار… ئاچچىقىلا بار… تاتلىقىنى تاپالماسلار… خوتۇنۇڭنىڭ قولىغا قاراپ قالغان بەزەن چاغلاردا، ساڭا چاندۇرماي غادىيىشلىرى…
قىزلىرىمنىڭ يەنە شەيتىنى تۇتتى. بىر بىرىنى نوقۇشۇپ پىخىلداپ كۈلۈشتى. ئۇلار يەنە بالىدە!
−نېمە بولۇشتۇڭ؟−دېدى ئاپىسى ئون ئىككى ياشقا كىرىپ قالغان قىزلىرىغا ئالىيىپ قويۇپ،−قىز بالىمۇ تولا كۈلەمدىغان، سەتلىشىپ.
−سىز كۆرمىدىڭىز ئاپا. دادامنىڭ ئارقا تامدىن ئارتىلغان ھالىتىنى. ئۆگزىدە تۇرۇپ كۆرسە بەك قىزىق بولىدىكەن. ھا… ھا…−دەپ قورسىقىنى تۇتۇۋېلىپ تېلىقىپ قالدى پاتەم.
−ئۆزىنىڭ ئۆيىگىمۇ ئوغرىدەك چۈشۈپ، تاس قالدى پۇتىنى سۇندۇرۇۋالغىلى بىچارە دادام،−دەپ كۆزىگە لىققىدە ياش ئالدى زۆھرە. ئاندىن بوينۇمدىن قۇچاقلاپ يۈزىنى يۈزۈمگە چىڭڭىدە ياقتى. تۇرۇپلا كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ، بوغۇزۇمغا بىرنەرسە قاپلىشىپ قالغاندەك گېلىمدىكى قىرتاق سۇيۇقلۇقنى كۈچەپ يۇتتۇم.
−ھەي، ھەي… بولدى قىلىڭلار،−دېدى سەزگۈر ئايالىم ھەممىمىزنىڭ كەيپىياتىنى دەرھال ئوڭشىماقچى بولۇپ،−داداڭلار بىلەن ئۆي تۇتۇپ، مەن كۆرگەننى سىلەر تېخى كۆرمىدىڭلار. قېنى تامىقىڭلارنى ئىچىڭلار. تاماقتىن كېيىن ناۋات بىلەن سىنچاي ئىچكەچ داداڭلارنىڭ بۈگۈنكى بىر كۈنلۈك تەسىراتىنى ئاڭلايمىز.
−ساڭا ئويۇن بولۇۋېتىپتۇ-دە!−دېدىم قولۇمغا ئەمدىلا ئالغان قوشۇقنى شىرەگە تاققىدە تاشلاپ.
−ئەمدى قايغۇرۇپ جاننى سېلىپ بەرگۈلۈكمۇ،−ئايالىمنىڭ ئاغزى گەپتە، قولى ئىشتا، ئۆزى قازان بېشىدا شىپىرلاپ ماڭاتتى،−سەن قېچىپ كەتتىڭ، مېنىڭ دەرۋازىنى ئېچىپ ھەمراغا نېمىلەرنى دېگەنلىكىمنى ئاڭلىساڭ ھەيران قالىسەن.
−يېڭى گەپتىن بىرنى توقۇغانسەن شۇ.
−بۇداقىسى قالتىس دېگىنە.
−نېمە دېدىڭ؟
−بىز بىلەن بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشىمىز كىم ئىدى؟ ئوقۇۋاتقاندا چاچنى گەدەنگىچە قويۇۋالىدىغان…
−قايسى بوپ كەتتا؟
−ۋاي دەريادىن ئالتۇن چايقايدىغانچۇ.
−ھە، ھە… تەلەت.
−تەلەت بىلەن دەرياغا ئالتۇن چايقىغىلى كەتتى. خاتىرجەم بولۇڭ. بۇدا پۇل تېپىپ كېلىپ قەرزىڭىزنى قايتۇرۇپ بەرمىسە، مانا، مەن قورۇ-جاينى سېتىپ بولسىمۇ قايتۇرىمەن دېدىم. ئەمدى ئۇ سىزىق دېگىنىڭىز خېلى ۋاقىتقىچە ئۆيگە ئىزدەپ كەلمەيدۇ.
ئايالىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كاللامغا نېمىدۇر لىپپىدە كەلدى. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بۇنى نېمىشقا ئويلىمىدىم-ھە؟ توختا، بولمىغاندا بۇ ئامالمۇ بولىدىكەن! قورۇ-جاي ئاتا-ئانامدىن مىراس قالغان. خوتۇننىڭ ھەققى يوق. ئىنەكلىرى ئەنە ئېغىلدا تۇرىدۇ… تاماق ئىچىپ ئولتۇرۇپ، شۇ خىياللار كۆڭلۈمدىن كەچتى. كېچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى.
−نېمە بولدۇڭ؟−دېدى ئايالىم تولا ئۆرۈلۈپ-چۆرۈلۈشۈمدىن ئىچى سىقىلىپ،−ئىچىڭگە بىر نەرسە كىرىۋالغاندەك ئۇخلىيالمايسەنغۇ؟ يا سازدا بىرەرى بىلەن ئىچ پەش تارتىشىپ قالمىغانسەن؟!
−قەرزدارغا كىم قارايدۇ دەيسەن؟
−ھازىر مۇشۇ قەرز بولۇپ قالغان ئەرلەر، باي تۇل خوتۇنلارنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتىدىغان بىر ئىش چىقتى دەپ ئاڭلايمەنغۇ.
−مۇشۇ ئاياللارنىڭ تاپمايدىغان گېپى يوق ھە؟!
−پېشانىمىزدىلا بار سەمەتباي.
−كىمنى دەيسەنوي؟
−مەھەللىنىڭ بېشىدىكى بۇلاق كۆزنىڭ ئۆيىگە شەدىن چىققان ھېلىقى ئادەمگە يىل ئۆرۈلەي دېدى، كەتمىدى. ئاڭلىساق شۇ ئەر ئۈچ بالىسى بىلەن خوتۇنىنى تاشلاپ كېلىۋاپتىمىش…
−خەق بىلەن نېمە كارىمىز. ئۇيقۇڭنى ئۇخلا! تۈزۈۋاتقان پىلانىمنى يوق قىلدىڭغۇ. نەدە بىر يوق گەپنى تېپىپ…
−پىلان!… قانداق پىلان ئۇ؟
−سەن ئۇقمايلا قوي.
−ئوھۇش!… نېمە ئىشىم. ئەتىگەنلىككە بازارغا ۋاق قالماي يەنە… ئۇخلىدىم-ھە. سەنمۇ تولا يوق خىيالنى قىلىۋەرمەي ئۇخلىغىن.
−غېمىڭ بولمىغاندىكىن ئۇخلايسەندە.
−ھە، غەم سەندىلا بار. ئاياللارنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى بىلەمسەن.
−ئەر بولماق ئاسان ئەمەس.
−خوتۇن بولماق ئوڭاي دەيدۇ.
−ئوھۇ!… دەپ كەتكەنلىرىنى مانىڭ…
−سەن ساراڭ بىلەن تەڭ بولغۇچە ئۇيقۇمنى ئۇخلايچۇ.
ئايالىم ھايال بولماي ئۇيقۇغا تەگدى. خېلى ۋاقىتقىچە ئۇنىڭ تاتلىق پۇشۇلداشلىرىنى تىڭشاپ ياتتىم.
3
مەھەللە دوقمۇشىدا ئەتىگەندە ئۆيلىرىدىن بىر چىقىۋالسا، ئۆيىدىكىلىرىدىن بىرەرى تاماققا چاقىرمىغۇچە كۈن پاتقۇچە پاراڭ سېلىشىدىغان بىر نەچچە چوڭلار بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھېزىم تۆگە دەيدىغان ئادەم ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسىلا: «پاھ! سىلەر بىلەمسىلەركىن؟… پۇستان يەردە، پالانچى دېگەن باي بولىدىغان…» ئۆتمۈشتە ئۆتكەن بايلار توغرىلىق سۆزلەيتتى.
−مانا، ئىلگىرى ئۆتكەن بايلاردىن، سىيىتاخۇن باي دېگەن بىرى بارمىش. ئۆزى مال-دۇنياسىنىڭ ھېسابىنى بىلمەيدىغان قىلىقسىز باي ئادەم دەيدۇ. ئاشۇ سىيىتاخۇن باي بالا ۋاقلىرىدا بىر نەچچە ئائىلىلىك يۇرتلۇقىغا ئەگىشىپ مۇزداۋان ئارقىلىق قاشقادىن ئىلىغا چىققان ئىكەن. ئىلىغا چىققان دەسلەپكى يىلى نېمە قىلىشىنى بىلمەي قېقىندى-سوقۇندى بولۇپ يۈرۈپتۇ. جان ساقلاش ئۈچۈن بىر چارۋىدارنىڭ مېلىنى بېقىپتۇ. ئاڭلىسام مۇشۇ سەكسەن بەلدە قويلار بىلەن دۈم يېتىپ، دۈم قوپۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە خىزىر دارىغان ئىكەن. ۋاھ!… خىزىر دارىغان ئادەمنىڭ ئالدىدىن ئالتۇن دېگىنىڭ سۇدەك ئېقىپ ئۆتكۈدەك. ھوشىنى يىغالىغان ئادەم، قولىنى كېسىپ بولسىمۇ قان قىلسا خۇدانىڭ بەرگىنى شۇ…
−ھوي، ھېزىم ئاداش ئاشۇ سىيىتاخۇن باينىڭ ئۇرۇق-جەمەتى ھازىر نەدىكەن زادى؟
− سايۇزغا چىقىپ كېتىپتىكەن.
−ئەمدى ئۇنىڭ قانچىلىكى راست، قانچىلىكى يالغان؟ سەن بىلەن بىز ئۇ باي بىلەن بىللە يۈرمىگەندىكىن بىلمەيمىزدە.
−دادام رەھمەتلىك تۈگمىنىنى ھەيدەپتىكەن.
−لېۋىركامغا باينىڭ بىرەر تال چوكا ئالتۇنى تەگمەپتىكەنما، ھېزىمكا؟
−ئۇ گاھنىڭ بايلىرى دادامدەك يالاڭتۆشلەرگە ياماق بېرەتتىكەن، ياماق! ھېلىقى تۆشۈكى بار ياماق…
−ھەي، ھەي ئاغىنىلەر. بىر خەقلەردىن ئاڭلايمەن. بىر پادىچى يايلاقتا كونا تاۋاقتىن بىرنى تېپىۋېلىپ، تېرىچىگە ئەرزانلا سېتىۋېتىپتۇ. كېيىن ئۇنىڭ ئالتۇن تاۋاق ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ قېلىپ، سۆزلەپ قاپتۇ. بىچارە…
−ھەيتاڭ؟!…
−كوممۇنانىڭ ۋاقتىدا بىزنىڭ ئەترەت ئەمەت باينىڭ جاڭزىسىنى سالا ئېتىز قىلىمىز دەپ تۈزلىگەندە ئەسكى تاملىقتىن نۇرغۇن دۇنيا چىقمىدىمۇ. دېھقانلار بۇلىشىپ كەتكەن. كېيىن ھۆكۈمەت بىلىپ قېلىپ ھەممىسىنىڭ قولىدىكىنى يىغىۋېلىپ خەزىنىگە ئېلىپ كەتتىغۇ.
−شۇ بايلىمۇ جىق دەرد تارتىپ كەتتى.
−باي بولمىغانمۇ ياخشى.
−نېمىسى ياخشى، نېمىسى؟ ساماندەك ساغىرىپمۇ؟
−باي دېگەن كېچىچە غەم يەپ ئۇخلىمىغۇدەك…
−ئاشۇ زامانلاردىمۇ ئەقىللىق، يىراقنى كۆرەر، تىرىشچان ئادەملەر باي بولغان. مانا ھازىرمۇ شۇنداق ئادەملەر باي بولۇپ، ئادەملەرنى ياللاپ ئىشلىتىۋاتىدىغۇ… ئوخشاشلا گەپ.
−ئۇنىمۇ دەيسىلەر، بۇنىمۇ دەيسىلەر. ئۇ خەقنىڭ زۇۋىلىسى چوڭ ئۈزۈلگەن ۋاي!…
چوڭلارنىڭ ئەنە شۇنداق بايلار ۋە بايلىق توغرىلىق قىلىشقان ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ، ئۆزۈمنى ئاشۇ تەلەيلىك بەندىلەر قاتارىدا تەسەۋۋۇر قىلىپ كېتەتتىم. دوقمۇشتىن ئۆيگە كەلگۈچە كاللامنى نۇرغۇن خىياللار گادىرماچ قىلىۋېتەتتى. زادى باي بولغان ياخشىمۇ گادايمۇ؟… ھۆكۈمەتقۇ بارلىق پۇقرانى باي قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ، ھەر خىل ياخشى سىياسەتلەرنى كۆپلەپ تۈزۈۋاتىدۇ بولمىسا… ماڭىمۇ شۇنداق بىر غايىۋى خەزىنە يولۇقۇپ قالسا نېمىمۇ بولۇپ كېتەرمەن-ھە؟ چاتاق! قەرزدار بولۇپ قالغان ياقى يۈرەكتە ماي قالمىدى. مېيى يوق يۈرەك ۋاككىدە يېرىلىپ كېتىدۇ جۇمۇ…
ئادەمنىڭ قولى قانچە قىسقىرىغانسېرى شېرىن خىيالنى شۇنچە كۆپ قىلامدىكىن دەيمەن. تۇرمۇشتا ئاچ-يالىڭاچ قالمىسىلا كۇپايە ئەمەستە؟!… بىز باش-ئاخىرىغا چىقالمايۋاتقان مۇنۇ جاھاننىڭ يەنە تالاي غوۋغالىرى بارغۇ. بەزىدە ياستۇقنى ئېگىز قىرلاپ، ئوڭدامغا چۈشۈپ بىر يېتىۋالسام خىيالدىن باش كۆتۈرەلمەي قالىمەن. قانداقتۇر بىر چۆل-جەزىرىدە كېتىۋاتقىنىمدا سىرلىق خەزىنىگە ئۇچراپ بىر نېمىلەر بولۇپ كېتىمەن… ھاي، ھاي! نېمىسىنى ئېيتىسىلەر؟!… بۇنداق چاغلاردا ئايالىم گېپىنى ئاڭلىتالماي جىلى بولۇپ كېتىدۇ. ئاخىرى بېشىمدىن ياستۇقنى يۇلۇپ ئېلىپ، ئۆينىڭ قايسى بىر بۇلۇڭىغا پىرقىرىتىپ ئاتقاندىلا، بېشىم تامغا تېگىپ ئەسلىمگە قايتىمەن. ئۆزۈمنى يولۋاس تېرىسى ئۈستىدە ئەمەس، ئۆڭۈپ ھالى قالمىغان تېكىمەت ئۈستىدە كۆرىمەن. كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇرغان ئالتۇن-كۈمۈشلىرىم نەگىدۇر غايىب بولىدۇ. مەرمەر تاشلىق ئايۋان-سارايلىرىم كۆك تاماكىنىڭ ئىسى تولغان توپا تاملىق ئۆيلەرگە ئۆزگىرىدۇ. ئالدىمدا ئاجايىپ ناز خۇلقى بىلەن ئەقىلنى لال قىلىپ، جاننى ئالىقىنىغا ئالىدىغان خېنىملار ئەمەس، بەلكى چىرايلىق كۆزلىرى ئەيىبلەش ۋە كۈندەشلىك بىلەن تولغان ئايالىم پەيدا بولىدۇ. شۇئان ئېسىمنى يىغىپ: «يائاللا! ھازىرقى خوتۇنلارنىڭ ئالدىدا بىر ئىشنى قىلماقتا يوق. ئۇنىڭ خىيالىنىمۇ قىلغىلى بولمىغان» دەپ قالىمەن.
−ھۇيت! سەمەتباي. نېمە بولۇۋاتىمىز؟ بۇ ئۆي سوغ كېلىۋاتامدۇ، ئىسسىقمۇ؟−دەپ كۆينەكلىرىنىڭ ئېتەكلىرىنى يىغىپ، ئالدىمدا تۆگە چۆككەندەك چۆكىدۇ ئايالىم.
ئۇنىڭ خاپا بولۇشلىرىمۇ شۇنچە تاتلىق بولمىسا…
−تولا كوتۇلدىما!−دەپ ئايالىمغا چەكچىيىمەن،−مۇشۇ كۈندە پۇل تېپىشنىڭ خىيالىدا كاللىنىڭ قاتۇرمىغان ساق يېرى قالمىدى. سەن نېمە خىيالدا قالدىڭ ئۆزۈڭ-ھە؟
−ھەيتاڭەي؟!…−ئايالىم كۆزلىرىمنىڭ ئىچىگە ئۆتۈك مىخىدەك كىرىدۇ،−سەن پۇل تېپىشنى ئويلاۋاتامسەن ياكى باشقا…
−باشقا؟! نېمە باشقا…
−چەكچەيمە! نېمە سەتلىشىدۇ؟… ئاشۇنداق ئوڭدا ياتساڭ پۇل دېگەننى تازا تاپىسەن. قەرزلەرنى قايتۇرىسەن. سەمەتباي.
−راست دەيسەن. گەپلىرىنى قارا ماۋۇنىڭ… ھازىر سېنىڭ قولۇڭغا قاراپ قالدىم ئەمەسمۇ. سەن ئۆينى بېقىۋاتىسەن. ھامان بىر كۈنى پېشانەمگە تېگەتتى. ئاتا-ئاناڭ بەرگەن ئىنەكلەرنىڭ سۈتى!… شۇڭىمۇ مەن ئۆز ئالدىمغا پۇل تاپاي دېگەن… قىرسىق بېسىپ قالدى… بۇ كۈنلىرىممۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. خەپ! ماۋۇنىڭ گېپىنى دەيمىنا…
−ھوي ئەسكى!… بەك چىدىماس ئىكەنسەن. ئاشۇ گەپلەرنى ئىزا تارتماي ئاغزىڭغا ئالدىڭ-ھە. مەن ساڭا بىرەر قېتىم ئۇنداق دېگەن يېرىم بارمۇ؟
−سەن سېرىق ئاسلان ئاغزىڭدا دېمىگىنىڭ بىلەن كۆڭلۈڭدە چوقۇم شۇنداق ئويلايسەن.
−سەن كاج بىلەن شۇنچە يىل بىر ياستۇققا باش قويۇپ، بىر جۈپ قىزلارنى تۇغۇپتىمەن-ھە؟ دېگەن گېپىڭنى قارا. توخۇنىڭ پوقى!
−ھە، دېدىم، قانداق؟ زادى نېمە دەيسەن؟−ئاخىرى بولالمىغاندا ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ ئايالىمغا ھۈرپىيىمەن. مۇشتلىرىمنى تۈگۈپ تاملارنى ئۇرۇپ قويىمەن. (ئۆزۈڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە قايناپ ئالغان ئايالنى ئۇرماق ئۇنداق ئاسان دەمسىلەر؟) شۇنىڭ بىلەن قازاندىكى قىزىق ماينى داغلىغاندەك گاژ-گۇژ قىلىپ قالىمىز.
ئۆي دېگەندە ئانچە-مۇنچە جېدەل دېگەننىڭ بولۇپ تۇرغىنى ياخشى دەڭلار. كۈندە ئامراقلىشىپ كەتسەڭ تۇرمۇشنىڭ نېمە لەززىتى بولىدۇ دەيسىلەر؟ جېدەل دېگەن بىر ئۆينىڭ تۇز-تەمىنى تەڭشەپ تۇرامدىكىن دەيمەن. مۇشۇ خەقلەر: «ۋاھ!… ۋىيەي… ئۇلار دېگەن شۇنداق ئامراق ئەر-خوتۇنلار. مۇشۇ ۋاققىچە بىر بىرىگە سەن-پەن دېيىشىپ باققىنىنى بىلمىدۇق. ئەر-خوتۇن دېگەن شۇنداق بولسا…» دېيىشىپ، بىرلىرىگە ھەۋەس قىلىشىپ كېتىدىكەن. نەدە ئۇنداق ئىش بولسۇن تۇرمۇشتا؟ ئەگەر شۇنداق ئەر-خوتۇنلار بار دېيىلسە، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى چوقۇم نورمال ئەمەس. يا ئەر چاتاق، يا ئايال… ئىشقىلىپ خەق بىلمەيدىغان بىر يېرى بار. بوران-چاپقۇنى بولمايدىغان باھار بارمۇ؟ مۇز تۇتمايدىغان سۇ… قۇشلار جېنىدا بىر بىرىنى چوقۇشۇپ كېتىدىغۇ!؟ ئايالىمنىڭ ئېغزىدىن سائەت چىقىپ كەتتىمۇ نېمە؟ ھەي، لېۋى تاتلىق، شۇم ئېغىز…
بىر كۈنى ئايالىم بىر ئادەمنى ئۆيگە باشلاپ كىردى. مېھمان خېلى سالاپەتلىك ئىدى. مەن ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ كۆرۈشتۈم. ئايالىم مېھماننى تۆرگە باشلاپ ئاستىغا كۆرپە سالدى. داستىخان راسلاپ چاي قىلدى. چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ مۇڭداشتىم. يېشى خېلى بىر يەرگە بارغان بولسىمۇ، قان تېمىپ، ئاق قاشتېشىدەك پارقىراپ تۇرىدىغان يۈزلىرىدىن ياش يىگىتلەردەك كۆرۈنىدىغان بۇ ئادەمگە ھەيرانمۇ قالدىم. ئىچىمدە، ئۆمرىدە غەم دىدارىنى كۆرگەن نېمە ئەمەس بۇ، دەپ ئويلىدىم. راستتە، غەم دېگەن ئادەمنىڭ چىرايىغىلا چىقىدىغان، قاش-قاپاقتىن ئالىدىغان تۇرسا… مېھمان ئۇياق بۇياقتىن پاراڭ قىلىپ كېلىپ مەقسەتكە ئۆتتى.
−قاراڭ ئۇكام، نېمىگە كىرىپ قالغاندۇ دەپ ئويلىغانسىز-ھە؟ مەن قارامايدىن كەلدىم. تەكتىم مۇشۇ يەرلىك. سىلەر بىلمەيسىلەر. بىز قارامايغا ئىشچى بولۇپ كەتكەندە كىچىك بولۇشۇڭلار مۇمكىن. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئارامغا چىقىمەن. تاغام، ھەدەملەر ناھىيە بازىرىدا. چوڭلارغۇ ئۆلۈپ كەتتى. تۇغقان يوقلاپ كېلىپ، كاللامغا بىر ئوي كىرىپ قالدى. ئايلىنىپ كۆرسەم، بۇ مەھەللىنىڭ مۇھىتى بەك ياخشىكەن. بازارغىمۇ يېقىن. ئادەم قېرىغاندا مۇشۇنداق يەرلەردە ئولتۇرۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى تىنچ، خاتىرجەم ئۆتكۈزسە دەيمەنغۇ. شۇڭا مۇشۇ ئەتراپتا سېتىلىدىغان قورۇ-جايلار بولسا بىرنى ئېلىپ قويايمىكىن دېگەن ئوي بىلەن پىرقىراپ يۈرگەن ئىدىم.
−مۇنداق دەڭ،−دېدىم ئىچىمگە تىنىپ. راست گەپ قىلسام، مۇشۇ كۈنلەردە بىرسىنىڭ ئۇنداق ئۇزۇن سۆزلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. گەپ دېگەننى قىسقا قىلسا. ھازىر دېگەن «مىڭ بىر كېچە» نىڭ زامانىسى بولمىغاندىكىن…
−دەرۋازاڭلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسام مۇنۇ سىڭىل ئۇچراپ قالدى،−دېدى ئۇ بىر پەستىن كېيىن.
ئۇزۇن گەپ يەنە باشلاندىمۇ-نېمە؟ دەپ كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا ئايالىمغا قاراپ قويدۇم. نېمە ئاتىكارچىلىق بۇ خوتۇنغا، ئۆيگە مېھمان باشلاپ…
− «ئۆيدە يولدىشىڭىز بارمۇ؟» دەپ سورىسام، بار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر سۈرۈشتۈرۈپ باقاي دەپ كىرىشىم،−دېدى مېھمان ناھايىتى سىپايىلىك بىلەن سۆزىنى تۈگىتىپ.
ئايالىم ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە لەپپىدە قارىشىپ قويدۇق. ھەر ئىككىلىمىز بىر نەرسىنى ئويلاۋاتقاندەك قىلىمىز. كاللىسى بەك سەگەك خوتۇن-دە! چىرايىدا پۇشايمانغا ئوخشايدىغان بىر ئىپادە ئۆزىنى غۇۋا كۆرسىتىپ قالدى. مەن ئىچىمگە تىنىپ، يا ئاق، يا كۆك دېمەي ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم… قارامايلىق مېھماننىڭ ئۆزى تونۇمايدىغان بىر ئايالدىن «ئۆيىڭىزدە يولدىشىڭىز بارمۇ؟» دەپ سورىغىنى ئەقىلگە سىغمامدۇ نېمە؟ بەڭباش خوتۇننىڭ ھېچ بىر تەپ تارتماي ياتۋاش بىر ئەرنى ئۆيگە باشلاپ كىرگىنى نېمىسى؟… «سەمەتباي ئۆيىنى سېتىۋېتىپ قالارمۇ؟» دەپ چىرايىغا چىقىپ كەتتى بىچارىنىڭ… بۇ مېھمان نېمىشقا شۇنچە ساغلام ۋە ياش چىراي؟… مەھەللىدىن نېفىت چىقمىغاندۇ؟ بۇرۇنقى باي سودىگەرلەر سودا قىلىپ بارغانلا يېرىدە، قورۇ-جاي سېتىۋېلىپ، بولسا خوتۇندىن يەنە بىرنى ئېلىپ، بىر مەزگىل تۇرۇپ، يەنە يۇرتقا قايتىپ كېلىپ، يەنە كېتىپ يۈرەتتىكەن. ھېزىم تۆگە شۇنداقراق بىر ھېكايىلەرنى سۆزلىگەن. بۇ مېھمانمۇ شۇ خىل كويدىكى ئادەم ئەمەستۇ؟ ھازىر مۇشۇنداق ياش چىراي، ئەمما، يېشى خېلى بىر يەرلەرگە بارغان ئادەملەردىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. «كۆتە، ئاناڭنى!» دەيمۇ يا…
ئايالىم چاي قۇيغان بولۇپ، داستىخاننىڭ دالدىسى بىلەن پۇتۇمنى ئاستا تېپىپ قويدى.
شۇ چاغدىلا مېھماننىڭ ماڭا سەل ئەجەبلىنىپ قاراپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بىر ئادەم گەپ سوراپ ئاغزىمغا قاراپ ئولتۇرسا خىيالغا كەتكىنىم نېمىسى؟ دەرھال تاماكا تۇتاشتۇرغان بولۇپ ئۆزۈمنى ئوڭشىدىم.
−قانداقراق قورۇ-جاي ئالاي دېۋىدىڭىز؟
مېھمان شۇ زامان جانلىنىپ، ئورنىدىن قىمىرلاپ قويدى.
−مۇشۇ سىلەرنىڭ قورۇ-جايدەك بولسىلا بولاتتى.
−مەسىلەنگە،−دېدىم ئىتتىك ئايالىمنىڭ كۆزىگە قاراپ قويۇپ،−مۇشۇ جاينى قانچىگە ئالالايسىز؟
−چاقچاق قىلماڭ ئۇكام.
−چاقچاق ئەمەس ئاكا. تۇرۇپلا بىر ئويغا كېلىپ قالدىم دەڭا.
−سىز ساتمايسىزدە.
−بۇنىڭغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. كىم بىلىدۇ. بۇ جاي سىزنىڭ رىزقىڭىزمۇ تېخى. ئويلىمىغان يەردىن ئايالىم سىزنى ئۆيگە باشلاپ كىرىپتۇ. رىزقى غايىب دېگەن گەپ بارغۇ.
−ئەگەر راستتىنلا ساتسىڭىز،−دېدى مېھمان ئايالىمغا خىجالەت ئارىلاش كۈلۈپ قويۇپ،−مۇشۇ بىر چىنە چاينىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن مۇشۇ يەردە بولۇۋاتقان باھادىن تۆت-بەش تەڭگە ئاشۇرۇپ ئالىمەن.
ئايالىم مېھمانغا چاندۇرماستىن بىر نەچچە قېتىم مېنى يەيدىغاندەك ھومىيىپ قويدى. بۇ خوتۇننىڭ ياخشى يېرى، جېنى غىرتتىدە چىقىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ ئەر خەقنىڭ گېپىگە ئارىلاشمايتتى. ئەشەلىرى كاتتا-دە!… شۇڭا ئۆز بېشىمچى بولۇپ ئۆگىنىپ قالدىممىكىن دەيمەن. شۇ تاپتا كاللام يەنە قىزىپ قالدى… قارامايلىق مېھمان بىلەن ئۇنى، بۇنى دېيىشىپ ئولتۇرۇپ، قورۇ-جايىمنى يەتمىش بەش مىڭ سومغا سېتىۋېتىپ قاراپ ئولتۇردۇم. ئايالىم بىلەن ئەمدىلا مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەن قىزلىرىم ياقىسىنى تۇتقىنىچە، ئاغزىنى ئېچىپ، قاراپلا قېلىشتى.
مېھمان شۇ زامان يانچۇقىدىن بەش مىڭ سوم پۇلنى چىقىرىپ ئالدىن زاكىلات بەردى. ھەمدە خوشلىشىپ كېتىپ قالدى. مېھمان كەتكەندىن كېيىن ئايالىم، قىزلىرىم بىلەن بولغان دەتالاشلارنى بىرمۇ بىر سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك. پەقەت ئايالىمنىڭ كەچتە تاماق ئەتمىگەنلىكىنى، قىزلىرىمنىڭ خۇيى تۇتۇپ، ھۇجرىسىدىن چىقماي ئولتۇرۇۋالغانلىقىنى دەپ قويساملا بولا…
قارامايلىق دېگەننىڭ پۇلى جىق بولىدىغان ئوخشايدۇ. مېھمان ئەتىسى سەھەردىلا تاغىسىنى باشلاپ كېلىپ، توختام يېزىپ، يەتتە باغلام پۇلنى ئالدىمغا قويدى. ئاندىن مەن ئۆي تېپىۋالغۇچە ئولتۇرۇپ تۇرسام بولىدىغانلىقىنى دەپ قويۇپلا كېتىپ قېلىشتى. ھېلىقى پۇلنى قولۇمغا ئالغۇچە، بارماقلىرىم تىترەپ كېتىپ، نەچچە باغلىمى يەرگە چۈشۈپ كەتتى. پۇل دېگەننىڭ سۈرى بولىدىكىنا؟!
مۇشۇ كۈنلەردە ھېچ قانداق ئىشنى سىر ساقلىغىلى بولمايدۇ. بىز ئۆزىمىزچە ھېچكىم كۆرمىدى، ھېچكىم ئاڭلىمىدى دەپ يۈرگىنىمىز بىلەن كىملەردۇر كۆزىمىزنىڭ ئىچىگە سىرلىق قارايدۇ. كىملەردۇر بىر بىرىگە قۇلاق يېقىشىدۇ. يەنە شۇنداق بىر ئادەملەر بار. مەھەللىدە بىرەرسىنىڭ قىلدەك سىرىنى بىلىپ قالدىمۇ، بولدى. تاپىنى قىزىپ، غىتىلداپ ماڭىدۇ. ماۋۇ كوچىدىكى گەپنى، ئاۋۇ كوچىغا شۇنداق تېز، ئېقىتماي-تېمىتماي يەتكۈزىدۇ-دە، خۇمارى بېسىقىپ، يەڭگىللەپ قالىدۇ… كونىلارنىڭ «تامنىڭمۇ كۆزى بار» دېگىنى بىكار ئەمەستە! ئېغىز-قۇلاق يامان…
بىر-ئىككى كۈن ئۆتە-ئۆتمەيلا قەرز ئىگىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ھويلىغا كىرىپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭ چىرايلىرى نۇرلىنىپ، كۆزلىرىدىن كۈلكە تۆكۈلۈپ، گەپ-سۆزلىرى بالدەك تاتلىقلىشىپ كەتكەن ئىدى. بۇ گۇيلار ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا كېچە-كۈندۈز پايلاپ يۈردىمۇ-نېمە؟ دەپ ئويلاپ قالدىم.
راست گەپنى قىلسام قەرزلەرنى بەرگۈچە قوللىرىم تالاي تىترىدى. پۇل ئاستا-ئاستا تۈگەۋاتاتتى. چىرايىممۇ تاتىرىپ كەتكەندۇ. قەرز قايتۇرۇش ھەق بولغان تەقدىردىمۇ تەسكەن. پۇلدە… قولۇمدىكى پۇل ئازلىغانسېرى، نېمە پوق يەپ شۇ قەرزلەرنى ئالغان بولغىيتتىم دەپ ئۆكۈنۈپمۇ قالدىم. بولمىسا… ھەي…
ھەمرا سىزىق پۇلىنى يانچۇقىغا مەھكەم سېلىپ، دەرۋازىدىن چىقىۋېتىپ ئايالىمغا خۇشامەتكويلۇق بىلەن ھىجارىدى.
−يامان ئايالكەنسىز. گېپىڭىزدە تۇردىڭىز. قالتىس!… سەمەتباي ئايالىڭنىڭ پېشىدا ناماز ئوقۇساڭ بولغۇدەك…− لېۋىمنى چىشلەپ كۈلۈپلا قويدۇم. نېمە دېگۈلۈك؟ تۆھپە يەنە ئايالىمغا يېزىلدى.
قەرزلەردىن پاك-پاكىز قۇتۇلۇپ قولۇمدا يىگىرمە توققۇز مىڭ سوم پۇل قاپتۇ. بۇ پۇلغا باش تىققۇدەك بىرەر جاي تېپىش كېرەك بولدى-دە! نېمە دېگەن بىلەن بولغۇلۇق بولدى. تىرىك جان بولغاندىن كېيىن تالادا قالماسمەن… ئارىلىقتا بۇ ئىشتىن ئۇرۇق-تۇغقانلار خەۋەر تېپىپ، ھەممىسى مېنى ساراڭ، ئەقىلسىزگە چىقىرىپ تەرەپ-تەرەپتىن تالاپ كېتىشتى. توۋا! دەيمەن-دە، نەچچە ۋاقتىن قەرزگە بوغۇلۇپ، دەرۋازىدىن چىقالماي قالغاندا بىرەرى ھالىڭ نېچۈك دېمەيدۇ. ئەمدى قوپۇپ قاينايدۇ دېسە. بۇمۇ يېقىن ئادەملىرىمىزنىڭ ئۆزىنى پەردازلاشتىكى بىر يولىمۇ قانداق؟ بەزىدە، مۇشۇ ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىق دېگەن ئۇقۇمنى تازا چۈشەنمەيمەن.
دەرۋازامنى ئۇلۇغ ئېچىۋەتتىم. خېلىدىن بېرى قاناتلىرى كەڭرەك ئېچىلىپ باقمىغان دەرۋازا ئېچىنىشلىق غىچىرلىدى… قەرزلەردىن قۇتۇلۇپ خېلىلا يەڭگىللەپ قالغان بولساممۇ، ئەمما-زە، نەچچە كېچە تۈزۈك ئۇخلىيالمىدىم. جاينى ساتقان كۈندىن تارتىپ، ھەر كېچىسى رەھمەتلىك دادام بىلەن ئاپام چۈشۈمدىن چىقمىدى. روھ دېگەن ئۇلۇغ بولىدىكەن. جىم ياتمايدىكەن. غايىبلارغا ئىشىنىشنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەق بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك قىلدىم. ئايالىم بىلەن قىزلىرىمدا گۇناھ بولمىغاچقا ھېچنېمە بولمىدى. ئەمما، مەن كۆرگۈلۈكنى كۆردۈم. چۈشۈمدە رەھمەتلىك دادامنىڭ ئېلىك پۇتى ساپلىق تاسما قامچىسىنى باش-كۆزۈمدىن قان بۇقۇلداپ چىققۇچە يېدىم. رەھمىتى ئۆزىنىڭمۇ زەنى ئىتتىك ئادەم ئىدى. يەنىلا ئانا دېگەن-ھە؟!… رەھمەتلىك ئاپامنىڭ يۇمشاق ئالىقانلىرى پېشانىلىرىمنى مېھىرلىك سىلاپ، ياشلىرىمنى سۈرتەتتى…
ئاتا يوللۇق بىر قوشنىمىز بولىدىغان. ئىلمى بار ئادەم ئىدى. ئۆيىگە كىرىپ ھال-مۇڭ بولدۇم.
−ساڭىمۇ ئامال بولماي قاپتۇ بالام،−دېدى ئۇ ئۇچتەك ئاقارغان ساقاللىرىنى سىلاپ ئولتۇرۇپ،−ئاتا-ئاناڭ ئۆزلىرى مىڭ بىر مۇشەققەتتە بىنا قىلغان قورۇ-جاينى ساتقىنىڭغا روھى قورۇنغان گەپ. ئاتا-بوۋاڭدىن قالغان ماكان دېگەن خورىماس بايلىق! ھە… روھ ئۆلمەيدۇ. روھلارنى تىنچلاندۇراي دېسەڭ، قالغان پۇلنى بۇزۇپ-چاچماي، ۋاقتىدا يەر سېتىۋېلىپ ئىككى ئېغىز ئۆي بولسىمۇ تىكلەيدىغان ئىشنى قىل. ساتتىڭ پۈتتى. ھازىرچە ئولتۇرۇپ تۇر دېگىنى بىلەن ۋاقتى كەلسە بىر كۈندىلا قوغلايدۇ. ئادەمگە ھەممىدىن ماكانسىزلىق يامان. ھە، بالام، شۇنداقمۇ-يا؟… ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا زېمىنغا چۈشۈپ كەپە ياساپ ئولتۇرغاندىن باشلاپ، ئىنسانلار شۇ ماكان ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتىمىزغۇ. «ئۆيى يوقنىڭ جېنى يوق» دېگەن گەپ بارغۇ بىزدە. ھە، شۇنداق قىل بالام. پۇل دېگەن پىششىق ئاش. خەجلىنىپ كېتىدۇ.
ئاتا يوللۇق قوشنىمىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىمگە مۆللىدە ياش كەلدى. ئادەم دېگەن بىر ئىشنى كۆرۈپ، بىر ئەقىل تاپىدىكەن…
نەچچە كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايالىم بىلەن قىزلىرىمنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىپ قالدىمۇ، ئىشقىلىپ ئاچچىقلىرى بوشاپ قالدى. يەنە، بۇرۇنقىدەكلا كۆيۈنۈشكە باشلىدى. ئەمما، كوچىدىن ھويلىغا كىرسەملا، بۇ ھويلىدىكى ھەممە نەرسە، تاملار، باغلار، گۈللەر، قۇشلار، ئېغىلدىكى ئىنەكلەر ماڭا ھومىيىپ قاراۋاتقاندەك قىلاتتى. تېنىم شۈركۈنۈپ كېتەتتى. ئۇياتلىق بىر ئىش قىلىپ قويغاندەك ئۆز-ئۆزۈمدىن شۈكلەپ كېتەتتىم. بەزىدە ئىچىمدىكى بىئاراملىقنى قوغلىماقچى بولۇپ، غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ باقاتتىم. بىراق، بۇ ناخشاممۇ ئەمەسلا بىر نېمە بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇۋاپىق يەر ئىزدەپ كوچىغا چىقاتتىم. تىڭتىڭلايتتىم. مەھەللە ئىچىدىكى يەرلەرنىڭ باھاسى ئۆرە ئىدى. مەھەللە سىرتىدىراق يەرلەرگە چىقىپ كېتىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمايتتى. ئەمما، ھەممە ئىشنى قولدىكى پۇل بەلگىلەيدۇ-دە!؟
4
بالا ۋاقلىرىمدا دادام رەھمەتلىك بىلەن سازلىققا چۈشۈپ، تەتىل توشقۇچە چىغىرتماق ئورۇيتتۇق. ئۇ چاغلاردا جاھان ئاجايىپ كەڭرى ئىدى-ھە؟ دۆڭلۈكتىن چۈشۈپ، قومۇشلۇققا بارغۇچە كۆپكۆك دېڭىزدەك دولقۇنلاپ تۇرغان چىغىرتماقلىق ئىدى. ئاچ كۆك ئېچىلىپ كەتكەن چىغىرتماق گۈللىرى ئۈستىدە ھەرە، كېپىنەكلەر ئۇچۇشۇپ يۈرىدىغان. شۇنچە تاشلىنىپ تۇرغان يەرلەرنى مەھەللىدىكى بىرەرى تۆت تامنى سوقۇپ، قورۇق قىلىپ ئايلاندۇرۇۋالاي دېمەيدىغان. ئادەملەر توق ئىدى. گەرچە قورساق تۈزۈك تويمايدىغان چاغلار بولسىمۇ… مانا، ھازىر قورساق توق، كىيىم پۈتۈن. يەنە نېمىشقا شۇنچە ئېچىرقاپ كەتتۇق؟ بۇ نەپسى بالا بىزگە قاچاندىن بېرى چاپلاشتى؟ ئويلىسام ئەقلىم يەتمەيدۇ. گەپكە قايتسام، دادام ھارماي چالغا چاپاتتى. مەن شامالداپ قۇرىغان چىغىرتماقلارنى تىرنا بىلەن يىغىپ ئۈنچىلەيتتىم. بەزىدە ئاشۇ ئۈنچىلەر ئۈستىدە راھەتلىنىپ يېتىپ كېتەتتىم. كېيىنچە ئايالىم بىلەن بىر بىرىمىزگە ئوت-كاۋاپ بولۇپ كۆيۈشۈپ يۈرگەن چاغلىرىمىزدىمۇ ئاشۇ ئېگىز ئۆسكەن چىغىرتماقلار ئارىسىدا كۆرۈشەتتۇق. قانماي مۇڭدىشاتتۇق. تۇيۇقسىز قۇچاقلىشاتتۇق. ئايالىم، قولىغا ئېلىۋالغان چىغىرتماق گۈللىرىنى باشلىرىمغا ئېتىپ تۇرۇپ «يېقىن كەلمەڭ ھە؟!…» دەپ، ئاجايىپ ناز قىلاتتى. چىغىرتماقلىقتا مۆكىمۆكىلەڭ ئويناۋاتقان بالىلار بىزنى ماراپ بەك ئاۋارە قىلىدىغان… ئايالىم بىر كۈن ئاۋۋال ئاشۇ چىغىرتماقلىققا تىقىپ قويغان بوغچىسىنى قولتۇقىغا قىسىپ، تىترەپ تۇرغان قوللىرىنى قوللىرىمغا بېرىپ، ئۆز بەختىنى ماڭا تاپشۇرغان ئىدى. مەن ئۇنى چىغىرتماقلىق ئارىسىدىكى چىغىر يوللار بىلەن ئېلىپ قاچقان ئىدىم. بىز بۇنى مۇھەببەت دەيتتۇق. قايران ياشلىق!… چىغىرتماق غولىدەك كۆك، گۈلىدەك پۇراقلىق، ئۇرۇقىدەك قاتقان ياشلىق… ئەمدى بېشىمىزنى تاشقا ئۇرساقمۇ مەھەللە، سايلار، سازلىقلاردىن ئۇنداق چىغىرتماقلىقنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئادەم ئۆزىدىن نېمە شۇنچە يىراقلاشسا شۇ نەرسە قىممەتلىك ھەم گۈزەل بولىدىكەن…
−بالام، نەچچە يىللاردىن كېيىن بۇ ئەتراپتا ئالىقانچىلىكمۇ يەر قالمايدۇ.
−نېمىشقا، دادا؟
−ئادەملەرنىڭ نەپسى يوغىناپ كېتىدۇ.
−ھە…
ئۇ − يالاڭئاياق بالىلار، دۆڭلەردىكى شور توپىلىق يوللاردا توپا تۈزىتىپ، چاڭلارنى ھۇزۇرلىنىپ سۈمۈرىدىغان چاغلار ئىدى. ئەتىگەندە مەھەللىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن ئات، كالا، ئېشەك، قوي، غازلار خالىغان يېرىدە ئوتلايدىغان چاغلار ئىدى. ئۇسساپ كەتسەك خالىغان ئېرىققا دۈم يېتىپ، قانغۇچە سۇ ئىچسەك بولىدىغان چاغلار ئىدى. سازلىقلاردىن خەقلەرنىڭ ئېشەكلىرىنى تۇتۇپ كېلىپ، بوغۇم-بوغۇم قىلىپ تەرگەن بۇغداي باشاقلىرىنى ھويلىدا خامان قىلىپ، ئېشەكلەرگە دەسسىتىدىغان چاغلار ئىدى. بىرەرى ئېشىكىمنى ئاق قىلىپسەن، كۆك قىلىپسەن دېمەيدىغان چاغلار ئىدى. يىگىتلەر، قىزلارنىڭ باغلارنىڭ شورا تاملىرىنىڭ يېنىدا، بىرى ئۇياقتا، بىرى بۇياقتا تۇرۇپ مۇڭدىشىدىغان چاغلار ئىدى. ئەترەت باشلىقىغا جايلىق يەر دېسەڭ، ئاتتىن چۈشمەيلا «ئاۋۇ يەردىن، ماۋۇ يەرگىچە بىر نېمە قىلىۋال-ھە!» دەپ قامچىسىنىڭ دەستىسى بىلەن كۆرسىتىپ قويىدىغان چاغلار ئىدى…
بىر چاغلاردا ئىگىسىز تاشلىنىپ تۇرغان شور دۆڭلەرنىڭ مۇشۇ كۈنلەردە پۇل بولۇپ كېتىۋاتقىنىنى دەيمىنا. بۇرۇن يۈزۈڭدىكى خالدەك ئېنىق بىلىدىغان مەھەللە ئادەملىرىنى ھازىر بىلەلمەيسەن. كىملەر ئۇ؟… ئەنە ئۇ كىملەرنىڭ تۇغۇلمىغان بالىسىغا ئېلىپ قويغان جايلىق يېرىنى ئون مىڭ سومغا سېتىۋالدىم. قىپقىزىل پۇلنى بەرگۈچە قوللىرىم تىترەپ كەتتى. ھەرھالدا مەن قوشنا بولىدىغانلار، ئاتا كۆرگەن، ئانا كۆرگەن ئادەملەر ئىدى. شۇڭا ئۆزۈمنى ئانچە غېرىبلىق ھېس قىلمىدىم. جايلىق يېرىمگە يازنىڭ يېزىدا، پۇلنىڭ بارىدا ئۆي سېلىۋالاي دەپ ئىش باشلىدىم. باش قاتىدىغان بىر يېرى ئۇزۇن يىللار ئاق تاشلىنىپ ياتقان بىر يېرىم مودەك بۇ جايلىق يەر دۆڭ ھەم ئازگال ئىدى. ھەممە يەرنى يۇلغۇن، ئاق تىكەن، قورايلار بېسىپ كەتكەن ئىدى. بۇ يەرنى تۈزلىمەي ئۆي سالغىلى بولمايدۇ-دە! بىرىنچى قىلىدىغان ئىش يېقىن ئەتراپتىكى كېسەك خۇمداننىڭ توپا تۈرتۈش ماشىنىسىنى ئېلىپ كېلىش بولدى. گۈرۈلدىگەن ئاۋاز چىقىش بىلەن قوشنام ساۋۇر مەزىن ئاستا مېڭىپ يېنىمغا كېلىشكە باشلىدى. بۇ ئادەم تۇنجى بولۇپ ئادەمسىز بۇ شورتاڭلىققا جاي سېلىپ، ئۆز ۋاقتىدىلا خېلى كەڭرى زېمىن تۇتىۋالغان ئىدى. ئۆزىمۇ ناھايىتى دىتلىق ئادەم بولسا كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن مەزىننىڭ ئائىلىسى مەھەللىدىكى ئۇستا بورىچىلاردىن ھېسابلىناتتى. ھەر يىلى قومۇشنى كۆپ ئورۇيتتى. ئۆينىڭ ئالدىدىكى دۆڭلەرگە قومۇشلارنى تاغدەك دۆۋىلىۋېتەتتى. خېلى يىللارغىچە مەزىننىڭ ئۆيى بۇ ئوچۇقچىلىقتا يەككە-يېگانە چوقچىيىپ تۇرغان ئىدى. كېيىن ئەتراپ تېزلا مەھەللە بولۇپ كەتتى.
−ھە، سەمەتباي بالام،−دېدى ساۋۇر مەزىن چىرايلىق ياسىتىۋالغان ساقىلىنى ھەۋەس بىلەن سىلاپ قويۇپ،−ئۆينى باشلاپسەندە.
−شۇنداق ساۋۇر دادا، سىزگە قوشنا بولۇپ قالىدىغان بولدۇم.
−بەك ياخشى بولدى بالام. مەنمۇ بۇ يەرگە قايسى بىر كەلگۈندى ئۆي سالا دەپ ئەنسىرىۋېدىم دېگىنە. مانا، ئۆز بالىمىزكەنسەن. رەھمەتلىك داداڭنى ئۆز قولۇم بىلەن يەرلىكىگە قويغان ئەمەسمۇ مەن.
−باشقا كۈن چۈشۈپ جايدىن ئايرىلىپ قالدىم.
−ئاڭلىدىم. ھەممىسى بۇيرۇق بالام.
ئۇ چاققىچە يەنە بىر يېڭى قوشنام پازىلكاممۇ بىز تەرەپكە كېلىشكە باشلىدى. ئېگىز، قەددى-قامىتى كېلىشكەن بۇ ئادەممۇ يات ئەمەس ئىدى. پازىلكام مەن ئېسىمنى بىلگەن چاغلاردىلا مەھەللىنىڭ پادىسىنى سازلىقتا باقاتتى. مەھەللىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، «پادىچى» دەپلا ئاتايدىغان. يېقىنقى يىللارغا كەلگەندە سازلىق پۈتۈنلەي دېھقانچىلىق يەرلەرگە ئۆزگەرتىلىپ كەتكەچكە، مال ئوتلىغۇدەك يەر قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن پازىلكام پادىچىلىقنى تاشلىدى. مال بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ خېلى چارۋىدار بولۇپ قالدى.
−ھە، ئۇكا، باشلىدىڭ؟
−خۇدايىم بۇيرۇسا.
−ئۆينى قانداق سالاي دەيسەن؟−دەپ پازىلكام خېلىدىن بېرى ئۇستىرا تەگمىگەن، يىرىك قارا ساقاللىرىنى تاتىلاپ ھىجارىدى،−ساڭا قارىغاندا ئۇكا بۇ شورتاڭلىقنىڭ ئېپى-جېپىنى بىز ئوبدان بىلىمىز. ھە، نېمىسىنى ئېيتىسەن؟… شۇنداقتۇ مەزىن ئاخۇنۇم.
−شۇنداق بولماي… بىلىمىز. مانا، مۇشۇ دەسسەپ تۇرغان يەرلىرىمىز بۇرۇن تەمىنات-سودا كوپىراتىپىنىڭ بېدىلىكىنىڭ ئاخىرى بولىدىغان. ئاڭا قارا بالام، بىزنىڭ جەمەتىمىز پۈتۈن سۈرۈك بىر مەھەللىنى بىنا قىلغان. دادام رەھمىتى دەيدىغان «بىز كەلگەندە بۇ تۆڭگىرەكتە مەھەللە يوق، ئەتراپنىڭ ھەممىسى جاڭگال» دەپ. ئۇ چاغلاردا شەگە كىرىدىغان يول مۇشۇ دۆڭلەرنى ياقىلاپ ماڭاتتىكەن. ئۇ يەر، بۇ يەرلەردە بىر نەچچە دەڭ، جاڭزىلار بارتىكەنمىش…
−سەمەتباينىڭ ئۆيىگە كېلەيلى.
−شۇنىڭ بىلەن ئۆينى قانداق سالىدىغان بولدۇڭ؟ ھە… ھە… ئۇمۇ بولىدۇ. مەنچە مۇنداق قىلساڭ…
−ياق، ياق ئۇنىڭدا بولمايدۇ. دۆڭنى ماياققا تۈرسۇن…
قوشنىلىرىم قولىغا بىر تالدىن تاياقنى تۇتۇۋېلىپ، يەرگە جىجىلاپ، ئۆيۈمنى لايىھەلەپ خەرىتىنى سىزاتتى. توپا تۈرتۈش ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ، بىرى ئاياققا دېسە، يەنە بىرى ماياققا دەپ شوپۇرنىمۇ تەمتىرىتىپ بىر يەرگە ئاپىرىشتى.
مۇشۇ جايلىق يەرنى سېتىۋالغاندىن بېرى قالايمىقان چۈشلەرنى تولا كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم. يۈرىكىم تۇرۇپ-تۇرۇپلا ئۆزىچىلا ئەنسىز سوقۇپ كېتەتتى. شۇ تاپتا «ئۆزۈمدىن بىرەر چاتاق چىقمىغاندۇ-ھە؟» دەپ يۈرىكىمنى تىڭشاپ خىيالغا پېتىپ تۇراتتىم. تۇيۇقسىز ساۋۇر مەزىن يېڭىمدىن تارتىپ قۇلىقىمغا جىددىي پىچىرلىدى.
−ئاڭا قارا. تۈرتۈشتى توختات، ئاۋۇنىڭ ھەققىنى بەردە، يولغا سال!
−نېمىشقا؟ ئىش تۈگىمىسە،−دېدىم ھەيران بولۇپ،−ئادەمنى ئېلەشتۈرىۋەتتىڭلارغۇ زادى.
−گەپنى ئاڭلا بالام. ماۋۇ ئەتراپ سىرلىق يەر بالىلىق قىلما.
−نېمە بولدى؟ دېمەمسىلەر.
−ئالدى بىلەن ئاۋۇ ھايدايدىغاننى يولغا سالمامسەن.
ئاڭغىچە پازىلكام توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ، ئارىدەك قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ، شوپۇرنى توختىتىپ بولدى. قوشنىلىرىم جىددىيلىشىپ مېنىمۇ تەمتىرىتىپ قويدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئوتتەك چاقناپ كەتكەن ئىدى. بىر بىرىگە لاپ-لاپ قىلىپ سىرلىق قارىشاتتى. ئۇلار ئۇنداق قىلغانسېرى يۈرىكىم تېخىمۇ ئەنسىز ئېغىپ كەتتى. ھېچ ئىشنى ئاڭقىرالمىغان بولساممۇ شوپۇرنىڭ ھەققىنى بېرىپ يولغا سېلىۋەتتىم. توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ قارىسى يۈتۈش بىلەنلا ئىككى قوشنام تەڭلا تۈرتۈلگەن توپا دۆۋىسىگە قاراپ يۈگۈردى. «ماۋۇ خەققە نېمە بولغاندۇ؟» دەپ يېنىغا باردىم. ئۇلار قوللىرى بىلەن يۇمشاق توپا دۆۋىسىنى كولاشقا باشلىدى. ھەرىكىتى سۇغۇردەك چەبدەس ئىدى. كۆزۈمگە ئۇلار راستتىنلا يوغان ئىككى سۇغۇردەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
−ساۋۇركا بىر نېمىلەرنى كۆرىدىكەن كۆزلىرىڭ-ھە؟
−پادىنىڭ كەينىدە بىر ئۆمۈر يۈرۈپ، كۇمۇتا كىرىپ كەتكەن كۆزلىرىڭگە ئوخشاتقانمىدىڭ.
−ھا… ھا… نېمىسىنى ئېيتىسەن؟ ئوھۇي ئۇكا بۇتتەك قاراپلا تۇرىسەنغۇ، سەنمۇ كولىمامسەن.
−نېمىنى؟
− راستتىنلا كۆرمەپتۇ ھوي مۇنۇ.
−ھازىرقى ياش بالىلارنىڭ خىيالى جايىدا بولمىسا.
−ھوي نەگە كۆمۈلۈپ كەتتا؟
−مەشە، مەشە، مەشەنى كولايلى ساۋۇركا!
−بىرمۇ، ئىككىمۇ؟ پازىل ئۇكا.
−بىرغۇ!
بىر چاغدا ئۇلار توپا ئارىسىدىن ئېغزى ھىم ئېتىلگەن بىر قارا كوزىنى تەڭلا قومۇرۇپ ئېلىشتى.
−دىققەت قىلايلى،−دېدى ساۋۇر مەزىن ئالدى-ئارقىسىغا ئالاڭلاپ قاراپ،−تاس قالدى-دە سەمەتباي ئىشنى بۇزغىلى. ئاۋۇ يۇمۇق شوپۇر كۆرمەپتۇ جۇمۇ.
−كېچە-كۈندۈز خۇمداندا تۈتۇجىنى ھايداۋېرىپ ئۇخلايدىغان بولۇپ قالدى-دە!
−ئاڭا قارا بالام. ئامىتىڭ باركەن، بايلىق!
−بايلىق!؟…
كاللامغا تۇيۇقسىز ھېزىم تۆگىنىڭ خەزىنە توغرىسىدىكى ھېكايىلىرى كەلدى. شۇ زامان ئىككىسىنىڭ يېنىغا مەنمۇ چاپلاشتىم. ئۆچىمىز كوزىنى تەڭ دېگۈدەك كۆتۈرۈپ، تامنىڭ دالدىسىدىكى ئازگالغا چۆكتۇق.
−ئالدىن دەپ قوياي بالىلار. ئۈچىمىز تەڭ كۆردۇق. ئىچىدىكى نېمە بولسا تەڭ بولىدۇ،−دېدى ساۋۇر مەزىن.
−ئىشقىلىپ جايلىق يەر مېنىڭ،−دەپ غۇدۇراپ قويدۇم.
−بالام ھوي، نېمە بولۇۋاتىسەن؟ ئىچىدىكى بىرەر جەسەتنىڭ كۈلى بولۇپ قېلىپ، خىجالەت بولۇپ قالما يەنە. نېمە دېگەن چىڭ ئېتىلگەن ئېغزى بۇنىڭ.
−چوقۇم بايلىق.
−قېنى ئاچايلى.
−گەپ گەپ بولسۇن. ئۈچىمىزگە تەڭ، قانداق سەمەتباي؟ نېمە چىرايىڭنى كۆكەرتىسەن. ھەممىمىزگە بۇيرۇغان گەپ بالام. بولمىسا…
−ئىچىدە بىر نېمە شاراقشىيدىغۇ!؟
−غۇچچىدە تىللا ئەمەستۇ ھە!
−ئىنسانغا تىنىشما!
−ساراڭمۇ؟! بايلىق تېپىۋالغاننىمۇ كىشىگە دەپ.
−ئاستا گەپ قىل. سازدا پادا بېقىۋاتمايسەن.
−ئەكىلە مەن ئاچاي. نېمە گۆرگە مېيىت ئەكىرىۋاتقاندەك ئاۋايلاپ…
−يائاللا! تاقىلداپ كەتكىنىڭنى قارا.
−سېنىڭمۇ يۈرىكىڭ ئاغزىڭغا قاپلىشىپ تىنالماي قېلىۋاتىسەن ساۋۇركا.
−ئېچىلدى! مانا، كۈچى بار ئادەم باشقىچە بولىدۇ.
−بايقا… ھوي بايقا.
كوزىنىڭ ئېغىزى ئاخىر ئېچىلدى. مەن كوزىدىن قويۇق تۈتۈن چىقىپ، چۆچەكلەردىكىدەك دېۋە پەيدا بولامدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. ئەمما، ئۇنداق بولمىدى. قورقۇپ كوزىدىن يىراقلاشماي ئەكسىچە كوزىغا چاپلىشىپ قالدۇق. بايلىق دېگەن ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئوينىتىۋېتىدۇ-دە!
ساۋۇر مەزىن ئىچىدە بىر نېمىلەرنى ئوقۇپ، كوزىنى تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن دۈم قىلدى. ئىچىدىن شاراقشىپ بىر نېمىلەر يەرگە تۆكۈلدى.
−ۋاي ئاناڭنى، يارماقكەن!
ـــ ھەممىسىلىما؟
−ھەئە!
−ئالتۇنمىكىن دېگەنتىم.
−مەنمۇ نەقلا شۇنداق ئويلىغان.
−ماۋۇمۇ پۇلغا يارايدۇ بالىلار. مىس يارماقكەن.
−ئۇنى كىم ئالىدۇ؟
−شەگە كىرگەندە كۆرمىدىڭلارمۇ؟ پوچتىخانىنىڭ ئالدىدا ساپلا مۇشۇنداق كونا زاماننىڭ بىر نېمىلىرىنى يىغىدىغان ئوقەتچىلەر يايما يېيىپ ئولتۇرمامدۇ.
−قانچىلىك بىر نېمە بولا؟!
−ساتقاندا بىلىمىزدە. ئالسا دېگىنە تېخى.
−قاچان ساتىمىز؟
−ئالدىرىمايلى. جىق نەرسىكەن بۇ. بىر يولى كەلسۇن.
−يولى كەلگۈچە ئولتۇرامدۇق؟!
−چوڭنىڭ ئەقلى بىلەن ئىش قىلايلى پازىلكا!
−مۇشۇ ئەتراپتا يەنە باشقا نەرسە بولۇشى مۇمكىن، چاندۇرماي كولاپ باقايلى،−دەپ ساۋۇر مەزىن ئەتراپقا قاراپ قويدى.
−يەنە نېمە بولماقچىدى؟!−دەپ پازىلكام توپا دۆۋىلىرىگە يېنىشلاپ قاراپ كەتتى،−تۇرمامسىلەر. بۇ يەردە ئولتۇرۇۋېرەمدۇ. ماۋۇ ئوقەتنى نەگە جىمىقتۇرىمىز.
−مەن ئۆيگە ئاپىرىپ قويمامدىمەن.
−بولمايدۇ. سەمەتباي بالام. بىزنىڭ بۇ مەھەللىدىكى ئادەملەرنى تېخى تازا ياخشى بىلمەيسەن. گەپ چىقىپ كېتىدۇ.
−خوتۇن بالىلارغىمۇ تىنمايلى جۇمۇ!
−بىزنىڭ ئېغىلغا كۆمۈپ تۇرايلى. ھازىر ئۆيدە خوتۇن-بالىلارمۇ يوق دەڭلار. قانداق بالىلار؟
−ئەمىسە… ساناپ قويايلى،−دېدى پازىلكام ئىتتىك كۆزۈمگە قاراپ قويۇپ،−قانداق دېدىم سەمەتباي ئۇكا؟
−نېمىنى؟−دەپ ئۆڭدى ساۋۇر مەزىن.
−مىس يارماقنى.
−مەن بەش ۋاق ناماز ئادەم. سىلەرگە قارا سانارمەنمۇ. ماۋۇ پادىچىنىڭ گېپىنى قارا.
−ھوي، مەزىن ئاخۇن. خاتا گەپ قىلدىممۇ؟
−ھە بولدى. سەن خاتا گەپ قىلمايسەن.
−يالغانمۇ؟
ئىككىسىنىڭ دەتالاشلىرىغا ھاڭۋېقىپ قاراپلا قالدىم. بىرى ئاتا يوللۇق، بىرى ئاكا يوللۇق ئادەملەر. ئۇلارنىڭ گېپىگە ئارىلاشماي ئۆز خىيالىم بىلەن ئۈن-تىنسىز تۇرۇپ قالدىم. كاللامدا: «بۇ بىر كوزا يارماقنى بۇ يەرگە كىم كۆمۈپ قويغان؟» دېگەن سوئال تىنىمسىز پىرقىرايتتى. بۇ ئىشنىڭ قىزىق يېرى شۇدە…
−سەنچە زادى قانداق قىلىمىز ئۇكا؟−دەپ تۇيۇقسىز سوراپ قالدى پازىلكام،−ئورنىدىن تۇرىۋېتىپ كۆيۈشۈپ كەتكەن پۇتلىرىنى ئۇۋىلاپ،−سېنىڭ دېگىنىڭ ھېساب!
−ھە؟
−نېمە خىيال ھوي؟ سەندىكى تۈگىمىگەن!؟
−ئەمدى، سانىساق سانايلى. ساۋۇر دادام ئىككىمىزدىن چوڭ بولغاندىن كېيىن بىزگە قارىغاندا كۆپ نەرسە بىلىدۇ. بىزدىن ياخشى ساقلايدۇ.
−ماۋۇ گەپ بولىدۇ،−دېدى پازىلكام دەرھاللا،−كۆڭۈل دېگەن ئوچۇق تۇرغىنى ياخشى، شۇنداقتۇ؟
−نېمىسىنى ئېيتىسەن؟ مەزىن ئاخۇنۇم بىزگە قارىغاندا دىلى يورۇق ئادەم.
−ھەق!
يەردە چېچىلىپ تۇرغان يارماقلارنى قوللىرىمىزغا ئالدۇق. بۇ يارماقلارنىڭ بەزىلىرى پارقىراپ تۇراتتى. بەزىلىرى مايلىشىپ كەتكەن بولۇپ يۈزىنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى. بىر-بىرلەپ ساناپ، قايتىدىن كوزىغا قاچىلىدۇق. توپتوغرا مىڭ تال يارماق ئىكەن.
− بىرى ئۇياق يە بىرى بۇياق ئەمەس. مىڭ تاللىغۇ بۇ، قىزىقتە. خاتا بولۇپ قالمىغاندۇ؟
−توغرا سانىدۇق.
−مىڭ ھە؟!
−مىڭ.
−ئاغزىنى ئېتەيلى!
−توختا-توختا. ئىككى-ئۈچ تال ئېلىۋالاي خېرىدار ئىزدىگەندە كېرەك بولىدۇ،−دەپ ساۋۇر مەزىن تۆت تال يارماقنى قويۇن يانچۇقىغا سالدى.
−ئەمىسە، بىز جىممىدە ياتىمىز، خېرىدارنى سەن ئىزدەيسەن جۇمۇ ساۋۇركا!
−بولىدۇ. بۇنداق ئىشلارغا خېلى ئېپىم بار.
−قاتتىق پۇللۇق بولۇپ كەتسەڭ، بىر يەرگە قاچمايدىغانسەن؟!
−ئاڭا قارا، تېگىمىزدىن باي ئۆتكەن خەق جۇمۇ بىز! گىدىككىنە نەرسىگە ئۆزىمىزنى بۇلغىمايمىز.
− چاقچاق قىلىپ قويدۇم.
−ھەي، سەن پادىچىزە…
−بىرەرى كېلىپ قالمىسۇن يەنە، بولۇڭلار!
−راست!
بىز كوزىنى كۆتۈرۈپ، مەزىن ئاخۇننىڭ ھويلىسىغا غىپپىدە كىردۇق. ئېغىلنىڭ بىر بۇلۇڭىدىن چوڭقۇر ئورەك كولاپ، كوزىنى بىر خالتىغا ئوراپ كۆمدۇق. ئۈستىنى چانمىغۇدەك قىلىپ ياساپ قويۇپ، قايتىپ چىقتۇق. ھەممە يېرىدىن شور ئۆرلەپ پۇرقىراپ تۇرغان، كۆرۈمسىز، ئۈنۈمسىز بۇ بىر پارچە زېمىن، ماڭا قاراپ سىرلىق ھىجىيىۋاتقاندەك، قاقاقلاپ كۈلۈۋاتقاندەك، يەنە تۇرۇپلا ئېچىنىشلىق يىغلاۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى. يۈرىكىم تۇيۇقسىز ئېغىپ، ۋۇجۇدۇم تىترىگەندەك بولدى. دەرھال ئىككى قوشنامغا قارىدىم. ئۇلار بىر بىرىگە مەھەللىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى دۆڭلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. تۇرۇپلا ئوڭ كۆزۈم بىلەن سول كۆزۈم ئوخشىماي قالدى. سول كۆزۈمدە چاتاق يوق، ئەمما ئوڭ كۆزۈمگە غۇۋا بىر نەرسە كۆرۈنەتتى. ئاشۇ غۇۋالىق ئىچىدە بىر نېمە مېڭىپ كېلىپ ئوڭ كۆزۈم تەرەپنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئارقامغا كېتەتتى. نېمىلىكىنى زادىلا بىلەلمىدىم.
ئىككى قوشنام دۆڭدە پۇتلىرىنى سوزۇپ ئولتۇرۇپ تېخىمۇ قىزىق پاراڭغا چۈشكەن ئىدى.
−ساۋۇركا مۇنۇ ئېتىزلىقلارنى بۇرۇن بىر باينىڭ قورۇقى دەيدىغۇ؟!
−يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا دېھقانلار ئۆرۈيدىغاننى ئۆرۈپ، كېسىدىغاننى كېسىپ ئېتىزلىقلارغا ئايلاندۇرغان… شۇ چاغدا ئىگىلىرى قورۇقنى تاشلىۋېتىپلا غايىب بولغان ئىكەن.
−ھازىرقى ماۋۇ «بۇتخانا» دەيدىغان دۆڭنىڭ ئەتراپىدا سېپىل بار ئىكەندۇق-ھە. تامنىڭ ئۈستىدە ھارۋا ماڭىدۇ دەمدە نېمە؟
−سېپىل دەرۋازىسى ئالدىدا بازار بولاتتىكەن. يىراق-يېقىندىن نۇرغۇن ئادەملەر كېلىپ سودا-سېتىق قىلىپ تۇراتتىكەن.
−ئۇرۇشمۇ بولغان دەيدىغۇ!؟
−ياق، ياق! ئۇنى مەن ئاڭلىمىدىم. ئەمما دەۋا-دەستۇرلارنى سورايدىغانلارنىڭ سېپىل ئىچىدە يامۇلى بولغانىكەن.
−يارماقلارنى شۇ چاغدا خەجلىگەن دېگىنە!؟
−ئۇ كەملەردە سېرىق مايلىق قەغەزدىن ياسالغان گوۋازا پۇللار، يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن مىس يارماقلار، ئىشقىلىپ ھەرخىل پۇللارنى ئىشلىتىدىكەنغۇ. ئۆلمەيدىغىنى ئالتۇن-تىللادە!…
−راست، بىر نەرسە ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ ساۋۇركا. مۇشۇ پادا بېقىۋاتقان ۋاقتىمدا ياقا يۇرتلۇق بىر ئادەم كېلىپ، نەچچە كۈن مۇشۇ ئەتراپتا نېمىدۇر بىر نەرسە ئىزدىگەن جۇمۇ. ماڭا: «ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئاياغ ئىزى قالغان يەرلەرنى سېغىنىپ، زىيارەت قىلغىلى كېلىۋېدىم» دېگەن ئىدى.
شۇ تاپتا ئۇلار مېنى پۈتۈنلەي ئېسىدىن چىقىرىشتى. بايلىق دېگەنمۇ قىزىق نەرسە ئوخشايدۇ. بىر ئوبدان تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە پالاقلاپ ئۆز ئىشى بىلەن يۈرگەن ئادەملەرنى ھەر كويلارغا سالىدىغان. بەزىدە پەدىنى تەڭشەپ، بەزىدە پەدىنى تەڭشىمەي چالىدىغان.
5
ئۆي سېلىش ئۈچۈن جىددىي تۇتۇش قىلغان ئىدىم. جايلىق يېرىمدىكى دۈمچەك دۆڭدىن بىر كوزا يارماق چىقىپ ھەممە ئىشنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ئادەم دېگەن بەزىدە ئۆزىنى باشقۇرالماي قالىدىكەن. مۇنۇ ئىككى قوشناممۇ بىر تۈزۈك ئادەملەر ئىدى. غەلىتىلا بولۇپ قالدى دېسە… ئەتىسىدىن باشلاپ گۈرجىكىنى كۆتۈرۈشۈپ جايلىق يېرىمنىڭ ئەتراپىنى ئالا قويماي ماتكوشلىغىلى تۇردى. بەزىدە ئۈچىمىز خۇددى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ خادىملىرىدەك چوڭقۇر خىياللارغا غەرق بولاتتۇق. ئاخىرى پازىلكام گۈرجەكنى تاشلىدى.
−يەنە نېمە بولماقچىدى؟ دېسەم ئۇنىمايسىلەر-دە! بۇ ئاشۇنداق بىر تاسادىپىي چىقىپ قالغان نەرسە.
−ئەمدى، بالىلار، ھېچنېمە دەپ بولمايدۇ.
−بولدى. سەمەتباي ئۇكا، تولا تاما قىلماي ئۆينى باشلا. ساۋۇركاممۇ نەچچە ۋاق نامىزىنى ئۇنتۇپ قالدى-دە. ھە، نېمىسىنى ئېيتىسەن؟!
−سەنمۇ ئېتىزغا چۆپ ئورۇغىلى بارمىدىڭغۇ؟
−ھا… ھا… شۇنى دەيمىنا.
تۇرۇپلا يەنە ئوڭ كۆزۈم بىلەن سول كۆزۈم ئوخشىماي قالدى. سول كۆزۈمدە چاتاق يوق. ئەمما، ئوڭ كۆزۈمگە غۇۋا بىر نەرسە كۆرۈنەتتى. ئاشۇ غۇۋالىق ئىچىدە بىر نېمە مېڭىپ كېلىپ، ئوڭ كۆزۈم تەرەپنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئارقامغا كېتەتتى. نېمىلىكىنى زادىلا بىلەلمىدىم.
−بۇ يەرگە ئۆي سالسام قانداق بولا؟
−ھوي، نېمىگە ئۇنداق دەيسەن بالام؟
−ئەمدى شۇ، كۆزۈمگە بۇ يەر بىر قىسمىلا كۆرۈنىدۇ دەيمەن-دە.
−ھا… يوق گەپنى قىلماي جايىڭنى سالىۋە!
−ماڭا سېتىپ بېرەمسەن يا؟−دېدى پازىلكام كۈلۈپ كېتىپ،−چوڭقۇرراق يەرلىرىدىن يەنە بىر نېمىلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى…
−نەچچە يىلدىن بىكار تۇرسا ئالماي، ئەمدى قىزىقىپ قاپسەنغۇ؟
−بىلمىدۇقتە بۇ يەرنىڭ سىرىنى. نەچچە يىلدىن ئىككىلىمىز ئەخلەتلىرىمىزنى تۆكۈپ يۈرۈپتۇق، خىسلەتلىك يەركەن ئەمەسمۇ.
−ئالغان پۇلۇمنى ئون ھەسسىلەپ بەرسەڭ ساتاي!
−چاقچاق ئۇكا! يارماقنىڭ گېپىگە كېلەيلى، قاچان ساتىمىز ئۇنى ساۋۇركا؟
−نېمە ئالدىرايسەن؟ تېخى بازار كۆرگۈدەك بولمىدىم.
−ئالدىرا ساۋۇركا!
−مەنمۇ شۇ غەمدە! سەمەتباي،شېغىل، قۇم، كېسەكلىرىڭنى توشۇپ، ئەتىدىن باشلاپ ئۆيگە تۇتۇش قىل، يارماقنى دەپ ئۆيۈڭ قېپقالمىسۇن!
بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ ئۆي سېلىشقا باشلىدىم. ساۋۇر مەزىن بوش ۋاقىتلىرىدا يارماقنىڭ بازىرىنى تىڭتىڭلاشقا چاپاتتى. بەزىدە پازىلكام ئىككىمىزنى يېنىغا چاقىرىپ:
−تازا خېرىدارى يوق. پۇلغا يارىمايدۇ دېگەنلەرمۇ بار. ھازىرچە ئالدىرىمايلى. ئالدىرىغان شەيتاننىڭ ئىشى. مۇشۇ پات يېقىندا شەگە كىرىپ چىقىمەن،−دەپ ئۇچۇر يەتكۈزەتتى.
پازىلكام ساۋۇر مەزىن يوق يەردە قۇلىقىمغا يەنە باشقىچە پىچىرلايتتى.
−بايلىق سېنىڭ يېرىڭدىن چىققاندىن كېيىن، مەزىن نېمە دېسە، ھە، دەپ سالپىيىپ تۇرما. مەن بىر نېمە دەۋېرەي دېسەم يەنە. ئۆزۈڭ كۆردۈڭ بەزىدە تازا چىقىشالماي قالىمىز. مەن سەل قوپالراق ئادەم. ھە، نېمىسىنى ئېيتىسەن؟ دائىم ئۆلۈك بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئادەم بىر نېمە بىلىدۇ.
ساۋۇر مەزىن پازىلكام ئىككىمىزنىڭ پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقىمىزنى كۆرسىلا ئەرۋاھى ئۇچاتتى. ئۇ شۇنداق ئۆيگە كىرىپ كەتكەن ھامان يېنىمغا شىپىرلاپ مېڭىپ يېتىپ كېلەتتى.
−نېمە دەيدۇ ئاۋۇ پادىچى؟ قۇلىقىڭغا كۇسۇرلاپ كەتتىغۇ.
−بىر دەردى باركەن.
−نېمە دەردى؟
−سىزنى تازا ياخشى كۆرمەيدىكەن، يامان گېپىڭىزنى قىلىپ…
−بىلىمەن. بۇ گۇي ئانچە ھۆرمەتلىمەيدۇ ئادەمنى.
−چاقچاق قىلىپ قويدۇم مەزىن دادا.
−يوشۇرما بىلىمەن. سەنمۇ ئۇنىڭ گېپىگە كىرىپ كەتمە! پادىنىڭ ئايىغىدا چوڭ بولغان يېتىم ئوغلاق ئۇ. ئۇنى ئىككى پۇللۇق قىلىپ قويغان خوتۇنى. كېرەم ئاتۇشلۇقنىڭ قىزى ئەمەسمۇ. ماۋۇ ياغاچ قۇلاققا ئاتۇشلۇقلار بېشى دەۋرەپ قېلىپ بېرىپ سالغان ئاۋۇ قىزىنى.
ساۋۇر مەزىن بىر نەچچە كۈن يوقاپ كەتتى. ئۆيىدىن شەھەرگە تويغا كىرىمەن دەپ چىقىپ كەتكەن ئىكەن. كىمنىڭ تويىغا كەتكەنلىكىنى ئۆيىدىكىلەرمۇ بىلمەيدىكەن. پازىلكام:
−مەزىن ئاخۇن كۆرۈنمەيدىغۇ؟ يارماق پۇل بولاپ قالدىمۇ نېمە؟ ئاشۇ قېرى بىزنى قوياپ كەتمەس-ھە؟−دەپ قوياتتى.
ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ بەزىدە چاقچاق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمەي قالاتتىم.
ساۋۇر مەزىن شەھەردىن چىققان كۈنى مېنى ئاستا شەرەتلىدى. يېنىغا بېرىۋېدىم، ئۇياق، بۇياققا بويۇنداپ قارىۋېتىپ، پىچىرلىدى:
−ھېلىقىنىڭ پۇل بولۇپ قالىدىغانلىقىنىڭ ئازراق يولى چىقىپ قېلىۋاتىدۇ. شەدە ئۆيدىكىلەرنىڭ بىر تۇغقىنى بار دېگىنە. ئاشۇنداق كونا نەرسىلەر بىلەن ھەپىلىشىدىكەن قارا. تاپىلاپ چىقتىم، ئۆزى ئىشەنچلىك بالا، بىر يولى بولسا خەۋىرىنى بېرىدىغان بولدى.
−نېمىگە يوقاپ كەتتىكىن دېسەم، ئەسلى…
−ھە، ھەرقايسىڭنىڭ غېمىنى يەپ. ئاۋۇ گۇيۇڭغۇ ئادەمنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغان قوشنا چىقىپ قالدى. بارمۇ ئۇ؟
−بار. سىزنى ئىزدەپ نەچچە كەلدى يېنىمغا.
−دەپ قوي. ئاغزىغا چىڭ بولسۇن!
−چاتاق يوق، مەزىن دادا!
−ياخشىراق پۇل بولۇپ قالسا بولاتتى-دە بالام.
−شۇنى دەيمەن،−دېدىم خۇشال بولۇپ،−ئۆي سالىمەن دەپ تازا قىينىلىپ قېلىۋاتىمەن. ئازراق بولسىمۇ دال بولاتتى.
−شۇنداق بولماي،ئاۋۇ پادىچى نەدىن ئارا چىقىپ قالدى شۇ كۈنى.
−رىزقى غايىب.
−ئۇغۇ شۇ، يارماقنىڭ ئىشىنى ئايالىڭغا دېمىگەنسەن ھە؟
−ساراڭمۇ مەن!؟ خوتۇن دېگەنگە دەيدىغانمۇ گەپ بار، دېمەيدىغانمۇ گەپ بار.
−ئوغۇل بالا!… ئاڭا قارا بالام، ئەر دېگەن مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك. مۇشۇ كۈنلەردە نۇرغۇن ئەرلەر سىيگەن-چىشقىنىدىن تارتىپ ھەممىنى خوتۇنىغا دەيدىغان لامزەللىلەردىن بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. مۇنۇ مەھەللىدە ئاغزىڭغا سەللا دىققەت قىلمىساڭ، ئازراقلا گەپنى ئاڭلاپ قالدىمۇ، بولدى. ئەر-ئايالنىڭ ھەممىسى ھېكايە توقۇيدۇ. بورا توقۇغاندەك…
−بىزمۇ بوش ئادەم ئەمەس،−دېدىم ساۋۇر مەزىنگە ئۆزۈمنىڭ ساددا ئەمەسلىكىنى ئۆزۈمچە بىلدۈرۈپ قويماقچى بولۇپ، شۇنداق قىلسام يارماقنىڭ ئىشىدا ئالداپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلىدىم.
ساۋۇر مەزىن كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويۇپ كۈلۈمسىرىدى.
−بىلىمىز سەمەتباي! ئەمما، بالام چوڭلارنىڭ ئالدىدا ئالدىراپ ياقا يىرتما! تېخى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئېپى-جېپىنى بىلمەيدىغان ئوقەتتە دۈم چۈشتۈڭ. ئۆزۈڭچە توخۇ بېقىپ… ھە، بوش بولمىساڭ بۇ شورتاڭلىققا نېمە دەپ كەلدىڭ؟ ئاتا-ئاناڭدىن قالغان جايدىن ئايرىلىپ…
ساۋۇر مەزىننىڭ گەپلىرىنىڭ زەربىسىدىن ئۇجۇقۇپ كەتتىم. جامائەتنىڭ ئالدىدا تاتلىق گەپلىرى بىلەن ھەرقانداق ئىشلارنى گۈل-گۈلىگە كەلتۈرۈپ يۈرىدىغان بۇ ئادەمنىڭ تىلىنىڭ ئاستىدا تىل بارمۇ نېمە؟ بىر كوزا يارماق بىلەن بۇ ئادەممۇ زەھەردەك گەپ قىلىدىغان بولدا!؟ ھەي، ئادەم دېگەننىڭ بەزىدە مىجەزى ئۆزگىرىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ…
تۇرۇپلا يەنە ئوڭ كۆزۈم بىلەن سول كۆزۈم ئوخشىماي قالدى. سول كۆزۈمدە چاتاق يوق. ئەمما، ئوڭ كۆزۈمگە غۇۋا بىر نەرسە كۆرۈنەتتى. ئاشۇ غۇۋالىق ئىچىدە بىر نېمە مېڭىپ كېلىپ، ئوڭ كۆزۈم تەرەپنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئارقامغا كېتەتتى. نېمىلىكىنى زادىلا بىلەلمىدىم.
تامچىلار ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. ئۆي دېگەنمۇ بىر توقاي ھەشەم بىلەن پۈتىدىغان نېمىكەن. مۇشۇ كۈنلەردە بار-يوققا يۈگۈرۈپ، ھاردۇق يەتكەن ئىدى. قولۇمدىكى پۇلنىڭ توپىسى ئاسمانغا سورۇلۇپ بولدى. يېتىشمىگەن يەرلىرىگە يەنىلا ئايالىمنىڭ تىقىشتۇرۇپ قويغان پۇللىرى ئەسقاتتى. بۇرۇن ئاتا-ئانامدىن قالغان تەييار ئۆيدە ئولتۇرۇپ ھېچنېمىنى بىلمىگەن ئىكەنمەن. ئۆي سودىسىدا چوڭلارنىڭ: «داداڭدىن قالغان ئۆيمۇ ياكى ئۆزۈڭ سالغان؟» دەپ سورىشىدا گەپ باركەن. ئاخىرى ئۆيمۇ پۈتتى. قارامايلىق مېھماننىڭ تاغىسىغا ئۆينى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، يېڭى جايىمغا كۆچۈپ كېلىۋالدىم. ئايالىم بىلەن قىزلىرىم چوڭ يول ياقىسىدىكى باغۋارانلىق، ئۆزگىچە پۇراقلىق ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ كەلگەچكە، بۇ يېڭى قورۇ-جايغا مېھرى چۈشمىدى. بىر نەچچە كېچە ئۇخلىيالماي يىغلىغانمۇ بولدى. ماڭا يەنىلا قېيىدىشىپ قولىنى ئەگرى قىلمىدى. ئايالىممۇ ئاچچىقىدا ئۆي پۈتكۈچە يېڭى جايغا دەسسەپمۇ قويمىغان ئىدى. ئەمما-زە، جاھان تۇتىدىغان ئايال يەنە باشقىچە بولىدىكەن. نېمە ئامال؟ ئاخىرى سەرەمجان جاھان تۇتۇپ ئۆگەنگەن ئايالىم كوتۇلداپ يۈرۈپ، ھويلا-ئارامنىڭ ئىشلىرىنى قولىغا ئالدى. بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككى قىزىمنى كەينىگە سېلىپ، پۇت قويغۇدەك يەر قالمىغان قالايمىقان ھويلا-ئارامنى رەتلىدى. تاملارنى ئالا قويماي ئاقارتتى.
6
ھەر كۈنى ساۋۇر مەزىننىڭ ھويلىسىدىن تاش تۇلۇقنىڭ دۈپۈرلىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. نېمىدېگەن يانجىپ تۈگىمىگەن كۆپ قومۇش بۇ دەپ قالىمەن. ئۇنى ئاز دەپ بالىلىرىنىڭ DVD نى بار ئاۋازدا قويۇۋېلىپ بورا توقۇشلىرى قۇلاق-مېڭەمنى يەيتتى. يائاللا! مەزىننىڭ ئۆيى بولمايلا قالسۇن… تۇرۇپلا ھويلىدا بىر ئىشلارنى قىلىۋېتىپ قايناپمۇ قالاتتىم. ئامال بار ئايالىم بىلەن قىزلىرىمغا كۆڭلۈمدىكى غەشلىكنى چاندۇرمايتتىم. بولمىسا، پېشانەم ئۆتمە-تۆشۈك بولۇپ كېتە…
−ۋاي-ۋۇي دادا، قانداق خەق بۇ؟
−ھە نېمە بولدى؟
−ئادەمنى ئارامىدا قويمىغان.
−ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە يارىشا تىرىكچىلىك يولى بولىدۇ. ھە، ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ.
−ھەرقانچە بولسىمۇ… سىزمۇ دادا…
ئەمما قوشنىغىمۇ يېتىشكەن ئوخشايمەن. مۇنۇ پازىلكامنىمۇ دەيمەن-دە. ئۆي پۈتكۈچە ماڭا ھېچقانداق بىر قىلىقلىرى بىلىنمىگەن. ئەمدى چىققىلى تۇردى. بىردە ئايالىنى، بىردە كالا-قوي، توخۇ-تۇمانلىرىنى، بەزىدە ھەممىنى ئارىلاشتۇرۇپلا ئېغىزغا ئالغۇسىز تىللار بىلەن ۋارقىراپ، ھويلىنى بېشىغا كىيەتتى.
−ھوي، جالاپنىڭ كالىسى، بىر يەردە بۇقا قاراپ تۇرغاندەك قاچىسەنغۇ، ئاناڭنى!…
−ھەي، قارا خوتۇن. نېمە قىلىۋاتىسەن؟ ساغمامسەن ساغىدىغىنىڭنى!
−ماۋۇ قانجۇق نېمە غىڭشىۋېرىدۇ. ھېلى بىكا!
بۇنداق چاغلاردا قىزلىرىمنىڭ ئالدىدا خىجىل بولۇپ ئۆلەتتىم. مەن قىزلىرىمدىن، قىزلىرىم مەندىن كۆزىنى ئېلىپ قاچاتتى. ئاخىرىغا بېرىپ قىزلىرىم پازىلكامنىڭ ھويلىدا يۆتەلگىنىنى ئاڭلاپ بولغۇچە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى تاشلاپ ئۆيگە بەدەر قاچىدىغان بولدى.
چىدىغۇچىلىقىم قالمىدى. بىر كۈنى كوچىدا پازىلكامنى بىلەكتىنلا تۇتۇپ، چەتكە تارتتىم.
−ھوي، ھوي… نېمە بولدى؟
−ئاغزىڭغا ئىگە بول!
−نېمىگە؟ مەن ھېچكىمگە يارماقنىڭ گېپىنى تىنمىدىم جۇما. مېنىڭ ئېغىزىم ئاچقۇچى يىتكەن قۇلۇپنىڭ ئۆزى دېگىنە ئۇكا.
−مەن ئۇنىڭ گېپىنى قىلمىدىم. سەت تىللىرىڭنى دەۋاتىمەن. بىز قوشنا، خوتۇن-بالىلىرىمنىڭ ئالدىدا سەتكەن.
−ھە… ئانچە-مۇنچە…
ـــ راۋۇرۇسلا!
ـ شۇ، بۇرۇن ئاسمىنى كەڭرى يەرلەر بولغاچقا ئۆگىنىپ قاپتىمەن. نېمىسىنى ئېيتىسەن؟ مېنى قوشنىلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. سەن يېڭى كەلگەچكە بىر قىسىم ئاڭلانغان بىلەن تۆت-بەش كۈن ئۆتسە كۆنۈپ قالىسەن،−دېدى پازىلكام ھىجاراپ، قايناشلىرىمنى پەرۋايىغا ئېلىپ قويماي.
نېمە دەيمەن؟ كۆنۈپ قالدۇق. ھەممىدىن يامان يېرى يامغۇر-يېشىندا بىر-ئىككى كىلو پاتقاقنى سۆرەپلا يۈرىدىغان گەپ بولدى. بۇرۇن دەرۋازىدىن چىقساقلا قاراماي يولغا چىقاتتۇق-تە! ھەي…
بىر كۈنى كەچتە ئەمدىلا ئورۇنغا كىرىپ يېتىپ تۇراتتىم. ئۆينىڭ ئارقا تېمىنى بىرى گۈپۈلدىتىپ ئۇردى. ئورنۇمدىن ئېرىنىپ تۇرۇپ، كىيىملىرىمنى كىيدىم.
−نەگە؟−دېدى ئايالىم ياستۇقتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ.
−بىرى چاقىرىۋاتىدىغۇ.
−جۆيلىۋاتمايدىغانسەن؟ مەن ئاڭلىمىدىمغۇ!؟
−ئارقا تامنى ئۇرۇۋاتىدۇ. بۇ مەھەللىدىكىلەر ئادەمنى مۇشۇنداق چاقىرىدىغان ئوخشايدۇ.
−بۇ كېچىدە كىم چاقىرىدۇ.
−ئىككى قوشنىنىڭ بېرىدۇ ھەقىچان.
−ئەرلەرمۇ؟ يا…
−بىللە چىقمامسەن، كۆڭلۈڭ تىنمىسا!
−ئىشقىلىپ دىققەت قىل. بىزنى تازا تەكشى ئەمەس بىر يەرگە كۆچۈرۈپ ئەكەلدىڭ. ئارقا تامنى ئۇردى دەيسەن. مەن ھېچ بىر ئاڭلىمىدىم،−ئايالىم شۇنداق دەپ قويۇپ، يوتقانغا پۈركۈنۈپ قايتا ئۇيقۇغا تەگدى.
دەرۋازىنى ئېچىپ كوچىغا چىقتىم. بىزنىڭ بۇ كوچا مەھەللىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كوچىسى ئىدى. كوچىنىڭ قارشى تەرىپى دۆڭلەر بىلەن يىراقتىكى قەبرىستانلىققا تۇتۇشۇپ كېتەتتى. دۆڭلەرنىڭ تۆۋىنى ئېتىزلىقلارغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان سازلىق ئىدى. كوچا قاپقاراڭغۇ. ئادەتتىمۇ بۇ كوچىنىڭ كېچىسى بەك سۈرلۈك بولاتتى. يىراقتىكى قومۇشلۇقلاردىن ساز بۇقىسى (كۆل بۇقىسى) نىڭ ئاۋازى كېلەتتى. ساۋۇر مەزىننىڭ ئۆيىنىڭ ئارقىسىدىكى كىچىك دېرىزىدىن سۇس يورۇقلۇق كوچا تەرەپكە چۈشۈپ تۇراتتى. «تېخىچە ئۇخلىماي نېمە قىلىۋاتقاندۇ بۇ مەزىن ئاخۇنۇم؟» دەپ ئويلاپ قالدىم. ساۋۇر مەزىننىڭ دۆڭلۈك مەيداندىكى قومۇشلىرى سازلىق تەرەپتىن كېلىۋاتقان شامالدا تىنىمسىز شىلدىرلاپ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى بىر ئەنسىزلىك ئىچىدە سىقاتتى. تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ ئەتراپقا زەن سالدىم.
−كىم؟!
ئەتراپ جىمجىت. ئادەم باردەك قىلمايدۇ. تۇرۇپلا ئەت-يېنىم تىكەنلەشكەندەك بولدى. ئۆينىڭ ئارقىسىغا قورقۇنچ ئىچىدە قاراپ قويىمەن. ئۆزۈمگە بىرى ئارقا تامنى ئۇرغاندەك بىلىنىپتۇ-دە، دەپ ئويلىدىم. قايتىپ كىرىپ كەتمەكچى بولۇپ دەرۋازا تەرەپكە ماڭدىم. شۇ چاغدىلا قاراڭغۇلۇقتىن بىر ئاۋاز كەلدى. بۇ ئاۋاز باشتا ناھايىتى يىراقتىن كەلگەندەك ئاڭلاندى.
−مەن!
−ساۋۇر داداممۇ؟
−ياق!
−پازىلكام ئوخشىمامسەن؟ كېچىدە ئادەمنى ئۇخلاتماي نېمە تامنى ئۇرۇپ…
−ياق!
−ئەمىسە كىم سەن؟
−ھۈسىيىن دەڭجا.
− ھۈسىيىن دەڭجا؟!−دەپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم. شۇ چاغدىلا ئۆينىڭ ئارقىسىدا بىر قارا كۆلەڭگە كۆرۈندى. تۇيۇقسىز يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ، پېشانەمدىن مۇزدەك تەر پۇرقىراپ چىقىپ كەتتى. مۇشۇ يۇرتتا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ، «ھۈسىيىن دەڭجا» دېگەن بىرىنى زادىلا ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. بولمىسا، ھېزىم تۆگىنىڭ نۇرغۇن ھېكايىلىرىگە قۇلاق سېلىۋېدىم… بەلكىم بىر يەردىن ئېزىپ-تېزىپ كېلىپ قالغان مۇساپىر بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.
−كىمنى ئىزدەيسىز؟
−سەمەتباينى!
−مەندە نېمە ئىشىڭىز بار؟
−قايتۇرۇپ بېرىڭلار! ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭلار!
−نېمىنى؟
−بايلىقىمنى!
−بايلىق؟!… قا… قايسى بايلىقنى؟
−دۆڭدىن چىققان.
−دۆڭ؟ بۇ يەردە دۆڭ دېگەن تولا.
−سەن ئۆي سالغان يەردىن چىققان كوزىلار.
−كوزا؟ قارا كوزا!؟
−دەل ئۆزى!
(بېشى ئالدىنقى ساندا)
−يارماق! ھېلىقى مىس يارماقلار… ھىم… تويە سەمەتباي. ھە ئىگىسى چىقتىمۇ،−دەپ ئىچىمدە غوڭشىپ قالدىم،−نېمە گەپ بولۇپ كەتتى؟ يارماقنى دەمسىز؟
−ئۇ ۋاقتى ئۆتكەن نەرسە.
−بىز پە… پەقەت شۇنىلا تېپىۋالغان.
−ئالتۇن!
−نېمە؟!… بىز ئالتۇن-پالتۇن دېگەننى كۆرمىدۇق. بولمىسا ئەتراپنى خېلى قېزىپ تىمىسقىلاپ باقتۇق.
−ئالتۇن قوشناڭ پازىل پادىچىدا.
−يوق گەپنى قىلماڭە!
−كۆمۈلگەن كوزا ئىككى. بىرى چوڭ، بىرى كىچىك. چوڭىغا يارماق، كىچىكىگە ئالتۇن قاچىلانغان. ھېلىقى مەخلۇق دۆڭنى تۈرۈگەندە توپا بىلەن ئىككى كوزا بىراقلا چىققان، مەزىن پەقەت بىرىنىلا كۆرۈپ قالدى. ئەمما-زە پادىچى ئىككىلىسىنى كۆرۈپ قالغان. سىلەر بىر كوزىنى كولاپ چىقىرىۋالدىڭلار. يەنە بىرسىنى پادىچى شۇ كۈنى كېچىدە سىلەرگە تۇيدۇرماي ئېلىۋېلىپ، جىممىدە يېتىۋالدى. گەپ شۇ.
− نېمە دەيدۇ ماۋۇ ئادەم.
قاراڭغۇلۇقتا ماڭا قاراپ سۆزلەۋاتقان ئۇ ئادەمنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرمىگەن بولساممۇ، تۇرقىدىن ناھايىتى سالاپەتلىك بىر مويسىپىت ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. تۇرۇپلا «شۇنچە سىرلارنى بىلىپ تۇرغان بۇ زادى قانداق ئادەم؟» دەپ ئويلاپ قالدىم. مەن ئادەم بىلەن سۆزلىشىۋاتامدىمەن ياكى جىن بىلەنمۇ؟
−سىز قانداق بىلىپ قالدىڭىز؟ ئۇ چاغدا يېنىمىزدا ئۈچىمىزدىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى . مېنىڭ زادىلا ئەقلىم يەتمەيۋاتىدۇ.
−ئادەملەر ھەممە ئىشتا شۇنداق ئويلايمىز.
−دېگىنىم راستقۇ.
−ئالدى بىلەن گېپىمگە قۇلاق سال!
−ھەممىنى بىلىدىكەنسىز. يارماق مەزىن دادامنىڭ ئېغىلىدا كۆمۈكلۈك. ئالتۇننى پادىچى پوكىنىغا بېسىپ يېتىۋاپتۇ. مېنى ئىزدەپ نېمە قىلىسىز؟ ئاشۇلارنى ئىزدىمەي دەيمەن-دە!
−ھەممە بالانى تاپقان سەن!
−ۋوي، قانداق قىلىپ دەيسىز؟
−ئۆي سالىمەن دەپچۇ!؟
−مەن سالمىسام باشقا بىرى سالاتتى.
−بۇ ئىشقا سەن ئىگە، مەن سېنىلا تونۇيمەن.
−قىزىققۇ سىز؟!… دۇنيانى كۆمۈپ قويۇپ نەلەردە يۈرگەن ئادەمسىز؟ ئەمدى كېلىپ…
−بۇرۇنلا چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن. ۋاقتىدا قايتىپ كېلەلمىدىم. بۇ ئۇزۇن گەپ. ئاڭلىغۇڭ بولسا سۆزلەپ بېرەي…
قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئوتتەك چاقناپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمەن. تۇرۇپ-تۇرۇپلا ھەسرەتلىك تىنىقلىرى يۈزلىرىمگە ئۇرۇنۇپ قالىدۇ. بىر چاغدا ئۇ ئادەم ئارقا تامغا يۆلىنىپ ئولتۇردى. مەنمۇ ئىختىيارسىز يېنىغىلا چۆكتۈم. ھېزىم تۆگىنىڭ بايلىق توغرىسىدىكى گەپلىرىمۇ قىزىق بولىدىغان. ئادەمنىڭ ئىچى پۇشۇپ تۇرغاندا ئاڭلاپ قويسام نېمە بوپتۇ؟
−بىر زامانلاردا،− دەپ پارىڭىنى باشلىدى ھۈسىيىن دەڭجا، تاماكامنىڭ ئاچچىق ئىسىدىن ئۆزىنى سەل قاچۇرۇپ،−« ھۈسىيىننىڭ دېڭى» دېسە بىلمەيدىغان ئادەم يوق ئىدى. دەڭلەرگە يىراق-يېقىن سەھرالاردىن شەگە كىرىپ-چىقىۋاتقان ئات-ئۇلاغلىق دېھقانلار، يولۇچىلار، مۇساپىرلار، بەزىدە يىراق سەپەرلەردىن كېلىۋاتقان سودىگەرلەرنىڭ كارۋانلىرىمۇ چۈشەتتى. قاتار كەتكەن ھۇجرىلار مېھمانلار بىلەن لىق تولۇپ كېتەتتى. دەڭ بەزىدە شە-شەدىن كەلگەن قىمارۋازلار بىلەنمۇ كېچە-كۈندۈز ئاۋاتلىشىپ قالاتتى. قىزىق چاينى دەملەپ قويۇپ، قاپاق چىلىم تارتىپ، سەپەر ھاردۇقىنى چىقىرىدىغانلارمۇ كۆپ ئىدى.
بىر ئوغلۇم بار ئىدى. ئاپىسى تۇغۇتىدا ئۆلۈپ كەتكەن. بالىنى بېقىشتا قىينىلىپ قايتا ئۆيلەندىم. ئوغلۇم چوڭ بولغانسېرى خوتۇننىڭ ئۆگەيلەشلىرى قاتتىقلىشىپ كەتتى. ئۆزى تۇغماس بولغاچقا شۇنداق قىلامدىكىنتاڭ؟! ئىككىسى زادىلا چىقىشالمايتتى. ئوغلۇم بىر كۈنى ئۆيدىن بېشىنى ئېلىپلا چىقىپ كېتىپتۇ. بۇ ئىشلاردىن كۆڭلۈم پاراكەندە بولۇپ يۈرگەن ئاشۇ كۈنلەردە تاسادىپىي بىر تەييار بايلىققا يولۇقۇپ قالدىم. بۇ بايلىقنى خوتۇنغا تىنمىدىم. ئۇنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغلۇمغا قالدۇرىمەن دەپ ئويلاپ، دەڭنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى، دەل سەن ئۆي سالغان چىغلىققا كۆمۈۋەتتىم. بايلىق كۆمۈلگەن يەردە كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدىغان بىر تۈپ يۇلغۇن بار ئىدى. ئۇ يىللاردا جاھاننىڭ ئىشلىرى ھېلىدىن-ھېلىغا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان. ئۇ كەملەردە پۇقرا دېگەن يىلتىزى يوق قامغاققا ئوخشايتتى. تەقدىرنىڭ قۇيۇنلىرى نەمۇ-نە ئۇچۇرۇپ ئاپىرىپ تاشلايدىغان. بىز خەقتىمۇ كۆچ-كۆچ تولا بولۇپ كەتتى. يەنە كېلىپ، يەنە كېتىپ دېگەندەك… شۇ يىللىرى دەڭنى بىرىگە ئېلىشىغىلا سېتىۋېتىپلا، خوتۇننىڭ گېپى بىلەن، ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ رۇس يېرىگە چىقىپ كەتتۇق. چېگرا بەك قاتتىق تەكشۈرۈلىدىكەن دەپ ئاڭلىغاچقا دۇنيانى ئېلىپ كېتىش ئىمكانىيىتى بولمىدى. ئىشلار بەك جىددىي بولۇپ قالدى. بىر كۈنى جاھان بېسىقسا قايتىپ كېلىمەن دەپ ئويلىغان. ئوغلۇم بىلەن بايلىق بۇ تۇپراقتا قالغان تۇرسا. ئاشۇ كېتىشنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇپ قالىدىغانلىقىنى نەدىن بىلەي. شۇ كەتكەنچە ۋەتەنگە قايتىپ كېلىش نېسىپ بولمىدى. ياقا يۇرتلاردا ئېقىپ يۈرۈپ، ۋەتەننىڭ، ئەل-يۇرتنىڭ، جان-جىگىرىم بولغان ئوغلۇمنىڭ دەردىنى ھارغىچە تارتىپ، ئەر-خوتۇن ئىككىمىز قېرىپ ئۆلۈپ كەتتۇق…
−نېمە دەيسىز؟!… سىز… سىز ئۆلۈپ كەتكەنما؟−تۇيۇقسىز جاقىلداپ تىترەپ ئىشتانغا چىقىرىۋەتكىلى تاس قالدىم.
−ۋەتەندىن، ئوغلۇمدىن ئايرىلغاندىلا ئۆلۈپ بولغان ئىدىم…
ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ، ئالدى-كەينىمگە قارىماي ئۆيگە بەدەر قاچتىم.
−ھوي، ھوي! توختا، تېخى گەپ تۈگىمىدى،−دەپ ۋارقىراپلا قالدى ئۆينىڭ ئارقىسىدا ھۈسىيىن دەڭجا.
دەرۋازا ھاڭغىرقاي ئوچۇق قالدى. ئۆيگە بوراندەك كىرىپ ئىشىكنى تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن تەستە ئىلدىم. پۇتلىرىم لاغىلداپ تىترەپ، سۇپىدىلا ئولتۇرۇپ قالدىم. ئايالىم يېنىك پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇنى ئويغىتىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم. قاچان ئىشىك چېكىلىپ قالار دەيمەن. ئارقا-ئارقىدىن پوسۇلدىتىپ تاماكا چېكىپ ئولتۇرۇپ، تاڭنى ئاران ئاتقۇزدۇم. سەھەردە ئورنىدىن تۇرغان ئايالىم ئەپتىمگە قاراپ چۆچۈپ كەتتى.
−ۋىيەي! نېمە بولدۇڭ؟
−ھە… ھېچ…
−چىرايىڭدىن توپا ئۆرلەپ، ئاغزى-بۇرنۇڭغا ئۇچۇق چىقىپ كېتىپتۇ.
−گەپ قىلما خوتۇن…
−كېچىچە ئۇخلىماي ئولتۇرۇپ چىقتىڭمۇ نېمە؟
−بىلمەيمەن… بىرەر قېتىممۇ ئويغىنىپ قويمىدىڭغۇ زادى.
−ئۇخلاپلا كېتىپتىمەنغۇ-تاڭ؟ غەپلەت باسقاندەك. ھە، نېمە بولغان؟
−نېمە بولغىنىنى ئاخشام دېگەن بولسام، مەندىن بەتتەر بولاتتىڭ.
−ئوھۇش… كىمكەن ئاخشامقى، قوشنىلارمۇ؟
−ئاناڭنىڭ قېشىدا قوشنىلار بولامدۇ؟
−ماۋۇ ساراڭغا نېمە بولدى زادى. ئەتىگەندىلا ئاغزىنى بۇزۇپ…
−ئەرۋاھ!…
−نېمە دەيدۇ ماۋۇ،−ئايالىم ياقىسىنى تۇتقىنىچە يېنىمغا كەلدى،−ئادەمنى تولا قورقۇتماي تۈزۈك گەپ قىلە. ھە، زادى نېمە بولدى؟
−نېمە بوپتۇ،−دېدىم ئۆزۈمنى سەل تۇتۇۋېلىپ بۇ دەل خوتۇن كىشىگە دېمەيدىغان گەپتە.
شۇ كۈندىن تارتىپ بىر ئەنسىزلىك ئىچىمگە كىرىۋالدى. قۇرۇتتەك تىنىمسىز مىدىرلاپ يۈرەك-باغرىمنى يەيتتى. ئاخشاملاردا ئارقا تامنى تىڭشاپ ياتاتتىم. ئېغىلدىكى كالىلار دۈپۈرلەپ كەتسىمۇ چۆچۈپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كېتىمەن. ئايالىم كۈلۈپ تۇرسىمۇ، چۆچۈپ تۇرىدىغان چىرايلىق كۆزلىرى بىلەن قىيا بېقىپ ماڭا سەپ سالىدۇ. پاتەم-زۆھرەلىرىم ھەيرانلىق ئىچىدە ئاپىسىنىڭ بىقىنىغا كېلىپ ماڭا چاندۇرماي كۇسۇرلىشىدۇ. گەپتىن قالدىم. ئىچىمدىلا غۇڭشۇيمەن. خۇددى ئۆمۈچۈك تورىغا چۈشۈپ قالغان چىۋىندەك. شۇ كېچە ئېسىمگە كېلىپ قالدىمۇ بولدى. گېلىمدىن تاماق ئۆتمەيدۇ. خىيالدىن باش كۆتۈرەلمەيمەن. دۇنيادا سىرلىق ئىشلار نېمە دېگەن كۆپ. تۇرۇپ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. دۇنيا يالغانچىلىققا توشۇپ كەتكەندەك… ئۇ ئادەممۇ قىزىقكىنا؟ ئۆلۈپ بولغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ۋەسۋەسىسىگە چۈشكىچە، گۆرىدە تىنچ يېتىپ بېرىدىغان ھېسابىنى بەرمەمدۇ. خوتۇنىنىڭ گېپىگە كىرىپ ئەل-يۇرتنى، دۇنياسىنى، تېخىچە ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان ئوغلىنى تاشلاپ چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن ئۆزى. خوتۇنى يا مېنىڭ ئىگىچە-سىڭلىم بولمىسا… بايلىق ئۇ ئادەمگە نېمىشقا نېسىپ بولمىدى؟ ئۇ قانداق ئېرىشكەن بايلىق؟ ئالتۇن دېگەن ئادەملەرگە نېمە ئۈچۈن كېرەك بولۇپ قالدى؟ ئىنسان بالدۇر پەيدا بولغانمۇ، ئالتۇنمۇ؟ توۋا! پازىلكامنى دەيمەن-دە! ئاق كۆڭۈل، ساددا، قارا تۈرك ئادەم دەپ يۈرسەم. شۇنچە سىرلارنى ئىچىگە قانداق سىغدۇرۇپ كەتكەندۇ-ھە. مۇشۇ كۈنلەردە ئادەملەرنىڭ ئىچى بەك چىڭ بولۇپ كېتىپتۇ جۇمۇ. قوپۇپ چىقىپلا كانىيىغا ئېسىلايمۇ يا؟ ھەممىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدىغانغا نېمە ھەققى بار. تارتقۇلۇق ماڭا بولۇۋاتسا، غېمىدە يوق ناخشىسىنى دۆڭ ئېيتىپ يۈرىدا. ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپ دەيمەن-دە! قاراپ تۇرۇپ بۇ قوشنام باي بولۇپ كېتەرمۇ ئەمدى… بۇ ئىشلارنىڭ راست-يالغىنىنى بىلەلمەيلا قالدىم دېسە. تۇيۇقسىز قارا باسقاندەك…
−ۋاي، بىر تالا-تۈزگە چىقمامسەن!؟
−نېمىگە؟ نېمە مەن بىلەنلا قالدى ماۋۇ خوتۇن.
−ئەمدى دەيمەن-دە.
−ئۆزۈمنىڭ ئىشى. نېمەڭ بار مەندە.
−ئوھۇش…
دەرۋازىنى ئېچىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالغانلىقىمنى ئۆزۈملا بىلەتتىم.
7
بىر ھەپتە بولغاندا كوچىغا چىقتىم. دەرۋازىدىن چىقىپلا ئۆينىڭ ئارقىسىغا ئەيمىنىپ قارىدىم. ئارقا تام كۆزۈمگە خۇددى ئۇزاق ئۆتمۈشلەردىن قالغان بىر پارچە خارابىلىكتەك كۆرۈنۈپ كەتتى. ئىتتىك باشقا ياققا قارىۋالدىم. ساۋۇر مەزىن ئۆيىنىڭ ئارقىسىدىكى دۆڭدە قومۇش سايلاۋاتاتتى. مۇشۇ قومۇش سايلاشمۇ قىزىق بىر ئىش. بىر باغ قومۇشنى ئۇچىدىن تۇتۇۋېلىپ، ئىلغىغىلى تۇرساڭ، ئاخىرىدا مايماق-سايماق، ئۇششاق-چۈششەك، سۇنغانلىرى قالىدۇ. ئۆتكۈندە چۈشۈپ قالغان ئاقساق-چولاق، ئاجىزلاردەك. ساۋۇر مەزىننىڭ شۇ تاپتا ماڭا قارار كۆزى يوق، ناھايىتى ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. قارىغاندا يارماقنىڭ ئىشىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. ياغلىقىنى ئېڭىكىدىن چىڭ قىلىپ چىگىۋالغان ئايالى ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى سايىدا قومۇش ئاقلاۋاتاتتى. بۇ ئايال قومۇش پاساڭلىرىغا كۆمۈلۈپ قالايلا دېگەن ئىدى. قوللىرىدا ئاقلىنىپ چىقىۋاتقان ھەر بىر تال پىلىكتەك يانجىلغان قومۇش، كۆزلىرىمگە يالىڭاچلانغان ئاياللار يىلاندەك تولغىنىپ ياتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
−بايقا ھەي، خوتۇن! ئۆگزىدىن چۈشۈپ كېتىپ، چارپاقىدەك يېتىپ بەرمە يەنە ماڭا، ئاناڭنى!… ئاتۇشلۇقلارنىڭ بالاسىغا قويما.
ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىسام، پازىلكام بىلەن تۇرغۇنايدەم ئۆگزىدە ئالدىراش سامان بېسىۋېتىپتۇ. توپا-چاڭغا مىلىنىپ كەتكەن بۇ ئادەمنىڭ تۇرقىدىن ئالتۇن تېپىۋالغاندەك قىلمايدۇ. سەللا بىكار بولۇپ قالسا، ساۋۇر مەزىن ئىككىمىزنى سازلىق تەرەپكە ئاپىرىپ، «يۈرۈۋېرەمدۇق، قانداق قىلىمىز؟» دەپ يارماقنىڭ جېدىلىنى قىلاتتى. بولدى، بۆلۈشىمىز، دەپ مەزىننىڭ پىلانلىرىغا ئۆكتە قوپاتتى.
تۇرمۇش ئۈچۈن جان تىكىپ تېپىرلىشىپ كېتىۋاتقان قوشنىلىرىمغا قاراپ، مەن نېمە بولغان ئادەم؟ دەپ ئويلاپ قالدىم. ئايالىمنىڭ بەزىدە ئانچە-مۇنچە زىتىمغا تېگىدىغان گەپلەر بىلەن سەگىتىپ تۇرغىنىمۇ بىكار ئەمەسكەن-دە! ئالتە مو قوناقنىڭ شېخى ئىنەكلەرگە يېتەمدۇ دەيسىلەر؟ بۇ يىل ئېتىزنىڭ قىرىغا بېرىپمۇ قويمىدىم. ھەممە ئىشنى ئايالىم ئىككى قىزىنى كەينىگە سېلىپ قىلدى. بىر باغ ئوتۇن-سامان يىغماي، خۇددى تۆگە ساندۇققا ئالتۇن-تىللا قاچىلاپ قويغاندەك غەمسىز يۈرۈشلىرىم قىزىق دېسە. ھەممە دەرد-ئىسەنى مەن تارتىڭ، قوشنىلار ئۆز غېمىدە يۈرسۇن! كوچىدا تۇرغۇم كەلمەي، ئۆيگە قايتىپ كىردىم. يەنە نەچچە كۈنلەرگىچە تالاغا چىقمىدىم…
بىر كۈنى ساۋۇر مەزىن ئۆڭ-سېلى يوق ھويلىغا كىرىپ كەلدى. ھەر بىر ئادەمگە مۇلايىم سۆزلىرى بىلەن كۈلۈمسىرەپ گەپ قىلىدىغان بۇ ئادەمنىڭ چىرايىنىڭ مۇنداق سەتلەشكەنلىكىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن. ئۇ كىرىپلا ئۇياق-بۇياققا سەپ سېلىپ قارىدى. ئۆيدە ئۆزۈمدىن باشقا ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى بىلگەندىن كېيىن، ساقاللىرىنى تىترىتىپ ئېغىز ئاچتى.
−سەن ھەرقانچە بولسىمۇ پادىچىنىڭ كەينىگە كىرىپ مۇنداق قىلمىساڭ بولاتتى. ئاڭا قارا… ئىككى-تۆت تال پۇلغا ياراپ قالسا ھەممىمىزگە پايدىسى تېگەر دەپ، بۇ سودا ئۈچۈن ئۆز يانچۇقۇمدىكى تېيزىنى خەجلەپ چاپراقلاپ يۈرسەم، نېمە قىلغىنىڭلار بۇ-ھە؟!
−نېمە بولدى؟−دېدىم تېڭىرقىغان ھالدا مەزىننىڭ ئوت يېنىپ تۇرغان كۆك كۆزلىرىگە قاراپ،−ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق قايناپلا كەتتىڭىزغۇ؟
−مەن بىكار قايناپتىمەندە!؟
−شۇنداق بولماي.
−بىر كوزا يارماق قېنى؟
−ئېغىلىڭىزدا كۆمۈكلۈكقۇ!
−جۈرە،−دېدى مەزىن بىلىكىمدىن چىڭ قاماللاپ تۇتقىنىچە دەرۋازا تەرەپكە سۆرەپ،−ئۆزۈڭ كۆرۈپ باق.
مەن دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ بولۇپ، تۇيۇقسىز شاپپىدە توختاپ قالدىم. كۆزۈمگە ھۈسىيىن دەڭجا ئارقا تامغا يۆلۈنۈپ تۇرغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
−ھە، توختاپ قالدىڭغۇ؟
−بولدىلا… ساۋۇر دادا. ئاشۇ يارماقتىن كەچتىم.
−ھە، قانداق؟ مۇشۇنداق ئەمەسمۇ. سىلەر ئوغرىلاپ كەتكەن گەپ.
−بىز؟… ئوغرىلاپ كەتتۇق؟
−شۇ گەپقۇ.
−ئۆزىمىزنىڭ نەرسىسىنى ئۆزىمىز ئوغرىلىدۇق. بۇ قانداق گەپ ئەمدى ساۋۇر دادا؟
−بولمىسا، نەگە كېتىدۇ؟!
−يوقمۇ؟
−يوق!
−ئەجەپ ياخشى بوپتا!
−نېمە دېگىنىڭ بۇ؟
−ھۈسىيىن دەڭجادىن قۇتۇلدۇم!
−ھۈسىيىن دەڭجا دېگىنىڭ كىم ئەمدى؟−ساۋۇر مەزىن بىر ھەيرانلىق ئىچىدە كۆزلىرىمگە تىكىلدى،−پادىچى ئىككىڭلار مەندىن يوشۇرۇن بىر ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپسىلەر-دە!؟… ھە… مۇنداقمۇ قوشنىلار بولىدىكەن، ئاڭا قارا…
−نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭىز مەزىن دادا. ھۈسىيىن دەڭجا دېگەن… ئۇ… مەن…− ئېغىزىمغا كەلگەن گەپنى ئىتتىك ئىچىمگە يۇتتۇم. ساۋۇر مەزىن ئەلپازىنى بۇزدى.
−ھە گەپ قىلە!
−نېمە دەيمەن؟ يىتىدىغان نەرسە يىتۈپتۇ. كىمدىن كۆرىسىز؟ بىزدىنمۇ؟ قىزىقتە سىز. پازىلكام ئىككىمىز ياقىڭىزغا ئېسىلمىغىنىمىزغا خۇش بولسىڭىز بولىدۇ. ئامانەتنى ساقلاۋاتقان ئادەم سىز. تازا توغرا بولماي قالدى بۇ گېپىڭىز جۇمۇ!
مەنمۇ ئەلپازىمنى يامان ئەمەس بۇزدۇم. بۇ قۇرۇق تېرە تاراقشىتىشىم ئەسقاتتى. بۇ گەپ بىلەن ساۋۇر مەزىن لاسسىدە بوشاپ كەتتى.
−مەندىن گۇمانلىنىۋاتامسەن؟ مەن بىر تەقۋا ئادەم. خۇدادىن قورقمامسەن؟ ئاڭا قارا…
−قورققاننىڭ گېپىنى مەندىن سوراڭ. شۇڭا… مەن سىزدىن گۇمان قىلدىم. نېمە قاينايسىز؟ ساۋۇر دادا بولدى قىلىۋېتەيلى مۇشۇ گەپنى!
−پۇلغا يارىمايدىغان يارماقنى قازاندا قاينىتىپ، سۈيىگە ئاش تاشلاپ ئىچىشەمتىڭ؟!
−قاراپ تۇرۇپ بىزگە قارا سانىماڭ!
−ئەمىسە… نېمە تېزلا ۋاز كېچىسەن؟
−قاراڭ…
−ھە، نېمە قارا؟
−ھۈسىيىن دەڭجا… ئەستا…
−تىلىڭ تۇتۇلدىمۇ؟−ساۋۇر مەزىن شۇ تەرزدە تە بولۇپ ئۆيىگە پىرام كىرىپ كەتتى. كەينىدىن قاراپلا قالدىم. بىر ھېسابتا ساۋۇر مەزىننىڭ پازىلكام ئىككىمىزنى ئوغرى تۇتۇپ، يارماقنى يوقالدىغا چىقارغانلىقىغا خۇشمۇ بولدۇم. يەنە تۇرۇپلا بىكاردىنلا ئوغرى ئاتىلىپ قالدىممۇ دەپ ئاچچىقىممۇ كېلىپ قالدى. ھەرقانچە ھەممىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغۇسى كېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، شۇنداقمۇ بانا تاپامدۇ؟ ئەگەر راستتىنلا بىرى ئوغرىلاپ كەتكەن بولسىچۇ؟ ئۇ چاغدا چوقۇم بىزدىن گۇمان قىلىدۇ-دە! ساۋۇر مەزىننىڭ قايناشلىرى يوللۇقمۇ نېمە؟ ھەرقانچە بولسىمۇ پازىلكام قىلمىغاندۇ؟! ساۋۇركامنىڭ گېپىنى دەيمىكىن يا؟! پازىلكامنىڭ مىجەزى چۇس نېمە، جېدەل تېرىمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، بۇ ئىش مەھەللىگە يېيىلىپ كەتسە، تازا بىر قاملاشمىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغان گەپ بولىدۇ-دە!؟… ئۇنىڭدىن قۇلاقنى يوپۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ دەردى بىلەن بولاي. قېنى، كۆرمەمدىمەن، ئاخىرى بىر يەردىن چىقا… يا سايرامدىن،يا قاينامدىن… ساۋۇر مەزىنمۇ ئەقلىدىن ئېزىپ قېلىۋاتامدۇ نېمە؟ بىر ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنى ئويلىمايلا، ئۆپكىسىنى قېقىپ… قېرىلىق يېقىنلاشقانسېرى ئادەملەر ھەر خىل كويلارغا چۈشۈپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. ھويلىدا ئالدى-كەينىمگە مېڭىپ نۇرغۇن خىياللارنى قىلىپ كەتتىم. مۇشۇ كۈنلەردە ماڭا كېرىكى خاتىرجەملىك ئىدى. ھۈسىيىن دەڭجا يېرىم كېچىدە كېلىپ ئارقا تامنى تۇيۇقسىز دۇمباق چالغاندەك ئۇرمىسىلا شۇنىڭغا ئالەمچە خۇش بولاتتىم.
مۇشۇ كۈنلەردە پازىلكام ناھايىتى ئالدىراش يۈرىدىغان بولۇپ كەتتى. ئۇنى كەمدىن-كەم كۆرەتتىم. بەزىدە ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل دوقۇشۇرۇشۇپ قالغۇدەك بولساق، ئۇ تۇيۇقسىز بىر نەرسىدىن چۆچۈگەندەك قىلىپ، مەڭدەپ تۇرۇپ قالاتتى-دە:
ـــ ھە، نېمىسىنى ئېيتىسەن؟−دەپ قويۇپلا يەنە ئالدىراش كېتىپ قالاتتى.
ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالاتتىم. قۇۋۋەتلىك دۈمبىسىدىن تۇيۇقسىز بىر كاۋاك ئېچىلاتتى. ئاشۇ كاۋاكتىن ھەر خىل نەرسىلەر ئۇچۇپ چىقىپ، ئۇدۇل كېلىپ يۈزلىرىمگە ئۇرۇلاتتى. ئەندىكىپ ئۆزۈمنى ھەر يان قاچۇراتتىم. ئاغزىمنى ھىم يېپىۋالاتتىم. پېشانەمگە تېگىپ قاڭقىغان نەرسىلەر ئالدىمغىلا توكۇرلاپ چۈشەتتى. قاراڭغۇلاشقان كۆزلىرىم نېمىلەرنىدۇر كۆرەتتى. ئارقا تام، قارا كوزىلار، چوكا ئالتۇن، مىس يارماقلار، ئۆلۈكلەر ۋە تىرىكلەر، دەرۋازىدىن چىقساملا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئاشۇ دۆڭلەر، يىللارنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى ئىزناسىنى كۈندىن-كۈنگە ئۇچۇرۇۋاتقان قەدىمىي ھارۋا يوللىرى، ئاشۇ يول ياقىلىرىدىكى يەر بىلەن ئوخشاش تەكشىلىنىپ كېتىۋاتقان گۈمبەزلەر، ھايات ۋاقتىدا ئۆز ئەجرىنىڭ مېغىزىنى يېيەلمەي ئۆلۈپ كېتىۋاتقان نۇرغۇن ئادەملەر. كىندىك قېنى تۆكۈلگەن تۇپراقتىن ھاياتلىق يولى ئىزدەپ قاڭقىپ چىقىپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ يات يەرلەردە غېرىبسىنغان ئەرۋاھلىرى، پالاكەت بېسىپ پۇت قويغۇدەك جاي تاپالماي ھاڭۋاقتىدەك بولۇپ قېلىۋاتقان بىچارىلەرنىڭ ئېقىپ چىققان كۆزلىرى، قاتتىق سۆڭەكنى ئامالسىز غاجاپ تۆكۈلۈپ كەتكەن ئىگىسىز چىشلار، رەھىمسىز قوللار يۇلۇپ تاشلىغان، ئەمدىلا غۇنچىلىغان گۈللەرنىڭ سولىشىپ تۇرۇشلىرى… يائاللا! ئاشۇ كىچىككىنە دۈمبىدىن ئۇچۇپ چىققان نېمە دېگەن كۆپ نەرسىلەر بۇ؟! ئالدىمغا تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتتى دېسە…بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر قارا باستى چۈش دەپ ئويلايتتىم. ھۈسىيىن دەڭجانى تۇيغۇمدىكى بىر ئادەم، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان! دەپ ئۆزۈمنى بۇ رېئاللىقتىن ئېلىپ قاچاتتىم. قانچە قاچقانسېرى رېئاللىقتىكى نەرسىلەر بىلەن تۇيغۇمدىكى نەرسىلەر بىرلىشىپ، يۈرىكىمگە مەھكەم چاپلىشاتتى.
−سەمەتباي ئۇكا بارمۇ سەن؟ ھويلىدا ئاۋازىڭ چىقىدىغۇ؟
−باغۇ.
−نېمە قىلىۋاتىمىز؟
−ئالتۇننىڭ سۈيىدە بېشىمنى چايقاۋاتىمەن.
−مانىڭ گېپىنى.
−ھە، گەپ قىلمايسەنغۇ پازىلكا؟
−تايىنى يوق گەپ قىلىدىكەنسەن.
−ئەمىسە تايىنى بار گەپنى سەن قىلمامسەن!
−يارماقنىڭ ئىشى قانداق بولۇپ كەتتى؟ مەزىن ئاخۇنۇم ھېچ بىر ئۆزىنى كۆرسىتەي دېمەيدىغۇ. يا ھېلىقى ئاغرىق قىزىنىڭ دەردى بىلەن بولۇپ كەتتىمۇ؟
−بىلمىدىم ئاكا، يا ئۇمۇ ساڭا ئوخشاش تىقىشتۇرۇپ خەجلەۋاتامدۇ دېگىنە.
−نېمىنى دەيسەن؟ نېمانداق چۈشىنىكسىز گەپنى تولا قىلىدىغان بولۇپ قالدىڭ.
−شۇ… مەنمۇ چۈشىنەلمەي قېلىۋاتىمەن.
−ئۆيدە بىكار ياتىۋەرسەڭ ئاشۇنداق بولۇپ قالىسەن. ھېلىمۇ خوتۇنۇڭ تىرىشچان، تىنىم تاپماس قەيسەر ئايالكەن، بولمىسا ئاچ قالاتتىڭ گۇي!
−زامان ئاخىرىدا خوتۇنلار ئەرلەرنى باققۇدەك.
−خوتۇن باققۇدەك ئەركەكلەر قالمىغاندا زامان ئاخىرى بولىدۇ. ھە، بىلدىڭمۇ؟ ماۋۇ جالاپنىڭ كالىسى قانداق قىلىدۇ ھوي. چۇ!… نېمىسىنى ئېيتىسەن؟ ھە، گەپ قىلە… ئۆيگە كىرىپ كەتتىڭمۇ سەمەتباي نېمە؟ پاسىل تامنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇۋېلىپ، بىر بىرىنىڭ چىرايىنى كۆرمەي، پاراڭلاشسا ئەجەب پەيزى بولىدىكىنا. ھا… ھا…
8
چىرايلىق مەھەللەم، كەڭرى كەتكەن باغلىق قورۇ. ئىللىق ھويلام، پېشايۋانلىق، تاملىرى كۆك سېنكىدا زىننەتلەنگەن ئۆيلەردە كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرىمەن. دەرۋازا تۈۋىدىكى مايلىق ئۆرۈكنىڭ ئاستىدا دادام باغلىق ئېشىۋاتاتتى. باغنىڭ سۈڭگۈچىدىن قىستىلىپ كىرىپ، ھويلىدىكى ئېرىقتا يېقىملىق شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇلارغا ئىستۇلۋوي ئالمىلار پاق، پاق قىلىپ چۈشەتتى. ئوماق سىڭلىم ئېرىق قىرىدا تۇرۇۋېلىپ سۇدا لەيلەپ ئېقىۋاتقان قىزىل ئالمىلارنى بىر تالدىن سۈزۈپ ئېلىپ ئېتىكىنى تولدۇراتتى.
−ھەي، زىننەت قېنى سەن قىزىم؟ ۋۇي، ئالمىغا تويمىغان جۇۋاينىمەك. ئۇكاڭغا قارا يىغلاپ كەتتى.
ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدىكى سۇپىدا كاۋا توغراپ ئولتۇرغان ئاپام سىڭلىمغا ۋارقىراپ تۇراتتى. بەڭباش سىڭلىم ھە، دەپ قويۇپلا، يەنە ئالما تېرىش بىلەن ئاۋارە ئىدى.
سۆلەتلىك قىزىل خوراز بىر توپ مېكىيانلارنىڭ ئارىسىدا قانات سۆرەپ ھەيۋە قىلىپ يۈرەتتى. پېشايۋاننىڭ لىم-چەنزىلىرى ئارىسىدا كەپتەرلەر تىنىمسىز بۇقۇلدايتتى. شېكەر ئالمىنىڭ شاخلىرىدا قارچىغىدەك قونۇپ ئولتۇرغان ئىنىم قوينىغا ھە دەپ قىزىل ئالمىلارنى ئۈزۈپ سالاتتى. تۇيۇقسىز ئېغىلدىكى كۆك ئېشەك قاتتىق ھاڭراپ باغنى بېشىغا كىيدى.
−ھەي، كېرەم قېنى سەن؟ ماڭ، ئوغلۇم، ئېشەكنى سايغا ئاچىقىپ ئارقانداپ قوي. ئاچ قالدىغۇ بۈگۈن. قارا، سېنىڭ چىقىۋالغان يېرىڭنى. ئاستا چۈش!
دەرۋازىنىڭ ئالدىدىن قوشنىمىزنىڭ قارا قۇمچاق قىزى رىزۋانگۈل خۇشپىچىم قامىتىنى غىل-پال كۆرسىتىپ ئۆتۈپ، غۇنچىدەك لەۋلىرىنى يېرىپ ۋىلىققىدە كۈلدى. بۇ كۈلكە بىلەن يۈرىكىم تېپىچەكلەپ كەتتى. ئۇ بېغىنىڭ شورا تېمى ئۈستىگە قويۇپ قويغان تېشىمنى كۆرگەن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ كۈلۈمسىرىدىم.
ئاپامنىڭ ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى.
−بولۇشە، تاماق يەيمىز… ھەي دادىسى، بولدى تۇرۇڭ. قالغىنىنى بالىلار قىلمامدۇ.
−مانا ئاز قالدىغۇ، بالىلارنىڭ دەرسى بار. كىتابىنى ئوقۇسۇن!
مومامدىن قالغان يوغان شىرەگە بىردەمدىلا چوڭ-كىچىك ھەممىمىز تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ ئولاشتۇق. ئاپام يوغان لېگەندە كاۋا مانتىسىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئالدىمىزغا قويدى. قوللار تەرەپ-تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۆتتى.
−ئاستا، ئاستا… يەنە بار.
ئاپام تېخىچە ئېغزىغا بىر تال مانتا سالماي ئوچاق بېشىدا پايپاسلاپ مېڭىپ يۈرەتتى. بىزنىڭ ئىشتىھا بىلەن تاماق يېيىشىمىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەيتتى. ياغلىقى بېشىدىن بىر تەرەپكە قىيسىيىپ چۈشۈپ قالاي دېگەن ئىدى.
−ئاپا، ياغلىقىڭ!
ھەدەم قاقاقلاپ كۈلدى.
ھويلىنى گۇگۇم قاپلىدى. دادام پېشايۋان سۇپىسىدا پۇتلىرىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ ئاچچىق تاماكىسىنى ھۇزۇرلىنىپ چېكىۋاتاتتى. پېشانىسىگە سۈرۈپ قويغان مانچېستېر دوپپىسى ئاستىدىكى چاچلىرى ئاقىرىشقا باشلىغان ئىدى. ھايال ئۆتمەي ئۇنىڭ بوش ئاۋازدا ئېيتقان «دەردىڭ يامان» ناخشىسى ئاڭلاندى. ناخشىغا قۇلاق سېلىپ ياتىمەن…
−سەمەتباي!
−ھە… ھە…
−نېمانچە كۈلۈپ ئۇخلايدۇ ماۋۇ!؟
−شۇ… نېمانداق قىلىسەن؟
بارغانسېرى نەگىدۇر يىراقلاپ كېتىۋاتىمەن. بىز يوقاتقان دۇنيايىمىزنى، خاتىرىلىرىمىزنى قانچە يىراقتىن قارىساق، شۇنچە ياخشى ھېس قىلالايمىز. قانچە يىراقلاشسا شۇنچە قىممەتلىك تۇيۇلىدۇ. شېرىن، ئاچچىق-چۈچۈك ھۇزۇر بېرىدۇ.
−تۇرمامسەن!
ئادەم بۇنداق چاغدا ئويغىنىپ كېتىشنى تازا خالاپ كەتمەيدۇ. مەن دائىم ئاشۇ چۈشنى كۆرىمەن. ھەر قېتىم كۆرگەندە ئۆتمۈشكە قايتقاندەك بولىمەن.
كۈنلەر شۇنداق ئۆتىدۇ. خۇددى ئالدىڭدىن چىرايلىق بىر قىز ئىتتىك ئۆتۈپ كېتىپ، يېقىملىق ھىدى قالغاندەك… كۈنلەرنىڭ بىز بىلەن نېمە ئىشى دەيسىلەر؟ ئۇنى قەدىرلىسەك، بىزگە ياخشىلىق بېرىدۇ. قەدىرلىمىسەك، يامانلىقمۇ قىلماي كېتىۋېرىدۇ. يامانلىقنى ئۆزىمىز تېپىۋالىمىز دېگەن گەپ. ھەي، كۈنلەر… بىر بىرىنى قوغلاپ يۈرگەن كېچە ۋە كۈندۈزلەر. كېچە بىلەن كۈندۈز بىر بىرىنى قوغلاپ يېتىپ سۆيۈشكەندە نومۇستىن قىزىرىپ ئۇپۇق ۋە شەپەققە ئايلىنىدۇ. مانا، مۇشۇنىڭدا بىر ھېكمەت بار.
−گۈپ- گۈپ!
−ھىم… قوپ!−دېدىم ئىچىمدە.
ئارقا تامدىن سادا كەلدى. «ھۈسىيىن دەڭجا يەنە كەلدىمۇ نېمە؟» دەپ ھودۇقۇپ كەتتىم. يوتقانغا چىڭ پۈركۈنۈپ، جىممىدە يېتىۋالدىم. ئەمما، نەپسىم بارغانسېرى كۈچىيىپ ئۆي ئىچىنى بىر ئالدى. ئايالىم تاتلىق پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتاتتى. بايقۇش خوتۇن! سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، بىر مىدىرلىغىلى تۇرسا ئارام تاپمايدۇ-دە! كەچتە خېمىر بولۇپ ئۇخلاپ كېتىدۇ. تۇرۇپلا ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. ھەي، مەنمۇ ئەركەك بولدۇممۇ؟ ئۆيدە بىكار يېتىپ، ئۆينىڭ ئىشلىرى بىلەن كارىم بولماي… بوينۇمنى قاتتىق قىلىپ نېمە قىلارمەن. خوتۇننىڭ گېپىگە كىرىپ بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتسام بولغۇدەك.
ئارقا تام يەنە ئۇرۇلدى. بوينۇم بىر يىپتا باغلانغاندەك دېمىم سىقىلىشقا باشلىدى. يىپنى ئۈزۈۋېتىش ئۈچۈن تېپىرلايتتىم. ئەمما، قانچە قىلغىنىم بىلەن يىپنىڭ بىر ئۇچىنى بىرى ئاستا-ئاستا تارتىپ مېنى تالاغا ئاچىقىپ كېتىۋاتاتتى. دەرۋازىغا قولۇم تەگدىمۇ-تەگمىدىمۇ بىلمەيلا قالدىم. دەرۋازا غاچلا قىلىپ ئېچىلدى. دەرۋازىدىن چىقىپلا ئۆينىڭ ئارقىسىغا قارىدىم. ئاۋۋالقىدەكلا قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن بىر ئاۋاز كەلدى.
−سەمەتباي! قانداقراق ئەھۋالىڭ؟
−ياخشى ئەمەس.
شۇئان ئارقامغا بۇرۇلۇپ قاچماقچى بولدۇم.
−قاچما!
−نېمە دېمەكچى سىز؟
−ھېكايىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىمامسەن؟!
−رەھمەت! ئۆتكەندە تازا ئاڭلىدىم.
−تولۇق ئاڭلا! بۇ ھېكايىنى ساڭا يەتكۈزۈشنىڭ ئۆزى بىر تەقدىر.
−ئىككى قوشناممۇ بارغۇ!؟
−ھېكايە سېنىلا تونۇيدۇ!
−قىزىق، ماڭىلا چاپلاشقان قانداق ھېكايە ئۇ؟
−ئاددىي، ئاددىيلا بىر ھېكايە، ھېكايىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئادەملەر.
−مەن ھېكايە ئاڭلاشتىن قورقۇپ قالدىم.
−سەنمۇ بىر كۈنى ھېكايىگە ئايلانغاندا باشقىلارمۇ ئاڭلايدۇ.
−ۋاي، ۋۇي… نېمىدېگەن جىق گەپ بۇ؟ ھە، ئېيتىڭە ھېكايىڭىزنى، ئاڭلىسام، ئاڭلاپ قوياي، ئەنسىزلىك ئىچىدە ياشاپ نېمە كۈن دەيمەن-دە! خوتۇن-بالىلىرىمغا بىرەر بالاسى تەگمەيدىغاندۇ؟
−بالا؟!… بالامنى بەكمۇ سېغىندىم.
−ئۇنداق بولسا نېمىشقا تاشلاپ كەتكەن؟
−ئامالسىز… ئۇ كەملەردە ئادەملەرنىڭ تەقدىرى بىر كېچىدىلا ئۆزگىرىپ كېتەتتى-دە!
−ھەممە ئادەم ئۆزىگە چۈشەندۈرۈش تەس كەلگەندە «ئامالسىز» دېيىشىدۇ. مۇشۇ كۈنلەردە بالىنى تېپىشنى تېپىپ، كارى بولمايدىغان ئادەملەر ئاۋۇپ كەتتى.
−يېنىمدا ئولتۇرغىن،−دېدى ھۈسىيىن دەڭجا ئارقا تامغا يۆلىنىپ،−نېمە ئۆرىلا تۇرىسەن؟
−يىراقراق ئولتۇرايمىكىن. قۇلىقىم پاڭ بولمىغاندىن كېيىن. ھە، دەۋېرىڭ!
−بايلىق بىر ئادەمنىڭ قولىدا مەڭگۈ تۇرمايدۇ.
−ئەلۋەتتە تۇرغان بولسا مەن گەدەنگىچە قەرزگە بوغۇلۇپ قالامتىم.
−ئىنسانغا ئەسقاتىدىغىنى يەنىلا ھالال ئەمگەك.
−مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئاق چاچلىق بىر تارىخ ئوقۇتقۇچىم بولىدىغان. ئۇ: «ئىنساننىڭ بارلىق بايلىقىنى ئەمگەك يارىتىدۇ» دەپ دەرس ئۆتىۋېدى دەڭا. مەنغۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ كېتىپ قايسىسىنى قايسىسى يارىتىدىغانلىقىنى بىلمەيلا قالغان.
−ھارامدىن كەلگەن مال-دۇنيالار سېنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىۋەتكىنى بىلەن ۋاقىتلىق بولىدۇ. قولۇڭدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيلا قالىسەن. ۋاقتى كەلسە سېنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىڭنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىدۇ.
−ھە، شۇغۇ.
−ئەڭ ئېسىل بايلىق ئىنساننىڭ ئۆزى!
−ھاياتلىق! سەن ھاياتلا بولساڭ خالىغىنىڭنى ئالالايسەن.
−ھوي، سەن باخشىنىڭ بالىسىمۇ نېمە؟ ئادەمگە تەڭ ساقال تاشلاپ، گەپنى گەپ قىلماي…
−ھېكايىگە ئايلىنىۋاتىمەن-دە!
−سەن ئاللىقاچان ھېكايىگە ئايلىنىپ بولدۇڭ. ئوڭ كۆزۈڭ بىلەن سول كۆزۈڭ ئوخشىماي قالغاندىلا…
−يامان كۈنلەردە.
−ياخشى كۈنلەر ئالدىڭدا. شۇڭا ئاۋىلەم ھېكايىنى ئاڭلا. ئاندىن كېيىن مەن بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرغىن بولامدۇ.
−يەنە شۇ بايلىقنىڭ ھېكايىسىدۇ ھەرقاچان! رەھمەتلىك ھېزىم تۆگىمۇ سۆزلەپ بولالمىغان، ئۆزى ۋاتىلداپ يۈرۈپ ئۆلۈپ كەتتى. دوقمۇش قالدىغۇ!
بىر چاغ بولغاندا ئېسىمنى يىغسام، مەنمۇ ئارقا تامغا يۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپ، تاماكامنى پۇرقىرىتىپ چېكىپ، ھە، دەپ ھۈسىيىن دەڭجا بىلەن قىزىشىپ پاراڭغا تېگىپتىمەن. نېمە بولۇپ قالدىم-ھە؟ بىر ئەرۋاھ بىلەن… بىردىنلا شۈكلەپ كەتتىم. ئارىنى ئۇزاق سۈكۈت باستى. ھۈسىيىن دەڭجا ھېكايىنى نەدىن باشلاش ئۈچۈن ئويلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى. ھېكايە سۆزلەشمۇ ئاسان ئەمەستە!
−ئۇ كەملەردە،−دېدى ھۈسىيىن دەڭجا ئاخىرى ھېكايىسىنى باشلاپ،−زېمىن شۇنچە كەڭرى بولسىمۇ پۇقرانىڭ كۈن ئالمىقى بەك تەس ئىدى. جاھان بىرىنىڭ قولىدىن، يەنە بىرىنىڭ قولىغا تاۋكادىكى تەڭگىدەك شاراقشىپ ئۆتەتتى. بەگ-غوجىلار ئاۋام-پۇقرانى خالىغانچە شىلىپ يەپ، ئۆزلىرىنى سەمرىتىشەتتى. ئاشۇنداق قاتتىق كۈنلەردىمۇ يوقسۇللار يەنە قەيسەر ئىدى. تىرىكچىلىكنىڭ ھەر خىل يوللىرىنى تېپىپ، غۇربەت تۇرمۇشىنى ئاۋۇندۇرۇپ كېلەتتى. بۇ چىدام نەدىن كەلگەن دەپ قالىدۇ كىشى… مەنمۇ شەھەردە كۈن ئالالماي، تىرىكچىلىك يولى ئىزدەپ، مۇشۇ يەرگە كېلىپ دەڭ ئاچقان ئىدىم. ئۇ چاغلاردا دەڭنىڭ ئەتراپىدا نە مەھەللە بولسۇن. ئۇيەر، بۇيەرلەردە بىر نەچچە قورۇق، كۈزلەك، جاڭزىلار بولىدىغان. ئاشۇلارنىڭ تېرىقچىلىق ئۈچۈن ئاچقان بوز يەرلىرىدىن باشقا يەرلەر جاڭگال ئىدى. چاتقاللىق، يۇلغۇنلۇق ئارىلىرىدا بۆرە، تۈلكە، ياۋا توڭگۇزلار قاتراپ يۈرەتتى. ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ يەرلەرنى ئاۋات قىلغۇچە ئاز جاپالارنى تارتمىغان دەمسەن؟!… يولۇچىلار كېچىسى قورقۇپ يولمۇ يۈرەلمەيتتى. ئۇلار كەچ كىرگۈچە بىرەر قونالغۇغا يېتىۋالسا بۆكىنى ئاسمانغا ئاتاتتى-دە! دەڭ ئېچىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئوقىتىم يۈرۈشۈپ، ھال-كۈنۈم ياخشىلاندى. دەڭ دېگەن كەچ بولۇشى بىلەن ئاۋاتلىشىپ، كۈندۈزى چۆلدەرەپ قالىدۇ. زېرىكىش ئادەمنى چىرمىۋالسا، ھەر كويلارغا چۈشۈپ قالىدىغان گەپكەن. بەزىدە قىزىپ كېتىپ، دەتتىكامغا ئېتىپ سېلىپ، تاپقان-تەرگىنىمنى ئۇتتۇرۇۋېتىپ قاقسەنەم بولۇپ قالاتتىم. بۇنداق چاغلاردا خام تاماكىنى بولۇشىغا تارتىپ ياتىدىغان گەپ ئىدى. شۇ ئەتراپتا «تاشۋاي قورۇقى» دېگەن بىر قورۇق بار ئىدى. بۇ قورۇق ئىگىلىرى ئەڭ دەسلەپ، مۇشۇ ئەتراپتىن يەر ئېچىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق قىلىپ باي بولغان ئادەملەر ئىكەن. ھېكايە ئەنە شۇ سىرلىق قورۇقتىن باشلاندى. ئەمەلىيەتتە ھېكايە ئالەم بىنا بولغاندا باشلانغان. ھېكايە دېگەننىڭ مەڭگۈ ئاخىرى بولمايدۇ. قارىماققا بىر ھېكايە ئاخىرلاشقاندەك قىلغان بىلەن ئۇ يەنە بىر ھېكايىنىڭ باشلىنىشى بولۇشى مۇمكىن.
«تاشۋاي قورۇقى» ئىككى ساي ئوتتۇرىسىدىكى بىر پارچە مۇنبەت زېمىنغا جايلاشقان ئىدى. سايلاردا بۇلاقلار كۆپ بولۇپ، بۇلاق سۇلىرى ياپيېشىل چىمەنلەرنى سۆيۈپ، شىلدىرلاپ ئېقىپ، سازلىققا چۈشۈپ كېتەتتى. قورۇق ئەتراپىنى دەل-دەرەخ، جىگدىلەر ئوراپ تۇراتتى. قاغىلار قاقىلداپ، قۇشقاچلار ۋىچىرلاپ، ھۆپۈپلەر ھۆپۈلدەپ، تورغايلار چۇرۇقلاپ، كەپتەرلەر بۇقۇلداپ ئەتراپنى چاڭ كەلتۈرۈۋېتەتتى. بۇ قورۇق چاھارباغنىڭ ئۆزى ئىدى.
قورۇقنى ئايلاندۇرۇپ سېلىنغان ئاتخانىنىڭ ئۆگزىلىرىدە ياپيېشىل بېدە، چۆپلەر ئاسمان-پەلەك بېسىقلىق بولاتتى. قورۇقنىڭ شۇ چاغدىكى خوجايىنى مەمەتخان بېدىك دېگەن، يېشى ئەللىكلەرگە بېرىپ قالغان ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدىم خېلى قويۇق ئىدى. ئۇ ئاتقا ناھايىتى ھېرىسمەن ئادەم بولۇپ، كۆپرەك ئات سودىسى قىلاتتى. خىل بەيگە ئاتلىرى بار ئىدى. بەزىدە بىكار بولۇپ قالسا دەڭگە كېلىپ، دەڭگە چۈشكەن ھارۋىكەشلەر بىلەن ئات توغرىلىق قىزىق پاراڭلارغا چۈشۈپ كېتەتتى. ئۆزىمۇ چېكەرمەن، پاراڭچى ئادەم ئىدى. تازا چېكىپ پەيزى تۇتقاندا ناخشىنىمۇ خېلى قاملاشتۇرۇپ ئېيتاتتى. ئاڭلىشىمچە، بېدىكنىڭ شەھەردە ئايۋان-سارايلىق كاتتا قورۇ-جايلىرى بولۇپ، چوڭ خوتۇنى بىلەن بالىلىرى شۇ يەردە تۇرىدىكەن. ئۆزى بولسا يازىچە قورۇقتا توقىلى بىلەن تۇراتتى. پەقەت قىش كەلگەندىلا قورۇقنى بىر نەچچە ئاي ئۇزۇن يىللىق چاكارلىرى بولغان بوۋاي-مومايلارغا تاشلاپ بېرىپ، شەھەردە قىشلاپ چىقاتتى.
چاكار بوۋاينىڭ ھېكايە قىلىشىچە، مەمەتخان بېدىك بۇ توقىلىدىن بالا يۈزى كۆرمىگىنى بىلەن ئۇنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرىدىكەن. بۇ توقىلى بەك چىرايلىق بولۇپ ئۇ بىر قېتىم كۇچاغا ئات ئېلىپ چۈشكەندە، شۇ يەردىن ئېلىپ چىققان ئىكەن. شۇڭىمۇ بېدىك توقىلىنى يات كۆزلەردىن بەك قورۇيدىكەن. مەنمۇ شۇنچە يىل ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى قىلىپ يۈرۈپ، ئاشۇ ئەتىۋارلىق توقىلىنى خېلىغىچە كۆرۈپ باقمىدىم.
بىر كۈنى مەمەتخان بېدىك بىلەن ساي بويىدىكى سۆگەت ئاستىدا چېكىشىپ ئولتۇرۇپ قالدىم. ئۇنىڭ قورۇقى تەرەپتىن ئىتلىرىنىڭ قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. سايدىن كۆتۈرۈلگەن سالقىن شامال ئادەمگە ھۇزۇر بېرەتتى. ئۇ تازا پەيزى بولغاندا پارىڭى ئاۋۇپ قالىدىغان ئادەم ئىدى.
−ھەي، ھۈسىيىن!−دېدى ئۇ خۇمارلاشقان كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ،−بۈگۈن ساڭا ھېچكىمگە تىنمىغان سىرلىرىمنى دەپ بېرەي.
−نېمىشقا ماڭا دېگۈڭ كېلىپ قالدى؟
−بىلمەيمەن،−ئۇ ساي بويىدا يانپاشلاپ يېتىپ بوۋىسى تاشۋاي توغرىلىق مۇنداق ھېكايەت بايان قىلدى.
−ھەي ھۈسىيىن، قارا ئاداش! بوۋام تاشۋاي زامانىسىدە بەگ-غوجىلار بىلەن يېقىن ئۆتكەن ئادەم ئىكەن. جېنى چىقىپ كېتەي دېسىمۇ بىر پارچە ناننى قولىدىن خەققە بەرمەيدىغان، بېخىللىقى بىلەن پۈتۈن يۇرتقا تونۇلغان ئىدى. ھېچكىم ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى، يوقسۇللارغا بىرەر قېتىممۇ داستىخان سالغىنىنى كۆرگەن ئەمەس. قولىدا ئىشلەيدىغان چاكارلىرىغا قاتتىق قول، رەھىمسىز زالىم ئىدى. ئۆزىمۇ تۈزۈك-ئىچمەي مال دۇنيا يىغاتتى.
ئون ياشلارغا كىرگەن ۋاقتىمدا بىر كۈنى بوۋام تۇيۇقسىز يىقىلىپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. دائىملا قاپاقلىرىدىن مۇز ياغدۇرۇپ يۈرىدىغان، تەتۈر ئۇستىخان، ئات يۈزلۈك، تېنى ناھايىتى ساغلام بوۋامنىڭ بۇنداق بىچارە ھالىتىنى زادىلا كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. ئۇ نەچچە كۈن ئىچىدىلا جۈدەپ نىمجان بولۇپ قالغان ئىدى.
بىر كۈنى بوۋام ھەممىمىزنى ئەتراپىغا يىغىپ مۇنداق دېگەن ئىدى:
−بالىلىرىم، مەن نەچچە كۈن ئاۋۋال بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە مۇشۇ قورۇق ئەتراپىنى يالاڭ ئاياغ ئايلىنىپ يۈرگۈدەكمەن. بىر چاغدا بىر قارا كوزىدىن يارماقلار، يەنە بىر قارا كوزىدىن چوكا ئالتۇنلار ئۇچۇپ چىقىپ، غەلىتە بىر خىل پارقىرايدىغان قۇرتقا ئايلىنىپ مېنى قوغلىدى. بەدەنلىرىمگە يامىشىپ، چاپلىشىپ قانلىرىمنى شورىدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلىنىپ يەرگە تاراقلاپ چېچىلىپ كەتتىم. بىر جۈپ كۆزۈم ساق قالغان بولۇپ، كىچىككىنە بىر ئورەكنىڭ ئىچىدە پىلدىرلاپ ماڭا قاراپ تۇرىدۇ… يەنە، بىر چاغدا يارماقلار دۈگىلەپ، دۈگىلەپ كېلىپ، قوتان ئىچىگە كىردى-دە، قويلارغا ئېتىلدى.ھەم قوي-كالىلارنى يېگىلى تۇردى. يەر قانغا بويىلىپ كەتتى. نۇرغۇن ئادەملەر قورۇق ئىچىگە كىرىپ ئۇستىخانلىرىمنى قىرىۋاتقۇدەك… «بۇ باينىڭ ئۇستىخانلىرىمۇ پۇلغا يارايدۇ» دەۋاتقۇدەك… ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ئۇستىخانلىرىمنى قازاندا قايناتسا ئالتۇن ئايرىغىلى بولغۇدەك…
مۇشۇ چۈشنى كۆرۈپ قورقۇپ ئويغىنىپ كەتتىم. ئىچىمگە بىر ئەنسىزلىك كىرىۋېلىپ بولالماي يىقىلدىم. بالىلىرىم! ئورۇن تۇتۇپ ياتقاندىن كېيىن كۆپ ئويلاندىم. مېنى كېسەل ئەمەس، گۇناھ يىقىتتى. كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ. ئەمدى ئۆرە بولالمايمەن. شۇڭا تىنىقىمنىڭ بارىدا توۋا قىلىۋالاي… ئويلاپ باقسام بىر ئۆمۈر بايلىق ئۈچۈن ياشاپتىمەن. يوقسۇل چاكارلارغا كۆپ زۇلۇم سېلىپ ھەققىنى يەپ قويغان ئوخشايمەن. دۇنيا دېگەن مۇشۇغۇ دەپ خاتا ئويلاپتىمەن. بايلىقلىرىم كۆزۈم يۇمۇلسا سىلەرگە قېلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، مېنىڭ سىلەرگە قالدۇرغۇم يوق. قولۇڭلاردىكى مال-دۇنيا سىلەرگە يېتىپ ئاشىدۇ، ھالال ياشاڭلار.
بوۋام بۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ، ئۆز ياتىقىدىكى ساندۇقنى ئېچىشنى بۇيرۇدى. دادام ساندۇقنى ئاچتى. بوۋام ساندۇق ئىچىدىكى ئىككى قارا كوزىنى ئالدۇرۇپ، يېنىغا قويدى. ھەمدە دادامغا:
−بالام، ئەمەتخان سەن ماڭا بىر ئىشنى قىلىپ بەر. بۇ كوزىدىكى ئالتۇن بىلەن يارماق. سەن مۇشۇ يۇرتنىڭ ئەڭ چەت ياقىلىرىغىچە ئات چاپتۇرۇپ بېرىپ، يېتىم-يېسىر، يوقسۇل، تۇل خوتۇن، ئاجىز مېيىپلەرنى تېپىپ كوزىدىكى دۇنيالارنى ئۆلەشتۈرۈپ تارقىتىپ بەرگىن. ئېسىڭدە بولسۇن بىر دانىسىغىمۇ تېگىشكە بولمايدۇ. بۇ ئاشۇلارنىڭ ھەققى. ئەتە سەھەردىلا يولغا چىق. مۇشۇ ئىشنى بېجىرىپ كەلسەڭ، ئاندىن مېنىڭ كۆڭلۈم ئارام تاپىدۇ.
−ماقۇل دادا،−دېدى دادام ھەممىمىزگە سوغاقلا قاراپ قويۇپ،−سىز خاتىرجەم بولۇپ ياخشى ئارام ئېلىڭ!
شۇ چاغدا دادام ۋە دادامنىڭ شەھەردىكى ئىككى ھەدىسىنىڭ چىرايلىرى تاتىرىپ كەتتى. مومام كۆز يېشى قىلىپ ئولتۇراتتى. ئاپام ئادەتتە ئائىلىدىكى ئىشلارغا ئانچە ئارىلىشىپ كەتمەيدىغان، ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەنلا بولىدىغان ئايال ئىدى. ئاشۇ ئاپامنىڭ چىرايىدىلا بىر خىل ئىللىق تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى…
ئەتىسى سەھەردە دادام ئېتىنى توقۇپ، خۇرجۇنغا ئىككى قارا كوزىنى سېلىپ، سەپەرگە ئاتلىنىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى. شۇ ئارىدا مەن مالچى بىلەن قويلارنى ھەيدەپ جاڭگال تەرەپكە ماڭدىم. قويلارنى خېلى يەرگىچە ھەيدىشىپ بېرىپ، ئاندىن ساي بىلەن ئوينىغاچ قورۇققا قايتىپ كېلىۋاتاتتىم. قورۇق ئەتراپىدىكى بىر تۈپ يوغان سۆگەت ئاستىدا دادامنىڭ ئاتتىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. دادام سەپىرىگە ماڭماي نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟ دەپ قىزىقىپ قاراپ تۇردۇم. دادام مېنى كۆرمىدى. دادام ئۇياق-بۇياققا قاراپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن، بېلىدىكى قىسقا ساپلىق خەنجىرىنى ئېلىپ، سۆگەتنىڭ ئاستىنى كولاشقا باشلىدى. مەن ساينىڭ قىرىدىكى ئېگىز ئۆسكەن بۇيىلۇق ئارىسىدا يېتىپ قاراپ تۇردۇم. بىر چاغدا دادام ئاتنىڭ غانجۇغىسىدىكى خۇرجۇننى يېشىپ ئالدى. خۇرجۇن ئىچىدىن ئىككى قارا كوزىنى ئېلىپ، ئورەك ئىچىگە كۆمدى-دە، ئۈستىنى ئادەملەرگە چانمىغۇدەك قىلىپ ياساپ قويدى. ئۆزىچە باشلىرىنى لىڭشىتىپ بىر نېمىلەرنى دەپ، كۈلۈپ قويدى-دە، ئاتقا مىنىپ كېتىپ قالدى. دادامنىڭ قارىسى يىتىشى بىلەن سۆگەت ئاستىغا يۈگۈرۈپ باردىم. دادام چوقۇم بوۋامنىڭ ھېلىقى ئىككى قارا كوزىسىنى كۆمدى، دەپ ئويلايتتىم. بىر قىزىقىش ئىچىدە بوش توپىلارنى قوللىرىم بىلەن ئاستا كولىدىم. راستتىنلا شۇ كوزىلاركەن. «دادام بوۋامنى ئالداپتۇ. مەنمۇ دادامنى بىر ئەخمەق قىلايچۇ» دەپ بالىلارچە ساددىلىق بىلەن، كوزىلارنى كولاپ چىقىرىۋالدىم. كوزىلارنى بىر-بىرلەپ قورۇقنىڭ سىرتىدىكى سۈڭگۈچنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدىم. ئاندىن سۈڭگۈچتىن ئۆمىلەپ كىرىپ، قورۇق ئىچىدىكى جىگدىلىكنىڭ ئاستىنى كولاپ، دادامدەكلا كۆمۈپ قويدۇم. قورۇقتىن قايتىپ چىقىپ، سۆگەت ئاستىنى چاندۇرماي ئوڭلاپ قويۇپ، ئوينىغىلى سازلىققا چۈشۈپ كەتتىم.
ئارىدىن ئون كۈن ئۆتكەندە دادام سەپەردىن قايتىپ كەلدى. كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاپ كېتىۋاتقان بوۋام دادامنىڭ ئېغزىغا تەلمۈرۈپ قارىدى. دادام بوۋامنىڭ بېشىنى يۆلەپ تۇرغۇزدى-دە:
−دادا، يۇرتتىكى يوقسۇللار سىزگە كۆپ دۇئالار قىلدى،−دېدى.
بوۋام شۇ چاغدىلا، بېشىنى ئاجىز لىڭشىتىپ كۈلۈمسىرىدى.
ئۇزاق ئۆتمەي بوۋام ئۆلۈپ كەتتى. بوۋامنىڭ قىرىق نەزىرىنى بېرىپ بولغاندىن كېيىنكى بىر كۈنى دادامنى يەنە سۆگەت ئاستىدا كۆرۈپ قالدىم. شۇ چاغدىلا قىلغان ئىشىم يادىمغا يەتتى. خىيالىمدا تاماشا كۆرۈپ يىراقتا ماراپ ياتتىم. دادام سۆگەت ئاستىنى ئالا قويماي كولايتتى. ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، سۆگەت ئەتراپىنى ئايلىناتتى. تۇرۇپلا غەزەپ بىلەن يوتىسىنى شاپىلاقلاپ، ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ كېتەتتى. دادامنىڭ ئاشۇ ھالىتىنى كۆرۈپ، تۇرۇپلا قورقۇپ كەتتىم. كۆزلىرى ئوت يانغاندەك بولۇۋاتقان دادامغا قىلغان ئىشىمنى دېيىشتىن قورقتۇم. دادامنىڭ ئاچچىقى بوۋامدىنمۇ يامان ئىدى. تېرىكىپ تۇرغاندا مېنىڭ قىلغىنىمنى بىلسە، ئۇرۇپ كېتىدۇ دەپ زۇۋان سۈرەلمىدىم. شۇ كۈندىن باشلاپ دادام ئاشۇ سۆگەت ئاستىنى ئايلىنىدىغان، ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەيدىغان، تۇرۇپلا ئۆزىنى كاچاتلاپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. بىر كۈنلەرگە كەلگەندە ئاشۇ دوڭغىيىپ تۇرغان قېرى سۆگەتنىڭ ئەتراپىدا پىرقىراپ يۈرۈپ، قوينىڭ ماياقلىرىنى يەيدىغان بولۇۋالدى. مومام، ئاپاملار نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي تىنىمسىز يىغلىشاتتى. ھەتتا، نەلەردىندۇر باخشىلارنى تېپىپ كېلىپ، ئوقۇتقانمۇ بولدى. مەن قورقۇپ دادامغا كۆرۈنۈپ قېلىشتىن قاچاتتىم. ئاشۇ ئىككى قارا كوزا تېخىمۇ سىرلىق بىلىنەتتى…
−ئوغرى بار!−دېدى دادام بىر كۈنى ماڭا دوقۇرۇشۇپ قالغاندا كۆزلىرىدىن ئوت چاقنىتىپ،−«تاشۋاي قورۇقى» نى ئوغرىلاپ كەتتى. مېنىڭ ئىككى قوشكېزەك بالامنى ئوغرىلاپ كەتتى. سەن ئۇنى كۆردۈڭمۇ؟!
−ياق! نېمىنى؟−دەپ ئالدى-كەينىمگە قارىماي قاچتىم. دادام قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
−ئوغرى قاچتى! ھا… ھا…
بىر كۈنى دادام ئاشۇ سۆگەت ئاستىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالدى. ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. شۇ كۈنى نەلەردىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن بىر توپ قاغا سۆگەت ئۈستىدە نەچچە كۈنلەرگىچە قاقىلداپ قورۇق ئەتراپىنى بېشىغا كىيگەن ئىدى. توۋا!… دادام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن مومام تولا يىغلاپ ئاغرىقچان بولۇپ قالدى. ئاز كۈن ئۆتمەي بالا دەردىدىن قۇتۇلۇپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. قورۇقنىڭ ھەممە ئىشى ئاپام ئىككىمىزگە قالدى.
مەن چوڭ بولۇپ ئاق-قارىنى پەرق ئەتكۈدەك بولغاندا نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. چەكسىز كەتكەن جاڭگاللىق، ھەممە ئادەم يىراقتىن ھەۋەسلىنىپ قارايدىغان «تاشۋاي قورۇقى» بېخىللىقتا داڭقى چىققان بوۋام، قېرى سۆگەتنى ئايلىنىپ سۆزلەپ يۈرگەن دادام، ئىككى قارا كوزا… نۇرغۇن قېتىم كۆمۈپ قويغان ئاشۇ بايلىقلارنى ئېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ، ئەمما، دادامدەك ئاقىۋەتكە دۇچار بولارمەنمۇ دەپ قورقاتتىم. ئاشۇ قورقۇش ئىچىدە نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى. ئۆي-ئوچاقلىق بولدۇم. شەھەردىن يەر سېتىۋېلىپ كاتتا قورۇ-جايلارنى قىلدىم. كۈنلىرىم ناھايىتى باياشات ئىچىدە ئۆتۈۋاتىدۇ. تۇرۇپ-تۇرۇپ بالا ۋاقلىرىمدا قورۇق ئىچىدىكى جىگدىنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ قويغان بايلىق قاچىلانغان كوزىلار يادىمغا يېتىدۇ. ئەمما، ئاشۇنى ئويلىساملا ۋۇجۇدۇمنى بىر تىترەك بېسىپ كېتىدۇ-دە، دەرھال خىيالىمدىن چىقىرىپ تاشلايمەن. ئائىلىمىزنىڭ بەزى بەختسىزلىكلىرى ئاشۇ كوزىلار بىلەن باغلىنىشتەك تۇيۇلىدۇ. شۇڭا ئاشۇ كوزىلارغا ھازىرغىچە تەگمىدىم ئاداش.
مەمەتخان بېدىك بۇ پاراڭلارنى ماڭا كەيپچىلىكتە ئولتۇرۇپ دەپ بەرگەن ئىدى. گەپلىرىنىڭ قانچىلىكى راست، قانچىلىكى يالغان بىلمەيتتىم. ئەمما، ئىچىمگە بىر شەيتان كىرىۋالدى. بەزىدە، يىراقتىن «تاشۋاي قورۇقى» غا ئاجايىپ بىر قىزىقىش ئىچىدە قاراپ خىيالدا قالىمەن. ئادەم دېگەن غەلىتە كېلىمىز. ئۆزىمىزگە تەۋە بولمىغان نەرسىلەرگە تەلمۈرىمىز. ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئىنتىلىمىز ئاقىۋىتىنى ئويلاپمۇ قويمايمىز.
بىر كۈنى مەمەتخان بېدىك قىل يورغا ئېتىنى ئوينىتىپ دەڭ ھويلىسىغا كىرىپ كەلدى.
−ھوي، ھۈسىيىن!−دەپ ۋارقىرىدى چاپچىپ تۇرغان ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ تۇرۇپ،−قېنى سەن ئاداش.
−ھە، نېمە بولدى؟
−ھېچ گەپ. شۇ شەھەرگە كىرىدىغان بولۇپ قالدىم، ئەكەلدۈرىدىغان نەرسىلىرىڭ بارمۇ؟
−چاي، تۇز، ناۋات ئالغاچ چىققان بولساڭ!
−بولىدۇ. ھېسابىنى كەلگەندە قىلىشايلى ئەمىسە، ئالدىرايمەن. چوڭ خوتۇننىڭ كېسىلى ئېغىركەن. خەۋەر بېرىپتۇ. مەن چىققۇچە قورۇققا كۆز-قۇلاق بولۇپ قويارسەن،−دېدى-دە، قانداق تېز كىرگەن بولسا، يەنە شۇنداق تېز چىقىپ كەتتى.
مەمەتخان بېدىك شۇ قېتىم شەگە كىرىپ كەتكەنچە ئۇزاق ۋاقىت قورۇققا چىقالماي قالدى. قورۇقنىڭ يوغان دەرۋازىسى ھەر كۈنى تاقاقلىق تۇراتتى. شۇ كۈنلەردە مېنى «تاشۋاي قورۇقى» دىكى ئىككى نەرسە قىزىقتۇراتتى. بىرى مەمەتخان بېدىكنىڭ ساھىبجامال توقىلى، ئۇنى بىر كۆرۈپ باقسام دەيمەن. يەنە بىرى جىگدە ئاستىغا كۆمۈلگەن بايلىق. ئاشۇ ئىككى قارا كوزىنىڭ كومۈلگەن-كۆمۈلمىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ باقسام دەيمەن. شۇڭلاشقىمۇ ئاشۇ ۋەسۋەسىدە، بىكار بولۇپ قالساملا قورۇق ئەتراپىنى ئايلىنىپ يۈرەتتىم.
قورۇق ئىچىدىكى قاتار كەتكەن ئۆيلەرنىڭ ئارقىسى مېۋىلىك باغ ئىدى. بىر كۈنى باغنىڭ ئارقا تېمىنىڭ سايىسىدە سالقىنلاپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتىم. باغ ئىچىدىن گۇدۇڭلاشقان ئاۋاز ئاڭلاندى. شۇئان خىيالىم بۇزۇلدى. بىر قىزىقىش ئىچىدە ئارقا تامدىن يامىشىپ چىقىپ، باغ ئىچىگە قارىياغاچقا ئېسىلىپ غىپپىدە چۈشتۈم. ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بېرىپ قالغاندا ئاشۇنداق بىر چۈچە كېسەلدە قالىدىغان ئىشلار ئاۋۇپ قالىدىكەن دېسە. باغقا چۈشۈپ، قاراڭغۇلىشىپ تۇرغان جىگدىلىك ئاستىدا ئۆزۈمنى دالدىغا ئېلىپ باغقا سەپ سالدىم.
−كىچىك ئاغىچا بايقىسىلا، يېگۈلىرى بولسا مەن ئۈزۈپ بېرەي،−دېگەن موماينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
−ئەجەب چىرايلىق پىشىپتۇ،−ئارقىدىنلا نازۇك، قۇلاققا زەپ يېقىشلىق ئاۋاز ئاڭلاندى. باغ ئىچىدە موماي بىلەن ياش ئايالنىڭ خۇشپىچىم قامىتى كۆرۈندى. ئايالنىڭ ئېقىن سۇدەك قەدەم ئېلىشلىرى، تاپىنىغا چۈشۈپ تۇرغان ئىككى ئۆرۈم چېچى، تولغان چىرايلىق ساغرىسى، قوڭغۇراق ئاۋازىدەك زىل ئاۋازدا ناز بىلەن كۈلۈشلىرى جېنىمنى ئېلىپ جاڭگالدا قويدى. جىگدىلىك ئاستىدىكى يۇمشاق پۇر-پۇر توپا ئاستىدىلا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ كىچىك ئاغىچىنى تاماشا قىلىشقا باشلىدىم. «بېدىكنىڭ توقىلى شۇكەندە؟» دەپ تۇراتتىم. ئارقىسىغا قايرىلىپ شۇنداق قارىماسمۇ، خۇددى كۆكتىكى ئاي يەرگە ئېقىپ چۈشكەندەك بىر مەستخۇشلۇق ئىچىدە قېرى جىگدە غولىغا دەرمانسىز يۆلىنىپ قالدىم. كېيىك كۆزلۈك، شېرىن سۆزلۈك، ئالۇچىدەك قىزىل لەۋلىك، قارلىغاچ قانىتىدەك قاشلىق… يائاللا! ئىنسان بالىسىمۇ بۇنداق چىرايلىق بولىدىكىنا؟ دەپ ياقامنى چىشلىدىم. بېدىكنىڭ توقىلىنى قورۇقنىڭ سىرتىغا چىقارمىغىنى ھەقكەن. ئەمما، بۇنداق ساھىبجامالنىڭ گۈزەللىكى قورۇقنىڭ ئىچىدىلا ئۆتۈپ كەتسە نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق-ھە؟! بۇنداق ئايال بىلەن بىر كېچە مۇڭداش بولۇپ ئۆلۈپ كەتسە نېمە ئارمان ئەركەككە!… شۇ كۈندىن تارتىپ ئاشىق بولدۇم. تۇرۇپ-تۇرۇپلا دەڭنى خوتۇنغا تاشلاپ بېرىپ، قورۇققا يۈگۈرەيمەن. قېرىغاندىكى كۆيەك بەك يامان بولىدىكەن. جىگدىلىك ئاستىدا يېتىپ كىچىك ئاغىچىنىڭ باغقا چىقىشىنى، ئۇنى بىر كۆرۈۋېلىشنى ئىستەپ پۈتۈن كۈن كۈتكەن چاغلىرىم بولدى. كىچىك ئاغىچە باغقا كەمدىن-كەم چىقاتتى. ھەر قاچان موماي يېنىدىن ئايرىلمايتتى. ئەنە شۇنداق ئوت-كاۋاپ بولۇپ جىگدە ئاستىدا ياتقان چاغلىرىمدا بىر ئىش يۈز بەردى. قېنى، سەن دەپ باقە، نېمە بولدى؟
−سىز كىچىك ئاغىچا بىلەن…
−ياق، ياق، ئۇنداق ئىش يوق. مەن پەقەت ئاشىق بولۇپلا يۈردۈم شۇ!
−ئەمىسە!؟
−بىر نېمىنى ئۇنتۇپ قالدىڭ. بىزنىڭ سۆزلەۋاتقىنىمىز قانداقتۇر ئاياللار توغرىسىدىكى ھېكايە ئەمەس.
−بۇ قانداق گەپ؟
−بىر كۈنى يۈرىكىم كۆيۈپ چىدىمىدى. يەرنى كولاپ مۇزدەك توپىنى يۈرىكىمگە ياقماقچى بولدۇم. پىچىقىمنى ئېلىپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، بار كۈچۈم بىلەن جىگدە ئاستىنى قازدىم. بىر چاغدا پىچاق قاتتىق بىر نېمىگە ئۇرۇلدى.
−كوزا!؟
−تاپتىڭ!
−قانداق قىلدىڭىز؟
−نەپسى غالىپ كەلدى. مانا، بۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ھېكايىنىڭ ھېكايىگە ئايلىنىشى.
بۇ گەپ بىلەن ئارقا تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرغان ھۈسىيىن دەڭجا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئەتراپ تۇيۇقسىز يورۇدى. بۇ نۇرنىڭ قاياقتىن چۈشكەنلىكىنى بىلمەيلا قالدىم. قارىسام ھۈسىيىن دەڭجا پاكىز قېرىغان مويسىپىت ئىكەن. بوۋاي ماڭا شۇنچىلىك قاراپ كەتتى. قاراڭغۇلۇق بارغانسېرى يورۇدى. بىر چاغدا ئايالىمنىڭ ئەنسىزلىك ئىچىدە ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
−سەمەتباي!… قېنى سەن؟
−ھە، مانا…
ئايالىم مەن تەرەپكە قول چىراغنى توغرىلىدى. كۈچلۈك نۇر ئىچىدە ھۈسىيىن دەڭجانىڭ قاياققا غايىب بولغانلىقىنى كۆرەلمەي قالدىم.
−قايتىپ كىرمەمسەن. ئۆينىڭ ئارقىسىدا نېمە قىلىۋاتىدۇ مۇنۇ ساراڭ؟
−ئۆيگە دەمسەن؟ ھە مانا!
مەن ئارقا تامنى ياقىلاپ دەرۋازا تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. نېمىگىدۇر پۇتلىشىپ يىقىلدىم. دىمىغىمغا قوراينىڭ تۇزلۇق ھىدى ئۇرۇلدى. بۇ پۇراق نېمىشقا شۇنچە ئۆز-ھە؟!
−ئاۋۇ بىر نېمەڭنى كۆزۈمگە ياقمىغىنا.
−توۋا!… چوڭ ئاياللار، بۇرۇنلاردا ئاشنا ئوينايدىغان ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئۆگزىسىگە چالما ئاتاتتى. ئارقا تامنى ئۇراتتى. دەپ پاراڭ سېلىشىپ كېتىدۇ. مۇنۇمۇ شۇنداق بىر كۈنلەرگە قالمىغاندۇ؟ـــ ئايالىم ئۆز-ئۆزىگە غۇدىراۋاتاتتى.
−نېمە دەۋاتىسەن؟
−ھېچنېمە، ماڭغىنا ئۆيگە. ساراڭلا بوپتىغۇ…
مىڭ تەستە تەمتىلەپ كېلىپ، ئايالىمنىڭ پېشىگە ئېسىلدىم. ئارقا تەرەپتە بىرى باردەكمۇ قىلمايىتتى. باياتىندىن بېرى ئارقا تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ بىرى بىلەن پاراڭلاشقانلىقىمغا ئۆزۈممۇ ئىشەنمەي قالدىم. ئايالىمنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ ئاستا ئۆيگە كىرىپ كەتتىم.
9
ساۋۇر مەزىن مۇشۇ كۈنلەردە بەكمۇ جىمىغۇرلىشىپ كەتتى. قاچانلا كۆرسەم چىرايىدىن قايغۇ تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇزۇن يىل پالەچ ياتقان قىزىنىڭ كېسىلى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقىنىغا يۈرىكى لەختە-لەختە قان بولۇۋاتسا كېرەك. بالا دېگەننىڭ دەردى يامان-ھە!…
−بار ئامالنى قىلدىم سەمەتباي،−دېدى بىر كۈنى ساۋۇر مەزىن كۆزىگە لىققىدە ياش ئېلىپ،−ئەمدى خۇدادىن شىپالىق تىلىمەكتىن باشقا چارە قالمىدى. قانداق قىلاي، ئاڭا قارا… ئەمدىلا ئايىغى چىقىپ ماڭغاندا، بىر يىقىلغان باھانە بىلەن ئون ئىككى يىل بوپتۇ. ئورنىدىن تۇرالماي ياتقىلى. ئاپىسى ئىككىمىز بۇ ئون ئىككى يىلدا بالىنىڭ بېشىدا پەرۋانە بولۇپ تۈزۈك ئۇخلاپ باقمىدۇق. كۆرسەتمىگەن دوختۇر قالمىدى. ھەي، ئاشۇ قىزىمنىڭ ئاغرىق ئازابىدىن تولغىنىپ، ئىڭراۋاتقانلىقىنى ئاڭلىسام، يۈرىكىم چىدىماي قالىدۇ.
−ياخشى بولۇپ كېتەر ساۋۇر دادا. كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ،−دېدىم ئىچىم ئاچچىق بولۇپ، مېنىڭمۇ بالىلىرىم بار ئەمەسمۇ. يارماقنىڭ ئىشىدا ئاچچىقىم بار ئىدى. ئويلاپ باقسام بۇ ئادەمنىڭمۇ دەردى ئۆزىگە يېتىپ ئاشىدىكەن. شۇڭا خاپا بولۇپ نېمە قىلاي دېدىم. ئەمما، پازىلكام ئۇ ئادەمنىڭ بەزىدە ئارامىنى قويمايتتى. ئۈچىمىزنىڭ بېشى بىر يەرگە كېلىپ قالسىلا، كۆزىگە كىرىۋالاتتى.
−ساۋۇركا، يارماقنى قانداق قىلىمىز؟
مەن ئۇنىڭغا يارماقنىڭ يىتىپ كەتكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ ئىككىمىزنى ئوغرى تۇتقانلىقىنى دېمىگەن ئىدىم. ساۋۇر مەزىن ماڭا لەپپىدە قاراپ قوياتتى-دە، مەڭدەپ تۇرۇپ قالاتتى.
−يىتتى!−دېدى ئاخىرى بىر كۈنى مەزىن پازىلغا چەكچىيىپ قاراپ،−ئەمدى ئۇنىڭ تاماسىنى قىلما پادىچى.
−بۇ قانداق گەپ؟−دەپ چىچاڭلاپ كەتتى پازىلكام.
−شۇنداق گەپ!
−يىتتى دەپلا تۈگەتسە بولماس سەمەتباي؟−دېدى پازىلكام ماڭا قاراپ.
−يىتىپ كەتكەن بولسا نېمە ئامال؟ بولدى قىلغىنا پازىلكا ساۋۇر دادامنىڭ كۆڭلىنىڭ ئارامى يوق ۋاقتىدا!
−ھە، قالتىسقۇ؟!
−نېمىسى قالتىس؟
−مەرد بولۇپ كېتىپسەن دەيمىنا.
−ئاچ-يالىڭاچ قالمىدۇققۇ. سەنمۇ باي بولۇپ كېتىۋاتىسەن مۇشۇ كۈنلەردە. يەنە نېمە يارماق بىلەنلا قالدىڭ. يېتىدۇ دۇنيارىڭ ئاكاۋاي!…
−ئەمدى ئاشۇنداق جىممىدە بېسىقتۇرۇپ كېتەمدۇ؟
−جىممىدە بېسىقتۇرۇپ كېتىۋاتقان يالغۇز ساۋۇر داداممىدى. سەنمۇ پازىلكا… ۋاي، بولدىلا.
−نېمە دېمەكچى سەن؟
−ھېچ نېمە!
−سەندە بىر گەپ بار ئۇكا، ماڭا دېيەلمەيۋاتقان ھە؟
−مەندىمۇ، سەندىمۇ؟
−مەندە نېمە گەپ بولماقچىدى؟
−ئۆزۈڭ بىلىسەن!
ساۋۇر مەزىننى ئاياپلا ئۇنىڭ بىلەن كىرىشىپ قالاتتىم. بۇنداق چاغدا ساۋۇر مەزىن خىجىللىقتىن قىزىرىپ كېتەتتى.
−بولدى قىلىڭلار جېنىم قوشنىلىرىم. ھەممە گۇناھ مەندە. يارماقنى ياخشى ساقلىيالماي يىتتۈرۈپ قويغان ئادەم مەن. مېنى شۇنداق بىر قارا بېسىپ قالدىغۇ. ئاڭا قارا…
ئادەملەر دېگەن شۇنداق. كۆڭۈلدىكى نۇرغۇن گەپلىرىنى بىر بىرىگە دېيەلمەي قىينىلىدۇ. بۇنداق چاغلاردا سۈكۈت قىلماي ئامال يوق.
مۇشۇ كۈنلەردە كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئايرىيالمايدىغان بولۇپ قالدىممۇ نېمە؟ بايىلا تېخى كېچە بولۇپ كەتتى دەپ، ئالدىراپ ئورۇنغا كىرىپ ياتقان ئىدىم. ئەمدىلىكتە كۈننىڭ يالقۇندەك چاقناشلىرى ئاستىدا ھويلىدا پىرقىراپ يۈرىمەن.
−بىر، ئىككى، ئۈچ…
توساتتىن ساۋۇر مەزىننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ھويلىسىدىن يەنە غەلىتە بىر ئاۋازمۇ كېلەتتى. قۇلىقىمنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلىسام دارقىراتما لەگلەكنىڭ ئاۋازىدەك ئاڭلاندى. بارا-بارا بۇ ئاۋاز تېخىمۇ كۈچەيدى. «نېمە گەپ بۇ؟» دەپ پاسىل تامدىن بويۇنداپ، ساۋۇر مەزىننىڭ ھويلىسىغا قارىدىم. يا قۇدرەت! كۆرۈڭ ماۋۇ كارامەتنى. ھويلا بوشلۇقىدا چىۋىنلاردەك ئۇچۇۋاتقان يارماقلار دارقىراپ ئاۋاز چىقىراتتى… ساۋۇر مەزىن پېشايۋاندا باداشقاننى قۇرۇپ ئولتۇرۇپ ئالدىدا غۇيۇلداپ ئۇچۇۋاتقان يارماقلارنى ساناۋاتاتتى. تۇرۇپلا ساناقتىن ئېزىپ كېتەتتى. بىر چاغدا مەزىنمۇ لىككىدە ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى-دە، ئۇياقتىن-بۇياققا ئۇچۇپ، يارماقلارنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. ئاغزىمنى ئېچىپ تۇرۇپ قالدىم.
−كىچىككىنە تۆشۈكتىن ئادەم قانداق ئۆتىدۇ-ھە سەمەتباي؟! مەن ھەيران قېلىۋاتىمەن. سىر يارماقتىمۇ ياكى مەزىن ئاخۇندىمۇ؟
بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، ئۆگزىسىدە پاخال بېسىۋاتقان پازىلكام ساۋۇر مەزىننىڭ ھويلىسىغا بىر ھەيرانلىق ئىچىدە قاراپ تۇرىدۇ. ھۈسىيىن دەڭجانىڭ گەپلىرى ئېسىمگە كېلىپ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى.
−سەندىكى چوكا ئالتۇنلارمۇ ئۇچمىسۇن يەنە، چىڭ تۇت!−دېدىم زەردە بىلەن.
−ئۈنۈڭنى ئۆچۈر، خوتۇن ئاڭلاپ قالىدۇ!−دېدى پازىلكام، ئۆزىنىڭ ھويلىسىغا ئالاقزادىلىك بىلەن قاراپ.
−سەنمۇ خوتۇنۇڭدىن يوشۇرغانما؟
−ھەي… بالا، بالىسەندە! نېمىسىنى ئېيتىسەن؟ خوتۇن دېگەندىن ئون گەپنىڭ توققۇزىنى يوشۇرۇش كېرەك. ئاتا-بوۋىلار رىسالىسىدە شۇنداق پۈتۈلگەن.
−ئاشۇنداق پۈتۈكلەر بارمىكەن؟
−مەنغۇ بىر ساۋاتسىز پادىچى. ئوقۇيالمىغىنىم بىلەن ئاڭلايمىز-دە! قەدىمىي يەرلىرىمىزدىن قېزىلىپ چىقىۋاتقان پۈتۈكلىرىمىز نۇرغۇن گەپمىش. بىز بىلمىگەن بىلەن جاھاننىڭ ھەممە يېرىدە ساقلىنىۋاتقانمىش. سەن ماڭا قارىغاندا ئوقۇغان بالا تۇرۇپ بىلمىگىنىڭ قىزىقتە؟! ئەجدادلىرىدىن مىراس قالغان بايلىقلىرى تولا خەق بىز! ھە، نېمىسىنى ئېيتىسەن…
−مەن بىلمەيدىكەنمەن دېسە.
−ئەمىسە مەندە ئالتۇن بارلىقىنى نەدىن بىلدىڭ؟
−تۇيۇقسىز باي بولۇپ كېتىۋاتساڭ.
−نېمە دېگەن گۇمانخور بولۇپ كېتىۋاتىسىلەر-ھە؟
−بۇرۇنقى باي-پومىشچىكلارنىڭ بالا-ۋاقىسى مانا، ھازىرمۇ بايغۇ!
−تېگى باردە.
−ھە، گەپ شۇ تېگىدە. سەنمۇ شۇنداق تېگىگە ئېرىشىپ قالدىڭ. يالغانمۇ يە؟ قاراپ تۇر، ساۋۇر مەزىنگە دەپ قويىمەن!
−ئىنسى-جىنغا تىنما ئۇكا! ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. شۇ ئالتۇننىڭ كاساپىتىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار ئاز دەمسەن؟! كەچتە بىر توقلا سويۇپ قازان ئېسىپ چاقىراي زادى.
−خوتۇنۇڭدىن بىسوراق سويالماسسەن!؟
−ۋاھ! خوتۇن دېگەننى…
−ھە، قانداق قىلىسەن؟
−جاجىسى ئالتۇنغۇ!
−كالا-قويلىرىڭنىڭ قۇلىقىغا ئېسىپ قويساڭمۇ يېتىدۇ. ئۇ بىر كوزا ئالتۇن!
−ۋاي!… نېمە دېگەن ئېنىق بىلىسەن-ھە؟
−ھۈسىيىن دەڭجانىڭ ھېكايىسى…
−ۋاھ! ساۋۇر مەزىن…
−نېمە بولدى؟
−چاتاق!
يۈگۈرۈپ تونۇر بېشىغا چىقىپ، پاسىل تامدىن ئارتىلىپ ساۋۇر مەزىننىڭ ھويلىسىغا چۈشتۈم. پازىلكاممۇ كەينىمدىن سوڭدىشىپلا چۈشتى. قارىغۇدەك بولسام ساۋۇر مەزىننىڭ بوينى يارماقنىڭ تۆشىكىگە كىرىپ قاپتۇ. خۇددى قەدىمىي زامانلاردىكى بوينىغا تاقاق سېلىنغان مەھبۇسلاردەك ئاۋارە كۆرۈندى. بىزنى كۆرۈپ بوينىنى تولغاپ، قاتتىق ئىڭرىدى.
−ۋاي، قوشنىلار ھاڭۋېقىپ تۇرىسىلەرغۇ؟ مېنى تارتىۋېلىڭلار.
ساۋۇر مەزىننىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، قانداق تارتىشىمنى بىلمەي مەڭدەپ تۇرۇپ قالدىم. پازىلكام ھەدەپ پېشىمدىن تارتاتتى.
−نېمىسىنى ئېيتىسەن ئۇكا، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا بىر بايتىلىم ئىككى پۇتلۇق قۇلۇنلىغان. ئەي بولماي ئۆلۈپ قالدى. تاي تۇغۇلغاندا مۇشۇنداق قىسىلىپ قالغان.
−يىراقتىكى تۇغقاندىن، يېقىندىكى قوشنا ئەلا دەپ، مانا، ۋاي دەپ بولغۇچە كىرىپ بولدۇڭلار،−دەپ تولغىناتتى مەزىن،−بولۇڭلار…
−يارماقنى ئۆزۈڭ پۇل قىلمايسەن، يا بىزگە ساتقىلى قويمايسەن. ئەمدى قوپۇپ بېشىڭنى تۆشۈككە تىقىۋالغىنىڭ نېمىسى؟
−ئۇنچىلىك قىلىشىپ كەتمەيلى قوشنىلار. مەن ھەر قېتىم بىر مېيىتنى گۆرگە قويۇپ چىققاندىن كېيىن ئويلاپ قالىمەن…
−نېمە دەپ، ھە؟
−جاھان دېگەن شۇنچىلىككەن دەپ… ھاياتلىقتا بىر بىرى بىلەن تالىشىپ، بوغۇشۇپ، سەن-پەن دەپ كەتكۈدەك ھېچنېمە يوقكەن. بىللە ياشاپ، ئىناق ئۆتۈپ، ياخشى ئەمەللەرنى قالدۇرۇپ كەتكەنگە يەتمەيدىكەن. ئەمما شۇ، بالا دەردى…
ئەمدى تاقەت قىلىپ تۇرغۇچىلىكىم قالمىدى. بار كۈچۈمنى ئىككى بىلىكىمگە يىغىپ، ساۋۇر مەزىننىڭ بوينىدىكى يارماقنى كۈچەپ تارتتىم.
−ۋاي، ساراڭ!…
چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ئايالىم ۋارقىراپ قولۇمنى ئىتتەردى. ئاندىن ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، تامنى سىيپاشتۇرۇپ ئۈزچاتنىڭ يىپىنى تەستە تېپىپ، ئۆينىڭ چىرىغىنى ياندۇردى. بوينىدىكى مومىسىدىن قالغان كەھرىۋا مارجان يىپى ئۈزۈلۈپ يوتقان-كۆرپىلەر ئۈستىگە چېچىلىپ كەتكەن ئىدى.
−ئەمدى مۇشۇ تەۋەررۈكنى ساتماقچىمىدىڭ؟
−نېمىنى دەيسەن؟
مەن بىردە ئايالىمغا، بىردە چېچىلىپ كەتكەن مارجانلارغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم. ئايالىم تېخىچە چېچىلىپ سۆزلەيتتى.
−مەن بۇ كەھرىۋا مارجانلارنى بېشىمغا نى-نى قىيىنچىلىقلارنى كەلگەندىمۇ ساتمىغان. بىر جۈپ قىزلىرىم چوڭ بولۇۋاتىدۇ. كەھرىۋانىڭ قەدرىگە يەتكۈدەك بولغاندا ئىككىگە بۆلۈپ تاقاپ قويماقچى ئىدىم. ساڭا زادى نېمە يېتىشمەيۋاتىدۇ.
−ساۋۇر مەزىن…
−نېمە؟
−ساۋۇر مەزىننىڭ بوينىدىكى يارماقنى…
−يارماق دېگەن نېمە ئۇ؟
−مەنمۇ بىلمەيمەن. ياق، بىلىمەن. ساڭا دېمىگەن.
−نېمىنى دېمىگەن؟
−يارماقنىڭ ئىشىنى… ئۆي سالغاندا دۆڭنى تۈزلەۋېتىپ، ھېلىقى چىرىپ كەتكەن يۇلغۇن كۆتەكلىرى بار دۆڭنى، ھە… شۇ بىر كوزا يارماق تېپىۋالغان.
−ھە… سېنىڭمۇ مەندىن يوشۇرىدىغان ئىشلىرىڭ باركەن ھە؟ سەمەتباي.
−ئۇششاق گەپ بولۇپ قالمىسۇن دەپچۇ.
−مەن ساڭا ھەر كۈنى قانچە كىلو سۈت، قانچە سىركايە قايماق ساتقىنىمنى دەيمەنۇ، سەن…
−قايماق ئەمەس يارماق! سادىغاڭ كېتەي.
−يارماق؟!
−يىتىپ كېتىپتۇ. ساۋۇر مەزىن شۇنداق دېگەن. ئۇنىڭ نېرىسىنى بىلمەيمەن. بايام چۈش كۆرۈپتىمەن. غەلىتە چۈش. ئاشۇ يارماق ساۋۇر مەزىننىڭ بوينىغا… مۇشۇ كۈنلەردە… ئەرۋاھ… مېنىڭمۇ دەردىمنى چۈشىنىپ قوي خوتۇن، تويدۇم دېگىنە… ئاشۇ يارماقنى تېپىۋالغانغا تويدۇم.
−ۋىيەي! گەپلىرىڭنىڭ بىرىنى چۈشەنگەن بولسام ئۆلەي.
−ئەڭ ياخشىسى چۈشەنمەيلا قوي خوتۇن.
−بىكارچىلىقتا ساراڭ بولايلا دەپسەن سەمەتباي.
−ئىگىسى بىكارچىلىقنى ئات-ئېشەككە بەرسۇن.
−بىلىسەن بولمىسا…
−پازىلكامنىڭ بىر توقلىسىنى يېيەلمىدىم-دە!
−مانا تويدۇڭمۇ؟ بىر قىسمىلا بولغىلى تۇرۇپسەن. ئەسلى بۇ ساراڭلىقىڭ ئاشۇ توخۇ باققان ۋاقتىڭدىلا باشلىنىپتىكەن ئەمەسمۇ؟! شۇ چاغدا ئۆزۈڭ ئېپى-جېپىنى بىلىدىغان بىرەر ئىشنى قىل دېسەم ئۇنىماي كەتكەن ئىدىڭ. باققان توخۇلىرىڭ بىر كېچىدىلا كېسەل تېگىپ قىرىلىپ ئۆلدى. ئۆزۈڭ خەققە قەرزگە بوغۇلدۇڭ… ئەمدى بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ تېخىمۇ ئەدىگىلى تۇردۇڭ.
−ئۆي ساتقاننىڭ گېپىنى يۈزۈمگە سالما!
−سېنى ئاياپ مۇشۇ كۈنگە كەلدىمغۇ.
−ئاستا گەپ قىل بالىلار ئويغىنىپ كەتسە ئۇيات بولىدۇ.
−ئۇياتنى بىلسەڭ بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇت! بولمىسا كوچىغا چىقىپ كېتىدىغان ئوخشايسەن، سەن ئالىجوقا.
−ھاياتتا ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق بولۇۋېرىدۇ دەمسەن. بەزىدە ئاشۇنداق يىقىلىپ قالىدىغان گەپ.
−ئوغۇل بالا بولساڭ، يىقىلغان يېرىڭدىن تۇر!
−رەھمەت خوتۇن، مۆرىتىنى قولدىن بەرمەي دەۋالدىڭ.
−ئەمدى، ما ساراڭنىڭ دېگەن گېپىنى… ھا… ھا…
ئايالىم شۈكلەپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ، بىردىنلا يۈرىكى ئېچىشقاندەك بولدى. مۈرەمگە يېنىك قېقىپ قويۇپ، بېشىنى بېشىمغا تەگكۈزۈپ قويدى. بۇ ئۇنىڭ كۆڭلۈم ئازار يېگەندە بېرىدىغان تەسەللىسى ئىدى… شۇ كۈنى سەھەردە ئورنۇمدىن تەستە تۇردۇم باشلىرىم ئاغرىپ قاپاقتەك بولۇپ قالغان ئىدى. ھويلىغا چىقىشتىنمۇ قورقۇپ قالدىم.
10
چېھرىدىن گۈل كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بىر جۈپ قىزلىرىم بىر-بىرلەپ بوينۇمغا ئېسىلدى.
−خوش، دادا بىز مەكتەپكە ماڭدۇق.
−ئامان بولۇڭلار!
ئۇلارنى مەكتىپىگە ئۇزىتىپ قويۇپ، دەرۋازا ئالدىدا خىيال سۈرۈپ تۇرۇپ قالدىم.
ھايات، تۇرمۇش، ئائىلە، خوتۇن-بالا، يەنە ئۆزۈم توغرىلىق ئويلىناتتىم. بولۇپمۇ پاتەم-زۆھرەلىرىمنى… قىزلىرىم كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ دەۋرى بىزنىڭ دەۋرىمىزگە ئوخشىمايدۇ. ئوقۇمىسا بولمايدۇ. ھازىر ھەممە نەرسە ئىقتىسادقا باغلىق بولۇپ قالدى. دادا بولغان ئادەم ئات-ئېشەكتەك بولسىمۇ ئىشلەپ، پۇل تېپىپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يول سېلىپ بەرگۈلۈك! بولمىسا، قايسى خەقلەرنىڭ قولىدا سارغىيىدۇ؟! توختا، ماۋۇ يېتىشىم بولمىدى.
ئەمدى بىر ئىش قىلاي. مەن نېمە بولسام بولايكى، قىزلىرىم ئامان بولسۇن. قىزلىرىم يىغلىمىسۇن. ھازىر تۆت ئادەم يىغىلىپ پاراڭ سېلىشىپ قالساڭ، ئايلىنىپ كېلىپلا پۇلنىڭ گېپى چىقىدۇ. بۇ گەپتىن زادىلا قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمىغان. پۇلى بارلارغۇ مەيدىسىنى كېرىپ تۇرغان. پۇلى يوقلار يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ تاتىرىپ قالىدۇ. ماڭا قارىغاندا ئايالىم بۇنى چۈشىنىپ يەتكەندەك قىلىدۇ. خوتۇن كىشى جېنىدا ئۆي ئۈچۈن، بالىلار ئۈچۈن، تېخى مەن ئۈچۈن كۆيۈپ-پىشىپ چىرايىدىن، كۈچ-قۇۋۋىتىدىن، ئاياللىق نازاكىتىدىن، ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن كېچىۋاتسا، مەن قانداق ئەركەك؟! مېھنەت قىلماي بايلىققا ئېرىشكىلى بولامدۇ؟ شۇنچە ئوقۇغان كىتابلاردىن بىر چىمدىم يۇقماپتۇ ماڭا… ھەي، ئاشۇ ھېزىم تۆگە دېگەن ئادەممۇ بايلىق ۋەسۋەسىسىدە قالغان قېرى ئىكەن-دە! كوچىغا چىقىپ قوڭىنى يەرگە قويا-قويمايلا ھېكايە سۆزلەپ، بىر ئوبدان تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ بېشىنى ئۇماچ قىلىپ-زە…
كاللام خېلى سەگەكلىشىپ قالغاندەك بولدى. بولۇشىغا قويۇۋەتكەن ساقاللىرىمنى ئېلىشقا باشلىدىم. بۇ ساقال دېگەننىمۇ ۋاقتى-ۋاقتىدا قىرىپ، ئېڭەكلىرىڭنى پارقىرىتىپ تۇرمىساڭ، بىر تاغار يۈك بولۇپ، بىر ئېغىر بېشىڭنى ئىككى قىلىدىغان ئوخشايدۇ.
سۈت-قايماقلىرىنى سېتىپ بولۇپ، بازاردىن قايتىپ كەلگەن ئايالىم ماڭا قاراپ كېتىپ، تاتلىق كۈلۈپ قويدى.
−بىرى چاقىرىپتىمۇ نېمە؟
−خان ئاچام.
−ياخشىغۇ، ئۆيدە بىكار ياتقاندىن كۆرە ئايلىنىپ كەل.
−ساڭا پۇتلىشىپ كۆزۈڭگە سەت كۆرۈنگىچە-ھە؟!
ئايالىم ۋېلىسىپىتىنى لاپاس ئاستىغا تىكلەپ تۇرۇشىغا، بىر ياش بالا ئايالچە موتسىكلىتنى ھويلىغا ھەيدەپ كىردى. ئاندىن توختىتىپ قويۇپ ئالدىراش چىقىپ كەتتى.
−رەھمەت ساقام!−ئايالىم يىگىتنى ئۇزىتىپ قويۇپ قايتىپ كىردى.
−قانداقراقكەن سەمەتباي؟−دەپ موتسىكلىتنى شەرەتلەپ قاشلىرىنى بىر چىرايلىق ئۇچۇردى.
ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرسىمۇ، چۆچۈپ تۇرىدىغان چىرايلىق كۆزلىرىدىن ئوت چاقنايتتى. بىلىنمەس قورۇقلار ئىز سالغان يۈزلىرى قۇياش نۇرىدا نۇرلىنىپ تۇراتتى.
−ئالدىڭمۇ؟
−جىمى نېمىلىرى بىلەن تۆت مىڭ سوم بولدى. ئۆگىنىۋالساملا ۋېلىسىپىتتە سۈت توشۇيدىغان ئىشتىن قۇتۇلىمەن. بازار دېگەنگە غۇررىدە بىردەمدىلا بارىدىغان گەپ. ۋاقىتنى تېجەپ قالىمەن. بوپتىمۇ؟ ھازىر دېگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزى پۇل، بايلىق دېگىنە.
−ئوبدان پۇل تېپىۋاتقان ئوخشىمامسەن؟
−مەندەك سەھەر تۇرساڭ، مىدىرلىساڭ پۇل تاپىسەن. ئىگىسىمۇ ئىشلىگەن ئادەمگە بېرىدۇ. ھۆكۈمەتمۇ دېھقانلارنى باي بول، ھاللىق سەۋىيىگە يەت دەپ، كۈندىن-كۈنگە ياخشى سىياسەتلەرنى چىقىرىپ بېرىۋاتىدۇ. ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىپ قوللاۋاتىدۇ. شۇڭا قۇشقۇنغا ئولتۇرۇۋالساق سەتقۇ. بازارغا باشچىلاپ كىرسەڭ كاللاڭ ئېچىلىدۇ. كەچكىچە ئۆيدە يەردىن كولىۋالغان ئاللىكىملەرنىڭ يارمىقىنىڭ خىيالىنى قىلىپ ئولتۇرغاننىڭ نېمە پايدىسى.
−پاھ! مۇنداق دە،−دېدىم گەجگەمنى ئوڭايسىز ھالەتتە قاشلاپ قويۇپ،−مەندىن زېرىكىپ قالدىڭمۇ نېمە؟
−بېشىڭنى يەيدىغاننىڭ دېگەن گېپىنى. ھا… ھا…
ئايالىم قاقاقلاپ كۈلگىنىچە، قارا دۇخاۋا كەمزۇلىنىڭ قويۇن يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ، قول ياغلىققا ئورالغان بىر مونەكنى ئالدى. بۇ خوتۇنمۇ بايلىق تېپىۋالدىمۇ نېمە؟ دەپ چۆچۈپ كەتتىم. ئايالىم قول ياغلىقىنى ئاۋايلاپ ئاچتى. ئاندىن بىر باغلام پۇلنى قولۇمغا پاققىدە قىلىپ تۇتقۇزدى.
−نېمە قىلماقچى؟
−سەمەتباي! بۇ بەش مىڭ سوم پۇلنى ساڭا ئاتاپ يىغقان. مۇشۇنى دەسمى قىلىپ بىرەر ئوقەت قىل!
−زىيان تارتىپ يەنە قەرزگە بوغۇلۇپ قالسام…
−ئەركەكتەك گەپ قىلە. نېمە قورقىسەن، يامىنى كەلسە قورۇ-جاينى ساتىمىز شۇ… ھا… ھا…
ئايالىم ھويلىدا قاقاقلاپ كۈلۈپ، سۈت تۇڭلىرىنى چايقاپ ئاپتاپقا سالغىلى تۇردى.
−نېمە ئوقەت قىلسام بولا؟
−سېنىڭ بىر ئەسكى قىلىقىڭ بار،−دېدى ئايالىم ئىتتىك كۆزۈمگە قاراپ قويۇپ،−مېنىڭ جەمەتىمدىن قاچىدىغان، بولمىسا ئاكام مال بازىرىدا پۇلنى-پۇلغا ئۇرۇپ تېپىۋاتىدۇ. قايسى كۈنى بازاردا يولۇقۇپ قېلىپ، «سەمەتباي نېمە قىلىۋاتىدۇ؟» دەپ سېنى سورىغان ئىدى. مەن «ئۆيدە بىكار ياتىدۇ» دېسەم خاپا بولۇپ كەتتى. «مەن بىلەن بىللە بازارغا چىقسا بولمامدۇ. ھازىر بىر ھەپتىنىڭ ھەممىسىدە بازار تۇرسا، ئۆزىگە چۇشلۇق تاپاتتى ئەمەسمۇ» دەپ كەتتى. بولمىسا ئاكام بىلەن مال بازىرىغا چىقىپ، بىللە…
−شۇنداق قىلاي،−بۇ گەپنىڭ ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەي قالدىم.
−راستما؟! مانا، مۇنداق قىلمامسەن. بىللە ئوقەت قىلغانغا نېمە بوپتۇ. يا مېنىڭ جەمەتىمگە سېتىلىپ كەتمىگەندىكىن…
ئايالىم قىز ۋاقتىدىكى شوخلۇقى بىلەن قارلىغاچتەك ئۇچۇپ كېلىپ، ئىككى مۈرەمدىن تۇتۇپ، يېنىك قۇچاقلاپ قويدى. ئۆزۈمنى شۇنچە ئازادە تۇتۇپ باقساممۇ، يەنىلا بىر غەشلىك كۆڭلۈمدە مىدىرلاپ تۇراتتى.
ئەتىسىدىن باشلاپ، بەش مىڭ سوم پۇلنى يانچۇققا مەھكەم سېلىپ، قېيىنئاغام بىلەن بىللە بازارمۇ-بازار قاتراشنى باشلىۋەتتىم. ئالدىراشلىقتا نۇرغۇن ئىشلار ئۇنتۇلۇپ كەتتى.
11
ئالدىراش، ھازىر جاھاندىكى جېنى بارلىكى ھەممە نېمە ئالدىراش. ھەتتا شور دۆڭلەردىكى قۇرۇت-قوڭغۇزلارمۇ نەگىدۇر ئالدىراش چاپىدۇ. ئۇنىڭغا قارىغاندا بىز دېگەن ئادەم-دە! ئادەملەر پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئالدىراشلىق ئىچىدە پالاقلاپ يۈرگەنلىكىنىلا ھېس قىلىدۇ. ئەمما، «ئالدىراش» دېگەن بۇ سۆزنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئارىدىن ئىككى يىل ئەنە شۇنداق ئالدىراشلىق ئىچىدە شامالدەك، ئېقىن سۇدەك تېز ئۆتۈپ كەتتى. يېڭى قورۇ-جايىمىزغا قويغان مېۋە كۆچەتلىرىم ئالدىراش ئۇچ تارتىپ باراقسانلاپ، ھويلام خېلى ئىسكەتكە كىرىپ قالدى. مەنمۇ قېيىنئاغام بىلەن بازارمۇ-بازار، تاغمۇ-ساي ئالدىراش چېپىپ يۈرۈپ يامان ئەمەس پۇل تاپتىم. ئايالىممۇ بوش كەلمىدى. ئۇ ھازىر يېزىدىكى ئاياللارنىڭ ئاغزىدا «زەيتۇنە خانىم» بولۇپ چىرايلىق ئاتىلىدىغان بولدى. بۇرۇنقىدەك ئۆزىنىڭلا ئالا ئىنەكلىرىنىڭ سۈتىنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىشتىن، پۈتۈن يېزىدىكى كالا سۈتلىرىنى يىغىپ، ئۆزى توختاملاشقان زاۋۇتلارغا ئۆتكۈزىدىغان بولدى. ئاشۇ ئالدىراشلىق ئىچىدىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ، شوپۇرلۇق ئۆگىنىپ پىراۋا ئالدى. ئارقىدىنلا كىچىك كوزۇپلۇق چاققانغىنە ماشىنىدىن بىرنى سېتىۋالدى. كوزۇپىغا مەخسۇس سۈت توشۇيدىغان قىلىپ ئاق تۇڭدىن بىرنى ئورناتتى. چاققانغىنە كىيىنىپ، ماشىنىسىنى غارقىرىتىپ ھەيدەپ يۈرىدۇ. بەزىدە بۇ خوتۇننىڭ ئالدىراشلىقىغا تاڭ قالىمەن. پۇل دېگەن قولدا بولسا، ئادەمنىڭمۇ زېھنى ئۇلۇغ ئېچىلىپ، يوللىرى راۋان بولۇپ كېتەمدۇ-نېمە؟ توۋا! ماۋۇ خوتۇننىڭ مۇشۇ كۈنلەردە تاراقشىپ كېتىپ بارغىنىنى دەيمىنا؟! يېقىندا بىزنىڭ بۇ خوتۇننى يېزىلىق ھۆكۈمەت، ئاياللار بىرلەشمىسى دېگەن ئورۇنلار قوللاپ ئۆسۈمسىز مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپتىكەن. سۈتلۈك كالا باقمىچىلىق ئورنى قۇرىمەن دەپ، ئۆيدە قازان قاينىتىشقا ۋاقىت چىقىرالماي، بىر جۈپ قىزلىرىمنى ئۆي ئىشىغا پىشۇرۇشقا باشلىدى.
−تۇمشۇقۇڭنى ئۇچلاشما! تاپقان پۇلۇمنى ئانامنىڭ قېشىغا ئاپارمايمەن، سىلەرنى چوڭ مەكتەپلەردە ئوقۇتىمەن. بولسا تېخى چەت ئەلدە. ھەممىسىگە پۇل كېتىدۇ. قىز بالا دېگەن ئۆي ئىشىنىمۇ ئۆگىنىپ قويۇشى كېرەك. شۇڭا ئاپئاق قىزلىرىم مېنى قوللاپ قويۇڭلار. داداڭلارنى بىلىسىلەر ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەنلا بولىدىغان ئادەم…
ئايالىم قىزلىرىغا سۆزلىگەچ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ماڭا قاراپ قوياتتى. چىش يېرىپ بىر نېمە دېمىگىنى بىلەن ئاشۇ قارىشىلا يېتەرلىك ئىدى. ئاياللار كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى كۆز بىلەن ئىپادىلەشكە ماھىر. ئاشۇ كۆزلەردىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. ئاياللارنى ئاجىز دەپ ئۇنى-بۇنى دېگىنىمىز بىلەن ھامان بىر كۈنى ئاشۇلارنىڭ يۇمشاق، سىلىق قوللىرىدا يېڭىلىمىز.
مۇشۇ كۈنلەردە تۇرۇپلا ھۈسىيىن دەڭجا يادىمغا يېتىپ قالىدۇ. ئىككى يىلدىن بېرى ئارقا تامنى مۇشتلاپ باقمىغان بولسىمۇ، ھامان ماڭا بىر ئاۋاز كېلىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. ھاياتتا بىزنى يەنە نېمە كۈنلەر كۈتۈپ تۇرمايدۇ دەيسىلەر؟ خۇشاللىقمۇ، خاپىلىقمۇ؟ بىز بۇنى بىلىشكە قادىر ئەمەس.
−ئەر خەق بۇزۇلسا كۆزىگە ھېچ نېمە كۆرۈنمەيدىكەن ھە سەمەتباي،−دەپ ھويلىغا كىرىپ كەلدى ئايالىم،− بىر كۈنلەردە سەنمۇ ئۇنداق قىلمايدىغانسەن؟
−نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىسەن؟
−ئاڭلىمىدىڭمۇ؟
−نېمىنى دەيسەنوي؟
−پازىل ئاكاڭنىڭ ئىشىنى!
−ئۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟
−چاتاق چىقىپتۇ. تۇرغۇنايدەم بىلەن ئاجراشقۇدەك.
− نېمىگە ئەمدى؟
−بىر قىزغا بۇزۇلغاننىڭ گېپى بار.
−پاھ!… قىزغا؟!
−ۋۇيت، نېمە بولۇۋاتىسەن؟ «قىزغا» دەپ شۆلگەيلىرىڭنى ئېقىتىپ كەتتىڭغۇ!؟
−گەپنى ئۆزۈڭ تېپىپ كىرىپ، نېمە ماڭا…
−ئۇلارمۇ يېقىندىن بېرى باي بولۇپ ئانايۇ-بالايۇ تاراقشىپ كەتكەن. ئادەم باي بولمىغانمۇ ياخشى ئوخشايدۇ-ھە؟ ئاشۇ پازىلكامنى بۇزۇلىدۇ دېسە كىم ئىشىنىدۇ. ئەر خەق دېگەن يانچۇقى تومپىيىپ قالسا بىردەملىككىنە، بىر خوتۇن يەتمەي…
−ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە!
−تام قوشنا تۇرۇپ بىز بىلمەي يۈرگەن بىلەن مەھەللىگە پۇر بولۇپ كېتىپتۇ.
−بىز خەقنىڭ قورسىقىدا گەپ ياتىدۇ دەمسەن.
−نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا پازىلكام «ئالتۇن ئارال» رېستورانىنىڭ ئايرىم خانىسىدا بىر قىز بىلەن ئىرماش-چىرماش بولۇپ ئولتۇرغاندا تۇرغۇنايدەم قىزلىرى بىلەن بېسىپ كىرىپ چاقە-چاق، ئۇرە-ئۇر بولۇپ چوڭ جېدەل چىقىپتىغۇ.
−قانداق بىلىپ قاپتۇ؟
−ھەي، سەمەتباي ھازىر باشقىلارنىڭ ئىشىنى تىڭتىڭلاپ، ماراپ يۈرىدىغان ئادەم دېگەن تولا. بىرى يەتكۈزدى-دە، ھەقىچان!
−ئەمدى نېمە بولۇپ كېتە-ھە!؟
−بىلمىدىم، ياخشىسى ئۆيى بۇزۇلمىسا بولاتتى دېگىنە. يوقنىڭ دەردىنى ھارغىچە تارتىپ، ئەمدى بىر ئېغزى ماي بولۇپ، ئۇستبېشى پارقىرىغاندا ئۇۋىسى چۇۋۇلغان قۇشتەك توزۇپ كەتمىسە بولاتتىغۇ. بالىلارنى قانداق جاپالار بىلەن چوڭ قىلدى دېسەڭچۇ!؟
پازىلكام بىردىنلا كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى. بالىلىقى، ياشلىقى سازلىق، بىنەملىكلەردە پادا بېقىپ ئۆتۈپ كەتكەن بۇ ئادەم ئۇنچە يامان ئادەممۇ ئەمەستى. مانا، ئىككى يىلدىن بېرى كىچىك ماشىنا سېتىۋېلىپ، يۈرۈش-تۇرۇشىمۇ چىرايلىقلىشىپ، ۋاي، پازىل بايۋەچچە بولۇپ قالغان ئىدى. دېمەكچىمۇ، ئۇ ناھايىتى تېز بېيىپ كەتتى. مەھەللىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ قانداق يوللار بىلەن پۇل تېپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي ئاۋارە ئىدى. مەنغۇ، «ھۈسىيىن دەڭجانىڭ دېگەنلىرى راستكەن-دە؟!…» دەپلا ئويلايتتىم. بىراق ھېچكىمگە بۇنى تىنمىغان.
بىزنىڭ بۇ مەھەللىدە بىر سۆز چىقتىمۇ، بولدى. ئۇنىڭ ئاخىرى بىر خۇلاسىسى چىقىدۇ. ئاز كۈن ئۆتمەي پازىلكامنى ئايالى بىلەن بالىلىرى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى. پازىلكام شۇنچە يىل تۇتقان جاھاندىن بىر چامادان كىيىم-كېچىكىنى كۆتۈرۈپلا قايتىپ چىقتى. چاماداننى ماشىنىسىنىڭ ئارقىسىغا سېلىپ، قاپقاقنى زەردە بىلەن ياپتى-دە، ماڭا قاراپ تۇرۇپ كەتتى. ئاندىن يېنىمغا كېلىپ يېنىككىنە قۇچاقلاپ خوشلاشتى.
−خاپا بولما ئۇكا، نېمىسىنى ئېيتىسەن؟ ئىشلار مۇشۇنداق بولۇپ قالدى. چۈشەندۈرۈپ بولماق تەس. مەن ھازىرچە بولسىمۇ كېتىپ تۇراي، بالىلىرىمغا قاراپ قويارسەن. كىچىك ئەمەسمۇ. ئەسلىدىغۇ مېنىڭ تازا مەيلىم ئەمەستى. ئامال يوق.
−مەنمۇ گەپ قىلىپ باقتىم. ھەدەم ئاڭلار ئەمەس.
−بىلىمەن.
−نەگە بارىسەن ئاكا؟
−ھازىرچە شەھەرگە كىرىپ كېتىمەن. قېنى كېيىن بىر گەپ بولار ئۇكا. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يۇرتتا خەقنىڭ ئېغزىغا چىقىپ قالدىم. قانچە يىراق تۇرسام شۇنچە ياخشى.
ئۇ ماشىنىسىغا چىقتى، كۆزلىرىدىن ياش ئەگىپ قالغان ئىدى. دەرۋازىسى ھىم ئېتىكلىك ئىدى. ئۆيىدىن بىرەرسىمۇ چىقىپ قويمىدى. ئۇ ئۆيىگە، مەھەللىگە، دۆڭلەرگە، يىراقتىكى سازلىقلارغا قاراپ كېتىپ ماشىنىسىنى ئوت ئالدۇردى-دە، يۈرۈپ كەتتى. يىراقلاپ كېتىۋاتقان ماشىنىغا قارىغىنىمچە يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىلا تۇرۇپ قالدىم. يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرى ئىچىشىپ ئاغرىغاندەك قىلدى. ئاكا-ئۇكىدەك بولۇپ قالغان ئىدۇق ئەمەسمۇ…
ساۋۇر مەزىننىڭ بۇنداق جېدەل-ماجىرالارغا خېلى ئېپى بار ئادەم ئىدى. نېمىشقىدۇر پازىلكامنىڭ ئىشىغا كەلگەندە قۇلىقىنى يوپۇرۇپ جىم يېتىۋالدى.
−ئۆزىگە ئاز،−دېدى بىر كۈنى دەرۋازىسى ئالدىدىكى بەندىڭدە ساقىلىنى سىلاپ ئولتۇرۇپ،−خۇدا ئازراق بېرىپ قويۇۋېدى شۇ ئىشنى قىپتۇ. بالىلىرى ئېڭەككە تاقاشقاندا نومۇس قىلسا بولمامدۇ. ھاڭگىلىق دېگەن ھايۋانغا يارىشىدۇ.
−ساۋۇر دادا، بەندە دېگەن ئازىدۇ.
−ئېتىقادى بوش ئادەملەر ئازىدۇ!
−كۆڭلىدە يامانلىقى يوق نېمە ئىدى.
−لەۋزىدە يوق…
−لەۋزىدە يوق ئادەملەر توغرىلىق سۆز ئاچمايلى ساۋۇر دادا، سىزمۇ…
− ئاڭا قارا، مەن نېمە بوپتىمەن؟
−بىر كوزا يارماقنى…−گېپىمنىڭ ئاخىرىنى يۇتۇۋەتتىم. تۇرۇپلا بۇ ئادەمنى ئاياپ قالدىم. قانداقلا بولمىسۇن ياشقا چوڭ بولۇپ قالدى ئەمەسمۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغرىقچان قىزى ياخشى بولالماي تۈگەپ كەتكىنىگە ئۇزاق بولمىدى. ئاشۇ دەردىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ بۇ ئادەمگە. يەنە نېمە قىلارمەن كۆڭلىنى ئاغرىتىپ ئۆزى ئاران تۇرغاندا. ئۆتكەن ئىش ئۆتتى. گەپكە گەپ كەلگەندە دەۋالدىم، ئېيتىۋالدىم دەپ قانچىلىك خۇش بولۇپ كېتەرمىز. بىرسىنىڭ ئازابى بەدىلىگە كەلگەن خۇشاللىقنىڭ قانچىلىك لەززىتى بولماقچى دەيسىلەر؟!
−كىشىنىڭ بايلىقى بىزگە ئەسقاتاتتىمۇ تېپىۋالغان نەرسىغۇ ئۇ!
−ھە، مەزىن دادا ماۋۇ گەپلىرى بولدى.
ساۋۇر مەزىن خىجىل بولۇپ قىزاردى. بۇ قىزىرىش بىلەن كۆزۈمگە باشقىچە يېقىملىق كۆرۈنۈپ كەتتى. ئەسلىدىمۇ بۇ ئادەم ناھايىتى نومۇسچان ئىدى.
12
دۆڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن. ئالدىمدىكى سايدا تېخى ئەتىگەن بازاردىن سېتىۋالغان ئۈچ تايىنچا ئوتلاۋاتاتتى. تۆۋەندىكى ئېتىزلىقلاردا ھەر خىل زىرائەتلەر كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بىر توپ سازلىق قۇشلىرى نېمىنىدۇر ئىزدىگەندەك ئاشۇ ئېتىزلىقلار ئۈستىدە سايرىشىپ، تىنىمسىز ئايلىنىپ ئۇچۇشاتتى. ناھايىتى يىراقتا كىچىك بالىنىڭ سېكىلەك چېچىدەك قالغان قومۇشلۇق قارىيىپ كۆرۈنەتتى. بۇرۇنلاردا كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى، ئېشەكلەرنىڭ ھاڭراشلىرى، ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى، قويلارنىڭ مەرەشلىرى، غازلارنىڭ غاقىلداشلىرى، پادىچىنىڭ ھاي-ھايلىرى كېلىدىغان سازلىقتىن ئەمدىلىكتە توپا قېزىش ماشىنىسىنىڭ توختىماي گۈرۈلدەشلىرى ئاڭلىناتتى.
تېخى بايىلا دۆڭلەرنى ياقىلاپ سازلىق تەرەپتىن كېلىۋاتقان بىر ئادەمنىڭ يىراقتىن قارىسى كۆرۈنگەن ئىدى. تۇيۇقسىز ئالدىمدىكى سايدىنلا ئۆرلەپ چىقىپ دۆڭدە پەيدا بولدى. ساۋۇر مەزىننىڭ ھارغىن چىرايىدىن خېلى ئۇزاق يول باسقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئىتتىك ئورنۇمدىن تۇرۇپ كۆرۈشتۈم.
−ھە بالام ئولتۇرە! بىردەم پاراڭلىشايلى،−دېدى ساۋۇر مەزىن ئۆزىنى ئۇششاق شىۋاقلار بىلەن كۆكىرىپ تۇرغان يۇمشاق دۆڭگە تاشلاپ،−ئالدىڭمۇ نېمە بۇ تايىنچىلارنى؟
−ئەتىگەن سەيشەنبە بازاردىن ئالغان.
−ياخشى، مالچىلىق بىلەن خېلى قاملىشىپ قالدىڭ-ھە؟
−خۇدا بۇيرۇسا مەزىن دادا.
−سىلەرنىڭ ئىشىڭلارمۇ قاملىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەمما بىزنىڭ ئىشىمىز تۈگەشتىغۇ.
−قانداق دەيسەن؟
−قومۇشلۇق تۈگەپتۇ،−دېدى ساۋۇر مەزىن سازلىق تەرەپكە ئېچىنىش ئىچىدە كۆز ئۈزمەي قاراپ،−ئاڭا قارا… ئەتىگەن چىقىپ كەتكەن ئادەم پۈتۈن سازلىقنى ئالا قويماي ئايلىنىپ چىقتىم. چوڭ كۆل، توغرا قومۇش، قاراسۇ، بېلىق ئالدى، ئاققۇ كۆل، تۇرنا ئارىلى… ھەممىسى تۈگەپتۇ.
−قانداقلارچە؟
−ئايلىنىپ باقساڭ بىلىسەن. قومۇشلۇقنىڭ ھەممە يېرىنى قوغۇن تىلغاندەك زەيكەش تارتىپ، سازلىقنى سۇسىز قالدۇرۇپ، يەرگە ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ. بۇلتۇر بالىلار ئورۇغان قومۇشلۇققا بارسام، قايران قومۇش بەك ياخشى ئىدى، تۈگەپتۇ دېگىنە…
−مەھەللىمىزنىڭ بايلىقى تۈگەپتۇ-دە!؟
−نۇرغۇن ئادەمنىڭ تىرىكچىلىكى دېگىنە! بىزنىڭ مەھەللىدە ئاشۇ قومۇشنى ئورۇپ ئاچىقىپ سېتىپلا جاھاندارچىلىق قىلىدىغان ئادەملەر كۆپتە…
−ئۇ ئانچە مۇھىم ئەمەس. قومۇش ئورۇپ، بورا توقۇمىغانغا ئاچ قالمايدۇ. مۇھىمى زېمىن سازلىقلاردىن ئايرىلىپ قالسا بولمايدۇ.
−قومۇش بولمىسا بۇ سازلىق دېگىنىڭمۇ ئادەمنىڭ كۆزىگە سەتلا كۆرۈنىدىكەن دېسە.−ساۋۇر مەزىن ئېغىر خورسىنىپ قويدى. ئۇنىڭ قومۇشلۇققا مېھرى باشقىچىلا چوڭقۇر ئىدى. نېمىلا دېگەن بىلەن ئاشۇ قومۇشلۇقنىڭ خاسىيىتىدىن چۆچۈرىدەك ئۇششاق بالىلىرىنى ھېچكىمگە خار قىلماي بېقىپ قاتارغا قاتتى-دە!…
−بالام، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى،−دېدى ساۋۇر مەزىن كۆزلىرىمگە بىر خىل ئوڭايسىز ھالەتتە قاراپ قويۇپ،−ئاشۇ بىر كوزا يارماقنىڭ ئىشى بىلەن كۆڭلۈڭنى ئاغرىتىپ قويدۇم. راست گەپنى دېسەم…
−ساۋۇر دادا ئەمدى ئۇ گەپنى دېيىشمەيلى!
−ياق بالام! بۈگۈن ساڭا بىر گەپنى دەپ قويمىسام بولمايدۇ. جان بار يەردە قازا بار.
−ئۇ ئىشلارنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتتىم.
−پازىل ئىككىڭلارنى ئوغرى تۇتقىنىم زادىلا قاملاشمىدى. ئۇ بىر كوزا يارماقنى شەلىك تۇغقىنىمنىڭ قويۇپ كەتكەنلىكىنى كېيىن بىلىپ قالدىم.
−ئۇنىڭغا دېگەنمىدىڭىز؟
−شۇنداق، ياخشىراق پۇل قىلىپ بېرەرمىكىن دەپ ھەممە گەپنى ئوچۇق دېگەن ئىدىم. ئۇ كاززاپنى ئۇنداق قىلا دەپ زادىلا ئويلىماپتىمەن.
−ئوغرىلاپ كەتكەن بولدىمۇ؟
−ياق. ئۇستىلىق ئىشلىتىپتۇ.
−ھە…
−دەپ كەلسەم سەنمۇ ھەيران قالىسەن. بىر كۈنى دۆڭدە قومۇش سايلاۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز ساقاللىق بىر ئادەم يېنىمدا پەيدا بولدى. سالام-سەھەت قىلىشىپ ئۆيگە باشلىسام، كىرىشكە ئۇنىمىدى. «يوچۇن بۇ ئادەمنىڭ مەندە نېمە ئىشى باردۇ؟» دەپ ئويلاپ تۇراتتىم. ئۆزى سۆز ئاچتى قارا…
−قانداق دەيسىز؟
−ئۇ ئادەم: «بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال بىر كېسەلگە تۇغ قاداپ پېرە ئوينىغان ئىدىم. يىغىن يىغقاندا سىلىنىڭ ئۆيلىرى چۈشۈپ قالدى. ئۆيلىرىدە ئاغرىق قىزلىرى بارمۇ؟» دەپ قالدى. «بار» دېدىم، ئۇ ئادەمگە قايتىدىن سەپسېلىپ قاراپ. ئۇ قامەتلىك، ئىككى مەڭزى قىپقىزىل، ئاپئاق ساقاللىق، ساغلام ئادەم ئىدى. خۇدايىمغا دەردۇ ھالىم يەتكەن ئوخشايدۇ دەپ خۇش بولۇپ كەتتىم. ئۇ ئادەم ماڭا ناھايىتى سىرلىق قىياپەتتە قاراپ قويۇپ: «ئاشۇ قىزلىرىنىڭ ئاغرىق ئازابىدىن ساقىت بولۇشىنى ئۈمىد قىلاملا؟» دېۋىدى. دەرھاللا «ئۈمىد قىلمامدىغان تەقسىر. بۇ ناتىۋان قىزىمنى داۋالاتمىغان يەر قالمىدى. ماڭا ياردەم قىلىپ قويغان بولسىلا، ياخشلىقلىرىنى ئۇ دۇنيا، بۇ دۇنيا ئۇنتۇماس ئىدىم. ۋەسلىم كەتسىمۇ سىزنى رازى قىلاتتىم» دەپ قوللىرىغا ئېسىلدىم. كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى. بالىنىڭ ئوتى يامان ئىكەن… ھەر قاچان قىزىمنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئۆلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئىدى، دەپ ئويلايتتىم. ئۇ ئادەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتى-دە: «مەن نۇرغۇن كېسەللەرنى ساقايتقان. ماڭا قىزىڭىزنىڭ ئازابى ئايان بولغاچقا كېلىپ تۇرۇۋاتىمەن. سىلىنىڭ مېنى رازى قىلىشلىرىنىڭ ھاجىتى يوق. ئۆي-جايلىرىنىڭ ئەتراپى تەكشى ئەمەسكەن. ماڭا ئايان بولۇشىچە سىلىدە بىر نەرسە باركەن. مۇشۇ ئەتراپتىن تېپىۋالغان. كېسەلنىڭ يىلتىزى شۇ! شۇ نەرسىنى ھېچكىمگە بىلىندۈرمەي يوقاتسىلا» دېدى. «بىلمىدىم، تەقسىر، نېمە نەرسىدۇ ئۇ؟» دېدىم. ئۇ ئادەم كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ، ئىچىدە دۇرۇت ئوقۇدى. بىر چاغدا كۆزىنى لاپپىدە ئېچىپ، ماڭا تىكىلىپ قارىدى. قاراشلىرىدىن ئەندىكىپ كەتتىم. پېشانەمنى مۇزدەك تەر باستى. «كونا نەرسىكەن» دەپ ئۇ ئادەم ئاپئاق ساقاللىرىنى سىلاپ قويدى. شۇ چاغدا «نېمە بولغىيتتى بۇ نەرسە؟» دەپ ئويلاۋېتىپ، تۇيۇقسىز بىر كوزا يارماق ئېسىمگە كەلدى. خۇشاللىقىمدا: «راست، تەقسىر. بىر كوزا يارماق تېپىۋالغان» دېدىم. «شۇنداقمۇ؟ پەقەتلا شۇما؟» ئۇ ئادەم دەرھال جانلىنىپ كەتتى. «ھەئە، ئۇنى قانداق يوقىتىمەن؟» دەپ سىرلىق ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە قارىدىميۇ، سىلەر يادىمغا كەلدىڭلار. ئۇ نەرسىدە سىلەرنىڭمۇ ھەققىڭلار تۇرسا، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق، دەپ ئويلىنىپ كەتتىم. ئەمما، پۈتۈن ئەس-يادىم قىزىمدا ئىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىمدا مېڭىپ يۈرگەن ھالىتىلا كېلەتتى. بېشىغا كەلمىگەن ئادەم بىلمەيدۇ. بالا ئۈچۈن بەزىدە لەۋزى قىلغان ھەر قانداق نەرسىدىن كېچىدىكەنسەن… ئۇ ئادەم ئالدىرىدى. «مەن ھازىر ئالدىرايمەن. ئۇ نەرسىنى ئوقۇپ، ئوتقا تاشلايدىغان گەپ. بۇنىڭغا ئۈچ كۈن ۋاقىت كېتىدۇ. مېنىڭ ئۇ ئىشلارنى ئۆيلىرىدە قىلىپ ئولتۇرىدىغانغا ۋاقتىم يوق دېسىلە، شۇڭا ئەكېتىپ ئوقۇيمەن» دېدى. «بۇ ئادەمنىڭ دېگەنلىرى يالغان ئەمەستۇ-ھە؟» دەپ كۆڭلۈمگە شەك كەلتۈرۈشتىن شۇنداق قورقتۇم. قىزىم ئۈچۈن ئەمدىلا بىر ئۈمىد تۇغۇلغاندا… سەل ئىككىلىنىپ قالغان بولساممۇ، يەنىلا ئېغىلغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، يارماقنى كۆمگەن يەردىن شۇنداق چاققانلىق بىلەن قېزىپ ئېلىپ، خالتىغا ئورىغان پېتى دەرۋازا ئالدىغا ئاچىقىپ سىرلىق ئادەمنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم. ئۇ ئادەم قولۇمدىن بىر كوزا يارماقنى ئېلىپلا، قىسقا خوشلىشىپ قانداق تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بولسا، يەنە شۇنداق تۇيۇقسىز غايىب بولدى. خۇددى سېھىرگەردەك…
قىزىمنى مانا ساقىيىدۇ، ئەنە ساقىيىدۇ دەپ يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئاخىرى قىزىمدىن ئايرىلىپ قالدىم. شۇ چاغدىلا ھېلىقى ئەۋلىيا سۈپەت ئادەم يادىمغا كەلدى. يارماق توغرىلىق ئويلىنىپ قالدىم. ئۇ ئادەم زادى كىم؟ ئەگەر ئۇ ئادەمنىڭ دېگەنلىرى يالغان، ئۇ بىر كاززاپ ئوغرىكەن دەي دېسەم، مەندە يارماق بارلىقىنى نەدىن بىلىدۇ؟ گۈپپىدە يادىمغا ئايالىمنىڭ شەلىك تۇغقىنى كەلدى. راست، ئۈچىمىزدىن باشقا، ئاشۇلا بۇ بىر كوزا يارماقنى بىلەتتى ئەمەسمۇ. يەنە كېلىپ قىزىمنىڭ ئەھۋالىدىن، مېنىڭ قىزىم ئۈچۈن ھەممىدىن كېچىدىغانلىقىمنى ئوبدان بىلىدۇ-دە! دەرھال شەگە ئىزدەپ كىردىم. ئۈرۈمچىگە كەتكىلى خېلى بوپتۇ. شۇ پېتى قۇيرۇقىنى تۇتقۇزمىدى. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئاڭلىسام، ئىچكىرىدە ئاسارا-ئەتىقە سودىسى قىلىۋېتىپتىمىش. ئاڭا قارا… مۇشۇنداق گەپ… دىلىڭنى رەنجىتىپ قويدۇم. خالىساڭ كۆڭلۈڭدىن چىقىرىۋەت.
ساۋۇر مەزىننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئېغىر سۈكۈتكە پېتىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. بالا ئۈچۈن ئادەم نېمە ئىشلارنى قىلمايدۇ-ھە؟… ساۋۇر مەزىننىڭ كۆزلىرىدە ياش لىغىرلاپ تۇراتتى. چوقۇم قىزى يادىدىن كېچىپ قالدى. بىچارە ئادەم… مېنىڭمۇ دىمىقىم ئېچىشتى…
13
ھايات دېگەن قىزىق. بەزىدە ئىنسان ئۆزىگە ئىگە بولالمايدىغان چاغلارمۇ بولىدۇ. سېنى، سەن ھاجەت بولغان نەرسىلەر باشقۇرىدۇ. بىلىپ-بىلمەي پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىسەن. ئەر-خوتۇنچىلىقمۇ بىر يەردە تاشلىنىپ قېلىپ، ئايالىڭ بىلەن بىر ئۆيدە ياشاۋاتقانلىقىڭغا ئۆزۈڭمۇ ئىشەنمەي قالىسەن. كېچىنىڭ خاسىيىتى نېمە؟ ئاشۇ كېچىدىلا سەن ئۆزۈڭگە ئىگە بولغاندەك تۇيغۇغا كېلىسەن-دە، كۈندۈزدىكى نۇرغۇن ئىشلار يادىڭدىن كېچىدۇ…
−سەمەتباي! ماياققا قارىغىنا بىردەم پاراڭلىشايلى،−دېدى ئايالىم يىتتۈرۈپ قويغىلى ئۇزۇن بولغان قىممەتلىك بىر نەرسىنى قايتا تېپىۋېلىپ ھاياجانلانغاندەك،−ئادەمگە دۈمبەڭنى قىلىپ ياتماي…
−نېمە؟!… ئەجەب بۈگۈن پاراڭلاشقۇڭ كېلىپ قاپتىغۇ؟!
−ئەمدى، دەيمەن-دە…
−سېنىڭمۇ ئىچىڭ پۇشۇدىكەن-ھە؟
−ماۋۇ ساراڭنىڭ گېپىنى. ئىچى پۇشمايدىغان ئايالمۇ بولامدۇ!؟ ئەمدى شۇ… ئىككىلىمىز بالىلارنى دەپ، ئىشلار شۇنداق بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
−باشقا ئادەملەر بالا باقمايدۇ.
−تولا قېيدىمىغىنا، ھىي تاز!
−ئاياللارغۇ ھېچ نېمە بولمايدىكەنسىلەر. مانا، تۇرغۇنايدەممۇ پېتىدىن چۈشمەي يۈرىدىغۇ!
−تۇرغۇنايدەمنىڭ دەردىنى سەن بىلەمتىڭ؟
−چىرايىدىن چىقىپ تۇرمامدۇ.
−ئۆتەپ بارە، ئاياللارنى سىلەر ئەرلەر قانچىلىك چۈشىنىسىلەر، ھەممە ئايال كۆڭلىدىكىنى چىرايىغا چىقىرىپ يۈرىدۇ دەمسەن؟!… ئاشۇ پازىلكام ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنگە خېلى بولۇپ قالغاندۇ؟
−ئىككى يىلچە بولۇپ قالدى.
−بىرەر خەۋىرىنى بىلدىڭلارمۇ؟
−ھېلىقى قىزنى نىكاھىغا ئېلىپ، شەدىن ئۈرۈمچىگە كېتىپ، چوڭ تىجارەت قىلىۋاتىدۇ دەپ ئاڭلىغان بىر چاغدا…
−ھە… ئەجەب بىر بولدا… تۇرغۇنايدەم ئاغزىدا تىللىغىنى بىلەن تۇرۇپ گېپىنى قىلىپ يىغلاپ كېتىدۇ. «بىر كۈنلۈك ئەر-خوتۇنچىلىقنىڭ يۈز كۈنلۈك مېھرى بولىدۇ» دېگىنى راستە. ئىچىگە كىرىپ چىقسام شۇ چاغدا سەل يەڭگىللىك قىلىپ سالغىنىغا پۇشايمان قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلىرىمۇ چوڭ بولۇپ قالدى. ئىككى قىزىنى تالالىق قىلىدىغان، ئوغلىنى ئۆيلەيدىغان گەپ. ئايال كىشىگە ئاسانمۇ؟! قايسى كۈنى ئوغلى غىققىدە مەست كىرىپ، ئاپىسىغا دەرد ئېيتىپ يىغلاپتۇ. ئۈرۈمچىگە بېرىپ دادامنى نەدىن بولسىمۇ تېپىپ، قايتۇرۇپ كېلىمەن، دەپ غەلۋە قىپتۇ.
−ئەسلىغۇ ھەر كىم بالىلىرىنى ئۆزى باققىنى ياخشى.
−ئەجەب بىر… ئائىلىسى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئارىلاشقان ئاشۇ پاسكىنىلاردىمۇ بار. ئاناڭنى!…
−ھوي، خوتۇن نېمە بولۇۋاتىسەن؟
−ئەمدى، دەيمەن-دە!…
ئايالىمنىڭ كۆزلىرىدىكى ئوتتەك تەشنالىق پاراڭ بىلەن بولۇپ ئاستا-ئاستا سۇسلاپ كەتتى. تاتلىق پۇشۇلداشقا باشلىدى.
−ھوي، ئۇخلىدىڭمۇ؟ بىر ئوبدان قۇتراۋاتاتتىڭ.
−ھېرىپ قاپتىمەن سەمەتباي.
−ھە… قاچانغىچە؟
−بىلمىدىم،−ئايالىم ئۇيقۇ بېسىپ تۇرغان كۆزلىرىنى خۇمارلاشتۇرۇپ پىسىڭڭىدە كۈلدى،−بالىلارنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇۋالساق، ئاندىن خىزمەتكە چىقىرىۋالساق. سۈيى بار يەرلەر ئۇچرىسا تالالىق قىلىۋالساق…
−ئاندىن كېيىن بالىلىرىنى بېقىپ بەرسەڭ.
−ۋاي-ۋۇي… سەمەتباي بىزگە ئاراملىق يوق ئوخشىمامدۇ؟ جاھاندىن شۇنداق ئۆتۈپ كېتەرمىزمۇ؟
−ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق.
−توۋا! ئەجەب بىر…
ئايالىم پاراڭ قىلىۋېتىپ ئۇخلاپ قالدى. خېلى ۋاقىتقىچە ئۇنىڭ قىز چاغلىرىدىكى ئاجايىپ جەزبىدارلىقى تېخى كەتمىگەن چىرايىغا قاراپ كەتتىم. غورىدەك ۋاقتىدا ئالغان ئايالىمغا بەزىدە چاندۇرماي تويغۇدەك قارىۋالاتتىم. ئاشۇ قاراشلىرىم بىلەن سۈيىگە قانغان يەردەك لاسسىدە بوشاپ كېتەتتىم. ۋاقىت خېلى بىر يەرگە بارغان ئىدى. چىراغنى ئۆچۈردۈم. ياشلىق چاغلىرىمنى ئويلاپ يېتىپ، كۆزۈم ئەمدىلا ئۇيقۇغا ئىلىنغان ئىدى. ئارقا تام، «گۈپ، گۈپ» قىلىپ قاتتىق ئۇرۇلدى. ئىتتىك ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ چۆچۈپ كەتتىم. «ئاپلا! ھۈسىيىن دەڭجا كەلدى. چىقماي ئامال يوق. نېمىلا دېگەن بىلەن خېلى ئوبدان ئارىلىشىپ قالدۇق-دە! يەنە، شۇ چالا قالغان بىرەر ھېكايىنى دېگىلى كەلگەندۇ ھەقىچان» دېگەنلەرنى ئويلاپ كىيىملىرىمنى كىيدىم.
−سەمەتباي!
ئاۋۋالقىدەكلا قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن بىر ئاۋاز كەلدى.
−ھۈسىيىن دەڭجا!−دەپ نېمىلەرگىدۇر پۇتلىشىپ ئۆينىڭ ئارقىسىغا ماڭدىم،−كەچكىچە ئاي قاراڭغۇسىدا كەلگۈچە…
−مېنى ئۇنتۇپ قالماپسەن-ھە؟!
ئۇ ئارقا تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ مېنى كۈتۈۋاتاتتى. تامنى سىيپىلاپ يېنىغا باردىم.
−يەنە نېمە بولدى؟ مەن يە بىر تال يارمىقىڭىزغا يە بىر تال چوكا ئالتۇنىڭىزغا تەگمىدىم جۇمۇ!
−بىلىمەن.
−ئەمىسە؟!
−سەن مېنى شۇ بايلىقلار ئۈچۈنلا كېلىۋاتىدۇ دەمسەن؟ ئەمەلىيەتتە سەن مېنى ھېكايە سۆزلىتىش ئۈچۈن چاقىردىڭ.
−مەن، بۇ مۇمكىنمۇ؟
−دۇنيادا ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان ئىشلار كۆپ. قارىسام، ھالال ئەمگەكنىڭ پايدىسىنى كۆرۈۋاتقان ئوخشايسەن. مۇشۇنداق مەڭگۈ ئۆز ئەجرىڭنىڭ مېۋىسىنى يېگىن. تاتلىق بولىدۇ. كىشىنىڭ بايلىقى تۇرمۇشۇڭغا ياماق بولالمايدۇ. مېۋىسى ئاچچىق بولىدۇ.
−سىز مۇشۇ گەپلەرنى دېگىلى كەلمىگەنسىز؟
−پازىل پادىچى توغرۇلۇق ئاڭلىغۇڭ يوقمۇ؟
−پازىل پادىچى؟!… بىلسەم، بىلمىسەم ئۇ ھازىر باي بولۇپ تىقىلىپ كەتكەندۇ. كاتتا ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ، ياش ئايالىنى باغرىغا بېسىپ يېتىپ، ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقاندۇ، يەنە نېمىنى ئاڭلىغۇم كەلسۇن!؟
−ئىچىڭدە يەنىلا بىر ئاچچىق باركەن.
−ئاچچىق؟! قانداق دەيسىز؟
−سېنىڭ رىزقىڭغا بۇيرۇلمىغان نەرسىگە تامىقىڭنى چەكمە! بولمىسا ئىچ-باغرىڭ ئاچچىققا تولۇپ ئۆرتىنىسەن. بۇ ئۆرتىنىش ھاياتىڭغا زىيانلىق!… پازىل پادىچى باياشات ياشاۋاتىدۇ. ئەمما، خۇشال تۇرمۇشىدىن ئايرىلىپ قالدى. مېھرى-مۇھەببەت ئۇنىڭدىن يىراقلاپ كەتتى. ئۇ بۇنى ھېس قىلمىدى دەمسەن؟ بىلىپ تۇرۇپ ياشاش ئەڭ ئازابلىق! ئىنسانغا مېھرى-مۇھەببەت، خاتىرجەملىك، خۇشاللىق كۈنلەرنى ئۆز ئائىلىسىلا بېرىدۇ. ئائىلىدىن ئايرىلغان ئادەم سۇدىن ئايرىلغان بېلىققا ئوخشايدۇ.
−ھازىر پازىلكام…
−ئۇنىڭ ھېكايىسىنى قانداق سۆزلىسەم سېنى قانائەتلەندۈرىدىغانلىقىمنى مەنمۇ بىلمەيۋاتىمەن.
−راستىنى دەڭ!
−راست قانداق بولىدۇ؟
−مەنچە، قىلچىمۇ يالغان ئارىلاشمىغان نەرسىلەر.
−مۇشۇ كۈنلەردە يالغاننىمۇ راست قىلىش ئوڭاي بولۇپ كەتتى. ساپ نەرسىنى تاپماق تەس جۇمۇ!
−پوھۇي! سىزمۇ نېمانچە كاج بولۇپ كەتتىڭىز. قېنى، سۆزلەۋەرمەمسىز، ئۇستا ھېكايىچى بولۇپ قالدىڭىزغۇ!
−ھېكايىچى دېگىن… بۇ قېتىم ۋاقتىم قىس. قىسقىلا سۆزلەي، قالغىنىنى ئۆزۈڭ تەسەۋۋۇر قىلىۋالارسەن-ھە! خوش، شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى كوزىنىڭ يەنە بىرىنى پازىل پادىچى سىلەرگە بىلدۈرمەي قېزىپ ئۆيىگە ئەكىرىپ كەتتى. خوتۇن-بالىلىرىدىن نېرى قىلىپ، بىر بۇلۇڭدا چاندۇرماي ئاچتى. كوزىنىڭ ئىچىدىكى ئون ئىككى تال چوكا ئالتۇن كۆزلىرىنى قاماشتۇرۇۋەتتى. ئۆزىمۇ ئارقىسىغا ئۇچۇپ كەتتى. يۈرىكى تۇيۇقسىز ھاياجاندىن دۈپۈرلەپ، تىنالماي تاس قالدى جېنىدىن ئايرىلغىلى. خېلى بىر ۋاقلاردىن كېيىن، ئېسىنى يىغدى. بىر چاغدا ھويلىدىكى ئايالىنىڭ شەپىسىدىن چۆچۈپ، كوزىنى ئالمان-تالمان ئامباردىكى كونا ساندۇقنىڭ ئىچىگە يوشۇردى. ئامبار ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ كىرىپ-چىقىدىغان يېرىگە ئايلاندى. كۈنلەر ئۆتۈپ ئەنە شۇ ئالتۇنلار پازىل پادىچىنى پازىل بايۋەچچە قىلىۋەتتى…
−نېمىشقا بىزگە دېمىدى؟
−سېنىڭچە دېسە قانداق ئىشلار بولىدۇ؟
−بىلمەيمەن.
−سەن بولساڭمۇ شۇنداق قىلاتتىڭ.
−ياق!
−«ياق» دېمە. ھېكايىنىڭ پەيزىنى بۇزۇپ قويىسەن.
−ھە، بوپتۇ.
ــ ئەمدى، پازىل بايۋەچچىنىڭ ئۆيىدىن قوغلاندى بولۇپ چىققاندىن كېيىنكى ھېكايىسىگە كەلسەك، ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولغان قىز ئۇنىڭ قوينىغا پۇلنى دەپ كىرگەن. پۈتۈن ئەس-يادى قانداق قىلىپ پازىل بايۋەچچىدىن پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش ئىدى. ھازىر ئاغزىدىن ئانىسىنىڭ سۈت تەمى كەتمىگەن، شۇنداق قاغدالما قىزلارنى ئاز دەمسەن؟ خوتۇن بولۇش شۇنچىلىك ئوڭاي بولۇپ كېتىۋاتسا…
−پازىلكاممۇ شۇنى خالىغان تۇرسا.
−ئادەملەرنىڭ قەلبىنى پاك ۋە سۈزۈك تۇتمىقى بەك تەس. كۆڭۈللىرىنىڭ خالىشىغا يول قويۇپ ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشكەنلەرمۇ، يامان كۈنلەرگە قالغانلارمۇ بولىدۇ. ئەمما، پازىل پادىچى يامان كۈنگە قالدى-دە!
−قانداق يامان كۈنگە؟
−ئۇ قىز ئۇنىڭغا ئىككى يىلغىچە خوتۇن بولۇپ، ئۆزىنى راۋۇرۇس ئوڭشىۋالدى. ئاندىن ئۆزىگە ئەگىشىپ كەلگەن كۆڭۈلدىكى ئادىمى بىلەن غىپپىدە تىكىۋەتتى. بىر ئادەمنىڭ نىكاھىدىكى ئادىمى خىيانەت قىلسا قانچىلىك نومۇس ئىش ئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ تېتىدى.
ھەر ئىككىلىمىز سۈكۈت ئىچىدە ئولتۇرۇپ كەتتۇق. ئاسماننىڭ بىر بۇرجەكلىرىدىن چىقىۋاتقان چاقماق، دەممۇ-دەم ئېغىر قاراڭغۇلۇقنى يورۇتۇپ تۇراتتى. ئاشۇ غىل-پال يورۇقلۇقتا ئۇنىڭ چىرايىغا قارايتتىم. ئەمما ھېچنېمىنى كۆرەلمەيتتىم. بىر چاغدا ئۇ ئورنىدىن تۇردى. ھە ئىككىلىمىز نېمىلەرنى ئويلىغانلىقىمىزنى بىلمىسەك كېرەك.
−مەن قايتاي قالغان ھېكايىلەر ساڭا قالدى.
−ئەمدى كەلمەمسىز؟
−ھېرىپ قالدىم، كەلمەيمەن.
−ئەسلى بايلىقلىرىڭىزغا كەلگەن ئىدىڭىز، قانداق قىلماقچىسىز.
−بۇمۇ داۋاملىق ئازغانلىقنىڭ ئىشى. راست بىر گەپ بار ئىدى. ئوغلۇمنى مېنىڭ ئورنۇمدا ئىزدەپ قويساڭ.
−ئۆزىڭىز تاپالمامسىز؟
−ياق، مەن مەڭگۈگە يىتتۈرۈپ قويغان.
−سىز بىلەن تونۇشۇپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. بەلكىم ئادەم بولۇشنىڭ يولىدۇ.
− مەنمۇ شۇنى ئۈمىد قىلغان!
ناھايىتى يىراقتىن بىر ئاۋاز ئاڭلانغاندەك قىلدى. ئىتتىك يېنىمغا قارىدىم. ھېچكىم يوق. قولۇمنى ئاستا سوزۇپ، بايىلا ھۈسىيىن دەڭجا يۆلەنگەن ئارقا تامنى سىلىدىم، تامدىن قولۇمغا بىر خىل ئىسسىقلىق ئۇرۇلدى. بۇ تام ماڭا كىشىلەر سۆزلەيدىغان، ئەمما، مەڭگۈ قايتقىلى بولمايدىغان ئۆتمۈش كىتابىنى ۋاراقلىغاندەك تۇيغۇ بەردى.
14
بىر كۈنى ساۋۇر مەزىن بىلەن ئۇنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى ياغاچ ئۇرۇندۇقتا تاغدىن-باغدىن پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇراتتۇق. كوچىمىزغا ئاق رەڭلىك، ناھايىتى چىرايلىق ماشىنىدىن بىرى كىرىپ كەلدى. شوپۇر ماشىنىسىنى ئاستا ھەيدەپ، ئۇدۇلىمىزغا كېلىپ توختاتتى. ماشىنىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، پۇزۇر كىيىنگەن، پاكىز چىراي، تەقى-تۇرقى قاملاشقان بىر يىگىت چۈشتى-دە:
−ئەسسالامۇئەلەيكۇم،−دەپ يېنىمىزغا كەلدى.
−ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،−بىز دەرھال ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ئامانلىق سورىدۇق.
−مەن مۇشۇ مەھەللىدە بىرسىنىڭ ئۆيىنى ئىزدەۋاتاتتىم.
−كىمنىڭ ئۆيىنى؟
−ساۋۇر مەزىننىڭ.
−ھە، مۇشۇ ئۆي شۇ.
−ئۇ ئادەم بارمىدۇ؟
−مەن شۇ بالام،−دېدى ساۋۇر مەزىن بىر ھەيرانلىق ئىچىدە ماڭا لەپپىدە قاراپ قويۇپ،−قېنى، مېھمان ئۆيگە كىرىلى.
−ئەيىبكە بۇيرۇمايسىلەر،−دېدى يىگىت سىپايىلىك بىلەن ئوڭ قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ،−مەن سەل ئالدىرايتتىم.
−بىر ئىش بارمىدى؟ بۇياق ئۆزۈمنىڭ بالىسى دەۋېرىڭ.
−سىزگە بېرىدىغان بىر ئامانەت بار ئىدى.
−ئامانەت!
−پازىلكام ئەۋەتكەن ئىدى.
−پازىل؟
−شۇنداق سىزنىڭ قوشنىڭىز پازىل بايۋەچچە.
يىگىت ماشىنىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئوچۇق دېرىزىدىن قولىنى تىقىپ بىر يالتىراق سومكىغا ئورالغان يوغان بولاقنى ئالدى. ئاندىن ساۋۇر مەزىننىڭ يېنىغا كېلىپ، بولاقنى ساۋۇر مەزىننىڭ قولىغا ئىككى قوللاپ سۇندى.
ساۋۇر مەزىن يىگىتنىڭ قولىدىن بولاقنى ئېلىۋېتىپ سورىدى:
−نېمە بۇ بالام؟
−پۇل، ئۈچ يۈز مىڭ سوم!
−ئۈچ يۈز مىڭ؟!−ساۋۇر مەزىننىڭ قولى تىترەپ كېتىپ، بولاق يەرگە چۈشۈپ كەتتى. بولاق ئىچىدىن باغلام-باغلام پۇللار چېچىلىپ چىقتى. يىگىت مەزىنگە قاراپ قويۇپ كۈلۈپ كەتتى. يەرگە دەرھال ئېڭىشىپ، چېچىلغان پۇللارنى تېرىپ ئېلىپ، يەنە يالتىراق سومكىغا سېلىپ ئورىدى-دە، ساۋۇر مەزىننىڭ قولىغا قايتىدىن تۇتقۇزدى.
−بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟
−پازىلكامنىڭ مەھەللىسىگە بىر ساۋابلىق ئىش قىلىپ بەرگۈسى بار ئىكەن. سىزنى «مەھەللىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق مەزىنى، ماڭا ئاتا يوللۇق ئادەم. ئىشلىرىمنى گۈل-گۈلىگە كەلتۈرۈپ قىلىپ بېرەلەيدۇ» دەپ ئويلايدىكەن. شۇڭا بۇ پۇلنى سىزگە ئەۋەتىپ ھاۋالە قىلىۋاتقان گەپ.
−نېمە ئىش قىلىدىكەنمەن؟
−بۇ پۇلنى ئۆزىڭىز بىلىپ ئۈچ ئىشقا ئىشلىتىسىز. بىرى مەھەللىنىڭ تۇپراق بېشىنى پىششىق خىش بىلەن قورۇق ئايلاندۇرۇپ، چىرايلىق قىلىپ مازار دەرۋازىسى ياسىتىسىز. يەنە بىرى مەھەللىدىن تۇپراقلىققا بارىدىغان يولنى ياسىتىسىز، ئاشقان قىسمىغا مەھەللىدىكى ئېغىر قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە كۆمۈر چۈشۈرۈپ بېرىدىكەنسىز.
−بارىكاللا!−ساۋۇر مەزىننىڭ چىرايىدىكى ھەيرانلىق يوقاپ، رازىمەنلىك كۈلكىسى جىلۋىلەندى،−دېمەك، ماڭا تاغدەك ئىشەنگەن بولدى-دە!
−يۇرت ئاتىسى تۇرسىڭىز،−دېدىم مەنمۇ گەپكە ئارىلىشىپ،−مانا، ساۋۇر دادا مەھەللىدىكىلەرگە تولا دەپ، پۇل يىغالمايۋاتاتتىڭىز، مۇشۇ ئويلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى-دە!
−خۇدا ئىنساپ بەرسۇن بايلىرىمىزغا، سەھەردە بىر قۇش يىراقتىن ئۇچۇپ كېلىپ، ئۆگزەمگە قونۇپ، چۈش كۆرگەن ئىدىم. ئەسلى مۇشۇ خەيرلىك ئىش ئىكەن. ئۆزى… ئۆزى نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ مەھەللىگە كەلمەمدىكەن؟
−بىز بىللە تىجارەت قىلىمىز. ئۆزىمۇ پۇرسەت كەلگەندە بارىمەن دەيدۇ. پۇلنى سانىۋالامسىلەر؟
−ھاجىتى يوق ئوغلۇم. ساۋابلىق ئىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن پۇل تۇرسا. ئالدىڭىزدا سانىساق ئەيىب ئەمەسمۇ. پازىل بايۋەچچىگە مەھەللىدىكىلەر نامىدىن رەھمەت. جاپا تارتقان سىزگىمۇ رەھمەت، خۇدا ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت بەرسۇن.
−سەت بولدى-دە، تالادىلا تۇرۇپ قالدۇق. ئۇسسۇلۇق بولسىمۇ ئىچىپ ماڭمامسىز ئۇكام،−دېدىم.
−ئۇمۇ بولۇپ قالار، ھەرقايسىڭلار بىلەن تونۇشۇپ قالدىم،−دېدى يىگىت ئۆزرە ئېيتىپ،−شەدە پۈتتۈرىدىغان جىددىي ئىشىم بار ئىدى، ماڭاي، تېلېفون نومۇرىڭىزنى خاتىرىلىۋالاي.
−بولىدۇ،−دېدى ساۋۇر مەزىن تېلېفون نومۇرىنى تەستە دەپ بېرىپ،−تېخى ئۆيگە تېلېفون ئورناتقىلى بىر نەچچە كۈن بولۇۋېدى دەڭە…
يىگىت ساۋۇر مەزىننىڭ تېلېفون نومۇرىنى يانفونىغا خاتىرىلىۋېلىپ، بىز بىلەن خوشلاشتى.
−رەھمەت ئوغلۇم!−ساۋۇر مەزىن قولىدىكى بولاقنى مەھكەم قۇچاقلاپ ماشىنىنىڭ قارىسى يۈتكىچە كەينىدىن قاراپ تۇرۇپ كەتتى. ئاندىن بىر ماڭا، بىر قولىدا چاڭگاللاپ تۇتۇپ تۇرغان بولاققا قارايىتتى.
−قانداق بولۇپ كەتتى بۇ؟! ئاڭا قارا، شۇنچە پۇلنى…
−ئۆزى بىلىدۇ،−دەپ كۈلۈپ قويدۇم. خىيالىمغا كىمدۇر كېلىپ، يىراقتىن ئارقا تامغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم.
ئەتىسىدىن باشلاپ ساۋۇر مەزىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. پازىل پادىچى توغرۇلۇق يېڭى گەپلەر مەھەللىدە يەنە ھېكايە بولۇپ سۆزلىنىشكە باشلىدى.
−ئاجايىپ ياخشى ئىش قىپتۇ جۇمۇ!
−ئۇنى ھازىر قاتتىق پۇلدار بولۇپ كەتتى دەيدۇ. پۇل بار ئادەمگە ئۈچ يۈز مىڭ سوم دېگەن ھېچ گەپ ئەمەستە!
−يۈز سوم پۇلنى تىترەپ تۇرۇپ خەجلەيدىغان مىليونېرلارمۇ بارغۇ!؟
−بىزنىڭ پازىل نېمە كۆرمىگەن پادىچى دەيسەنوي؟!…
−ئاڭلىسام، ئۈرۈمچىدە شېرىكلىشىپ ئاچقان شىركىتى بارمىش.
−ۋاي ئادىشا، ئۇمۇچۇ پۇل بىلەن بۇرۇنقى سەتچىلىكىنى يۇياي دېدى-دە.
−نېمانداق گەپ قىلىسەن؟
−راستقۇ!
−ئىشقىلىپ پۇل تاپقاندا مەھەللىسىنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ.
−خېلى نامى بار بايلارنىمۇ كۆرۈۋاتىمىز، نېمە قىلىپ بەردى؟
−سەت نامى چىقىپ قالسىمۇ ئوغۇل بالىكەن مانا، نەچچە كۈننىڭ ياقى خوتۇن-بالىلىرىمۇ خۇشال يۈرىدۇ.
−يۇرتقا ئىش قىلىپ بەرگەن بايلار كۆكلىسۇن. ھەممىمىزگە ياخشى.
−سەمەتباينىڭ ئايالى جېنىدا مەھەللە مەكتىپىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا بەش مىڭ سوم ياردەم قىلدى.
−ساۋۇر مەزىن ئۇ پۇللارنى ئون تىيىن نېرى-بېرى قىلماي، خەجلىگەن پۇللىرىنى قوينىدىكى خاتىرىسىگە جىجىلاپ يېزىپ، بايۋەچچىنىڭ تاپشۇرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈۋاتىدۇ.
−پازىل بايۋەچچە تېلېفوندا ئىككى كۈندە بىر ساۋۇر مەزىن بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغۇدەك، ئازراق بىر نېمە بەرمىسە، بىكاردىن پايپاسلاپ چاپىدۇ دەمسەن مەزىننى، قايرىيدۇ تېخى…
−ھەي، گۇي مەزىن ئاخۇنۇمغا تىل تەگكۈزمە، نەچچە ئون يىلدىن بېرى يۇرتنىڭ خىزمىتىنى خالىس قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مەزىن دادام.
−سەمەتباي توغرا دەيدۇ. ھەرقايسىڭ ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلەش!
بىر كۈنى كەچكە يېقىن ساۋۇر مەزىن ئۆيۈمگە كىرىپ كەلدى. نەچچە ئايدىن بېرى پازىل بايۋەچچە ھاۋالە قىلغان ئىشلارنى قىلىمەن دەپ خېلىلا چارچاپ قالغان ئىدى. ئەمما، چىرايىدىن قىلىۋاتقان ئىشلارغا رازىلىقى چىقىپ تۇراتتى.
−كەل، ساۋۇر دادا ياش يىگىتلەردەك تېتىك كۆرۈنىسەنغۇ!؟−دېدىم ئۇنى سۇپىغا باشلاپ.
−روھىڭنى پاكىز تۇتساڭ شۇنداق بولىدىكەنسەن،−دېدى ساۋۇر مەزىن چايخانا سۇپىسىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ،−مۇنداق گەپ بالام، مۇنۇ تۇرغۇناينىڭ ئۆيىگە كىرىپ چىقايلى.
−نېمىگە؟
−ۋەزىپە چىقىپ قالدى.
−خوش.
−ئەلچىلىككە!
−ئوھ!…
−مۇنداق گەپ، تۈنۈگۈن پازىل تېلېفون قىپتىكەن. ئاڭا قارا، گەپ ئارىسىدا ئۆزىنىڭ مەھەللىگە قايتىپ بىر يەم-خەشەك زاۋۇتى قۇرۇش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئاڭلاپ سۆيۈنۈپ قالدىم. ياخشى ئىشكەن، مەھەللىدىكى ياشلار زاۋۇتتا ئىشلەيدۇ. باقمىچىلىرىمىزغىمۇ يەم سېتىۋېلىشقا قۇلايلىق تۇغۇلىدۇ، مەھەللىمىز گۈللەنسە، ھەممىگە ياخشى-دە! تېخى مېنى شۇ زاۋۇتنى قۇرسام، سىز ماڭا ياردەملىشىپ تۇرۇپ بېرىسىز، ئەمدى بورا توقۇيدىغان ئىشنى قويۇڭ. ياشىنىپ قالدىڭىز دەيدۇ.
−ياخشى ئويلاپتۇ جۇمۇ.
−ئەمما بىر ئىش بار. ئۆزىمۇ تازا ئوچۇق دېمىدى. كۆڭلىگە كىرىپ باقسام، بالىلىرىنى سېغىنىپتۇ. خوتۇن-بالىلىرى ئەپۇ قىلسا تۇرغۇناي بىلەن يارىشىۋالغۇسى باردەك قىلىدۇ.
−سىزچە قانداق بولا؟
−بولىدۇ، ئاڭا قارا. ئۆزىنىڭ خوتۇنى، ئۆزىنىڭ بالىلىرى، گەپ بىزدە. شۇڭا ئىككىمىز كىرىپ خوتۇن بالىلىرى بىلەن بىر پاراڭلىشىپ باقساقمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. پازىل ئۇنچە يامان نېمە ئەمەسكەن. مەھەللىگە خەيرلىك ئىشلارنى قىلىپ بېرىۋاتسا، بىزمۇ قاراپ تۇرساق بولمايدۇ-دە! ياخشىلىق ئۈچۈن مېڭىپ قويسام ساۋاب بولىدۇ. گەپنى مەن قىلىمەن. سەن ھە-ھۇ دېيىشىپ بەرسەڭ بولدى.
−شۇنداق قىلامدۇق، خەقنىڭمۇ ئاغزى بېسىقسۇن.
−تۇرە ئەمىسە!
ساۋۇر مەزىن ئىككىمىز تۇرغۇنايدەمنىڭ ئۆيىگە كىرسەك، كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ، ئانايۇ-بالايۇ پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئىكەن. بىزنى كۆرۈپ دەرھال ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.
−يۇقىرى ئۆتۈڭلار. بولمىسا ئۆيگىلا كىرىڭلار.
−بولدى، رەھمەت. مەشە سالقىنكەن،−دەپ مەزىن ئاخۇنۇم چايخانا سۇپىسىغىلا چىقتى. ئۇ چاققۇچە بىر قىزى ئۆيدىن كۆرپە ئېلىپ چىقىپ ئاستىمىزغا سالدى.
ساۋۇر مەزىن تۆرگە چىقىپ، جايلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، قىزلىرىنىڭ چاي قىلايلى دەپ، داستىخان راستلىشىغىمۇ ئۇنىمىدى.
−چاينى كېيىن ئىچەيلى، قېنى تۇرغۇناي ئولتۇرۇڭ. سىلەر بالىلارمۇ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرۇڭلار،−دېدى. ئاندىن گەپنى يىراقتىن باشلاپ كېلىپ، كىرىشتىكى مەقسەتكە ئۆتتى.
−تۇرغۇناي ئۇكام، بالىلىرىم، خۇدا ھەرقانداق بەندىسىنى ئامان قىلسۇن. ئىناق قىلسۇن، ئىنساپ بەرسۇن. پازىلجان ئەسلى ئاق كۆڭۈل، كەڭ قورساق، ئەمگەكچان، لەۋزى ھالال بالا ئىدى. ئەمما، ئازماس ئاللا دەپ، بەندىچىلىكتە شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ قويۇپ، ھەرقايسىڭلارنىڭ دىلىنى رەنجىتىپ قويدى. بۇنى بىزمۇ بىلىمىز، كۆپ ئازار يېدىڭلار، ئۆزىمۇ باشقا يۇرتلاردا غېرىبلىقنىڭ دەردىنى ھارغىچە تارتتى، پۇشايمانمۇ يېدى. ئارىدىن تۆت-بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى. گەرچە ھازىر تىجارىتى يۈرۈشۈپ، كاتتا باي بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ھەر دائىم سىلەرنى ئويلايدىكەن. كېلەي دېسە يۈزى چىدىمايدىكەن. ئۆزىمۇ ھېلىقى جۇۋاينىمەك بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ ئىككى يىلدەك بوپتۇ. يالغۇز ئۆتىۋېتىپتۇ. مانا، ئۆزۈڭلارمۇ ئاڭلىدىڭلار. يېقىندا ماڭا پۇل ئەۋەتىپ، مەھەللىمىزگە ئاجايىپ خەيرلىك ئىشلارنى قىلىپ بەردى. بۇمۇ بىلگەن ئادەمگە ھەرقايسىمىزدىن ئەپۇ سورىغىنى، ئۇنىڭغا قارىغاندا سىلەردىن ئەپۇ سورىشى ئابىياملا… ئاڭا قارا… ئالدىڭلارغا ئاتا يولىدا كىرىشىم. ئاراڭلارنى بىر ئوچۇق قىلىۋەتسەڭلار دەيمەنغۇ. مانا، سەمەتبايمۇ يېنىمدا ئولتۇرىدۇ، قانداق؟
−شۇنداق بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى. تۇرغۇنايدە، مەزىن دادام توغرا دەيدۇ. بولسا يارىشىپ قالساڭلار، ھەممىمىز خۇش بولاتتۇق.
تۇرغۇنايدەم بىلەن بالىلىرى ساۋۇر مەزىن سۆزلەشكە باشلىغاندىلا كۆزلىرىگە ياش ئالغان ئىدى. تۇرغۇنايدەم بالىلىرىغا، بالىلىرى ئانىسىغا ئۈن-تىنسىز قاراپ قوياتتى.
−مېنىڭغۇ كۆڭلۈم بەك قاتتىق قالغان،−دېدى تۇرغۇنايدەم كۆڭلىكىنىڭ يېڭى بىلەن ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ،−ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىدىمۇ ئوڭاي نومۇسقا قالمىدىم. تىل قىسىنچىلىقىم بار، ئاتا-ئانام ئۇنىڭغا شۇنچىلىك قىلغان.
−بىلىمىز. ئاتا-ئانىڭىز ياخشى ئادەملەرغۇ سىزنىڭ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چوقۇم بارىمەن. بۇ ئىشقا مەن ئارىلىشىپ قاپتىمەن. بىر يۈزۈمنى قىلساڭلار. ئۇزۇن يىل قوشنا بولۇپ ئاتا-بالىلاردەك بولۇپ قالدۇق. مەنمۇ تېلېفوندا تازا دەككىسىنى بەردىم. شۇڭا سىزمۇ ئۇكام كۆڭلىڭىزنى بەك قاتتىق قىلىۋالماڭ، يامان بولىدۇ.
−راستىنى دەيدۇ مەزىن دادام.
−مەن نېمە دەيمەن، بالىلار ئۇنىڭ، دادىسى ھايات تۇرۇپ ئايرىلىشنىڭ ئازابىنى تارتسا مېنىڭ يۈرىكىم چىدايدۇ دەمسىز؟ ئاتا-ئانام، بالىلار قوشۇلسا…
بالىلىرى ئاپىسىغا لاپپىدە قاراپ قويۇپ:
−بىز بالا، ئاپامنىڭ ئېغزىغا قارايمىز،−دېيىشتى.
−بولىدۇ ئەمىسە،−دېدى ساۋۇر مەزىن خۇرسەنلىك بىلەن كۈلۈمسىرەپ،−مەن ئەتە ئەتىگەندىلا ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئالدىغا بارىمەن. ئاڭا قارا… پات ئارىدا پازىلجان مەھەللىگە زاۋۇت قۇرغىلى كېلىدۇ. ھەممىمىز بار كۈچىمىز بىلەن ئۇنى قوللايلى. يوللىرى راۋان بولسۇن، قانداق سەمەتباي؟
−چاتاق يوق.
بىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ماڭدۇق. شۇ ئارىدا چوڭ قىزى بىزنى ئۇزىتىپ چىقىۋېتىپ.
−دادام ئاپامغا ئۆزى تېلېفون قىلمامدۇ؟−دېدى پىخىلداپ كۈلۈپ.
−ئەمدى قىلىدۇ،−دېدى مەزىن قاقاقلاپ كۈلۈپ.
شۇ چاغدا تۇرغۇنايدەمنىڭ يۈزلىرىنىڭ ۋىللىدە قىزارغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم.
15
ھويلىدىكى ئالىقانچىلىك كۆكتاتلىقتا كۆكتات ئوتاۋاتاتتىم. دەرۋازا ئالدىغا بىر كۆك ماشىنا كېلىپ توختىغاندەك قىلدى.
−سەمەتباي! قارا كىم كەلدى؟
بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، ئايالىم بىرىنى باشلاپ ھويلىغا كىرىپ كەلدى. ئادەم دېگەنمۇ شۇنداق رەڭ تۈزەپ كېتىدىكەن. پازىل پادىچىنى تونۇماي قالغىلى تاس قاپتىمەن.
−ھوي، مانا قارا. كەل پازىلكا،−دەپ ئوتىغۇچنى تاشلاپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم،−قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى سېنى-ھە؟
−سازلىقنىڭ شامىلى،شوردۆڭنىڭ شامىلى …ھا…ھا …ھا…
−ياشاپ كەت!
بىز قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق.
−سەنمۇ شۇ كەتكەنچە يوقاپلا كەتتىڭ ئاكا.
−نېمىسىنى ئېيتىسەن؟
ئايالىم چاقماق تېزلىكىدە داستىخان راستلاپ چاي قىلدى.
ئاڭغىچە ساۋۇر مەزىنمۇ كىرىپ كەلدى.
−كېلىشلىرى بەك تېزغۇ،−دېدى ساۋۇر مەزىن ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى قىزغىن كۆرۈشۈپ،−قەدەملىرىڭ ياخشىلىققا تارتسۇن.
چاي ئىچكەچ ئۈچىمىز بىردەم ھال-مۇڭ بولۇشتۇق. ئاخىرىدا پازىلكام:
−ساۋۇركا، ئىشلار قانداقراق؟−دەپ سورىدى ساۋۇر مەزىننىڭ كۆزلىرىگە ئۈمىد بىلەن تىكىلىپ قاراپ،−مەن سەل قورۇنۇپ قېلىۋاتىمەن.
−جايىدا!−دېدى مەزىن پازىلكامنىڭ مۈرىسىگە ئاستا ئۇرۇپ قويۇپ،−شۇ تاپتا تۇرغۇناي بىر قازان پولۇنى دۈملەپ بىزنى ساقلاپ ئولتۇرىدۇ. بالىلىرىڭمۇ ئەتىگەن ياقى يېنىمغا نەچچە كىرىپ بولدى.
−رەھمەت! سەت بولدى. جىق ئاۋارە قىلىۋەتتىم.
−ياخشىلىق ئۈچۈن ئاۋارە بولساق ئەرزىيدۇ.
شۇ ئارىدا ئايالىم قورۇما بىلەن ئەتكەنچاي قىلىپ كىردى.
−سەمەتبايلاردىن ياخشى گەپ ئاڭلايمەن. بولسا ئاشۇ زاۋۇتنى تېزرەك قۇرسىڭىز بولاتتى-دە. سىرتتىن يەم-خەشەك توشۇپ كېلىپ بەك ئاۋارىچىلىككە قالدى ئادەم.
−يائاللا! خوتۇن بىز نېمە ئويدا، سەن نېمە كويدا-ھە؟
−ئۇمۇ پۈتىدۇ، بۇمۇ تېزرەك پۈتسە دەيمەنغۇ!
−يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن سۆزلىشىپ يەرنىمۇ ھەل قىلىپ بولدۇم،−دېدى پازىلكام كارخانىچىلارغا خاس كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن كۈلۈمسىرەپ،−تېز تۇتۇش قىلىمىز. تېخى ئىشلارنى باشلىۋالساق ساۋۇركام، سەمەتبايلار بىلەن شېرىكلىشىپ يەنە باشقا ئىشلارنى قىلىش پىلانىممۇ بار. پۇلنى مەن چىقىرىمەن، ئۇلار كۈچ چىقىرىدۇ.
−خۇدايىم تىلىكىڭلارغا يەتكۈزسۇن!−دېدى ئايالىم بۆلەكچە خۇشال بولۇپ،−بىزمۇ مەھەللىمىزدە يېڭىلىق يارىتايلى.
چايدىن كېيىن پازىلكامنى خۇددى يېڭى كۈيئوغۇلنى سالامغا ئېلىپ ماڭغاندەك ئارىمىزغا ئېلىپ، ئۆيىگە ئېلىپ كىردۇق. ئۇنىڭ چىرايىدا ھاياجان ئارىلاشقان تەشۋىشلىنىش ئەكس ئېتەتتى. ھويلىغا كىرىشىمىزگە بالىلىرى يۈگۈرۈپ كېلىپ، دادىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ يىغلاشتى. «ساۋۇر مەزىن ئۇياق-بۇياقتىن تەمسىل سۆزلەپ بالىلارنى تەييار قىلىپ بوپتىكەندە! ئېپى بار ئادەمدە…» دەپ ئىچىمدە ئويلاپ قالدىم.
تۇرغۇنايدەم بىر چەتتە خۇددى يېڭى تويى بولغان قىزدەك تارتىنىپ بىزنى ئۆيگە باشلىدى. ئايالىم تۇرغۇنايدەمنىڭ قۇلىقىغا نېمىلەرنىدۇر پىچىرلاپ كۈلدۈرەتتى. تۇرۇپ پازىلكامغا چاقچاق قىلاتتى.
−قېنى كۈيئوغۇل تۆرگە چىقىڭ!
نازۇنېمەتلەر بىلەن بېزەلگەن داستىخاندىن شېرىن پۇراق چىقىپ تۇراتتى. ئۆي ئىچىمۇ بىردىنلا ئىللىپ كەتكەندەك ھەممىمىز راھەتلىنىپ قالدۇق. پازىلكام ۋە خوتۇن-بالىلىرىنىڭ چىرايىدىكى ھەر خىل غەيرىي ئالامەتلەر ئاستا-ئاستا تارقاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بىر خىل بەختىيارلىق تۇيغۇسى قاپلىدى. خۇددى ئۇزۇن يىل سۇسىز تۇرغان ئېرىققا تۇيۇقسىز سۇ كېلىپ ھەممە يەر ياشىرىپ كەتكەندەك…
ھەممىمىز جايلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ساۋۇر مەزىن ناھايىتى ئۇزۇن دۇئا قىلدى.
−پاھ، تۇرغۇنايدەم بۈگۈن تىقىشتۇرۇپ قويغان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۆكۈپتۇدە؟!
−شۇنداق بولىدۇ، بۇ دېگەن خۇشاللىق ئۈچۈن سېلىنغان داستىخان!
ھايال ئۆتمەي مەھەللە ئىمامى كىرىپ كەلدى. ئىمام پازىلكام بىلەن تۇرغۇنايدەمنىڭ رازىلىقى بىلەن نىكاھ پەتىسىنى قىلىپ قويدى. ئاندىن مۇڭلۇق قىرائەت قىلدى. بۇ قىرائەت ھەممىمىزنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كىرىپ، روھىمىزنى يەڭگىللەتتى. كۈلكە-چاقچاق قىلىپ ئولتۇرۇپ، قاراڭغۇ چۈشكەندە، قايتا جەم بولغان بۇ ئائىلىگە خەيرلىك تىلەپ قايتىپ چىقتۇق.
−قارا خوتۇن، مەن دەيمەن، ئەل-يۇرت ئامان بولسا، تىنچ بولسا، ئائىلىدە خاتىرجەم بولساڭ، ھالال ئەمگىكىڭ بىلەن ئۆز نېنىڭنى تېپىپ يەپ، جاپا تارتساڭمۇ خوتۇن-بالىلىرىڭ بىلەن گۇڭۇر-مۇڭۇر ئۆتسەڭ ئەڭ كاتتا بايلىق شۇ ئەمەسمۇ-ھە؟! −دېدىم، جامائەتنى ئۇزۇتۇپ دەرۋازا ئالدىدا توختاپ.تۇرۇپلا بۇ گەپلەرنى مەن ئەمەس، بەلكى ھۈسىيىن دەڭجا دەۋاتقاندەك ئارقا تامغا ئەيمىنىپ قاراپ قويدۇم.
−سەمەتباي! ئادەمنى نېمانداق خۇش قىلىسەن؟!−ئايالىم قوللىرىمنى چىڭ سىقىپ، قولتۇقۇمغا شۇڭغۇپ كىرىپ، تاتلىققىنە كۈلدى.
شۇ كېچە باغرىمغا نۇرغۇن بايلىق بېسىپ ياتقاندەك تاتلىق ۋە ئۇزاق ئۇخلىدىم.
ئەتىسى سەھەردە ھويلىغا چىقىپ كېرىلىپ تۇرۇشۇمغا تۆت-بەش يىلدىن بېرى تىنچ بولۇپ قالغان پازىلكامنىڭ ھويلىسىدىن، ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
−ئاناڭنى گۇينىڭ كالىلىرى، ئادەمنى تونۇمايدىغۇ. ئۈسسۈيمەنلا دەيدا!…
مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئاۋازىمنى كۆتۈرۈپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم. ئۆيدىن ئالدىراش چىققان ئايالىم ماڭا قاراپ، ياقىسىنى تۇتۇپ، بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ كەتتى.
−نېمە بولدى؟
−دەيمەن-دە!…
بىز يەنە جېدەللىشىپ قالدۇق.
(ئاپتور توققۇزتارا ناھىيە تاشتۆپە يېزا تاشتۆپە كەنتىدە)
مەسئۇل مۇھەررىر: ئەسئەت ئابدۇرېشىت
(«ئىلى دەرياسى»ژۇرنىلى 2012-يىل 2-3-سان)