ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى
بۇ يەرنى كىشىلەر ئېغىز تىلىدا سەنشىخاڭزا دەپمۇ ئاتايدۇ، لېكىن ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى بۇلاق بېشى. مەن 1989-يىلى ئۈرۈمچىگە تۇنجى قېتىم كەلگەندە بۇ يەر ھازىرقىدىنمۇ ئاۋات بازار ئىدى. يولنىڭ ئىككى قاسقىنى ئاشخانا ۋە ئۇششاق ماگىزىنلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، يېرىم كېچىگىچە ئادەم ئۈزۈلمەيتتى. 1989-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئوقۇش، ئۈرۈمچىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىش مېنى ئۈرۈمچىلىككە ئايلاندۇردى. ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە ئۇيغۇر بوستانلىقلىرىدىن كەلگەن مۇساپىرلار مۇشۇ شەھەردە بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ، روشەن خاسلىققا ئىگە ئۈرۈمچى مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرەتتى. ئۈرۈمچىلىككە ئايلانغاندىن كۋيىن بۇلاقبېشى كوچىسىدىكى بازار ھاياتىمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى، بۇ بازارغا ھەپتىدە بىرەر-ئىككى قېتىم كېلەتتىم، بۇ يەردىكى ئاۋاتلىق، مەمۇرچىلىق ۋە ئەرزانچىلىق مېنى ئىختىيارسىز بۇ يەرگە سۆرەپ كېلەتتى.
ئوقۇغۇچى ۋاقىتلىرىمدا بۇلاقبېشى كوچىسىغا ھەر قېتىم كەلگەندە بۇ يەرنى ئاۋات قىلىپ، جاراڭلىق ئاۋازدا خېرىدار چاقىرىپ تۇرغان ئاشخانا مۇلازىملىرىدىن تارتىپ، مېۋە-چىۋىلەرنى شۇنداق سەنئەتلىك تىزىپ، دۇكانلىرىنى سەنئەت مۇزېيىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان باققاللارغىچە كۆزۈمگە ئۆزگىچە تۇيۇلاتتى. خېرىدار بىلەن ساتقۇچى ئارىسىدىكى قىزىقارلىق دىئالوگلار، مەردلەرچە لەۋزىدە تۇرۇپ سودا قىلىش ماڭا بەزىدە گۆدەكلىكتەك تۇيغۇ بەرسە، نەزىدە مانا بۇ ھايات، مانا بۇ سۆيۈملۈك خەلقىم، دەپ غورۇرلىنىپ كېتەتتىم.
1994-يىلى ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىم ئاخىرلىشىپ، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىدا ئوقۇتقۇچى بولدۇم. بۇلاق بېشى كوچىسى بىلەن بولغان ئارىلىقىم تېخىمۇ يېقىنلاشتى، بۇلاقبېشى كوچىسى بىلەن ئۇچرىشىش قېتىم سانىم تېخىمۇ كۆپەيدى. ئەمدى بۇلاق بېشى كوچىسىغا ھەپتىدە نەچچە قېتىم بارىدىغان، ئاشۇ يەردىكى مېھىرلىك ئاشخانىلارنىڭ تامىقىدىن لەززەتلىنىش، مېھمانلىرىمنى شۇ يەرگە باشلاپ بېرىپ ئۇيغۇر يىمەك-ئىچمەك جەۋھەرلىرىدىن بىرلىكتە زوقلىنىش ئادىتىمگە ئايلاندى. لېكىن ئۇچرىشىش قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشى مېنىڭ تۇيغۇمدىكى بۇلاقبېشى كوچىسىغا بولغان كۆزىتىش سەزگۈرلىكىنى تۆۋەنلەشتۈرۈپ تاشلىغان بولسا كېرەك، كېيىنكى يىللاردا بۇلاقبېشى كوچىسىغا نۇرغۇن قېتىم بارغان بولساممۇ، ئۇ يەردىكى ئالاھىدىلىكلەر ماڭا ئەزەلدىن بار بىر تەبىئىي مەۋجۇتلۇقتەك تۇيۇلۇپ، قەلبىمدە ھاياجان ۋە زىل-زىلە قوزغىماس بولۇپ قالغان ئىدى. لېكىن ئارىدا ئۇقۇش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر نەچچە يىل بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە ياشاپ قالدىم، باشقا شەھەردە ياشىغان ۋاقتىمنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئاشۇ شەھەرگە كۆنۈش تۇيغۇسى باش كۆتۈرۈش بىلەن بىللە، ئۈرۈمچىگە نىسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە ناتونۇشلۇق شەكىللەندى. مۇشۇ جەرياندا قايتىدىن ئۈرۈمچىگە نەزەر سېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم، ئۈرۈمچى بىلەن باشقا چوڭ شەھەرلەرنى سسېلىشتۇرۇش ۋە ھېس قىلىپ بېقىش نەتىجىسىدە كاللام يەنە بىر قېتىم زەرەتلەندى. مەن كۆرگەن چوڭ شەھەرلەردىن ئىزدەپ تاپماق تەس بولغان، ئۈرۈمچىدىكى بۇلاقبېشى كوچىسى، دۆڭكۆۋرۈك قاتارلىق بەزى جايلارغىلا خاس ئالاھىدىلىك يەنە بىر قېتىم قەلبىمنى ھاياجانغا سالدى.
بىر قېتىم يازلىق تەتىل مەزگىلىدە گۆش ئېلىش ئۈچۈن، ئۇزاقتىن بۇيان چۆپقەتلىشىپ دوستەك بولۇپ كەتكەن قاسساپ بۇرادەرنىڭ دۇكىنىغا كەلدىم. قاسساپ دوستۇم ئالدىمغا چاي كەلتۈرگەچ، شاگىرتلىرىغا گۆشنىڭ ماڭا لايىق كېلىدىغان يەرلىرىدىن كېسىپ تەييارلاشنى تاپىلاپ قويۇپ، دۇكىنىدىكى خېرىدارلار بىلەن ئالدىراش بولۇشقا باشلىدى. مەن «پاكلىق» دېگەن ئىسىمنى ماركا قىلىۋالغان بۇ قاسساپتىن گۆش ئېلىۋاتقىلى نەچچە يىل بولغان، مۇشۇ جەرياندا تۆشۈك ئىشلىرىغا مەسئۇل ئايالىمنى رازى قىلىپ كەلگەن ئىدىم. مەن خاتىرجەم ھالدا كانارىغا ئېسىپ قويۇلغان گۆشلەرگە نەزەر سالدىم. نېمىشقىدۇر بۇ قاسساپلارنىڭ گۆشنى ئېسىشىدىمۇ بىر گۈزەللىكنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن ئىلگىرى «قاسساپخانىدىمۇ گۈزەللىك بولىدۇ» دەپ ئويلاپ باقمىغان، ھايۋانلارنىڭ ئۆلىمى ئارقىلىق ئىنساننىڭ رىزقى قاندۇرىلىدىغان بۇ سورۇنغا «گۈزەللىك» دېگەن ئۇقۇم قانداقمۇ ماس كەلسۇن، دەپ قارايتتىم ياكى يوشۇرۇن ئېڭىمدا شۇنداق قاراش ھۆكۈمران ئورۇندا بولغاچقا، بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپمۇ باقمىغان ئىدىم، بۈگۈن ئىختىيارسىز قاسساپلارنىڭ ھۈنىرىدىمۇ بىر خىل ئۆزىگە خاس ئېستېتىكىلىقنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم. قوينىڭ تېنىنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرى شۇنداق رەتلىك، چىرايلىق، ئۇزۇن-قىسقا، ئورۇق-سېمىزلىكى ماس كەلتۈرۈپ پارچىلانغان، يارتىلانغان ئىدى، ئېسىپ قويۇلغان گۆشتىن بىر خىل پاكىزلىق ۋە رەتلىكلىك چىقىپ تۇراتتى، ئەتراپىدىكى قاساپلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دۇكىنىدىكى قوي ۋە كالا گۆشلىرى شۇنداق رەتلىك ۋە پاكىز ئېسىپ قويۇلغان ئىدى.
ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئادەم گۆش يەيدىغان نەرسىغۇ، ئۇنىڭ گۈزەللىك بىلەن نېمە ئىشى دەپ ئويلىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا ھەقىقەتەن شۇنىڭغا مايىل قاراش بار ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، تونۇر بېشىدا ئانام رەھمەتلىكنىڭ ھەر بىر ناننى شۇنداق تۈجۈپلەپ ئېچىپ، يۈزىگە تۈكۈچ سېلىپ، گۈللەرنى چىقىرىپ، بىر سەنئەت بۇيۇمى سۈپىتىگە كەلتۈرۈپ، ئاندىن تونۇرغا يېقىۋاتقانلىقنى كۆرگەندە ھەيران قالغان، ھەتتا بۇنداق قىلىش ماڭا بىر خىل ئاۋارىچىلىك سۈپىتىدە تۇيۇلغان ئىدى. دەل شۇ چاغدا رەھمەتلىك ئانام كۆڭلىمنى چۈشەنگەندەك: «بالام ناننى مۇشۇنداق تۈكۈچ سېلىپ ياقسا تېخىمۇ چىرايلىق بولىدۇ ھەم مەزىلىك پىشىدۇ، كۆرگەن ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدۇ. بىز يېگەن-ئىچكەندىن تارتىپ،يۈرۈش-تۇرۇشقا قەدەر زەن سالىدىغان، گۈزەل بولىشنى قوغلىشىدىغان، ئاشۇ گۈزەللىكلەر ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ راھىتى ۋە خوشاللىقىغا ئېرىشىدىغان خەلق» دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى. بۇ گەپلەرنىڭ تېگىگە شۇ چاغدا تولۇق يەتمىگەن ئىكەنمەن، قاسساپخانىدىكى گۆشلەرنىڭ كانارىغا ئېسىلىشىدىن تارتىپ يارتىلىنىشى ۋە ئۇششاقلىنىشىغىچە بولغان جەريانىغا قاراپ، ئانامنىڭ سۆزىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندىم.
قاسساپخانا يېنىدىكى قاتار كەتكەن باققال يايمىلىرىغا قارىدىم. يايمىدىكى قوغۇنلار بىلەن تاۋۇزلار شۇنداق رەتلىك ۋە سەنئەتلىك يالتىراپ تۇراتتى، ئۈزۈملەر ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى. گەرچە بۇ باققاللارنىڭ يايما ئورنى ئىككى ياكى ئۈچ كۋادرات مېتىردىن ئاشمىسىمۇ مېۋىلەرنىڭ تۈرى شۇنداق كۆپ بولۇپ، بۇ مېۋىلەر باققال ئۆزى ياسىۋالغان كىچىك پەشتاختىغا ناھايىتى ئىستېرېئولۇق قىلىپ تىزىلىپ، بوشلۇقتىن تولۇق پايدىلىنىلغان ئىدى. تېخىمۇ قىممەتلىك يېرى مانا مۇشۇ نەچچە كۋادرات بوشلۇقتا بىر ئائىلە ھېچكىمگە ئېغىرچىلىقىنى سالماي جېنىنى باقاتتى، ئۇلار بىر ئائىلىنى ئۆز بەركىتى بىلەن بېقىېاتقان بۇ كىچىككىنە يايمىغا بارلىق يۈرەك قېنىنى سىڭدۈرگەن، مۇھەببىتىنى بېغىشلىغان، شۇ ئارقىلىق تىرىكچىلىك بىلەن گۈزەللىكنى، كۆڭۈل ئازادىلىكىنى بىرلەشتۈرگەن ئىدى.
يايمىلار ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ ئۇلار ئۆزئارا بىرى-بىرىدىن قىزغىنىپ كەتمەيتتى. ئۇلارنىڭ قەلبىدە «كارۋاننىڭ يولى بىر، رىزقى باشقا» دېەەن ئەقىدە ھۆكۈمران ئىدى. بىر چاغلاردا مەن يەھۇدىيلار ھەققىدىكى ماختالمىلاردا بىر يەھۇدىي مەلۇم بىر يەرگە مەلۇم بىر تۈردىكى سودا ئورنىنى بارلىققا كەلتۈرسە، ئىككىنچى يەھۇدىي ئۇ يەردە ئوخشاش تۈردىكى سودا ئورنىنى تەسىس قىلىپ ئىلگىرىكى يەھۇدىي بىلەن رىقابەتلىشىپ يۈرمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلار كەم نەرسىلەرنى تولۇقلاپ بازار شەكىللەندۈرىدۇ، دېگەن مەزمۇندىكى يازمىلارنى ئوقۇغان، يەھۇدىيلەرگە قايىللىقىم ئاشقان، كۆز ئالدىمدىكقى بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان نەچچە ئون باققال يايمىسىغا قاراپ كۆڭلۈم يېرىم بولغان، «بىز نېمىشقا يەھۇدىيلارچىلىك بولالمايمىز؟» دەپ باققاللارنىڭ بۇ ھالىتى ماڭا قالاقلىق بولۇپ تۇيۇلغانىكەن. لېكىن ئويلاپ باقسام، بىزنىڭ بازار قىلىشىمىز يەھۇدىيلارنىڭ بازىرىدىن (يەھۇدىي ھەققىدىكى ئاشۇ ماختالمىلار راست دەپ قارالغان تەقدىردە) ئىلغار ئىكەن. نەچچە باققاللىق يايمىسىنىڭ بىر يەردە جەم بولۇشى تاۋارنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، باھانى نورماللاشتۇرۇپ، ئادېل بازار رىقابىتىگە ئاساس سالسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، خېرىدارنىڭ ئەركىن تاللىشىغا شارائىت يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىستېمال ھوقۇقى قوغدىلىدىكەن. كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىمۇ پۇستانى يەردە باققاللار توپى بار، شۇ يەردىن مال ئالساق زىيان چىقمايدۇ، دېگەن ئاڭ پەيدا بولۇپ، ھەممە ئادەم شۇ يەرگە يۈگۈرەيدىكەن.
مەن باققال يايمىسىدىن ئايرىلىپ، ئەتراپتىكى ئاشخانا ۋە ناۋايخانىلارغا قاراپ، تۇيۇقسىز ئۇيغۇرلارنىڭ بازارقىلىش سەنئىتىنىڭ شۇنچىلىك ئۇلۇغ ۋە پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇيەردىكى بازار ئاددىي مەنىدىكى سودا مەيدانى بولماستىن بىر مەدەنىيەت سورۇنى ئىدى، بۇ يەردە نۇتۇق مەدەنىيىتىمىزىنىڭ جەۋھەرلىرىنى ئىزدەپ تاپقىلى بولاتتى، ھەر بىر باققال خېرىدارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل ۋە ئۆزگىچە تىللارنى ئىشلىتىشكە تىرىشاتتى، ئۇلارنىڭ تىلى شۇنچىلىك راۋان ۋە مۇزىكىدار، قاپىيەلىك ئىدى. خېرىدارلار بىلەن باھا تالاشقاندا خېرىدارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا، جەلپ قىلىشقا تىرىشاتتى. قارىغاندا ئاتا-بوۋىمىز ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە نۇتۇقتىن ئىبارەت ئامىلنىڭ باشقىلارنىڭ قەلبىدە ياخشى تەسىر قالدۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم، شۇنداقلا تۈنجى ئامىلى ئىكەنلىكىنى ئاللىبۇرۇن تونۇپ يەتكەن بولسا كېرەك. بۇ بازار خەلقىمىزنىڭ بازارنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆزى قۇدرەت تاپقۇزاتتى. ئۆز نۆۋىتىدە بۇ بازار بىر مەكتەپ، مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئەقىل كوئېففىتسېنتىنى چېنىقتۇرىدىغان رىقابەت سورىنى ئىدى. بازاردىكى نۇرغۇن يايما ئورنى ئائىلىنى مەركەر قىلغان بولۇپ، بىر ئائىلىنى مەركەز قىلغان بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە سودا قىلاتتى. بۇ خىل بىرلىكتە سودا قىلىش ئائىلىدىكى ھەممە كىشىنىڭ سودا قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپلا قالماي، ئۇلارنىڭ كۆزىتىش، سۆزلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرەتتى.
مەن ھەر قېتىم گۆش ئالغاندا چوڭ ئوغلۇمنى بۇلاقبېشى كوچىسىدىكى بازارغا بىللە ئېلىپ كېلەتتىم، ھازىر بايقىدىمكى مېنىڭ بۇ ھەركىتىم ناھايىتى توغرا بولغان ئىكەن. مەنلا ئەمەس نۇرغۇن ئاتا-ئانا شۇنداق قىلىدىكەن، بالىسىنى بازار ئارقىلىق تەربىيىلەشكە تىرىشىدىكەن. بالام بۇ سورۇندىن بىزگە خاس نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى ئۆزلەشتۈرەلەيدىكەن. شۇڭا بازاردىن ئىبارەت نام ئاستىدا جەملىنىپ، كۈندىن-كۈنگە ھاياتىي كۈچى ئېشىپ بۈگۈنكى ئۇچۇرلىشىشنى بەلگە قىلغان كېيىنكى سانائەت دەۋرىدىمۇ ئۆزىنى قىممىتىنى يوقاتماي، قەۋىمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۋاتقان بۇ سورۇن بىزنىڭ ئىلمىي كۆزىتىشىمىز، قەدىرلىشىمىز، قوغدىشىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىزنى ئېلىپ بېرىپ چېنىقتۇرىشىمىزغا موھتاج ئىدى.
مەن ئەمدى ئىنگلىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىغا «بازار» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى تىلىمىزدىن ئارىيەت ئېلىپ نېمىشقا شۇ پېتى ئۆزلەشتۈرگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم، چۈنكى «بازار» دېگەن بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلىدا ئۆزىگە خاس مەنە ۋە دائىرىگە، مەدەنىيەت قاتلىمىغا ئىگە ئىدى. باشقا مىللەتلەرنىڭ تەڭداش سۆزلىرى بىلەن بۇ مەنانى ئۆز پېتى ئاڭلىتىش مۈشكۈل ۋە ئىزاھات تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش ئىدى.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى