يورۇق ساھىللار
(ئۇيغۇر ئالىمى، ئەدىب نەزەرغوجا ئابدۇسەمەت ئۇيغۇر بالىسغا بېغىشلايمەن)
غېنى سەمەت
قارا تۈنلەر – ساداق سالىدۇ،
قارلىغاچلار تېزىپ كەتمەيدۇ.
ئېغىر تېنىق ئىگىسىز ئەمەس،
ئازابلارغا ھاردۇق يەتمەيدۇ.
ساھىللارغا تىنجىق تەگكەندە،
ئالتۇن شاخلار ئۆز ھالى بىلەن.
جاغىستاي ۋە يەتتە سۇ ئارا،
يۈرىكىنى ئالىقانغا ئېلىپ
ساھىللارغا قۇت-يۇرۇق بەرگەن
بىر ئاتەش __
بىر قۇياش بار ئىكەن.
نەزەرغوجا ئۆستەڭلىرىدە،
ئۇنىڭ چوغدەك قانلىرى ئاقار.
ئۇنتۇلغان بىر قەبرە بار بۇندا،
بىر زات ئەمەس، بىر قەۋم ياتار.
ئىزلار ئىزغا ئۇلىشىپ كېلەر،
يىلتىزلارغا يۆگىشىپ كېلەر.
ئۇپۇقلارغا تۇمار ئاسايلى،
قارا ساھىل ئولىشىپ كېلەر.
ساھىلىمىز تىنىپ كەتمەيدۇ،
ساھىلىمىز جىمىپ كەتمەيدۇ…
2003 – يىل، ئۈرۈمچى