يىغىن خاتىرىسى
(چاغرىتېكىن)
تىنجىق ئىسسىق سۆزلەيدۇ چىۋىن،
دەرەخلەر مۇزلىغان تۈگىمەس يىغىن.
خاتىرىنىڭ ئۈستۈنكى قۇرىغا قەلبىمدىكى،
تۇخۇنىڭ قۇيرۇقىنى سىزدىم.
ئاندىن ئاستىغا،
تۈۋەندىكى سۆزلەرنى تىزدىم.
قۇملۇقنىڭ كۆكسىگە نەيزىيلەر پاتتى،
توغراقلار يالىڭاچ قۇملۇقتا ياتتى.
بىلمىدىم ئىت-ياكى بۆرىلىكىمنى،
ئىت قاۋاپ ئەتراپتا پەلسەپە ساتتى.
كۈزۈمنى ئاچسام تۆت تامنى كۆردۈم،
قۇياشقا يۇندا چاچقاننى كۆردۈم.
كۈزۈمنى يۇمسام ئاسماننى كۆردۈم،
ئۇندا چەكسىز بوستاننى كۆردۈم.
مەن ئىشخانىدا ئولتۇرغان بىلەن،
ئەجداتلىرىم ئۇستىخانلىرى ئاپتاپتا كۈيىۋاتقاندۇ.
مەن مەنىسىز يېزىقلار ئىچىگە مەھكۇم بولغاندا،
قېرىنداشلىرىم بۇ تۇپراقنى سۈيىۋاتقاندۇ.
ئۈزۈلمەس شىرلارنىڭ باتۇرلىقى ئۈچۈن،
ئانىلار پەپىلەپ سۈت بىرىۋاتقاندۇ.
كىملەر ئۇنتۇپ نەسەپ ئەسلىنى،
غۇرۇرىنى سېتىۋاتقاندۇ.
كىملەر ئۇنتۇپ پەرزەنىت،جېنىنى،
بىزلەرگە نۇر بىرىۋاتقاندۇ.
سۇ دىسەم سۇ تۇرار ئالدىمدا كۆلدەك،
ۋە لىكىن قاغجىراپ تۇرىمەن چۆلدەك.
بىر تامچە چانىقىم ئۈستىدە قاتتى.
قەلىمىم قورقانچاق دەپتەردە ياتتى.
قەلبىم بىر قۇشتەك ئىزدەپ بىر ئۇۋا،
قەپەسنىڭ ئىچىدىن بوشلۇققا باقتى.
2014.6.10