 
                ھېلىقى كوچا
مۇھەممەد ئىبراھىم ھۇنبەگ
ھېلىقى كوچا
كۆزلىرى ياش ئۆتۈپ بارماقتا .
بىنالارنىڭ چېھرىدە نۇر يوق
دەرىزىنىڭ پۇتلىرى سۇنۇق .
ئۈستى يالىڭاچ
قورسىقى ئاچ
پىغان تىرەر ئاياللار يولدا .
بىر تونۇرغا چاپلانغان بازار
قىزىرىپ ، تاتىرىپ قوقاستا پىشار
رىشاتكىلاپ قويۇلغان كىملىك
ئۆزىنى ئىزدەپ يولىدىن ئازار
شائىر ئۇنى تونىماي يازار .
قۇرۇپ كەتكەن تۇربىدا ھېسيات
سۇدا تۇرۇپ سۇسىزلىقىدىن                                                
قاراڭغۇلۇق ، تۈن لىباسى كەڭ
چىراغ يېنىپ تۇرىدۇ لېكىن .
………
ئادەمسىزلىك ئادەملەرنى قىينىماقتا …
 
                             
                             
                             
                             
                            