نويابىر 21, 2024
بىرىنچى ھىجران

(ﺑﻪﺭﻗﻰ) تەرجىمە قىلغۇچى:

(ﺗﯚﺗﯩﻨﺠﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﻟﻼﻧﻤﺎ)

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ: ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭﻯ ﻏﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﺎﭘﻠﯩﻤﺎﯓ .ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ

ﺟﯩﻴﺎﯕﺴﯘ ﭼﺎﯕﺮﯤ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺗﯩﻠﻰ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﭼﯧﯔ ﻳﯜﺟﯩﻴﺎ
-ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭙﻼ ﭼﺎﯓ-ﺗﻮﺯﺍﯓ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ،-ﺩﯨﺪﻯ ﺗﯩﻴﻪﻧﭙﯧﯔ ﻏﯘﺩﯨﺮﺍﭖ.
-ﺗﯘﭘﺎ ﻳﯧﻐﯩﭙﺘﯘ،ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﺭﺍﻥ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﺘﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ،-ﺷﯩﺸﻰ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪﻩ ﺯﻭﯕﭽﯩﻴﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻣﯘﺩﯨﺮﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ،
-ﻫﻪﻱ،ﺋﯘ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﻗﯩﻴﻨﯩﺪﻯ،-ﺩﯨﺪﻯ ﺗﯩﻴﻪﻧﭙﯧﯔ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ.
ﺋﻮﻧﻨﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻼﺭ ﺯﺍﻟﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ.ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺧﻪﻟﭙﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯚﺯﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
-ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭ،-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺧﻪﻟﭙﻪﺗﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﻰ ﻏﯘﺩﯨﺮﯨﺘﯩﯟﻩﺗﺘﻰ.-ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﻮﺵ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﯧﻴﺘﺎﻱ،ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻤﯩﺰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ،ﺋﯩﭙﺎﺩﻩﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ!-ﺋﯘ ﺋﯜﻧﺪﻩﺵ ﺟﯜﻣﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪﻯ.ﭘﻪﺳﺘﯩﻦ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﭼﺎﯞﺍﻙ ﻳﺎﯕﺮﺍﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﯟﯨﺪﻯ ﻛﯜﺗﻜﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ،ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﻧﺪﺍ ﭼﺎﯞﺍﻙ ﭼﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ،ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺧﻪﻟﭙﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﭙﻰ ﺋﯘﭼﺘﻰ،ﺋﯘ ﻏﻪﺯﻩﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ،-ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ،ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ s ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻗﯩﺮﯞﺍﺵ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﺪﻯ!ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﭼﺎﺗﺎﻕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﯜﺯﯛﻙ ﺋﻪﺩﯨﭙﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﻤﻪﻥ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﻤﻪﻥ.ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ،ﻛﺎﯞﭼﯘﻙ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﺎﺳﺮﯨﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ، ﻫﯩﭽﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻳﻮﻕ.ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﮔﺎﯞ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺧﻪﻟﭙﻪﺕ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﭼﯚﭼﯜﺗﯜﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﯩﻜﺮﺍﭘﻮﻧﻨﻰ ﮔﺎﯞ ﻣﯘﺩﯨﺮﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﺘﻰ.
-ﻗﺎﺭﺍﯕﻼﺭ ،ﻗﺎﺭﺍﯕﻼﺭ،- ﺗﯩﻴﻪﻧﭙﯧﯖﻨﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﺸﻰ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ،ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺧﻪﻟﭙﻪﺕ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﻛﯩﺘﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ.ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺋﺎﻳﯩﻘﻰ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺋﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
-ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﭘﺎﺷﻨﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻗﻜﻪﻥ ،-ﺩﯨﺪﻯ ﺗﯩﻴﻪﻧﭙﯧﯔ ﻛﺎﯞﭼﯘﻛﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﭖ.
ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺧﻪﻟﭙﻪﺕ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﺪﻯ،ﮔﺎﯞ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺧﻪﻟﭙﻪﺕ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺭﺍﻳﻰ ﺑﺎﺭﻣﺎﻱ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯩﺰ ﺗﯜﮔﻪﺗﺘﻰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﯩﻠﯩﻖ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.ﺋﻪﯓ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺯﻩﺭﺑﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﯩﻨﻰ ﺩﻭﺳﻜﺎ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺩﻩﺭﺳﻰ ﺳﯩﺘﻜﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ.ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ،ﺑﯩﺮ ﻫﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﺱ ﺳﯩﺮﺗﻜﯩﺴﻰ ﺗﯩﻞ-ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ، ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ،ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ،ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ،ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ،ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻟﯩﻖ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺴﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺩﻩﺭﺱ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﯟﯦﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ.ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯩﺪﻯ.ﭘﻪﯞﻗﯘﻻﺩﺩﻩ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺩﻩﺭﺱ ﺳﯩﺮﺗﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻟﻐﯘﻧﯘﭘﻼ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯛﺵ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ، ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭ ﺳﯩﺮﺗﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ.ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻼ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻏﯘﻟﻐﯘﻻ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ.ﺳﯩﻨﯩﭗ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ:
-ﺧﻮﺵ ﺑﻮﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﯕﻼﺭ،ﺑﯘ ﺳﯩﺮﺗﻜﺎ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯜﺯﯛﻟﺪﻯ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻛﻮﻧﺎ ﺳﯩﺮﺗﻜﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﺎﯕﺴﯩﻠﯩﻪﺭ.
ﭘﻪﺳﺘﯩﻜﻰ ﺑﻪﺷﺘﯩﻦ ﺗﯚﺕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻫﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺗﺎﺱ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
-ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﻮﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﺎﺭﯨﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺋﻪﯓ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﺎﺭﯨﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﺪﻯ.ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﻪﻡ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﻪﺵ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﺎﺭﯨﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ.ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻠﻪﺭ.ﻛﯚﺯﯛﯕﻼﺭﻧﻰ ﭼﻪﻛﭽﻪﻳﺘﯩﭗ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﻠﻪﺭ؟ﭘﻪﯞﻗﯘﻻﺩﺩﻩ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﯘ ﺑﯘ!
ﮔﻪﭖ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺗﯜﮔﯩﯟﯨﺪﻯ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺧﻪﻟﭙﻪﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯩﺮﺩﻯ.ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﻛﯩﻴﯩﻢ –ﻛﯩﭽﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ –ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﺳﯩﻨﯩﭗ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻫﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯘﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﭺ، ﻏﻪﻳﺮﻯ ﭘﺎﺳﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻤﯩﺪﻯ.ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺧﻪﻟﭙﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺪﻯ.
-ﺳﯩﺰ ﺋﻮﺭﻧﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﯓ،ﻛﯩﻢ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﮔﯜﻟﻠﯜﻙ ﭘﯘﺷﻘﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﺘﺎﻥ ﻛﻪﻳﺴﯘﻥ ﺩﯨﺪﻯ؟-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺧﻪﻟﭙﻪﺕ ﺗﯘﺧﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﯜﻙ ﺋﯜﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻟﭙﺎﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﭼﯩﻨﯩﺪﻯ.
-ﻣﻪﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻢ،-ﺩﯨﺪﻯ ﻗﯩﺰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﺳﺎﺭﻏﯩﻴﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ.
-ﭘﯘﺷﻘﯩﻘﻰ ﮔﯜﻟﻠﯜﻙ ﺋﯩﺸﺘﺎﻥ ﻛﻪﻳﮕﻪﻧﮕﻪ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ،ﭘﯘﺷﻘﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﮔﯜﻝ ﺑﺎﺭﻏﯘ ﺧﺎﻻﺱ.-ﻏﯘﺩﯨﺮﯨﺪﻯ ﺗﯩﻴﻪﻧﭙﯩﯔ.
-ﻛﯩﻢ؟-ﺗﻮﯞﻟﯩﺪﻯ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺧﻪﻟﭙﻪﺕ ﻏﻪﺯﻩﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ،ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﻴﻪﻧﭙﯩﯖﻐﺎ ﻧﻪﺷﺘﻪﺭﺩﻩﻙ ﺗﯩﻜﯩﭗ.
-ﻣﻪﻥ…ﻣﻪﻥ.
ﺗﯩﻴﻪﻧﭙﯩﯔ ﺗﯩﺘﺮﻩﭖ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﺩﻯ.
-ﺗﯜﮔﻪﺷﺘﯩﻢ،ﺗﯜﮔﻪﺷﺘﯩﻢ.
-ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘ؟ﻫﻪ ﺭﺍﺳﺖ، ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﻻﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﯩﭽﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻣﺪﯗ؟ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻣﺴﯩﺰ؟ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﺎﻣﺴﯩﺰ ﻳﻪ؟ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﯩﻤﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟
ﺗﯩﻴﻪﻧﭙﯧﯖﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺧﻪﻟﭙﻪﺗﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﺑﯚﻟﯩﯟﻩﺗﺘﻰ.
– ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﭼﻮﻻﻡ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟
ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﻛﯜﻟﻜﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ.
-ﺳﯩﺰ ؟ -ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺧﻪﻟﭙﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ.ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﻣﯘﺩﯨﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﻪﮔﯩﺪﻯ:
-ﺟﺎﯞ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ،ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ؟ﺗﯜﺯﯛﻛﺮﻩﻙ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﯓ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﯟﻯ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺧﺎﻡ-ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻼﺭ.
ﮔﯩﭙﯩﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ،ﻳﯧﯖﯩﻨﻰ ﻗﺎﻗﻘﺎﻥ ﭘﯧﺘﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.ﮔﯜﭘﭙﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﻳﺎﭘﺘﻰ.ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻦ ﻛﯜﻟﻜﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ،ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﯟﻯ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻳﯩﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﻣﺘﻰ.
ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﭘﯧﺘﯩﭽﻪ ﻫﻪﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﺭﯦﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.ﺭﺍﺩﯨﻴﻮ ﮔﯩﻤﻨﺎﺳﺘﯩﻜﯩﺴﻰ،ﻗﺎﺭﺍ ﺩﻭﺳﻜﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﯧﯖﯩﻼﻧﺪﻯ.ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺧﻪﻟﭙﻪﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﻣﯘﺩﯨﺮﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﯘﯓ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺑﯧﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪﺧﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰﻩﺷﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﺩﻯ.ﺑﯧﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﺪﻯ، ﺑﯘ ﺑﯧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﯘﭼﻪ ﭼﯩﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﺳﯩﻼ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﮔﯘﺭﯗﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﻫﻮﺩﯗﻗﻘﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺧﻪﻟﭙﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
-ﻣﯘﺩﯨﺮ،ﭼﺎﺗﺎﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ،ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯘﻕ ﺋﯩﻨﺘﯩﻬﺎﻥ ﺳﯘﺋﺎﻟﻰ ﺑﻪﻙ ﺗﻪﺱ ﭼﯩﻘﭗ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻧﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺟﻪﺩﯞﯨﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﭗ-ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﺳﻪﺕ ﺗﯘﺭﺍﺭﻣﯩﻜﯩﻦ.
-ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺩﯙﺕ ﺋﺎﺩﻩﻣﺴﯩﺰ،-ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻣﯘﺩﯨﺮ،-ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ 20 ﻧﻮﻣﯘﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺑﻪﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﻣﺪﯗ.ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﻧﻮﻣﯘﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻳﯜﺭﻩﻣﺘﻰ.
– ﻧﯩﻤﻪ ؟ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ 20 ﻧﻮﻣﯘﺭ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺑﯩﺮﻩﻣﺪﯨﻢ؟-ﺩﯨﺪﻯ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﮔﺮﯗﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﻗﯘﻻﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻱ.
-ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﻳﻪﻧﻪ ﻫﺎﯕﯟﯦﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺴﯩﺰﻏﯘ؟ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﯓ.ﺋﻪﺗﯩﻼ ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺗﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﯓ.
ﮔﯘﺭﯨﭙﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﺩﻩﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﺎﺳﺘﯩﻦ-ﺋﯜﺳﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻥ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ.ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺧﻪﻟﭙﻪﺕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ،
-ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺑﻮﭖ ﻛﯩﺘﻪﺗﺘﻰ،-ﺩﯨﺪﻯ ﺋﯘ.
-ﻣﯘﺩﯨﺮ،ﻣﯘﺩﯨﺮ،ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﻠﯩﭙﻮﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ،ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻥ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ-ﮔﺎﯞ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﻫﺎﺳﯩﺮﺍﭖ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
-ﺑﻪﻙ ﺑﻪﻟﻪﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﯟﺍﻟﺪﯨﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ-ﺩﯨﺪﻯ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺧﻪﻟﭙﻪﺕ ﮔﯜﻟﺪﻩﻙ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ.
– ﻧﯩﻤﻪ ؟ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻥ ﺟﺎﭘﺎ ﺗﺎﺭﺗﺎﻣﺪﯗﻕ ؟-ﭼﯘﻗﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ.
ﺑﺎﻫﺎ:
ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻛﯜﻟﮕﯩﻠﻰ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ.ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺭﻩﻫﯩﻤﺴﯩﺰ ﻗﻪﻟﻪﻡ.
ﻟﯘ ﺗﯘ( ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮﯨﻨﺠﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ،ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻓﯘﺩﻩﻥ ﺩﺍﺷﯚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﯩﻴﺎﺕ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ)

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ