«ساراڭ» نىڭ ئاپتورىدىن يەنە بىر پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئالدىم . ئۇ خەتكە قوشۇپ يەنە بىر ئەسەرنى ئەۋەتىپتۇ.
«رەئىس ئەپەندىم، ياخشىمۇسىز؟- يېزىپتۇ ئۇ خېتىدە ،ئۆتكەنكى خېتىمنى ئوقۇپ تازا كۈلگەنسىز؟ رەئىس بولغان ئادەملەر ئۇنچە كۈلمەمدۇيا ؟ مەن سىزنى رەئىس بولغاندىن بېرى قاپىقىنى تۈرۈپلا يۈرۈيدىغان بولۇپ قالدىمىكىن ، دەپ پەرەز قىلىمەن. قىزىقكەنسىز ، بۇ جاھاننىڭ قاپاق تۈرگىچىلىكى بارمۇ ؟ باشقىلارنىڭ شاڭخو قىلىشىدىن قورقۇپ ، ئۈرۈمچىدىكى سەرگۈزەشتىلىرىمنى سىزدىن باشقا ھېچكىمگە تىنمىدىم. توۋا دەيمەن، دەرد تارتقانلارنىڭ دەردىنى يۈرەكلىك ئېيتالمايدىغان بولۇپ قالدىغىنىمۇ غەلىتە ئىشكەن . ئاڭلىدىڭىزمۇ ؟ ھازىرقى بوۋاقلارنىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدا تۇرۇپلا چېچىغا ئاق كىرىپ كېتىۋاتقۇدەك. يېقىندا بىر تاماكا چىقىپتۇدەك، ئۇنىڭ ئىككى بېشىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ ئوتتۇردىن چېكىدىكەنسىز. بەزى كاتىۋاشلارنىڭ بالا – چاقىسىنى تازا پۇل تاپىدىغان ئىشقا سېلىپ قۇيۇپ، ‹پۇل دېگەنگە ئۆزىنى تازا بەك ئۇرۇپ كەتكەنمۇ ياخشى ئىش ئەمەس › دەپ ۋەز ئېيتىدىغان بولىۋالغىنىغا مەن ھەيران. ئىچىم پۇشۇپ، ئۇ قېتىم راستىنلا چوشقىلار توغرىسىدا يازدىم. بۇ ئاداش يازمىغان ئەمدى چوشقا قاپتىمۇ ، دەرسىز، قېنى كۆرۈپ بېقىڭ..»
1.ئاپتۇرنىڭ چوشقا ھەققىدىكى ئەسىرى مانا مۇنداق باشلىنىپتۇ .
شەھىرىمىزنىڭ يان تەرىپى ئازراق سازلىق بولىدىغان ، ئۇ يەردە چوشقا باقىدىغان بىر ئائىلىلىك تۇراتتى . ئۇلار سازلىقنىڭ قۇرۇقراق يەرلىرىگە ئانچە-مۇنچە كۆكتات تېرىپ جاھاندارچىلىق قىلاتتى . كىچىك ۋاقتىمىزدا بالىلار بىلەن ئويناپ سازلىق تەرەپكە بېرىپ قالاتتۇق . سازنىڭ سۈيىنى شالاپشىتىپ كېچىپ، خارتىلداپ قارا پاتقاققا تۇمشۇقىنى تىقىپ ، سازلىقنى تىلغاپ يۈرگەن چوشقىلارنى كۆرۇپ ، چوشقا دېگەن پاتقاق يەيدىغان ئوخشىمامدۇ ؟ دەپ ئويلايتتىم . كېيىن ، بۇ سازلىقنىڭ سۈيى بارا- بارا تارتىلىپ ، قۇرۇپ كەتكىلى تۇردى . چوشقا باقىدىغان ھېلىقى ئائىلە كۆكتات تېرىيدىغان يەرلىرىنى قوشۇپ ئەتراپقا تام سوقۇپ ، بىكار ياتقان خېلى كۆپ يەرنى قاشالدىۋالدى . شەھەرنىڭ ئابرويلۇق بىر باشلىقى ‹‹ ئوغلۇمغا›› دەپ شۇ ئەتراپقا كېلىشتۈرۈپ بىر ئۆي سالدى . بۇنى دوراپ ، ئۆينىڭ ئەلىمى ئۆتۈپ كەتكەنلەر ئارقا- ئارقىدىن سازلىققا ئۆي سېلىشقا باشلىدى . پېنسىيىگە چىققان بىر كىشى ئۇ يەرگە ئۇششاق- چۈششەك نەرسىلەرنى ساتىدىغان بىر دۇكانمۇ ئېچىۋالدى . شۇنداق قىلىپ ، بۇ سازلىقنىڭ ئورنى بارا- بارا يېڭى بىر مەھەللە بولۇپ قالدى . بىزمۇ بۇ مەھەللىگە بىر نەچچە ئېغېز ئۆي سېلىپ كۆچۈپ چىقىپ ، نەق چوشقا باقىدىغان ھېلىقى ئائىلە بىلەن قوشنا ئولتۇرۇپ قالدۇق .
چوشقا باقىدىغان ئائىلىنىڭ چوڭى ئورۇق ، تىمەن بىر بوۋاي ئىدى . ئۇ ياشتا چوڭ ۋە بۇ يېڭى مەھەللىگە ھەممىمىزدىن كونا بولغاچقا ، مەھەللىدىكىلەربۇ بوۋاي بىلەن ئۇچرشىپ قالساق ، ھۆرمەتلەپ سالاملىشىپ ئۆتەتتۇق . ئەمدى چوشقىلارنىڭ تالادا يۈگۈرۈپ ، ھەممە يەرنى تىلغاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەيدىغان بولدۇق . بوۋاي قوشنا- قۇلۇملارنىڭ ئۆرپ –ئادىتىنى نەزەردە تۇتۇپ ، چوشقىلىرىنى تالاغا قويۇۋەتمەيدىغان بولدى . ئۇلارنىڭ ھويلىسى كەڭرى ئىدى . بىز چوشقىلارنىڭ چىرقىراشقان ئاۋازىنى ھويلا ئىچىدىن ، تاملارنىڭ ئارقىسىدىنلا ئاڭلايتتۇق . چوشقا دىگەننىڭ زادى نېمە يەيدىغانلىقىنى مەن شۇ بوۋايغا قوشنا بولۇپ ئولتۇرغاندىن كىيىنلا ئازراق چۈشەنگەندەك بولدۇم . دەسلەپتە بوۋاينىڭ چوشقىلىرىمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى . ئۇنىڭ بالىلىرى ھەركۈنى سېۋەتنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئەتراپتىن ياۋا كۆكتات ، كۆكتات تاشلاندۇقلىرى دېگەندەك نەرسىلەرنى تېرىپ كېلىشەتتى .بوۋاي بۇ كۆكتاتلارنى يۇيۇپ ، توغراپ ، ئۇنىڭغا يەنە نېمىلەرنىدۇر ئارلاشتۇرۇپ ئاداپ قىلىپ چوشقىلارغا تۆكۈپ بېرەتتى .كەچكە يېقىن بوۋاي يوغان ئىككى چېلەكنى ئەپكەشكە ئىلىپ ، بازار ئىچىدىن ئاشخانىلارنىڭ تاماق قالدۇقلىرى ئارلاشقان يۇندى-چاقانلىرىنى كۆتۈرۈپ كېلەتتى . كېيىن ئۇلارنىڭ چوشقىلىرى كۆپىيىپ ، بوۋاينىڭ ئائىلىسى رەسمىي چوشقا بېقىش بىلەن شۇغۇللىندىغان ئائىلىگە ئايلىنىپ قالدى . بۇ چاغقا كەلگەندە بوۋاينىڭ ئوغۇللىرىمۇ چوڭ بولۇپ قالغاندى . چوڭ ئوغلى بىر موتسىكىلىت سېتىۋالدى . موتسىكىلىتىڭ ئارقىسىغا بىر كىچىك كوزۇپنى چېتىپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇڭ ئورنىتىپ ئاشخانىلارنڭ ئاشقان-تاشقان تاماقلىرىنى شۇنىڭدا توشۇپ كېلىدىغان بولدى .
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى بوۋاينىڭ ئائىلىسى شۇنداق تېز كۆتۈرلۈپ كەتتىكى ، ئۇلارنىڭ قانداق بېيىپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئەقلىمىز يەتمەيلا قالدى . بۇ بوۋايغا ھازىر قېرىلىق يېتىپ قالغان بولۇپ ، ئائىلىنى باشقۇرۇش ئىشىنى ئۇنىڭ چوڭ ئوغىلى قولىغا ئالغان ئىدى . ئۇ ھويلىسىنىڭ بۇرۇنقى كۆرۈمسىز توپا تاملىرىنى ئۆرۈپ تاشلاپ ، قىپقىزىل خىشتا تام قوپۇرۇپ چىقتى . بېقىۋاتقان چوشقىلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ئىدى . چوشقىلارنىڭ تۇرىدىغان يېرىنى ئايرىم قىلىپ ، چوشقا قوتانلىرىنىمۇ سېمونىت بىلەن سۇۋىۋاتتى . خۇددى بىرى تامدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ ، چوشقىلارنى يۈدۈپ چىقىپ كېتىدىغاندەك ، ئېگىز تاملارنىڭ ئۈستىگىمۇ ئايلاندۇرۇپ تىكەنلىك سىم تارتىۋەتتى .ھويلىسىنىڭ يەنە بىر چېتىگە ئىككى قەۋەتلىك قىلىپ شۇنداق كاتتا ئىمارەت سالدىكى ، بۇنىڭ ئالدىدا مەھەللىمىز بويىچە چىرايلىق كۆرۈنىدىغان ، ئابرۇيلۇق ھېلىقى باشلىقنىڭ ئوغۇلىغا سالغان ئۆي چېنىپلا قالدى . ئۇلارنىڭ چوشقىلىرىنىڭ شۇنچە تىز كۆپىيىپ ، بېيىپ كېتىۋاتقانلىقى ئۈستىدە گەپ بولسا ، مەھەللىدىكىلەر :
– بوۋاينىڭ چوڭ ئوغلى بېقىۋاتقان چوشقىلار چەتئەل نەسلىدىن ئىكەن ، يېنىدا ئولتۇرۇپ بېشىنى سىلاپ بەرسە ، بىر تۇغقاندا بىراقلا 20-30 نى تۇغقىدەك ،- دېيىشەتتى . يەنە بەزىلەر :
– ئۇلارنىڭ ياپۇنيىدىن ئەكەلگەن يەنە بىر غەلىتە چوشقىسى بار ئىكەن ،يېيىشكە پىششىق تاماق يەپ ، چىچىشقا تاراقلاپ تۇرغان قەغەز پۇل چىچارمىش ،- دەيتتى .
مەھەللىدىكى ئۇششاق- چۈششەك نەرسىلەر ساتىدىغان دۇكاننى ئاچقان كىشى ئىلگىرى بىر مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن . ئۇ مۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغاندا سەل خاپا بولغاندەك بولۇپ :
– ھەممە ئىشنى چاقچاققا ئايلاندۇردىكەنسىلەر ئۇكىلىرىم ، مەسىلە دېگەنگە ئىلمىي قاراش كېرەك . چوشقا باققۇچىلارنىڭ بېيىپ كېتىشى شەھىرىمىزدىكى رېستۇرانلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن توغرا تاناسىپ ،- دەيتتى .
– بۇ نېمە گەپ ، ئاكا ؟- دەيتتۇق بىز ،- تاناسىپ- پاناسىپ دىگىنىڭىز نېمىسى ؟ – بۇ دېگەنلىك ،- دەپ چۈشەندۈرەتتى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ،- شەھرىمىزدە رېستۇرانلار قانچە كۆپەيگەنسېرى چوشقا باقىدىغانلار شۇنچە باي بولىدۇ ، دىگەنلىك . رېستوران دېگەنگە قورسىقى توق غوجاملار كىرىدۇ . بىر-بىردىن ئابروي تالىشىپ تاماقنى ھارغۇچە بۇيرۇپ قويۇپ ، ئازراقلا يەپ بولدى قىلىدۇ ، قالغىنىنى چوشقا باقىدىغانلار يىغىشتۇرۇپ ماڭىدۇ . چوشقىنىڭ بىكارغا كېلىدىغان مۇنداق يېمى كۆپىيىۋەرسە ، چوشقا باقىدىغانلار باي بولماي نېمە بولىدۇ .؟
بوۋاينىڭ چوڭ ئوغىلى ھازىر يىراق – يېقىنلارغا بارسا يېڭى سېتىۋالغان قاپقارا پىكاپىغا ئولتۇرۇپ باراتتى . بوۋاينىڭ ئىككىنچى ئوغلى شەھەرگە يوغان تۇڭ ئورنىتىلغان يۈك ماشنىسىنى ھەيدەيتتى . .ئۇلارنىڭ شەھەردىكى داڭلىق ، چوڭ رېستۇرانلار بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق ئىدى . ئۇ يەردىكى ئاشقان تاماقلار ئاشۇ ماشنىدا توشۇپ كېلىنەتتى .
راسىت دېگەندەك ، رېستۇرانلاردىن چوشقىلارغا تاماق توشۇپ كېلىدىغان يۈك ماشنىسىدىكى سىرتىنى قېلىن ماي باغلاپ كەتكەن يوغان تۇڭنىڭ ئىچىگە قارىسىڭىز چۈشىڭىزدىمۇ كۆرمىگەن نەرسىلەرنى كۆرىسىز . قورۇلغان ، دۈملەنگەن ، ئېچىتىلغان ، ئىسسىق – سوغۇق ھەرخىل قورۇمىلار ، ئۆردەك ، غاز – توخۇ ، قىرغاۋۇل ، كەكلىك … يەنە قانداقتۇر كەم ئۇچىرايدىغان ئۇچار- قاناتلارنىڭ گۆشلىرى ، بېلىق ، پاقا ، يىلان ، كەسلەنچۈك ، قۇرت – قوڭغۇز ، ئىت – مۈشۈك ، كالا ، قويلارنىڭ گۆشلىرىدىن تەييارلانغان خىلمۇ خىل تاماقلار ، كىملەرنىڭدۇر تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ تەييارلانغان ئېسىل تورتلار ، لەيلەپ تۇرغان ئاپئاق ھورنان ، يۇتازا ، مانتا ، سامسا ، پەرمۇدە … ئايھاي ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى رەت – رېتى بىلەن يېزىپ چىقىمەن دېسىڭىز كاتتا رېستۇرانلارنىڭ تاماق تىزىملىكىنى بىر – بىرلەپ كۆرۇپ چىقسىڭىزمۇ بولىدۇ . مۇنچىۋالا نەرسىلەرنىڭ قانداق ئادەملەرنىڭ ئالدىدىن ئېشىپ چىقىدىغانلىقىغا ئەقىلىڭىزنى يەتكۈزەلمەيسىز . ھازىر ئاشخانىلار قورسىقى ئاچقانلارنىڭ كىرىپ تاماق يەيدىغان ئورنىمۇ ياكى قورسىقى توقلارنىڭ كىرىپ تاماق بۇزىدىغان ئورنى بوپقالدىمۇ ؟ دەپ ئويلىنىپ قالىسىز . ھېلىقى ئوقۇتقۇچى ئېيتىقاندەك ، پۇلى بار غوجاملار ئېھتىمال ئۆيىدە قورسىقىنى ئوبدان تويغۇزۇپ چىقىپ ، سۆلىتىنى داۋراڭ قىلىش ئۈچۈن يەنە كاتتا رېستۇرانلارغا كىرىپ نەچچە يۈز يۈەنلىك تاماقلارنى بۇيرۇتۇپ قويۇپ ، يېمەي قاراپ ئولتۇرۇپلا قوپۇپ كەتسە كېرەك . ھەي ، سىز شۇنداقمۇ دەيسىز ،- دەپ چۈشەندۈردى ماڭا بىر كۈنى بوۋاينىڭ چوڭ ئوغلى ھېلىقى قارا پىكاپدىن چۈشۈپ ، مەن بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇپ ،- ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي سورۇنلىرىدا پۈتمىگەن نۇرغۇن ئىشلار ، شىركەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەر خىل غەيرى رەسمىي توختاملار ، شەخىسلەرنىڭ يەڭ ئىچىدىكى سودىلىرى بىزنىڭ ئاشۇ چوشقىلار يەيدىغان تاماقلار تىزىلغان جوزا ئۈستىدە پۈتىدۇ . شەھەر خەلىقى بىزدىن خۇش بولسا بولىدۇ . شۇ ئاشقان – تاشقان نەرسىلەرنى بىز يىغشتۇرمىساق ، پۈتۈن شەھەرسېسىقچىلىققا چۆكۈپ قالمامدۇ ؟ پۇلى بارلار قوۋرۇغىسى يوق پۇلنى خەجلەپ بۇزۇپ چاچىدۇ ، بىز بۇزۇلغان – چېچىلغان نەرسىلەرنى يىغىپ كېلىپ يەنە يېڭى گۆشكە ئايلاندۇرىمىز …
بوۋاي ھازىر ئائىلىنىڭ چوڭ – كىچىك ئىشلىرىنى چوڭ ئوغىلىغا تاشلاپ بېرىپ ، ھېچنىمىگە ئارلاشماي يۈرەتتى . ئاددى رەخىتلەردىن كىيىم كىيىپ ، ئۆزى بۇرۇندىن چېكىپ ئادەتلەنگەن ئەرزان تاماكىنى چېكەتتى . ئەتتىگەنلىك تامىقىغا ئىككى – ئۈچ تال پىلتە قۇيماق بىلەن ئۇماچ ئىچەتتى . ئۆيىدە شۇنچىلىك باياشاتچىلىق بولسىمۇ ، يەنە گۆشسىز قورۇمىلارنى قورۇتۇپ ، قوناق ھورنېنىنى ئەتىۋارلاپ يەيتتى . بالىلىرى ئۇنى ، بىزنىڭ بوۋاي كونا زاماننىڭ ئادىمى ، مېڭىسىمۇ كونا پېتى قېتىپ قالغان ، دەپ زاڭلىق قىلاتتى . بوۋاي بەزى كۈنلىرى چوشقا قوتىنىغا كىرىپ تا ماكىسىنى چېكىپ ، رېستۇراندىن كەلتۈرۈلگەن ھەرخىل يېمەكلىكلەرنى تۇمشۇقىنى تىقىپ تىلغاپ يەۋاتقان چوشقىلارغا قاراپ تۇرۇپ كېتەتتى . قانداقلا بولسۇن ، ئۇ بىر دېھقان-دە ، شۇ كۆكتات ، شۇ گۆشلەرنى يېتىشتۈرگۈچىلەرنىڭ جاپالىق ئەجىرى ، شۇ ئاپئاق ھورنانلار تەييارلىنىدىغان بۇغداينى تەرگۈچى جاپاكەش دېھقاننىڭ چېچىلغان ھەر بىر تال بۇغداينى يەردىن ئېرىنمەي ئېڭىشىپ ئالىدىغان ھالىتى ، چوشقىلار تىلغاۋاتقان شۇ يېمەكلىكلەر ئۇخلىسا چۈشىگىمۇ كىر مەيدىغان نامرات ئائىلىلەر ئۇنىڭ خىيالىدىن كەچسە كېرەك ، بەلكىم . بەزىدە مەن بوۋاي بىلەن پاراڭلىشاي ، دەپ ئۇلارنىڭ چوشقا قوتىنىغا كىرىپ قالاتتىم . كۆزۈمگە بۇ چوشقىلار مەن كىچىك ۋاقتىمدا كۆرگەن چوشقىلارغا ئوخشاشماي قېلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى . ئادەملەر يەيدىغان نەرسىلەرنى يەۋەرگەچكىمۇ ، ئۇلارنىڭ گەندىسىمۇ ئادەملەرنىڭ گەندىسىگە ئوخشىشىپ كېتەتتى .
مىجەزلىرىنى دېمەمسىز ، مىجەزىمۇ ئۆزلىرى يەۋاتقان تاماقلارنى ئاشۇرۇپ قويغان ئادەملەرنىڭ مىجەزىگە تارتىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى . ئۇلارنىڭ ئاپتاپقا قاقلىنىپ يېتىپ كېتىشلىرى قورسىقىنى بەك تويغۇزۋېتىپ ، ئۆزىنى ئالالماي دىۋاندا مۈگدەپ قالغان غوجاملارغا ئوخشىشىپ قالاتتى . بەزىلىرى ئالدىڭىزغا كېلىپ ، سەن نېمەڭگە يوغان سۆزلەيسەن ؟ بەز يەپ يۈرگەن يېمەكلىكلەرنى چۈشۈڭدىمۇ كۆرگەنمۇ سەن ؟ دېمەكچى بولغاندەك ، كۆزلىرىڭىزنىڭ ئىچىگە شۇنچىلىك قادىلىپ قارايدۇكى ، بەدەنلىرىڭىز جۇغۇلداپ كېتىدۇ . بەزى چىشى چوشقىلار ھە دېسە ئەيش – ئشرەت سورۇنلىرىغا پالاقلايدىغان ئشقىۋاز خېنىملارنى دوراپ ساغىرلىرىنى ئوينىتىپ غەلىتە قىلىقلارنى چىقىرىپ مېڭىپ كەتسە ، ناشايان ئشلارنى قىلىشقا خۇشتار بايۋەچچىلەرنىڭ ئالدىدىن ئاشقان تاماقلارنى يەۋالغان بەزى ئەركەك چوشقىلارنىڭ ھېلىقى نايناق چىشى چوشقىلارنى ئەگىپ كېتەلمەي سۈركىلىشىپلا يۈرگەنلىكىنى كۆرىسىز . بۇلۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدە يوغان بىر چىپار چوشقا بار ، ئۇنىڭ قولىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ كېرىلىشى ، چوڭ ئەمەلدارلاردەك غادىيىپ مېڭىپ كېتىشلىرىنى كۆرسىڭىز قورققىنىڭىزدىن ئختىيارسىز ئېگىلىپ سالام بېرىۋېتىشكە تاسلا قالىسىز…
2.يېقىندا –قايسىبىر بايرامنىڭ ئالدىدا،شەھەر مەمۇريىتى شەھىرىمىزدىكى ئاشخانا،رېستۇرانلارغا بىر ھەپتە تىجارىتىنى توختىتىپ تازلىق قىلىشنى ئۇقتۇردى.ئاڭلىشىمىزچە يۇقىردىن شەھەرگە بىر چوڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى كەلمەكچى ئىكەن.ئۇقتۇرۇشتا«كىمكى ئۇقتۇرۇشقا خىلاپلىق قىلسا،ئېغىر جەرىمانە قۇيۇلىدۇ،تىجارەت كېنىشكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدۇ»دەپ ئېنىق يېزىلغاندى. مۇشۇنداق قىلمايمۇ بولمايتى. ئاشخانا، رېستورانلارغا كىرگەندە سىز كۆركەم زال، مەزلىك تاماقلارنى كۆرىسىز؛ شۇ تاماق سۇرۇنلىرنىڭ ئارقىسىدىكى ۋە پارچە-پۇرات نەرسىلەر قۇيۇلدىغانئۆيلەردىكى پاسكىنچىلىق، ئۇ يەردىكى دۈكۈرلىشىپ يۈگۈرشۈپ يۈرگەن چاچقانلار، گىژلدىشىپ يۈرگەن چىۋىن، چېچىلىپ ياتقان يىمەكلىكلەرنى خىيالىڭىزغىمۇ كەلتۈرمەيسىز. لېكىن بارىلىق تاماق سۇرۇنلىرى بىر ھەپتە تىجارەت توختاتسا، شۇ سۇرۇنلاردىن ئېشىپ چىققان نەرسىلەر بىلەن بېقىلۋاتقان مىڭلاپ چوشقىلار نىمە يەيدۇ!؟ دېگەن مەسىلنى ھىچكىم ئويلاپ باقمىدى، پاجىئەنىڭ بېشى مانا شۇنداق باشلاندى.
بۇ بىر ھەپتنىڭ ئالدىنقى ئىككى-ئۈچ كۈنى غۇۋاسىز ئۈتۈپ كەتتى. تۆتىنچى كۈندىن باشلاپ چوشقىلار ئاچلىقتىن ھەر تەرەپكە تىپىرلاپ ئارامسىزلىنىشقا باشلىدى. چوشقا باققۇچىلارنىڭ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ تېپىپ كەلگەن ئارپا، قوناق، بۇغدايلىرىغا، كېپەككە كۆكتات، ياۋا ئوت دىگەندەك قانداقتۇر بىر نىمىلەرنى ئارلاشتۇرۇپ ياساپ بەرگەن ئاداپلارغا ئۇلار قاراپمۇ قويمىدى. بەزىلىرى ئازىراق تېتىپ باققان بولسىمۇ، كۆڭلى ئايىنىپ قۇسۇۋېتىشتى. چۈنكى، ئۇلار ئاللىبۇرۇن ئېسىل يىمەكلىكلەر بىلەن ئۇزۇقلنىشقا ئۆگىنىپ قېلىشقان ئىدى.
شۇ كۈنلەردە مەن قوشنىمىزنىڭ قوروسىنىڭ يېنىدىن ئۈتۈپ كېتىۋىتىپ،چوشقىلارنىڭ ئاچچىق چىرقىراپ نىملەرنىدۇر دەپ ۋارقىراشقانلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم.
-ئۇلار بىزگە تاماق تەييارلايدىغان ئاشخانا، رېستورانلارنى تاقىۋېتىپ نېمە ئىش قىلۋاتىدۇ بىلەمسىلەر؟-دەپ ۋارقىراۋاتاتتى بىر چوشقا.
نېمە ئىش قىلۋېتىپتۇ؟ -دەپ چۇرقىراشتى چوشقىلارمۇ .
-تازلىق قىلۋېتىپتىمىش، تازلىق!
ئويلاپ بېقىڭلار، ھەممە پاسكىنچىلىقنىڭ مەنبەسى نىمە؟ ئادەم! ئۇلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرنىڭ ۋۇجۇدىنى تازلاشنىڭ لازىملىقىنى ئويلاپمۇ باقمايدۇ. ئۇلار پاكىزلىققا چىۋىن، چاچقان، پىت-بۈرگىلەرنى يوقىتىپ يەتمەكچى بۇلۇۋېتىپتىمىش. بۇگۈن پۈتۈن زىمىننى بۇلغاۋاتقان زادى كىم؟
بۇ چوشقا شۇنچىلىك چوڭقۇر مۇلاھىزىلەرگە چۈشۈپ كەتتىكى، ئۇ چۇقۇم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پىروفىسورلىرنىڭ ئالدىدىن ئاشقان تاماقلارنى تاللاپ يېگەن چوشقا بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ قالدىم.
-شۇنداقلىقىغا باقماي،-دەپ سۆز ئالدى ئىككنچى بىر چوشقا، -ئۆزلىرىچە ئۆزلىرىنى ھەممىدىن ئالىي ھېسابلىشىدۇ. بىزلەرنى كۆزگىمۇ ئىلىپمۇ قويماي، قەپەستەك تار سېمۇنىت تاملارنىڭ ئىچىگە سولاپ قويىشىدۇ. سوقۇشىپ قالسا بىر-بىرنى «چوشقا»! دەپ تىللىشىدۇيۇ، ئىزا تارتماي تېرىلىرىمىزدىن ھەر خىل كىيملەرنى تىكىشىپ كىيىشىدۇ، يۇڭلىرىمىزدا چوتكا ياساپ، ئاغزىلىرىغا تىقىپ چىشلىرنى چوتكىلىشىدۇ. گۆشلىرىمىزدىن ھەرخىل قۇرۇملارنى قۇرۇپ، يېگننى يەپ، يېمىگەنلىرنى يەنە بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئەكېلىپ تۈكۈشىدۇ. كىم بىلدۇ، بىز ھازىرغىچە قانچە قېرىندىشمىزنىڭ گۆشىنى يېۋەتكەندىمىز!؟
-ئېھ،بىزنىڭ قەدىمىي ئورمانلارداقىيغىتىپ يۈرگەن ئەركىن چاغلىرىمىز! -دەپ ھەسىرەت چەكتى يەنە بىر چوشقا، -ئۇ چاغلاردىكى يېمەكلىكلەر قانچىلىك ساپ ۋە تەبىئىي ئىدى ھە!
-ئاڭلىدىڭلارمۇ؟- دېدى يەنە بىر چوشقا ئۇلارنىڭ چوڭ باشلىقلىرى تېخى ھېچكىم ئېسراپچىلىق قىلمىسۇن، بۇنڭىدىن كىيىن، داستىخانلىرىمىزدىن چوشقىلارغا ھېچنىمە ئاشمىسۇن، ئاشۇرۇپ قۇيۇش چوڭ جىنايەت! دەپتىمىش…
ھەممىدىنمۇ بەكرەك قۇتراتقۇلۇق مەزمۇندىكى نۇتۇقنى ھېلقى يوغان چىپار چوشقا قوتاننىڭ سېمۇنىت تېمىغا چېقۋېلىپ، ۋارقىراپ تۇرۇپ سۆزلىدى:
-بۇ گەپچە ئەمدى بىز مەڭگۈ ئاچ يۈرگۈدەكمىزمۇ؟ -دەيتتى ئۇ، -بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياشىغان قەدىمىي ماكانلىرىمىزنى ۋەيران قىلىپ، تەبىئىيتىمىزنى، ياشاش شارائىتىمىزنى، ئۇزۇقلىنىش ئادەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتىۋەتكەن زادى كىم؟ بۇرادەرلەر، ئۇلارغا ئۆزىمىزنى بىر كۆرسىتىپ قويدىغان ۋاقتىمىز بۇلۇپ قالدى…
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، «يائاللا!»دەپ ياقامنى تۇتۇپ، بىرەر كېلىشمەسلىك يۈز بىرىپ قالالامدۇ، قانداق؟ دەپ قورقۇپ كەتتىم.
3.تازلىق تەكشۈرۈش بايرامنىڭ ئالدىدا ئاياغلاشتى.شەھەر تازلىقى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.شەھەرنىڭ كوچا-كوي، بۇلۇڭ-پۇشقاقلىردىن تارتىپ ئاشخانا، رېستوران، سودا ئۇرۇنلىرنىڭ ئىشىك-دېرىزە، شىرە-ئۇرۇندۇق، پوللىرغىچە ھەممە نىمە ئەينەكتەك پارقىراپ تۇراتتى. بايرام كۈنى ئەتىگەندىلا ئىشكلىرنى ئېچىپ، بارلىق رېستورانلار قايتىدىن تىجارەتنى باشلىۋەتتى. سەھەردىن باشلاپلا ئاشخانلارنىڭ تۇرخۇنلىردىن پۇرقىراپ ئىس كۆتۈرلىشكەباشلىدى. ئاشپەزلەرنىڭ قىڭراقلىرى دۆشە ئۈستىدە رىتىملىق تاكىلداپ، چۆمۈچلەر قازاننىڭ گىرۋىكىگە تېگىپ توختىماي داراڭلايتى. خوجايىنلار ھەر تەرەپكە پالاقلاپ، كۈتكۈچىلەرگە نېىملەرنىدۇر تاپلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ بىر ھەپتىدىن بېرى، رېستورانلاردا ئۆتكۈزۈلۈشكە تېگىشلىك بولغان توي-تۈكۈن، ھەرخىل مۇراسىم، شەخسى كۈتىۋېلىشلار يىغىلىپ قالغان بۇلۇپ، تاماق شىرەسىنىڭ ھەممىسى ئالدىن زاكاس قىلىنىپ بولۇنغان ئىدى.
ۋاقىت سائەت 10لاردىن يېقىنلاشقاندا، پىشقان تاماقلارنىڭ ئاشخانىلاردىن تارقالغان مەزلىك پۇرىقى شەھەر ئاسمىننى قاپلاشقا باشلىدى. مەيىن شامال بۇ پۇراقنى ھەر تەرەپكە ئۇچۇراتتى. پىششىق تاماقلارنىڭ پۇرىقىغا سزىمى ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن چوشقىلار قوتانلىردا تىپىرلاپ تۇرالماي قالدى. ئۇلار نەچچە كۈندىن بېرى ئاچ بولغاچقا، ئەمدى چىدىغۇدەك تاقىتى قالمىغاندى. بىرنچى بۇلۇپ ھېلقى چىپار چوشقا كەينىگە داجىپ تۇرۇپ، يۈگۈرگىنچە كېلىپ بوۋاينىڭ چوڭ ئوغلى ئورناتقان تۆمۇر دەرۋازىغا ئۆزىنى ئۇرغان ئىدى، دەرۋازا شانىلىرىدىن ئاجىراپ ئۇچۇپ چۈشتى. خۇددى شۇ مىنۇتتا، مەلسىھەتلىشىۋالغاندەك شەھەرنىڭ باشقا ئورۇنلىرىدىكى چوشقىلارمۇ قوتانلىرىنى ئۆرۇپ كوچىلارغا قۇيۇندەك ئېتىلىپ چىقتى.
بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، چىرايلىق ياسىنىشىىپ كوچىلارغا چىققان ئادەملەر باشتا نىمىنىڭدۇر گۈلۈرلىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولدى. ئارقىدىنلا، تەرەپ تەرەپتىن شەھەرگە يۇپۇرلۇپ كىرۋاتقان چوشقىلارنى كۆرۈپ، نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي تۇرۇپلا قېلىشتى. ئاندىن قىيا-چىيا قاچ-قاچ باشلاندى. ئادەملەر بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ دومىلىشاتتى، ئاياللار يوقىتىپ قويغان بالىلىرنى ئىزدەپ ئالدى-كەينىگە يۈگۈرۈشەتتى. ئاپتوبوس، ماشىنا شوپۇرلىرى نېمە قىلىشىنى بىلمەي روللىرىنى تۇتقىنىچە قېتىپ قېلىشقان ئىدى. نۇرغۇن ئادەملەر قەۋەتلىك بىنالارنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ، دېرىزىلەردىن بېشىنى چىقىرىپ، قورقۇنچ بىلەن تۆۋەنگە قارىشاتتى. چوشقىلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ دىماغلىرىنى غىدىقلاۋاتقان مەززىلىك پۇراقلارنىڭ نەدىن تارقىلۋاتقانلىقىنى خاتاسىز مۆلچەرلەپ، توپتوغرا ئاشخانا، رېستۇرانلارغا قاراپ يۈگۈرمەكتە ئىدى.
چوشقىلار رېستۇرانلارنىڭ تاماق زاللىرىغا ئوقتەك ئېتىلىپ كىرىپ كەلگەندە، كۈتكۈچىلەرنىڭ قوللىرىدىن پەتنۇسلار جاراڭلاپ يەرگە چۈشۈپ كەتتى. مېھمانلار چۇرقىرشىپ تەرەپ-تەرەپكە ئۆزىنى ئاتتى. ئاشپەزلەر پىچاق، چۆمۈچلەرنى تۇتقۇنچە قېتىپن تۇرۇپ قىلىشتى. چوشقىلار ھېچنىمگە قارىماي پىشقان تاماقلارغا ئۆزنى ئاتتى. گۆش قايناۋاتقان قازانلار ئۆرۈلۈپ، چىنە-قاچىلار جاراڭلاپ يەرگە چۈشەتتى. چوشقىلار ئۈچۈن ئۈستەللەرگە تىزلغان تاماقلارنى رەت-رېتى بىلەن يەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ئۇلار ھەممنى ئارلاشتۇرۇپ يالمايتى. چوڭ-چوڭ پارچىلاپ پىشۇرۇلغان گۆشلەرنى تۇمشۇقى بىلەن ئىتتىرىپ، يەردە سۆرەپ، گىلەملەرگە سۆرىشەتتى. قايسى بىر رېستوراننىڭ خوجايىنى زىيانغا چىدىماي، ئاشخاندىن نۇغۇچنى كۆتۈرۈپ چىقىپ،چوشقىلارنى بىر ئەدەپلەپ قويماقچى بولىۋىدى، چىپار چوشقا ئۇنى بىر ئۈسۈپ، دېرىزدىن تالاغا ئۇچۇرۇپ چىقىرۋەتتى.
قېىنى قىزىپ كەتكەن بەزى چوشقىلار يەنە كوچىلارغا قايتىپ چىقىپ، ماگزىنلارنىڭ يېمەكلىكلەر تېزىلغان پەشتاخلىرى، كوچىدا پىششىق تاماق ساتىدىغانلارنىڭ تەنزىلىرنمۇ مالمالتاڭ قىلۋەتتى. بىر كاۋاپچى بىر نەچچە چوشقىنىڭ يۈگۈرۈپ كىلىپ، كاۋاپداندا ۋىژىلداپ پىشۋاتقان كاۋاپلارنى بىر-بىرلەپ ئېلىپ، بىر ئەپىلىك سىيرىپ يەۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ، ھەيرانلىقتا ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى. مال ساتقۇچى بىر خانىم ئاپئاق بىر سېمىز چوشقىنىڭ مال جازىسىنىڭ يۇقىرسىدا تىزىقىلىق ھەر بىر بۇتۇلكىسى 1000يۇەنلىك ئېسىل ھارىقىنى پۇتنىڭ ئۇچىدا كۆتۈرۈپ ئېلىپ، ئاغزىنى ۋاققىدە ئېچىپ، رومكىغمۇ قۇيماي گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋاتقانلىقنى كۈرۈپ ھوشىدىن كەتتى.
بىر چوشقا كۈچۈكى ماگزىننىڭ بۇلۇڭدا تۇرغان بىر نەرسىنىڭ ئۈستىدىن ئۈتۈپ كىتىۋېتىپ، ئايىغى ئاستىدىن چىقۋاتقان يېقىلىق ئاۋازنى ئاڭلاپ توختاپ قالدى. ئۇ بايا بىر خېرىدار ئالماقچى بولۇپ قاپققىنى ئېچىپ قويغان چوڭ پىئانىنونىڭ ئۈستىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتكەندى. ئۇ تۇغۇلغاندىن بېرى داڭلىق بىر مۇزىكانىتنىڭ داستىخندىن ئاشقان تاماقلارنى تاللاپ يەپ چوڭ بولغان چوشقا ئىدى. ئۆزىدە مۇزىكىغا بولغان ئاجايىپ سېزىملارنىڭ ئاللىبۇرۇن يىتىلىپ بولغانلىقىنى ھازىرغىچە ئۆزىمۇ بىلمەيتى. ئايىغى ئاستىدىن چىقۋاتقان رىتىملىك ئاۋازلارغا قىزىقىپ، ئۇ پىئانىنونىڭ ئۈستىدە توختىماي ئۇياق-بۇياققا يۈگۈرۈشكە باشلىدى. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدىن مۇزارت، بېتتىخوۋىنلارنىڭ ئىجادىيتىنىڭ ئارلاشمىسىا ئوخشىشىپ كېتىدىغان شۇنداق بىر مۇزىكا ساداسى جاراڭلاشقا باشلىدىكى، ھېلىقى 1000يۇەنلىك ھاراقىنى ئىچۋالغان چوشقا ئۆزىنى تۇتۋالالماي قۇيۇندەك پىرقىراشقا باشلدى. ئارقىدىن كىرگەن چوشقىلارمۇ دۈكۈرلىشىپ ئۇسۇلغا چۈشۈپ، بۇ كاتتا سودا ساراينى بېشىغا كىيدى.
مەلۇم بىر رېستوراننىڭ ھەر كۈنى رېستوراندىن چىقمايدىغان سېمىز بىر خېرىدارى بار ئىدى. ئۇنىڭ يانچۇقىدىكى خەجلىسە تۈگىمەيغان پۇللارنى زادى نەدىن كېلدىغانلىقنى خۇدايىم بىلمىسە، باشقا ئادەم بىلمەيتتى. چوشقىلار بۇ رېستوراننىڭ تۆۋەنكى قەۋىتىنى قالايمىقان قىلۋاتقاندا، ئۇ يۇقىرقى قەۋەتتىكى ئالاھىدە بىر ئۆيدە خېنىملار بىلەن ھۇزۇرلىنۋاتاتتى. تۆۋەندىكى گۈلدۈر-غالاپنى ئاڭلاپ ئۇ نېمە ۋەقە بولۇۋاتقانلىقنى بىلمەكچى بۇلۇپ، پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كېلۋىتىپ، ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي، پەلەمپەيدىن چىقماقچى بۇلۇپ بۇرۇلغان بىر يوغان چوشقىنىڭ ئۈستىگە مىنىپ قالدى. ھېلقى چوشقا ئۈستىگە چاپلىشۋالغان بۇ غەلىتە مەخلۇقنىڭ نېمە ئىكەنلىكنى بىلەلمەي قوررققىندىن رېستوران ئىچىنى بىر ئايلىنىپ تالاغا قاراپ يۈگۈردى. سېمىز خېردار يەرگە بېشىچە ئۇچۇپ چۈشۈشتىن قورقۇپ، چوشقىنىڭ بوينغا مەھكەم ئېسلۋالغاندى. كوچىدىكلەرنىڭ كۆزىگە خۇددى چوشقىنىڭ ئۈستىزگە يەنە بىر چوشقا مىنۋالغاندەك كۈرۈنۈپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن بىردەمدىلا شەھەر ئىچىگە، بىر چوشقا يەنە بىر چوشقىنىڭ ئۈستىگە مىنۋېلىپ، كوچىلارنى ئايلىنىپ، بۈگۈنكى قالايمىقانچىلققا قوماندانىلىق قىلىپتۇدەك، دېگەن گەپ تارقىلىپ كەتتى. بەزىلەر، ھېلىقى قوماندان ئادەم يەيدىغان نەرسىلەرنى يەۋىرىپ ئادەمگە ئايلىنۋاتقان چوشقا ئىكەن دېسە، يەنە بەزىلەر، چوشقا يەيدىغان نەرسىلەرنى يەۋېرىپ چوشقىغا ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقان ئادەم ئىكەن، دىېيشەتتى.
4.شەھەر مەمۇريىتى بۇ قالايمىقانچىلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن دەرھال يىغىن چاقىردى.بايرام كۈنى بولغاچقا مۇناسىۋەتلىك كىشلەرنى جەم قىلىشمۇ خېلى تەسكە توختىدى.كەلگەنلەرنىڭمۇ بەزىسى كەيىپ،بەزىلىرنىڭ ئۇيقۇسىزلىقتىن كۆزلىرى قىزارغان ئىدى.ئالدى بىلەن چوشقا باققۇچى ھەر قايسى ئائىللەرگە ئۆز چوشقىلىرنى تۇنىۋېلىپ دەرھال قايتۇرۇپ كىتىش توغىرسىدا جىددى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلدى.بۇ قالايمىقانچىلىقتا قايسى چوشقا كىمنىڭ ئىكەنلىنى ئايرىشمۇ بىر گەپ ئىدى.چوشقا ئېگىلىرى شەھەر كوچىلىردا ھەر تەرەپكە يۈگۈرۈپ،قالايمىقانچىلىقنى تېخىمۇ ئاۋۇتۋەتتى.
شەھەر مەمۇريىتىدە ئېچىلۋاتقان يىغىن تېخىچە داۋااملىشۋاتاتتى. شەھەرنىڭ ھايۋانلار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىندىغان بىر خادىمى ناھايىتى ئۇزاق سۆزلەپ كەتتى. راستىنى ئېيىتقاندا، ئۇنىڭ نېمە دىمەكچى بۇلۇۋاتقانلىقىنى ھېچكىم چۈشنەلمىدى.
-بۈگۈن يۈز بەرگەن بۇ پاجىئە، -دەپ سۆزنى داۋاملاشتۇراتتى ئۇ، -بىزنىڭ ئالدىمىزغا نۇرغۇن يېڭى مەسىللەرنى قويدى. بىزنىڭ كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ-ئۆي، قاتناش قوراللىرىمز قالتىس زامانۋىلىشىپ كەتتى. يېمەك-ئېچمەكنى بەك تاللايدىغان بۇلۇپ كەتتۇق. لېكىن، بىزنىڭ روھى دۇنيارىمىزدا شۇنىڭغا لايىق قانچىلىك يۈكسىلىش بولدى؟ زادى قاچانلاردىن باشلاپ چوشقىلارنىڭ يەيدىغىنى بىزنىڭ يەيدىغىنىمىز بىلەن ئوخشىشپ قالدى؟ بىزنىڭ تاماقلىرىمز چوشقىلارنىڭكىگە ئوخشىشىپ قېلۋاتامدۇ ياكى چوشقىلارنىڭ تامىقى بىزنىڭ شىرەيمىزگە چىقىپ قېلۋاتامدۇ؟ مانا بۇ يېڭى بىر تەرەققىيات تېمىسى. دېمەكچىمەنكى، ئەگەر ھايۋانلارمۇ ئۆزىنىڭ يېيىشكە تېگىشلىك يەم-خەشەكلىرى بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇلمىسا، ئۇلارنىڭ تەبىئيتى ئۆزگىرىپ، بۈگۈنكىدەك قالايمىقانچىلىقلار كىلىپ چىقىدۇ. ئادەملەرنىڭ يىمەك-ئىچمىكى ھايۋانلارنىڭكىگە ئوخشىشىپ قالغىلى تۇرسىچۇ؟ ھە، ئۇ چاغدا ھايۋانلاردىن ئايرىلىپ چىققان ئىنسان يەنە ھايۋان تەبىئيىتىگە قايتىپ كېتدۇ…
شەھەر باشلىقى تاقەتسىزلىنىپ ئولتۇرالماي قالدى. چۈنكى ئۇنىڭغا ھازىر مۇنداق ئۇزاقتىن-ئۇزاققا سۇزۇلغان قۇرۇق گەپ ئەمەس، شەھەرنى تەرتىپكە سېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك بىر چارىسى ھەققىدىكى مەسلىھەت لازىم ئىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ يان بۈلۈمگە چىقتى-دە، شەھەر ئەتىراپىدا تۇرۋاتقان مەلۇم بىر قىسىمنىڭ رەھبىرنى تېلفۇنغا چاقىردى. ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى قالايمىقانچىلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تەدبىرلىرى ئۈسىتدە جىددىي سۆزلەشتى.
كۈن پىشىندىن قايرىلغاندا، شەھەر باشلىقىنىڭ قالايمىقانچىلىقنى تىنجىتىش تەدبىرلىرى تېخى يۈرگۈزەلمەي تۇرۇپلا جاھان تىنجىپ قالدى. ئوبدان يەپ-ئىچىپ، پۇخادىن چىققۇچە قىيغاتقان چوشقىلار ھارغان، قورساقلىرنى كۆتۈرەلمەي بوشىشىپ كەتكەن ئىدى. قالايمىقان نەرسىلەرنى كۆپرەك يەپ قويغان بەزىلىرى قولىنى كانىيغا تىقىپ قەي قىلدى. يەنە بەزىلىرى ئاغزىنى جۈمەكتىن چۈشۋاتقان مۇزدەك سۇغا تۇتۇپ غار-غار قىلىپ، بەك تۇيۇپ كەتكەنمۇ ئانچە ياخشى ئىش ئەمەسكەن، دېيىشتى. ئاندىن ئۇلار سەپ-سەپ بۇلۇپ شەھەر سىرتىغا –ئۆزلىرنىڭ ئۆگەنگەن قوتانلىرغا بېرىپ، تازا بىر ئېغىناپ ئارام ئېلىشى لازىم ئىدى. ھەممىدىنمۇ ھېلقى سېمىز خېرىدارنى ئۈستىگە يۈدۈپ يۈگۈرۈپ يۈرگەن يوغان چوشقىنىڭ ھالى بەك خاراب بۇلۇپ، پۇت-قولىدا جان يوق يىقىلىپ قالغان ئىدى. سېمىز خېرىدارمۇ ئۇنىڭ ئۈستىدىن سېيرىلىپ چۈشكەندە ئىلگىركىدىن 10 كىلوگىرام ئۇرۇقلاپ كەتكەن ئىدى. يىقىلىپ قالغان چوڭ چوشقىنى ئىككى چوشقا زەمبىلگە سېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭغاندا، سېمىز خېرىدار خۇددى يېقىن بىر تۇغقىندىن ئايرىلىپ قالغاندەك كۆزىگە ياش ئالدى…
شەھەر باشلىقى مۇناسىۋەتلىك خادىملىرنى ئەگەشتۈرۈپ يىتىپ كەلگەندە شەھەر كوچىلىردا بىرمۇ چوشقا قالمىغاندى. ھەممە يەردە چوشقا گەندىلىرى، بۇزۇلغان-سۇنغان نەرسىلەر چېچىلىپ ياتاتتى.
-ھېلىمۇ ياخسشى تەكشۈرۈش ئۆمىكى تۈنۈگۈن كىتىپ كەلگەن ئىكەن!-دېدى شەھەر باشلىقىنىڭ يېنىدا تۇرغان بىرى.
-بۈگۈن چوشقىلارغا بايرام بۇپتۇ –دە!-دېدى ئارقىدا تۇرغان يەنە بىرەيلەن.
5.قوشنىمىزنىڭ ھېلقى يوغان چىپار چوشقىسىدىن باشقا ھەممە چوشقىسى تۇلۇق قايتىپ كەلدى. قىززىق يېرى شۇكى، شۇ قالايمىقانچىلىقتا بوۋاينىڭ چوڭ ئوغلى ئولتۇرىدىغان قارا پىكاپمۇ غايىب بولغاندى. بوۋاينىڭ چوڭ ئوغلى ئۇچۇرغانلا ئادەمگە ؛
-پىكاپنى چىپار چوشقا ئېلىپ قاچتى. ھېلىقى كۈنى مەن ئۇنىڭ پىكاپنى ھەيدەپ يېنىمدىن غۇيۇلداپ ئۈتۈپ كەتكىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن-دەپ يۈرەتتى.
-ساراڭ بولماڭ، چوشقا قانداق ماشىنا ھەيدىيەلەيدۇ، -دەپ ئۇنى ھېچقايسىمىز ئىشەندۈرەلمىدۇق…