مەن – بىر قوغلاندى
غېنى سەمەت
يامغۇردەك بىمەھەل تامچىلىشى
قاقشال تەننى قامچىلايدۇ
جاننى ئالغۇر كۆزلىرى
ھەر كېچىنى ئازابلايدۇ
ئۇنۇتماق مۇمكىنمۇ
كۆڭۈلنى دەسسەپ ئۆتكەن قەدەملىرىنى ؟
ئۇنۇتماق مۇمكىنمۇ
پەرىشتىدەك كۈلۈپ تۇرسىمۇ
جادىگەردەك ئەلەملىرىنى ؟!
ئۆز-ئۆزۈڭنى ئاۋايلاپ يۈرۈپ
ئۇنىڭ قەلبىگە سۈرگۈن قىلىنغاندا
قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتالماي
يۈرەك-باغرىڭ تىلىنغاندا
چۈشلىرىدىن قوغلىنىپ تۇرۇپ
تەكەللۇپلىرىدىنمۇ ساختا مەي-شارابقا چىلانغاندا
بىلمىگەنمىدىڭ
ۋىسالنىڭ
ئاللىقاچان ئۆيۈڭنىڭ يېنىدىكى قەبرىستانلىققا
چۆچەكلەرگە دەپن قىلىنىپ كەتكىنىنى ؟ !
بىلمىگەنمىدىڭ
كۆيۈكنىڭ زۇلۇم – سىتەملىرىنى؟
سەن
مۇھەببەتنىڭ مۇزىكىدەك شىۋىرلاشلىرىنى تەمە قىلىپ
ئۇنىڭ پەرۋاسىز ئاۋازىدىن ھەيدەلگۈچى
قولىدىن پولو يېيىشنى ئىستەپ
ئاقسۇ گۈرۈچىدەك چېچىلغۇچى
سۈكۈتلەردىن مەدەت تىلەپ
ئۆز-ئۆزۈڭگە سۆزلىگۈچى
كېسەلچان ئاناڭنى خۇش قىلاي دەپمۇ
2013-يىلىدىن تەلتۈكۈس قوغلانغۇچى
تونۇشقىلى بىر يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە
چاكىنىلىشىپ شېئىر يازغۇچى
خەير، سۈيۈملۈك چۈشلىرىم !
مەن سىلەرنى ئۇنۇتۇپ كېتىمەن
خەير، قىزچاق !
مەن ئىسمىڭنى ئۇنۇتۇپ قالمايمەن…
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى