نويابىر 21, 2024
بىرىنچى ھىجران

يۇنۇس زۇننۇن

كۈنلەرگە سۇنۇپ كەتتى
جىن تاش،
بىر كۆزى ياش.

مونچاق ئاسمان يېرىم دەسسەپ ئۈستۈمنى
كېپەنلىدى يېنىمنى،
سوغۇق شامال يېرىپ بىر غوزا
ئۇچۇپ كەتتى كېپىنەك بىر سۇمرۇغنى يېتىلەپ،
ئاسمان كەبى ئېگىزلەپ،
شېئىر تامچە-تامچە،
ئازغۇن بۇغدايغا رەڭ دەملەپ
ئوچۇق قالغان كېچىدىن
ئاستا يۇمۇپ ئىچىنى
يىپچە تىنىققا ئېسىلىپ، شېئىر قويۇپ ئىسمىنى، تامچىپ كەتتى ھەممىنى…

جىن تاش،
بارماقلارغا سەكرات كۈن
سۇنۇپ كەتتى ھەممىگە
يىغىپ كەلسەم ھەر پارچە
بولماس ئىدى بىر تامچە؛
شېئىر شۇنداق تىلەمچى
جان تىلەيدۇ بەزىدە…

قاشا-قاشا ئويلار ئىچىدە
كۈلۈپ كەتسە شۇ تامچە
ئۆلۈم كەبى ئاجىز بولۇپ
ئاقار ئىدىم شەپەڭدە
قۇياش تۇتۇپ چېكەڭگە
جىن تاش بولۇپ ساقاردىم
چىڭقى چۈشتىكى ۋەدەڭگە…

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ