نويابىر 21, 2024
ئورخان پامۇك: دادام

ئورخان پامۇك

ساتىراشخانىلار

ئورخان پامۇك

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

ئوسمانلى قوشۇنلىرىنىڭ  غەرب بىلەن بولغان ئۇرۇشلاردا ھەمىشە يېڭىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، ئەنئەنىۋى قوشۇننىڭ ئەسكەرلىرى بولغان يەنىچەرىلەرنىڭ ياۋرۇپالىشىش، زامانىۋىلىشىش ۋە زامانىۋىي لەشكىرى ئۇسۇللارغا قارشىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىسلاھاتچى سۇلتان مەھمۇتⅡ، ئۆزى قۇرۇپ چىققان مۇنتىزىم قوشۇن بىلەن 1826- يىلى ئىستانبۇلدا يەنىچەرىلەرنىڭ قارارگاھىغا ھۇجۇم قوزغىدى، ئۇلارنى توپقا تۇتۇپ قەتلى قىلدى. يالغۇز ئىستانبۇل تارىخىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئوسمانلى تارىخدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بۇ ۋەقەنى، تۈركىيەدىكى بارلىق  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى غەربلىشىش، زامانىۋىلىشىش ۋە دۆلەتچىلىك نۇقتىسىدىن «ۋەقەئى خەيرىيە» دەپ بىلىدۇ. ئىشنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا بىلىدىغان يېرى شۇكى، ئون مىڭلىغان يەنىچەرىلەر شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سوقۇشلاردا، كوچىلاردا، دۇكانلاردا ئۆلتۈرۈلگەن بۇ «خەيىرلىك ۋەقە» نىڭ ئىستانبۇلنىڭ ئىجتىمائى ۋە كۈندىلىك ھاياتىنى ئىنتايىن روشەن بىر شەكىلدە ئۆزگەرتىپ تاشلىغانىدى.
ۋەقەنى دۆلەتچىلىك، زامانىۋىلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرگەن تارىخچىلارنىڭ يەنىچەرىلەر ھەققىدىكى بۇ خىل چۈشەندۈرۈشلىرىنىڭ رېئال قىممىتى بار ئەلۋەتتە. تۆت يېرىم ئەسىرلىك ئۆتمۈشى بولغان يەنىچەرى قوشۇنى يالغۇز بەكتاشىلىق تەرىقىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان ئىدى. شەھەردىكى پۈتۈن ھۈنەرۋەن-كاسىپلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ يەنىچەرىلەر بىلەن يېقىندىن ئالاقىسى بار ئىدى. ئىستانبۇل كوچىلىرىدا قۇراللىق ئايلىنالايدىغان، بەزىدە بۈگۈنكى ساقچى ياكى ژاندارمىلارنىڭ رولىنىمۇ ئۆتەپ قويىدىغان ۋە ھەممىسىنىڭ خىلمۇ-خىل ئىش ئورنى بولغان بۇ يەنىچەرىلەر، ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن نوچىلىرى ۋە كوچا-كويلاردىكى مەۋجۇت تەسىر دائىرىسى بىلەنمۇ ئىسلاھاتچى دۆلەتكە كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىشكە قادىر ئىدى. سۇلتان مەھمۇتⅡ ئىگىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يەنىچەرىلەر گورۇھىغا ئەزا بولغان قەھۋەخانا ۋە ساتىراشخانىلارغا ئاۋۋال ئەسكەرلىرى بىلەن باردى ۋە كوچا-كويلاردىكى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرماقچى بولغان باشقا كۆپلىگەن ئوسمانلى پادىشاھلىرىغا ئوخشاش(كېچىلىرى كېيىم-كىچەكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، شەھەرنى كوچىمۇ –كوچا ئايلىنىدىغان سۇلتان مۇراتⅣ، ھەتتا بۈگۈنكى كۈنلەردىمۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۈلكىلىك بىرسىدەك كۆرۈنىدۇ) لەشكىرى زەپەرنى قازىنىپلا قەھۋەخانىلار ۋە ساتىراشخانىلارنى تاقىتىۋەتتى. بۈگۈن بۇنى، كىچىكىمدىن تارتىپ ئىستانبۇلدا تولا كۆرۈپ  كۆنۈپ قالغان، دۆلەتنىڭ گېزىتلەرنى چەكلىۋىتىشىگە ئوخشىتالايمىز. چۈنكى يېقىنقى زامانلارغىچە قەھۋەخانىلار، ساتىراشخانالار ( ھەم كىچىك چېغىمدىكى كىرا ماشىنىلىرى) ئالدى بىلەن خەۋەرلەر ۋە مىش-مىش پاراڭلار شەھەر ئىچىگە تارقىلىدىغان؛ سۆز-چۆچەكلەر، ئۆكتىچى سادالار، يالغانچىلىق ۋە ئىسيان ھېكايىلىرى توقۇپ چىقىرىلىپ ئاۋۇتۇلىدىغان؛  دۆلەت ۋە دىننىڭ رەسمىي باياناتلىرى ۋە تەپسىرلىرى بۇرمىلىنىپ، باشقا شەكىللەر بىلەن قايمۇقتۇرغۇچى گەپ-سۆزلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان،  مەسچىتلەر، چىركاۋلار ۋە بازارلارنىڭ ئۆپچۆرىسىدە شەكىللەنگەن مەھەللىلەردە، بوغۇز بويىدىكى يېزىلاردا يەرلىك خەۋەرلەر تارقىلىدىغان مەھەللىۋىي بىر گېزىتنىڭ رولىنىمۇ ئۆتەيتتى.
بۇ خىل ئۆكتىچى سادا، مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن ھېكايە ۋە مىش-مىش پاراڭلارنىڭ تارقاتقۇچىسى بولغاچقا، كىچىك چېغىمدىكى ساتىراشخانالاردا «ئاقبابا» دىن تارتىپ بارلىق ئۇلۇغ-ئۇششاق ھەجىۋى رەسىم ژورناللىرى تېپىلاتتى. تېلېۋىزورنىڭ ئومۇملىشىشى پۈتۈن بۇ  ئالاقە ئۇسۇللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ( ھازىر ساتراشخانىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ھەمىشە ئوچۇق تۇرىدىغان تېلېۋىزورلار بار) قەھۋەخانا ۋە ساتراشخانىلارنىڭ ئۆكتىچىلىك ۋە سۆز-چۆچەك تارقىتىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىۋەتكەندىن كېيىن، ئىستانبۇلنى مەركەز قىلغان، تىراژى مىليوندىن ئېشىپ سېتىلغان ھەجىۋى رەسىم ژورناللىرىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ. ( خېلى يىللاردىن كېيىن، مەن نيۇيوركتا كىرگەن بىر ساتراشخانىدا، كۈتۈپ ئولتۇرۇشقان ئەر خېرىدارلارغا ھەجىۋى رەسىم ژورنىلى ئەمەس بەلكى playboy بېرىلگەنلىكىنى كۆرۈپ بەك ھەيران قالغان ئىدىم.) بالىلىقىمدىكى ساتراشخانىلاردا كەم بولمايدىغان ژورناللاردىن بىرى بولغان «ئاقبابا» نىڭ ئىگىسى يۈسۈپ زىيا ئورتاچنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە دېموكراتىيە پارتىيىسىدىن، باش مىنىستىر ئادنان مەندەرەسنىڭ ھېسابىدىن مەخپىي پۇل ئېلىپ تۇرغانلىقىنى ، ئىستانبۇلدىكى تا ئابدۇلھەمىتتىن، 1870- يىللاردىن كۈنىمىزگىچە بولغان، ئۆكتىچى مەتبۇئاتلارنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىش ئەنئەنىسىنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراش كېرەك.
كىچىك چېغىمدا، كۆزۈم قولۇمدىكى «ئاقبابا» ژورنىلىدىكى قىممەتچىلىك ئىشارەت قىلىنغان، ۋەتەنداشلارنىڭ دوپپىسىغا جىگدە سالىدىغان ھەجىۋىي رەسىملەردە، سېرىق چاچلىق كاتىپ ۋە خوجايىن تېمىسىدىكى يۇمۇرلاردا، ئەزىز نەسىن ھېكايىلىرىدە ۋە غەرب ژورناللىرىدىن كۆچۈرۈلگەن ھەجىۋىي رەسىملەردە بولسىمۇ، لېكىن قۇلاقلىرىم ساتىراشخانىدىكى سۆھبەتتە بولاتتى. سۆھبەتلەر كۆپنىچە ھاللاردا پۇتبول ۋە تەنتەربىيە لاتارىيىسى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلاتتى. ئۈچ  ئايرىم يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا  خېرىدارلىرىنىڭ ساقىلىنى ئېلىۋاتقان ئۈچ ساتىراش ئۇستام، لاتارىيىگە ئوخشاش، ئۆزلىرى ئانچە-مۇنچە پۇل تىكىپ قويىدىغان بەيگە مۇسابىقىسى ۋە بوكسقىمۇ قىزىقاتتى. «جەلىپكار ۋېناس» دەپ ئىسىم قويۇلغان بۇ ساتراشخانا، نىشانتېشىدا، بىزنىڭ ئۆينىڭ ئۇدۇلىدىكى كىچىك بازارنىڭ ئەڭ چېتىدە ئىدى. ياشانغانراق ئىككى ئۇستامنىڭ بىرى ئاق چاچلىق، ھارغۇن چىراي ۋە قېيىدىغاق ئىدى، يەنە بىرى تېرىككەك ۋە تاقىرباش ئىدى، قىرقلارغا كىرىپ قالغان ئۈچىنچىسىنىڭ ئىنچىكە دوگلاس بۇرۇتى( شۇ چاغلاردىكى ئامېرىكىلىق داڭلىق ئارتىس دوگلاس فايىربانكسنى دوراپ) بار ئىدى. ئۇلارنىڭ خېرىدارلار بىلەن قىممەتچىلىك، مەھەللىگە يېڭى ئېچىلغان دۇكانلار، شۇ كۈنلەردىكى ناخشىچى ۋە چولپانلار، دۆلەت ئىچىدىكىدىن جىقراق خەلقارالىق سىياسىي ئىشلار شۇنداقلا دۇنيا ۋەزىيىتى توغرۇلۇق پاراڭ سېلىشىدىغانلىقى ئىسىمدە. ئۇلارنىڭ مېنىڭ دىققىتىمنى ئەڭ تارتىدىغان ئىشى، ھۆرمەتكە سازاۋەر، بىلىملىك، كەسىپ ئەھلى، نوپۇزلۇق ۋە يۇقىرى تەبىقىگە مەنسۇپ بىرەر خېرىدارى كېلىپ قالسا ئۇنى گەپكە سېلىشلىرى، « بىز نەدىن بىلىمىز، دەيسىز» دەپ تۇرۇپ، كەمتەرلىك بىلەن سۇئال سوراپ يۈرۈپ، بۇ ئادەمنىڭ بىلىم ۋە ئىقتىدار ئالىمىگە شۇڭغۇپ كىرىپ كېتىشلىرى ئىدى. «مۇنچىلىك لىراغا يارايدۇ»، ياكى « ئۇ يۈك پاراخوتلىرى پۇتبول مەيدانىدىن چوڭراق كېلىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش جاۋاپقا ئېرىشكەن چاغلىرىدا ياكى داڭلىق بىر سىياسىيوننىڭ بىرەر ئاجىزلىقىنى ياكى شاللاقلىقىنى ئۇقۇپ قالغان چاغلىرىدا، يا ئېغىزلىرىدا « چىك،چىك،چىك» دېيىشەتتى ،  ياكى بولمىسا « توۋا دەڭلار» دەپ توۋلاپ كېتىشەتتى، لېكىن ھەر قېتىمىدا قوللىرىدىكى كىچىك قۇشلاردەك ئاۋاز چىقىرىپ ھەرىكەتلىنىۋاتقان قايچىنى ۋە ئۇزۇن ئۇستىرىنى بىردەم توختىتىپ، ئەينەكتە بىر-بىرىگە قارىشىۋالاتتى.
« تېچلىقمۇ؟»، « ئىش-ئوقەتلەر قانداقراق»، « بىرەر پىيالە چاي قۇيايمۇ؟» دېگەندەك سۇئاللار بىلەن گەپ تېشەي دەپ ئويلىغاندا، خېرىدارى ئەگەر گەپ خالىماس، ئاغزى چىڭ بىرى چىقىپ قالسا ئۆز-ئارا پاراڭ سېلىشاتتى. مىسكىن، تەلەيسىز، ياكى ناھايىتى ھۇشيار بولسۇن،  ئىشقىلىپ ھەر بىرسى ئۆزىگە يارىشا رول ئوينىغان بۇ سۆھبەتلەردە بىر-بىرلىرى بىلەن چاخچاقلىشىشلىرى، يېغىرىغا تېگىشلىرى( مەمەتنىڭ لاتارىيەسى بۇ ھەپتە يەنە ئۇخلاپ قالدى،دېگەندەك) ، ماڭا كىچىك چېغىمدا رادىئودا ئاڭلىغان «قاراكۆز بىلەن ھاجىۋات»نى ئەسلىتەتتى. بىر قېتىم، بىر خېرىدار ساقىلىنى ئالدۇرۇپ بولۇپ، خالاتنى سېلىۋېتىپ، شاگىرت بالىغا ئۈستى-باشلىرىنى راۋۇرۇس قېقىشتۇرىۋەتكۈزۈپ، قولىغا ئازراق پۇل تۇتقۇزۇپ قويۇپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، دۇگلاس بۇرۇتلۇق ئۇستا سەل ئاۋۋال ئۆزى ناھايىتى ئەدەب بىلەن، قول باغلاپ خىزمىتىدە بولغان بۇ ئەپەندىنى ئارقىسىدىن ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ كەتتى، غەزەپ ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلىكنىڭ  چوڭلارنىڭ دۇنياسىدا بالىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ تېرەن بولىدىغانلىقىنى شۇ چاغدا چۈشەنگەن ئىدىم. بالىلىق چېغىمدىكى ساتىراشلار گاللىشىپ ئۆتمەي قالسا پىرقىرىتىپ تاشلىۋېتىدىغان ساقال ئېلىش ماشىنىسى، تارغاق، قۇلاقلارغا چاچ كېرىۋالمىسۇن دەپ ئىشلىتىلىدىغان پاختا، كولونيا، ئۇپا، چوڭلار ئۈچۈن ئۇستۇرا، ماغزاپ سوپۇنى، چوتكا ۋە ئاپئاق خالات ئىشلىتىشەتتى. ھازىرمۇ بىر قانچە توكلۇك ئۈسكىنىدىن باشقا، (مەسىلەن، چاچ قۇرۇتۇش ماشىنىسى) چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ بولماسلىقى، ساتىراشلارنىڭ ئەسىرلەر بويى ئوخشاش سايمانلارنى ئىشلىتىپ، پاراڭ سېلىشىپ، ئىستانبۇلنىڭ ئىچىدىكى يېزىپ قالدۇرۇلمىغان گەپ-سۆزلەرنى خۇددى بۈگۈنكىدەكلا قىلىپ سۆزلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى سەمىمىزگە سېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
ئۇستۇرىنىڭ 16- ئەسىردىمۇ ئىشلىتىلگەنلىكىنى، 1582- يىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر سۈننەت تويى خاتىرىلەنگەن «سۈرنامەئى ھۇمايۇن» دىن بىلىپ تۇرۇپتىمىز. پادىشاھ ۋە شاھزادىلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقان ساتىراشلارنىڭ ۋەكىللىرى، ھۈنەرلىرىدە نە قەدەر كامالەتكە يەتكەنلىكلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، چوڭ ھارۋىلارنىڭ ئۈستىدىن بېشى پەسكە ساڭگىلاپ تۇرغان ھالەتتە خېرىدارنىڭ ساقال-بۇرۇتىنى ئالغان ئىكەن.  ئۇ چاغلاردا   ساتىراشلارنىڭ چاچ-ساقال ئالدۇرماقچى بولغان خېرىدارلارنىڭ باشلىرىنى  تىزىغا قويۇشلىرى ، ھەمجىنىسلار تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەردە چىرايلىق شاگىرتىقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن، چېچىنى، ساقىلىنى، بۇرۇتىنى، پۈتۈن تۈكلىرىنى ئالغۇزىدىغان ئىشقى-مۇھەببەت ھىكايىلىرىگە ئىلھام  بولغانىكەن. ئوخشاش بىر ھېكايىنىڭ، «كەرەم ۋە ئاسلى» دە چىرايلىق چىشچىغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن، پۈتۈن چىشلىرىنى تارتقۇزغان ئاشىق شەكلىنى ئېلىشى، ئۇ چاغلاردا چىشچىلىقنىڭ ساتىراشلارنىڭ يەنە بىر ھۈنىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى سەمىمىزگە سالسا كېرەك. بەزىلىرى قەھۋەخانىلارنى ماكان تۇتقان، يەنە بەزىلىرى ئايرىم دۇكان ئاچقان بۇ ساتىراشلار، ساتىراشلىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سۈننەتچىلىك ۋە كىچىكرەك ئوپراتسىيەلەرنىمۇ قىلىدىغان بولغاچقا، ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئىستانبۇل ھاياتىنىڭ نەق مەركىزىدە ئورۇن تۇتاتتى. لېكىن ساتىراشخانىلاردا مېنى چۆچۈتكەن نەرسە، ئۇلارنىڭ خۇددى چىشچىلارنىڭ چىش تارتىشىغا ئوخشاش، ئاغزىمىزدىكى گەپلەرنى تارتىپ چىقىرىشتىكى ھۈنىرى ۋە ئۇ گەپلەرنى دۇمىلىتىپ، خۇددى بىر گېزىتكە ئوخشاش تارقىتىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئىدى.
شۇڭا «ئاقبابا» نى ئوقۇغاچ نۆۋىتىمنى ساقلايدىغان «جەلىپكار ۋېناس» ساتراشخانىسىدا، «قېنى مەرھەمەت كىچىك بەگزادە،» دەپ چاقىرىلغىنىمدا، خۇددى بىر چىشچىنىڭ ئورۇندۇقىغا بېرىپ ئولتۇرىدىغاندەك تارتىشىپ كېتەتتىم. مەن ساقال ماشىنىسىنىڭ گەجگەمدىكى تۈكلەرنى يۇلۇپ سېلىشىدىن،  ئۇچلۇق، ئىنچىكە قايچىلارنىڭ ئانچە-مۇنچە سانجىلىپ كېتىپ قىينىلىپ كېتىشىمدىن ئەمەس بەلكى بۇ ئۇستاملارغا ئائىلىمىزنىڭ سىرلىرى ھەققىدە بىر نەرسىلەرنى دەپ سېلىشىمدىن قورقاتتىم. ئامېرىكىغا بىر كەتكىنىچە ھېچ قايتىپ كەلمىگەن بىر تاغام بار ئىدى. بوينۇمنىڭ ئاستىغا، خۇددى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىدەك ئاپئاق خالاتنى كىيدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ، ئالدى بىلەن ئۇنى سورايتتى.
ـــــــ تاغاڭ ئامېرىكىدىن قاچان كېلىدۇ؟
ــــــ بىلمەيمەن.
ـــــ كەتكىلى قانچىلىك بولدى؟
ـــــ ئۇزۇن بولدى كەتكىلى، ئەمدى كەلمەيدۇ ئۇ،ــــ دەپ جاۋاپ بېرەتتى باشقا بىرلىرى.
ــــ ئەسكەرلىككە باردىمۇ؟
جىمجىتلىق باساتتى، ئەسكەرلىككە بارماي تۇرۇپلا دۆلىتىدىن «قاچقان» ئادەم خۇددى مەندەك، خىجىل بولۇپ ئالدى تەرەپكە قارىۋالاتتىم، تاغامنىڭ بارغانچە بۇزۇلۇشقا باشلىغان تۈركچسى بىلەن يازغان بىر پارچە خېتىنى ئوقۇپ بەرگىنىمدە، ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتكەن مومام ئېسىمگە كېلەتتى. لېكىن ئەڭ قورقىدىغان يېرىم، ساتىراشلارنىڭ ئائىلەم، ئانام، داداملارنىڭ ھېچكىمگە تۇيدۇرماي يوشۇرۇپ كەلگەن ۋە مېنىڭمۇ ئەسلا ئەسلەشنى خالىمايدىغان ئائىلە سىرلىرىمىزنى چىشلەپ تارتىشلىرى ئىدى.
بۇ قورقۇنچلۇق ئىشلارنى ئالدىنئالا بىلگىنىم ئۈچۈن، خۇددى باشقىلارنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا بەك قىزىقىدىغان بىر مۇخبىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇۋاتقاندەك تەرلەپ كېتىدىغانلىقىمنى  ھېس قىلغانلىقىم ئۈچۈن يىغلىغان بولغىيمىدىم تۇنجى قېتىم ساتراشخانىغا بارغان كۈنۈم؟ ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە ۋە ئاغرىپ قالغان چاغلىرىمدا،  ئۇستىلارنىڭ ئىچىدىكى ئاق چاچلىق ۋە سەپرا مىجەزلىكى بىر سومكىغا سايمانلىرىنى سېلىپ، چېچىمنى ياساپ قويغىلى ئۆيىمىزگە كېلەتتى. ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە گېزىت قويۇلاتتى، ئۈستىگە بىر كىچىك ئورۇندۇق قوناتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئولتۇرغۇزۇلاتتىم ، بۇنداق بولغاندا ساتىراشنىڭ قولىدىكى قايچا بوينۇمغا بىمالال يېتەتتى. كوت-كوت ھەمراھلىرىدىن ئۇزاقتا  قېلىپ، ئۈن-تىۋىشسىز چاچ ياساشلىرىدىن مېنىڭمۇ ئىچىم سىقىلغىنى ئۈچۈن، قىسقا بىر مەزگىلدىن كېيىن، چاچ ياساتقىلى يەنىلا ساتىراشخانىغا بېرىشقا باشلىدىم ۋە شۇنى چۈشەندىمكى، لام-جىم دېمەي،  ئاغزىڭىزنى تاتلىماي، سىياسىي ۋە مەھەللىۋى پاراڭلارنى سالماي، ھېچكىمنىڭ غەيۋىتىنى قىلماي تۇرۇپ چاچ-ساقال ياسىغان ساتىراش، ھەقىقىي ساتىراش بولمايدىكەن.

تۈركچە «مەنزىرىدىن پارچىلار» ناملىق توپلامدىن

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ