نويابىر 21, 2024
yasar kamal

yasar kamal

تەكىن سۆنمەز [تۈركىيە]

تۈركچىدىن ۋەلى كېرىم كۆكئالپ تەرجىمىسى

مۇھەررىردىن: تۈركىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق يازغۇچىسى ياشار كامال ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە «مەمەت ئاۋاق» ناملىق تۆت توملۇق رومانى بىلەن ياخشى تونۇشلۇق. ئۇ 1922-يىلى تۈركىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئوسمانىيە ناھىيەسىنىڭ ھەمىتە يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن، ئىلگىرى-كېيىن گېزىت-ژۇرنال، رادىئولاردا مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، بۇ جەرياندا تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئەدەبىيات-سەنئىتىگە ئىشتىياق باغلاپ، نۇرغۇن ماتېرىيال توپلىغان. ئۇنىڭ تۇرمۇشقا يېقىن، تەبىئىي، ئوقۇشچانلىقى يۇقىرى، كىشىلىك خاراكتېرنى جايىدا ئېچىپ بەرگەن رومانلىرى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيەدە ناھايىتى زور زىلزىلە قوزغىغان، شۇنداقلا چەت ئەل تىللىرىغا تۈركۈملەپ تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. يازغۇچىنىڭ «مەمەت ئاۋاق»، «ئاددىي كىشىلەر»، «قارا يەر، قىزىل ئاسمان»، «مىڭبۇغىلار ئەپسانىسى»، «تۆمۈرچىلەر بازىرى»، «يىلاننى ئۆلتۈرسە» قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق رومانىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ، بۇ رومانلار تىلىنىڭ يەڭگىل، جانلىقلىقى، گۈزەللىكى، ھېسسىياتقا بايلىقى، كىشىلىك خاراكتېر ۋە تەبىئەت تەسۋىرىنىڭ تولىمۇ ئىنچىكىلىكى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.

تۈرك ئوبزورچىسى تەكىن سۆنمەز بىلەن ياشار كامالنىڭ مەزكۇر سۆھبىتىدە ياشار كامالدىن ئىبارەت بىر ئۇلۇغ يازغۇچىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى، ئىجادىيەت ئۇسلۇبى، دۇنياقارىشى، تىل ماھارىتى ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن بولغاچقا، بۇنى ئوقۇرمەنلىرىمىزگە تونۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتۇق.

تەكىن سۆنمەز: سەنئەت ھاياتىڭىزنىڭ چۇكۇروۋا رايونىدا فولكلور ئەسەرلىرىنى توپلاش بىلەن باشلانغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىڭىز ئوبدان بىلىدۇ، ياشار كامال. ھاياتىڭىزنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى كىشىلەر بىلمەيدىغان تەرەپلىرىدىن بىزنى ئاز-تولا خەۋەردار قىلسىڭىز قانداق؟

ياشار كامال: مەن ئىجادىيىتىمنى قوشاق توقۇش باشلىدىم. قاراجائوغلانغا ئوخشاش بولۇش نىيىتى بىلەن شۇنداق قىلغانىدىم. كېيىن مەكتەپكە باردىم، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدىلا ياشىنىپ قالغان خەلق شائىرلىرى بىلەن شېئىر ئوقۇشقانلىقىمنى ھازىرمۇ ئەسلىيەلەيمەن. قەدىرلىدە مېنىڭ بۇ ئىشىمنى ئېسىگە ئالالايدىغانلار ھېلىمۇ بار. يەنە مېنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم ئاشىق مەجىت بار ئىدى، ئىككىمىز باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقىدا ئوقۇيتتۇق. ئۇ سازنى بەك ياخشى چالاتتى، ئەمما مەن چالالمايتتىم. مېنىڭ ساز چالالماسلىقىمنىڭ سەۋەبى بار، ئانام ئاشىق بولساڭ يۇرتمۇ يۇرت كېزىپ يۈرىدىغان ئىش دەپ سازغا، ئاشىقلىققا ئۆچ بولۇپ كەتكەنىدى. مەن ئۇنىڭ يالغۇز بالىسى ئىدىم ۋە مېنى كۆز ئالدىدىن بىردەممۇ نېرى قىلمايتتى. مەكتەپتە، توي-تۆكۈنلەردە، بايراملاردا مېنى كىشىلەر ئاشىق مەجىت بىلەن ناخشا ئېيتىشىشقا سالاتتى. ئاشىق مەجىت بىلەن قەدىرلىدە بىر قەھۋەخانىدا بىر كېچە تاڭ ئاتقۇچە ناخشا ئېيتىشىپ چىققانلىقىمنى ھازىرمۇ ئېنىق ئەسلىيەلەيمەن.

تەكىن سۆنمەز: بۇ توغرىسىدا يەنە بىرئاز سۆزلىشەيلى.

ياشار كامال: قەدىرلىدە ئىدىم، مېنى بىر ئۆيگە چاقىرىشتى. ئەلبىستانلىق ئاشىق رەھمى كەپتۇ دەپ… شۇ يەرگە باردىم، ئۆيدە ئادەم كۆپ ئىدى. ئوچاقنىڭ يېنىدا ئېگىز بويلۇق، چار ساقاللىق يېقىشلىق بىر ئادەم ساز چېلىۋاتاتتى. مەن ئۆيگە كىرگىنىمدە ئۇ ئادەم سازنى، ناخشىنى توختاتتى. «مانا بۇ بىزنىڭ ئاشىقىمىز بولىدۇ» دېيىشنى مېنى چاقىرىپ كەلگەنلەر. ئاشىق رەھمى ئورنىدىن تۇرۇپ قولۇمدىن تۇتتى، مېنى يېنىدا ئولتۇرغۇزدى، «خۇش كەلدىڭ ئاشىقىم، خۇش كەلدىڭ ئۇستام» دېدى. مەن بەك سىقىلىپ كېتىۋاتاتتىم. ئون بىر ياشقا كىرگەنىدىم. بۇنى ئاڭلىغان ئاشىق رەھمى مېنى بەزلەيدىغان سۆزلەرنى قىلاتتى. بىردەمدىلا مېنىڭ ھۆرمىتىم ئۈچۈن ناھايىتى يېقىملىق بىر ناخشا ئېيتتى. ئاندىن سازىنى ماڭا ئۇزاتتى. «چالمايمەن ─ دېدىم، ─ مەن سازسىز ئېيتىمەن، ئانام ساز چالسام خاپا بولىدۇ» دېدىم. ئاندىن يېرىم كېچىگىچە ئاشىق رەھمى بىلەن ناخشا ئېيتىشتۇق. مەن چېلىشقا تېگىشلىك سازنىمۇ ئۇ چالاتتى. يېرىم كېچە بولغاندا سازىنى توختاتتى، ئورنىدىن تۇردى، مېنىمۇ ئورنۇمدىن تۇرغۇزدى، پېشانەمدىن سۆيدى. «مېنىڭ يېزامغا كەل، ئاشىق قېرىنداش،─ دېدى، ئاندىن يەنە، ─ مەن ساڭا ساز ئۆگىتىمەن. كورئوغلىنىڭ، مايىل بەينىڭ، ئۆكسۈزئوغلاننىڭ ناخشىلىرىنى ئۆگىتىمەن، ساز چېلىشنىمۇ ئۆگىتىمەن. كونا ئاشىقلارنى ئۆزلەشتۈرمىگەن، ھەزىم قىلمىغان كىشى ئاسانلىقچە ياخشى بىر ئاشىق بولالمايدۇ. سەن بۇلارنى كۆڭلۈڭدە ئايدىڭ قىلىۋالساڭ، ئانادولۇ، ئۇرۇم، شام سېنىڭ ھەققىڭدە گەپ قىلىدۇ. نامىڭ يېيىلىپ ھەر يەر ھەر يەرگە تارايدۇ.» ئاندىن ئاشىق رەھمى يېزىمىزدىن ئايرىلدى. ئارىدىن بىرقانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ماڭا تاغلاردىن دۇت ياغىچىدىن ياسالغان ناھايىتى قىممەتلىك، ئاۋازى يېقىملىق بىر جۇرا (ئىككى ياكى ئۈچ تارىلىق تۈرك تەمبۇرى) ئەۋەتىپ بەردى. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرە-پۈتتۈرمەيلا مەن ئۇنىڭ يېنىغا بارىدىغان بولدۇم، ئەگەر بېرىپلا قالسام ئاشىق رەھمىنىڭ چىرىغى بولاتتىم. بارالمىدىم، ئاشىق رەھمىنىڭ يېنىغا بېرىشنىڭ ئورنىغا ئاداناغا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغىلى كەتتىم. ئۇ چاغلاردا بىزنىڭ بوزدوغان، قەدىرلى، كوزان تۈركمەنلىرى ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاداناغا باردىم. بولمىسا ھازىر بەلكىم قولۇمدا ساز، بىرەر يېزىدا كورئوغلىنىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتىپ ئولتۇرغان بولاتتىم، ئىش ئۇنداق بولمىدى. ئاندا-ساندا ئاشىق رەھمىنىڭ يېنىغا چىراغلىققا كەتمىگەنلىكىمگە ھازىرمۇ شۇنداق پۇشايمان قىلىمەنكى، ئۇنى بىر دېمەڭ…

تەكىن سۆنمەز: ھازىرجاۋابلىق بىلەن شېئىر سۆزلەش دەۋرىڭىز قانچىلىك داۋام قىلدى؟ شۇ كۈنلەردە توقۇغان ناخشىلىرىڭىزدىن بىرنەچچە مىسال كەلتۈرۈپ باقامسىز؟

ياشار كامال: ھازىرجاۋابلىق بىلەن شېئىر سۆزلەش خۇيۇم قاچان ئاخىرلاشتى، ھازىر بۇنى ھېچ ئېسىمگە ئالالمايمەن. سۆزلەيدىغان كونا شېئىرلاردىنمۇ يادىمدا قالغانلىرى يوق. كېيىن ئاشىق مەجىت ئۆلۈپ كەتتى. توغرىسىنى ئېيتقاندا مەن ئۇنىڭ چىرىغىدەك بىر ئادەم ئىدىم. ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن فولكلور ئەسەرلىرىنى توپلاشقا باشلىدىم ۋە ئادانا «خەلقئەۋى» نەشرىياتى تۇنجى كىتابىم «مەرسىيەلەر»نى 1943-يىلى نەشىر قىلدى. ئۇ مەرسىيەلەرنى 1940-1941-يىللىرى چۇكۇروۋادىن ۋە توروسلاردىن توپلىغانىدىم.

تەكىن سۆنمەز: ماقۇل، ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىز ئەنە شۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئىكەن. ئەمدى ھېكايىلىرىڭىزنىڭ، رومانلىرىڭىزنىڭ تىلىنىڭ خەلق قوشاقلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئۆتەيلى.

ياشار كامال: تۇنجى ھېكايەم ئۇزۇن سەھىپىلىك «قوپال ھېكايە». ئىككىنچىسى «بوۋاق». ماڭا شۇنداق تۇيۇلۇدۇكى، «بوۋاق»نىڭ قۇرۇلمىسى بىر خەلق قوشىقىنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ دەل ئۆزى. يېزىش شەكلىدىمۇ خەلق قوشاقلىرىنىڭ پۇرىقىنى تېپىش قىيىن بولمىسا كېرەك. مېنىڭ بۇ ھېكايەمدە ئاغزاكى خەلق ئەدەبىياتىنىڭ يەڭگىل، كۆپ سىناقلاردىن ئۆتكەن شەكلىنى، يېقىملىقلىقنى تاپالايسىز دېسەم، ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمەن. خەلق بىلەن، خەلقنىڭ تىلى بىلەن قويۇق ئېلىم-بېرىم مۇناسىۋىتى ئورناتماستىن تۇرۇپ دەۋرىمىزدە بىر سۆز سەنئەتچىسى بولدۇم دېيىش ئىنتايىن كۈلكىلىك ئىش. سۆز سەنئىتى قەدىم زامانلاردىن بېرى خەلق ئاممىسىنىڭ سەنئىتى بولغاندۇر،«ئىلئادا» نى خەلق شائىرلار بىلەن بىرلىكتە مەيدانغا كەلتۈرگەندۇر.

تەكىن سۆنمەز: ئېپوس خاراكتېرلىق داستانلار ئۈچۈن ئېيتىلغان سۆزمۇ بۇ؟

ياشار كامال: بارلىق بۈيۈك داستانلار، يەنى يوقاپ كەتكەن ياكى قولىمىزدا بار بولغان داستانلار شائىرلار بىلەن بىرلىكتە خەلقنىڭ مېلىدۇر. داستانلارنىڭ بۈيۈك ئۇستىلىرى خەلقتۇر.

تەكىن سۆنمەز: سۆز سەنئىتىنىڭ كۈنىمىزدىكى ئەھۋالى قانداق؟

ياشار كامال: داستان ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئۈنۈمىنى دەۋرىمىزگە كەلگەندە يىتتۈرۈپ قويدى. بولمىسا داستانلار باشقا سۆز سەنئەتلىرىگە قارىغاندا بىرئاز بولسىمۇ ئىنسانىي تۈسكە ئىگە ئىدى. 19-ئەسىردىكى سۆز سەنئەتلىرىدىن رومان، شېئىر، تىياتىرلار بىرئاز بولسىمۇ ئىنسانىي تۈسكە ئىگە ئىدى.

تەكىن سۆنمەز: بۇنىڭ سەۋەبلىرى…

ياشار كامال: بۈگۈن ئىنسانىي روھ بارلىق قىممەتلىرىدىن يىراقلاشقىنىغا ئوخشاش، سۆز سەنئەتلىرىدىنمۇ يىراقلاشتى. خەلقلەردىن يىراقلاشقانچە سۆز سەنئەتلىرى گۈزەللىكلىرىنى يوقىتىپ قويدى. كەڭ ئىنسانىيلىقتىن يىراقلىشىپ بىر ساھەنىڭلا مېلى بولۇپ قالغاچقا، سۆز سەنئەتلىرى ئۆز تەسىر كۈچىنى يىتتۈردى، قېنىنى قۇرۇتتى، جانسىز قالدى. دائىرىسىگە كىرگەن ساھەنىڭ بېقىندىسى بولۇپ قالدى. «ئىلئادا»نى ئېسىڭىزگە ئالالامسىز بىلمەيمەن، ئۇنىڭدا تەبىئەت تەسۋىرلىرى باردۇر.

تەكىن سۆنمەز: «ئىلئادا» شۇ دەۋر ئۇرۇشلىرىنىڭ ۋە تەبىئەتنىڭ داستانى.

ياشار كامال: ئۇنىڭدىكى تەبىئەت تەسۋىرلىرى بىر شائىرنىڭ مېلى بولمىغىنىدەك، بىر قەۋمنىڭ، ھە ئۇلۇس دەپ تۇرايلى، بىر ئۇلۇسنىڭ، بىر جەمئىيەتنىڭمۇ مېلى ئەمەستۇر. ئۇنىڭدىكى تەسۋىرلەر بارلىق ئىنسانلارنىڭ مېلىدۇر.

تەكىن سۆنمەز: بىزنىڭكىلەرگە كەلسەك…

ياشار كامال: بىزنىڭ خەلق شېئىرلىرىمىزدىكى، داستانلىرىمىزدىكى تەسۋىرلەرمۇ شۇنداق، ئىنسان ۋە تەبىئەت تەسۋىرلىرى…. «ئىلئادا»نىڭ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ياكى كېيىنكى ئېپوسلارنىڭ ساغلاملىقى ئۇنىڭ يىلتىزىدىن كېلىدۇ. بىزنىڭ ناخشىلارمۇ، يۇنۇس ئەمرەمۇ، پىر سۇلتان ئابدالمۇ، قاراجائوغلانمۇ شۇنداق.

تەكىن سۆنمەز: ئەمدى سىزنىڭ رومانلىرىڭىزغا كېلەيلى.

ياشار كامال: مېنىڭ رومانلىرىمدا مانا بۇلاردىن پۇراق بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. بۇنچە مول ئەدەبىيات ھاۋاسىدىن نەپەس ئېلىپ، سۆز دېڭىزىدا ئۈزگەن بولساممۇ، ئەدەبىيات خەلقتىن يىراقلىشىپ كەتكەچكە، مېنىڭ رومانلىرىمدا بۇنداق پۇراقلاردىن ئازراق قېلىشى، قالالىشى مېنىڭ زور بەختىم ھېسابلىنىدۇ. ماڭا بىرمۇنچە زىيالىيلار (ھە، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېكايە، رومان، شېئىر يازىدىغانلارمۇ بار) مېنى چۆچەكچى دېيىشىدۇ، ئەرمەك ئۈچۈن… ئەرمەك ئۈچۈن بولمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدە ئازراق توغرىلىق ئامىلى بارلىقىنى بىلسەم خۇشاللىقتىن ياش ۋاقتىمغا قايتقان بولاتتىم، زېمىنىمىزدا يارىتىلغان ئەدەبىياتتا مېنىڭمۇ ئازراق تۇزۇم بار ئىكەن، دەيتتىم. ئەمما ئۇ ئادەملەرنىڭ نە ئەقلىگە، نە سەنئەت چۈشەنچىلىرىگە، نە سەنئەتچى كۈچلىرىگەئىشەنگەن بولسام كاشكى. مېنىڭ ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بەخت ئەنە شۇ كۈچلۈك ۋە ساغلام مەنبەدىن كەلگەنلىكىمدۇر. ئەمما ئۇ كۈچلۈك ۋە ساغلام مەنبەگە لايىق بولالىدىممۇ-يوق، بىلمەيمەن. بىزنىڭ زامانىمىزدا بۇ ئىش بەك قىيىن… قەيەردىن كەلگەن بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، خەلققە يارايدىغان بىرەر نەرسە يېزىپ چىقىش قىيىن. ئىنسانىيلىق بۇنداق بولمىغان بولسىدى، ھەرقانچە ئېغىر بېسىم، ئۆزگەرتىشلەر ئالدىدىمۇ تەسلىم بولۇپ قىممىتىنى نامايەن قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالمايتتى. تېلېۋىزور، رادىئو، كىنو بار ئىكەن، سۆز سەنئىتىنىڭ تەقدىرى يەنە نېمە بولماقچىدى! مۇشۇنداق نەرسىلەر بار بولسىلا، ئىنسانىيلىقنىڭ بارلىق مېۋىلىرى بىر تىيىن بولۇپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ ئىنسانىيلىق تېلېۋىزورغا قارىغاندا ئۆز قىممىتىگە يېڭىدىن مەنە قوشۇپ ئېرىشىدۇ، بەخت، كۆركەملىك قاينىغان بىر زاماندا ياشايتتۇقكى، بۇنى بىر دېمەڭ.

تەكىن سۆنمەز: سۆز سەنئەتلىرىگە نىسبەتەنلا شۇنداقمۇ…

ياشار كامال: بۇنى سۆز سەنئەتلىرىدىن باشقا ساھەلەرگە قارىتىپمۇ ئېيتالايسىز، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سۆز ئىنسانىيلىقتۇر. سۆز سەنئەتلىرى ئۆز قىممىتىنى يوقاتقان دۇنيادا ئىنسانىيلىق ئىنسانىيلىقنىڭ بۈيۈك بىر قىسمىنى، بەختىنى يىتتۈرگەن بولىدۇ. ئىنسانىيلىق ئۆز قىممىتى بىلەن بىر پۈتۈندۇر. قىممىتىنى يىتتۈرگەنچە بەختسىزلىكىمۇ ئاشىدۇ، ئىشەنگۈسىز دەرىجىدىكى بىر قاراڭغۇلۇقتا قالىدۇ، نۇر چېچىۋاتقان قۇياشىنىمۇ يىتتۈرىدۇ.

تەكىن سۆنمەز: سۆز سەنئەتلىرى سىزنىڭ مەنبەيىڭىز بولالامدۇ ياكى باشقا مەنبەلىرىڭىزمۇ بارمۇ؟

ياشار كامال: يازغانلىرىمدا خەلق قوشاقلىرىدا، ئېپوسلىرىدا بولغىنىغا ئوخشاش، ئىنسان قىممەتلىرىدىن چىقىپ كەتمەسلىككە تىرىشتىم. بىر يېنىم جەمئىيەت، بىر يېنىم تەبىئەت، بىر يېنىم بولسا ئىنسان قىممەتلىرىگە تايانغان بولۇشىنى ئۈمىت قىلدىم. لېكىن، بۇ ئۈچ باسقۇچقا تايىنىش ھەركىمنىڭ ئىشى ئەمەس. بۇنى كۈنىمىزگە كەلگۈچە پەقەت سۆز سەنئىتىنى خەلق بىلەن بىرلىكتە قىلىدىغانلار بېجىرىۋاتىدۇ. مېنىڭ قىلغانلىرىم، شۇنداق دەپ ھېسابلايمەنكى، پەقەت بىر ياخشى نىيەتلا بولۇپ قالدى. مېنى چۆچەكچى دېگەنلەر سۆزلىرىگە ئىشەنسە، شۇنچىلىك ئەقلى، قابىلىيىتى بار بولسا ۋە دېگەنلىرى توغرا بولسا، مەن بۇ ئىشنى ئازراق بولسىمۇ بېجىرەلىدىم دەپ ئېيتالايمەن. نەدىكىنى، زامانىمىزنىڭ بىر يازغۇچىسىدا ئاشۇنداق بىر كۈچ بارمىدۇ! بىر چۆچەكچى بولۇشتىن ئۆزۈمنى شۇنداق بەختلىك ھېس قىلىمەنكى… چۆچەكچى بولغان بولسام ئۆزۈمنى چەكسىز بەخت ئىچىدە سەزگەن بولاتتىم…

تەكىن سۆنمەز: نېمىشقا چۆچەكچى بولماقچىسىز؟

ياشار كامال: يازغۇچى چۆچەكچىلىك قىلىش كۈچىگە پەقەت بۈيۈك خەلقلەرنىڭ ئەسىرلەر بويى داۋام قىلغان تۆھپىسى بىلەنلا يېتىپ بارالايدۇ ھەم بارالىغان. «ئىلئادا»نى، «گىلگامىش»نى، «تەۋرات»نى ئەسىرلەر بويىچە بۈيۈك ئۇستىلار بىلەن بىرلىكتە خەلق پىشۇرۇپ ۋايىغا يەتكۈزگەن. ھىتىت ھەيكەللىرى، يۇنان، ئاسۇر، سۇمېر ھەيكەللىرىمۇ شۇنداق… بۇ بىرلا كىشىنىڭ ئىشى ئەمەستۇر، گەرچە ئادەم ھەرقانچە قابىلىيەتلىك بولۇپ كەتسىمۇ…

تەكىن سۆنمەز: يازغۇچى خەلق بىلەن يېقىن بولۇشى كېرەك، دېمەكچىمۇسىز؟

ياشار كامال: 19-ئەسىردە يازغۇچىلار، سەنئەتچىلەر خەلق بىلەن بىزدىن تېخىمۇ يېقىنراق ئىدى، تولىستوي، دوستويېۋسكىي، چىخوۋ قاتارلىقلار ئەنە شۇنداق يېتىشىپ چىقتى…

تەكىن سۆزمەز: تولستوي، دوستويېۋسكىي، چىخوۋلارنى تىلغا ئالدىڭىز. بەزى سەنئەتلەرنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرگىنىڭىزدە، بەزى كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتايدىغان ئوخشىمامسىز؟

ياشار كامال: مانا بۇ كىشىلەر سۆز سەنئىتى جەھەتتە زامانىمىزدا بايقالغان پەۋقۇلئاددە بىر ۋەقەدۇر. ئەمما دەۋرىمىزدە بىرمۇنچە كىشىلا خەلقنىڭ بۈيۈك سەنئىتىگە كونا چۆچەكچىلەرگە خاس شەكىلدە بارالىدى، ئۇ مەرتىۋىگە يېتىشەلىدى.

تەكىن سۆنمەز: سىزگە كەلسەك…

ياشار كامال: ماڭا كەلسەك، مېنى ئەرمەك ئۈچۈن بولسىمۇ «چۆچەكچى» دېسە، مەن ھەددىمنى بىلىمەن، قەيەردە تۇرغانلىقىمنى پەرق ئېتىمەن. يەنە دەيمەن، مېنىڭ خەلق چۆچەكلىرىنىڭ، خەلق ناخشىلىرىنىڭ گۈزەللىكىگە ئېرىشەلىشىم، ئۇلاردىن يولغا چىقماقچى بولۇشۇم بىر ياخشى نىيەت. مەن ھازىرمۇ شۇنداق ھېس قىلىمەن، مەن يولۇمنى ئۆزگەرتىپ ئوتتۇرا مەكتەپكە بارماي، خەلق سەنئەتچىلىرىگە ئارىلاشقان، ئاشىق رەھمىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارغا، خەلققە ئارىلاشقان بولسامدىم، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولاتتىم. ھەمىشە مۇشۇنداق ئويلاپ قالىمەن، دائىم بىر پۇشايمان مېنى قىيناپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە زىيالىيلار، يۇقىرى سەۋىيىلىك سەنئەتچىلەر ئىچىدە ئىنسانىيلىق بىلەن، سەنئەتچىلىك بىلەن بەك مۇناسىۋىتى يوق ۋەقەلەر بىلەن، ھەرىكەتلەر بىلەن ئۇچراشتىم.

تەكىن سۆنمەز: ماقۇل، ياشار كامال، خالىسىڭىز تېمىنى ئۆزگەرتەيلى. «ئوسمانلى ئەدەبىياتىنىڭ سىرتىدا قالغان ئەدەبىياتىمىز كۆچمەن، يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ ئەدەبىياتىدۇر» دېگەنىدىڭىز بىر كۈنى ماڭا. خالىسىڭىز شۇ گەپكە كېلەيلى.

ياشار كامال: بۇ ئۇزۇن بىر ھېكايە. بىزنىڭ تېگىمىز كۆچمەنلىكتۇر. كۈنىمزگىچە تېخى ئانادولۇغا يەرلەشكەن ئەمەسمىز. يەنى كۆچمەنلىك يەرلەشكەنگە قارىغاندا قەدىمىيدۇر. مۇقىم ئولتۇراقلىشىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم، كۆركەم مەدەنىيەتلىرى بار بولسا، كۆچمەنلەرنىڭمۇ ئەنە شۇنداق مۇھىم مدەنىيەتلىرى باردۇر. ئانادولۇدا بۇ ئىككى مەدەنىيەت ئۆزئارا كىرىشىپ كەتكەن. كۆچمەنلەر يەرلەشكەنلەر بىلەن قانداق ئېلىم-بېرىمدە بولغان بولسا، دۆلىتىمىزدە مەدەنىيەت-تىل ئېلىم-بېرىمىدىمۇ بولغان. بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز تېخىمۇ كۆپ خەلق مەدەنىيىتىدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ قولىمىزدا تىرىك قالغاندۇر. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئوسمانلى مەدەنىيىتى ساراي مەدەنىيىتى، ئاز سانلىقلار مەدەنىيىتىدۇر، بۈگۈن بىزنى سۇغىرىپ تۇرغان ئانا مەنبە ئۇ ئەمەس. بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز بۈگۈن خەلقتىن مەنبەلىنىدۇ. بۇ مەدەنىيەتنىڭگەۋدىسىدىمۇ كۆچمەنلىك مەدەنىيىتى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئەمما ئانادولۇنىڭ ئۆزىگە خاس بىر مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بار. بولۇپمۇ ھىتىت، يۇنان، فرىگ، ئاسۇر، ھۇررى، ئۇرارتۇ يادىكارلىقلىرى، كېيىن كۆچمەنلەر، كۆچمەنلەر… سىنان، قاراجائوغلان، يۇنۇس ئەمرە، دادالئوغلۇ، نازىم ھېكمەت قاتارلىقلار… دەھشەت بىر يۇغۇرۇلۇش…

تەكىن سۆنمەز: تۈركچىمىزنىڭ، تىلىمىزنىڭ باي تىل ئىكەنلىكى توغرىسىدا سۆزلىشەيلى. مىسالەن خانىقالار، يەرلەشكەن مەدەنىيەت ۋە كۆچمەن مەدەنىيەت سېنتىزىنىڭ تىلىمىزدا ئەكىس ئېتىشى توغرىسىدا…

ياشار كامال: كۆچمەنلىك سۆزلۈكتۇر، توغرا، بۇ جەھەتتە يەنە ئانادولۇدا ئايرىم بىر رايون بولغان. بۇ ھال ئېغىز ئەدەبىياتىدا ئايرىم بىر نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن. يۇنۇس ئەمرە، قۇرقۇت ئاتا، يۈزلەرچە شائىر، داستانچىنىڭ ئاغزاكى ئەسەرلىرى ئۆز زامانلىرىدا بولمىسىمۇ، بىرمۇنچىلىرى كېيىن يېزىقتا خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭدىنمۇ خانىقالارنىڭ بۈيۈك تۆھپىلىرى بولغان. خانىقالار ئەسىرلەر بويى ئانادولۇنىڭ مەدەنىيەت مۇھاپىزەتچىلىكىنى ئۆتىگەن. گۈزىن دىنونىڭ دېگىنىدەك، بىزنىڭ بىر قولىمىز بەلختە، ئەھمەد يەسەۋى خانىقاسىدا، بىر قولىمىز ھاجى بەكتاشىدادۇر. تىرىك بىر مەدەنىيەت مەنبەسىدۇر خانىقالار. يۇنۇس ئەمرە سېپى ئۆزىدىن بىر ئانادولۇلۇقتۇر. ھەم كۆچمەن، ھەم يەرلەشكەن بىر ئانادولۇلۇقتۇر. خانىقالار كۆچمەنلەر بىلەن يەرلەشكەنلەر تېپىشقان، قايناشقان يەر بولغاندۇر.

شۇنداق، ئانادولۇ خەلقىنىڭ يېزىقلىق بۈيۈك ئەدەبىياتى بار. ئانادولۇ مەدەنىيەتكە كەچكەندۇر، يەنى ئانادولۇ تۇپرىقى دۇنيادا ئايرىم بىر ئەۋزەللىك كۆرسەتكەندۇر. ئۇ نېمە؟ بەكتاشى خانىقاسىغا ئوخشاش يەرلەر شۇنىڭ جۈملىسىگە كىرىدۇ. خانىقالار بۈيۈك بىر خەلق ئەدەبىياتى مەنبەلىكى بولۇش رولىنى ئوينىغان. خانىقالارنىڭ بۈيۈك كىتاپلىرى بار. يۇنۇس ئەمرەنىڭ شېئىرلىرى ئۆز دەۋرىدە، بەلكى ھاياتىدىن يۈز يىللار كېيىن يېزىققا كۆچۈرۈلگەندۇر. قاراجائوغلاننىمۇ شۇ يەرلەردە تاپالايمىز. بىزنىڭ بارلىق ئەدەبىياتىمىزنى، ئۇنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى مانا شۇلاردىن تاپالايمىز. بىرەر تۇپراقتا شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە بىر يېزىقلىق ئەدەبىيات شەكىللىنىدۇكى، بۇ يېزىقلىق ئەدەبىيات تىل بايلىقىنىڭ ئېشىشىغا، تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، بۇ بىرىنچىسى. ئىككىنچىسى، كۆچمەن خەلقنىڭ ئانادولۇنىڭ باشقا يەرلىرىگە قارىغاندا ئەۋزەللىكى بار، ئۇ بولسىمۇ كۆچمەن خەلقنىڭ بىر تىلى بار. بۇ تىلدا بىر تەبىئىي بايلىق بار. بۇ تىلدا گۈللەرنىڭ ناملىرى ناھايىتى كۆپ. بۇ تىلدا ھايۋان ناملىرى، ھايۋان ھەرىكەتلىرىنىڭ، ھايۋان ئاۋازلىرىنىڭ ناملىرى چەكسىز. مانا قاراڭ، مەن دەپ باقاي. بىر تۆگىنى مىسالغا ئالايلى، بىز ئۇنى تۆگە دەيمىز. تۆگىنىڭ بىر ياشلىقىنىمۇ تۆگە دەيمىز، ئىستانبۇللۇقلار ئالتە ياشلىقىنىمۇ تۆگە دەيدۇ ، بەك ئاز بىر قىسمى تۆگە بالىسى دەيدۇ. بۇ يەردە بولسا بىر تۆگە تۆت يېشىغىچە يەتتە نامدا ئاتىلىدۇ. مىسالەن، ھايۋان ئاۋازلىرى توغرىسىدا مەن ئىستانبۇللۇقنىڭ بىرسىدىنمۇ ئاڭلىمىدىم: ئات ئاۋازى دېيىشىدۇ، ئات ئاۋازى ئەمەس، ئات كىشنىشىدۇر. ئۆكۈز ئاۋازى ئەمەس، ئۆكۈز مۆرىشىدۇر. چاكال (بۆرىدىن كىچىكرەك كېلىدىغان يىرتقۇچ ھايۋان) ئاۋازى ئەمەس، چاكال ھۇۋلىشىدۇر. ھايۋان ۋە تەبىئەتكە ئائىت گۈل، بۇلۇت، قۇش، يامغۇرلارنىڭ ھەر خىل ھالەتلىرىنىڭ ناملىرىمۇ شۇنداق… بەزىدە «چىۋگىن» (قار ئارىلاش يامغۇر) دەيمىز. ئەينى دەۋردە ئانادولۇغا مۇشۇنداق باي بىر تەبىئەت، ئىنسان، ھايۋان ناملىرى بىلەن، سۆزلۈكلىرى بىلەن، بايلىقلىرى بىلەن، ئىبارىلىرى بىلەن، ئاتاسۆزلىرى بىلەن بىر قەۋم كەلگەن. بۇ يەردە كىمنى تاپىدۇ؟ يەرلەشكەن بىر مەدەنىيەتنى تاپىدۇ. ئۇلارنىڭمۇ سۆزلۈكلىرى تۇپراققا ئائىت، ھەممىسى يەرلەشمە مەدەنىيەتكە ئائىتتۇر. ئىشىك بار، ئېرىق بار، دۆنۈم (يەرنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى) بار، ساپان بار. ئانادولۇدا ئەرمەنلەر، رۇملار، كۇرتلار، چېركەسلەر… بۇ يەردە ئۇلارنىڭ تەبىئىي، قەدىمكى مەدەنىيەتلەردىن قالغان سۆزلەملىرى بار. بۇ يەرلەشمە مەدەنىيەت فرىكيا، مېسوپوتامىيە بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، قەدىمكى مىسىر بىلەنمۇ بىۋاسىتە ئالاقىسى بار. تۈرك خەلق تىلى مۇشۇنداق بىر-بىرىگە يۇغۇرۇلغان سۆزلەملەر بىلەن ناھايىتى زور بايلىققا ئېرىشكەندۇر. ئانادولۇ خەلقىنىڭ بىرى، ئەدەبىياتى بار. ئىككىنچىسى، يېزىقلىق ئەدەبىياتى بار. ئۈچىنچىسى، ئانادولۇ دەھشەت بىر ھەرىكەت ھالىتىدە، جانلىنىش كەيپىياتىدا تۇرغان. كارۋانلار ئۆتۈپ تۇرىدۇ، ئۇمۇ تىل بايلىقلىقىنى توشۇپ كېلىدۇ. بۈيۈك ئۇيغارلىقلار (مەدەنىيەتلەر) ئۈستىگە ئولتۇرغان، ئۇ مىراسلار يەرلەشكەن خەلقلەر بىلەن بىرلىشىپ ئۆز تىلىنى بېيىتقان.

بۈگۈنكى كۈندە بۇنى تىلىمىزدا كۆرەلەيمىز. تېرىمغا، تۇپراققا، شەھەرلەرگە ئائىت بولغان سۆزلەملەرنىڭ كۆپى يەرلەشكەن ئانادولۇ تىللىرىنىڭ سۆزلەملىرىدۇر ياكى ئۇلاردىن ئۆزگەرتىپ قوبۇل قىلىنغاندۇر. تەبىئەتكە، ھايۋانچىلىققا، قونۇپ كۆچۈشكە ئائىت بولغانلىرىنىڭ ھەممىسى كۆچمەن خەلقنىڭ سۆزلەملىرىدۇر. تۈركچە يەرلەشكەن ئانادولۇ تىللىرىدىن ئوزۇق ئالغان. بۇ ئىش توغرىسىدا تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلسا تۈركچىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچە باي تىل ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئانادولۇ تۈركچىسى مانا مۇشۇنداق بېيىغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. مەدەنىيىتىمىزنىڭ بىرپۈتۈنلىكىگىمۇ مانا مۇشۇنداق قارىيالايمىز. ئەگەر خەلق بىلەن ھەمنەپەس بولساق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياشىيالىساق، كۈنىمىزدە سۆز سەنئىتىگە زور تۆھپە قوشالايمىز. دۇنيا ئەدەبىياتىنى تېخىمۇ ساغلام تەرەققىي قىلدۇرالايمىز. نازىم ھېكمەت بۇ تەرەققىياتقا ئەڭ بۈيۈك مەنبە، ئۆرنەك بولالايدۇ…

تەكىن سۆنمەز: نازىم ھېكمەت دەپ قالدىڭىز…

ياشار كامال: نازىم ھېكمەت بىلەن سۆزلەشتىم: «سەن تۈرمىدە بۈيۈك شائىر بولۇپ يېتىلدىڭ» دېدىم. «ياق، ─ دېدى، ─ مەن تۈرمىدە بۇنچىلىك ئۇزۇن ياتمىغان بولسام، مېنىڭ شېئىرىم تېخىمۇ باشقىچە بولغان بولاتتى. شېئىرلىرىمنى كېيىنكىلەرگىمۇ ئېلىپ بارالايتتىم» دېدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇزۇن بىر تالاش-تارتىش بولدى. مەن ئۇنىڭ بەزى چۈشەنچىلىرىنى قوبۇل قىلدىم، ئۇ مېنىڭ بىرمۇنچە چۈشەنچىلىرىمنى قوبۇل قىلدى. ھالبۇكى، نازىم ھېكمەتنىڭ بارلىق قابىلىيىتى ۋە ياراتقان مەنىۋى دۇنياسىنى ئېلىپ تۈرمىگە كىرىپ خەلق ئاشىناسى بولغانلىقى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. يەنە خەلق ئاشىناسى بولغان نازىم ھېكمەتنىڭ شېئىرلىرىنى قاراجا ئوغلان، پىر سۇلتان ئابدال، دادالئوغلۇغا ئوخشاش يازغانلىقىمۇ دىققەتكە سازاۋەر ئىدى. ئۇ شېئىرلىرىنى خەلق بىلەن بىللە، خەلق ئىچىدە يازماقچى بولغانىدى. ئۇنىڭ قىلغانلىرىمۇ قاراجا ئوغلاننىڭكىگە ئوخشايتتى. قاراجا ئوغلان ناخشا ئېيتاتتى، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئوقۇيتتى. يەنى ئۇلارنىڭ ھاياتىمۇ ئوخشايتتى، شېئىر يېزىش شەكلىمۇ ئوخشايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن نازىم ھىكمەت بۈيۈك شېئىرىيىتىمىزنىڭ، يەنى سۆزلۈك ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەڭ بۈيۈكلىرىدىن بىرى بولدى. ئۇ تۇنجى قېتىم تۈرمىگە كىرىپ بىرنەچچە يىل ياتقاندىن كېيىن، بەدرىددىننىڭ ئۆيىدە بۈيۈك بىر داستان يېزىپ چىقتى. شاھ ئەسەر بىر داستاننى ياراتتى.

تەكىن سۆنمەز: «ئەدەبىيات خەلق بىلەن بىرگە ۋۇجۇتقا چىقىدۇ» دېگەن سۆزنى سىز ئېيتقان، شۇنداقمۇ؟

ياشار كامال: شۇنداق. ھەر بىر جەمئىيەت ئۆز شارائىتىنىڭ يار بېرىشىچە ئۆز تىلىنى يارىتىدۇ. كۆچمەن مەدەنىيەتنى ئېلىپ ئېيتساق، كۆچمەنچىكىلىكتە ھەممە نەرسە توشۇلىدۇ، سەنئەت بولىدۇ. كۆچمەنچىلىكتە پالاز، گىلەم، ئوتاق… بۇلاردىكى سەنئەت، گۈزەللىك تەڭداشسىزدۇر. مەدەنىيەتنىمۇ ئىچىگە ئالغان تەبىئەت ھەرىكەت شەكلىمىزنى ئاشكارىلايدۇ. كۆچمەنچىلىكتە ياشىغۇچىلار ئايرىم ئىنسانلاردۇر. ئۇلار بۇ مەدەنىيەتنى يارىتىدۇ، ئاشكارىلايدۇ… ئۇلار ھايۋانلىرى بىلەن تەبىئەتنىڭ ئارىسىدا، تەبىئەت ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا بولىدۇ. ئەدەبىيات خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە ۋۇجۇتقا چىقىدۇ دېيىشىمىزدە ھومېرنى، يۇنۇس ئەمرەنى، يەنە باشقا بۈيۈك ئۇستىلارنى كۆزدە تۇتقانىدىم. مىسالەن، «ئىلئادا»نى پەقەت ھومېرنىڭلا ياراتمىغانلىقىنى، ھومېرلارنىڭ ياراتقانلىقىنى، ھومېرلار بىلەن بىرلىكتە بۈيۈك خەلق شارائىتلىرىنىڭ بۇ ئىشنى قىلغانلىقىنى بىلەتتىم.

تەكىن سۆنمەز: ئەمدى قاراجا ئوغلانغا كەلسەك…

ياشار كامال: قاراجا ئوغلاننى قاراجا ئوغلان قىلغان قاراجا ئوغلاننىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى، كېيىن قاراجا ئوغلانغا ئوخشاش بولۇش ئۈچۈن يەنە يۈزلەرچە قاراجا ئوغلان ئېقىنىنىڭ قېتىلغانلىقىنى، بۇ ئېقىنلارنىڭمۇ خەلقتىن مەنبەلەشكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتىم. بۈگۈن شەرت-شارائىت ئۆزگەردى، لېكىن ئۇ يەنىلا خەلقنىڭ ئىچىدە، خەلق بىلەن بىرگە بولۇشتىن باشقا چارىسى يوق. سەنئەت مېنىڭ ئۈچۈندۇر دېگەن سەنئەتچىگە ئىشەنمەڭ. سەنئەت ھەر زامان خەلق ئۈچۈن بولغاندۇر.

تەكىن سۆنمەز: ئەمدى ئېپوسنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشى ھەققىدە سۆزلىشەيلى.

ياشار كامال: ئېپوس ئۆز دەۋرىنىڭ گېزىتى بولغان ۋە بۇ گېزىتتىكى سەنئەتنىمۇ سەنئەتچىلەر خەلق بىلەن بىرلىكتە تەشكىل قىلغان. ئۇنداق بولمىغان بولسىدى، خەلق ئۇنى قوبۇل قىلمىغان بولاتتى. بۈگۈنمۇ سەنئەتنى خەلق بىلەن بىرلىكتە يارىتىشنىڭ يولى تېپىلىدۇ.

تەكىن سۆنمەز: تېپىلىدۇ ئەلۋەتتە…

ياشار كامال: تېلېۋىزور، رادىئو، كىنو بۇ ئىشنى تۈگۈنىدىن ياخشى قىلىشنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى ھازىرلىغان… ئەمما كېلىپ كۆرۈڭكى، كۈنىمىزدە ھەممە نەرسە مۇستەملىكىچى، ھەر بىرسى بىر سىنىپنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلماقتا، بۇ سىنىپ بىزنى، ھەركىمنى بۈيۈك خەلقلەردىن يىراقلاشتۇرماقتا، سەنئەت بىلەن بىرلىكتە بارلىق ئىنسانلىق قىممەتلىرىنى چاكىنىلاشتۇرماقتا.

تەكىن سۆنمەز: ئوسمانلى تىلى بىلەن ئەدەبىياتىنىڭ مۇناسىۋىتىگە كۆچۈپ باقساق قانداق؟

ياشار كامال: بۇ تىلنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى بار ئىدى، باي بىر تىل ئىدى بۇ؛ ئىپادىلەش كۈچىگە باي بىر تىل ئىدى بۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ تىلنىڭ ئاتاسۆزلىرى، ئىبارىلىرى بار ئىدى. يەنى ئوسمانلى ئىمپىراتورلۇقى بىلەن تەڭ بىر ئوسمانلى مەدەنىيەت تىلى شەكىللەنگەنىدى. ئوسمانلى ئىمپىراتورلۇقى زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندا، مىللەتچىلىك ئېقىمى بىلەن بىرلىكتە بىر يالىڭاچ تۈركچىگە توغرا مېڭىلدى. ئەمەلىيەتتە بۇ يالىڭاچ تۈركچە بولمىدى. ئەدەبىيات تىلىدا ئوسمانلى ئىبارىلىرىنى، ئاتاسۆزلىرىنى چۆرۈپ تاشلىغانچە، ئەدەبىيات تىلى بولالمايدىغان زەئىپ بىر تىل ئوتتۇرىدا قالدى. بىرمۇنچە كىشىلەرمۇ بۇ تىل بىلەن ئەدەبىيات يارىتىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ناھايىتى قابىلىيەتلىك ئىدى. مىسالەن فارۇق نافىز مېنىڭ نەزىرىمدە ناھايىتى يۇقىرى تالانت ئىگىسى ئىدى. ئەمما شۇنچە زەئىپ بىر تىل بىلەن يازاتتىكى… ھەجەجىلەرنىڭ تىلىمۇ شۇ قەدەر زەئىپ ئىدىكى… ئۆمەر سەيفەتتىنگە قاراڭ. ئۆمەر سەيفەتتىننىڭ تىلىمۇ ئەدەبىيات تىلى ئەمەس. بۈگۈن بۇ تىل بىلەن تېخىچە ئىجادىيەت قىلىۋاتقانلار بار.

تەكىن سۆنمەز: بۇ، سۈنئىي بىر تىلنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟

ياشار كامال: ئوسمانلى تىلىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن بىر بۆلۈكلا كىشى ئىدى، بۇنداق بىر بۆلۈك كىشى ھەرقاچان مەيداندىن چۈشۈرۈۋېتىلىدۇ. ئەمما تۈرك تىلىنى ئىجات قىلغىنى ئانادولۇ خەلقى. خەلقلەر ئوتتۇرىدىن چۈشمىگۈچە تىللىرىنىڭ سۈپۈرۈپ تاشلىنىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. ئوسمانلى تىلى ئىمپىراتورلۇق ياراتقان سۈنئىي بىر تىل ئىدى. ئىمپىراتورلۇق ئوتتۇرىدىن چۈشكەندە ئۇمۇ ئوتتۇرىدىن چۈشتى. تۈرك تىلىنى ئانادولۇ خەلقى ئىجات قىلدى، ئانادولۇ خەلقى ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. بۈگۈن ئوسمانلىچە ئۆلۈك بىر تىلدۇر، ئوسمانلى مەدەنىيىتى ئۆلۈك بىر مەدەنىيەتتۇر. ئەلۋەتتە، بۇ ئۆلۈك مەدەنىيەتتىن، تىلدىنمۇ پايدىلىنىمىز. سەككىز يۈز يىل بىزنى باشلاپ ماڭغان، بىزدىن چىققان ئوسمانلىنىڭ بىزنى ئەكىس ئەتتۈرمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. بىز بۈگۈن يالىڭاچ، نامرات بىر تۈركچە بىلەن تۈركىيە ئىنسانلىرىنى يېزىۋاتىمىز.

تەكىن سۆنمەز: تىلنىڭ تەدرىجىي راۋاجلىنىشى، تىل بايلىقىنىڭ ئېشىشى نۇقتىسىدىن بىر يۇغۇرۇلۇش بولۇشى كېرەك، دېمەكچىمۇسىز؟

ياشار كامال: ھازىر بىز رايون خاراكتېرلىق تىلنىڭ ئەمەس، بىرپۈتۈن تۈرك ئەدەبىيات تىلىنىڭ داۋاملاشتۇرغۇچىسىمىز، بىز بۇ تىلدا نۇرغۇن ئىمكانىيەتلەرنى ياراتتۇق. ئانادولۇ تىلىدىن بۈيۈك ئىمكانىيەتلەرنى ياراتتۇق. نازىم ھىكمەتتىن باشلانغان بىزنىڭ نەسلىمىز ئەدەبىيات تىلىدا سۆزلۈك ئەدەبىياتتىن، ئانادولۇ خەلقىدىن بۈيۈك شارائىتلار، بۈيۈك بايلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈردى. بىزنىڭ نەسلىمىزگە كەلگۈچە،بۇنىڭغا دىققەت قىلىدىغان ئىنسان بولمىدى. تۈرك تىلىدا ئورخان كامالچىلىك، فاكىر بايقۇرتچىلىك، ئەھمەد ئارىفچىلىك… بىر نەسىل بولمىدى. تۈرك خەلقىنىڭ بۇنچە ئاز ساۋاتلىق بولۇشىنىڭ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىمىزنى بۇنچە كۆپ ئوقۇشى پەۋقۇلئاددە بىر ئىش. تۈرك خەلقىنىڭ بۇقەدەر كۆپ رومان، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشى كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر ئىش. نېمىشقا؟ خەلقنىڭ تىلىنى يېزىۋاتىمىز ۋە يېڭى بىر تىلدا يېزىۋاتىمىز. مىسالەن، مېنىڭ تىلىم چۇكۇروۋانىڭ تىلى ئەمەس، چۇكۇروۋانىڭ تىلىدىن پايدىلانغان بىر تىلدۇر. مىسالەن، «تۆمۈرچىلەر بازىرى» دىكى تىلنى مەن ئىشلەتتىم، ھېچكىم ئىشلىتىپ باقمىدى. بۇبىر يازغۇچىنىڭ تىلى، ئەدەبىيات تىلىدۇر؛ يېزىق تىلى بۇ، چۇكۇروۋا تۈركمەنلىرىنىڭ تىلى ئەمەستۇر. بۇ چۇكۇروۋا تۈركمەنلىرىنىڭ تىلىدىن پايدىلانغان بىر تىلدۇر باشقا تەرەپلەردىنمۇ پايدىلانغان، تۈرك ئەدەبىيات تىلىدىنمۇ ئوزۇق ئالغان بىر تىلدۇر.

كىشىلىكى بولغان بىر يازغۇچى ئۆز تىلىنى يارىتىدۇ. بولمىسا، چۇكۇروۋادا ئۆسمەي تۇرۇپ ئۇ تىلدا يازسىڭىز، ئۇ پەقەت تەقلىت قىلىنغان، مېخانىك بىر نەرسە بولۇپ قالىدۇ. يازغۇچى تىل يارىتىدۇ. باشقا چارىسى يوق، پىششىقلاپ ئىشلەشتىن ئۆتكۈزىدۇ. يەنى بىز رومانچى بولۇپ تۇرۇپمۇ تىل جەھەتكە كەلگەندە بۇنىڭغا بارماق بېسىش مەجبۇرىيىتىدىمىز.

تەكىن سۆنمەز: خەلق ئەدەبىياتىمىزنىڭ تىلىنى ساغلام بىر مەنبە سۈپىتىدە كۆرىدىغان ئوخشايسىز.

ياشار كامال: خەلق ئەدەبىياتىنىڭ تىلىدا ئۆلۈم ئەمەس، كېسەللىكمۇ يوق. بۈگۈنكى ئەدەبىياتىمىزدا خەلق ئەدەبىياتىنىڭ تىلى بار. بۇ تىلنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىش مۇمكىن ئەمەس. ئەڭ ئاخىرىدىمۇ بىزنىڭ مەنبەيىمىز، قانچىلىك يىراقتا قالسىمۇ، خەلق ئەدەبىياتىمىزنىڭ تىلى بولىدۇ. بۇ تىللار چاكىنىلىشىشتىن خالىي بولىدۇ. ئۇزۇن، تۈز سىزىق ئۈستىدە تەرەققىي قىلىپ كېتىدۇ. بىزنىڭ تىلىمىز ئەڭ ياخشى تەرىپىنى ئانادولۇ يەرلىكلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ ئالغان، لېكىن يەنە يولىدىن ئازمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قوشۇلما بىلەن بايلىقى ئېشىپ بارغان تىلدۇر.

تەكىن سۆنمەز: بۈگۈن ئوسمانلىچە بىلەن رومان يازغىلى بولامدۇ؟

ياشار كامال: بۈگۈن ئوسمانلىچە بىلەن رومان يېزىلامدۇ، نېمىشقا يېزىلمىسۇن؟ خالىغانلار كونا يۇنانچە بىلەنمۇ رومان يازالايدۇ. بىزدە بىرقىسىم يازغۇچىلار كونا ئوسمانلىچە بىلەن، تېخىمۇ توغرىسى كېيىنكى يىللارنىڭ ئوسمانلىچىسى بىلەن رومانلار، شېئىرلار يېزىشتى، ھەي، خۇدايىم پانا بەرسۇن، يازغانلىرى بىر نەرسىلەرگە ئوخشايدۇ. بۇلار ھۈنەرلىك كىشىلەردۇر. ئۆلگەن بىر تىل بىلەن يېزىش ھۈنىرىنى كۆرسەتكەنلەرنى ئالقىشلايمىز. مۇشۇنداق بىر ھۈنەرنى يېتىلدۈرۈش ئاسانمۇ، ئۆلگەن تىل بىلەن يازغانلارنى ھۆرمەت قىلمىساق بولامدۇ؟ بۇلارنىڭ ئىچىدە كېيىنكى ئوسمانلىچە بىلەن يازغانلاردىن بىر رومانچى بار ئىدى، ئېتى ئابدۇلخالىق شىناسى ھىسار، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتقىنىغا قارىغاندا رومانلىرىنى، يازمىلىرىنى ئوسمانلىچە، فرانسۇزچە ئارىلاش بىر تىل بىلەن يازارمىش. بۇ ئادەمنى نەچچە يىلغىچە بىزنىڭ ئادەملىرىمىز بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرمىدىمۇ؟ سائىت فائىك ئاباسىيانىك مېنىڭ شۇ ئەسەرلەردىن بىرىنى ئوقۇۋاتىمەن دېگەنلىكىمنى ئاڭلاپ، ماڭا شۇقەدەر ئاچچىقلاندىكى، ئون بەش كۈنگىچە يۈزۈمگىمۇ قارىمىغان ئىدى.

تەكىن سۆنمەز: ئۇنداقتا سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزچۇ؟

ياشار كامال: مەن ئۆزگەرگەن ئىنسانلارنى تىپ قىلىپ مۇكەممەل بىر دەۋرنى يازىمەن. ئۆزگەرگەن بىر تىل بىلەنمۇ يېزىش جاپاسىدىمەن. ئۆزگىرىشنىڭ ئاچچىقى، سانچىقى، تىلىنىمۇ، تەبىئىتىنىمۇ… دۆلىتىمىز دەھشەت بىر ئۆزگىرىش جەريانى ئىچىدە… بۇنى نەزەردىن ساقىت قىلمايمىز. سەنئەتچىلەر بىرئازمۇ ئاممىبابلىققا يۈزلىنەلمەيۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ ئاممىباپ سورۇنى چەكسىز بىر ئۆزگىرىش قاينىغان سورۇندۇر.

تەكىن سۆنمەز: ئەمدى كۆچمەن تۈركمەن جەمئىيىتى بىلەن ئوسمانلىنىڭ مۇناسىۋىتىنى سۆزلىشەيلى.

ياشار كامال: كۆچمەن تۈركمەن جەمئىيىتى ئوسمانلى ئىمپىراتورلۇقىنى قۇرغاندۇر. ئوسمانلى ئۇلاردىن چىققاندۇر، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزى بولمىغاندۇر. ھەم بولالمايتتى… ئوسمانلى سارىيى تۈركمەنلەرگە قارىغاندا ۋىزانتىيە ئۇسلۇبىغا كۆپرەك مايىل ئىدى. بۇمۇ تەتقىق قىلىپ باقىدىغان بىر تېما. بەلكى يېڭىلىشىۋاتقاندۇرمەن، بەلكى ئوسمانلىلار خاس تۈركمەندۇر. قولىمىزدا بۇنىڭغا ئائىت تەتقىقاتلار يوق… ماڭا ئوسمانلىنىڭ ۋىزانتىيە تۈسى بەك قويۇقتەك تۇيۇلىدۇ. ئەگەر ۋىزانتىيە ئېمپېرىيىسى يەنەياشىغان بولسىدى، تىپىك ئوسمانلىنىڭكىگە ئوخشاش مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى قالدۇرالمايتتىمۇ؟ ئانادولۇغا شۇنچە كۆپ تۈركمەن كەلگەنىكەن… بىلمەيمەن. بۇ جەھەتتە باشتىن باشلاپ چوڭ ئىشقا تۇتۇش قىلىشنى خالىمايمەن.

تەكىن سۆنمەز: ئەمدى تۈركمەنلەرنىڭ ئىسيانى تېمىسى…

ياشار كامال: ئوسمانلىنىڭ ئانادولۇ كۆچمەن خەلقىنى يەرلەشتۈرۈشى تا 16-ئەسىردىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئوسمانلى سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىدى. چۈنكى كۆپ مەنپەئىتى بۇلاردىن كېلەتتى. ئەمما تولۇق بويسۇندۇرۇشقا كۈچى يەتمەيتتى. ئەمما يەنىلا نېمىشقا يەرلەشتۈرمەكچى بولىدۇ؟ ئوسمانلىلار بۇلاردىن: بىرىنچىدىن، ئەسكەر ئالىدۇ، ئىككىنچىدىن، ئالۋاڭ ئالىدۇ، ئۈچىنچىدىن، خىراج يىغىدۇ؛ چۇكۇروۋانى مىسالغا ئالايلى. ئانادولۇنى، تۆۋەندىن كەلگەن ئىستېلالارغا قارشى، لەشكەرلەرگە قارشىقالقان سۈپىتىدە ئىشلەتكەن. ئەمدى بىر خەلق قالقان بولۇشقا قارشى چىقسا، بىر خەلق زۇلۇمغا قارشى قويۇلسا، بىر خەلق توققۇز-ئون يىل ئەسكەر بولۇشقا قارشى چىقسا، بۇ چېكىنگەنلىك ئەمەستۇر. دادالئوغلۇ مانا مۇشۇنداق قارشىلىقلارنىڭ شائىرىدۇر. ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى تەرەققىيپەرۋەرلىك ياكى پاسسىپلىق سۈپىتىدىمۇ چۈشىنىلمەيدۇ. تۈركمەنلەرنىڭ تۈزۈمىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان ھامان قارشىلىق كۆتىرىلگەن. بۇ، پاسسىپلىق ئۈچۈن كېلىپ چىققان قارشىلىق ئەمەس، تاشقىرىدىن مۇداخىلىگە ئۇچرىغانلىقتىن كېلىپ چىققان قارشىلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق شائىر ئەگەر ئىسيانكار شائىر بولسا، ئىنسانلىقنىڭمۇ ئىسيانكار شائىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ «پەرمان پادىشاھنىڭ، تاغلار بىزنىڭدۇر» دېگەن سۆزى بۈگۈنگىمۇ جاۋاب بەرسە، ئۇ بۈگۈننىڭمۇ شائىرى ھېسابلىنىدۇ. پىر سۇلتان ئابدال ئۆلىدۇ، تىرىلىدۇ دەيدىغان بولسا، بىر ئىسيانچى قەدىمىنىڭ ئەبەدىيلىقىنى ناخشىسىدا ئېيتسا ۋە بۇ چاغدا يىگىتلىرىمىز تاكسىم مەيدانىدا ۋارقىرىسا، «بىرىمىز ئۆلۈپ، بىرىمىز تىرىلىمىز» دېسە، پىر سۇلتان بۇنىڭغا جاۋاب بەرسە، ئۇ چاغدا ئۇمۇ بۇ دەۋرنىڭ شائىرىدۇر.

تەكىن سۆنمەز: رومانلىرىڭىزدىكى بەزى تىپلار تۈگەپ كەتكەنلەرنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرەمدۇ؟

ياشار كامال: ئۆلگىنى ۋە تەبىئىتى… ئۆلگەننىڭ ۋە تەبىئەتنىڭ ئارىسىدىمەن.

تەكىن سۆنمەز: «تەبىئەتنىڭ ۋە ئۆلگەننىڭ ئارىسىدىمەن» دەيسىز، تەبىئەتنىمۇ ئۆلتۈرەمدۇ…

ياشار كامال: تەبىئەت ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ بىر ئاسمىلاتسىيە تۈزۈمى سورۇنىدۇر. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىيلىكىنى ئاسمىلاتسىيە قىلغان، ھەر نەرسىنى يوق قىلغان ئادەملەر غالجىرلاشقاندا ئەلۋەتتە تەبىئەتنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئاسمىلاتسىيە قىلىپ يوق قىلىدۇ. ھازىر ئادەملەر تەبىئەتنى ئاسمىلاتسىيە قىلىپ كۈنىمىزدىكى ئىنسانلارغا ئوخشاش قىلدى. ئىنسانلىقنىڭ پۈتۈن تەقدىرىنى يوقىتىشقا ئۇچراتسا، تەبىئىتىنىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشىتاتتى. يوقىتىش بىر پۈتۈندۇر، ئاسمىلاتسىيە بىر پۈتۈندۇر. ئىنسانلىقنى يوقىتىشقا ئۇچراتقان ھۆكۈمرانلار بىزنى ياراتقان تەبىئەتنىڭمۇ كۆز يېشىغا قارىمايتتى. ئەنە شۇنداق بولدى. مەن رومانلىرىمدا بۇ ئىككى قورقۇنچلۇق يوقىتىشقا، ئاسمىلاتسىيىگە قارشى چىقىشنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ ئىككى قورقۇنچلۇق ئۆلۈمنى، يوقىتىشنى تا يۈرىكىمنىڭ بېغىشىدا دەپ ئويلايمەن.

تەكىن سۆنمەز: سىز بۇنىڭغا گۇۋاھچى بولدىڭىز.

ياشار كامال: مەن ئادانادا بۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇم… نۇرغۇن تەبىئىي نەرسىلەر كۆز ئالدىمىزدىلا يوق بولدى. ئۇنىڭغا ئېچىنماي بولمايدۇ…

تەكىن سۆنمەز: بۇ ئۆزگەرگەن ئەتراپنى ۋە بۇ تىپلارنىمۇ ياخشى بىلىسىز ھەقىچان…

ياشار كامال: قايسى تىپلار؟ قايسى ئەتراپنىڭ ئىچىدە؟ بۈيۈك بىر ئۇرۇشنىڭ ئىچىدە چۇكۇروۋا ئىنسانى، كىشىلەر ئىقتىسادىي ئۇرۇش ئىچىدە تېپىرلاۋاتىدۇ، بۇنى بىر پۈتۈن روماندا ئەكىس ئەتتۈرمىگەن يازغۇچى ئارماندا قالىدۇ. ئەلۋەتتە رومانچىنىڭ ئىشى ئىنسان پىسىخىكىسىنىڭ ئەڭ تېرەن يېرىگە بېرىشتۇر. ئىنسان پىسىخىكىسىمۇ چەكسىزدۇر. تولستويدا تۈگىمەيدۇ. ھومېردا تۈگىمىگەندەك، چېخوۋدا پۈتمەيدۇ. تاغ-داۋانلار باردۇر ئىنسان پىسىخكىسىدا، ئۇنىمۇ سەنئەتچى يارىتىدۇ. چەكسىز مۆجىزىلەر بولىدۇ. بۇ دۇنيادا ھەرقانداق يېڭى نەرسىنى كەشىپ قىلغان بولساق، تەبىئەتنىمۇ يېڭىدىن كەشىپ قىلىمىز، ئاتوملىرى بىلەن، ئۇرانلىرى بىلەن، بىلمەيمەن يەنە نېمىلىرى بىلەن. بىزنىڭ تەبىئەتتە بىز بىلمەيدىغان بۈيۈك تەڭپۇڭلۇقلار بار. ئىنسان پىسىخىكىسىدىمۇ چەكسىز تەڭپۇڭلۇقلار بار. ئەمما بۇ پىسىخىكىنى توغرا يولغا سېلىش ئۈچۈن، بۇ ئەتراپنى بەك ياخشى بىلىش كېرەك.

تەكىن سۆنمەز: ئۆزگىرىشتىن ئىلگىرىكى تەبىئەتنىمۇ ياخشى بىلىسىز ھەقىچان.

ياشار كامال: شۇنداق بىر تەبىئەت پارچىسى، بەك تەپسىلىي سۆزلىيەلەيمەن: مىڭلارچە دۆنۈملۈك قومۇش، كۆز يەتكۈسىز. مىڭلارچە دۆنۈملۈك چاتقاللىق. چۇكۇروۋانىڭ ئىچىدە توققۇز، ئون دانە بۈيۈك كۆلچىلىك كېلىدىغان پاتقاقلىق. پاتقاقلىقتا سازلىقلار ۋە پاتقاقلىقتا ھەر خىل قۇشلار، ياۋا غازلار، ياۋا ئۆردەكلەر، پەسىل قۇشلىرى بىلەن… چەكسىز… بۈركۈتلىرى تولۇپ تۇراتتى چۇكۇروۋادا…

بۈركۈتلەر پۈتۈن چۇكۇروۋانى پاناھ تارتىپ ئوتتۇرىغا يىغىلىشىدۇ. قۇشلىرى بىلەن، كەكلىكلىرى بىلەن، بىلمەيمەن يەنە نېمىلىرى بىلەنكىن. مىسالەن، چۇكۇروۋاغا جەنۇبتىن مىڭلارچە جەرەن كېلەتتى. ئاداناغا قەدەر جەرەن كەلگەنىكەن… ھازىرقى بىزنىڭ ئوسمانىيە تەرەپلىرىگە قەدەر. «ئېتى چاپقۇر جەرەن ئوۋلار» دەيدىغان ناخشىلار بار. بۇ ناخشىلاردا جەرەن بىلەن ئىنساننىڭ مۇناسىۋىتى ئىپادىلەنگەن. ئەمدى پۈتۈن بىر چۇكۇروۋانىڭ فېئودال تۈزۈمى، مىسالەن، (1950-يىللاردا كاپىتالىست مۇناسىۋەتلەر تەرەققىي قىلغان چاغدا) ئاقچاساز پاتقاقلىقىنىڭ قۇرۇشىنى بىلىمەن. ئۇرۇشلار بولۇپ، يېڭى يەرلەر ئېچىلىپ، قەسەم قىلىمەن، ئۈچ ئايدا بىر تېمىم سۇ قويمىدى. ئېقىتتى جەيھان دەرياسىغا، كەتتى. پاتقاقلىقلار، قومۇشلۇقلار قالمىدى، ھەممىسى دالا بولدى. تىراكتۇرلار كېچىچە يەر ئاغدۇرۇپ ئوت-چۆپلەرنى نابۇت قىلدى، سۇلار ئۆزگەردى. نەتىجىدە نېمە بولدى بىلەمسىز، چۇكۇروۋادا ھېچقانداق بىر قۇش قالمىدى، تېرىم ئېتىزلىرى ئوت-چۆپ قاپلاپ تۇرغان دالىلارنى ۋەيران قىلدى، نە غاز، نە ئۆردەك قالمىدى. ناھايىتى ۋەھشىي بىر خىل چىۋىن تۈرى پەيدا بولدى، ئاق چىۋىن. دەۋر ئۆزگەرگەچكە تەبىئەتمۇ ئۆزگەردى.

تەكىن سۆنمەز: رومانلىرىڭىزدا تەسۋىرلىگەن ئارىشاڭلارمۇ بار ئىدى…

ياشار كامال: مىڭبۇغىلار ئەپسانىسىدىكى تۆمۈرچى ئارىشىڭىنى سۆزلەشنى خالايمەن ھەرھالدا. مەن ئاشۇ ئارىشاڭلارنىڭ ئاخىرىغا يېتىشتىم. ھەر بىر كېسەللىكنىڭ بىر ئارىشىڭى بار ئىدى. بىرمۇنچە ھۈنەرنىڭمۇ ئارىشاڭلىرى بار ئىدى. مىسالەن، پىسىلەر (ئاقكېسەللەر) ئارىشىڭىنى بىلىمەن. ئاقكېسەل بولۇپ قالغانلار مۇشۇ ئارىشاڭغا باراتتى، ئۇ يەردە كېسەللىرىنى ساقايتىشقا كىرىشەتتى. ئەسىرلەردىن بۇيان كىشىلەر بۇ ئارىشاڭلاردىن دانىشمەنلىك بىلەن پايدىلىنىپ كەلگەنىدى.كېيىنكى يىللارغىچىلا ئانادولۇدا ناھايىتى چوڭ جەمەتلىك كىرلانگىچ ئوغۇللىرى ئارىشىڭى بار ئىدى. بۇ ئارىشاڭدىكى كىشىلەرنى مەنمۇ تونۇيتتۇم. بۇلار كۆزگە ئاق چۈشكەنلەرنى داۋالايتتى. دىنىي ئارىشاڭلار خانىقادۇر. شەرقىي ئانادولۇدا داستانچى ئارىشاڭلىرى كېيىنكى يىللارغىچە مەۋجۇت بولغان. مۇزىكا ئارىشاڭلىرىمۇ بار ئىدى. مىسالەن، «ئابدال» دېگەنلىرى دۇمباقچىلارنىڭ نەزىرىدە بىر ئارىشاڭ ئىدى… بۇلار چالغۇچى ئارىشاڭلىرىدۇر. بۇ ئارىشاڭلارنىڭ ھەممىسى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا قول بېرىشلەردىن تەرەققىي قىلغان. ئىنسانلىق مانا مۇشۇنداق ياشىغاندۇر، تا بۈگۈنگىچە مۇشۇنداق كەلگەندۇر. كۈنىمىزدە شائىر ئائىلىلىرى قالمىدى دەپ ھېسابلايمەن. ئاتىدىن ئوغۇلغا قالىدىغان شائىرلىق… چۇكۇرۇۋادا شۇنداق بىر ئائىلە بار ئىدى، تامدوغان ئائىلىسى… دادالئوغلۇ، دادالئوغلۇنىڭ نەۋرىسى ئاشىق يۈسۈپ، ئاشىق يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئاشىق ھەققى… ئاشىق ھەققىدىن كېيىنمۇ بار… قىياسىمچە ئوغلىنىڭ بىرسى ھازىر ئادانادا دوختۇر…

تەكىن سۆنمەز: ھازىر ماشىنا تەبىئەتنى ئۆلتۈردى.

ياشار كامال: ماشىنا بىلەن تەبىئەتنى ئۆلتۈرۈش، ئورمانلارنى يوقىتىش، سۇلارنى قۇرۇتۇش، ئوتلارنى، ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈش تېخىمۇ قولايلاشتى. فېئودال تۈزۈمنىڭ تەبىئىتى بىلەن كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ تەبىئىتى ئايرىم-ئايرىم نەرسىلەر بولدى. فېئودال تۈزۈمنىڭ تەبىئىتى ناھايىتى ئاز ئاسمىلاتسىيە قىلىناتتى، تېخمۇ ئاز ئۆلتۈرۈلەتتى. كاپىتالىستىك تۈزۈم ماشىنىلارنى، زامانىۋى تېرىلغۇ ۋاسىتىلىرى تەبىئەتنى تېخىمۇ تېز ئۆلتۈرىدۇ، ئۆزگەرتىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئاسمىلاتسىيە قىلىدۇ. مانا بىزنىڭ بۇ دۇنيايىمىزمۇ مۇشۇنداق بىر ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالدى. بۇ قىسمەتلەر رومانلىرىمنىڭ ئانا تېمىسى. بۇنىڭدىن باشقا تېمىلاردىمۇ يېزىشنى ئويلايمەن. بۇ ئۆلتۈرۈلگەن دۇنياغا نىسبەتەن ئۆرپ-ئادەتكە ئائىت ئەسەرلەرنى يېزىشنىمۇ ئويلايمەن.

تەكىن سۆنمەز: ئۇنداقتا، قانداق ئىشلارنى قىلماقچىسىز، ياشار كامال؟

ياشار كامال: يەڭنى تۈرۈپ بۇ قاينامغا كىرمەكچىمەن، تۈركىيەدە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەقىلسىزلىق بىلەن گۇرۇھ-گۇرۇھ بولۇپ پارچىلىنىپ كەتتى. دۇنيا مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ يۇرتىمىزنىڭ تەبىئىتى ئەڭ كۆپ ئۆلتۈرۈلدى. يۇرتىمىزنى بىر پۈتۈن ھالەتتە بۇ ئۆلۈمدىن ۋە ئاپەتتىن پەقەت بىزدەك نىيەتتىكى كىشىلەرلا قۇتۇلدۇرالايدۇ. ئۇيدۇرما سەۋەبلەر بىلەن يۇرتىمىزدىكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭكۈچىنى گۇرۇھ-گۇرۇھقا ئايرىۋەتكەنلەرگە، بۇ ئەخمەقلىقنى قىلغانلارغا ئاللا مىڭ بالالارنى بەرسۇن. بۇ ئىشلارنىمۇ ئىچىمدە ئۆلۈم ئاچچىقىغا ئوخشاش سېزىمەن. بۇ ئەقىلسىز ۋە سەۋەبسىز بۆلۈنۈشلەرگە بەك دىققەت قىلىمەن. ئارىدىكى كۆزقاراش ۋە چۈشەنچە ئايرىمىسى ناھايىتى چوڭ پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن… مەدەنىيىتىمىز ئۆلگەن، كىشىلىرىمىز ئىنساپسىزلاشقان، ياتلاشقان… ۋە ئارىلىرىدا كىچىككىنە ئوخشىمايدىغان چۈشەنچىلەر… مۇشۇنداق ئىشلارنى يەڭنى تۈرۈپ قىلىۋاتقانلار كېيىن زامان ئوڭشىلىپ قالغۇدەك بولسا بىر-بىرىنىڭ يۈزىگە، ئىنسانلىقنىڭ يۈزىگە قانداق قارايدۇ، بالىلىرىنىڭ يۈزىگە قارىيالارمۇ؟ بىر كۈنلەرگە كەلگەندە مانا مۇشۇ ئىنسانلارنىمۇ يازماقچىمەن.

تەكىن سۆنمەز: ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نېمىلەرنى يازماقچى بولۇۋاتىسىز؟

ياشار كامال: فېئودال تۈزۈمدىن كاپىتالىست تۈزۈمگە ئۆتكەندە تەبىئەتنىڭمۇ سىنىپلار بىلەن بىرلىكتە ئۆزگەرگەنلىكىنى «تۆمۈرچىلەر بازىرى»دا يازدىم. «تۆمۈرچىلەر»نىڭ ئۈچىنچى تومىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كېتەلەيمەن، دەپ ئويلايمەن. «قىزىل لەيلەك»تە بۇ قاراشلىرىم تېخىمۇ ياخشى ئەكىس ئەتكەن. ئىنسانلار شەكىللەندۈرگەن بىر-بىرىنى يەكلەيدىغان تۈزۈم تەبىئەتنىڭمۇ كۆز يېشىغا قارىمايدۇ، تەبىئەتنىمۇ ئەينى شەكىلدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ ۋە ئۇنى يوقلۇققا، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ.

تەكىن سۆنمەز: بۇ ئەڭ ئومۇملاشقان ئىش بولۇپ قالدى…

ياشار كامال: يەر يۈزىنىڭ بىرلا ئومۇمىي نەرسىسى بار، ئۇ بولسىمۇ ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىنى ئېزىشى، ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىشى. ئادەم ئادەمگە زۇلۇم سېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىنمۇ ئومۇمىي نەرسە بولمايدۇ. يەنە بىر ئومۇمىي نەرسە، ئىنسانلار تەبىئەتنىمۇ ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. ئىچىدە ياشايدىغان، ئۆزلىرىنى بار قىلغان تەبىئەتنى پۈتۈنى بىلەن ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. تەبىئەتنى ئۆلتۈرسە نېمە بولىدۇ، بىر كۈنلەر كېلىپ بۇ تەلۋىلىكلەر ھەققىدە رومان يېزىپ قالسام چۆچۈپ كەتمەڭلار. چۈنكى تەبىئەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغان زامان ئىنساننىڭ ئىچ تەڭپۇڭلۇقى، پسىخىك تەڭپۇڭلۇقىمۇ بۇزۇلىدۇ.

تەكىن سۆنمەز: رۇخسەت قىلسىڭىز باشقا بىر تېمىغا ئۆتىمەن. جەيھۇن ئاتۇف قانسۇ سىز ئۈچۈن شۇنداق مىسرالارنى يېزىپتۇ:

«ياشار كامال تەبىئەتنىڭ سۆزلۈكى

………..

ئۆزۈڭ تەبىئەتتىنسەن، چېچەكچىدۇر ئانا تىلىڭ.

………..

قاڭقىپ بىر كۈن مىڭبۇغانىڭ تاغلىرىدىن

تۈركچىنى قارىغايدەك قىلغانمۇ سەنسەن.»

ياشار كامال: جەيھۇن ئاتۇف قانسۇ بۈيۈك شائىردۇر. بارلىق بۈيۈكلەرنىڭ ساپلىقى، بالىلىقى ئۇنىڭدىمۇ بار. ئۇ ياشلىقىمدا مەن ياخشى كۆرىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان ئاغىنىلىرىمدىن بىرسى ئىدى. مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. «ئاددىي كىشىلەر» رومانىم ئۈچۈن، مېنىڭ ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل يازمىلاردىن بىرىنى ئۇ يازغاندۇر. جەيھۇنغا ئوخشاش بۈيۈك، يۈرەكلىك، ياخشى شېئىرلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بىر ئۇستىنىڭ ماڭا بۇنداق مىسرالارنى بېغىشلىشى، مېنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىمدۇر. مۇشۇنداق بۈيۈك بىر ئۇستىنىڭ يۈرىكىدە ئورۇن ئېلىش، مېنىڭ ئۈچۈن خەلقنىڭ يۈرىكىدە ئورۇن ئېلىشتۇر. جەيھۇن ئۇستىدىن بىر سۆيگۈ چېچىكىنىڭ ماڭا سوۋغا قىلىنىشى مېنى پەخىرلەندۈرىدىغان ئىشتۇر.

تەكىن سۆنمەز: جەيھۇن ئاتۇف قانسۇنىڭ ئەسەرلىرى تولۇقى بىلەن توپلاندى، دەپ ئويلامسىز؟

ياشار كامال: جەيھۇن ئۇستا ئەسەرلىرى توپلانمىغان ئۇستا بىر داستانچى ئىدى. جەيھۇن ئاتۇف قانسۇ ھايات ۋاقتىدا ۋە دۇنيادىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ھېچبىرىمىز ئۇنىڭ ئەسىرىنى توپلاپ قويمىدۇق. توپلىيالمايتتۇق ھەم… شۇ قەدەر خەلقتىن يىراقمىزكى، جەيھۇننىڭ يېنىدا، يۈرىكىنىڭ ئىسسىقىدا يېنىدا بولالمىدۇق. بىز مۇشۇنداق خەلقتىن يىراقلاشقانچە تېخىمۇ كۆپ جەيھۇنلار نەزەردىن ساقىت بولۇپ كېتىۋېرىدۇ.

تەكىن سۆنمەز: ئاخىرىدا سوراپ باقىدىغىنىم، سەنئەتچى نېمىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تەر تۆكۈشى كېرەك، دەپ ئويلايسىز؟

ياشار كامال: بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىكى ھەقىقىي بىر ئەدەبىياتچىنىڭ، سەنئەتچىنىڭ ئۆمۈر بويى قىلىدىغان ئىشى شۇنداق بولىدۇ: بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلار مۇناسىۋىتى گويا بىر پۈتۈن ئۇرۇشتۇر، بىر دۇنيانى قۇتۇلدۇرۇش ئۇرۇشىدۇر. شۇڭا سەنئەتچى ئىنسانىيەتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى قۇتۇلدۇرۇشقا، ئىنسانىيەتنىڭ ئىنسانلىقىنى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىنسانىي تەقدىرىنى قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشىشى لازىم، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنى ئۆز قوينىدا ئەللەيلەتكەن تەبىئەتنىمۇ قۇتۇلدۇرۇشقا بار كۈچى بىلەن ئاتلىنىشى لازىم.

(تۈركچە «ھەپتىلىك نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ 1978-يىل 5-ئايلىق سانىدىن ئېلىندى)

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ