موللا زەيدىن

ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ :ﺳﯘﺯﯗﻙ(suzuk)

ﻣﻮﻟﻼ ﺯﻩﻳﺪﯨﻦ ﺧﯘﺭﺍﭘﻰ ﺋﯚﺭﭖ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﺎﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ، ﺑﯧﻴﯩﺖ ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻛﻮﻧﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭙﻠﻪﺭ ﻗﺎﺯﯨﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻣﻮﻟﻼ ﺯﻩﻳﺪﯨﻨﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﭙﺘﯘ .
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﺯﻯ ﻣﻮﻟﻼ ﺯﻩﻳﺪﯨﻨﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﺯﯨﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﭙﺘﯘ :
_ ﺳﻪﻥ ﻛﯘﻓﺮﻯ ﺳﯚﺯ- ﻧﻪﺯﻣﻪ – ﺑﯧﻴﯩﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﯨﯔ ؟
ﻣﻮﻟﻼ ﺯﻩﻳﺪﯨﻦ : ﻛﯘﻓﺮﻯ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯗﺭ ،
ﻛﯘﻓﺮﻯ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ .
ﻫﻪﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯗﺭ ،
ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ .
ﻗﺎﺯﻯ : ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯔ ﻛﯘﻓﺮﻯ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻐﯘ ؟ ﺳﻪﻥ ﻛﺎﭘﯩﺮﻣﯘ ، ﻧﯩﻤﻪ ؟
ﻣﻮﻟﻼ ﺯﻩﻳﺪﯨﻦ :
ﻣﻮﻟﻠﯩﻨﻰ ﻛﺎﭘﯩﺮ ﺩﯨﻤﯩﺴﯩﻠﻪ ،
ﻣﻮﻟﻼ ﻛﺎﭘﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﻣﺎﻥ .
ﻣﻮﻟﻠﯩﻨﻰ ﻛﺎﭘﯩﺮ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ،
ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻛﺎﭘﯩﺮﺩﯨﻦ ﻳﺎﻣﺎﻥ .
ﻗﺎﺯﻯ : ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﻟﻪﻗﻪﻡ ﻗﻮﻳﯘﺷﯘﯕﻐﺎ ﺑﺎﺋﯩﺴﻰ ﻧﯩﻤﻪ ؟
ﻣﻮﻟﻼ ﺯﻩﻳﺪﯨﻦ :
ﻣﻮﻟﻠﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ،
ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﻗﯧﺮﻯ ﻗﯧﺮﻯ ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻦ .
ﻟﻪﻗﻪﻡ ﭼﯜﺷﻪﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻐﺎ
ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﯨﻠﻪﺭ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ .
ﻗﺎﺯﻯ : ﻫﻪﻱ ، ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺗﺎﻻﻕ ، ﺳﻪﻥ ﻧﯩﻤﺎﻧﭽﻪ ﻗﻮﺷﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﯔ ؟ !
ﻣﻮﻟﻼ ﺯﻩﻳﺪﯨﻦ :
ﭼﯧﻜﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯚﺟﻪﻛﻨﯩﯔ
ﺗﯘﺧﯘﻣﻰ ﭘﺎﻻﻕ ﺑﻮﻟﯘﺭﻣﯘ ؟
ﺋﯚﻳﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ
ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺗﺎﻻﻕ ﺑﻮﻟﯘﺭﻣﯘ ؟
ﻫﻪﺭﺑﯩﺮ ﺟﺎﯞﺍﺑﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﻮﯓ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻣﻮﻟﻠﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﻗﺎﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﭼﭽﯩﻐﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯘﻣﯘ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﺎﺷﻼﭘﺘﯘ .
ﻗﺎﺯﻯ : ﺳﯧﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ، ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻼﻣﺴﻪﻥ ؟ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻫﻪﻕ ؟
ﻣﻮﻟﻼ ﺯﻩﻳﺪﯨﻦ :
ﻫﻪﻕ ﻧﺎﻫﻪﻗﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﻰ ،
ﻛﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﻻﻕ ﺋﺎﺭﯨﺴﻰ .
ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺭﺍﺳﺖ ﺩﯨﮕﻪﻥ ،
ﻫﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻨﯩﯔ ﭼﺎﻱ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﻰ …
ﻗﺎﺯﻯ: ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﺳﻘﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻟﻪﻗﻪﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﻩﻟﯩﻞ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻣﺴﻪﻥ؟
ﻣﻮﻟﻼ ﺯﻩﻳﺪﯨﻦ :
ﺩﻩﻟﯩﻞ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﺩﯗﺭ ،
ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻪﺭ ﻟﻪﻗﻪﻡ .
ﻣﻪﺭﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﺪﯨﺴﯩﻼ ،
ﻣﺎﯕﺎ ﺳﺎﻟﻤﺎﻱ ﺩﻩﺭﺕ ﺋﻪﻟﻪﻡ .
ﻗﺎﺯﻯ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﮔﻪﭘﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﺳﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﺗﺎﻛﻰ ﺳﯚﺯﻯ ﺗﯜﮔﯩﮕﯩﭽﻪ ﺷﯜﻙ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻛﯧﭙﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﭙﺘﯘ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻮﻟﻼ ﺯﻩﻳﺪﯨﻨﻤﯘ ﻗﺎﺯﯨﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯘ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ، ﻣﻪﻏﺮﯗﺭﺍﻧﻪ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺧﻪﻣﻤﻪﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭘﺘﯘ :

ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﮕﻪ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ ﯞﻩﺧﭙﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻦ ،
ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻣﻼﺭ ﺗﺎﻻﺷﯩﺪﯗﺭ ، ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ ﺋﯩﭽﻰ ﺗﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻦ .
ﺋﻪﻟﻪﻡ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﻫﺎﻛﺎﯞﯗﺭ ، ﺗﯘﺗﻤﺎﺱ ﺧﯘﺩﺍ ﻳﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻦ ،
ﻣﯘﭘﺘﻰ ﭘﻪﺗﯩﯟﺍ ﻫﻪﻗﻘﻰ ﻳﻪﭖ ﺑﯩﻠﻤﻪﺱ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻗﺎﺭﯨﻠﻐﯩﻦ ،
ﻗﺎﺭﺍﻡ ، ﭘﯩﺨﺴﯩﻖ ﻧﻪﭘﺴﯩﻜﻪﺷﻠﻪﺭ ، ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﻪ.

ﻗﺎﺭﻯ ﻳﺎﺩﺍﺭ ﻗﯘﺭﺍﻧﻨﻰ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺨﻪﯞﻩﺭ،
ﺧﺎﺗﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺭ ﺧﯘﺗﺒﯩﻨﻰ ، ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺷﺎﻫﻨﻰ ﻣﻪﺩﻫﯩﻴﻠﻪﺭ،
ﻣﻮﻟﻼ ﻛﯚﭖ ، ﺋﻪﻣﻤﺎﻡ ﺗﻮﻻ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮ ﻫﯩﻠﯩﻠﻪﺭ،
ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﭘﺴﯩﻨﻰ ﺷﻪﺭﻫﯩﻠﻪﺭ،
ﭘﯩﺘﻨﻪ ﭘﺎﺳﺎﺕ ، ﻏﻪﻳﯟﻩﺗﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﻪ .

ﻗﯩﺮﯨﻖ ﺗﺎﺷﻨﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﯩﺰﯨﭗ ﻛﺎﻫﯩﻦ ﺋﯧﻴﺘﯘﺭ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ،
ﺳﺎﻫﯩﺮ ﺋﺎﻟﯘﺭ ﺟﯘﺩﻩ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ﺩﻩﭖ ﭘﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ،
ﻫﯚﻛﻤﺎ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﭘﯩﺮﯨﺨﻮﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ ﺩﺍﭘﻨﻰ ﭼﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ،
ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ ﻻﭖ ، ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺩﺍﭖ ، ﺑﯩﻠﻤﻪﺱ ﻗﻮﻟﻰ ﺗﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ،
ﺳﯧﻬﺮﯨﮕﻪﺭﻟﯩﻚ ، ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻗﻤﺎﺱ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﻪ.

ﺋﯩﺸﺎﻥ ﻣﺎﯕﯘﺭ ﺋﺎﻳﻠﯩﺪﺍ ، ﺗﯜﺯﻩﭖ ﺳﺎﻗﺎﻝ – ﺑﯘﺭﯗﺗﻨﻰ ،
ﺳﻮﭘﯩﻼﺭ ﻣﺎﯕﯘﺭ ﭘﺎﺩﺍ ﻳﺎﯕﻠﯩﻎ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻣﯘﺭﯗﺗﻨﻰ ،
ﻏﺎﻳﯩﺐ ﺭﯨﺰﻗﻰ ﺗﺎﻣﺎﺳﯩﺪﺍ ﺷﻪﻳﯩﺨﻠﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﺭ ﺩﯗﺭﯗﺗﻨﻰ ،
ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﭖ ، ﻛﻮﻻﺭ ﻣﻪﻗﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺗﻨﻰ ،
ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺳﯜﭘﻪﺕ ، ﻫﺎﻳﯟﺍﻥ ﺳﯜﺭﻩﺕ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﻪ .

ﻗﯘﺷﻘﺎﭺ ﺋﺎﺭﺍ ﻗﯘﺭﻏﯘﻱ ﻛﻪﺑﻰ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺧﻪﻟﭙﻪﺕ ﻣﻮﻟﻠﯩﻐﺎ،
ﻧﻪﻣﺮﯗﺕ ﻫﻪﻡ ﺷﻪﺩﺩﺍﺕ ﻛﻪﺑﻰ ﺋﺎﻟﺴﺎ ﺩﻩﺭﺭﻩ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ،
ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﺘﻪ ﮔﯜﻝ ﺋﯜﻧﻪﺭﮔﻪ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﻗﯩﻠﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ،
ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻣﻼﺭ ﺳﯜﻛﯜﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ،
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻏﺮﯗ- ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﻪ.
…………………………………………………….
ﻣﻮﻟﻼ ﺯﻩﻳﺪﯨﻦ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺯﻣﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﻗﯘﭘﺘﯘ، ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺷﯜﻙ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﯕﻼﭘﺘﯘ. ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، «ﺗﻪﺗﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭙﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺶ- ﺋﯩﺸﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﭼﯩﺮﯨﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﭘﺘﯘ .
ﻣﻮﻟﻼ ﺯﻩﻳﺪﯨﻨﻨﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﭖ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﯟﺍﭘﺘﯘ . ﻗﺎﺯﻯ ، ﺋﻪﻟﻪﻡ ﻣﯘﭘﺘﻰ …. ﻻﺭ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﻮﻟﻼ ﺯﻩﻳﺪﯨﻨﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻫﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺟﺎﺯﺍ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﺎﭘﺘﯘ . ﭘﻪﻗﻪﺕ «ﻣﯘﺷﺮﯨﻚ » ، «ﺟﯩﺪﯨﺖ» ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ .

ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﺯﻩﻳﯩﺪﻯ
» ﺑﯘﻻﻕ » ﺗﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ