(ئوچېرىك)
ئىلاۋە: «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ تۇراقلىق مۇئەللىپلىرىنىڭ بىرى — ئىسمايىلجان ئىمىنوۋ. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرخىل ژانىردا يېزىلغان ئەمگەكلىرى بىلەن گېزىتخانلىرىمىزنى خۇرسەن قىلىپ كەلمەكتە. ئۆتكەن يىلى كۈزدە ئۇ ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسىغا بېرىپ، شۇ يەردە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھايات نەپىسى بىلەن تونۇشۇپ قايتقان ئىدى. تۆۋەندە بىز ئۇنىڭ ئەينى شۇ سەپەر جەريانىدا ئالغان تەسىراتلىرى ئاساسىدا يېزىلغان ماقالىسىنى دىققىتىڭلارغا ھاۋالە قىلىۋاتىمىز.
پەرغانە ۋادىسى بىلەن دىدارلىشىش
ئاپتوموبىل ئاڭرېن داۋانى ئارقىلىق ئىلگىرىلىمەكتە. ئۇنىڭ شىمال تەرىپىگە قىرغىزىستان جايلاشقان، جەنۇبىدا — تاجىكىستان. ئەنجان، نامەنگەن ۋە پەرغانە ۋىلايەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەرغانە ۋادىسىنى مەملىكەتنىڭ باشقا ئۆلكىلىرى بىلەن باغلاپ تۇرغان بۇ داۋان ئۆزبېكىستان ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئېگە. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تاغ بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئارىلاپ-ئارىلاپ دەرەخلەرنى، ئوتلاپ يۈرگەن قوي-ئۆچكىلەرنى، ئانچە چوڭ ئەمەس قىشلاقلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. يول يېڭى ياسالغان ئىكەن: تېخى يېقىندىلا ماشىنىلار ئۇنىڭدا بىرقاتاردا ئاستا مېڭىشقان بولسا، ئەمدى ئۇلار ھەر ئىككى يۆنىلىش بويىچە ئۈچ قاتارلىق يولدا «ئۇچۇپ» باراتتى. داۋاننىڭ چوققىسىغا كۆتۈرۈلگەندە، بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا تاسادىپىي ھەيران قالارلىق مەنزىرە پەيدا بولۇپ، قىشلاقلار، ئېتىزلىقلار، دەرەخلەر كۆرۈندى. بىز ئىككى ئۇزۇن توننېلدىن ئۆتتۇق.
بىز، ئۈچ دوست، نۇرمەھەممەت مەڭسۈروۋ، خەمىت ھەمراېۋ ۋە مەن، ئاپتوموبىل دېرىزىسىدىن ئەتراپقا دىققەت بىلەن زېھىن تاشلاپ، تاغنىڭ ئۇلۇغۋار چىرايلىق مەنزىرىسىدىن بەھرىلىنىپ كېتىپ بارىمىز.
ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتكە بىز تاڭ سەھەردە كەلگەن. كېلىپلا، خەلقىمىزنىڭ شانلىق پەرزەنتى، بۈيۈك ئالىم-ئەدەبىياتشۇناس ۋە شائىر مۇرات ھەمراېۋنىڭ روھىغا تەزىم قىلىش مەقسىتىدە شەھەردىكى «چاغاتاي» دەپ ئاتىلىدىغان مەركىزىي قەبرىستانلىققا باردۇق.
قەدىمىي تاشكەنت بىزنى ئۆزىنىڭ يېڭىچە ياشنىغان گۈزەللىكى بىلەن قايىل قىلدى. ئىلگىرى سېلىنغان كونا بىنالار زامانىۋى ئىمارەتلەر بىلەن شۇ قەدەر ماسلاشقانكى، بىر-بىرىنى تولۇقلاپ تۇرغان ئۇلارنى ئايرىم تەسەۋۋۇر قىلىش ھېچ مۇمكىن ئەمەستەك. ئۆزبېكىستان پايتەختىنىڭ ئاھالىسى 2،3 مىليون ئادەمدىن ئوشۇق. ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 27600ئىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىكەن.
تاشكەنتتە بىرئاز بولغاندىن كېيىن بىز پەرغانە ۋادىسىغا قاراپ يولغا چىققان ئىدۇق. مانا داۋاندىن ئۆتۈپ، ئۇ يەرگىمۇ يېتىپ كەلدۇق. ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بولسىمۇ، ۋادىدا ھاۋا رايى ئىسسىق بولۇپ، كۈزنىڭ يامغۇر-يېشىنى تېخى باشلانمىغان ئىدى. قىسقىسى، «ئالتۇن كۈز» ئادەملەرنى خۇشال قىلىۋاتاتتى. تاسادىپىي «قەشقەرگىچە 1000 كىلومېتىر» دەپ يېزىلغان يول جىيىكىدىكى كۆرسەتكۈچ تاختىغا كۆزۈم چۈشتى. ئۇنى كۆرۈپ، نېمىشقىدۇر، «بۇ يەردىكىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىم پايتەختىنى بىلىدېكەندە»، دېگەن ئوي ئۆتتى بېشىمدىن.
پەرغانە ۋادىسىغا سەپەر قىلىش توغرىلىق ئارمان مېنىڭدە ئۆتكەن يىلى، دادامنىڭ ۋەتىنى — قەشقەرگە بارغان چاغدا پەيدا بولغان ئىدى. ئۇ يەردىكىلەرمۇ ئۆزبېكىستاننى ياخشى بىلىدىكەن. كونا قەشقەردە ئەنجان دەپ ئاتىلىدىغان كوچىمۇ بولغان. ئۆز خەلقىمنىڭ تارىخىغا قانچە چۆككەنسېرى، مېنى قەشقەرىيە بىلەن قوقەنت خانلىقىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى شۇنچە قىزىقتۇردى. كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى پەرغانە ۋادىسى بىلەن باغلىنىشلىق. مېنىڭ قوچقار بوۋام، يەنى دادامنىڭ ئاپىسىنىڭ دادىسى ئەسلى ئەنجانلىق بولغان. دادام ئابدۇقادىر قارىمۇ قەشقەرنى تەرك ئەتكەندە، پەرغانە ۋادىسىغا بېرىپ، شۇ يەردە بىرئاز ۋاقىت ياشاشقا مەجبۇر بولغان. خەلقىمىزنىڭ XV — XX ئەسىرلەردىكى تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن پەقەت شىنجاڭنىڭلا تارىخىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۆتمۈشتە رېگىونال مۇستەملىكىچىگە ئەل بولغان قوقەند خانلىقى بىلەن بولغان ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنىمۇ ئۆگىنىش لازىم.
قەشقەردىن كېلىپ، مەن دوستلىرىم، ئۇزاق يىللار داۋامىدا ئۆزبېكىستاندا ياشىغان ۋە بىرنەچچە قېتىم زىيارەت قىلغانلىقى تۈپەيلى پەرغانە ۋادىسىنى ياخشى بىلىدىغان خەمىتكە، كۆپلىگەن مەملىكەتلەردە، جۈملىدىن ئۆزبېكىستاندىمۇ دوستلىرى نۇرغۇن بولغان نۇرمەھەممەتكە ئۆز ئويۇم توغرىلىق ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇشبۇ سەپىرىمىزنى ئۇيۇشتۇرۇش قارارىغا كەلگەن ئىدىم. بىز نامەنگەندىن 20 كىلومېتىر ئارىلىقتىكى «چارتاغ» ساناتورىيىسىگە ئورۇنلىشىشنى، بوش ۋاقىتلاردا بولسا، ئۆلكىدىكى كونا شەھەر ۋە يېزىلار بىلەن تونۇشۇشنى توغرا كۆردۇق.
پەقەت مېنىڭلا ئەمەس، بەلكى دوستلىرىمنىڭمۇ ئائىلىلىرىنىڭ تەقدىرى بۇ يەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، نۇرمەھەممەتنىڭ ئانا جەمەت تەرەپتىن بوۋىسى — نامەنگەندە، خەمىتنىڭ قوچقار بوۋىسى زىيا مۇشۇ تەۋەدىكى ئۇيغۇرساي قىشلىقىدا ئۇزۇن بىل ياشىغان. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئەسلى قەشقەرلىكلەر. بىز ئەجدادلىرىمىز ياشىغان شۇ يەرلەرنى كۆرۈشنى كۆڭلىمىزگە پۈكتۇق.
مانا تاشكەنت ۋە نامەنگەن ۋىلايەتلىرىنىڭ چېگراسىنى كېسىپ ئۆتتۇق. يولنىڭ ئىككى تەرىپى كەتكەنلا پاختىزارلىق. قۇرۇپ كەتكەن پاختا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ئۇچىدا بىرەن-سىرەن ئاق نۇقتىلار كۆزگە تاشلىنىدۇ.
***
ستۇدېنت ۋاقتىمدا قولۇمغا تەككەن ئاتاقلىق تىلشۇناس-ئالىم غوجەخمەت سەدۋاقاسوۋنىڭ «پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى» ناملىق كىتابىنى ئىنتايىن دىققەت قويۇپ ئوقۇپ چىققان ئىدىم. ئۇنى ھېلىھەم ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. غوجەخمەت ئاكا ئۆلكىگە 1961، 1962 ۋە 1967-يىللىرى ئۈچ قېتىم دىالېكتولوگىيالىك ئېكسپېدىتسىيە ئۇيۇشتۇرغان. ئالىم ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان كۆپلىگەن يەرلەردە بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆگەنگەن. ئاشۇ كىتاب بىز ئۈچۈن ئۆلكە بويىچە يول كۆرسەتكۈچى بولدى. بىز ئۆز ۋاقتىدا غ.سەدۋاقاسوۋ بولغان ئاھالىلەر پونكىتلارنى، قىشلاقلارنى زىيارەت قىلىش قارارىغا كەلدۇق.
بىرىدىن كېيىن بىرى جايلاشقان ئاھالىلەر پونكىتلار. ھەربىرىمىز ئۆز خىياللىرىمىز بىلەن بەند بولغان ھالدا، ئاپتوموبىل دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ كېلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز «ئۇيغۇرساي» دېگەن يېزىقنى بايقاپ قالدۇق. ئاللا تاالا ھەقىقەتەن يولىمىزنى ئوڭ قىلغان بولسا كېرەك، بىز ھېچ تېنىمەيلا، خەمىتنىڭ ئانا جەمەت قوچقار بوۋىسى زىيا ياشىغان يۇرتقا كەلدۇق. زىيا ئاقساقال بۇ مەھەللىگە 1877-يىلنىڭ دېكابىر ئېيىدا گېنېرال زو زۇڭتاڭ لەشكەرلىرى ئەلنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، قەشقەردىن كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن. شۇ يىلى تاجاۋۇزچىلار تەرىپىدىن 300 مىڭ ئۇيغۇر ئۇجۇقتۇرۇلۇپ، يۈز مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز پەرغانە ۋادىسىغا قېچىشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زىيامۇ بولۇپ، ئۇ مۇشۇ يەردە سائادەت ئىسىملىك قىزغا ئۆيلىنىپ، تۇراقلىشىپ قالغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ رىزا ۋە ئابدۇرېشىت ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بولغان. ئىككىلىسى 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قازاقىستانغا كۆچۈپ كېلىپ، خەمىتنىڭ ئانىسى باشارەت تۇغۇلغان نادېژدىنسكايا (ھازىرقى ئىشىكتە شەھىرى) ستانىسىسىغا ئورۇنلىشىدۇ.
ئۇيغۇرساي قىشلىقى ئانچە چوڭ ئەمەس، ئامما تازا، سەرەمجان مەھەللە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىككى قەۋەتلىك ئۆيلەر نۇرغۇن ئىكەن. ئاپتوموبىل بىلەن يېزا كوچىلىرىنى بىرئاز ئارىلىغاندىن كېيىن، بىز ماشىنىدىن چۈشۈپ، پىيادە ماڭدۇق. يولدا ئاپئاق كىيىنىۋالغان، كېلىشكەن مويسىپىتنى ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. ئاقساقال بىزگە بۇرۇندىن قىشلاقتا ماھىر قول ھۈنەرۋەن ۋە دېھقان بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغانلىقى توغرىلىق ئېيتىپ بەردى. ئۇيغۇرسايلىق بۇ ناتونۇش بوۋاي نېمىشقىدۇر، قەشقەردە بولغىنىمدا، كۆپ ئۇچراتقان ئۆزىنىڭ تەڭتۇشلىرىنى يادىمغا سالدى.
***
چارتاغ — ئانچە چوڭ ئەمەس شەھەر، ناھىيە مەركىزى. ئۇ كېڭەش دەۋرىدە س س س ر دىكى ئەڭ ياخشى ساناتورىيىلەرنىڭ بىرى ئورۇنلاشقانلىقى بىلەن داڭلىق ئىدى. دەم ئېلىش ئورنى ھازىرمۇ مەۋجۇت. ئۇنىڭغا ئورۇنلاشقان بىز ۋادىنى ئايلىنىپ، مۇشۇ تەۋەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشۇشنى مەقسەت قىلدۇق.
بىراۋغا سادىق دوست بولۇش ھەم ئۆزۈڭ ئۈچۈنمۇ سادىق دوستلارنى تېپىش — بۇمۇ، ئەتىمالىم، بىر قابىلىيەت بولسا كېرەك. نۇرمەھەممەتنىڭمۇ دوستلىرى ئىنتايىن نۇرغۇن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەكلا كەمتەر، ئىشەنچلىك ۋە مېھماندوست ئادەملەر. بىزنى تارازدىمۇ، چىمكەنتتىمۇ ۋە تاشكەنتتىمۇ ئۇنىڭ ئاغىنىلىرى كۈتۈۋالدى. ئەمدى مانا چارتاغدىمۇ رېستوراننىڭ خوجايىنى بولغان ئۇنىڭ ئۆزبېك دوستى رېيىمجان ئاكا قۇچاق يېيىپ قارشى ئېلىپ، مېھمان قىلماقتا. ئۇنىڭ ياش ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولسا، شەخسىي ئاپتوموبىللىرى بىلەن بىزنى توشۇپ، پۈتكۈل ۋادىنى ئارىلاپ چىقىشىمىزغا شارائىت ياراتتى.
ئانا تىلىنى ئۇنتۇماپتۇ
مەلۇمكى، بەزىبىر ۋاقەلەر ئادەملەر ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەن تېلىۋىزىيە ئىستانسى مۇخبىرى گۈلنازخان ساقىېۋا بىلەن تاسادىپىي تونۇشۇپ قالدىم. ساناتورىيىدە دەم ئېلىۋاتقان بىرنەچچە يۈز ئادەمنىڭ ئارىسىدا بۇ گۈزەل ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى. بىر قارىماققا 35 ياشتىن چوڭ ئەمەستەك كۆرۈنىدىغان ئۇنى دەم ئېلىۋاتقانلارنىڭ كۆپچىلىكى تونۇيتتى ھەم ئۇنىڭ بىلەن ئالاھىدە مەمنۇنىيەت ئىلىكىدە سالاملىشاتتى. بۇ بىزنى تەئەججۈپلەندۈردى. خەمىت ئۇنىڭ مىللىتى تاجىك بولسا كېرەك دېگەن تەخمىننى ئېيتتى. ئامما دوختۇرلۇق تەكشۈرۈشلەرگە نۆۋەت كۈتۈپ ئولتۇرغىنىمىزدا، قېشىمىزدىكى ئاياللارنىڭ بىرى ئارقىلىق بىز گۈلنازخاننىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق. بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەررۇ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر ئىكەن. گۈلنازخان بىلەن تونۇشقىنىمغا مەن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەشقەر شېۋىسىدە ئەركىن گەپ قىلىشى مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى. راستىنى ئېيتقاندا، مەن ئۇنىڭدىن بۇنى كۈتمىگەن ئىدىم. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئاممىسىدىن پىراقتا بولۇش، مىللىي مەكتەپ، گېزىت، تېاترلارنىڭ يوقلۇقى، ئاز-ئازدىن بۆلۈنۈپ كېتىش ئوخشاش بەلگىلىك سەۋەبلەرگە بولا، بۇ تەۋەدە ئۆز ئانا تىلىدا مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەملەر ئىنتايىن ئاز ئۇچرىشاتتى. ۋادىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاساسەن تومۇرداش ئۆزبېك تىلىنىڭ تەسىرى كۆپ بولغان پەرغانە شېۋىسىدە گەپ قىلاتتى. پەيدىن-پەي بۇ شېۋىمۇ يوقاپ كەتسە كېرەك. بەختكە يارىشا، مىللىي روھى ئۈستۈن بولغان ئايرىم ئائىلىلەردە ئانا تىلى ئۆز ئەينى پېتىچە ساقلىنىپتۇ. گۈلنازخاننىڭمۇ شۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئەنجاندىكى چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاماملىغان ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ۋىلايەتلىك دۆلەت تېلېكومپانىياسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ. «ئەنجان يېڭىلىقلىرى» پروگراممىسىنىڭ ئېلىپ بارغۇچىسى ئىكەن. بىز گ.ساقىېۋانىڭ پەقەت تېلېۋىزور گۈزگۈچىلا ئەمەس، شۇنداقلا ئەنجاندىكى ھۆسن گۈزەللىك دۇكانلىرىدىن بىرىنىڭ ئىگىسى سۈپىتىدىمۇ شەھەر ئاياللىرى ئارىسىدا ئىنتايىن ئاممىباب ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق.
تەبىئىيكى، مەن ئۇنىڭغا كىملىكىمىزنى، قەيەردىن ۋە نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىمىزنى ئېيتىپ بەردىم. دوستلىرىم بىلەن تونۇشتۇردۇم. ئۇ بىزنى ئۇزاق ئۈزۈلۈشتىن كېيىن كۆرۈشكەن ئاكىلىرىنىڭ ئورنىدا قوبۇل قىلدى ھەم پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى توغرىلىق كۆپلىگەن قىزىقارلىق مەلۇماتلارنى ئېيتىپ بەردى. شۇنداقلا گۈلنازخان ئەنجاندا ياشاۋاتقان ئايرىم قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى تەكلىپ قىلدى. بىز ئۇنىڭ تەكلىپىنى ئىنتايىن مەمنۇنىيەت بىلەن قوبۇل قىلدۇق. چۈنكى بىزنىڭ ئەسلى مەقسىتىمىزمۇ شۇنىڭدىن ئىبارەت ئىدى.
1934-بىلدىكى ئۇيغۇر قاچاقلىرى
بىز ئەنجان شەھىرىنىڭ ئېسكىلىك (كونا شەھەر) مەھەللىسىگە كەلدۇق. بۇ يەرگە ئۇيغۇرلار دەسلەپ XV- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا كەلگەن ئىكەن. ئامما جاھانگىر غوجىنىڭ قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندىن كېيىن خېلىلا كۆپىيىپتۇ. مەن بۇنى دادامنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇ ماڭا 20- ئەسىرنىڭ يىگىرمىنچى يىللىرىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا قەشقەرنى تاشلاپ چىققان تۇغقانلىرىمىزنىڭ مۇشۇ تەۋەدە ياشىغانلىقى توغرىلىق ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. بۇ شەھەردە 1934-يىلى داداممۇ ياشىغان. شۇڭلاشقا ئەنجان مېنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئېگە.
بىز ماشىنىدا ئېسكىلىك مەھەللىسىنى ئارىلاپ كېتىپ بارىمىز. مەن ئادەملەرگە، ئۆيلەرگە قىزىقىپ قاراۋاتىمەن. بۇ مەھەللە تۇرغۇچىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى ئۇيغۇرلار ئىكەن. ئۇلار قەشقەردىكى قېرىنداشلىرىمغا بەك ئوخشايدۇ. مەن بۇ يەردە توقال ئۆيلەرنى ئۇچراتمىساممۇ، ئۇلار كۆپ جەھەتلەردىن بەرىبىر قەشقەردىكى ئۆيلەرنى ئەسلىتەتتى: دېرىزىلىرى ھويلىغا قارىتىلغان، تاپچان، ئۈزۈم باراڭلىقى…
ئابدۇقادىر قارى ئىمىنوۋنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن
1934-يىلنىڭ ئاپرېل ئېيىدا مەن كىندىك قېنىم تامغان شەھەرنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدۇم. مېنىڭ ئاتا-ئانام ئىمىناخۇن بىلەن ساكىناخان، مەرىمساخان، ھوسماناخۇن ۋە يېڭى تۇغۇلغان تاۋاكەلاخۇن قاتارلىق قېرىنداشلىرىمنى ئېلىپ، ئانامنىڭ يۇرتىدىن ئانچە بىراق بولمىغان توقاي يېزىسىغا يوشۇرۇنىدۇ. ئۇلار ئاپئاق غوجا مەھەللىسىدىكى ئۆيىمىزنى، ئىنىم ياقۇپاخۇننى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان.
دۈشمەنلەر شەھەرنى بېسىۋالغاندىن كېيىن 12-13 ياشتىن يۇقىرى بولغان بارلىق ئەر-يىگىتلەرنى ئاتقىلى تۇردى. ئون يەتتە ياشقىمۇ تولمىغان مەن ئۇ چاغدا كۆپلىگەن تەڭتۇشلىرىم ئوخشاش شەھەر ھىمايىچىلىرىنىڭ قاتارىدا يۈرگەن ئىدىم. ئاخىرى مەنمۇ قولغا چۈشۈپ، ئوققا تۇتۇلغانلارنىڭ ئارىسىدا بولدۇم. شۇ چاغدا ئون مىڭلىغان ئادەملەر ئۇجۇقتۇرۇلدى. بىزنى پىلىموت ئوقىنىڭ ئاستىغا ئالغان ئىدى. ھېچ ئويلىمىغان يەردىن تەلىيىم ئوڭدىن كېلىپ، مەن ئامان قالدىم. ئالدىمدا تۇرغان ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى مېنىڭ ئۈستۈمگە چۈشۈپ، شۇ مېنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالدى. مەن جەسەتلەر ئاستىدا ئۇزاق ياتتىم. قاراڭغۇ چۈشكەندە سەككىز ياشلىق ئىنىم ياقۇپاخۇن قالغان ئۆيىمىزگە باردىم. ئۇنىڭغا دۈشمەنلەرنىڭ تەگمەيدىغانلىقىنى بىلگەچكە، بىرئاز سۆزلىشىپ، ئىنىمنى ئۆيدە قالدۇردۇمدە، ئۆزۈم كونا قەبرىستانلىققا بېرىپ، مۆكۈنۈپ، مازارلارنىڭ بىرىدە تۈنىدىم. ئامان قېلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى خىتاي-كېڭەش چېگراسىنى كېسىپ، س س س ر غا ئۆتۈپ كېتىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. شۇ مەقسەتتە چېگرا تامان قېچىپ ماڭغىنىمدا، ئۆزۈمگە ئوخشاش غېرىب ئادەملەرنى ئۇچراتتىم. بىز ئېگىز تاغلىق داۋان بىلەن مېڭىپ، كۆك-سۇ دەرياسى تەۋەسىدە چېگرادىن ئۆتتۇق. يول بويى مەن ئاچارچىلىقتىن ۋە سوغدىن ھالاك بولغان ئادەملەرنىڭ مېيىتلىرىنى كۆپ كۆردۈم. مەن يېڭىدىن ئۆسكەن بېدە بىلەن گۆشۈنىنىڭ كۆكىنى يەپ، جېنىمنى ئامان ئېلىپ قالدىم. مېنىڭدىن چوڭ بولغان يۇرتدىشىم ماڭا ياخشى يولداش بولدى. ئەتىيازدا تاغ سالقىن، كېچىلىرى خېلىلا سوغ بولغاچقا، بىز قوراي-چاتقاللارنى ئاستىمىزغا سېلىپ، يېتىپ يۈردۇق. يولدا ئۇچراتقان دەسلەپكى ئاھالىلەر پونكىت سوپى (ھازىرقى سوفى قورغان – ئى.ئى.) قىشلىقى بولدى. بىز بۇ يەردە قونۇپ قالدۇق. بىرئاز ئىسسىنىپ، يەرلىك تۇرغۇنلار بەرگەن نەرسىلەر بىلەن سەل قوسىغىمىزنى تويدۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئوش شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. بۇ شەھەردە مەن مىڭلىغان قەشقەرلىك قاچاقلارنى كۆردۈم. ھاكىمىيەتنىڭ بىزگە ياردەم قىلىشقا ئىقتىدارى يەتمەيتتى. ئىش تېپىش مەقسىتىدە قولۇمغا كەتمەننى ئېلىپ، بازارغا چىقساممۇ، دائىم ئىش تېپىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ شەھەردە مەن 1 ئاي 10 كۈن تۇردۇم. ئوشتا ھاياتىمدا دەسلەپكى قېتىم پويىزنى كۆرۈپ، شۇنىڭغا ئولتۇردۇم-دە، قاراسۇ ستانسىياسىگە يېتىۋالدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن مەن جالالاباد شەھىرىگە قاراپ يول تۇتتۇم. بۇ يەردىن بىزنى قاراسۇ دەرياسىنىڭ ئۈستىگە كۆرۈك سېلىش ئۈچۈن خاناباد شەھىرىگە ئەۋەتتى. ئايرىم قاچاقلار شۇ يەرلەردە قالدى. بىراق مېنى نۇرغۇنلىغان يۇرتداشلىرىم ياشاۋاتقان ئەنجان شەھىرى كۆپرەك قىزىقتۇراتتى. ئاخىرى، مەن مەزكۇر شەھەرگە كېلىپ، ئېسكىلىك مەھەللىسىگە ئورۇنلاشتىم. بۇ يەردە ياشاۋاتقان يۇرتداشلىرىمنىڭ ماڭا ياردەم قىلغۇسى كېلەتتى. ئامما ئۇلارنىڭ قولىدىن نېمە كەلسۇن؟ بىرىنچىدىن، ئۆزلىرىنىڭمۇ ئەھۋالى ئىنتايىن قىيىن ئىدى. ئىككىنچىدىن، قاچاقلارنىڭ سانى ناھايىتى نۇرغۇن ئىدى. كۆپچىلىكىمىز ئاچارچىلىقتىن ھايات-مامات ئارىسىدا قالغان ئىدۇق. مەن يەنە ھەر كۈنى ئىش ئىزدەپ، بازارغا بېرىپ يۈردۈم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە باكۇغا ئىشچىلارنى يىغىۋاتقانلىقى توغرىلىق ئېلاننى ئاڭلاپ قالدىم. بۇ چۈشىنىشلىككى، ئامان قېلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى ئىدى. شۇنداق قىلىپ، مەن باكۇدا ئىشلەش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزدۈم. شۇ چاغدا قەشقەردىن چىققان يەنە 950 يۇرتدىشىم ماڭا ئوخشاش كېلىشىم تۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. بىز يۈك پويىزىدا ئەزەربەيجانغا ئاتلاندۇق. ئىنتايىن ئۇزاق، تەخمىنەن، يىگىرمە كۈندەك ماڭدۇق. ئاخىرى تۈركمەنىستاننىڭ پورتلۇق شەھىرى كراسنوۋودسكقا كەلدۇق. ئۇ يەردىن كاسپىي دېڭىزى ئارقىلىق پاراخوتتا باكۇغا باردۇق. باكۇدىن ئۇيغۇر قاچاقلىرىنى گياندژا دېگەن يەنە بىر شەھەرگە ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە بىز نېفىتنى قايتا ئىشلەيدىغان زاۋۇتتا ئىشلەشكە باشلىدۇق. شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك نېفت بىلەن بېنزىننىڭ پۇرىقى دىماغنى ئېچىتىپ تۇراتتى. ھەتتا دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىنىمۇ قارا قۇرۇم قاپلاپ كەتكەن ئىدى. ئىنتايىن ئېغىر شارائىت ئاقىۋىتىدىن، ھايات كەچۈرۈش بەكمۇ مۈشكۈل بولدى. ئىشنىڭ ئېغىرلىقىدىن ۋە قوسىغىنىڭ تويماسلىقىدىن ئايرىم ئىشچىلار ھالاك بولۇپمۇ كەتتى. ئالتە ئاي ئىشلىگەندىن كېيىن مەن مەككىگە ياكى ئالمۇتاغۇ كېتىش قارارىغا كەلدىم. مەن بۇ شەھەر توغرىلىق قەشقەردە يۈرگەندىلا ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ ئۆز ئالدىغا ئايرىم ماۋزۇ. يەنە ئۇزاق سەرگۈزەشتلەردىن كېيىن ماڭا قازاقىستاننىڭ پايتەختىنى كۆرۈش نېسىپ بولدى.
ئەزەربەيجاندىكى 1934-يىلقى ئۇيغۇر قاچاقلىرىنىڭ تەقدىرى قانداق بولدى؟ ئۇ تەرىپى ماڭا نامەلۇم. ئامما ئويلايمەنكى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شۇ يەردە قېلىپ، ئايرىملىرى ئۆزلىرى ئارمان قىلغىنىدەك تۈركىيەگە كەتكەن بولسا كېرەك. بىراق ئاساسىي كۆپچىلىكىنىڭ ئەنجانغا قايتىپ كەلگەنلىكى ئېھتىمالدىن بىراق ئەمەس. چۈنكى بۇ شەھەردە كۆپچىلىكى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەتتى، ئۆزبېك تىلىمۇ ئۇلار ئۈچۈن يات ئەمەس ئىدى. بەختكە قارشى، شۇنىڭدىن كېيىن س س س ر دىكى دەسلەپكى ئېغىر ئايلارنى بىللە ئۆتكۈزگەن ئاشۇ تەقدىرداش قېرىنداشلىرىم بىلەن يېنىپ كۆرۈشمىدىم…
«ئەنجان» چايخانىسىدا
ئەنجان پەرغانە ۋادىسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. ئۇنى جەنۇبىي-شەرىقتە تاشكەنتتىن 260 كىلومېتىر (يول بىلەن ماڭغاندا 360 كىلومېتىر)، شىمالىي-غەرىپتە قىرغىزىستانغا ئورۇنلاشقان ئوش شەھىرىدىن بارى-يوقى 35 كىلومېتىر ئارىلىق بۆلۈپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۆزبېكىستاندىكى ئەڭ قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئارخېئولوگلارنىڭ ھېسابى بويىچە، 2015-يىلى ئۇنىڭ تەشكىل قىلىنغىنىغا 2500 بىل بولىدۇ. شەھەر تارىخىي مەلۇماتلار بويىچە 6- ئەسىردە ئاندۇكان نامى بىلەن مەلۇم بولغان. XV ئەسىردە ئۇ فېئودال دۆلەتنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. ئۇلۇغ موغۇللار دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى سالغان ۋە «بابۇرنامىنىڭ» مۇئەللىپى داڭلىق بابۇر مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلغان. 1879-يىلى گېنېرال سكوبېلېۋنىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قوقەند خانلىقى ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئەنجان رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىلكىگە ئۆتىدۇ. شەھەردە ئاپتوموبىل ياساش، گاز ۋە نېفىتنى قايتا ئىشلەش سانائىتى تەرەققىي ئەتمەكتە. ئاھالىسى 450 مىڭ ئادەم.
***
ئەتىمالىم، ئۇيغۇرلار ئىستىقامەت قىلىدىغان ھەربىر شەھەردە ياكى يېزىدا، ئەتراپىغا بارچە قېرىنداشلىرىمىزنى توپلاشقا قادىر بىر ئادەم ياشىسا كېرەك. ئەنجاندا مۇنداق رول شۆھرەت ئاكا تاشمەتوۋقا تەئەللۇق. ئۇ ئۆتمۈشتە يۈك ماشىنىسىنىڭ ھەيدىگۈچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. كەمتەر، ئىشلەمچان ۋە تەدبىركار ئىنسان. 58 ياشلىق ئۇ مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئۇنىڭ قەشقەردىن ئەنجانغا كۆچۈپ كەلگەن ئەجدادلىرى، ئۆز ۋەتىنىدىكىگە ئوخشاش بۇ يەردىمۇ ئىلقا چارۋىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. شۆھرەت ئاكا ئۆزىگە تەئەللۇق مەيدانى 1 گېكتار 15 سوتكىغا باراۋەر يەر ئۇچاستىكىسىدا، چارۋىچىلىق فېرمىسىنى تەشكىل قىپتۇ. كېيىنكى يىللاردا شەھەردە چايخانىمۇ ئاچقان ئىكەن. بىزنى شۇ يەردە قارشى ئالدى. «ئەنجان» دەپ شەھەرنىڭ نامىدا ئاتىلىدىغان بۇ چوڭ چايخانا 30 سوتكا مەيداننى ئىگىلەپ، تاپچان ۋە ياۋروپاچە ئۈستەللەر قويۇلغان كۋادرات شەكلىدىكى ئانچە چوڭ ئەمەس بۆلۈنمىلەردىن ئىبارەت ئىكەن. ئاشخانىسىمۇ ئىنتايىن كەڭ. ئوتتۇرىسىدا فونتان بولۇپ، ئەتراپىغا قىزىلقارىغاي، قارىغاي، كاشتان دەرەخلىرى ھەرخىل گۈللەر تىكىلگەن. ھويلىغا تەكشى چىنە تاختىچىلار يېيىتىلغان.
مەن بۇ يەردە چايخانىغا ئادەتتە پەقەت ئەرلەرنىڭلا كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ھەيران بولدۇم. چايخانا خوجايىنلىرى مېھمانلارنى جاي ۋە ئوزۇق-تۈلۈك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئەرلەر بولسا ئۆزئارا سۆھبەتلەشكەچ، پولۇ، قورداق، كاۋاپلارنى تەييارلايدىكەن. چايخانىدا بىزنى پولۇ بىلەن مېھمان قىلدى. ئەنجان پولۇسى ماڭا ئىنتايىن ياقتى. ئۇنى تەييارلاش ئۈچۈن ئاشپەزلەر گۈرۈچنىڭ پەقەت يەرلىك سورتى بىلەن سېرىق سەۋزىنى پايدىلىنىدىكەن. ئۇششاق گۆش پارچىلىرى قورۇۋېلىنغاندىن كېيىن پىيازنى سەل ئۆتكۈزۈپ قورۇيدىكەن. ئەڭ مۇھىمى، ئۇنىڭ ئۈچۈن پاختا ۋە قۇيرۇق مايلىرىنى قاتار پايدىلىنىدىكەن. نەتىجىدە نادىر تەمگە ئېگە قارامتۇل رەڭلىك پولۇ پىشىپ، ئۇ تەۋە تۇرغۇنلىرى ئارىسىدا ئىنتايىن ئاممىباب ئىكەن.
ئەنجاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئاخىرقى ئارتىسى
— شۆھرەت ئاكا، بىزنى بۇ قەدىم شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەر بىلەن تونۇشتۇرۇپ قويۇڭا، — دەپ ئىلتىماس قىلدىم ئۇنىڭدىن.
— ماقۇل، بىزنىڭ شەھەردە ئالىجان تاجىباېۋ دېگەن 90 ياشلىق مۆتىۋەر ياشايدۇ. ئۇ پۈتكۈل ئۆمرىنى ئېسكىلىك مەھەللىسىدە ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ بىرى. شۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ كۆرۈڭلار، — دېدى ئۇ ياق.
شۇنداق قىلىپ، بىز ئالىجان تاجىباېۋنىڭ ئۆيىگە باردۇق. ئۇ ئورۇقراق، زېھنى ئۆتكۈر ۋە خۇشخۇي بوۋاي ئىكەن. ئانا تىلىنى ياخشى ساقلاپ قاپتۇ. ئۇ گەپ قىلغاندا ئۆزبېكچە سۆزلەرنى تامامەن قوشمايتتى دېسىمۇ بولىدۇ. 9 بالىنىڭ، 17 نەۋرىنىڭ ۋە كۆپلىگەن چەۋرىلەرنىڭ ئاتىسى بولغان ئاقساقال پەرزەنتلىرىنىڭ بىرىنىڭ قولىدا تۇرۇۋېتىپتۇ. گەپ-سۆزى ئورنىدا، خاتىرىلىرى ئېنىق بولغان ئالىجان ئاكىنىڭ ھېكايىلىرىنى تىڭشاشمۇ قىزىق. بىز ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق مۇڭداشتۇق. بۇ دەقىقىلەرنىڭ مېنىڭ خاتىرەمدە ئۇزاق ساقلىنىدىغانلىقى تەبىئىي.
ئالىجان تاجىباېۋنىڭ ھېكايىلىرىدىن
مېنىڭ ئەجدادلىرىم بىراق ئۆتمۈشتە قەشقەردىن ئەنجانغا كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ۋاقتىنى ئېنىق ئېيتالمايمەن، ئەتىمالىم، XV-ئەسىر بولسا كېرەك. ئاتا-ئانامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلار قەشقەرلىك غوجىلارنىڭ ئەۋلادى بولغان ئىكەن. قەشقەرىيىدە غۇلغۇلا كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار بۇ يەردىن تارىخىي ۋەتىنىگە كۆچۈپ بېرىپ، باستۇرۇلغاندىن كېيىن قايتىپ كەپتۇ. يەتتە غوجىلار ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى ئېسكىلىك مەھەللىسىنىڭ دەسلەپكى تۇرغۇنلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز كىچىك چاغدا يۇرتىمىزدا پەقەت ئۇيغۇرچە گەپ قىلاتتى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-پىللىرىنىڭ باشلىرىدا بۇ يەردە كولخوز تەشكىل قىلىنىپ، ئۇنىڭ نامى رەسمىي «ئۇيغۇر كولخوز» دەپ ئاتالدى. ئۇنىڭدا مېنىڭ دادام تاجىباي كېرىمقۇلوۋ ئەمگەك قىلغان…
دەسلەپكى ئۇستازىم تۇرداخۇن ئاكىنى ھېچقاچان ئۇنتۇمايمەن. ئۇ ئانا دىيارىنىڭ ۋە قەشقەرىيىنىڭ تارىخىنى ئىنتايىن مۇكەممەل بىلىدىغان ئاجايىپ ئۇستاز ۋە ياخشى ئىنسان ئىدى. ئاشۇ پىراقتا قالغان بالىلىق دەۋرىمدە ئېسكىلىكتە پەقەت ئۇيغۇر مەكتەپلىرىلا پائالىيەت ئېلىپ باراتتى. ئۇستازلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئىدى. پەقەت ئوغۇللارلا ئەمەس، قىزلارمۇ ئوقۇيتتى. ئۇلار ئۈچۈن ئايال ئۇستازلار دەرس ئۆتىدىغان مەخسۇس سىنىپلار مەۋجۇت ئىدى. بىراق، نېمىشقىدۇر، ئۇرۇش يىللىرى ئۇيغۇر سىنىپلىرى يېپىلىپ كەتتى.
ئەنجاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرى ئىنتايىن داڭلىق ئىدى. كۆپلىگەن قىز-يىگىتلار ئۇنىڭدا ئىشلەشنى ئارمان قىلاتتى، مەن ئەينى شۇ تىياتىردا خىزمەت قىلىشقا مۇيەسسەر بولغان ئاز ساندىكى شەخسلەرنىڭ بىرى. ياشلىقىمدا مەن سۇمباتلىق، كېلىشكەن يىگىت بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناتتىم. ئاۋازىممۇ ياخشى ئىدى. تىياتىردا ھېيتاخۇن، غېناخۇن، ئابدۇرېشىت، روزاخۇن، كېرىماخۇن ئىسىملىك يىگىتلەر مېنىڭ بىلەن بىللە ئىشلىدى. تىياتىردا ئىشلىگەن ئارتىسلار ئۇرۇش يىللىرىدا كاپالەتكە ئېگە بولۇپ، ئۇلارنى ئۇرۇشقا ئەۋەتمەيتتى. بىز سپېكتاكللارنى ئىنتايىن ئاز سەھنىلەشتۈرەتتۇق. ئاساسەن كونسېرتلارنى قوياتتۇق. ئۇلارنى كۆرۈش ئۈچۈن پەرغانە ۋادىسىنىڭ ھەممە جايلىرىدىن تاماشىبىنلار كېلەتتى. تاماشىبىنلار ئارىسىدا پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، ئۆزبېك، قىرغىزلارمۇ بولاتتى. خالىساڭلار مەن ياشلىقىمنى ۋە ئۇيغۇر تىياتىرىنى ئېسىمگە ئېلىپ، سۆيۈملۈك ناخشام «ئاتۇشنى» ئېيتىپ بېرەي…
بوۋاي ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى ھېلىھەم جاراڭلىقتەك تۇيۇلدى ماڭا.
بىز بوۋاي بىلەن ھەم خۇشال، ھەم خاپا بولۇپ خەيرلەشتۇق. خۇشال بولغىنىمىز، بىز ئەنجان تارىخىنىڭ تىرىك شاھىتى بىلەن ئۇچراشتۇق، خاپا بولغىنىمىز، ئۇ بۇ شەھەردە ئۆز ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىپ، ئۇيغۇر تىياتىرىدا خىزمەت قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئادەملەرنىڭ بىرى ئىدى.
شۇنداق ھېس-تۇيغۇلار ئىلىكىدە بىز مۆتىۋەرنى چىڭ قۇچاقلاپ، ئۇنىڭغا سالامەتلىك ۋە ئۇزاق ئۆمۈر تىلىدۇق. ئۇ بولسا بىزگە ئامانلىق تىلەپ، دۇئا بەردى…
(داۋامى بار )