ئانامدەك
مۇتەللىپجان قاۋۇل
ماڭا كۆيۈپ يۈرگەنلەر كۆيەلمەسكەن ئانامدەك،
مىنى ئەسلا يۈرەكتىن سۆيەلمەسكەن ئانامدەك.
مەن يىغلىسام يۈرىكى پارە بولۇپ مەن ئۈچۈن،
بەخت تاپسام شاتلىنىپ كۈلەلمەسكەن ئانامدەك.
قىيامەتلىك دوستۇم دەپ ئىشەنگىنىم سىردىشىم،
سىرلىرىمنى كۆڭلىگە كۆمەلمەسكەن ئانامدەك.
سىنىڭ ئۈچۈن جېنىمدىن كىچىمەن دەپ يۈرگەنلەر،
ۋاقتى كەلسە مەن ئۈچۈن ئۆلەلمەسكەن ئانامدەك.
ئاكا ئۇكا قېرىنداش بىر بولسىمۇ قېنىمىز،
ئاغرىپ ياتسام بېشىمدا تۈنەلمەسكەن ئانامدەك.
بىر ياستۇققا باش قويغان ئايالىم ھەم بالاممۇ.
مۇشەققەتتە ۋايسىماي ئۈتەلمەسكەن ئانامدەك.
مىنى ھەريان ئۇچۇرسا بۇ ھاياتنىڭ بورانى،
ھېچكىم ماڭا ئەگىشىپ كىتەلمەسكەن ئانامدەك.
بەخىت مەندىن يىراقلاپ زىمىستانغا يۈزلەنسەم،
كىلەر بىر كۈن باھار دەپ كۈنەلمەسكەن ئانامدەك.
نەپ ئالغاندا مىنىڭدىن پەرۋانە بوپ يۈرگەنلەر،
چاڭقىغاندا ئۇسسۇزلۇق بېرەلمەسكەن ئانامدەك.
تەقدىر دىگەن باغرىتاش كۆزلىرىمنى ياشلىسا،
ئالقىنىدا يېشىمنى سۈرتەلمەسكەن ئانامدەك.
ئانا دىگەن ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان ئىكەن ئەسلىدە،
بۇ دۇنياغا قىممەتلىك مىھمان ئىكەن ئەسلىدە.
پەرزەنت ئۈچۈن يېقىلغان گۈلخان ئىكەن ئەسلىدە،
مىنى جاندىن ئەزىزرەك كۆرەلمەسكەن ئانامدەك.