باخشى

بۇ يەردە (كانتنىڭ پەلسەپىسىدە) تۇيغۇ، چۈشەنچە ۋە ئىدراك بىزنىڭ نۇقتىئىينەزەرگە ئېرىشىشىمىزدىكى ئاساسلىق ئىقتىدار سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغانۇ، تەسەۋۋۇر چۈشۈرۈپ قويۇلغان. شۇنىڭ بىلەن ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان بىر نۇقسانلىق كېلىپ چىققان. تەسەۋۋۇر بىزنىڭ روھى ماھىيىتىمىزدىكى تۆتىنچى مۇھىم ئىقتىدار. ئۇ تۇيغۇنى ئەستە قالغۇدەك شەكىلدە تولۇقلايدۇ. ئۇ چۈشەنچىنى تەجرىبە شەكلىدە دۇنيا قاراش بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئۇ ئىدراكىي نۇقتىئىينەزەر ئۈچۈن ئوبراز ئىختىرا قىلىپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. مۇبادا ئۇ بولمايدىكەن، ئىنسانلار سۈكۈتتە، جانسىز ھالەتتە تۇرغان بولاتتى. تەسەۋۋۇر ئۆزىنىڭ ئۈچ ئاچا-سىڭىل ئىقتىدارىغا مۇشۇنداق خىزمەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ ھەمشىرىلىرى تەرىپىدىن ھەقىقەت ۋە چىنلىق ساھەسىگە ئېلىپ كىرىلىدۇ. تۇيغۇ ئۇنىڭغا ئويما رەسىمدەك روشەن بەلگىلىك ئوبراز بەخش ئېتىدۇ؛ چۈشەنچە ئۇنىڭ ئىجادى كۈچىنى چەكلەپ تۇرىدۇ، ئىدراك ئۇنى پۈتۈنلەي كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىدىيىۋى نۇقتىئىينەزەر جەھەتتە ئۇنىڭغا ئاساس تىكلەيدۇكى، ئۇنى ئويۇنغا ئايلاندۇرمايدۇ. تەسەۋۋۇر تۇيغۇدىن ھالقىپ كېتىدۇ ۋە يەنە تۇيغۇ تەرىپىدىن تارتىپ كېلىنىدۇ. ۋە ھالەنكى، تەسەۋۋۇر قاناتلانسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىدراك بولغاچقا ئۇ بۇ ئەڭ ئالى رەھبەرنى ئۆزىگە مەھكەم يېپىشتۇرۇپ تۇرىدۇ… ھەممىگە سىڭىپ كىرىدىغان، ھەممىنى زىننەتلەيدىغان تەسەۋۋۇر ئۈزلۈكسىز تۈردە تۇيغۇغا ئوزۇق بولۇپ، قوبۇل قىلىنىپ تۇرۇۋېرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى بولۇۋېرىدۇ؛ ئۇ ئىدراك بىلەن بىرلىشىۋېرىدىغانلىقى ئۈچۈن قىممەتلىك بولۇۋېرىدۇ.  چېكىگە يەتكەندە ھەقىقىي شېئىر بارلىققا كېلىدۇ. يەنى ھەقىقىي پەلسەپە بارلىققا كېلىدۇ.

                                                 _«گرافىنە مارىيە باۋروفىناغا يېزىلغان مەكتۇب»تىن(1817).

تەسەۋۋۇر كۈچى پەقەت سەنئەتنىڭ، خۇسۇسەن شېئىرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ، تەسەۋۋۇر كۈچى بولۇپ، پەرق ئېتىش كۈچى بولماسلىق دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىشتۇر.
شېئىر تەبىئەت دۇنياسىدىكى خىلمۇخىل سىرلارنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئوبراز ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولىدۇ؛ پەلسەپە ئىدراكتىكى خىلمۇ خىل سىرلارنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى يېزىق ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولىدۇ.

                                        _«ئەقلىيە سۆزلەر توپلىمى»دىن.

«مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت تەجىرىبلىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ