ياش سەنئەتكار، ئەدىب راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال 1977–يىلى يەكەن ناھىيەسنىڭ خاڭدى بازىرىدا دۇنياغا كەلگەن. 1993-يىلىدىن 1994-يىلغىچە قەشقەر سەنئەت مەكتىپىنىڭ ناخشا كەسپىدە ئوقۇغان. 1994–يىلدىن 1998-يىلغىچە مەركىزى تىياتىر ئىنستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىدە ئوقۇپ، 1998-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا ئۆمەككە خىزمەتكە چۈشكەن، 2006–يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ۋە مەدەنىيەت نازارىتنىڭ تاللاپ بېكىتىشى بىلەن تاللىنىپ مەركىزى تىياتىر ئىنستىتۇتىنىڭ دراما-كىنو سىنارىيە يېزىقچىلىق فاكۇلتېتىغا ئىككى يىللىق ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت يۇرتى ئىجادىيەت- تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ كەسپىي ئىجادىيەتچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە
ساقى
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
ئۇنتۇلماس ھەسرەتكە مەھكۇم يىللارنىڭ ،
باغرىدا سوزۇلۇپ ياتقان ئارمانمەن ،
بىر خاندان ئايدىڭدىن تىلەيدۇ ئاپتاپ ،
گۈل پۇراپ چىقىلغان يالغۇز گۈلدانمەن .
ساتارنىڭ مۇڭدا بۇقۇلدىغان دىل ،
بەختىنى ئۇنتۇلۇپ تەنھا ياتىدۇ ،
خۇمىرىنىڭ ئاۋازى يىراققا تارار ،
شا مەشرەپ بۇ سۆزنى كۈيگە قاتىدۇ .
قەدەھلەر ئەكسىدە يار چىھرى زىلال ،
قازاغا رىزا دەپ كەلمەكتە زاۋال ،
قۇي ساقى تۇپراقتىن ياسىغىن قەدەھ
مەئىشەت دىگەنلەر يوقالسۇن دەرھال .
نىقاپنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ بىر ئەل ،
دىلىغا خيانەت قىلىدۇ تىلى ،
مەرىتلەرگە ئاشىغلىق بىر كەپە بولسا ،
نامەرىتنىڭ خارلىغى ئۇنىڭ ۋەتىنى
ناخشا ئىيتىش
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
يۈرەكلەر ساماغا چۈشكەن قەدەمدە ،
نەپەسلەر ئوت بۇلۇپ كۆيدۈرەر تەننى ،
تومۇردا جۇش ئۇرۇپ كۆۋەجىگەن قان ،
ئايرىيدۇ ناخشىدا دوسنى دۈشمەننى .
بەدەنلەر ئېشىقتا كۈيەر لاۋىلداپ ،
ئەڭ ئاجىز نىرىپلا تۈزىلەر تاردەك ،
مۇز دەسسەپ كۈيلەردە ئاقار ئوتۇنچى ،
زىمىستان بىلىنەر شۇڭا باھاردەك .
ئەڭ شىرىن ناخشا ئىيتىلار ئۇزاق ،
دىللار سەمىمىيەتتىن ئالسا تاھارەت ،
كۈڭۈلمۇ- ئالتۇنمۇ سىتىلار ئىكەن ،
ناخشىلار سىتىلماس ئىزدەپ ھەقىقەت .
ئىغىزدىن چىققان كۈي قۇلاققا بارار ،
يۈرەكتىن چىققىنى يۈرەكنى يارار ،
قىلىچقا باش ئەگمەس شاھى سۇلتاننى ،
بىر ناخشا ئەل قىلار مەڭگۈ قۇل قىلار .
ھەقىقەت روھىدا پارلىغاچ دائىم ،
دۈشمىنى كۆپ بۇلۇپ كەلدى تارىختىن ،
نامەرىتنىڭ باغرىغا ئۇرغاندا قىلىچ ،
قۇل ئۈزمەك بولدى دىل ئالدامچىلىقتىن .
ئەڭ پاكىز قەلىبلەر ئىيتىدۇ ناخشا ،
ئارمانلىق چۈشلەرنىڭ باياۋانىدا ،
سەنئەتكار ئاتالماق قىيندۇر قىين ،
ئەڭ تىرەن پىكىرلەر خيابانىدا ،
بۇ دۇنيا ئەسلىدە ئىشكىسز ئۆيدۈر
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
مىھىرگە ئىنتىلگەن قەلىبلەر تويماس ،
سۆيگۈنى تونۇتقان ئوتلۇق لەۋلەرگە ،
ئۈزىنىڭ پارچىلاپ ھەسرەتكە چۈمەر ،
سۆيگۈگە قانمىغان قاشى قەلەملەر .
ھىچكىشى مەنزىلنى بىلمەيدۇ تامام ،
مەجبۇردۇر يولىنى ئىتىشكە داۋام ،
دىللارغا پاتمىغان ئازاپ كەلكۈنى ،
ئايرىيدۇ ئامالسىز كۆزلەردىن تارام .
ئىزىلگەن ياپراقلار مۇزلىغان زىمىن ،
تۇمانغا ۋاقىتلىق قۇل بولغان ئاسمان ،
توڭلىغان بۇلاقلار كۆز ئاچار بىر كۈن ،
گۈللەرگە تولىدۇ باغلار بىگۈمان .
بۇ دۇنيا ئەسلىدە ئىشىكسىز ئۆيدۈر ،
كىلىپ كىتەركەن شاھ ۋە گادايلار ،
ھاياتتا ھەممىز سۇلتاندۇرمىزكى
ئۈزىنى قۇل بىلەر روھى گادايلار ،
ئۈزۈڭنى سەزگىنىڭ ئۈزۈڭگە تالىق ،
ھاتەممۇ ئۈزىگە ئىگىلەر ئىكەن ،
بىر قەۋىم ئۈزىنى قۇتقازمىغىچە ،
مەن ئىگە بولمايمەن دىگەنكەن ئىگەم
ھاراقكەش
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
قەدەھلەر چىھرىدە بۇزۇلغان چىراي ،
سۆزلەيدۇ مەڭگۈلۈك سۆيگۈ ھەققىدە ،
تىتىرىگەن ھاياجان ساماغا چۈشەر ،
ئەڭ بۇيۇك ئارمانلار سەلتەنىتىدە .
ئۈزىدىن ۋاز كىچەر ئالدامچى بەخىت ،
مۇز كەبى رىئاللىق تۇرار جىلمىيىپ ،
شەيتاننىڭ كۈيلىرى تومۇردا ئاقار ،
تەكتىدە باش تۇرار چەتكە قىڭغىيىپ .
قەسەملەر سىخىدۇر ئالتە رۇمكىدا ،
سەمىمى كۈڭۈللەر ئاچىدۇ قۇچاق ،
خۇمرىغا تەڭداشتۇر قىزلار كۈلكىسى ،
ئۇسۇلغا چۈشكىنى كىمدۇر يالاڭياق .
خوشھاللىق بەدەننى سالار لەرزىگە ،
سۈكۈتنى ئۇنتۇغان دۇنيا ئالدىدا ،
ئەقىلدىن ئاداشماق ئەڭ بۈيۈك بەخىت ،
مىڭ يىللىق سۈكۈتنىڭ ئىللىق باغرىدا
بىز ئىدۇق
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
قىلىچلار قىلىچقا تەككەن سادادىن ،
چاقنىغان ئاۋاز ھەم نۇرلار بىز ئىدۇق ،
قۇللۇقتا ھالىدىن كەتكەن مايمۇنغا ،
ھاياتلىق يولىنى بەرگەن غۇز ئىدۇق .
جاھاننىڭ تەرتىۋى بىزدە تۈزۈلگەن ،
ئەبەدى بۇزۇلماس قارار بىز ئىدۇق ،
سىپىللار سالغۇزۇپ ھەيۋىسى بىلەن
چۈشلىرى جەڭلەرگە تەييار بىز ئىدۇق ،
تاشلار ھەم بالبالدا شۆھرەت سىماسى ،
ئۇلۇغلار ئىسمىنى ئويغان بىز ئىدۇق ،
سەلتەنەت -غۇرۇرنىڭ بۈيۈك سەيناسى ،
ناۋالار بەھرىدە كۆيگەن بىز ئىدۇق .
ئىگەممۇ شۇنداق بىر ۋەدە بەرگەنكەن ،
ئاللاھقا ئەڭ يىقىن تۇرغان بىز ئىدۇق .
قوشۇنۇم تۈركتۇر جاھان تىنجىتار ،
دىگەندە لەكمىڭ جان بولغان بىز ئىدۇق .
ئەپسانە ئەمەستۇر ئىيتقانلىرىم راس ،
غۇرۇردا تارىخنى پۈتكەن بىز ئىدۇق ،
قوياشتەك پارلىغان ئۆچەر بىر كۈنى ،
نۇر چىچىپ تاڭغا زوق بەرگەن بىز ئىدۇق
دىھقان قەسىمى
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
ئالتە مو يەر ئالتە سۇلالە ،
ئۆلسەم يىتەر ئىككى مىتىر يەر ،
قەددىمنى تىك تۇتۇپ ياشىماي ،
ياش يەتمىشتە ئىچكىنىم زەھەر ،
كىتەي دەيمەن باش ئىلىپ يۇرىتتىن ،
يەرنى مىراس بەرگەنتى پەدەر .
ئالتە بالام تەلمۇرەر قىشتا ،
بۇغدايلىرىم يەتمەي يىيىشكە ،
پاختا تىرىپ ئۈزۈم يالىڭاچ ،
تاپقانلىرىم يەتمەي قەرىزگە .
شۇلدى باشلىق تاپقان تەرگەننى .
توسار يولۇم بارسام ئەرىزگە .
توڭدا كەتمەن چاپىمەن تىنماي ،
لىكىن تىزدىن ئاشمايدۇ چاپان ،
يىلدا بىر رەت مانتا كۆرمەيدۇ ،
قازناق ئۆيدە تاشلاغلىق قاسقان ،
ھەممە نەرسە بىغىدىن چىقىپ ،
ئۈزى تويۇپ يىمەيدۇ دىھقان .
ماڭا نەدە مىللەتنىڭ غىمى ،
ساق تۇرمايدۇ ئۈيۈمنىڭ تىمى ،
باي بولدى دەپ سۆزلەر تېلېۋۇزۇر ،
باي بولسام شۇ بايلىغىم قىنى ،
ئالتە بالام نان دەپ توۋلىغان ،
ئەسكى كەپە ئۇنىڭ ۋەتىنى .
ئالتە مو يەر بارىم -بىساتىم ،
يىرىم ئۈچۈن تىكىمەن جاننى ،
پۇلغا ئالماس جاندىن يەر تاتلىق ،
لازىم بولسا ساتىمەن قاننى ،
جانغا ئاگاھ بولسۇن ئەسكەرتەي
ئۆز يىرىمگە كۆز ئالايتقاننى
ۋەتىنىم – يەكەن
كۆرەشلەر كۆكسىدە قان قىيان بولغان .
مەرىتلەر ئۈچۈن باغرى كەڭرى ئاسمان بولغان ،
شان شۆھرىتى ئالەم ئارا داستان بولغان ،
بارچە يۇرىتنىڭ ئاستانىسى تاجى ۋەتەن .
سەئىدىخانغا سەلتەنەتلىك شۆھرەت بەرگەن ،
قىلىچ تۇتقان قوللىرىغا قۇۋەت بەرگەن ،
مۇغۇلىستان ئىلىگە جان- قۇدرەت بەرگەن .
پاتماس قوياش تارىخسەن ئەزىز ۋەتەن ،
ياشاپ ئۆتتى سىنى سۆيۈپ تالاي ئوغلان ،
كۈچكە تولدى قۇچاغىڭدا شىرمەت- پالۋان .
بىر كۆرمەككە ئارمان قىلدى مىڭلاپ سۇلتان ،
مۇغۇللارنىڭ ئاستانىسى ئەزىز ۋەتەن .
ھايات بولسام ئۆمىدىڭنى ئاقىلغايمەن ،
ماڭا بەرگەن ھەققىڭ – تۇزۇڭ ساقلىغايمەن ،
شۆھرەت ئۈچۈن شۆھرىتىڭنى ساتمىغايمەن ،
ماڭا غۇرۇر بىرىپ ئۆزھال قىلغان ۋەتەن .
كۆلگە سۆزلەش
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
كۆپكۆك مۇز كائىنات بىلەن رەڭ تالاشقاندا ،
سۇ يۇمشاق كۆكسىنى تۇپراققا ياققاندا ،
تىكەنلەر ئۆزىگە سۆزلەيدۇ
قۇمۇشلار نازغىنىپ ئەتراپقا باققاندا ،
ئۆزھال بۆرىدەك ھوۋلايدۇ
ۋەتەن پىنھاندا مۇزدەك قاتقاندا ،
تىكەنلەر تاپاننى چۈشىگەنچە ئاپتاپقا يەم بۇلىدۇ ،
شاماللار ئەڭ پىنھان جايلارغا ئۇزاپ كىتىدۇ ،
مۇزلار ئىرىپ كۆلگە قۇيۇلىدۇ ،
شۇ چاغدا بىر جانلىق ئۆلگەندەك تۇيۇلىدۇ ،
ھاياتلىق باشلىنار ياكى باشلانماس
يەكشەنبە كۈنى تاڭ ئاتقاندا ،
مەن گۇناھسىز ئۆلگەن بىلىقلارنى كۆردۇم ،
ئۈلۈمنىڭ كەڭ يىيىلغان ئالقانلىرىنى سەزدىم ،
ئۈلۈمنىڭ يوشۇرۇن سەزگۈسى
ئىللىق ھارارىتى
ئىنسانىيەت قۇبۇل قىلغىلى ئۇنىمايدىغان رىئاللىق
ئەتراپىمنى يۈرەر ئايلىنىپ ،
مۇز بىلەن قىرغاق
سۇ بىلەن تۇپراق
ئەسلىدىنلا ئىدى قىرىنداش
كۆلگە سۆزلىدىم
قوللىرىمدا تاش ،
كۆزلىرىم قۇرۇق
يۈرىگىمدە ياش ،
مىنىڭ تارىتقان دەردىمگە
بىلىقلار ئۈلەر
بىرىمەن بەرداش
قۇمۇشقا سۆزلەش
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
بالاغەت چىھرىگە رەڭ بەرگەن قىزدەك ،
غادىيىش بەستىڭگە بىرىدۇ سۆلەت ،
شاماللار قۇچاقلاپ ئالسا بىلىڭنى ،
بىخلىنار تومۇردا شىرىن مۇھەببەت
يىلاندەك تىنىچلىق تىلەپ باغرىڭدا ،
سوزۇلۇپ -سوزۇلۇپ ياتقۇم كىلىدۇ ،
سۇ كەبى چىرمىشىپ تال -تاللىرىڭغا ،
مەس بولغان كۆزلىرىم ئۇيقۇسىرايدۇ .
قويۇپ بەر تەبىئەت قوينىغا مىنى ،
يالىڭاچ يۈگىرەي پايخانلىرىڭدا ،
ئەركىنلىك قانلىرى ئاقسۇن تامچىلاپ ،
ئۆلسەممۇ ياشايمەن يەنە باغرىڭدا
ھاياتلىق ئوتى
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
ھەقىقەتنىڭ ئىشىگى ھىم ئىتىلگەن ،
غىرىپلىققا بەرداشلىق بىرەلمەي سويۇلۇپ چۈشكەن سۇۋاقلار
ئالىملارنىڭ ئىزى قالغان پىشقەدەم پەشتاق
قۇشسىز قەپەزدەك بوينىنى قىسقان جانلار كۈلۈمسىرەپ بارماقتا دارغا
قان رەڭلىك گۈللەر قان بىلەن قىزىرىدۇ ،
چوشقا گەندىسىدە سېسىق پۇراپ ئەمەن ئۆسىدۇ ،
سۇنۇق كۆڭۈللەر سۇنغان كۈڭۈلدىن تەسەللى تاپىدۇ ،
مەرىتلىك ۋە غۇرۇر ئۈلۈمگە قۇچاق ئاچىدۇ ،
بەخىت دىگەن نىمە ئەسلىدە
مەرىتلەر كىندىك قىنىغا قوشۇلۇپ ئانا تۇپراقتا ياتىدۇ .
ئىسيانكارلىق -سەنئەتنى شوتا قىلىپ كۆكنى قۇچماقتا .
غايە ۋە نىشان ئۇنىڭغا قىيامەتكىچە ھەمرا بۇلىدۇ
تەن كىشەنلىرىنى چىقىۋاتقان ئەسەبى سەنئەتكار ،
مۇسا پەيغەمبەرنىڭ كۆرسەتكىنىدەك
تاغلارغا نەەر سالغاچ
دەرەخنىڭ ئۇچىدا خاتىرجەم ئولتۇرغان قۇش كەبى مەغرۇرانە ناخشا ئىيتىدۇ .
قەھرىمان ئاتىلىپ ئۆلمەك نەقەدەر ئاسان –
چىدىغۇسىز رىئالىققا بەرداشلىق بىرىپ داۋاملىق ياشاشتىن ،
ئەي ۋايىز ماڭا ھىكمەت سۆزلىمە بولدى
مەن قانداق ياشاشنى ئەمەس قانداق ئۈلۈشنى ئۈگىنىۋاتىمەن
قىرغاققا ئۈزىنى ئىتىپ ئۈلىۋالغان كىتلاردىن ،
رىۋايەت ئەپسانە تۇغار زىمىننىڭ بالياتقۇسىدا
ھەر كۈنى يارىلار يىڭى ئەپسانە ،
ئەي سوپىلارنىڭ چەمى تۇپراقنى سۆيگەن كالىچى
زەردارنىڭ خالتىسىدا جىرىڭلاپ تۇرغان تىللا ،
ھاياتنى چۈشەندىم دەپ چوقان سالغۇچى سەيياھ
ئەي پاھىشە ئايالدەك ھەممە ئادەمگە كۈلۈمسىرىگەن ھوقۇق جىلۋىسى
بىزنىڭ چىقىش يولىمىز قىنى ئىيتقىنچۇ ؟
ھايات مەرغۇلى
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
دەريادەك ئۆركەشلەپ ئاققان قانلاردا ،
سەلتەنەت سىرلىرى بۇلىدۇ ئايان ،
تارىنىڭ دىل چەككەن مەغرۇر ساداسى ،
ئاپتاپتەك سۆيگۈمنى قىلىدۇ بايان .
سۆيىمەن ھاياتنىڭ ھەر مىنۇتىنى ،
ھىكمىتى مەپتۇنكار ماڭا مىھرىبان ،
يىلىكتەك ئاقىمەن مىھىرلەر ئارا ،
سۆيگۈسىز نە كىرەك ماڭا جان -جاھان .
ئارمانلار يىراقلاپ كەتكەن كۈنلەردە ،
ئۈتىمەن بوراندەك ئىزىنى بىسىپ ،
قىيالار بەستىدە ئارمان تاغلىرىم ،
ئوت بۇلۇپ يىنىشنى ئەتمەكتە نىسىپ .
ھاياتىم بەلگىسى دىلبەر ناۋالار ،
بوغۇلغان ئاۋازدا تەقدىر جەلىپكار ،
مەن سۆيگەن ئازاپتا ئۇيۇل تاش كەبى ،
مۇڭلانغان قەلبىمنى سۆزلەيدۇ ساتار .
مويسىپىت غايىگە ئەرگەشكىنىم راس ،
خىزىردەك بىر قامەت سۆزلەر ھىكايە ،
دۇنيانىڭ ئەڭ سىخى رىئاللىغىدە ،
ئالتۇن بەت پۈتمەكتە بۇلۇپ ئەپسانە .
كەل قىشىمدا ئولتۇر لىۋەنلەر
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
بۇلاقتىن ئۈگەندىم قانداق ياشاشنى ،
تاغلارغا تەڭ بىلىپ سۆيەرمەن تاشنى ،
سۈكۈت قىل دەۋاتقان ئەقىلنى يۈدۈپ ،
تۈن كەبى كۈتەرمەن تاڭدا قوياشنى .
قىيادا شاماللار ئىيتىدۇ ناخشا ،
دەردىمدىن بىخەۋەر غادىيار ئاسمان .
قىزلاردەك سۈيۈملۈك باھار گۈللىرى –
ھىدىدىن مەس بولدى قەلبىم بىگۇمان .
ئۈرۈكلەر گۈللىمەس مىنىڭ بېغىمدا ،
ھەر كۈنى شېئىرىمدا چىچەك ياسايمەن ،
ئۈزۈمگە مۇقەددەس ھەر بىر نەپەسنى ،
ئۆزگىگە سۆزلىمەي سۈيۈپ ياشايمەن ،
نە قالدى ھاياتتا قەدىرلىگىدەك ،
تاغ كەبى غۇرۇرۇم بۇلدى دەپسەندە ،
كەل قېشىمدا ئولتۇرغىن بىر دەم ،
مەندەك دەردى دەريا لىۋەنلەر ،
نەقىرات :
قۇرۇپ كىتەر بۇندا چىمەنلەر
ھالىمغا باق قاشى قەلەملەر
دەردلىرىمىز چىڭ قۇچاقلاشسۇن
كۆكسى ئوتلۇق غەمكىن سەنەملەر
بۇ زىمىندا
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
بۇ زىمىندا
كۈندە بىر رىۋايەت توقۇلىدۇ .
غازانلار چەيلەنگەن كەبى ،
مەڭگۈلۈك قىياسلارنىڭ باغرىدا قان ،
گۈگۈم دەرپەردىسىنى ئاچقان كۈنى
قەدىمقى رىمنىڭ ئەپسانىسمان رىئاللىغىدەك ،
چۈشىنىكسىز دۇرۇت ئوقۇلىدۇ
ئاشۇ رىۋايەت ئارلىغىدا بىر قانچە جان يوقۇلىدۇ .
ئېسسىق ئارماننى قۇچاقلىغان ئەر ،
ھورى چىقىپ تۇرغان ناننى بەلگە تۈگۈپ يول سۈپۈرمەكتە ،
يالغان تارىخ ئۇنتۇلدۇرغان ئۇنىڭ سەلتەنەتلىك ئۆتمۈشلىرىنى
بىز بەخىتلىك دەملەرگە قاراپ نەرە تارتىمىز .
سەھەردە باشلانغان چۈش كىچىگە ئۇلۇشۇپ ئاخىرلىشىدۇ ،
ئۇيغۇر چۆچەكلىرىگە بولغان چۈشەنچە ،
پادىچى تازنىڭ مەلىكىگە بولغان مۇھەببىتى ،
مەرگىمۇشقا ئوخشايدىغان رىئاللىق –
ئەڭ ئاخىرقى ئىمكانىيەت توخۇ قوردىقى بىلەن
ئاچچىق ھاراققا چىلانغان ھەسرەت
ئىلاجسىزلى غەپلىتىدە كۈنلەر قان يۇتىدۇ
سەۋدا
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
قىسمىتىم يۈرەككە تىققاندا پىچاق ،
ئامالسىز قان بىلەن ئاچىمەن قۇچاق ،
تەقدىرىم زورلىغان زەھەرنى يۇتۇپ ،
ئۈلۈمنى كۈتىمەن ئۇزاقتىن ئۇزاق .
غىرىپلىق ئىلكىدە مۇھەببەت بىلەن ،
ئەتراپقا قارايمەن كۆزلىرىم مىسكىن ،
يىنىمدا ھىچكىم يوق جىنىمدىن بۈلەك ،
ئىنسان يوق ئۈزۈمدەك ئۈزۈمگە يىقىن .
ھىچكىمدىن ھىچنىمە كۈتمىدىم مەغرۇر ،
مۇشاقەت كەلگەندە ئۈزۈم پاسىبان ،
يامغۇرغا تىك تۇرغان باشلىرىم كۆكتە ،
ئۈزىگە بۇلىدۇ ئۈزىلا قالقان .
ئۆلپەتلەر شىرەدە مەي بىلەن تۇققان ،
يۈرىگى تونىماس ھەرگىز ئۆزھالنى ،
كۈيلىرىم ھاجىتى تاماققا يانداش ،
ھىچكىمگە ئارىتمايمەن دەردىم-غىمىمنى .
بىر ئىنسان ھاجەتكار بولسا ئالدىمدا ،
پۇت قېلىپ بىشىمدا قىلاي خىزمىتىم ،
نامەرىتلەر ئاڭلىغىن بۇ بۈيۈك جاكار ،
ئىنسانلىق قېممىتىم كەڭرى ھىممىتىم
ھاۋاغا ئايلىنىپ كىتىمەن چوقۇم
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
باھارىم قار بىلەن سۇغۇق رەڭ ئالدى ،
شىۋىرغان ھوۋلىسا باھار ئاتالدى ،
قارلىغاچ چەكمىدى دەرىزەمنى ھىچ .
باھارغا تەلمۈرگەن كۈزلىرىم تالدى .
قىرانىم بىتىدە قالمىدى ئىزلار ،
ھەر كۈنۈم ھەسرىتى ئىچىدۇ زەھەر ،
كۆزلىرىم قالمىدى دۈشمەن بولمىغان ،
يۈرىگىم قورشاۋدىن بىرىدۇ خەۋەر ،
بىراۋغا كىرەكمەس پەندى -نەسھەت
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
قانچىلىك ئادەم سەن ئۈزۈڭنى قويۇپ ،
ئۆزگىگە قۇربانلىق بەرمەكچى بولغان ،
ئاناڭنى -بالاڭنى -غىمىڭنى قويۇپ ،
خىزىردەك غىرىپقا چۆلدە ئۇچىرىغان ،
ئۈزۈڭگە ئىشىنىپ ياشايسەن ئەمما ،
ئۆزگىدە يوقمىدۇ ئەقىل سەندىكى
سىنى ھەم باشقىنى ياراتقان ئاللاھ ،
جىق بەردىم ئەقىل دەپ كەلدىمۇ ۋەھى .
نام دىسە ئالدىدا يۈگۈرگىنىڭ راس ،
نەپ دىسە ئىتلىقنى قىلىسەن قىياس ،
ئۆلگە بول كاپىلداپ قالغىنىڭ بىكار ،
سۆز بىلەن يىتىلمەس ئىمان ۋە ئىخلاس .
ئىنساننىڭ قىنىدا ياشار ئىزگۈلۈك ،
لەنەتكە قالغايمەن دىمەيدۇ ھىچكىم ،
ئاۋازى بەك چىقسا ئىلىمى ئۈستۈن دەپ ،
ئىشەككە ئەرگىشىپ يۈرمەس ئەپەندىم .
ياراتقان ئىگەمنىڭ ھىكمىتى ئۇلۇغ ،
ئۇنىڭغا ئاياندۇر تەقدىرى قىسمەت ،
ئىمانلىق شەيتاننى يىڭىپ ياشايدۇ ،
كىرەكمەس ئۇنىڭغا پەندى نەسىھەت .
شىۋىتلار ئىنجىلنى كۆتۈرۈپ يۇرۇپ ،
قانچىلىك ئۇيغۇرنى ئازدۇرۇپ كەتتى ؟
قايغۇرما ياراتقام ئاللا ئىگەم بار ،
دۆتلۈكنىڭ خەنجىرى يۈرەككە يەتتى .
ئۈستىدە ئىگىمىز بىلەر ھەممىنى ،
بەس بولدى چاچراتما تۈكۈرۈكلىرىڭ ،
ئاڭلاشقا تاقەت يوق پۇتلار سەپەردە ،
قاراپ باق ئۈزۈڭگە ئادەممۇ يۈزۈڭ
يىڭى كۈن
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
قوياش ھارارىتىدە ئويغانغان جانلار ،
ئۈزىنى قۇچاقلاپ دەيدۇ ئەسسالام .
ھاياتنى ئۈزىدەك سۆيگەن جانانلار ،
بىلدۇرەر چىھرىگە چەكسىز ئىھتىرام .
يوقالسۇن دىلىڭدىن ئەي ئاجىز ئىنسان ،
تۈنۈگۈن سوۋغىسى غەشلىك ئەلەملەر ،
يىڭى كۈن باشلاندى دىللار يۇيۇنسۇن
مىھىرلىك سۆيگۈدە قاشى قەلەملەر .
ھاياتنى باغ دىسەڭ گۈللەر پۇرايدۇ ،
گۈل دىگەن يۈرەكنى ياشناتقان پۇراق .
ئازاپ دەپ دەردىڭگە چۆكسەڭ كېچىچە ،
قوياشلىق سامادىن زىندان ياخشىراق .
ئاشىغلىق دەرىت ئەلەم پىغان كەلگۈلۈك ،
ئامەتتۇر چىڭ سۈيۈپ قوچاقلا ئۇنى ،
ياشاشنى بىلمىگەن غاپىل ناداننىڭ ،
ھەسرەتتە تىنىمسىز تۆكۈلەر يىشى .
ھايات ۋە سۆيگۈگە قۇربانلىق بەرمەي
بەخىتكە ئىرىشىش قانداق پەلسەپە ؟
بىر ئىنسان سۆيگۈنىڭ ئوتىدا يانماي
ياشاشمۇ ھاياتمۇ ئىيتقىن ئايبىكە ؟
دەرىت ئازاپ خۇشاللىق بىزگە غەنىمەت ،
كۈيىۋال ، سۈيىۋال ، ئوتتەك يىنىۋال ،
يۈز ئۆرۈپ ياشلىغىڭ كىتىشتىن ئاۋال .
سۆيگۈگە يىغلىۋال ، راسا قىنىۋال .
بەخىتنىڭ بىكىتى
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
سەلتەنەت سىماسى ئەمەستۇر بەلكىم ،
ھاجەتسىز ئۇنىڭغا پادىشاھ بۇلۇش ،
چوپاننىڭ كۆڭلىدە گۈلدەك ئىچىلار ،
نەي قىلىپ توغرالغان بىر غىرىچ قۇمۇش .
يالتىراق شۆھرەتلەر رەڭ بىرەلمەس ھەم ،
ھەشەمەت ھەيۋىتى كىرەكمەس ئەسلا ،
شاھزادە كۆزىگە جىندەك كۆرۈنۈپ ،
كۆيگەنلەر ئازمىدى جاڭگالدا تازغا .
ئاپتاپتەك مىھىرلەر دەريادۇر گويا ،
كۈڭۈلگە لىق كىلىپ قىيان ياسىغان ،
قۇشلارنىڭ مىننەتسىز خەندان ئۇرۇشى
ئاشىققا ئەڭ تاتلىق باھانە بولغان .
ئاشىقلار ھۆرلۈككە مۇھتاج شۇنچىلىك ،
تاج ئەمەس خۇشپۇراق گۈل بولسىلا بەس ،
ھەيۋەتلىك ئوردىلار قۇللۇقتىن نىشان ،
ساتمىدا ئەڭ شىرىن تەڭ ئالغان نەپەس .
گۆزەللىك بالاغەت چىرايدا تۇرسا ،
ھاجەتمۇ ئالتۇنغا مۇراجەت قىلىش ،
بارماقلار سۇمبۇلدەك ئۇز لىۋەن تۇرسا ،
كىرەكمۇ تىللاغا ئىلىپ -سىتىلىش .
قۇناغلىق ئاشىققا باغرىنى ئاچار ،
بۇغدايلار ئۇلارنىڭ ئەيپىنى ياپار ،
زىمىننى سىلىنچا قىلغان ئاشىقلار ،
تاش ياستۇق ھەققىدە قوشاقلار قاتار .
ئىت تۇرماس جەزىرە ئاشىق ئوردىسى ،
باياۋان قۇملۇقلار مۇڭلۇق تەرەھھۇم ،
راھەتنىڭ مىھرىگە سىتىلغان جانلار،
باي بۇلار سۆيگۈدىن ئەبەدى مەھرۇم .
بايلىق ھەم ھەشەمەت بەخىت بىرەلمەس ،
ئۆزىدىن ۋاز كەچكەن مەجنۇن -غىرىپقا ،
ئاسمانمۇ چىقىلىپ كىتەرمۇ چۇل-چۇل .
لەيلى بىر داچىغا ئۈزىنى ساتسا .
مۇھەببەت ئىنسانغا ئەڭ ئۇلۇغ تەلەپ ،
ئارتۇغى ئاشىقنىڭ بىشىنى يارار ،
سۆيگۈدىن ۋاز كىچىپ دۇنيا ئىزدىگەن ،
دۇنيادىن قۇتۇلۇپ سۆيگۈگە بارار .
سازەندە
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
يىنىك بىر تاۋۇشتىن ئايلىنىپ ئوتقا ،
يۈرەكنى تەۋرىتەر ئىكەن قوللىرىڭ ،
بارماقلار سۆزلەيدۇ جەلىپكار ھىكمەت ،
گۈل كەبى قىزىررار شۇ دەم چۆللىرىڭ .
چالىغىنە سازەندەم ئارام ئالايمەن ،
مۇڭلىرىڭ تەكىتىكە چۆكۈپ بىر مەرتەم ،
غىرىپقا ئايلىنىپ جاھان كىزەيمەن ،
ئوتۇمدا گۈل كەبى ئېچىلسۇن سەنەم .
شاھ مەشرەپ چۆللىرى تۇتىيا بولسۇن ،
كۈيلەرنىڭ باغرىدا ئاققان ئاشىققا ،
ناۋايى باغلىرى باغرىغا ئالسۇن ،
قاقاس بىر كۈڭۈلگە ئۈنگەندە گىيا .
فارابى پەنجىسى ئوۋلىغان كۆكنى ،
پىغانغا گىرىپتار قىلما سەنمۇ ھەم ،
تاشۋاينىڭ تارىغا ھەغدا جىنىمنى ،
تەبىئەت باغرىغا ئالماسمۇ ئەركەم .
بىزارمەن دۇنيانىڭ مەئىشىتىدىن ،
توپىغا ئايلىنار تىنىم يايرىسۇن ،
چال قىنى سازەندە كۆزۈڭنى يۇمۇپ ،
ئۇندا دەرىت كۈڭلۈمدىن ئايرىلار بولسۇن .
خاك ئارا بۇلاقتەك تەلمۈرگەن كۆزۈم ،
شەبنەمگە ئۈگىتەر قانداق ياشاشنى ،
سەنئەتسىز ھاياتنىڭ بارلىغى زۇلۇم ،
ئۇنتۇسۇن كۆزلىرىم يىغلاشنى-ياشنى .
ئاتام ۋە كەتمەن
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
پەسىللەر تومۇرغا بەرگەن ھارارەت ،
دىھقاننىڭ چىھرىدە بۇلىدۇ ئايان ،
ئەسىرلىك مۇشاقەت رىۋايىتىنى ،
قاپارغان ئالقانلار قىلىدۇ بايان .
چۆللەرنى تىلغىغان ئاتام قوللىرى ،
گۈل بىرەر ھەر ماڭغان قەدەملىرىمگە ،
ھالال تەر روھىمغا بەرگەچكە مەدەت ،
باللىق غايىلەر قالدى بىر پەستە .
ئۇرۇقلار بىخ تارتىپ كۆرۈنسە ئانام ،
قارچۇقتەك ئاسرايدۇ ھەر تىلىنى ،
ھوسۇلنىڭ بەركىتى خاماندا سۆزلەر ،
بىر قاراپ بىلەر ئەر ئىشچانلىغىنى .
دان غۇرۇر نان تۇزدۇر ئىماندا پۈتكەن ،
ئوخشىماس شۇڭلاشقا ئۇيغۇرنىڭ نىنى ،
تۈگىمەس مۇشاقەت ئاتامنى ئەككەن ،
سورىما ئۇنىڭ دەردى غىمىنى .
بوۋامدىن قالغىنى كەتمەن ئىكەنتۇق ،
قالمىغان تاج-تەخىت ۋە ياكى قىلىچ .
ئۇ ماڭا يادىكار قىلىدۇ چوقۇم .
كەتمەن بار بىر ئۆمۈر ياشايمەن تىنىچ .
ھالال تەر جاپانىڭ ئەلچىسى بۇلۇپ ،
تۇرىدۇ ئاپتاپتا قىزىغان كەتمەن ،
شاھ دىسەم ئاتامنى شاھلاغا ئوخشاش ،
يوق لىكىن ئۇنىڭدەك ماغدۇرسىزدەرتمەن .
ئىپتىخار ئىلكىدە قالارمەن بەزەن .
دادامنىڭ ئاق كۆڭۈل دىھقانلىقىغا ،
ئۆزگىنى شىلىپ يەپ كەلگەن شاھلارنىڭ .
شاھلىغى تەڭ ئەمەس چىمچىلىقىغا .
تەر تۆكۈپ ھالال يەپ ياشىماق ھۇزۇر ،
ئەجىرىدە رۇياپقا چىققان بىر دەل دان ،
ھىچكىمنىڭ ھەقىقىگە قولىنى سوزماي ،
ياشايدۇ دادام بار سۇلتانغا سۇلتان .
ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزىم
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
سەبىلىك بىزىدۈ ئۆزىدىن ئۆزى
يوقۈلار يۈمرانلىق ئىنسان چھرىدىن
شەمشاتتەك ياشنايدۈ دىللار مىھىردىن
ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزىم
قايغۈلار بولسىمۈ ساڭا ھۈكۈمران
بىشىڭدا شۈم ھۈقۈش سۈرسىمۈ دەۋران
كۈلۈپ باق ھەممىگە ۋاقىتلىق جاھان
ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزىم.
بەخىت ۋە قايغۈنىڭ پەرقى قانچىلىك ؟
قالمىسۈن كۈڭلۈڭدە ئارمان قىلچىلىك
كۆزۈڭنى ياشلىغان پىغان قانچىلىك؟
ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزىم
ھاياتنىڭ ھەر پەسلى رەڭگى ئۆزگىچە
ھۈزۈرى لەززەتنىڭ تەمى ئۆزگىچە
خۈشاللىق ھەم دەرىتمۈ ئەمەس ئۈلگىچە
ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزىم
ياشلىقنىڭ ئازابى زوقى باشقىچە
ئىنتىلەر ئۈنىڭغا قىرى ياشقىچە
تىگىدۈ بىشىڭغا گۈلدىن تاشقىچە
ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزەم
ھەر تىنىق ھەر نەپەس پۈرسەت غەنىمەت
ھەر بىر كۈن يىڭىلىق ئىچىرە مىڭ ھىكمەت
رەزىللىك يىغلايمىش ئىزدەپ ھەقىقەت
ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزىم
سۈيگەنگە سۈيۈلگىن پىدا قىلىپ جان
يۈرەكنى لەختە قان قىلار پۈشايمان
ئەڭ ئاددى ياشاشمۈ ئەمەستۈر ئاسان
ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزە
چىھرىڭنى ئازاپلار كەتمسۈن يالماپ
زۈلمەتنىڭ كەينىدە يۈرۈغلۈق ئاپتاپ
ئۆز ھالنىڭ سالامى ئىزگۈ بىر خىتاپ
ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزىم
كىچىنىڭ چوقۈمكى گۈزەل تىڭى بار
ھىس قىلغان شاتلىقنىڭ يەنە تىڭى بار
ھاياتنىڭ تۈگىمەس دەردى غىمى بار
ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزەم
دەقىقە ئىچرە مىڭ ئۆزگىرىش خىيال
ئالدىسا سۈيگەن يار قالساڭ بىئامال
لىۋىڭگە سۈيدۈ تاڭ سەھەر شامال
ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزىم
بىلسەن دۈنيانىڭ سەۋدالىرى كۆپ
ئىنسانغا خاس ئەمەس غەۋغالىرى كۆپ
ھاياتتا شاتلىق غەم قايتلنار كۆپ
ھاياتنى ئارمانسىز ياشا ئەزىزىم.
ئالتۇن ئارغامچا
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
ھاياتىم دانىلىرى ھىسسى بايانلار ،
تارىمغا نىكاھلاپ ئەمرىگە ئالغان ،
شەيتان سۈرەتلەرنىڭ ئاھىغا لەنەت ،
بىر كۈيمەن مەشرەبىم چۆللەردە چالغان ،
تىۋىشلار چەكسىزدۇر تاڭلىرىدا گۈل ،
ھىدىدىن يۈرەكلەر تالجىقىپ ھارغان ،
تەقدىرنىڭ دۇتاردەك پەدىسى ئارا ،
ئەركىمنى كۆكسىگە مەھكەم باغلىغان .
ۋەتەن دەپ ئاۋازى پۈتكەن پەيغەمبەر ،
تەختىدە ۋەتەن دەپ جان ئۈزدى بابۇر ،
ئۆزھالنىڭ دەردىنى سورىدى كىملەر ؟
غىرىپلىق پىكىرىدە ئۆتتۇم بىر ئۆمۈر .
كۈيلەردە مەن بىلەن ئاقالايدۇ كىم ؟
ئاشىغلىق تونىنى كىيسەم ياراشتى ،
ۋەتەننىڭ ئاغرىقى بۇيۈك بىر كىسەل ،
ئۇ گۇيا بوينۇمنى بوغقان ئارغامچى .
پىچاق چاقىلىغۇچى بوۋاي
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
يوللاردا ۋىلىسپىت يىتىلەپ يۈرەر ،
كۆزلىرى ياشاڭغىراپ تۇرغان بىر بوۋاي
بىلەي تاش نىمە ئۇ بىلەش دىگەنچۇ ؟
جاۋاپ يوق ئەرلەردىن سۇئاللار تالاي .
ئاياللار قاخشايدۇ پىچاقلىرى گال ،
بوۋاينى كۆرگەندە ئويغىنار شەھەر ،
قىلىچنى تاشلارغا بىلەپ جەڭ كۆرگەن
بىر ئەرنى چۈشەيدۇ ئاياللار سەھەر .
ئۇچقۇنلار ياللداپ ئۇچار ئەتراپقا ،
ئەسلىتىپ ئەركەكنىڭ نەرىلىرىنى ،
جەڭگاھسىز تاغلاردا ھوقۇش ھوۋلايدۇ ،
چۈشىنەر كىم بوۋاي تىلەكلىرىنى .
پۇل تاپماق ئەمەستۇر ئۇنىڭ نىيىتى ،
داتلاشقان دىللارغا ياغدۇرار ھىكمەت ،
ئاي يىللاپ قوغۇنمۇ پىچىپ باقمىغان .
ئەرلەرگە ئىچ ئاغرىپ قىلىدۇ خىزمەت .
بىلسەڭ ئۇ ياشلىقتا جەڭگاھقا كىرىپ ،
جەڭ قىلغان ئىز سىلىپ قۇرام تاشلارغا ،
تاش بەرگەن ئەركەكلىك غۇرۇر ئىتىقاد ،
باغلاپتۇ ھاياتنى چاقچى بۇلۇشقا .
ئايلار مەجلىسى
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
ناۋا پىرگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى سىڭلىم رامىلە ھۈسەننىڭ تويىغا بېغىشلايمەن
دىڭىزلار سەلكىنى جىمجىت ئۇھ تارتىپ ،
تاشلارغا باش قويۇپ ئالغاندا ئارام ،
ئالەممۇ ئۇنۇتۇپ مەۋجۇتلىغىنى ،
شاۋقۇنسىز سۈكۈتتە تاپار دىلئارام .
ئەسلىدىن ئاي بارمۇ دىدى بىر يىگىت ،
داڭقېتىپ ئايلارغا ئەيلەپ تەسەددۇق ،
ئاي غىرىپ كۈلپەتتە يۈرەر ئاسماندا ،
زىمىندا ئاي بىلەن بەزمىلەر قۇردۇق .
گۈل چىنىپ سولاشتى ئۇلار چىھرىدىن ،
سۇ ئىچتى كۆرگەن كۆز ئوتتەك مىھردىن،
قۇت بولسۇن دىدى ئەڭ ئېسىل ئەتىرلەر ،
مەس بۇلۇپ ئايلارنىڭ قىزلىق ھىدىدىن .
مەرھابا ئەي گۈزەل ئايلار مەجلىسى ،
ئەرلىككە قانمىغان ئەي بەستى شەمشەر ،
قۇت بولسۇن تويۇڭغا ئاي چىھىر سىڭلىم ،
شېئىرىمدا تويۇڭغا چاچاي زەر-گۈھەر .
يامان بۇلۇشنى ئويلىساڭ ئەگەر
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
ياخشلىق كۈتەر سەندىن ئادەملەر ،
بىھۇدە ئۆمىت تامالار بىلەن ،
ياخشلىق قىلساڭ ياخشى بۇلالماي ،
تاپىسەن ئۈزۈڭگە يىڭى بىر دۈشمەن .
ھەققىم بار دەپ ئويلايدۇ ئۇلار ،
قول بىرىشكەن ھەممە ئادەمنى ،
ئەگەر قولدىن كەلمىسە ھىچ ئىش
ئىيتقىن كىملەر ئىزدەيدۇ سىنى ؟
ياخشى بۇلۇپ كۆرۇنمەك ئۈچۈن ،
قارا يۈزىگە تارتىدۇ نىقاپ ،
بىرەلمىسەڭ سەندىن كۈتكەننى ،
ئىتقا ئوخشاش پايلايدۇ قاۋاپ .
ئادەم بولسا تىلەر خۇدادىن ،
بەنىدىلەردە يوقتۇر ھىچنىمە ،
نامازىنىمۇ ئوقىماي يۈرەر ،
تىلەپ-تىلەپ خۇدا بەرمىسە .
نەپ ئۈچۈنلا ياشىغان بىر جان ،
ماختار سىنى كۆككە كۆتۈرۈپ ،
سەندە يوقنى بار قىلىپ ماختاپ .
يەنە دەرھال يۈرەر ئۆچۈرۈپ .
يۈز ئۆرۈيدۇ سەندىن شۇ ھامان ،
تەگمەي قالسا سەندىن بىرەر نەپ ،
تىللاپ يۈرەر كوچا كويلاردا ،
قوي پېخسىق ئۇ ناچار نىمە دەپ .
مىھمان قىلساڭ ھەقلىقتى دەيدۇ ،
ئالدىڭدىكى بارىڭنى يەيدۇ ،
يىنىڭ بىر كۈن بۇلۇپ قالسا بوش ،
ئەسلى بۇ گۇي نامەرىتتى دەيدۇ .
يامان بولغىن تاماخور ئۈچۈن ،
قەلبى سەزمەس نىمە ياخشىلىق ،
تاشلىۋەتسەڭ ئەسكى چاپاندەك ،
قىلالمايدۇ ساڭا بەد قىلىق .
ئۈرۈمچى قەپەزدۇر خالاپ كىرىسەن
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
ئۈرۈمچى قەپەزدۇر باغرىدا بوستان ،
قۇل سەنكى ھەممىسى كۆرىنەر سۇلتان ،
كۈندۈزى كۆزۈڭنىڭ يىغىنى يىگەن ،
گۈزەللەر ئالۋۇندۇر كەيمىگەن ئىشتان .
كەڭ دەيسەن باغرىنى دەسلەپ كۆرگەندە ،
دۆڭكۈۋرۇك ئۇيغۇرغا تەئەللۇق ماكان ،
تۇڭىسەن يازدىمۇ غىرىپلىق بىلەن ،
تەپتىنى بەرمەيدۇ سەن كۆرگەن گۈلخان .
بىر شەھەر ساڭا خاس بىلىنەر بەزەن ،
كۆرىنەر قىرىنداش كۆزگە بارچە جان ،
ئىشەنسەڭ ئالدايدۇ ھاۋاسى ھەتتا ،
ئىنسان يوق بۇ يەرنىڭ تىلىنى ئۇققان ،
ئالدىرماي سىڭىشىپ قالىسەن تىخى ،
ئىپتىخار قەلبىڭدە تۇغىدۇ چولپان ،
مىڭ غەمنى يەلكەڭگە ئالىسەن تۇيماي ،
ئىككى پۇت بىر ئۆتۈكتە كىچەر قان-قىيان .
قارىساڭ ئادالەت ھىممەت بۇ يەردە ،
بىلمەيسەن نىمىلەر كۆڭلۈڭنى ئۇتقان ،
ئادەملىك ئابرۇيۇڭ قىممەت بۇ يەردە ،
مۇساپىر ھەم يەرلىك گۈلسايدا تۇققان .
تۇزى بەك ئىغىردۇر ياشىغان بىلەر ،
كىلىش بار كىتىش يوق بولما بىگۇمان ،
چىقىلار بىنالار يەنە سىلىنار ،
ئۈلىسەن ياشاشقا تاپالماي ئىمكان .
ئاتا دىسەم
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
ئاتا دىسەم دىلدا ئىپتىخار ،
تاغلار سۈكۈت بىلەن قارايدى ،
كائىناتنى گۈلگە پۈركىگەن ،
ھىممىتىدىن ئالەم سۈيۈندى .
ۋەتەن ئۈچۈن جەڭگاھلار ئارا ،
غۇرۇرىغا شاھ سۇلتان ئىدى ،
مۇشاقەتكە بەرداشلىق بىرىپ ،
ياشاپ ئۆتكەن بىر دىھقان ئىدى .
قارچۇغىدەك ئاسراپ بىزلەرنى ،
كۆز نۇرىدىن ئايرىلغان ئاتام ،
ئەر قىلىمەن پەرزەنتىمنى دەپ ،
توغراق كەبى تىك تۇرغان ئاتام .
چىداپ ئۆتتى ئۇشبۇ ھاياتنىڭ ،
تاغدەك ئىغىر جەۋرىلىرىگە ،
ئۇدۇم بۇلۇپ قالدى ئاتامنىڭ ،
سۇنماس روھى نەۋرىلىرىگە .
قەدىرلىكسىز مەن ئۈچۈن ئاتا ،
ساھىپخانسىز قەلبىم تۆرىدە ،
سىز ھاياتسىز باغرىڭىز دەريا ،
چولپانىم سىز قەلبىم كۆكىدە
دادام دۇتار چالاتتى
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
دادام دۇتار چالاتتى زىرىكىشتىن ئىزىلگەندە ،
تۈگىمەس ئىتىزنىڭ ئىشلىرى ئېشىپ قىلىپ ،
قوياش پاتقاندا ،
يىگىرمە يىل بۇرۇن مەن ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان ،
دۇتاردىن بىرنى سوۋغا قىلىمەن دەپ ،
ئاشۇ ئارلىقتا نۇرغۇن ئادەملەرگە ۋەدە بىرىپ
ئەمەل قىلدىم يۈزۈمنى ئاياپ
بىراق دادامغا سوۋغا قىلىپ باقمىدىم دۇتار ،
بىچارە دادام ئۇنتۇپ بۈگۈن دۇتار چىلىشنى
كەتمەن بىلەن ئىتىزدا باھار
دادام بەرگەن غۇرۇر بىلەن ياشىدىم
ئۇ ئۆستۈرگەن گۈللەرنى قىزلارغا سوۋغا قىلدىم
دادامغا بەرگەن ۋەدەمدىن باشقا
ھەممە ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم
بىراق
بۈگۈن ئاتىلار بايرىمى يادىمغا يىتىپ
ئەينەككە قارىدىم قاپقارا يۈزۈم
ھەشەمەت ئۈچۈن بارلىقنى چېچىپ
دوسلۇق ئۈچۈن قۇربانلىك بىرىپ
ياشاپ كەلدىم پو ئېتىپ
دادامغا توققان بۇلالمىدىم
دوس بۇلالمىدىم
لەۋزىمدە تۇرالمىدىم
دىگىنىمنى قىللمىدىم
لىكىن دادام تاماسىز كۆزلىرى بىلەن
ماڭا قاراپ قويار جىم
دادا ، مىڭلاپ پۇلغا ساتتىم مىڭ دۇتار ،
ۋەدەم تۇرار يۈزلىرى قارا ،
ساڭا دۇتار تاللايمەن بۈگۈن
ئىشتىن ھىرىپ كۆڭۈل ئېچىشقا
ئىلىپ بارار بەلكىم ئوغلۇڭ يا نەۋرەڭ
ئەپۇ قىل دەپ سىنىڭ ئالدىڭغا
مەنبە: بۇ تاللانما «Uyghur» نامىدىكى فېيىسبۇك ھېسابىدىن ئېلىندى.