نويابىر 21, 2024
پەرھات تۇرسۇن

پەرھات تۇرسۇن

     مەن كىچىك چاغلىرىمدىن تارتىپلا غەربكە قارشى ئىدىم. شىمالىي كورىيىنىڭ ئىشىلەن كىنولىرىدىكى ئامېرىكا جاھاڭىرلىكىنىڭ بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەن كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسەم، ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلاپ سېلىپ، نەگىلا بارسا بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرىدىغان ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنى يەر شارىدىن قانداق قىلغاندا يوق قىلىۋېتىشنى ئويلاپ كېتەتتىم. ئېتىزلىققا كىچىككىنە مۈرەمگە ئېلىۋالغان قىغنى كۆتۈرەلمەي ئېتىز قىرلىرىدا دەلدۈگۈنۈپ يۈرگىنىمدىمۇ، قېتىپ قالغان تېرىقنىڭ زاغرىسىنى لاي سۇ ئېقىۋاتقان ئېرىقنىڭ سەل قېيىلىپ قالىدىغان يېرىگە تاشلاپ قويۇپ قوساقلىرىم كوكىرىغان ھالدا يۇمشىشىنى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈپ تۇرغان چاغلىرىمدىمۇ، غەربتىكى جاھانگىرلارنى بىر-بىرلەپ يوقىتىشنى، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئامېرىكىلاردا ئاچ قېلىۋاتقان مىليونلىغان بالىلارنى قانداق ئازاد قىلىپ، ئۇلارنىمۇ ئېرىققا قېتىپ قالغان تېرىقنىڭ زاغرىسىنى چىلاپ قويۇپ ئولتۇرىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ئۇنتۇغىنىم يوق. نيو يوركنىڭ كوچىلىرىدا كېتىۋاتقان ئادەملەرنى بىز مىنگەندەك ئېشەككە مىنگەن ھالەتتە ئەمەس، بەلكى قورسىقى ئاچ قالغان بالىلارغا مىنىپ كېتىۋاتقان ھالدا تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. مېنىڭ نەزىرىمدە، ئۇ يەر بالىلار ئۈچۈن دوزاخ ئىدى. كېيىن چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇ يەرنىڭ بالىلار ئۈچۈنلا ئەمەس، چوڭلار ئۈچۈنمۇ دوزاخ ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. سارترې دېگەن بىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يەردە ئادەملەر ئەركىنلىككە مەھكۇم بولغان ئىكەن. نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق! ئۇ يەرگە ئۇلۇغ داھىمىز ماۋجۇشىنىڭ زىيۇجۇيىغا قارشى تۇرايلى، دېگەن ئەسىرى تېخى يېتىپ بارماپتۇ، يولداش ئادىل تۇنىيازنىڭ ئەركىنلىكنىڭ ئادەملەر ئۈچۈن قانچىلىك دەرىجىدە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان يازمىلىرى يېتىپ بارماپتۇ، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىنىڭ ئەركىنلىك دېگەنلەرنى كۆرسەم تەستىكىگە مۇشت بىلەن ئۇرغۇم كېلىدۇ، دېگەنلىرىنى ئۇلار ئاڭلىمىغان ئوخشايدۇ. مانا بۇ مەدەنىيەت مۇستەبىتلىكى! غەرب ھۆكۈمىتى ئۇلۇغ داھىمىز ماۋجۇشى، ئادىل تۇنىياز ۋە ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىنىڭ ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىشنى ئۇ يەردە چەكلىگەن گەپ، چۈنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ بۇ باياناتلارنى ئامېرىكا ۋە غەربلىكلەرنى گۆرگە تىقىپ، ئۇ يەردە ئەركىنلىك بولمىغان تۈزۈم ئورنىتىشنى مەقسەت قىلىپ يازغىنىنى بىلىپ قالغان گەپ. ئەگەر ئۇلارنىڭ كىتابلىرى ئامېرىكىدا نەشر قىلىنغان بولسا، چوقۇم ئۇ يەردىكى خەلق ئەركىنلىكنى تاڭغان بۇ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ قۇلچىلىق ئارزۇسىنى تولۇق قاندۇرۇپ، مۇرادىغا يەتكۈزىدىغان ھاكىمىيەت قۇرغان بولاتتى. ھەتتىگىنەي!
     غەربكە قارشى بولغانلىقىم ئۈچۈن كىچىك چېغىمدىن تارتىپ شەرققە تەلپۈنىدىغان بولۇپ قالغانمەن. يول ماڭساممۇ شەرق تەرەپكىلا مېڭىپ، ھەرگىزمۇ غەرب تەرەپكە مېڭىپ قالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن مېڭىۋېرىپ ئون بەش يېشىمدا بېيجىڭغا كېلىپ قاپتىمەن. لېكىن بەزىلەر ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەمدى بولدى قىلساڭ بولارمىكىن، يەر شارى دېگەن يۇمىلاق، مېڭىۋەرسەڭ ئايلىنىپ يېنە غەربكە بېرىپ قالىسەن دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بېيجىڭنىڭ ئۇ تەرىپىگە، خۇدا ھەققى، ئۆتۈپ باقمىدىم. بېيجىڭدا شۇنچە ئۇزۇن يىل تۇرۇپ ھەتتا تيەنجىڭىمۇ بېرىپ باقمىدىم. چۈنكى، ئاڭلىسام تيەنجېننىڭ ئۇ تەرىپىدە دېڭىز ۋە تىنچ ئوكيان باركەن، ئاشۇ تېنچ ئوكياننىڭ ئۇ تەرىپىلا ئامېرىكىكەن ئەمەسما! تاس قاپتىمەن ئازغۇن بولۇپ مېڭىۋېرىپ ئامېرىكىغا كېتىپ قالغىلى. 1989-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدە ياشايدىغان تاغام ۋىزا ئەۋەتىپ مېنى ئۇ يەرلەرنى كۆرسەتمەكچى بولدى، چۈنكى ئۇ بىر تۇغقانلىرىنىڭ بالىلىرى ئىچىدە مېنى ئەڭ ياقتۇراتتى، لېكىن مەن ئۇ تەرەپكە چىقمىدىم، چۈنكى ئۇنىڭ تۇرۇۋاتقان جايى بولغان ئالمۇتا شەھىرى غەرب تەرەپتە-دە!
     1996-يىلى مەن بىلەن بىر مەھەللىلىك بىر بۇرادەر گېرمانىيىنى كۆرۈپ كەپتۇ، مەن بىلمەيدىكەنمەن، ئۇنىڭ ئاياللارنىڭ تېنىنى كۆرسىلا بەدىنى تىكەنلىشىپ كېتىدىغان خۇيى بار ئىكەن، گېرمانىيىدە دېڭىز بويىدا ئاياللارنىڭ يالىڭاچ يۈرگىنىنى كۆرۈپ غەزەپتىن ساراڭ بولايلا دەپ قاپتۇ. ئۇ ماڭا ئىككى سائەت دەرد تۆكۈپ بەردى. بەلكىم ئۇ ئاشۇ قېتىملىق ئاياللارنىڭ تېنىنى كۆرۈپ قېلىش ۋەقەسىدىن بېرى تېخى ئەسلىگە كېلەلمىگەن بولسا كېرەك، غەرب دېگەن گەپنى ئاڭلىسىلا ئوڭدىسىغا ئۇچۇپ چۈشىدۇ. مەن بېيجىڭلىقلارنىڭ تەسىرىدىن بىرەر ئورۇننى تەرەپ نامى بىلەن ئاتاشقا كۆنۈپ قالغان ئىكەنمەن. بۇلتۇر ئۆيىنىڭ يېنىدىكى بىر ئاشخانىدا تاماق يەۋېتىپ ئۇ بۇرادەر ئېسىمگە يېتىپ قالدى دە، تېلېفون بېرىپ ئۇنى بىللە تاماق يېيىشكە چاقىردىم. ئۇ مېنىڭ قايسى ئاشخانىدا ئىكەنلىكىمنى سورىدى، مەن ئاشخانىنىڭ ئىسمىنى دەپ بەرسەم بىلەلمىدى، قارىغاندا ئۇ ۋىۋىسكىنىمۇ ئوقۇشقا ئېرىنسە كېرەك، چۈنكى ئۇ بىر نەرسە ئوقۇشقا مېڭە كېتىدۇ دەپ قارايىتتى. ئەزەلدىن يېزىق ھالىتىدىكى ھەرقانداق نەرسىنى ئوقۇمايىتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئامال يوق، بۇ ئاشخانىنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ غەربى تەرىپىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتىمەن. ساقلىسام يوق، چىقمايدۇ، چىقمايدۇ، چىقمايدۇ… كېيىن ئۇقسام غەرب دېگەن گەپنى ئاڭلاپلا بىتاب بولۇپ يېتىپ قالغان ئىكەن. باشقا ئادەم بولسىمۇ مەيلىكەنتۇق، بولۇپمۇ مەندەك غەربكە قارشى بىر ئادەمنىڭ غەرب دېگەن سۆزنى ئىشلەتكىنى بەكلا ئېغىر كەپتۇ. كىرسەم ئۇ پەگادىلا دۈم يېتىپ: ئاھ، خۇدا! پەرھات تۇرسۇندەك غەربكە ئۈزۈل كېسىل، بايرىقى روشەن ھالدا قارشى بىر ئادەممۇ غەربپەرەس بولۇپ كەتسە، بۇ دۇنيا تۈگەشمىدىمۇ! تۈگەشتى، تۈگەشتى، تۈگەشتى، ھەممىسى تۈگەشتى، دەپ نالە قىلغىلى تۇرۇپتىكەن. مەن كىرىپ شۇنچە چۈشەندۈرسەممۇ ئۇنىمىدى. سەن بېيجىڭدىن كەلگەن ئادەم شۇنداق گەپنى قىلساڭ، باشقا ئادەم نېمە دېمەكچى، مېنىڭ سەن بىلەن دۈشمەنلەشكىنىم دۈشمەنلەشكەن! ھۇ غەربنىڭ غالچىسى! يوقال كۆزۈمدىن دېدى؛ ھەم غەربلەشتۈرۈش ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ئاخىرقى تىنىقى قالغۇچە قارشى تۇرىدىغانلىقى ئېيتىپ توختىماي قەسەم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن خاتا قىلغانلىقىمنى بىلدىم، غەرب دېگەن سۆزنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ يادىغا ئاشۇ دېڭىز بويىدا يالىڭاچ يۈرگەن ئاياللارنى ئەسلىتىپ قويغان ئىكەنمەن. مەن ئۇنىڭ غەربتە ئاياللار يالىڭاچ يۈرىدىكەن دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ دەسلەپ ئۇلار نامراتلىقتىن كېيىدىغان كىيىمى يوق شۇنداق يۈرسە كېرەك دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەسكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار باي ئىكەن. ھەممىسىنىڭ ماشىنىلىرى ۋە داچىلىرى بار ئىكەن. ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگىنى ئۇلارنىڭ يالىڭاچ يۈرۈشىدىنمۇ بەكراك ئۇلارنىڭ باياشاتلىقى ئىكەن، چۈنكى ئادەملەر باياشاتلىقتا ئەنە شۇنداق ئەخلاقىي جەھەتتىن بۇزۇلۇپ كېتىدىكەن. راھەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش دېگەن نومۇس دەپ ئۇ پات-پات ۋارقىراپ قوياتتى. مەن بۇلارنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، شۇڭا ئاشۇ كۈنى غەرب دېگەن سۆزنى تىلغا ئېلىپ ئۇنى ئاغرىتىپ قويۇپتىمەن. شۇندىن كېيىن غەرب دېگەن سۆزنى زادىلا تىلغا ئالماس بولدۇم. مەن غەربلىكلەرنىڭ باي تۇرۇپمۇ يالىڭاچ يۈرۈشىنى چۈشىنەلمىگەنىدىم، ئۇ چۈشەندۈرۈپ قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنى ھۆكۈمەت يالىڭاچ يۈرۈشكە بەجبۇرلاۋېتىپتۇ. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق نەچچە يۈز مىليونلىغان ئادەملەر كىيىم كىيمەي ئىقتىساد بولۇپ قالغان پۇلغا ھۆكۈمەت يادرو قوراللىرىنى ياساپ بىز شەرقلىقلەرنى يوقاتماقچى ئىكەن. شۇنداق بولغاندا ئۇ يەردىكى ئاياللار بىزنى يوقىتىش ئۈچۈن يالىڭاچ يۈرۈۋېتىپتۇ. مەن يالىڭاچ يۈرۈشنىڭ بىر قاتىللىق ئىكەنلىكىنى زادىلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن. كېيىن بېيجىڭدىكى قىزىل ئەتىرگۈل رېستۇرانىدا بىر توپ ئاغىنىلەر بىلەن تاماق يېگىلى بارسام، شۇ يەردە بىر ئۇيغۇر قىز بېلى بىلەن ساغرىسىنى توختىماي ئوينىتىپ يالىڭاچ ئۇسۇل ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ، شۇ يەردە بىراۋ ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، ئادەمنى ئۆلتۈرىدىغان نېمىكەنغۇ كاساپەت، دېۋىدى؛ شۇندىلا ئاياللارنىڭ يالىڭاچ بولىۋېلىشىنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇشتىن بەكرەك ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىكەنلىكىگە چۈمپۈتۈپ قالدىم.
     مېنى ئۇ رېستوراندا مېھمان قىلغان بۇرادەرلەر سەنئەتچىلەر ئىدى، شۇڭا يالىڭاچ ئۇسۇل ئوينىغانلار بىلەن پاراڭلىشىپ باقاي دېۋىدىم ئۇلار:
     −نېمىشقا پاراڭلاشقىڭىز كەپ قالدى؟−دەپ سوراشتى.
     −ئۇلارنىڭ نېمىشقا كىيىمىنى سېلىۋېتىدىغانلىقىنى سوراپ باقاي دەيمەن،−دېدىم مەن.
     −غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى بولمامدۇ،−دېيىشتى ئەتراپىمدىكىلەر بىردەك، ۋە بىردەم غەربنى تىللاپ شىكايەت قىلىشتۇق.
     كېيىن ئۇ قىزلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتىم.
     −سوقراتنى بىلەمسىز؟
     غەرب مەدەنىيىتىنىڭ قايسى تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلىشىم ئۈچۈن ئاۋۋال غەرب مەدەنىيىتىگە ئاساس سالغان، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى بولغان بۇ پەيلاسوپلارنى ئۇنىڭدىن سورىمىسام بولمايتتى.
     −ئۇ قايسى دۆلەتنىڭ ھارىقى؟−دەپ سوئالىمغا سوئال بىلەن جاۋاب بەردى ئۇ.
     سوقرات ھەقىقەتەنمۇ شاراپقا ئوخشاش بىر ئوبراز. شۇڭا ئۇنىڭ «ئۇ قايسى دۆلەتنىڭ ھارىقى» دېگىنىنى بىر خىل مېتافور بولسا كېرەك دەپ ئويلاپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن مەن:
     −قەدىمكى گېرتسىيىنىڭ،−دەپ جاۋاب بەردىم.
     −ئۇزاق ساقلانغان ھاراقلار ۋاقتى قانچە بۇرۇن بولسا شۇنچە قىممەت بولىدۇ، مەن ئىچىپ باقمىغان، بىر تەمىنى تېتىپ باققىم بار،−دېدى ئۇ.
     −ئەپلاتون بىلەن ئارستوتېلنىچۇ؟−مەن يەنە سورىدىم.
     −ئۇلارمۇ ھاراقمۇ ياكى باشقا تۈردىكى ئىچىملىكمۇ؟
     سىزنى يالىڭاچ ئۇسۇلغا سالغانلار شۇلار.
     ئۇ بۇ پىكرىمنى كەسكىن رەت قىلدى:
     −مېنى ئۇسۇلغا سالغان ئۇلار ئەمەس، بۇ ئاشخانىنىڭ لوبىنى.
     ئۇ قىز كەتكەندىن كېيىن بۇرادەرلەر بىلەن مۇنازىرىگە چۈشۈپ كەتتۇق.
     −ئۇ ئوينىغان ئۇسۇل قايسى مىللەتنىڭ؟
     −ئەرەب ئۇسۇلى.
     −ئەرەبلەر ھازىر غەربكە قارشى ئالدىنقى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، ئەرەبلەر غەرب بىلەن تامامەن قارشى قۇتۇبتىكى خەقلەر تۇرسا، بۇنداق يالىڭاچ ئۇسۇل قانداق ئەرەبنىڭ بولۇپ قالىدۇ؟ باياتىن بۇنى غەربنىڭ تەسىرى دېمىگەنمىدىڭلار؟ ئۇ زادى ئەرەبنىڭمۇ ياكى غەربنىڭمۇ؟ ئېدۋارد سەئىد «شەرقچىلىق» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە غەرب دەپ ياۋروپانى نەزەردە تۇتقان بولسا، «شەرق» دەپ ئەرەبلەرنى نەزەردە تۇتقان. سىلەر ھازىر بۇنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتىڭلار،−دېدىم مەن.
     ئۇلار ماڭا بۇنى ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن چۈشەندۈردى:
     «ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت،
     ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت.
     ۋە لېكىن كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن،
     ئەركىنلىك-ھۆرلۈك ئۈچۈنلا پەقەت.»
     مانا بۇ تىپىك غەربچە شېئىر، غەربچە تەپەككۇر، غەربچە ئۇسلۇب، غەربچە قىممەت قارىشىنىڭ مەھسۇلى. بىز ھاياتنى ئەمەس، قەھرىمانلىقنى، ئۆلۈمدىن قورقماسلىقنى مەدھىيىلەيمىز. دوڭ سۇڭرۈينى نۇرغۇن يىللاپ نېمىشقا مەدھىيىلىدۇق؟ چۈنكى، ئۇ ھاياتتىن بەكرەك پارتلىتىشنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن. داھىمىز ماۋ جۇشىنىڭ «بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمى تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك» دېگەن سۆزى بىزگە ئۆلۈش ۋە ئۆلتۈرۈشنىڭ ھاياتتىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى دەل ۋاقتىدا ئۇقتۇرغان. لېكىن، غەربلىكلەرنىڭ بۇنداق داھىيسى يوق-دە! شۇڭا، ئۇلار قەھرىمانلىق بىلەن پارتلىتىشنى ئەمەس، قۇرۇتقا ئوخشاش ياشاشنى ئەلا بىلىدۇ. شۇڭا بۇ شېئىرنىڭ ھەممە يېرى زەھەر بىلەن تولغان. ئادەملەرنى ھاياتنى سۆيۈشكە تەكلىپ قىلىش ئۇچىغا چىققان چېرىك ئىدىيىدۇر. ھاياتنى سۆيگەن ئادەمدە، ھاياتنى مەڭگۈلۈككە ئىگە قىلىش، يەنى مەڭگۈ ئۆلمەسلىك خاھىشى بولىدۇ. ئادەملەر مەڭگۈ ئۆلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ئادەملەر ئەۋلاد قالدۇرۇش ئارقىلىق ھاياتلىقنى ئەبەدىيلىككە ئىگە قىلىش خام خىيالىنى سىمۋوللۇق ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ھاياتقا بولغان مۇھەببەت ئەمەلىيەتتە ئەۋلاد قالدۇرۇشقا بولغان تەشنالىقنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى. ئەۋلاد قالدۇرۇش دېمەك، جىنسىي ئالاقە قىلىش دېمەكتۇر. شۇڭا كەينىگە ئۇلاپلا نومۇسنى قايرىپ قويۇپ بىراقلا، ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت، دەپ مەقسىتىنى ئاشكارىلىغان. دېمەك، بۇنداق بۇزۇقچىلىقنى، شەھۋانىيلىقنى تەرغىب قىلىدىغان ئەسەر ئىنسانىيەتنى زاۋاللىققا ئېلىپ بارىدۇ. ئەركىنلىك-ھۆرلۈك ئۈچۈنلا ھەر ئىككىسىدىن كېچىمەن، دېگىنىچۇ بۇ ئەبلەخنىڭ. ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈك ئىنسانىيەتكە ئاز بالايى-ئاپەت ئېلىپ كەلدىمۇ؟ غەربلىكلەر بىزدەك ئۇلۇغ ۋە كاتتا كىشىلەرنىڭ يولباشلىشىغا ئېرىشىپ باقمىغان، شۇڭا داھىيلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارنىڭ توغرا باشلامچىلىقىغا ھەممىنى تاپشۇرۇپ، ھېچ ئىشقا كاللا قاتۇرماي، ھېچقانداق تەپەككۇر يۈرگۈزمەي، خاتىرجەن ياشاشنىڭ لەززىتىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ تارىخىدا بىزنىڭكىدەك تۆۋەندىكىدەك ئېسىل شېئىرنى تاپقىلى بولمايدۇ:
     «سىيا بولسا دېڭىز ئوكيان،
     قەلەم بولسا دەرەخ ئورمان.
     قەغەز بولسا پۈتۈن ئاسمان،
     تۈگىمەس شەنىڭىز داھى،
     يېزىلسا بىھاساپ داستان.»
     مانا بۇ تىپىك شەرق ئەنئەنىسىگە ئىگە، ساپ شەرققە خاس تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى.
ئۇ چاغلاردا كاللىمىزنى ھېچنەرسىگە ئىشلەتمەيتتۇق، ھېچنەرسە ھەققىدە كاللا ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. بىز شەرقلىقلەرنىڭ كاللا ئىشلىتىشنى ئەڭ ئېغىر ئەمگەك دەپ قارايدىغان مۇقەددەس ئەنەنىمىز بار، بىز بۇ ئېغىر ئەقلىي ئەمگەكتىن قۇتۇلغان ئىدۇق. قانداق ئىشلەش، قانداق ياشاش، قانداق مېڭىش، قانداق تۇرۇش ھەققىدە يۇقىرىدىن كېلىپ تۇرغان ھۆججەتلەر بىزگە ھەممىنى ئېيتىپ بېرىۋاتسا، بىز كاللا ئىشلىتىدىغان نېمە ئىش بار ئىدى؟ خۇددى بوۋاق بالىدەك خاتىرجەم ئىدۇق. غەربلىكلەرنى خۇددى بېلىقچى بېلىقنى سۇغا غەرق بولۇشتىن قۇتۇلدۇرغاندەك بۇنداق قۇتقۇزىدىغان نىجاتكارلار يوق-دە! شۇڭا، ئۇلار مۇرەككەپ ئىشلارغا كاللا قاتۇرۇپ قىينىلىپ زالالەت ئىچىدە ياشىماقتا

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ