نويابىر 21, 2024
تۇپراق

‏ئاناجان
‏(مېھرىبان ئانىمىز زۆھرەنىسا سابىتنىڭ 60-تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسىگە)
‏ئەنۋەر جۇلا

‏تەرىپىڭگە ئۇزۇندىن بۇيان،
‏يازماقچىدىم بىر بۈيۈك داستان.
‏لۇغەتلەردە لايىق سۆز يوقكەن،
‏قېرىم كەتتىم، ئاھ…جان ئانىجان.

‏يازدىم ئەمما خەلقنى كۈيلەپ،
‏مىللىتىمگە نىجاتلىق سۈيلەپ.
‏سۆزلەر يەتتى، يەتمىدى ساڭا
‏تاپالمىدىم، ئاھ…جان ئانىجان.

‏بۇلاقلاردىن ئىزدىدىم سۆزنى،
‏تاپالمىدىم بىر چاغ كۆزىنى…
‏دەرەخ دېدىم شاختەك قۇچاقلاپ،
‏تۇيالمىدىم، ئاھ…جان ئانىجان.

‏بەردەملىكنى تاغلاردىن ئويدۇم،
‏ئۆلچەي دەپ ھەم گىرلارغا قويدۇم.
‏بىر ۋەزنىڭنىڭ پارچىسى ئىكەن،
‏تەڭرى تېغىم، ئاھ…جان ئانىجان.

‏ئاتمىش يىللىق داۋان ئېشىپسەن،
‏دىيانەت ۋە ۋاپا يۈدۈپسەن.
‏بارچە جاپا ساڭا قېچىپتۇ،
‏تۇتالمىدىم، ئاھ…جان ئانىجان.

‏چەكسىز مېھرىڭ سىڭدى قېنىمغا،
‏تۇيغۇنلىقىڭ كۆچتى روھىمغا.
‏جەننەتلەردىن چىقماپتۇ ئۇ سۆز!
‏ئالالمىدىم، ئاھ…جان ئانىجان.

‏60يىللىق مۇساپەڭگە مۇبارەك بولسۇن ئانا، ئاللاھ بىزنى مەڭگۈ سەندىن ئايرىۋەتمىسۇن، توغراق يېشىدا ياشا…

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ