تاھىر ئىمىن
ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى ئەخمەت ئىسىملىك بىر بوۋاي بىلەن تونۇشۇپ قالغانىدىم. ئەخمەت بىر مەكتەپنىڭ بۇلۇڭىغا جايلاشقان، ئالدى پاتقاق بىر كىچىك ۋە پاكار دۇكاندا موزدۇزلۇق قىلاتتى. موزدۇزلۇققا تايىنىپ ئىككى بالىسى ۋە ئايالىنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالاتتى. ئۇ بۇ يەردە 20 يىل موزدۇزلۇق قىلغانىدى. ئۇنىڭ بالىلىرىنى قامداش ۋەزىپىسىدىن باشقا ھېچبىر غېمى يوق ئىدى. ئۇ كۈنبويى ئاشۇ قاراڭغۇ دۇكاندا مۆكچۈيۈپ ئولتۇرۇپ، پۇراپ كەتكەن ئاياقلارنى بىر-بىرلەپ تۈزەيتتى.
بىر كۈنى خەۋەر ئىزدەپ يۈرگەن بىر مۇخبىر ئۇنى بايقاپ قالغانمىش. «ئوھ، 20 يىل مۇشۇ جايدا موزدۇزلۇقنى داۋاملاشتۇرۇش ئاسان ئەمەس. بۇ دېگەن تەۋرەنمەس ئىرادە، بۇ دېگەن كەسپنى سۆيۈش، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش، بۇ دېگەن خەلققە، ئىنسانىيەتكە ئۈن-تۈنسىز خىزمەت قىلىش، بۇ دېگەن ئائىلىگە مۇھەببەت» دەپ ھاياجانلاندى ۋە كاتتا خەۋەردىن بىرنى يازدى. ئۇ يازغان خەۋەر كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. موزدۇزنىڭ تەرەپ-تەرەپتىن داڭقى چېقىپ، ئۇنى ئۇلۇغلايدىغان پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى. ھەتتا ئۇنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى موزدۇزلۇق ھۈنىرىنى 21-ئەسردە، زامانىۋى شەھەردە ساقلاپ قالغۇچى تارىخى شەخس» دېگەنلەرمۇ بولدى. ئۇنىڭ دۇكىنى ھەممە ئادەم كېلىپ زىيارەت قىلىدىغان، رەسىمگە چۈشىدىغان جايغا ئايلاندى. بۇ خەۋەرنى يازغان مۇخبىر ئالقىشلىنىپ، «ھەقىقىي تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرگەن، ياخشى ئادەم، ياخشى ئىشلارنى يورۇتۇپ بەرگەن قالتىس مۇخبىر» دەپ باھالاندى. بىر موزدۇز بىر كۈندە پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلغان مەشھۇر شەخسكە ئايلاندى. ئۇنىڭغا كاتتا ناملارنى بېرىش، سوۋغات قىلىشتا ھېچكىم ئازراقمۇ ئويلىنىپ ئولتۇرمىدى. ئۇنۋان بېرىشتە، دېگىلى بولىدىغان ئەڭ كاتتا ناملارنى ئونلاپ، يۈزلەپ بېرىۋەتتى.
موزدۇز باشقىلاردىن بۇلارنى ئاڭلىدى، مەيقىدا كۈلدى ۋە داۋاملىق دۇكىنىدا مۆكچۈيۈپ، ئۆزىنىڭلا ئىشىنى قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. ئىككى بالىسىنى باقمىسا بولمايتتى. دۇكانغا ئىجارە تۆلىمىسە بولمايتتى. ئۆيىگە پۇل لازىم ئىدى.
زىيارەت قىلىپ كەلگەنلەر ئىچىدە، يەنە تېجارەت ئىگىلىرى ۋە ۋاسىتىچىلەرمۇ بار ئىدى. پۇزۇر كىيىنگەن، ئېسىل پىكاپ بىلەن كەلگەن بىر سۆزمەن ۋە بازار مەسلىھەتچىسى موزدۇز دۇكىنىغا كېلىپ، ئۇنى زىيارەت قىلدى. ئەگەر ئۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئۆزگىچە پىكىرنى بازارغا تاشلىيالىسا، ئۇنىڭ سودىسغا پايدىسى بولاتتى.
ئۇ موزدۇزنىڭ ئىشلىتىۋاتقان ئەسۋابلىرى، دۇكان مۇھىتى، موزدۇزنىڭ مۇئامىلىسى قاتارلىقلارنى كۆزەتتى، سۇئاللارنى سورىدى. «بۈگۈنكى دۇنيادىن ئايرىلىپ قالغان، قالاق، مەينەت بىر مۇلازىمەتچى» دېدى ئۇ ئۆزىگە دۇكاندىن چىقىپ. «ئۇنىڭ قىلىۋاتقىنى ھېچقانداق بازار قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇنىڭ دۇكىنىنىڭ ھەتتا ئىسمىمۇ يوق، ياكى مۇلازىمەت ماركا نامىمۇ يوق. دۇكاننىڭ تېشى ياكى ئىچى ئازراقمۇ بېزەلمىگەن. خېرىدارلار ئولتۇرغۇدەكمۇ جاي يوق. نام-ئىسمى كارتوچكىسىمۇ يوق. تور بېكەت ياكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ تەشۋىقاتى دېگەننى دېمەي قويايلى. بۇ دۇكاننى مۇشۇ مەكتەپ بۇلۇڭىدىن ئۆتكەن ئادەملەردىن باشقا ھېچكىم كۆرمەيدۇ، ھەتتا بىلمەيدۇ. بۇ ئادەم ھاياتى بويىچە 20 يىلنى مۇشۇ ئەبگاھ جايدا ئىسراپ قىلغان. بۇنى ئاز دەپ ئۆزىدىن باشقا ئىككى بالىنىڭ نامرات ياشىشىغا سەۋەب بولغان. ئۆز ئايالىنىڭ دۇنيادىن ھۇزۇرلىنىپ، بەختىيار، گۈزەل ياشىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. بۇ ئادەم قالاقلىقنىڭ سىمۋولى، جاھىللىقنىڭ ۋەكىلى، تەرەققىياتنىڭ دۈشمىنى. بۇ ئادەمنى ئۇلۇغلاش – مىللەتنى زاۋاللىققا باشلاش، تەرەققىياتقا قارشى يۆنىلىشكە باشلاشتۇر. بىز مىللەتنى كۈچلۈك قىلىمىز دېيىدىكەنمىز، بازارغا ئۇيغۇن، مائارىپ، تېخنىكا بىلەن قوراللانغان مۇلازىمەت قىلىشىمىز لازىم. ھەر قانداق قالاقلىق زاۋاللىقتۇر، شۇڭا ئۇنى قوللىماسلىق لازىم…» دەپ يازدى ئۇ داڭلىق «پۇلدار» ژۇرنىلىدا.
ئىقتىسادشۇناسلار، بازار ئانالىزچىلىرى، ئاممىۋى ئوبزورچىلار ۋە يېڭى يۈزلىنىش تەرەپتارلىرى ئۇنىڭغا ئەگەشتى ۋە ئەخمەت موزدۇزنى تەنقىد قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭغا «21-ئەسردىكى ئەڭ قالاق موزدۇز»، «نورمال ھاياتقا ئۆچلۈك قىلغۇچى ھۈنەرۋەن»، «ئائىلە زوراۋانى »، «قاسماق موزدۇز» دېگەندەك ھەر خىل ناملارنى بېرىشكە باشلىدى. ئۇنى تەنقىدلەش ۋە پەسلەشتۈرۈشتە، ھېچكىم ئازراقمۇ ئىككىلىنىپ قالمىدى. مەدەنىيەتشۇناسلار موزدۇزلۇق ھۈنىرىنىڭ نام-شەرىپىنى قوغداش ئۈچۈن، «موزدۇز ئەخمەت ئۇيغۇر موزدۇزلىرىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ» دەپ يازغان بولسا، قەشقەردىكى داڭلىق موزدۇز پىرلىرىدىن بىرى، سەمەت چورۇق بايانات بېرىپ: «ئۇيغۇر موزدۇزلۇق ھۈنىرى بۈگۈنكى دۇنيا بىلەن قارشى ئەمەس، موزدۇزلارمۇ باي بولالايدۇ. بىز كىشىلەرنىڭ تەنقىد ئۇچىنى موزدۇزلۇق ھۈنىرىگە ئەمەس، ئۇنى ياخشى قىلمىغان ئەخمەت موزدۇزغا قارتىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.
پۈتۈن جەمئىيەت موزدۇز ھەققىدە ئىككى تەرەپ بولۇپ، جىدەللەشمەكتە ئىدى. بىر تەرەپ ئۇنى مەدھىيلىسە، ئۇلۇغلىسا، يەنە بىر تەرەپ ئۇنى چۈشۈرەتتى، تەنقىدلەيتتى.ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئۆزىلا توغرا ئىدى. گېپىدە تۇرغانسېرى ئەزۋەيلەيتتى. ئۆز گېپىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دۇنيا تارىخىدىن، پەلسەپىلەردىن، قۇرئاندىن، قانۇندىن، ھېكمەتلىك كىتابلاردىن مىسال ئېلىپ سۆزلەيتتى. ھېچقايسىسى بوش كەلسە قەتئىي بولمايتتى. ئۆز نامىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرگىز گەپتىن قالماتتى. ئۇلار شۇنداق داۋاملاشتۇردى. ئىككى ئېقىم كۈچلۈك ئىككى لاگېرغا ئايلاندى. كېيىن مۇنازىرىگە قوشۇلغان مۇستەقىل زات ياكى داڭلىق شەخسلەرمۇ ئاستا-ئاستا بۇ ئىككى تەرەپنىڭ بىرىگە قوشۇلۇپ، يا قوللىغۇچى ياكى قارشى تۇرغۇچى بولۇپ داۋام قىلىۋەردى.
جىدەل كۆز-قاراش پەرقىدىن ئۇلغىيپ، ئىككى لاگىر بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. ئۇنى ماختىغۇچىلار ئۇنى تەنقىد قىلغۇچىلارغا ئۆچمەنلىك، رەھىمسىزلىك قالپىقىنى كەيگۈزدى. ئۇنى تەنقىد قىلغۇچىلار ماختىغۇچىلارغا قالاقلىق، جاھالەت ۋە تەرەققىياتنىڭ دۈشمىنى ناملىرىنى چاپلاشتى.
مەن جىدەل ئەۋجىگە چىققان شۇ كۈنلەردە ئەخمەتنى كۆرگىلى باردىم. ئۇ يەنە ئاشۇ زەي، قاراڭغۇ دۇكاندا، قاتتىق ياغاچ ئورۇندۇقتا بىلىنى پۈكۈپ ئولتۇرۇپ، ئاياغ رېمونت قىلىۋاتاتتى.
ئۇنىڭغا ئۆزى ھەققىدىكى جىدەللەرنى دەپ بەردىم. ئۇ ماڭا: «رەھمەتلىك دادام ماڭا مۇشۇ موزدۇزلۇقنى مىراس قالدۇرغان. مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا دادام ئېغىر جازالاندى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مەن كىچىك ئۈچ ئۇكام بىلەن قالدىم. مەكتەپتىمۇ ئوقۇيالمىدىم. قولۇمدىن كېلىدىغان مۇشۇ ھۈنەر بىلەن جان بېقىپ كەلدىم. بۇنى قىلمىسام بالىلىرىم ئاچ قالىدۇ. بۇ يەردە ھەر خىل ياخشى مۇئەللىملەر بار، ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىمەن. يېڭى ئاياق ئېلىشقا پۇلى يوق يېزىدىن كەلگەن بالىلار بار، ئۇلارغا 2 كوي بىلەن ئايىغىنى ياخشىلاپ بېرىمەن. ماڭا مىڭ قېتىم رەھمەت دەپ ماڭىدۇ. مەن ھېچكىمن «مېنى ماختا!» دىمىدىم. ئەمما مېنى تىللايدىغانلارنىڭ قىلىدىغان باشقا ئىشى يوق ئادەملەر ئوخشايدۇ. ياكى ھۆكۈمەت ئۇلارغا ئادەم تىللىساڭ پۇل بېرىمىز دېگەنمىدۇ؟ – بىلمىدىم» دېدى ئۇ تۈز قىلىپ.
ئەخمەت ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشەي دېسىمۇ، يەنە موزدۇزلۇقنى داۋام قىلىۋەردى. چۈنكى ئۇ ئىككى بالىسىنى باقمىسا بولمايتتى.
كېيىنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەخمەت موزدۇز توپلىغان تېجەشلىك بىلەن تاپقان پۇلىغا تايىنىپ، بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپكە ئەۋەتكەن ۋە ئۆزى دەم ئېلىشقا چىققان. ئۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولدى، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيمەن.
ئەمما ھېلىقى مۇخبىر بىلەن ھېلىقى بازارچىنىڭ تەرەپتارلىرى موزدۇز ھەققىدىكى جىدەلنى داۋاملاشتۇردى.
بۇ قېتىم جىدەل مۇنازىرىدىن تەرەققىي قىلىپ، سۇيىقەست نەزەرىيەسىگە كۆتۈرۈلدى:
موزدۇزنى قوللىغۇچىلار: «ئەسلى بۇ موزدۇز ئارىمىزدىكى تىرىك ئەۋلىيا ئىكەن. ئۇ بىزدىكى ھورۇنلۇقنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئەنئەنىۋى ھۈنەرلىرىمىزنىڭ قەدرىنى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن بىشارەت ئىكەن. ئۇ ھۈنەر قىلغان چاغدا قەدرىنى بىلمەپتىمىز. ئەپسۇس!» دېيىشكەن بولسا، موزدۇزغا قارشى تۇرغۇچىلار: «ئەسلى بۇ موزدۇز بىزنىڭ دۈشمەنلىرىمىز تەرىپىدىن بىزنىڭ ئارىمىزنى بۇزۇش، بۆلۈش ئۈچۈن، بىزنى قالاقلىققا، خۇراپاتلىققا باشلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن خائىن ئىكەن» دېيىشتى.