ئۆكتەبىر 13, 2025
Earth Tone Color Palette Handdrawn Line Art Icons Icon Set

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

مەن ھەر كۈنى ۋەتەنگە بارىمەن،
توغرىسى، ۋەتەنگە بېرىپ قالىمەن.
ئۇ يەردە قىزىم، ئاپام، دوستلىرىم، يۇرتۇم…
ھەممە نەرسەم قالغان.
قانداق يول بىلەن، قاچان بېرىپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن،
ئۇلار ماڭا ۋىزا بەرمەسلىكى كېرەك ئىدىغۇ دەپ ئويلايمەن.

ئۆزۈمنى ھەمىشە ئۈرۈمچىنىڭ خالتا كوچىلىرىدا،
ئايرودۇرۇمدا،
ئادەمسىز دوقمۇشلاردا كۆرىمەن.
ئەنسىزلىك ئىچىدە يۈگرەيمەن.
ۋەتەن دېگەن يەردە، مېنى قارشى ئالىدىغان تۇغقانلىرىمنى كۆرمەيمەن.
قىزىم، ئاپام، ئۇكىلىرىم ھېچقانداق يەردە كۆرۈنمەيدۇ.
ناتونۇش ئادەملەر توپى…
ئەسكەرلەرنى كۆرىمەن.
مېنى قوغلاپ يۈرگەن ساقچىلارنىڭ ئالدىغا ئۆز ئىختىيارىم بىلەن بېرىپ قالىمەن.
ئۇلار مېنى چوڭقۇر لىفىت بىلەن كىرىدىغان بىر يەر ئاستى زىندانغا چۈشۈرىدۇ.
مەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆزۈمنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىمنى دەپ بەرگۈم كېلىدۇ.
مەن ھەققىدە گەپ قىلىدىغان ئۇيغۇرلار چىقارمۇ؟ دەپ يىغلايمەن.
ئەمما تېلېفون يوق،
قەلەم يوق،
ھېچكىم ماڭا گەپ قىلمايدۇ.
ئۈچ يىل، ئون يىل، ئۆمۈرۋايەت…
قانچە يىل ياتىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن.
ھەر كېچە قاتتىق توۋلايمەن:
«ھەي، مەن تۇتۇلدۇم!
ھەي، مەن تۈرمىدە!
ھەي، خىتتاي مېنى تۇتۇۋالدى!»…
(Free Me)
«قورقما، تاھىر، كۆزۈڭنى ئاچ، سەن خاتىرجەم»
دەپ ئويغىتىدۇ ئاننا.
ئۆتكەن يەتتە يىلدا مېنى ھېچكىم ئويغاتمايتتى.

ۋەتەنگە بېرىپ كېلىدىغان تاتلىق خىيالدىن،
ۋەتەندىن قاچىدىغان ۋەھىمىلەردىن…

مەن ۋەتەنگە يەنە بارىمەن،
بېرىپ قالىمەن.
قانداق كەلگەنلىكىمنى بىلمەيمەن.
ئۆزۈمنى ئەيىبلەيمەن.
ئەگەر مەن رەزىل ئىنسان بولمىسام، نېمىشقا مېنى بۇ يەرگە كەلگىلى قويىدۇ؟
مېنى ئەسلى ئېتىپ تاشلىشى كېرەك ئىدىغۇ؟
ئەمدى مۇھاجىرەتتىكى سەپداشلىرىمنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن؟

ئۇ قاراڭغۇ ۋەتەندىن دەرھال كەتمەكچى بولىمەن.
تونۇش چىرايلاردىن ھېچكىمنى كۆرمەستىن…
پەقەت ئايرودۇرۇم ئەتراپىدا چۆگىلەيمەن.
ئۇ يەردە مېنى ئىزدەپ يۈرگەن ساقچىلار بولىدۇ.
مەن تىزىملىغۇچىغا ئەندىشە بىلەن قارايمەن،
بىلەتنى تېزلا كۆرسىتىمەن.
يالغاندىن كۈلۈپ،
مەندە ھېچقانداق مەسىلە يوق ئوخشايمەن.
ئىتتىك ئايرىلماقچى بولىمەن.
ئۇ تېلېفوننى قولىغا ئالىدۇ.
تېزلا بىر توپ قارا كىيىملىكلەر يوپۇرۇلۇپ كېلىدۇ.
مەن قاتتىق ۋاقىرايمەن:
«مېنى قويۇۋەت، قويۇۋەت، مەن كېتىمەن. مەن ساڭا تەۋە ئەمەس!»
«قورقما، تاھىر، كۆزۈڭنى ئاچ، سەن خاتىرجەم»
دەپ ئويغىتىدۇ ئاننا.
ئۆتكەن يەتتە يىلدا مېنى ھېچكىم ئويغاتمايتتى.
ۋەتەنگە بېرىپ كېلىدىغان تاتلىق خىيالدىن،
ۋەتەندىن قاچىدىغان ۋەھىمىلەردىن…

مەن ئۇ ۋەتەنگە بېرىشتىن قاچان توختايدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن.
مەن ئۇ ۋەتەنگە بېرىش ئارزۇسىدىن قاچان ۋاز كېچىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن.
مەن ئۇ ۋەتەندىن قېچىشتىن قاچان توختايدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن.
مەن ھەمراھىمنىڭ قاچانغىچە ماڭا
«قورقما، تاھىر، كۆزۈڭنى ئاچ، سەن خاتىرجەم!»
دەپ ئويغىتىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ