ئابلىز شاكىرغا مەرسيە
ياسىنجان ئىمىن ئۈمىد

مۇقام تەلقىنلىرى ئۆچمەس ئەجەپ مۇڭ خۇش زۇۋان كەتتى.

تالاي دىللارغا ياققان ئوت كۈيى سىرداش ياران كەتتى

چېكەر تەمبۇرنى ئەفغاندا خازان تاشلاشتا كۈز پەسلى،

بۈگۈن سەنئەتتە يولباشچى غەيۇر ساھىبقىران كەتتى

ئادەملىك پەزلىدە بوستان، باھار يازى ئۇرار سەلكىن،

مېھىر ئېھسانغا ئوت-ئاتەش، ناكەسلىككە بوران كەتتى.

كۈيى مەستانۇ ھەيرەتتە، ئىزىدىن بۈك تۈمەن گۈللەر،

چىمەنزارلارنى ئەھياچى ئەجىر ئەھلى تاران كەتتى.

تۈنۈگۈن تىترىگەن ناخۇل يۈرەكنى دەۋرىتىپ تەڭكەش،

بۈگۈن يوق سەھنىدە ئۇستاز_ پەدەرىم قاي تامان كەتتى.

تۆكۈلدى كۈزدە ياپراقتەك مۇقام ئۇستازلىرى بىر -بىر،

تېخى يەتمەستە مەنزىلىگە يېرىم يولدىن يامان كەتتى.

لەزىز دولقۇندا بۇغدايلىق، ئەجىر مېھنەتلىرى دان-دان،

سېلىپ ماتەمگە خاماننى، ئۆزى زەفران_ سامان كەتتى

جاھان سەيناسى سۈلكەتتە كۈيىدىن مەستۇ-مۇستەغرەق،

يىراق ئەللەرگىچە ئىزلاپ شەرەپ، ئەسرا-بايان كەتتى.

قىراۋ پەسلى ئىدى دەپتۇق، يەنە يامغۇرغىچە ياز بار،

نەھال بۇدەمدە كۆزلەردىن يېغىپ يامغۇر قىيان كەتتى.

تۆكۈلدى بەرگى گۈللەرنىڭ، بۇقۇلدار شاخىدا ھىجران،

ئۈزۈلگەن تارىدىن مۇڭلۇق گويا يارۇ جانان كەتتى.

پەلەكنىڭ گەردىشى چۆگلەپ، ئۇدۇللانغاندا ئەقرەبكە،

تالاي پەيكاننى يەتكۈزگەن قەۋس بۇرجى-كامان كەتتى.

بۇ يولدىن ئۆتتى كۆپ كارۋان، لاۋۇلداپ چۆلدە گۈلخاندەك،

يېنىپ ئەل سۆيگۈسىدە ئوت، ئاشار سانسىز داۋان كەتتى.

سەھەردە توختىدى بىر كۈي، خازانلار ياغدى يامغۇردەك،

يۈرەكنى ئۆرتىدى ھەسرەت، نىچۈن پەخرۇ جاھان كەتتى.

چېكىلدى مۇڭ بىلەن تارى، ئىلى، تارىم كۈيى تەڭكەش،

ناۋا ئەۋجىسىدە پۈتمەس ئۈنى بۇلبۇل قايان كەتتى…

2025.11.05 ئۈچتۇرپان

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ