باخشى

بۇ مەسەللەر ئابلىز ھېزىموۋنىڭ «تەتۈر كىرپىك» ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى.

ئىككى چىۋىن

كۆڭلى ئاق، دەپ،
ئۇ ھەممىدىن پاك، دەپ،
ماختىغاندا چىۋىن چىۋىننى،
كۈلكە قاپلىدى يىغىننى.

بۇرۇتنىڭ تۈزىتىشى

قۇرۇق سۆزنى
ئارتۇق كۆرگەن كەبى ماقالدىن،
ئالىسىلەر تىلغا مىنى،
ئالىسىلەر كىيىن ساقالدىن.
ئېيتىڭلار،
ئۇ ئېگىز،
            يا مەن پەسمۇ،
بايقىساڭلار،
مىنىڭ ئورنۇم ئۈستۈن ئەمەسمۇ،
شۇڭا ئاتاش توغرا كەلسە،
«بۇرۇت-ساقال» دىيىش كېرەك.
كىمنىڭ ئورنى قەيەردە؟
بىلىش كېرەك.

ئېشەكنىڭ ئۇيى

ئىشقا ئېشىپ مۇددىئايىم،
مۆڭگۈز بەرسە خۇدايىم،
يۈرەتتىم مەن مۇلايىم.
ھەممە ۋاقىت،
ھەر دائىم.
لېكىن ئاتنى، قېچىرنى چۈشۈرمەيتتىم ئىزىمغا،
«باش ئەگ، دەيتتىم، تىزىمغا!»

پالتا بىلەن دەرەخ

پالتا: «سېپىم يوق مىنىڭ،
شۇڭا بىرەر ئىشقا ئېپىم يوق مىنىڭ»،
دەپ يالۋۇرۇپ،
ئاھ ئۇرۇپ،
تۆكۈپ يېشىنى،
كۈندە قاتۇرغاچقا دەرەخنىڭ بېشىنى،
دەرەخ پالتىغا ساپ بېرىپتۇ،
پالتا بىردىن كۆكرىكىنى كېرىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن كۆپ ئۆتمەي،
ھەي، ھەي،
ھىچ نەرسە كۆرۈنمەي كۆزىگە،
ھۇجۇم قىپتۇ دەرەخنىڭ ئۆزىگە…
شاخلىرىدىن ئايرىلغان،
گۇيا قۇشتەك قانىتىدىن قايرىلغان،
دەرەخ دەپتۇ شۇ چاغ،
كۆڭلىدە غەش-داغ:
«ئۆزەم تاپقان بالاغا،
نەگە باراي دەۋاغا؟»

پۇتنڭ ئەرزى
پېقىرنى
داپ داراڭلىغان يەردە،
ئېشەك ھاڭرىغان يەردە
يۈرىدۇ، دەپ
تارقىتىپتۇ گەپ…
بىراق ماڭا
باش باشلىققۇ،
مەن شۇنىڭغا قاراشلىققۇ…
شۇڭا مېنى ئىتتىرمەي ئوتقا،
باشنى تارتىڭلار سوتقا!

ئابلىز ھېزىموۋ نىڭ «تەتۈر كىرپىك» ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *