تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئالمىشىش
(نەسىر)
پائۇل كوئىلخو
[برازىلىيە]
ئوغۇز تەرجىمىسى
تەبىئەت دۇنياسىدا يېڭىش ۋە يېڭىلىش مەۋجۇت ئەمەس،بەلكى ئالمىشىشلا مەۋجۇت.قىش باھارغا ،ياز كۈزگە ئورۇن بېرىدۇ.
قوي ئوت-چۆپنى يەيدۇ، شىر قوينى يەيدۇ.بۇ كىمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز،پەقەت ھايات بىلەن ئۆلۈم توختاۋسىز ئالمىشىدۇ خالاس.
بۇ خىل ئالمىشىشتا يەڭگۈچى بولمايدۇ شۇنداقلا يېڭىلگۈچىمۇ بولمايدۇ،پەقەت رولغا چىقىدىغان سەھنىلا بولىدۇ.
ئىنسان بۇنى چۈشەنسە،ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدۇ.ئەڭ چوڭ مۈشكۈلاتقا ،بىردەملىك شان-شەرەپكە بىمالال يۈزلىنەلەيدۇ.
ھەر ئىككىلىسى يوقىلىدۇ،بىرسىنىڭ ئورنىنى يەنە بىرسى ئالىدۇ،ئالمىشىش داۋاملىشىدۇ، ئىنساننىڭ رۇھى تەندىن ئازات بولۇپ،ماكانىنى تاپىدۇ.
مەنبە:«ياشلار تەرمىلىرى»ژۇرنىلىنىڭ 2013 –يىلى 4-ئايلىق (ئالدىنقى يېرىم ئايلىق) سانى