مەزكۇر شېئىر ۋەتەندە ئىزدىنىش تورىدا جەسەت ناملىق تەخەللۇستىكى شائىر قەلىمىدىن ئىلان قىلىنغان
مەن ئىشقا مېڭىش يولىدا
ھەر كۈنكىدەك بۈگۈنمۇ يەنە
كۆكسى يوغان ھېلىقى قىزنى كۆرۈپ قالدىم.
ئۇنىڭغا قىزىقسىنىپ ماڭغاچ سەپ سالدىم،
توغرىراقى ئۇنىڭ يوغان تولغان كۆكسىگە ئوغۇرلىقچە قارىدىم،
ئاندىن ھەممە ئۇيغۇر ئەرلىرى چۈمىدىغان لەززەتلىك خىيالغا چۈمدۈم.
دەل شۇ چاغدا ،دەل ئاشۇ سەلتەنەتلىك جىنايەتلىك مىنۇتلاردا،
دەل ئاشۇ گۇناھقا تولغان سېكۇنتلاردا،
دەل ئاشۇ فىزولوگىيەلىك شىرىن ئىنكاس تېنىمدە يۈز بېرىۋاتقان دەقىقىلەردە….
تىبەتلەرنىڭ تۈرلۈك ھەركىتى،
ئولىنپىك مەشئىلىنىڭ توسۇلىۋاتقىنى،
تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇلماقچى بولغانلىقى،
ئوباما،ھىلارىلارنىڭ جوڭگۇ ماسىلىسى ھەققىدىكى قاراشلىرى،
ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئېتىز بېشىدا سۇ تالىشىۋاتقانلىقى………
توساتتىنلا يادىمغا كەلدى.
مەن نېمە ئۈچۈن بۇنداق خىيالغا كېپ قالدىم؟
ھە…تاپتىم…تاپتىم….
بارلىق ئۇيغۇر ئەرلىرى ئىككى نەرسىگە قىزىقىدۇ:
ئۇنىڭ بىرى مۇھەببەت،يەنە بىرى سىياسەت.
بارلىق ئىستەكلەر مۇشۇ ئىككىسى ئۈچۈنلا قۇترايدۇ….
بارلىق پاراڭ مۇشۇ ئىككىسى بىلەنلا قىزىيدۇ…
ئۇيغۇرلاردىكى بارلىق تۈرمىگە كىرىشنىڭ سەۋەبى مۇشۇ ئىككىسى بىلەنلا بولىدۇ……
يەنە دەل شۇچاغدا
كۆكسى يوغان ئۇ قىزنىڭ قولىدىكى بىر نەرسە چۈشۇپ كەتتى
ئاھ……..
تۇيغۇ-ھېسسىياتلار ئەۋجىگە چىقىدىغان مىنۇتلار يېتىپ كەلدى.
ئەمدى ئوغۇرلۇقچە قاراشتىن دادىل قاراشقا ئۆتمىسەم بولمايتتى.
چۈنكى
بۇ گۈزەل دەقىقىلەرنى ئوبدان ئەستە ساقلىۋېلىش كېرەكتە….
تولغان ئەمچەك…..
ئەتتىگەنلىك قۇياش نۇرىدا يالتىرىغان قىسىلچاقتىكى مېدالىيون….
گۈزەل مىنۇتلار ئۆتۈپ كەتتى
ئۇنىڭ ساغرىسى يېنىك تەۋرەنمەكتە
ئۇنىڭ ئوبرازى قەلبىمدە ئېرىپ كەتمەكتە
ئۇ كوچا دوقمىشىدىكى ئۆلگۈر بېكەتتە
ھەر كۈنكىدەك ئادەملەر توپى ئىچىدە
غايىپ بولدى،يوقالدى،كەتتى……
مەن قايتىدىن
تىبەتلەر ۋە ئولىنپىك ھەققىدىكى خىيالىمنىڭ داۋامىغا قايتىپ كەلدىم
. مېنىڭ ئەمدى ئۆزۈمنى باھالىغۇم يوق
كەڭ دېڭىزغا ۋۇجۇمنى تاشلىدىم.
پەقەت دېڭىزغا :
ئاقتۇرە،قېنى كارامەتلىرىڭنى بىر كۆرەي بۈگۈن ،دېگۈملا بار……