غېرىپسىنىش
مەلىكە مۇھەممەت ھىلال
يېگانە ئارالدەك يېگانە قەلبىم،
تاشماقتا كۆزۈمدىن پاتمىغان دەردىم.
قەبرەمگە باش قويۇپ كەتكەندەك گويا،
ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمىدىم بەلكىم.
قەبرەم بولسا يوقلاپ كىلەتتى بىرى،
دېمەستىن بۇ ئىككى ئالەمنى نېرى.
مەن يىراق كەتمىگچ يارەنلىرىمدىن،
ئۇنتۇلدۇم شۇ قەدەر جىمجىت ئاخىرى.