ھىجران كۈيى
مەلىكە مۇھەممەت ھىلال
ئېلىپ كەتكىن ئازابىڭنى يۈرەكتىن شوخ كۈلەي بىر رەت،
ئۇچۇپ كەتكەن پىراقلارنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەي بىر رەت.
دىلىمغا ياغسا ھىجرىڭدىن تالاي ھەسرەت نادامەتلەر،
بۇ دەرتنىڭ باغرىدا چاڭقاپ ئازارىڭدىن ئۆلەي بىر رەت.
قۇياشتەك مېھرىلىك مۇزسەن،مېنىڭدىن ئۆزگىگە نۇرلۇق،
تامايىم يوق ھارارەتتىن ۋىسال پەيزى سۈرەي بىر رەت.
رەشىكنىڭ ئوتلىرى قىينار گۈزەللەر ئىشقىدا يانساڭ،
غېرىپ كۈي ئەۋجىدىن تارتقىن بۇ كۈلپەتتىن مۆكەي بىر رەت.
دىلىڭغا كىرمىكىم تەھرىم،سۆزۈمگە كۆنمىكىڭ ئەركىڭ،
سېنىڭسىز كۈنلىرىم مەجرۇھ كۆرۈپ شەپقەت يۈرەي بىر رەت.
ۋىسالسىز باغلىرىم قاقشال،سېنىڭ مېھرىڭگە بولدۇم زار،
يۈرەكنىڭ تېۋىشىن ئاڭلا ئۆزۈم ئىزھار ئېتەي بىر رەت.
زارىقىش
ئىشىك ئالدىدا يارىم بار چىقىشقا مەندە غەيرەت يوق،
دىلىمدا ئاھۇ-زارىم بار قېچىشقا تەندە پۇرسەت يوق.
دەرىزەم سۆزلىگەي ھىجران،يېلىنجاپ چاقنىغاي ھەريان،
ئۈمىدلەر بولسىمۇ گۈلخان،يېنىشقا قىلچە رىغبەت يوق.
زارىققان سۆيگۈلەر قايدا،قەپەستىن چىقمىغان جاندا،
تىلەكلەر قالدى…ئازغاندا مېڭىشقا چۆلدە تاقەت يوق.
كۈتۈشتىن كۆل قۇرۇپ كەتتى ئېچىلماي گۈل توزۇپ كەتتى،
پەلەككە نالىلەر يەتتى،نېمىشقا كۈيدە نەپرەت يوق؟
ئۆيۈمنىڭ ئالدى لىق كۆزياش،سەۋىر ھەم بەرمىدى بەرداش،
يۈرەكلەر لەختە باغرىم«تاش»ئېرىشقا زەررە بىر رەت يوق.
ۋىسالسىز ئاقسىمۇ كۆزلەر،دىدارسىز تۇرسىمۇ يۈزلەر،
دېيىلمەي قالدى كۆپ سۆزلەر،يۇتۇشقا ئۆزگە ھەسرەت يوق.
ئۆلۈمدىن كۆپ يىراقتۇرمەن،ياشاشتىن ھەم بىزاردۇرمەن،
غېمىمنى ئازلىتىپ،بىر دەم ئېلىشقا بەلدە قۇدرەت يوق.
نىگارىمدىن سادا يوقتۇر
مۇھەببەت دەشتىنى كەزسەم سېنىڭدەك دىلرەبا يوقتۇر،
نېتەي دەردىڭگە باغلانغان مېنىڭدەك بىناۋا يوقتۇر.
قۇياشنىڭ نۇرلىرى سەندىن ئالۇر ئاتەش ھارارەتنى،
زىمىستان باغرىدا قالغان ماڭا سەندىن داۋا يوقتۇر.
كۈنۈم دەردىڭدە گىرياندۇر،تۈنۈم ھەرئاندا ھىجراندۇر،
ۋىسالىڭ مەڭگۈ ئارماندۇر ماڭا باشقا جاپا يوقتۇر.
ئىزىڭغا دەسسىدىم بىر بىر ساڭا يەتمەكنى ئارزۇلاپ،
سېنىڭ سايەڭدە يۈرسەممۇ ئاڭا بىررەت سادا يوقتۇر.
يولۇڭغا تەلمۈرۈپ كۆزلەر كۈتۈشلەر تاشقا ئايلاندى،
غېرىپ قەلبىمگە ۋەسلىڭدىن بۆلەك ھەرگىز راۋا يوقتۇر.
سېنىڭ ئىشقىڭغا باغلانغان ھىلال نىمجانە سەكراتتا،
بۇ ئالەمدىن كېتەر بولسام قازايىمغا دۇئا يوقتۇر.
ئاشىق ئىلتىجاسى
دىدارسىز تۈندە يالغۇزمەن، نىگار ۋەسلىڭگە زار ئەتمە،
مۇھەببەتنىڭ پىراقىدا غېرىب قەلبىمنى خار ئەتمە.
يولۇڭغا تەلمۈرۈپ كۆزلەر، يېشم كەلكۈنگە ئايلاندى،
كۈتۈشنىڭ دەشتىدە قېيناپ، مېنى دىۋانىۋار ئەتمە.
چېچىپ سۆيگۈمنى ئاپتاپقا، سېنىڭ دەردىڭگە قاقلاندىم،
غۇبارسىز چىن ئەقىدەمنى قارا ھىجرانغا يار ئەتمە.
قۇياشنىڭ تەپتى ھەرگىزمۇ ياماق بولمايدۇ تەپتىمگە،
قىلىپ پايخان باھارىمنى، دىلىستانىمنى قار ئەتمە.
ئوتۇڭنىڭ باغرىدا ھەردەم يىلاندەك تولغىنىپ كەلدىم،
قاناي لەھزە ۋىسالىڭغا، يۈرەكنى ئىنتىزار ئەتمە.
كۈنۈم تەشۋىش،تۈنۈم كەچمىش، ئەجەپ ھالى خاراپتۇرمەن،
جېنىم بۇ تەنگە مېھماندۇر، قەلىب تۆرىڭنى تار ئەتمە !
نىگارنىڭ قەلبىدە بولسام
يولۇڭغا سۆزلىرىم سايە بىرىپ ۋەسلىڭگە يار بولسام،
كۆزۈم دەردىڭدە دىۋانە شۇدەم كۆڭلۈڭدە بار بولسام.
كىزەرمەن يەتتە ئىقلىمنى باغاشلاپ قاتمۇقات ھەسرەت،
يىقىلسام رەھمى كەلگۈچە ئاياغ ئاستىدا خار بولسام.
قېنىمنى ئوينىغاي قەترە سىلىپ كويلارغا شەيتانلار،
سېنىڭ قەلبىڭگە چۆكمەككە بىتاقەت ئىنتىزار بولسام.
تىشىپ چىققايمۇ مەڭزىمگە لىۋىمدىن پاتمىغان ئاھىم،
شەفائەت ئەيلىمەس ئۆزگە بۇ جانىمدىن بىزار بولسام.
يۈرەي ئىشقىڭدا سەرسانە مېنى كۈتكەيمۇ شاھ مەشرەپ،
غىرىپلار شەھرىدىن ئۆتسە كىلىپ مۇڭلۇق ساتار بولسام.
ھىلالنى قىينىساڭ تۈندە چۈشۈم كۈلگەيمۇ پاتمانلاپ،
كۆرۈشچۈن يارنى بىر مەرتە جېنىمغا نەچچە دار بولسام.