مەزكۇر شېئىر ۋەتەندە ئىزدىنىش تورىدا جەسەت ناملىق تەخەللۇستىكى شائىر قەلىمىدىن ئىلان قىلىنغان
باشقا بىر ئادەمنىڭ خوتۇنىغا بېغىشلايمەن!
مېنى ئۆلسۈن دېدىڭمۇ؟
قەلبىڭدىكى چەت بىر زاراتگاھلىققا كۆمسۇن دېدىڭمۇ؟
فوسفور يالقۇنىدا كۆيسۇن دېدىڭمۇ؟
ئۆلگەن ئادەمنى ئۆلمىگەن ئادەم سۆيسۇن دېدىڭمۇ؟
نېمە ئويلىغانسەن؟
تاش يۈرىكىڭ يېرىلماس، خورلۇق تارتماس،
ساڭا ئەمدى ئالەم يۇرۇق، قۇياش پاتماس،
ماڭا تاڭ ئاتماس، پەقەت تاڭ ئاتماس…!
نېمە ئويلىغانسەن؟
سۆيگۈنىڭنى ئازابلاپ تويمىغان-سەن!
بەدىنىگە بېنزىن چېچىپ ئوت قويمىغان-سەن!
كۆيمەس ئوتنىڭ قۇچىغىدا ئوينىغان-سەن!
ئويناپ-ئويناپ يەنە مېنى ئويلىغان-سەن!
ئېيىت! مەيلى نېمە بولسۇن، ئېيىت!!!
يېنىڭدا دىۋىدەك ياتقان ئەشۇ ئادەم ئېيىت!
بىرسى مەن ئۈچۈن شېئىر يازىدۇ-دەپ،
ئېيىت! بۈگۈن ئاخشاملا ئېيىت..
مەن مەسخىرلىك ئازابتا قالدىم،
ئەمدى بېشىمنى كۆتۈرەلمەسمەن.
نۇمۇس ئىچىدە يەنە ساڭا شېئىر يېزىۋاتىمەن..
مېنى نۇمۇس قىلمايدىغان ئادەم بولسۇن دېدىڭمۇ؟
ئايرىلغانغا گەدەنگىچە تويسۇن دېدىڭمۇ؟
ئۆلگەن ئادەمنى ئۆلمىگەن ئادەم سۆيسۇن دېدىڭمۇ؟
ئېيىت..
بۈگۈن ئاخشاملا ئېيىت….!!!!