دادام چالغان دۇتار ئاۋازى
ھويلىمىزدىن كەتمىدى تېخى
ھۇۋلايمەن سېنىڭ ئاۋازىڭدا ھەر ئاي تولغان كۈنى
دادام قازا قىلىپ كەتكەندىن بېرى.
سېپىللارغا تەنھا ھۇجۇم قوزغايمەن
ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي
تەلۋىلەرچە چىقىپ كېلىپ كىشىلەرنىڭ خىياللىرىدىن،
چۈنكى چاقىرىدۇ مېنى
باشقىلارغا شۇملۇق بولۇپ تۇيۇلغان سېنىڭ ئاۋازىڭ.
ئاي تولمىدى
تاشلاندۇق تۈگمەندىن چىققان مەشئۇم ئاۋازدەك
تېنىمىزگە قاراپ ئاقتى
ئۆزىنىڭ دۆتلىكىدىن پەخىرلىنىدىغان قەدىمىي يىلان.
سۈرتىۋەتمەي تۇرۇپلا ئاغزىدىكى ئادەم قېنىنى
ئاشۇ يىلان دائىم ياۋايى دەپ ئاتايدۇ بىزنى.
ياۋايى ئەمەسلىكىڭنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن
جاراھەتلەر بىلەن زىننەتلىدىڭ يۈزلىرىڭنى سەن.
كېچىچە قۇرۇق دەريا قىنىدا ياتقان
ئەتىسى بىر گاچا تىلەمچى تەرىپىدىن بايقالغان
دادامنىڭ
ھېچكىم بىلمەيدۇ قاچان جان ئۈزگىنىنى.
ھازىرغىچە ئېقىپ توختىمىدى بەلكىم دادامنىڭ قېنى،
بەلكىم مەڭگۈ ئاي تولمايدۇ ئەمدى.
كۆرۈپ ھوزۇرلىنىشقا ئادەتتىن تاشقىرى بېرىلگۈچىنىڭ
ئاجىزلىشىپ كەتكەن كۆزىدە كۆرۈنگەن
خىيالىي كۆرۈنۈشتۇر كۆكتىكى تولغان ئاي.
خىيالىي ئاۋاز ھەم ھۇۋلىغان ئاۋاز.
كىمنىڭ ئاۋازى ئۇ دالىلارغا
مۇزدەك سوغاق زوراۋاملىقلارنى بەخش ئەتكەن؟
نېمىنىڭ ئاۋازى ئۇ تاغدىن چۈشۈپ
بىر مىللەتنىڭ ھىدىنى يىراقلارغا ئېلىپ كەتكەن؟
ئۇ سېنىڭ ئاۋازىڭ ئېچىرقاپ ئۆلەي دەپ قالغان
پۇراش سېزىمى ئېشىپ كېتىپ
مەۋجۇت بولمىغان پۇراققىمۇ ئەگىشىپ
دالىلارنى كېزىپ ئۆتكەن.
ئۇ مېنىڭ ئاۋازىم
قانغا ئوخشاش خۇشبۇي پۇرىغان
زىمىننىڭ كۆپىيىشىگە قۇربانلىق قىلىنغان.
ئىككىمىز بىللە
باستۇرۇپ كىرىمىز
سوغاق ئۇيقۇدا ياتقان شەھەرلەرگە،
شەھۋەتتىن تولغىنىۋاتقان ھاۋزىلارغا،
قوغۇشۇندەك ئېغىرلاۋاتقان قىشلاقلارغا.
2011- يىل ئۆكتەبىر