سېغىنىشنىڭ نەمخۇش شامىلى
ئاي نۇرلىرى ئەسلىتەر گۇيا
غازاڭلارنى تۈكۈلۈۋاتقان.
بەلكىم ئۇ بىر قايغۇلۇق ناخشا
ئېيتقۇچىسى ئاھ، ئۆلۈۋاتقان.
ئۇ يورۇتار يالغۇزلۇقۇمنى
قاراڭغۇلۇق ئىچىدە جىمجىت.
قۇراشتۇرۇپ چىقىمەن سېنى
نەچچە پارچە بولىسەن، ئېسىت!
سېغىنىشنىڭ نەمخۇش شامىلى
يوشۇرغانمۇ سېنى يوقلۇققا.
سەن ئۇ يەردە ھېلىدىن – ھېلى
يۈرىكىڭنى تۇتامسەن ئوققا؟…
ئارىمىزدا نۇرغۇن زامانلار
ياكى مەڭگۈ پۈتمەيدىغان خەت.
مەن كۈتۈشنىڭ چېكى ئېھتىمال
سەن چۈشتۇرسەن كۆرمىگەن پەقەت.
2013-يىلى 4-ئۆكتەبىر
خوشال شېئىر
شېئىر يېزىڭ، شېئىرىڭىزدا
باھار خۇشال ئوينىسۇن ئۇسۇل.
يارىڭىزغا بېقىڭ ھەم قىيا
كۆزلىرىگە تىكىلىپ ئۇدۇل.
ئۇ ئورنىدىن تۇرسۇن گىياھتەك
ۋە ئىشىكنى ئاچسۇن شادىمان؛
جىمجىتلىقنى كۆرۈپ بۇ يۈرەك،
چۆچىكىنى باشلىسۇن شۇئان.
ئاڭلاڭ ئۇنى ياغسۇن يامغۇرلار
دېرىزىلەر چېقىلسۇن يەنە.
ناخشا ئېيتسۇن تەنھا كوچىلار
ئىككىمىزگە قىلىپ تەنتەنە.
2013- يىلى 9-ئۆكتەبىر
يىراقتىكى ماڭا بېغىشلاپ
سىزمۇ مەندەك يۇلتۇزغا قاراپ
سۈرتتىڭىزمۇ ياشلىرىڭىزنى.
دەردىڭىزنى بىر – بىرلەپ ساناپ
يۇلدىڭىزمۇ چاچلىرىڭىزنى.
بەلكىم سىزمۇ بىلگەنسىز ئاخىر
سۆيگۈ دېگەن باھاردۇر ھەيھات.
باشلاپ كېلەر كۈزنى ئۇ، ئېغىر
تۇيۇلغاندۇر سىزگە بۇ ھايات.
نىتەي، بىزگە يوقتۇر تەسەللىي
مۇشۇ ئۇزۇن كېچىدىن باشقا.
بەختلىكمىز چۈشەنسەك ئەسلى
يۇزلىنىمىز ئەتە قۇياشقا!
2013- يىلى 9-ئۆكتەبىر
شېئىرلىرىمغا
قايتۇرۇپ بەر خوشاللىقىمنى
چاخچاق قىلغان ھاياتقا بەزەن.
ئاق تېرەككە ئويدۇم ئىسمىمنى
قارىماي ئۆت ئۇچراتساڭ قەستەن.
سەن دېڭىزمۇ جىمجىت پەرىشان
ياكى بۇلۇت يىراق كۆكتىكى.
ئىسمىڭ ئۈچۈن يېزىلغان داستان
ئوقۇپ چىقار ئاخىرى مېنى.
ئۇچۇپ يۈرگەن سەرسان غازاڭلار
سەندىن قايتقان ئەكىس سادامۇ؟
مەن توغرىلىق چىققان پاراڭلار
خوتەندىكى چۇقۇ بازارمۇ؟
ئولتۇرىدۇ تاش ئۇرۇندۇقتا
كىمدۇر بىرى تاماكا چېكىپ.
ھەر ئىككىمىز بەلكىم بىر ئوقتا
ئۆلگەندۇرمىز ياش تۇرۇپ ئېسىت!
بىر قەدەھ
ئۇسساپ كەتتىم تەكلىماكاندەك
يۇلغۇن مېنىڭ ئېيتار سۆزۈمدۇر.
پارە – پارە بولدى بۇ يۈرەك
قۇياش ساڭا باققان كۆزۈمدۇر.
ئولتۇرىمەن تاش ئۇرۇندۇقتا
بىر ناخشىغا سالغانچە قولاق
سەن يۈرەمسەن قاراڭغۇلۇقتا
ئەگەشتۈرۈپ يۇلتۇزنى ئۇماق؟!
بىر قەدەھ مەي ئىچىلمەس ئاخىر
قانماي تۇرۇپ يارغا بۇ كۆڭۈل.
چېكىت ئۇرماس داستانغا شائىر
بەرق ئۇرۇپ ئېچىلمىسا گۈل.
رەسسام دوستۇمغا يادنامە
سىزىڭ چەكسىز زەڭگەر ئاسماننى
ئۇنتۇپ كېتىڭ بۇلۇتنى ئەمما.
ئۇچسۇن قۇشلار قۇچۇپ ھەرياننى
ئاقسۇن يەردە بىر ئەزىم دەريا.
دالىلاردا ئوينىسۇن باھار
ناخشا ئېيتسۇن قېرى ئاق تېرەك.
بىر ئوتۇنچى ئۆيىگە قايتار،
كۆكرىكىگە سىغمايدۇ يۈرەك.
پۇراق بولسۇن رەڭلىرىڭىزدە
ھوشىمىزدىن كېتەيلى ھىدلاپ.
ئۆچمەيدىغان بىر ئوت بار سىزدە
قىلىدىغان مېنىمۇ كاۋاپ.
سىزىڭ مەغرۇر، تاغلار ئىگىلسۇن
توزىمىسۇن بەختىيار گۈللەر.
سىزىڭ، تۈننىڭ باغرى تىلىنسۇن
قۇچاق ئاچسۇن قۇياشلىق كۈنلەر!
2013- يىلى 10-ئۆكتەبىر تۈن يانغاندا
تاڭغا
خورىزىڭىز چىللامدۇ يەنە
«تۇرۇڭ ئەمدى تاڭلار ئاتتى» دەپ.
قوشنا ئىشىك بېرىدۇ شەپە
كوچىلارغا ئامانلىق تىلەپ.
سىزنى دېدىم كىرپىك قاقمىدىم
ئىشقىڭىزدا پۈتتۈم داستانلار.
ئىشەنسىڭىز بىر ئاشىق ئىدىم
ياشاپ كەلگەن زامان – زامانلار.
ئاستا باردىم، ئاستا كەلدىڭىز
تارتىندىڭىز – قىزاردىڭىز ھەم
قولىڭىزنى ماڭا بەردىڭىز
قىزىلگۈلگە تولدى خاتىرەم.
2013-يىلى 10-ئۆكتەبىر تۈن يانغاندا