مۇسلىنە
1
تۈرمىنىڭ ئادەم بەدىنى خورىتىدىغان، روھىنى چىرىتىدىغان،چۈشكۈنلەشتۈرىدىغان تار ياتاقلىرى،قاپقارا تۆمۈر رىشاتكىلىرى ئەمدى مېنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ،مېنى دائىم ‹‹يېتىم ئوغلاق››دەپ بوزەك قىلىدىغان ،چوڭ تەرەت قىلغاندا كۆتىنى ئېرتقىلى قويىدىغان،ئىچى پۇشۇپ قالغاندا قولچوماقلىرىغا دەپ مېنى ئۇرغۇزۇپ ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىدىغان،باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىنى ماڭا ئارتىپ ،جازا ئۆتەشكە سالدىغان…ھېلىقى پىت كۆز ‹‹لاۋدا››مۇ ئەمدى مېنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ،مەن ئورۇق بەدىنىمنى تېخىمۇ تۈگەشتۈرىۋاتقان ،جېنىمغا ئىكەك سېلىۋاتقان،مېنى قىيناۋاتقان بۇ قەپەزدىن ئاخىرى قۇتۇلدۇم،ئەركىنلىككە چىقتىم،شۇ تاپتا ئىچ –ئىچىمدىن بىر يىغا تۇتىۋاتىدۇ،بۇقىلغان –ئەتكەنلىرىم ئۈچۈن قىلغان پۇشايمان يىغىسى ،ئەركىنلىككە چىقىش ئالدىدىكى خۇشاللىق يىغىسى،قۇللۇقتىن ھۆرلۈككە چىققان كىشىنىڭ ئازادلىققا بولغان ھاياجان يېشىغا ئوخشاپ كېتىدىغان يىغا ئىدى،مەن ئەركىنلىككە چىققان ئىدىم،تارتقان ئازابلىرىم،يېگەن تاياقلىرىم،كېچە –كېچىلەپ يىغلىغان يىغىلىرىم.ھەممىسى قاپقارا ھەم سۈرلۈك بولغان تۈرمە دەرۋازىسى ئىچىدە قالغان ئىدى،ئەمدى ئۇ ئازابلار مېنى قىينىيالمايتتى.
مېنى ئۇزۇتۇپ چىققان ئەترەت باشلىقىنىڭ ‹‹ئۇكام ،سەن تېخى ياش،ئىستىقپالىڭ ئالدىڭدا،بۇرۇنقى ئىشلىرىڭىنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈشكە ئايلاندى،سەن بۇ يەردە ئۆزگۈرۈپ يېڭى بىر ئادەمگە ئايلاندىڭ،ئەمدى بۇ يەردىن چىقىپ ،ئىشلىرىڭىنى يېڭىباشتىن باشلا،ئىلگىرىكى يامان بالىلارغا، يامان ئىشلارغا ئارىلاشما،ئاتا –ئاناڭنىڭ سەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلا ….››دېگەن تەربىيە سۆزلىرىگە ئۈنسىز ھالدا بېشىمنى لىڭشىتتىم،ئىچىمدە بولسا‹‹ئىستىقبالىم ئالدىمدىمىش،مەندە ئىستىقپال نېمە ئىش قىلسۇن؟مېنىڭ ئىستىقبالىم مۇشۇ تۈرمىگە كىرىشىم بىلەن بىللىلا ئاللىقاچان گۆرگە كىرىپ كەتكەن ››دېگەنلەرنى ئويلۇدۇم.
تۈرمە دەرۋازىسى ئالدىدا ، مەن ئۈچۈن يۈرىكى سۇ بولغان ،ھەر قېتىملىق كۆرۈرۈش ۋاقتى كەلگەندە مەن ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ ئەكىلىدىغان، چاچ –ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەن،كۆزلىرى ئىچكىرى كىرىپ كەتكەن،ئۈستېبىشىدىن نامراتلىق پۇراپ تۇرغان، بىچارە دادام مېنىڭ چىقىشىمنى ساقلاپ تۇراتتى،دادامنىڭ تۇرقىغا قاراپ ،ئۆزۈمنىڭ تۈرمىدىن چىققىنىمغا ئىچ ئاغرىتىشنى ئۇنتۇپ ،ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئېتىپ بوينىغا ئېسىلىپ ،ئىچ –ئىچىمدىن بۇقۇلداپ يىغلىدىم،دادامنىڭمۇ كۆز ياشلىرى مەڭزىنى بويلاپ ئاقتى. تۈرمدىن چىققاندا تۆت يىلدىن بېرى پەقەت بىر قېتىملا يوقلاپ باققان، كۆرۈشكە شۇنچىلىك زار بولغان ،كېچە –كۈندۈز خىىيالىمدىن چىقمىغان،سېغىنغان ئانامنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىنتىلگەن كۆزلىرىم ئۇنى كۆرەلمىدى،تۆت يىلدىن بېرى پەقەت بىر قېتىملا كۆرۈشكەن،يۈرەك باغرىنى يېرىپ چىققان پەرزەنتى تۆت يىلدىن بېرى قاراڭغۇ تۈرمىدە ياشاپ،ئەمدى ئىللىق قۇياش نۇرىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن شۇنداق بىر كۈندە ،ئانامنىڭ دىدارىنى كۆرسەتمەسلىكى كۆز ياشلىرىمنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىشىغا سەۋەب بولدى.مەن دادامنى تېخىمۇ بەك پۇچلۇندۇرماسلىق ئۈچۈن كۆز ياشلىرىمنى زورىغا توختاتتىم –دە،ئۇنىڭغا قاراپ :
-يۈرۈڭ دادا،ماڭايلى،-دېدىم ۋە ئەترەت باشلىقىغا قاراپ :
-تۆت يىلدىن بېرى ماڭا ياخشى ئاتىدارچىلىق قىلدىڭىز،سىزگە كۆپ رەھمەت،مەن چوقۇم ئۆزگۈرۈپ،ياخشى ئادەم بولىمەن،خەير،ئامان بولۇڭ،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ،-دېدىم ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ..
-سەنمۇ ئۆزۈڭنى ئاسرا،ياشىنىپ قالغان داداڭغا ئوبدان قارا،خەير –خوش،ئامان بول ،- دېدى ئەترەت باشلىقى.
شۇنداق ئاددىيغىنا ئۇزۇتۇش ۋە كۈتىۋېلىش ئىچىدە تۆت يىللىق تۈرمە ھاياتى بىلەن خوشلاشتىم.
بۈگۈن ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىمگە بىر ھەپتە بولدى،خۇلۇم –خوشنىلىرىمنىڭ:
– تۈرمىدىن چىقىپتۇ- دە بۇ ئوغرى…
– يۈزىنى داپتەك قىلىپ يۈرەرمۇ يەنە بۇ يەردە…،-دەپ پىچىرلاشلىرى،بالىلىرىغا توۋلىغان بولۇپ :
– بالام،ئۆينىڭ ئىشىكىنى تاقىدىممۇ قاراپ باقە ماڭ،ئىشىك ئوچۇق قالسا ،ئۆيگە سوغۇق قول تەگمىسۇن يەنە،ھازىر ئارىمىزدا بىر شۇم بۇيا پەيدا بولدى قولىغا ئىلماشقاننى سۈپۈرۈپ ماڭىدىغان،ئېھتىيات قىلمىساق بولمايدۇ،-دەپ يۈزۈمدىن –يۈزۈمگە ۋارقىراشلىرى جېنىمدىن ئۆتكەچكە سىرتلارغىمۇ يۈرەكلىك چىقىپ باقمىدىم.بىر –ئىككى تۇققانلىرىمىزنىڭ ئەھۋال سوراپ كىرىشلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا مېنى كۆرگىلى كىرگۈدەك ئادەممۇ يوق ئىدى.ئوغۇل بالىغا نىسپەتەن يىغلاشنىڭ ئۆزى بىر نومۇسلۇق ئىش بولسىمۇ ،بۇرۇقتىمىلىق ئىچىدە نومۇس بىلەن يۇغۇرۇلغان بىرنەچچە يىل ۋاقتىمغا ئېچىنىپ ، بەزىدە ئۈنسىز ياش تۆكەتتىم،كۆز ياشلىرىم ئىچىدە بۇرۇنقى يۈرەكنى تىلغايدىغان ئەسلىمىرىم قوينىغا چۆمەتتىم.
2
ئەقلىمنى بىلسەم دادام ،ئانام ئۈچىمىز پاختا شىركىتىنىڭ ئالتە قەۋەتلىك بىناسىنىڭ كەينىگە مۆكۈنۈپ تۇرغان ئاددىيغىنا ئىككى ئېغىزلىق ئۆيدە ياشايتتۇق،دادامنىڭ چىراي –شەكلى ئادەتتىكىچە بولۇپ، پاختا شىركىتىنىڭ ئىشچىسى، ئانام بەكلا چىرايلىق ھەم جەزبىدار ئايال بولۇپ،ئۇستا تىككۈچى ئىدى،ئانامغا كىيىم تىككۈزگىلى كېلىدىغان قىز –ئاياللار خېلى كۆپ ئىدى، ،ھەر قېتىملىق ئاتا –ئانىلار يىغىنىدا مەن ساۋاقداشلىرىم ئالدىدا ئانامنىڭ چىرايلىقلىقىدىن بىر قېتىم پەخىرلىنىۋالاتتىم،بىراق مەن پەخىرلىنىدىغان بۇ چىراي كېيىنچە ئائىلىمىزنىڭ ۋەيران بولىشىنىڭ سەۋەبچىسى،مېنىڭ يېتىم بولۇپ قېلىشىمغا چوڭ دۈشمەن بولىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.
دادام- ئانامنىڭ جىدەللىشىپ قېلىشى پات –پات كۆزۈمگە چېلىقىپ قالاتتى،ئۇ ۋاقىتلاردا كىچىك بولغاچقا ئانچە ئېرەنشىمەپتىكەنمەن،كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقۇرى يىلىققىغا چىققان يىلى ئۇلارنىڭ جىدەللىرى قۇرىمىدى،تازا زەن سالسام ،بۇ جىدەللەر دادامنىڭ ئانامنى كۈنلىشى ۋە ئانامنىڭ دادامنى‹‹ جىق پۇل تاپمىدىڭ ››دەپ ئەيىپلىشىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن،دەسلەپتە ئۇلار جىدەللىشىۋاتقاندا ئارىسىغا كىرىپ،ئايرىسام بېسىقىپ قالاتتى،كېيىنچە ئارىسىغا كىرسەم مېنى سىلكىپ ياكى تىللاپ بىر بۇلۇڭغا تىقىپ قويىدىغان بولدى.بۇنداق ئايىقى چىقماس جىدەللەر ئانامنىڭ دادامنى سەت تىللار بىلەن تىللاپ،ئۈن سېلىپ يىغلىشى،دادامنىڭ ئانامنى ئۇرىشى بىلەن ئاياقلىشاتتى،بارا –بارا بۇنداق ئايىقى چىقماس جىدەللەردىن بىزار بولىدىغان،ئۇلار تازا جىدەللىشىۋاتقاندا سىرتقا چىقىپ كېتىدىغان بولدۇم.
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەپتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققان ۋاقتىمدا دادام -ئاناملارنىڭ جىدەللىرىنىڭ ئايىقىغا خاتىمە بېرىلىپ،مېنىڭ شۇنچە توسۇشلىرىم،يالۋۇرۇشلىرىم،كۆز ياشلىرىمغا قارىماي ئاجرىشىپ كېتىشتى، مەن ئانام بىلەن بىللە تۇرۇشنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلساممۇ ،بىراق ئانام مېنى ئېلىشتا قىزغىن بولمىغاچقا،سوتتىن مېنى دادامغا بۇيرۇپ بەرگەن ئىدى، ئانام بىزنى تاشلاپ كېتىپ قالدى، دادام بىلەن ئىككىمىز ئاددىي كولبىمىزدا قالدۇق،ئانام كەتكەندىن كېيىن ئۆيىمىزنى تېخىمۇ نامراتلىق، غېرىپلىق بېسىپ كەتتى،دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئانامنى ئىزدەپ بارسام،قولۇمغا ئانچە –مۇنچە پۇللارنى تۇتقۇزۇپ،كىيىم –كېچەكلىرىمنى ئېلىپ بېرەتتى،بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ماشىنچىلىق دۇكىنىغا بارساملا خام سېمىز بىر ئادەمنىڭ ئولتۇرغىنىنى كۆرەتتىم، قارىغاندا بۇ خام سېمىز ئانامنىڭ پېيىگە چۈشكەندەك قىلاتتى،بۇ خام سېمىز دادامنىڭ رىسقىغا چاڭ سالىدىغاندەكلا تۇيۇلۇپ ،كۆزۈمگە پەقەتلا سىغمىدى،كېيىن ئۇقسام ئۇ خام سېمىزنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بار ،قول –ئىلكىدە بار ئادەم ئىكەن، ئانام تىككۈچىلىك دۇكىنىنى بىراقلا تاقاپ ، خام سېمىز بىلەن مەخپىي نىكاھ ئوقۇتۇپ ،ئەر –خوتۇن بولۇشۇپ كەتتى،بۇلارنى ئۇققان ۋاقتىمدا ئاسمان يىراق،يەر قاتتىق بولۇپ نەچچە كۈنگىچە مەكتەپكىمۇ بارماي يىغلىدىم،ئانامدىن شۇنچىلىك نەپرەتلەندىم.بىراق تەقدىر شۇنداق بولغان ئىكەن، بۇنىڭغا ئامال يوق ئىكەن، كېيىنچە بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ كەتتىم.
3
دادام ئانام بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن،ئانامدىن ئايرىلىپ قېلىش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلدىمۇ قانداق، تېخىمۇ مىسكىنلىشىپ،كەمسۆز بولۇپ ،مۈكچىيىپلا كەتتى،بەزى ۋاقىتلاردا كېچىلىرى ،ئۇنىڭ بۇقۇلداپ يىغلاشلىرىدىن ئويغىنىپ كېتىپ،ئۇنىڭغا ئېسىلىپ تەڭ يىغلايتتىم، تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزلىكىمدىن ئوقۇشتىن چېكىندىم،داداممۇ ‹‹ئوقۇغىن››دەپ بەك زورلاپ كەتمىدى،چۈنكى ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىزادىي ئەھۋالى ئىككىمىزگە ئايان بولۇپ،تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئوقۇش پۇللىرىنى تۆلەپ ئوقۇتۇپ كەتكۈدەك شارائىت دادامدا يوق ئىدى.مەكتەپتىن چىقىپ كېتىپ بىرنەچچە ئايغىچە ئۆيدە بىكار يۈرۈپ،ئىت بولۇپ كەتتىم،كېيىن سىرتلارغا چىقىپ ئانچە –مۇنچە ئىش –ئوقەت قىلىش ئويۇم بارلىقىنى دادامغا ئېيتتىم،دادام بىرئاز تۇرۇپ كېتىپ:-
-بالام سەن ھازىر تېخى كىچىك،يۈگۈرۈپلا بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇپ كېتەلمەيسەن.شۇڭا ئالدى بىلەن مۇۋاپىقراق بىرەر ھۈنەر ئۆگەنسەڭ بولارمىكىن،-دەپ قالدى،دادامنىڭ شۇ سۆزى ۋە ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى بويىچە بىر كومپىيوتۇر قۇراشتۇرۇپ سېتىش ئورنىغا شاگىرتلىققا كىردىم،ئۇ يەردە بىر يىلدىن ئارتۇقراق تۇرۇپ ،ئەقىللىقلىقىمدىنمۇ ياكى ئەستايىدىللىقىمدىنمۇ كومپىيوتۇرنىڭ ھەرقانداق سەپلىمىلىرىنى بىمالال قوراشتۇرالايدىغان،كومپىيوتۇر ئارقىلىق بىمالال مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدىغان بولدۇم ۋە ئۇستامدىن دۇئا ئېلىپ چىقىپ، كومپىيوتۇر سېتىش سودا شەھەرچىسىدە بىر خەنزۇنىڭ دۇكىنىدا ئىشلىدىم،ئۇ يەردە ئايدا ئالتە يۈز سومدىن بېرىدىغانغا كېلىشىپ ،يېرىم يىلغا يېقىن ئىشلىگەن بولساممۇ ‹‹كومپىيوتۇرنىڭ بىر يېرىنى بۇزۇپ قويۇپسەن،سوداڭنى قىلماي تورغا چىقىۋالدىڭ…››دېگەنگە ئوخشاش يوقىلاڭ باھانە –سەۋەبلەر بىلەن قولۇمغا تۈزۈكرەكمۇ پۇل بەرمىدى.بىر كۈنى ئاچچىقىمدا ئۇنىڭ بىلەن راسا بىر پەدە دېيىشتىم ۋە سۆرىشىپ ساقچىخانىغىمۇ بېرىشتۇق،بىراق قولۇمدا ئۇنىڭ بىلەن تۈزۈشكەن مۇقۇم توختامنامە بولمىغاچقا ،ئېيتقانلىرىم كۈچكە ئىگە بولماي قالدى،شۇ ئاچچىقىمدا ئۇ يەرگىمۇ بارمىدىم.شۇ ئىشقا بۇتناپ تورخانىغا ئۆگىنىپ كەتتىم،ئەسلى خاتالىقىمنىڭ تۇنجى قەدىمى مۇشۇ تورخانىغا ئۆگىنىپ قېلىشتىن باشلانغان ئىكەن،بۇ جايدا بىرنەچچە بىكار تەلەپ بالىلار بىلەن تونۇشۇپ قالدىم،ئۇلارنىڭ كىيىش-يېيىشلىرى،چېكىشلىرى ئېسىل ئىدى،شۇ بالىلاردىن تاماكا چېكىشنى ئۆگەندىم،بارا –بارا بۇ بالارنىڭ گەپ –سۆزلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئىچكىرىگە نەچچە كىرىپ –چىققان بازارچى بالىلار ئىكەنلىكىنى بىلدىم.ئۇلار مېنىڭ ئەھۋالىمنى ئۇققاندىن كېيىن ماڭا ئىچ ئاغرىتقان بولدى،دىبا،ۋاڭبا مېنىڭ دائىملىق تۇرالغۇمغا ئايلاندى.دادام مېنىڭ نەگە بارغىنىمنى،نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمنى سورىسا ‹‹ئاغىينەمنىڭ كومپىيوتۇر دۇكىنىغا ياردەملىشىپ بېرىۋاتىمەن،مۇئاشى كۆپ ››دەپ جاۋاب بېرەتتىم،بىچارە ساددا دادام بۇ سۆزلىرىمگە ئىشىنىپ خاتىرجەم بولاتتى.
كۈنلىرىم ئويۇن –تاماشا بىلەن ئۆتىۋاتاتتى، بىراق ھەمىشە ئۇلارنىڭكىنى يەۋېرىشتىن خىجىل بولۇپ قالاتتىم،ئۇلارنى مېھمان قىلاي دېسەم يانچۇقنىڭ ئەھۋالى بوش ئىدى،شۇڭا بەزى چاغلاردا باھانە –سەۋەب كۆرسىتىپ بارغىلى ئۇنىمايتتىم، كېينچە ئۇلارغا گەپنىڭ ئوچىقىنى قىلىپ،يېنىمدا پۇل يوقلىقىنى ئېيتتىم،ئۇلار ماڭا پۇل تېپىشنىڭ ياخشى يوللىرى بارلىقىنى،ئۆزلىرى بىلەن ماڭسام باي بولۇپ كېتىدىغانلىقىمنى ئېيتتى. ئۇلار ئېيتقان باي بولۇش يوللىرىنىڭ كۆرۈپ ھەم ئەگىشىپ دەسلەپكى مەزگىللەردە قورققان،‹‹تونۇشلۇرۇم كۆرۈپ قالارمۇ ؟تۇتۇلۇپ قالسام ،تۈرمىگە كىرىپ كېتەرمەنمۇ؟›› دەپ ئەنسىرىگەن بولسام ، بارا –بارا يۈرىكىم يوغىناپ ،بۇنداق ئاسان پۇل تېپىش يولىغا كۆنۈپ قالغىلى تۇردۇم،شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىدارىنىڭ ئىچىگە ،ئۆيىمىزنىڭ ئورنىغا بىنا سالىدىغانلىقىنى،بىناغا پۇل تۆلەش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرۇپتۇ. ئاللىقاچان پېنسىيەگە چىقىپ كەتكەن دادامدا ۋە مەندەك ھارام پۇل تېپىپ ،شۇ جايدىلا بىر تەرەپ قىلىپ خەجلەپ بولىدىغان يېتىم بالىدا بىناغا تۆلىگۈدەك پۇل نېمە ئىش قىلسۇن؟ئاخىرى ئامالسىزلىقتىن ئۆينى بىكارلاپ ،ئىجارە ئۆيدە ئولتۇردۇق،باشقىلارنىڭ ئۆيى قانداقمۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە يەتسۇن؟
ئۆيىمىزدىن كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن،ئىجارە ئولتۇرغان ئۆي كۆزۈمگە تېخىمۇ سوغۇق كۆرۈنۈپ كىرگۈم كەلمەس بولۇپ قالدى،ئارلىقتا ئانامنىڭ ھېلىقى خام سېمىز بىلەن مەخپىي ئەر –خوتۇن بولۇپ يۈرگىنىنى ئۇققان چوڭ خوتۇنى بالىلىرى بىلەن كېلىپ ئانامنى قاتتىق ئۇرۇپ قولىنى سۇندۇرىۋېتىپتۇ،ئانام دوختۇرخانىدا خېلى ئۇزۇن داۋالاندى، گەرچە ئۇ مەن بىلەن كارى يوق يۈرگەن بولسىمۇ،بىراق ئۆز ئانام بولغاچقا ،دوختۇرخانىدا ياتقان ۋاقىتلىرىدا ھالىدىن خەۋەر ئالدىم.شۇنداق ئىچ سىقىلىش،بۇرۇقتىمىچىلىق ئىچىدە يۈرگەن بىر كۈنلەردە ئاغىينىلىرىمدىن ئىككىسى ئىچكىرىگە چىقماقچى بولۇپ،مېنىمۇ بىللە بېرىشقا قىزىقتۇردى،خوشنىلىرىممۇ مېنىڭ قانداق ‹‹تىجارەت ››قىلىدىغانلىقىمنى ئانچە –مۇنچە سېزىپ قېلىپ ،ماڭا نىسپەتەن باشقىچە قاراشلار شەكىللىنىپ قالغاچقا ، ئۆز –ئۆزۈمدىن خۈدۇكسىنىپ ،ئىچىم سىقىلىپ تۇرغان ۋاقىتلىرىم بولغاچقا دادامغا ئۇقتۇرمايلا. ئۆيدە ئىشلىتىشكە قويۇپ قويغان ئازىراق پۇلنى ئېلىپ ئىچكىرىگە يۈرۈپ كەتتىم.
4
بىر كېچىدىلا باي بولۇپ كېتىشنى خىيال قىلغان ئىچكىرىگىمۇ كەلگىلى ئالتە ئايدىن ئېشىپ قالدى،يۇرتۇمدىكى ۋاقتىدا ‹‹بازار ئويناپ››پىشىپ قالغاچقا ،بۇ يەردە ئانچە قىينىلىپ كەتمىدىم.مېنى بىرگە ئېلىپ چىققان ئاغىينەمنىڭ خوجايىنىمۇ مېنىڭ ئىشتا چاققانلىقىمنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى.تاپاۋىتىممۇ خېلى يامان ئەمەس ئىدى،شۇنداق قىلىپ بۇ جايدىكى خەقنىڭ يانچۇقۇدىكى ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋالىدىغان، دەككە –دۈككىچىلىك،قورقۇنۇچ ئىچىدە ئۆتىدىغان تەييارغا ھەييار تۇرمۇشقىمۇ كۆنۈپ قالغىلى تۇردۇم.
بىر كۈنى ‹‹تىجارەت ››قىلىش ئۈچۈن بىرنەچچەيلەن بىرگە بازارغا چىقتۇق،كېتىۋېتىپ كىشىلەر ئارىسىدا ئوغرى مۈشۈكتەك تىمىسقىلاپ يۈرگەن،نازۇككىنا،چىرايلىق،تونۇشلا بولغان بىر گەۋدىگە كۆزۈم چۈشۈپ قېلىپ يۈرىكىم ‹‹قارتلا›› قىلىپ قالدى ۋە ‹‹پەرىخە››دەپ توۋلىۋەتتىم ئىختىيارسىزلا.مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلىغان پەرىخەمۇ ئىتتىكلا مەن تەرەپكە بۇرۇلدى،ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرى ئۇچراشقاندا، ئۇنىڭ چىرايى دەسلەپ تاتىرىپ كەتتى،كېيىن قېشىمغا يۈگۈرگەندەكلا كېلىپ باغرىمغا ئۆزىنى ئېتىپ بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدى،ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن دەماللىققا نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم ۋە سەل ئۆتكەندىن كېيىن دولىسىنى يېنىك پەپىلەپ تەسەللىي بەردىم،يېنىمدىكى شېرىكلىرىم ۋە كوچىدا كېتىۋاتقانلار نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي، ئىككىمىزگە ھەيرانلىق ۋە غەلىتە نەزەردە قارىشىۋاتاتتى.
پەرىخە بىلەن ئىككىمىز تولۇقسىزدا بىر سىنىپتا ئوقۇغان بولۇپ،دادىسى سۇ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىدى،ئەمەلدارنىڭ قىزى بولغاچقىمىكىن كىيىمنىڭ ئېسىلىنى تاللاپ كىيەتتى،ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ سوۋغىلىرىنى دائىم قوبۇل قىلىپ تۇرغاچقا،ئۇنىڭغا خوشامەت قىلىشىپ قوياتتى،ئۆزىمۇ بەك چىرايلىق،بەك ئەركە ئىدى،بىراق دەرستىمۇ ياخشى ئىدى.شۇڭا كىچىكلىكتىنمۇ ياكى قىزىقىشتىنمۇ ئەيتاۋۇر ئۇنىڭ پىراقىدا كۆيۈپ يۈرگەن ئوغۇللار كۆپ بولغاچقا ،ئۆزىگە يېزىلغان مۇھاببەت خەتلىرىنى مۇئەللىمگە تاپشۇرۇپ بېرىپ،ئىزاغا قويۇپ تۇرىدىغان ئىشلىرىمۇ كۆپ ئىدى،يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگەنلەرنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار ئىدىم ئەلۋەتتە ،بىراق ئائىلە شارائىتىم تۈپەيلىدىن ئۆزۈمنى كەمسىتىپ يۈرگەچكە،بۇنداق ئوقۇرى ئېگىز ‹‹مەلىكە››گە خەت يېزىشنى ئويلاشمىغان بولساممۇ، دەردىمنى ئىچىمدە بىلىپ يۈرەتتىم، مەن تولۇقسىزدىن چېكىنگەندىن كېين ئۇ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغان ئىدى، جەمىيەتتە يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا بىرنەچچە قېتىم مەكتىبىگە بېرىپ ،ئۇنى ئوغرۇلۇقچە كۆرىۋېلىپ قايتىپ كەلگەن ۋاقىتلىرىممۇ بولغان ئىدى. مانا ئەمدى ھەممە ئادەمنىڭ كۆزى تىكىلگەن ،بەزىدە خىيالىمغا كېلىپ قالغاندا ‹‹ئۇ بۇ چاققا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ نەچچىلىگەن يىگىتلەرنىڭ يۈرىكىگە ئوت يېقىپ يۈرىيدىغاندۇ –ھە؟!›› دەپ ھەسەت ئارىلاش خىيالىمغا كەلتۈرگەن ، ئەمەلدارنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى بولغان بۇ ‹‹مەلىكە››نى ئۇيغۇر قىممەتلىك قاشتېشىدەكلا ئەتىۋار بولغان بۇ يەردە كۆرۈپ ،تەقدىرنىڭ بۇ كۈتۈلمىگەن چاخچىقىغا ھەيران بولغان ھالدا ،كۆزۈمگە ئىشىنەلمەي قالغان ئىدىم.
-سىز..سىز بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسىز ؟-دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن ھەيرانلىقىمنى يوشۇرالماي.
-مەن…مەن…-ئۇ گەپ قىلالماي يەنە ئېسەدەپ يىغلىغىلى تۇردى.
-بولدى،يىغلىماڭ،ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىڭ،باشقىلار بىزنى زاڭلىق قىلىۋاتىدۇ، -دېدىم ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساپ ۋە يانچۇقۇمدىن قەغەز ئېلىپ ئۇنىڭغا سۇندۇم.ئۇ قولۇمدىن قەغەزنى ئېلىپ بۇرنىنى سۈرتتى ۋە ئېسەدىگىنىچە ماڭا قارىدى.
-بۇ قىزنىڭ ئىسمى پەرىخە،مېنىڭ تولۇقسىزدىكى ساۋاقدىشىم،سىلەر ماڭغاچ تۇرۇڭلار ،مەن سەل تۇرۇپ بارىمەن ،-دېدىم ھەمراھلىرىمغا قاراپ،ئۇلار بىر ماڭا، بىر پەرىخەگە قاراپ كۆزلىرىنى قىسىشىپ كۈلۈشكىنىچە يېنىمىزدىن كېتىشتى.
-سىز قانداق بولۇپ بۇ نەس جايغا كېلىپ قالدىىڭز ؟-دەپ سورىدىم ئۆزۈمنى تۇتالماي ئۇنىڭ قولىنى تارتىپ يولنىڭ چېتىگە ئەچىقىپ ئولتۇرغۇزغاچ.
-ئەقلىمدىن ئېزىپ،راھەت ياراشماي،،..ۋاي ئېسىت پوق يېگەن ئەقلىم،بۇنداق كۈننى كۆرگۈچە ئۆلۈپ كەتسەمچۇ..!-ئۇ يەنە يىغلاشقا باشلىدى.
-ئىشىڭنى قىلماي، نېمە بۇ يەردە ماڭقاڭنى ئېقىتىپ ھاڭراپ يۈرىيسەن؟-دەپ سەت ۋارقىرىغان ئاۋازدىن ھەر ئىككىلىمىز چۆچۈپ بېشىمىزنى كۆتۈردۇق،ئالدىمدا خېلى قاملاشقان ،بىراق چىرايىنىڭ خۇنى قاچقان 25-26 ياشلاردىكى بىرسى كۆزلىرىنى بىزگە چەكچەيتەكىنىچە ھۈرپىيىپ تۇراتتى.ئۇنى كۆرگەن پەرىخە ‹‹دىڭڭىدە ››چۆچۈپ ، يەل توپتەك ئۆرلەپ ئورنىدىن سەكرەپ دېگۈدەك تۇرۇپ كەتتى.
-مەن پەرىخەنىڭ ساۋاقدىشى،ئىسمىم مۇرادىل،-دېدىم ئۇنىڭغا قولۇمنى بېرىپ.
-تولا مۇھاببىتىمنىڭ كۆزىگە كىرىۋالماي ئىشىڭنى قىل ئاداش،ئۆزۈڭگە ئىش تېپىۋالما يەنە،-دېدى ئۇ ماڭا گۈلىيىپ،ئۇنىڭغا ئۇزاتقان قولۇم ھاۋادىلا قالدى. ئۇنىڭ ئورۇنسىزلا قوپال تېگىشلىرىدىن ، ئاچچىقىمدا راسا بىر تېگىش قىلاي دەپ ،پەرىخەگە شۇنداق قارىسام،ئۇنىڭ چىرايى قەغەزدەك ئاقىرىپ ،كالپۇكلىرى تىترەپ كېتىپتۇ،ئۇ ‹‹گەپ قىلما !›› دەپ ئۆتۈنگەندەك يېلىنىش نەزىرى بىلەن قارىدى ماڭا.مەنمۇئۆزۈمنى بېسىۋالدىم.
ئۇ يىگىت پەرىخەنىڭ قولىدىن تارتقىنىچە سۆرىگەندەك ئېلىپ كەتتى،مەن ئورنۇمدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپ قالدىم.بىرنەچچە سائەتكىچە بازاردا لاغايلاپ يۈردۈم،كۆز ئالدىمدا پەرىخەنىڭ ئىلگىرىكى ھەممە ئادەمنى ئۆزىگە تارتىدىغان گۈزەل چىرايى بىلەن بۈگۈنكى تاتارغان،مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرغان چىرايى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى.
‹‹ئۇ قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كېلىپ قالغاندۇ؟››دېگەن بىر سوئال يۈرىكىمگە ئارام بەرمەي،كاللامدا ئەگىپلا يۈرەتتى.
-ھېلىقى قىز قېنى كەتتىما ؟-دېگەن سوئالدىن چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈردۈم،ئالدىمدا ھەمراھىم قاراپ تۇراتتى.ئۇ مېنى بۇ يەرگە بىرگە باشلاپ چىققان ئاغىينەم بولۇپ ئىسمى دىلشات ئىدى، مەن ئىپادىسىزلا مۆرەمنى قىسىپ قويدۇم.
-ئۇ قىزنى بۇ يەردە پەقەتلا كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن،ئۇ قىز قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كېلىپ قالغاندۇ؟ئۇنى خوجايىنى ئەكەتتىما؟-دېدى ھەمراھىم يەنە ،قارىغاندا ئۇمۇ پەرىخەگە قىزىقىپ قالغاندەك قىلاتتى.
-مۇھاببىتى ئەكەتتى،-دېدىم مەن زەردە ئارىلاش.
-بۈگۈن ئوقەتمۇ قىلمىدىڭ ھەقاچان ھېلىقى قىز كاللاڭغا كىرىۋېلىپ،ھېلى قايتىپ بارساڭ خوجايىنغا قانداق جاۋاب بېرىسەن ؟-دېدى ئۇ ئاچچىقىم كېلىپ قالغىنىنى كۆرۈپ گەپنى بۇراپ.مەن زۇۋان سۈرمىدىم.
-بۈگۈن مېنىڭمۇ تاپاۋىتىممۇ تازا ياخشى ئەمەس،تاس قالدىم تۇتۇلۇپ قالغىلى،كەيپىياتىممۇ بەك ناچار ،يۈرە قايتىپ كېتەيلى،باشقا كەلگەننى كۆرەرمىز ،-دېدى ئۇ.ئۇنىڭىغا ئەگىشىپ ئۈن –تۈنسىز ماڭدىم.دىلشات ئۆزىنىڭ تاپقانلىرىنى خوجايىنغا تاپشۇردى،خۇجايىن‹‹سېنىڭچۇ؟››دېگەن نەزىرىدە ماڭا قارىدى،مەن گەپ قىلماي بېشىمنى پەسكە سالدىم.
-مۇرادىلنىڭ بۈگۈن پەقەت مىجەزى يوق،بېشى قېيىپ ماڭالماي بىر يەرنى تېپىپ ئولتۇردى،شۇڭا تاپاۋەتمۇ قىلالمىدى،-دېدى دىلشات ئىتتىكلا ،مەن ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلەن قارىدىم.
-مىجەزىڭ بولمىسا ئارام ئال،نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان تىجارەتنى ياخشى قىلىپ بەرگىنىڭنىڭ يۈزىنى قىلاي بوپتۇ،-دېدى خوجايىن.
ياتىقىمغا كىرىپلا ياتتىم،بېشىم يېرىلىپ كەتكۈدەك ئاغرىپ تۇراتتى،كاللامدا پەرىخەنىڭ سىمايىسى چۆرگىلەپلا يۈرەتتى.كېچىچە ياخشى ئۇخلىيالمىغانلىقتىن،ئەتىسى بېشىم قاپاقتەكلا قوپۇپتىمەن،ئۆز ئۆيۈم بولسىغۇ‹‹ مىجەزىم يوق›› دەپ يېتىۋالالايتتىم،بىراق بۇ يەردە ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ –دە،ئامالسىزلىقتىن بازارغا ماڭدىم.تۈنۈگۈن پەرىخە بىلەن ئۇچراشقان جايغا كېلىپ ئىختىيارسىزلا توختاپ قالدىم.بىراق پەرىخەنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.بىردەم لاغايلاپ يۈرگەندىن كېيىن ئۆزۈمگە مەدەت بېرىپ،تىجارىتىمنى باشلىۋەتتىم،ھەر ھالدا تۆنۈگۈنكىدىن ياخشى، قولۇم ئاز –تولا بولسىمۇ پۇل كۆردى. پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئوغرى مۈشۈكتەك خەقنىڭ يانچۇقىنى مارىلاپ كېتىۋاتاتتىم،تۇيۇقسىزلا:
-ئاداش،ئاداش …ھېلىقى قىزنى كۆردۈم،بىرسى بىلەن بىللە مېڭىپتۇ ،-دەپ توۋلىغىنىچە دىلشات يۈگۈرۈپ كەلدى يېنىمغا.
-قايەردە كۆردۈڭ؟-دېدىم بىردىنلا جانلىنىپ.
-ئاۋۇ كوچىدا،يۈرە باشلاپ باراي،-دېدى ئۇ مېنى ئالدىرىتىپ،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مەنمۇ تەڭ يۈگۈردۈم،راستىنى دېگەندەك پەرىخە تۆنۈگۈنكى بالا بىلەن بىرگە كوچىدا تىمىسقىلاپ يۈرەتتى.
– قېشىدىكى ئاۋۇ ماز كىمدۇ ئەمدى؟ -دېدى دىلشات .
-مۇھاببىتىكەن،-دېدىم مەن ،بۇ گەپنى قىلىۋاتقان ۋاقىتتا چىرايىم تاتىرىپ،ئاۋازىم بوغۇلۇپ قالغاندەك چىقتى.
-بۇ گۇي بۇ جايغا يېڭىراقتا كەلگەندەك قىلىدۇ،توختا،بىز ئەسقەر كۈچۈكتىن سوراپ باقايلى،ئۇ بۇ جايدىكى ‹‹بازار››چىلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك تونۇيدۇ،-دېدى دىلشات .ئەسقەر كۈچۈك دېگەن بىزنىڭ نازارەتچىمىز ئىدى.قېشىدا بولسا ھەممىمىز ‹‹ئاكا ››دېسە ‹‹ئاكا ››دەپ خوشەمەت قىلىشاتتۇق،يوق يېرىدە بولسا ‹‹كۈچۈك››دەپ لەقىمىنى چىشلەپ تارتىپ تىللىۋالاتتۇق. مەن گەپ قىلمىدىم، ئۇ ئەسقەر كۈچۈكقا تېلىفون قىلدى،بىراق تېلىفونى ئۇلانمىدى.
– ئاناڭنى،تېلىفونى ‹‹سۆزلىشىۋاتىدۇ›› دەپلا چىقىۋاتىدۇ ما كۈچۈكنىڭ،بولدىلا ،قېشىغا بېرىپلا سوراپ باقايلى،-دېدى دىلشات تاقەتسىزلىنىپ.
-ئىككىلىمىز كەتسەك،ھېلى ئۇلار باشقا ياققا كېتىپ قالسا قانداق تاپىمىز؟-دېدىم مەن.
-ھە راست ،بۇمۇ بار گەپ،ئەمسە سەن تۇرۇپ تۇر،مەن بېرىپ كېلەي ،ئۇنىڭ دائىم بارىدىغان يەرلىرىنى بىلگەندىكىن، ھېلى تېلىفوندا كۆرۈشەيلى ئەمسە-دېدى دىلشات .مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم،ئۇ كەتتى. مەن ئۇلارنىڭ كەينىدىن كۆرۈنە –كۆرۈنمەي ئەگىشىپ ماڭدىم.يېرىم سائەتلەردىن كېيىن يانفونۇم سايرىدى ،قارىسام دىلشاتنىڭ نومۇرى ئىكەن،مەن تۇرغان ئورنۇمنى ئۇنىڭغا ئېيتتىم.ھايال ئۆتمەيلا ئىككىسى يېتىپ كەلدى.
-قېنى ئۇلار؟-دەپ سورىدى دىلشات كېلىپلا.
-ئەنە،كېتىۋاتىدۇ،-دېدىم ئۇلارنى كۆرسىتىپ،ئارىلىقىمىز 50- 60 مېتىر ئەتراپىدا كېلەتتى.
-ئەنە ئاۋۇ ئىككىسى شۇ،مەن ئۇلارنى ئىلگىرى كۆرمەپتىكەنمەن،ئۇلارنى سىز تونۇيسىز ھەقاچان ئاكا ،-دېدى دىلشات ئەسقەرگە قاراپ.
-ھە،ياقۇپ ساختىنى دەمسەن،ئۇ خېمىت بوغازغا ئىشلەيدۇ،بۇ گۇي چىرايىغا تايىنىپ قىزلارنى ئالداپ ئەچىقىدىغانلاردىن بىرسى،بەزىدە ئېپى كېپ قالسا ئاقمۇ ساتىدۇ تېخى.ئا يېنىدىكى چىرايلىق قىز چوڭ بىر باشلىقنىڭ قىزىمىش ئاڭلىسام، نېمە پوق يەپ بۇ ھاراملىققا ئالدىنىپ قالدىكىن ؟بەلكىم بۇ قىزنىمۇ ئاق سېتىشقا بىللە ئەچىققىلى ئالدىغان گەپ بۇ ھاراملىق-دېدى ئەسقەر ئېچىنغاندەك تەرىزدە.بۇ گەپنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئۇجۇقۇپ كەتتىم.دىلشات ماڭا ئىتتىكلا قارىدى ۋە چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ :
-نېمە بولدۇڭ ئاداش ،چىرايىڭ ئۆمسىلا بوپ قاپتىغۇ،-دېدى.
-مىجەزىم يوق ،-دېدىم مەن ئارتۇق گەپ قىلمايلا.
-تۆنۈگۈن مۇشۇ قىزنى كۆرگەندىن باشلاپ مىجەزىڭ يوق سېنىڭ، ئۇ قىزنى ساۋاقدىشىم دەۋاتاتتىڭ،ياخشى كۆرۈپ قالغانمىدىڭ يا؟-دېدى دىلشات،ئۇنىڭغا ئالىيىپ قارىدىم.
-ئۇ قىزنى تونۇمسەن؟-دېدى ئەسقەر ماڭا قاراپ.
-ئۇ مۇرادىلنىڭ ساۋاقدىشىكەن-دېدى دىلشات ئالدىراپ.
-بىر چىرايلىق قىزكەندۇق، باشلىقنىڭ قىزى بولغاندىكىن ،ئائىلە شارائىتىمۇ ناھايىتى ياخشى ھەقاچان،نېمە دەپ ئېزىپ قالغان بولغىيتى بۇ قىز؟-دېدى ئەسقەر يەنە.ئۇنىڭ گېپى بىلەن پەرىخەگە بولغان كۆيۈك ۋە ئىچ ئاغرىتىش تەسىرىدىن يۈرىكىم يەنە بىر قېتىم ئوتتا پۇچلانغاندەك بولدى.
-ئۇنىڭ بىلەن بىر پاراڭلىشىپ باقساڭ بولاتتى ئاداش،-دېدى دىلشات ماڭا ئىچ ئاغرىتقاندەك تەرىزدە قاراپ.
-نېمە پوق چايناپ يۈرىيسەن بۇ يەرنىڭ قائىدىسىنى بىلمەيدىغاندەك،بۇ يەردىكىلەر بىر –بىرىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمىز،ئارتۇق ئىشقا ئارىلىشىپ چاتاق تېرىپ يۈرمە يەنە،-دېدى ئەسقەر ماڭا قاراپ،مەن گەپ قىلمىدىم،بىراق كۆڭلۈمدە پەرىخە بىلەن كۆرۈشۈپ ،ئىشلارنىڭ تېگى –تەكتىنى ئېنىقلاپ بېقىش ئىستىكى ئۇلغۇيىۋاتاتتى.
كەچكىچە خارامۇشلا يۈردۈم،تاپاۋىتىممۇ ياخشى بولماي قالدى،كەچتە ھېسابات ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىتتا خوجايىن :
-ئۇكام، تۆنۈگۈن بىر تىيىنمۇ پۇل تاپمىدىڭ،بۈگۈنمۇ تۈزۈك ئوقەت قىلماپسەن،سەل ھۇشۇڭنى بىلىۋال،سەن بۇ يەرگە مەيلى قانداق ئىش قىلما پۇل تاپقىلى كەلگەن -ھە،-دېدى سەل –پەل گۈلىيىپ.ئارتۇق گەپ قىلالمىدىم.گەپ قىلىشقىمۇ ھەم بولمايتتى،‹‹پۇل تاپمىدىڭ›،دەپ ئۇرغۇزىۋەتمىگىنىگە شۈكرى قىلسام بولاتتى ھازىر.ئەتىسى دىلشات قاتارلىق بىرنەچچىمىز يەنە بازارغا چىقتۇق،بۈگۈن كەيپىياتىم تۆنۈگۈنكىگە قارىغاندا سەل ياخشى ئىدى.دىلشات بىلەن ئىككىمىز باشقا بىر كوچىغا بېرىپ ‹‹بازار ››ئوينىماقچى بولدۇق.ئۈچ كۈنگىچە پەرىخەنىڭ دېرىكىنى ئالالمىدىم، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئىستىكىم كۈچىيىپ كېتىۋاتتى.تۆتىنچى كۈنى تۇرقىدىن سودىگەردەك كۆرىنىدىغان،بۇيۇن –باشلىرى ئالتۇن بىلەن كۆمۈلگەن بىر تەتەينىڭ ئارقىسىغا چۈشتۈم،ئۇنى سوقسام خېلى نەپ چىقىدىغاندەك قىلاتتى،خېلى ئۇزۇن يەرلەرگىچە ئەگىشىپ ئاران دېگەندە ،پورتمالىنى سۇغۇرۇپ ئالدىم.ئامەت دېگەن شۇ –دە،دېگەندەك ئۇنىڭ سومكىسىدىن 5000 يۈئەندىن كۆپرەك نەق پۇل،بىرمۇنچە كارتا قاتارلىقلار چىقتى، دەرھاللا پۇلنى يېنىمغا سېلىپ ،پورتمالنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتتىم، شۇ خۇشاللىقىمدا كېتىۋاتاتتىم تۇيۇقسىز ‹‹مۇرادىل››دەپ چاقىرغان ئاۋازنى ئاڭلىدىم،قارىسام پەرىخە ئالدىمدىلا تۇراتتى.خۇشاللىقىمدىن ئىتىكلا ئۇنىڭ قولىنى تۇتتۇم.ئۇ قورىنىپ قولىنى ئېپ قاچتى.
-نەچچە كۈن بولدى سىزنى ئىزدەپ پەقەت تاپالمىدىم،-دېدىم مەن گەپنى قايەردىن باشلاشنى بىلمەي.
-مەنمۇ سېنى كۆرەرمەنمىكىن دەپ شۇنداق قارىدىم،بىراق كۆرۈنمىدىڭ،-دېدى ئۇ،ئۇنىڭ مەكتەپتىكى ۋاقتىدەكلا مېنى سەنلىشى كۆڭلۈمدە يېقىملىق بىر تۇيغۇنى ئويغاتتى.
-ھېلىقى مۇھاببىتىڭىز كۆرسە ئاۋارىچىلىق بولۇپ قالارمۇ؟-دېدىم مەن ئۇنى ئاياپ.
-مەن ئاللىقاچان ئاۋارىچىلىققا ئوچراپ بولغان ئادەم،ھېلىقى كۈنى يات مىللەت مىغىلداپ تۇرغان بۇ شەھەردە ، سېنى كۆرگەندە بىر تۇققان قېرىنداشلىرىمنى كۆرگەندەك يۈرىكىم يايراپ كەتتى.شۇڭا ئۆزۈمنى تۇتالماي باغرىڭغا ئۆزۈمنى ئاتتىم،ئويلاپ باقسام مەن ياقۇپ دېگەن بۆرىگە نى كۈندە يولۇقتۇم،شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ سادىق ئىتىغا ئايلنىپ قاپتىمەن،ئۇنىڭدىن قورقۇپلا ئۆتۈپتىمەن،ھېلىھەممۇ قورقىمەن ئۇنىڭدىن،-دېدى ئۇ يەنە ئېسەدىگىنىچە.
-قانداق بولۇپ ئۇ ھاراملىق بىلەن بۇ نەس جايغا چىقىپ قالدىڭ-دېدىم مەنمۇ ئۇنى سەنلەپ.
-كۆزۈم كور بولۇپ قاپتىكەن،ئەقلىمدىن ئېزىپتىمەن….،-دېدى ئۇ يەنە يىغلاپ تۇرۇپ ۋە:
-بۇ يەردە كۆپ تۇرغىلى بولمايدۇ،ھېلى ئا توڭگۇز كۆرۈپ قالسا ئالەمنى -مالەم قىلىدۇ،سەنمۇ ئاۋارىچىلىققا يولۇقىسەن،تېلىفون نومۇرۇمنى دەپ بېرەي،تېلىفوندا ئالاقىلىشايلى،-دېدى –دە تېلىفون نومۇرىنى دەپ بېرىپ ئىتتىكلا كەتتى.ھەر ھالدا ئۇنىڭ تېلىفون نومۇرىنى بولسىمۇ ئۇققان ئىدىم،بۈگۈنكى قوش خۇشاللىقتا كەيپىياتىم تېخىمۇ ياخشىلىنپ كەتتى.
ئەمدى پەرىخە بىلەن كۈندە دېگۈدەك تېلىفوندا كۆرۈشۈپ تۇراتتىم،ئۇنىڭ دەپ بېرىشىدىن شۇنى ئۇقتۇمكى،ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا سىنىپىدىكى بىر ساۋاقدىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ياقۇپ بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ،شۇ كۈندىن باشلاپ ياقۇپ ئۇنىڭ ئارقىسىغا كىرىپلا ئاپتۇ،ئۇنىڭ شېرىن –سۇخەن ،يۇمۇرلۇق،جەلپ قىلارلىق گەپلىرى،ئۇ دەرستىن چۈشىشىگە ئۈلگۈرۈپ مەكتەپ ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇشلىرى،ئويۇن دېگەنلەرنىڭ سەرخىلى بىلەن ئوينىتىدىغانلىقى….ئىشقىلىپ ھەر بىر ئىش –ھەرىكەتلىرى،ھەر گەپ –سۆزلىرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋاپتۇ،ھېچكىمگە كۆز قىرىنى سالماي ،ئۆزىنى بىر چاغلاپ يۈرگەن پەرىخە بارا –بارا ياقۇپنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ،ياخشى كۆرگەندىمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرۈپ قاپتىكى،ئۇنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزى ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇقەددەس پەرمان بىلەن تەڭ ئىكەن،ئۇنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىكەن،ئۇنىڭ كاللىسىدا ‹‹دەرس،ئالىي مەكتەپ،ئىمتىھان….›› دېگەن ئۇقۇم ئاللىقاچان چۆرۈپ تاشلىنىپتۇ،ئۇنىڭ كۆزىگە ياقۇپتىن باشقا ھېچنىمە كۆرۈنمەيدىكەن، ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قۇلىقىغا ،ئاندىن ئاتا –ئانىسىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ،دادىسى قىزىنىڭ ئوقۇشىنى ئوقۇماي،نەدىكى بىر ساياق تىجارەتچىنىڭ ( ياقۇپ ئۆزىنى ئىچكىرىدىن مال ئەكىلىپ ساتىدىغان تىجارەتچى دەپ تونۇشتۇرغان ئىكەن)ئارقىسىدا يۈرۈپ ،دەرستە چېكىنىپ كەتكەنلىكىدىن قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ،ياقۇپتىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشنى ئېيتىپتۇ،پەرىخە ئۈچۈن ياقۇپتىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش ئۆلۈم بىلەن باراۋەر ئىكەن،ئۇ دادىسىدىن قورقۇپ ‹‹ماقۇل ›،دەپ قويغان بولسىمۇ،يەنىلا ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ يۈرىۋېرىپتۇ،كېيىن ئۇلارنىڭ ئادەتتىكىدىن تاشقىرى مۇناسىۋىتى ،پەرىخەنىڭ دائىم مەكتەپكە كەلمەيدىغانلىقى سىنىپ مەسئۇلى ئارقىلىق يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا دادىسىغا يەتكۈزۈلۈپتۇ،دادىسىنىڭ غەزىبى چەككە يېتىپ،ياقۇبنى ئالدىغا چاقىرتىپ راسا تىللاپتۇ،پەرىخەنىڭ ئارقىسىغا مەخسۇس ئادەم سېلىپ ،مەكتەپكە بېرىش –كېلىشىنى نازارەت قىلىپ،يالغۇز يۈرۈشىگە يول قويماپتۇ.يانفوننىمۇ ئىشلەتكىلى قويماپتۇ،بۇنداق مەھبۇسلارچە تۇرمۇش دېگىنىنى قىلىپ،ئەركە ئۆگەنگەن پەرىخە ئۈچۈن قاتتىق ئېغىر كەپتۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ياقۇپ بىلەن كۆرۈشەلمىگەن ھەر بىر كۈن، ئۇنىڭ ئۈچۈن دوۋزاق بىلىنىدىغان بوپتۇ،تېلىفونى بولمىغاچقا ،دەسلەپكى كۈنلەردە ساۋاقداشلىرىنىڭ تېلىفونلىرىنى سوراپ ئىشلىتىپ يۈرۈپتۇ،كېيىنكى كۈنلەردا ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ كىمگە تېلىفون قىلىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ ،ھەسەتخورلۇقتىنمۇ ئەيتاۋۇر تېلىفونلىرىنى بەرمەيدىغان بولىۋاپتۇ،ئاخىرى ھېچ چىدىيالمىغان پەرىخە دەرس ئارىلىقىدا بىرنەرسە ئەكىرىۋېلىشنى باھانە قىلىپ ،ياقۇپقا ئاممىۋى تېلىفوندا تېلىفون قىپتۇ،ياقۇپ ئۇنىڭغا ئائىلىسىدىكىلەرنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئۆگىنىۋاتقاندەك،ئۆزى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرىشنى،شۇنداق قىلغاندا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى،بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن سەل ئەركىن بولغاندا كۆرۈشۈپ،ئاندىن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى مەسلەھەتلىشىشنى ئېيتىپتۇ.شۇنداق قىلىپ پەرىخە ئۆزنى تۇتىۋېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە ياقۇپنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك،ياخشى ئۆگىنىۋاتقاندەك تەسىر بېرىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭغا بولغان نازارەتچلىكنى بوشاشتۇرۇپ قويۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ بارا –بارا ئىككىسىگە كۆرۈشۈشكە يەنە پۇرسەت يارىتىلىپتۇ،بىر كۈنى ياقۇپ پەرىخەگە ئۆزىنىڭ ئىچكىرىدىكى تىجارەت ئورنىغا كېتىدىغانلىقىنى،تىجارىتىنى شۇ يەردە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ،بىرنەچچە يىلغىچە كەلمەيدىغانلىقىنى،خالىسا پەرىخەنىمۇ بىللە ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ،ياقۇپنى ئەمدى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ ،پەرىخەنىڭ بېشىغا چېقىلغان چۈشكەندەك بوپتۇ،ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا،ئايرىلىش ئازابىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ يۇم –يۇم يىغلاپتۇ.
-يىغلىما جېنىم،سەندىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلغۇم يوق،سەندىن ئايرىلىپ ياشاشتىن ئۆلۈم ياخشى،بىراق ماڭىمۇ بىر تۇرمۇش كېرەك،بۇ يەردىكى تىجارىتىم تازا ئاقمىدى،ئۇ يەردىكى تىجارەت دائىرەم كەڭرى،مەن بىلەن بىرگە بارساڭ،سېنى ھېچنىمىدىن قىسىلدۇرمايمەن جېنىم،بىلسەڭ سېنى جېنىمدىن ئەزىز كۆرىمەن،سەنمۇ مېنى شۇنداق ياخشى كۆرىسەن،شۇنداق بولغاندىن كېيىن مەن بىلەن بىرگە چىق،سېنى مەلىكىلەردەك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن،ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن تويىمىزنى قىلىۋالىمىز،كېيىن قايتىپ كېلىپ ئاتا –ئاناڭدىن ئەپۇ سورىساڭ،ئۇلار چوقۇم كەچۈرىۋېتىدۇ، يېقىندىن ئۆگىنىشتىمۇ بەك چېكىنىپ كەتتىڭ،ئالىي مەكتەپكىمۇ ئۆتەلمەيسەن مېنىڭچە،ئەگەر ئۆتەلمىسەڭ ساۋاقداشلىرىڭ،ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ ئالدىدا يۈزۈڭ يەر بولمامدۇ….؟-دېگەندەك بىرمۇنچە ياغلىما گەپلەر بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپتۇ،ياقۇپتىن باشقا ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ سۆزى تېتىمايدىغان پەرىخە ئۈچۈن بۇ گەپلەر شۇنداق ئورۇنلۇق بىلىنىپتۇ،‹‹دېمىسىمۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەم سەت ئەمەسمۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە ياقۇپتىن ئايرىلىپ ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى ››دېگەنلەرنى ئويلاپتۇ ،يەنە بىر تەرەپتىن توي قىلمىغان بىر قىز تۇرۇپ،يات بىر ئوغۇلبالىنىڭ ئارقىسىدىن ئاتام كۆرمىگەن جايغا چىقىپ كېتىشنىڭ ،ئاتا – ئانىسى ۋە ئۆزى ئۈچۈن نومۇس ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ئىككىلىنپ قاپتۇ، ئارىلىقتا ياقۇپ تولا تېلىفون قىلىپ ،ھەر خىل ياغلىما گەپلەر بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى قايدۇرپتۇ،ئادەمنىڭ ئەقلىگە شەيتان مىنگەشسەكۆزى كور،قۇلىقى پاڭ،ئەقلى ئىشلىمەس بولۇپ قالدىغان ئوخشايدۇ قارىغاندا،ياقۇپنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقالماس بولۇپ قالغان بۇ ئەخمەق ،دادىسىنىڭ يۈز –ئابرويى،ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقپالى ….دېگەنلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ ،ئاخىرى ياقۇپ بىلەن بىللە كېتىشنى تاللاپتۇ،شۇنداق قىلىپ ئىككىسىنىڭ مەسلەھەتى بويىچە ،ئۇ بىر كۈنى سىنىپ مەسئۇلىدىن ‹‹ئاغرىپ قالدىم ›› دەپ رۇخسەت سوراپ، ئۆيىدىكىلەرنىڭ يوق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ،ئانىسىنىڭ زىبۇ –زىننەت بۇيۇملىرى،بىرمۇنچە نەق پۇل قاتارلىقلارنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ ، ياقۇپ ئېيتقان غايىۋى جەننەت ،ئۇنىڭ تىجارىتى ئاجايىپ گۈللىنىۋاتقان ئىچكىرىگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ.
ئۇلار دەسلەپتە گۇئاڭجۇغا بېرىپتۇ،ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن ،ياقۇپ بىرەر ئايغىچە پەرىخەگە شۇنداق كۆيۈنۈپ ياخشى قاراپتۇ،ئەلۋەتتە پەرىخەنىڭ ئۆيىدىن ئەچىققان پۇللىرى بىلەن،بىرەر ئايلاردىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەپتى –بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپتۇ، دەسلەپتە ئوغرۇلۇق قىلىش ئۈچۈن بىرگە ئەچىقىپتۇ،ئۆمرىدە بۇنداق ئىشقا يېقىن كېپ باقمىغان پەرىخە ئەلۋەتتە قاملاشتۇرالمايدۇ –دە،شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ دېگەن نائەھلى ئۇنى راسا ئۇرۇپتۇ،كېيىن ئاق سېتىشقا بىللە ئەچىقىپتۇ،ئۇ يەردە ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرگەن پەرىخە پۇشايمان ياشلىرىنى ئېقىتسىمۇ ئورنىغا كەلمەپتۇ،ئۆيىدىلىكەرگە خەۋەر قىلىشقا ھېچ پۇرسەت بولماپتۇ،شۇنداق قىلىپ ئۇ يەردە بەش ئايغا يېقىن تۇرغاندىن كېيىن ،ئاق سېتىش ئىشلىرى سەل ئاشكارىلىنىپ قالاي دېگەندە خۇجايىنى بىلەن بۇ يەرگە قېچىپ كېلىۋاپتۇ.ئارىلىقتا پەرىخە بىر قېتىم قېچىپ كەتمەكچى بوپتىكەن،ياقۇپ تۇتىۋېلىپ ئۆلگىدەك ئۇرۇپتۇ ۋە ‹‹ ئەگەر ئائىلەڭدىكىلەرگە خەۋەر قىلىشقا،قېچىشقا ئۇرىنىدىكەنسەن ئۆلۈكۈڭ مېنىڭ قولۇمدىن چىقىدۇ ياكى ئۇدۇل ئاپىرىپلا پاھىشخانىغا سېتىۋېتىمەن،ئۇ ۋاقىتتا ئۆلۈك بىلەن تىرىك ئارلىقىدا ياشاپ ،دوۋزاق ئازابىنى كۆرىسەن،شۇڭا ئەڭ ياخشىسى مېنىڭ دېگىنىم بويىچە ئىش قىل…››دەپ ئۇنىڭغا تەھدىت سېپتۇ،ياقۇپ دېگەن نائەھلى ئىلگىرىمۇ ئۆزى ئالداپ ئەچىققان بىرنەچچە قىزنى پاھىشخانىغا سېتىۋەتكەن ئىكەن، پەرىخەمۇ گۈلزارلىق ئارىسىدىكى گۈللەرگە نەزەر سالماي ،تېزەك ئارىسىدىن گۈل ئىزدىگەن گۇناھ ئۆزىدە بولغاندىكىن ، ئامال يوق ياقۇپ ساختىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ يۈرۈپتۇ.ئارىلىقتا بىر بالىنى ئالدۇرۇۋېتىپتۇ.
ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلاپ،بىر تۇرۇپ ئۇنىڭ ئەقىلسىزلىكىگە ئېچىنىپ ئاچچىقلانسام،بىر تۇرۇپ ياقۇپ دېگەن ھاراملىقنىڭ نومۇسسىزلىقى،زوراۋانلىقىغا قاتتىق غەزىبىم كەلدى،بىر ئامال قىلىپ پەرىخەنى ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ، يۇرتقا ماڭدۇرىۋېتىش ئويىغا كېلىپ قالدىم.
پەرىخە بىلەن بىرنەچچە قېتىم تېلىفوندا كۆرۈشكەننى ، ياقۇپ تېلىفون خاتىرسىنى چىقارغۇزۇپ ئۇقۇپ قاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن پەرىخەنى ئۇرۇپ-تىللاپ ،ئۇنى تېخىمۇ چىڭ تۇتىدىغان،ئۇنىڭدىن بىر قەدەم ئايرىلمايدىغان بولۇپ قاپتۇ،بۇ ئىشلارنى ئەسقەر كۈچۈكتىن ئاڭلاپ ،ئىچىم تېخىمۇ ئاچچىق بولۇپ كەتتى،قانداقلىكى بولمىسۇن پەرىخە بىلەن كۆرۈشۈپ ،ئۇنى بۇ دوۋزاقتىن قۇتقۇزۇش ئويۇم بارلىقىنى دىلشاتقا ئېيتتىم،پەرىخەنىڭ كەچمىشلىرىنى ئاڭلاپ دىلشاتنىڭمۇ ئىچى ئاغرىپ قالدىمۇ،گېپىمگە قوشۇلدى.
بىرنەچچە كۈنگىچە پەرىخەنى يالغۇز ئۇچرىتالمىدىم، بىر كۈنى بىز بىلەن بىللە ئوقەت قىلىدىغان بىرسى پەرىخەنى كۆرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى،مەن شۇ ھامان دىلشاتقا تېلىفون قىلدىم،ئىككىمىز ئۇ بار جايغا كەلدۇق،ئۇ نېمىدىندۇر قورققاندەك،ئەنسىرىگەندەك ئەتراپىغا ئالاق –جالاق قارىغىنىچە كېتىۋاتاتتى.ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ ئىچىم ئېچىشتى.ئارقىسىدىن يېتىشىپ بېرىپ‹‹پەرىخە››دەپ چاقىردىم،ئۇ ئىتتىكلا كەينىگە بۇرۇلۇپ مېنى كۆرۈپ ئالدىمغا كەلدى.
-سېنى يۇرتقا ماڭدۇرىۋېتەي دەيمەن ،قانداق قارايسەن؟-دېدىم ئۇنىڭغا گەپنى ئەگىتمەيلا.
-مۈمكىن بولارمۇ جېنىم مۇرادىل؟-دېدى ئۇ يىغا ئارىلاش.
-بۇ دۇنيادا مۈمكىن بولمايدىغان ئىش يوق پەرىخە.سېنى بۇ ئازابلاردىن قۇتۇلدۇرۇش ئويىغا كىلىپ بولدۇم،اللاھ خالىسا چوقۇم قۇتۇلدۇرىمەن ،ياقۇپنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن، دىلشاتنىڭ نومۇرىنى دەپ بېرەي ،بىر ئىش بولسا دىلشاتقا تېلىفون قىل-دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ ۋە دىلشاتنىڭ نومۇرىنى دەپ بەردىم.
دىلشات بىلەن ئىككىمىز ئۇنى بىر ئامال قىلىپ قۇتۇلدۇرۇش توغرۇلۇق مەسلەھەتلەشتۇق.
تاپاۋەت قىلغان پۇللىرىمدىن يوشۇرۇنچە يىغىپ تىقىپ قويغان 1000 يۈئەنگە يېقىن پۇلۇم بار ئىدى.دىلشاتقا دەپ قويۇپ باشقىلارغا ئۇقتۇرماي بېرىپ ،يۇرتقا ماڭىدىغان پويىز بېلىتىدىن بىرنى سېتىۋالدىم.قايىتپ كېلىپ دىلشاتنىڭ تېلىفونىدا پەرىخەگە تېلىفون قىلىپ ماڭىدىغان ئورۇن، كۆرىشىدىغان جاي ،ۋاقىت …..قاتارلىقلارنى ئېنىق قىلىپ ئېيتىپ بەردىم.پەرىخە بىر يەردە يوشۇرنۇپ تۇرىدىغان ،دىلشات تاكسى ئېلىپ كېلىدىغان،مەن يەيدىغان نەرسىلەرنى تەييارلاپ ، پەرىخەنى پويىز ئىستانسىسىغا ئاپىرىپ يولغا سېلىپ قويىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق.پەرىخەنى يولغا سېلىپ قويماقچى بولغان كۈننىڭ ئالدىنقى كېچىسى دەككە –دۈككە ئىچىدە كۆزۈمگە تۈزۈكرەكمۇ ئۇيقۇ كەلمىدى،بىر تەرەپتىن ئۇنى كۆرەلمەي قېلىشتىن قورقسام،يەنە بىر تەرەپتىن ياقۇپنىڭ ئىشلىرىمىزنى سېزىپ قېلىپ،سۇغا چىلىشىشىدىن ئەنسىرەيتتىم،شۇنداق بەسەرەمجانلىق ئىچىدە تاڭنىڭ قانداق ئاتقانلىقىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن.ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۈز –كۆزۈمنى يۇيۇپ ،ناشتا قىلدىم،پويىز بېلىتى ،پۇل قاتارلىقلارنى ئوبدان جايلاشتۇرغاندىن كېيىن، دىلشات بىلەن بىللە ياتاقتىن چىقتىم.
باشقىلارنى گۇمانلاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن يەيدىغان نەرسىلەرنى بۈگۈن ئالماقچى بولغان ئىدۇق،شۇڭا ئۇيغۇرلار يېمەكلىك ساتىدىغان جايغا ماڭدۇق،ئۇ يەردىن كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ،دېيىشكەن جايغا كېلىپ پەرىخەگە تېلىفون قىلدىم،ئۇ ئۆزىنىڭ كېلىپ بولغانلىقىنى ئېيتتى،دىلشات تاكسىدىن بىرنى تېپىپ كەلدى،مەن پەرىخەنى ئېلىپ تاكسىغا چىقماقچى بولدۇم.
-ئاناڭنى ھاراملىق ھېجىقىز،مۇھاببىتىمنى ئېلىپ قېچىپ نەگە ئاپارماقچىدىڭ؟ سەنچۇ رەسۋا جالاپ،بۇ كۆت بىلەن نەگە بارماقچى ئىدىڭ؟نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ‹‹كۆيدۈم،سۆيدۈم››دەپ مەھكەم چاپلىشىسەن جوبودەك،ئەمدىزە مېنى تاشلاپ قاچماقچىما؟ ئۇخلىماي چۈش كۆرۈپسەن پاسكىنا قانجۇق،قېنى بالىلار ،كېلىڭلار ،راسا ئەدىبىنى بېرەيلى ….!-دەپ ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللاپ ۋارقىرىغىنىچە ،ياقۇپ نەدىندۇر پەيدا بولۇپ قالدى،قارىغاندا ئۇ بىزنى پايلاپ يۈرگەندەك قىلاتتى،ئۇر –چاپ باشلىنىپ كەتتى،ئۇلار كۆپ ، دىلشات بىلەن ئىككىمىز يالغۇز بولغاچقا ،ئۇلارغا تەڭ كېلەلمىدۇق، قاتتىق بىرنەرسىنىڭ كاللامغا تېگىشىدىن يىقىلدىم.ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكى ئېسىمدە يوق، كۆزۈمنى ئېچىپ ئۆزۈمنى دوختۇرخانىدا كۆردۈم،بېشىمدا خوجايىن،ئەسقەر كۈچۈك،دىلشاتلار قاراپ تۇراتتى،دىلشاتنىڭمۇ بېشى تېڭىلغان،يۈز –كۆزلىرىنى كۆكنىڭ دەستىدىن كۆرگىلى بولمايتتى.دوختۇرخانىدا ئىككى كۈن يېتىپ يېنىپ چىقتىم،دىلشاتنىڭ دېيىشىچە بىزنىڭ تۇيۇقسىز ئۇرۇشۇپ كەتكەنلىكىمىزنى كۆرگەن تاكسى شوپۇرى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي قورققىنىدىن ساقچىغا مەلۇم قىپتۇ،ساقچىلار كېلىپ مېنى دوختۇرخانىغا،قالغانلارنى ساقچىغا ئاپىرىپتۇ،ئۇ يەردە دىلشات ئىككىمىزنىڭ پەرىخەنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بارغانلىقىمىزنى ئېيتىپ چىڭ تۇرىۋاپتۇ،پەرىخە بولسا ساقچى ماشىنىسىغا چىقىپلا ،ياقۇپنى كۆرسىتىپ ‹‹ ئۇ مېنى ئالداپ ئەچىققان،مېنى ئاق سېتىشقا قىستىدى…››دېگەن گەپنى ساقچىنىڭ جىملىگىنىگىمۇ قويماي تەكراپلاپ ۋارقىراۋېرىپتۇ،ياقۇپ ئۇنى ئۇرۇش ئۈچۈن دىۋىنگەنكەن ساقچىلار توسىۋاپتۇ. ساقچىخانىغا بارغاندىن كېيىن ياقۇپ بىزنى ساقچىلارغا ‹‹ئوغرىلىق قىلدى ،قىز دوستۇمنى بۇلاشقا ئۇرۇندى ..›› دېگەنكەن،پەرىخە ۋە تاكسى شوپۇرىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن پەرىخەنى بۇلىغانلىقىمىزنىڭ يالغانلىقى ئىسپاتلىنىپتۇ،ئوغرۇلۇق قىلغانلىقىمىزغا پاكىت بولمىغاچقا ۋە خوجايىن ‹‹بىزنىڭ ئاشخانىدا ئىشلەيدىغان باللا ئىدى››دەپ كېپىللىك قىلغاچقا بىزنى قويۇۋېتىپتۇ. ئۇلار كاللامغا تۆمۈر كالتەك بىلەن ئۇرىۋەتكەچكە ئۈچ كۈنگىچە ھۇشسىز يېتىپتىمەن.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ پەرىخەنىڭ تەقدىرىدىن يەنە ئەندىشە قىلىشقا باشلىدىم. ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقتىم.
دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن خوجايىن ماڭا:
-ئۇكام،بۇ يەر بىزنىڭ يۇرتىمىزغا ئوخشىمايدۇ، بىزنىڭ يۇرتىمىزغىمۇ مۇشۇ مىللەتنىڭ يۇرتىغا پاتماي قالغان، بەزىبىر ناچار ،ئەسكىلىرى چىقىپ قالغىنىدەك ،بۇ يەرگىمۇ بىزگە ئوخشاش يۇرتىمىزغا پاتماي قالغان ، پۇل ئۈچۈن ئانىمىزنى سېتىۋېتىشتىن يانمايدىغان،مۇناپىق ،داشقاللىرىمىز چىقىپ قالىمىز.بۇ جايغا چىققان بىزگە ئوخشاش ھارام پۇل تاپىدىغان ئۇيغۇرلاردا ، يۇرتىمىزدىكى كىشىلەردە تېپىىلدىغان ئاقكۆڭۈللۈك،كۆيۈمچانلىق،مېھرىبانلىقنىڭ ئۇرۇقىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ.ئۇلار پۇل ئۈچۈن پەقەت ۋاستە تاللىمايدىغانلار،ئۆتكەندە ئەسقەر ساڭا ئېيتىپتىكەن،بىزگە ئوخشاش ئىش قىلىدىغانلار بىر –بىرىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمىز،بولمىسا پوقىمىز بىر چۇۋۇلسا ئۆزىمىزنى تۈرمىدە كۆرۈپ قالىمىز،بۇ قېتىم تەلىيىمىز ئوڭدىن كېلىپ ھەممىمىز قۇتۇلۇپ قالدۇق،تاس قالدۇق سېنىڭ سەۋەبىڭدىن ئوڭدا قالغىلى، ئەمدى ھۇشۇڭنى بىلىپ يۈر،ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلاشما،دوختۇرخانىغا كەتكەن چىقىملارنى مەن كۆتۈردۈم، بۇ قەرزلەرنى تۆلەش ئۈچۈن تىجارەتنى كۆپرەك قىل،ئەمدى يەنە چاتاق تېرىساڭ ئاياپ ئولتۇرمايمەن،خەير بۇ قېتىم ئۈچ كۈن ھۇشسىز ياتقىنىڭ ئۈچۈن بولدى قىلاي…،-دېدى كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ تۇرۇپ گۈلىيىپ. خوجايىنىم بۇ قېتىم ھەر ھالدا ئىنساب قىلدى.
كۈنلىرىم يانچۇق كولاش،پەرىخەنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى ئويلاش بىلەن ئۆتەتتى.ئارىدىن بىرنەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئەسقەر كۈچۈكتىن ياقۇبنىڭ خوجايىنى خېمىتنىڭمۇ تۇتۇلغانلىقىنى، ئوغرۇلۇق قىلىش، ئاق سېتىش جىنايىتى بىلەن ياقۇپنىڭ ئون ئۈچ يىللىق ،پەرىخەنىڭ ئالتە يىللىق كېسىلگەنلىكنى ئۇقۇپ ،پەرىخەگە ئىچىم شۇنچىلىك ئاغرىدىكى ،كېچىچە يىغلاپ چىقتىم.كۈنلىرىم يەنىلا بىر خىل مەنىسىز ئۆتىۋاتاتتى، پەرىخەنىڭ كېسىلگىنىدىن كېيىن بارا –بارا ئۆز تەقدىرىم ئۈستىدە ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم،بىراق شۇنچە ئويلىساممۇ بۇ جايدا ماڭا بۇنىڭدىن باشقا چىقىش يولى يوقتەك ئىدى.
يېقىنقى بىر مەزگىلدە ئىچكىرىگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكنى ،نوپۇسىنى ئېنىقلاپ مۇقۇم تىجارىتى ،ھۈنىرى يوق،گۇمانلىق دەپ قارالغانلارنى تۇتۇش،ئۆز يۇرتىغا قوغلاش ،ئالداپ كېلىنگەن بالىلارنى قۇتقۇزۇپ يۇرتىغا قايتۇرۇش….ئىشلىرى ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى،مېنىڭمۇ نوپۇسۇم بولمىغاچقا ۋە ساقچىلارنىڭ نەزىرىدە گۇمانلىق بولۇپ قالغاچقا ،خوجايىنىممۇ مېنى ئېلىپ قېلىشقا ئامالسىز قېلىپ، بۇ يەردە تۇرۇشقا ئىمكانىيەت بولماي يۇرتقا قايتىشقا مەجبۇر بولدۇم ۋە ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا يۇرتۇمغا قاراپ يولغا چىقتىم.
5
يۇرتۇمغا قايتىپ كەلگىلى بىرنەچچە ئاي بولۇپ قالغىلى تۇردى.دادامنىڭ ئازغىنە پېنسىيە مۇئاشى ۋە ئانچە –مۇنچە كونا ۋېلسىپىتلەرنى ئېلىپ- سېتىپ تاپقان پۇللىرى مېنىڭ چوڭ خەجلەشلىرىمگە يەتمەيتتى ھەم چوپ –چوڭ يىگىت بولۇپ قېلىپ، يەنە دادامغا ‹‹پۇل››دەپ قول سۇنۇشنىڭ ئۆزىمۇ سەت ئىش ئىدى،مەن كەتكەندىن كېيىن ئاپامنىڭمۇ تىككۈچىلىك ھۈنىرى تازا ئاقماي قېلىپ،تاپاۋىتى بۇرۇنقىدىن ئازىيىپ كېتىپتۇ. ئۆيدە بىكار يېتىۋېرىشمۇ بولمايدىغان ئىش ئىدى،بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتاي دەپ ،ئۇششاق زىخلىق كاۋاپ ئەچىقىپ سېتىپ باقتىم،بۇ ئىشنى بىر ئاز ۋاقىت قىپ بېقىپ،جاپاسىغا چىدىمىدىم،ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى تەييار يانچۇق كولاپ ،جاپا تارتماي پۇل تېپىش بۇ جاپاغا قارىغاندا كۆپ ئاسان ئىدى ماڭا نىسپەتەن.ھېچبىر ئىش قىلىش، قىسقىسى جاپا تارتىش خوش ياقمىدى ماڭا، ئاخىرى يەنە كونا ھۈنىرىمنى تېپىۋالدىم.ئىلگىرى تونۇشقان بىرنەچچە ‹‹بازارچى›› دوستلىرىم بىلەن تېپىشىۋېلىپ،كۈندە توپ تارقىتىش بازىرى،پىيادىلەر يولىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى يېمەكلىكلەر بازىرى ،يېزا –بازارلارغا قاترايتتىم،تىجارىتىم خېلى كۆڭۈلدىكىدەك كېتىپ باراتتى،داداممۇ مېنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلگەن ئىدى،ئۇنىڭ يىغلاپ –يېلىنىشلىرى،كۆڭلۈمگە ئىنساپ تىلەپ قىلغان نەسىھەتلىرىدىن دىلىم ئېرىسىمۇ،بىراق ھالال ياشاپ، جاپا تارتىپ پۇل تېپىشنى خالىمايتتىم. ھارامدىن تاپقان تەييار پۇل مېنىڭ قەلبىمنى كىر قىلىۋەتكەن ئىدى.
نەپسىم كۈندىن –كۈنگە يوغىناۋاتاتتى.تەييار ئولجىغا ئۆگەنگەن شىردەك،مەنمۇ يانچۇقچىلىق قىلىپ تاپقان ھارام پۇلغا شۇنچىلىك كۆنۈپ كەتكەن ئىدىمكى،مەن ئۈچۈن بۇنىڭدىن باشقا پۇل تېپىش يولى يوقتەكلا ئىدى. ئەپ تاپقانلىكى جايدا ،قولۇم ئىلماشقانلىكى نەرسىلەرنى ئوغرۇلاش ئادىتىمگە ئايلانغان ئىدى. ‹‹توشقانمۇ ئۇۋىسى يېنىدىكى چۆپنى يېمەيدۇ››دېگەن ماقال بار ئىكەن بىزدە،بىراق مەندە توشقانچىلىكمۇ ۋىجدان يوق ئىدى، ھەتتاكى خۇلۇم –خوشنىلىرىمنىڭ پۇل –ماللىرىمۇ مېنىڭ رەزىل قولۇمدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى.ھارام ئالدىدا ۋىجدانىم ،نومۇسۇم ئاللىقاچان يەر بىلەن يەكسان بولغان ئىدى،
مەن ۋىجدان ،غورۇر،نومۇس …دېگەنلەرنى يانچۇق كولاپ پۇل تېپىشقا باشلىغان ۋاقىتلىرىمدا، تاپقان ھارام پۇللارغا تېگىشىۋەتكەن ئىدىم.
زىقىم توشۇپ ،اللاھنىڭ غەزىبى چەككە يېتىپ،قىلغان –ئەتكەنلىرىم ،تاپقان ھاراملىرىم ئۈچۈن ھېساب بېرىدىغان ۋاقتىم كېلىپ قالغان ئوخشايدىكەن،بىر كۈنى بىر خوشنام ئىشقا كەتكەندە پەملەپ تۇرۇپ، ئىشىكىنىڭ قۇلپىسىنى قايرىپ ئۆيىدىكى پۇل،زىبۇ –زىننەت بۇيۇملىرىنى تېپىش ئۈچۈن ئۆينىڭ ھەممە يېرىنى ئاختۇرۇپ ، نەرسە–كېرەكلىرىنى ئوڭتەي –توڭتەي قىلىۋاتسام ،ئاسماندىن چۈشكەندەكلا قولىدا ئۇزۇن لوم تۆمۈرنى كۆتۈرگەن خوشنام پەيدا بولۇپ قالدى ۋە مېنى كۆرۈپ ئارقىسىغا يېنىپلا ئىشىكنىڭ سىرتىدىن تاقاپ تۇرىۋېلىپ:
-ۋاي نومۇسسىز ئوغرى،ئۆيۈمگە ئوغرى كىرىپتۇ،ئوغرىنى تۇتۇڭلار،ۋاي يۈزى قېلىن ئېشەك ئوغرى،سېنىڭ دەستىڭدىن خۇلۇم- خوشنىلارمۇ خاتىرجەم ئەمەس،ئادەم بارمۇ ،-دەپ جېنىنىڭ بېرىچە ۋارقىراشقا باشلىدى .جىددىيلەشكىنىمدىن ئىشىككە ئۆزۈمنى ئېتىپ ،كۈچەپ تارتتىم،ئىشىك ئېچىلمىدى،ئارىلىقتا خۇلۇم –خوشنىلىرىمدىن بىرنەچچىسى ئىشىك ئالدىغا يىغىلدى.دېرىزىدىن قاچاي دېسەم،دېرىزىنىڭ ھەممىسى تۆمۈر رىشاتكا بىلەن قاپلانغان ئىدى،ئامالسىزلىقتىن يۇۋاشلىق بىلەن ئۇلارنىڭ كىرىپ تۇتۇشىنى ساقلىدىم.
خۇلۇم –خوشنىلىرىم بىر –بىرلەپ ئۆيگە كىردى،ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ماڭا لەنەت ئوقۇپ تىللاپ تۈكۈرسە،بەزىلىرى مېنى ئۇرۇپ –تېپەتتى،ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا تىل –ھەقارەت،تۈكۈرۈككە كۆمۈلۈپ دۈگدىيىپ ئولتۇراتتىم،بىر كەمدە ساقچى ماشىنىسىنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
ساقچى ماشىنىسىغا تارتىپ چىقىرىلدىم ،ئەسلىدە ئۆيىگە ئۇنتۇپ قالغان بىرنەرسىسىنى ئالغىلى كىرگەن خوشنام ئىشىكىدىكى قۇلپىسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى كۆرۈپ،كۆڭلىگە گۇمان چۈشۈپ ئۆيگە كىرىپ،نەق ئوغرۇلۇق قىلىۋاتقانلىقىمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپتۇ، خۇلۇم –خوشنىلىرىمنىڭ ئىسپات بېرىشى، ئۆزۈمنىڭ قىلغان –ئەتكەنلىرىمنى ئىقرار قىلىشىمغا ئاساسان تۆت يىللىق كېسىلدىم.
مانا تۈرمىدىن چىققىنىمغا بىر ئاي بولاي دەپ قالدى،ئادەم دېگەن تىرىكچىلىكتە ،ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ ھەم باشقىلارنىڭ لەنىتىدىن قورقۇپ،ھېچقانداق بىر ئىش قىلماي ،بېشىنى ئىچىگە تىقىپ، ئۆيدىن چىقماي ،تاشپاقىدەكلا تۈگۈلۈپ ئۆتكىلى بولمايدىكەن،ھاياتلىق ئۈچۈن ياشاش لازىم بولىدىكەن،يەنە يۈزۈمنى داپتەك قىلىپ ،ئىش ئىزدىدىم،بىراق مۇۋاپىق ئىش تاپالمىدىم،دادام مېنىڭ خۇلۇم –خوشنىلىرىمنىڭ يامان كۆزدە قارىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ،ئۆزى ئىشلىگەن پاختا شىركىتىگە بېرىپ،يىغلاپ تۇرۇپ دەردىنى ئېيتىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن پاختا شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ئامبار قىلغان ئىككى ئېغىز كىچىك ئۆينى بىزنىڭ ئولتۇرۇپ تۇرىشىمىز ئۈچۈن بوشىتىپ بېرىپتۇ،مېنىڭمۇ شىركەتتە ئىشلىشىمگە قوشۇلۇپتۇ.
پاختا شىركىتىدە ئىشلەۋاتقىنىمغا بىر يىلدىن ئېشىپ قالدى،بۇرۇنقى ھارام كۈچلىرىمنى راسا ئىشقا سالىدىغان پۇرسەت كەلدى دەپ ئويلۇدۇممۇ قانداق،كۈچۈمنىڭ بېرىچە ئىشلەيمەن،پاختىلارنى تايلاش،تاي –تاي پاختىلارنى كۆتۈرۈپ بېسىش….دېگەندەك جاپالىق ئىشلاردىن ۋايساپ قويمايمەن،قانچە جاپالىق ئىشلىگەنسېرى شۇنچە راھەت بىلىنىدۇ ھازىر ماڭا.تىرىشىپ ئىشلەپ يۈرۈپ كومپىيوتۇردىن بىرنى ئېلىۋالدىم،ئارام ئالغان كۈنلىرىم كومپىيوتۇردا تورغا چىقىپ ،ھەر خىل ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولىمەن،مۇنبەر كۆرىمەن،مۇنبەرلەردىن ئۆزۈمگە پايدىلىق بولغان بىلىملەرگە ئېرىشىمەن.كۈنلىرىم شۇنداق مەنىلىك ئۆتىۋاتىدۇ .داداممۇ ،ئۆزۈممۇ شۇنداق خۇشال ھازىر.
بىر كۈنى چۈشتە تاماق يەۋاتاتتىم،تېلىفونۇم سايرىدى،ئېلىپ قارىسام ئانامكەن.
– تاماق ياپ بولدۇڭمۇ بالام ؟-دېدى ئۇ.
– يەپ بولاي دەپ قالدىم ،-دېدىم جاۋابەن.
– تامىقىڭنى ئىتتىكرەك يەپ ،سىرتقا چىققىن،سەن بىلەن مەسلەھەتلىشىدىغان ئىش بار ئىدى،-دېدى ئۇ.تامىقىمنى يەپ بولۇپلا،ئۇنىڭ قېشىغا چىقتىم،ئۇ گەرچە يېشى ئەللىككە يېقىنلاپ قالغان بولسىمۇ،ئۇ يەنىلا شۇنداق چىرايلىق،جەزبىدار تۇراتتى.
– ساڭا بىر ئىشنى مەسلەھەت سالاي دېگەن ئىدىم،-دېدى ئۇ .مەن ‹‹قانداق ئىشتى؟››دېگەن مەنىدە ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدىم،ئۇ كۆزىنى مەندىن ئېپ قېچىپ يەرگە قارىدى،قارىغاندا ماڭا دېيىشكە قىينىلىۋاتقان بىرەر ئىشتەك قىلاتتى.
– ئۆزۈڭمۇ ھالىمنى كۆرۈپ تۇرۇپسەن،يېشىم چوڭۇيۇپ قېرىپ كەتتىم،ياش ۋاقتىدىكىدەك تىككۈچىلىك قىلىپ پۇل تېپىشقا مادارىم يەتمەيدۇ،تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالدىم،ئۆتكەندە تۇققانلار پېنسىيەگە چىققان بىر كادىرنىڭ گېپىنى قىلىۋىدى،ئۇ ئادەم بىلەن كۆرۈشتۈم،بالىلىرىمۇ قولدىن چىقىپ بولغان،بىرنەچچە يەردە ئۆي –زىمىنلىق،قول –ئىلكىدە بار ئادەم ئىكەن..-دەپ سۆزىنىڭ داۋامىنى دېمەيلا ،گېپىنى توختۇتۇپ كۆزۈمگە قارىدى.گېپىنىڭ ئۇرامىدىن قارىغاندا شۇ كادىر بىلەن تويلىشىدىغان ئىشنى مەسلەھەتلەشكىلى كەلگەندەك قىلاتتى.
– ‹‹دادام بىلەن يارىشىۋېلىڭ ›› دەپ ئىچكىرىدىكى ۋاقىتتىمۇ نەچچە قېتىم يالۋۇردۇم،داداممۇ ئالدىڭىزدا تىزلانغۇدەك بولۇپ يېلىندى،بىراق ئۇنىمىدىڭىز، سىزنىڭ كۆزىڭىزگە پۇل ،مال –دۇنيالا كۆرىنىدىغان ئوخشايدۇ. ئىللىق ئائىلە،پەرزەنت ،مېھر –مۇھەببەت ،ۋاپادارلىق،كۆيۈمچانلىق دېگەن نەرسە سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزدا يوق ئىكەن،‹‹جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىقى ئاستىدا ››دەيدىكەن،مېنىڭچە جەننەت ھەرگىزمۇ سىزدەك پەرزەنتىنى تۇغۇشنى بىلىپ ،تەربىيلەشنى،مېھرىنى بېرىشنى،كۆيۈنۈشنى،ئادەم بولۇشنى يوللىرىنى ئۆگىتىشنى بىلمەيدىغان سىزدەك ئانىلارنىڭ ئايىقى ئاستىدا ئەمەس،ھايۋان جېنىدا تۇققان بالىسىنى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ،سىز ماڭا ھايۋانچلىكىمۇ ئانىلىق مېھرىڭىزنى بېرىپ باقمىدىڭىز،دادامنى پۇلى يوق،نامرات كۆرۈپ دادامدىن ئاجرىشىپ ،مۇشۇنىڭ بىلەن ئۈچ قېتىم توي قىلغان بولىسىز،نومۇس دېگەن نەرسە يوقكەن سىزدە قېرىغان بىلەن،سىز ئۈچۈن مەن نومۇس قىلىۋاتىمەن….،-يەنە نېمىلەرنى دېگىنىمنى ئۇقمايمەن،بىر تەرەپتىن يىغلاۋاتىمەن،بىر تەرەپتىن سۆزلەۋاتىمەن،ئاچچىق ئۈچىيىمدىكى گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى تۆكۈۋالدىم،ئانام بولسا توي ئىشىنى ماڭا مەسلەھەت سالغىلى كەلگىنىگە پۇشايمان قىلغاندەك تۇراتتى.ئانام قەتئىي نىيەتكە كەلسە كېرەك،مېنىڭ شۇنچە گەپلىرىمنى پىسەنتكە ئالماي ئاخىرى دېگىنىنى قىلىپ ،ھېلىقى پېنسىيونۇر كادىر بىلەن تويىنى قىلىۋالدى،دادام بىچارە ئىچ –ئىچىدىن تۈگىشىپ ،قورلۇپ قورايدەكلا بولۇپ قالدى،ئانامغا بولغان قەلبىمدىكى مېھرى –مۇھاببەتنىڭ ئورنىنى بىر خىل مەنسىتمەسلىك،نەپرەت ئىگىلىدى،ئانامنىڭ تويى بولغان ئۇ كۈنى باشقىلار بىرنەرسە دەيدىغاندەك نومۇس قىلىپ، ئۆز –ئۆزۈمدى خۇدۇكىسىنىپ يۈردۈم،نەچچە كۈنگىچە كاللامغا بۇ ئىش شۇنداق تەسىر قىلىپ كەتتى، ‹‹ئەمدى ئۇنداق ئانام يوق››دەپ خىتاب قىلدىم ئىچىمدە ئۆزۈمگە.
6
كۈن يەنىلا بىر خىلدا ئۆتمەكتە،قۇياش شەرقتىن چىقىپ غەرپكە پېتىۋاتىدۇ،يەر شارى ئۆز ئوقى ئەتراپىدا توختىماي ئايلىنىۋاتىدۇ،مەنمۇ تىرىكچىلىك ئۈچۈن توختىماي چاپماقتىمەن.ئانام توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي دادام تۈگەپ كەتتى،ئۇنىڭ كۆزى ئوچۇق كەتكەن ھالىتى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ،ئاناممۇ ئۇ كادىر بىلەن توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئاغرىپ قېلىپ،جىگەر راكى كېسىلى بىلەن ،ئۆزى ئارزۇ قىلىپ ئېرىشكەن مال –دۇنيانى خەجلەشكە ئۈلگۈرمەيلا، دادامنىڭ كەينىدىن كەتتى.كەينى –كەينىدىن دادام –ئاناملارنى ئۇزۇتۇپ قويدۇم،ئۆلگەنلەر كەتتى،تىرىكلەر يەنە ياشىشى،ھاياتلىق ئۈچۈن تىنماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.
زاۋۇتىمىزدىكى بىرسىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن ئۇنىڭ شىرەمەترەك بىر تۇققىنىنىڭ تىككۈچىلىك قىلىدىغان،يۈزى تۆۋەن،ئەخلاقلىق،شەرمىي –ھايالىق قىزى بىلەن توي قىلىۋالغىلى ئىككى يىلدىن ئېشىپ قالدى.ئوماق قىزىم سەفىيەمۇ بىر ياشلارغا كىرىپ قالدى،ئۇنىڭ تاتلىق قىلىقلىرى،ئۇماق گۇڭۇرلاشلىرىغا قاراپ ،پۈتۈن ھاردۇقۇم چىقىپ قالغاندەك بولۇپ،ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەم ھېسابلايمەن.
پەرىخەمۇ تۈرمىدىن چىقىپ ،قىز –ئاياللارنىڭ باش كىيىمىنى ساتىدىغان ئەپچىلگىنە دۇكاندىن بىرنى ئېچىۋالدى،ئۇ ھازىر باشتىن –ئاياق ھېجابلىنىپ،ئىخلاسى بىلەن ئىبادەتكە كىرىشىپ كەتتى.
ئىنسان بۇ دۇنياغا تۆرىلىپ ئۇ دۇنياغا كەتكۈچە ئارىلىقتا نۇرغۇنلىغان قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدىكەن،نۇرغۇن ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدىكەن،نۇرغۇن ۋەقەلەرگە شاھىت بولىدىكەن،راست بىلەن يالغان،گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك،ھەقىقەت بىلەن ساختىلىقلار ئارىسىدا تەمتىرەپ يۈرىيدىكەن،ياخشى ئىشلارنى قىلغاندا ئۆزىدىن پەخىرلىنىدىكەن،بىلىپ –بىلمەي يامان ئىشلارنى قىلىپ سالغاندا ياكى يولۇققاندا ‹‹ ئىنسان دېگەن خام سۈت ئەمگەن بەندە،شەيتان ئازدۇرۇپتۇ …››دەپ ئۆزىنى بەزلەپ،ئۆز –ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپ،گۇناھتىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولىدىكەن.پۇشايمان ياشلىرىنى تۆكۈپ قىلغان –ئەتكەنلىرى ئۈچۈن ئۆكىنىدىكەن. بەزىلىرى قىلغانلىرىدىن ئىبرەت ئېلىپ،ياخشى يولغا يۈرۈش قىلىدىكەن،بەزىلىرى تېخىمۇ چوڭقۇر پاتقاققا پاتىدىكەن.ھايات ئەنە شۇنداق داۋام ئېتىۋېرىدىكەن .
مەن يەنىلا ياشىماقتىمەن،ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمغا تۆۋبە قىلىپ، يامانلاردىن ئىبرەت ئېلىپ،ياخشىلارنى ئۈلگە تىكلەپ ، ئىللىق، بەختلىك ئائىلەم ئۈچۈن جېنىمنى پىدا قىلماقتىمەن.ئەركەكلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلماقتىمەن، ھاياتلىق ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلماقتىمەن.
تۈگىدى
مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم