نويابىر 21, 2024
بىرىنچى ھىجران

ۋەتەن ھەققىدە بىر غەزەل

ھەر كىشى بىلمەس ۋەتەنسىز كىملىكى ھەم ئەسلىنى.
ئۆتمۈشى ھەم كەلگۈسى پەسمۇ- ئىسىلمۇ نەسلىنى .

ھەر سىقىم تۇپراقتا بار مىڭلاپ شىھىدلەرنىڭ قېنى،
قان بىلەن قىلىچ كۈتۈرگەن خەلقىمىزنىڭ بەستىنى.

ئات مىنىپ قىلىچ چېپىپ ئورخۇن ئاناساي بۇيىدا،
ئەل ئۈچۈن قىلغان پىدا جان بارلىقى ھەم ۋەسلىنى.

‹‹ئەي تۈرك ئوغلانلىرى ئالغا››دىگەندە ئەل بېشى،
لەرزىگە  سالغان  ۋەتەن  ئىشقى يىگىتلەر قەلبىنى.

بى بەدەل كەلگەن ئەمەس قەترە سۇ تىنغان ھاۋا،
چاغرى ياد ئەتكىن چۇقۇم شانلىق باھارنىڭ پەسلىنى.

2013.3.8

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ