تۇپراق

تۇپراق – مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان مەركەزدىن ئىبارەت.

ئۇ تۆۋەندىكى تارماقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  • تۇپراق ئەدەبىيات ژۇرنىلى
  • تۇپراق ئەدەبىيات مۇنبىرى
  • تۇپراق ئەدەبىيات مۇكاپاتى
  • تۇپراق ئەدەبىيات كۈتۈپخانىسى
  • تۇپراق ئاۋازى
  • تۇپراق تەرجىمە خىزمىتى

تۇپراق 2024-يىلى 6-سېنتەبىردە ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇر تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىيان تەرىپىدىن قۇرۇلغان.

باشقۇرۇش ۋە مالىيە خىزمەتلىرى ئۇيغۇر ئەركىنلىك ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئاجرىتىلىدۇ.

تۇپراق تور بېكىتىنىڭ مۇھىملىقى:

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئېغىر تارىخىي خەۋپ ئىچىدە:

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋەتەندە ئېغىر يوقىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. يازغۇچىلار تۇتقۇن قىلىندى، كىتاپلار مۇسادىرە قىلىندى ۋە كۆيدۈرۈلدى. تور بېكەتلەر تاقىۋېتىلدى. ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مائارىپتىن چەكلەندى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى تۆۋەنلىتىلدى ۋە ئازلىتىلدى.

چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى چەتئەل تىلى مۇھىتىنىڭ تەسىرى ۋە توپلىشىپ ياشىمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ تۇرمۇشتىكى رولى ھەم ئاجىزلاشماقتا. يېڭى ئەۋلاتلار بولسا تۈرلۈك شەكىلدە يەرلىكلەرگە ئاسسىمىلياتسىيە بولماقتا.

ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخىي ئەدەبىي ئەنئەنىگە ئىگە. ئۇلارنىڭ قەدىمكى، كلاسسىك ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى، ئېغىز ئەدەبىياتى، رومان، داستان، ئەپسانىلىرى، شېئىرىيىتى بار. بۇ خىل ئەدەبىيات ئۇلارنىڭ ھاياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلار پەلسەپە، دىن، ھايات، ئېتىكا ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئەدەبىيات بىلەن ئىپادىلىگەن. ئۇلار يۈكسەك بەدىئىي قىممەتكە ئىگە سۈپەتلىك ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ياراتقان. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدىن ئىپتىخارلىنىشى، ئۆز ئەدەبىياتىنى ساقلىشى، تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك، مەدەنىيەت ۋە تىل، سەنئەت ساھەسىدىكى پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشى يۈكسەك قىممەتكە ئىگە.

تۇپراق تور بېكىتى نېمە قىلىدۇ؟

تۇپراق ئەدەبىيات كۈتۈپخانىسى

تۇپراق تورى ۋەتەندە ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان، ئەمما خىتاي تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغان، كۆيدۈرۈلگەن ئەسەرلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزىدۇ، رەتلەيدۇ، تاپقانلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. تور بېكەتلەردىن ئىزدەپ يىغىپ رەتلەيدۇ. قۇتقۇزۇش ۋە ساقلاش خىزمىتى ئېلىپ بارىدۇ.

تۇپراق ئەدەبىي ژۇرنىلى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تۇپراق تور بېكىتىدە تۈرلۈك ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلالايدۇ. بۇ ئارقىلىق يېڭى ئىجادىيەتچىلەر قوشۇنى بارلىققا كېلىش، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ.

تۇپراق ئەدەبىيات مۇنبىرى

تۇپراق تور بېكىتى، تور ۋە ئەمەلىي مۇنبەر تەسىس قىلىپ، ئەدەبىي ئەسەرلەر ھەققىدە مۇھاكىمە، پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.

تۇپراق ئاۋازى

يوقالغان، قامالغان يازغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇلار ئۈچۈن ھېمايىچىلىق ئېلىپ بارىدۇ.

تۇپراق تەرجىمىسى

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى چەتئەلگە، چەتئەل ئەدەبىياتىنى ئۇيغۇرلارغا تەرجىمە قىلىپ يەتكۈزىدۇ. چەتئەلنىڭ مۇنەۋۋەر يازغۇچى ۋە ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ.

تۇپراق ئەدەبىيات مۇكاپاتى

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ھەر قايسى ژانىر ۋە مەزمۇن بويىچە باھالاپ تەقدىرلەش ۋە تەبرىكلەشنى مەقسەت قىلغان ئىجادىي خىزمەت.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ